گەپ قىلىشقا بولمايدۇ (11)

گەپ قىلىشقا بولمايدۇ

ئاپتورى: ئاندرۇۋ كلېمىنتس

تەرجىمە قىلغۇچى: ماھىنۇر ئۇيغۇر

11-باب: سوئاللار ۋە جاۋاپلار

مارلوۋ خانىم، مۇئەللىم بولغاندىن بۇيان – دەل ئون يەتتە يىل – بۇنداق تىمتاس سىنىپقا كىرىپ باقمىغان. بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ يېڭىلىق.
بالىلار ئۈچۈنمۇ بىر يېڭىلىق.
دەيۋ، سىنىپنىڭ ئالدى تەرىپىگە بېرىپ سىنىپ تىزىملىكىنى قولىغا ئاغان ماررلوۋ خانىمغا قاراپ تۇردى. مۇئەللىم سىنىپ تىزىملىكىگە قاراپ باققاندىن ئۇنىڭدىن كىيىن سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كىيىن «خاتا سىنىپقا كىرىپ قالدىممۇ نېمە دەپ ئويلاپ قالدىم، بۈگۈن بۇ يەر نېمە دىگەن جىمجىت. بىرەرسىڭلار سەۋەبىنى ئېيتىپ بەرسەڭلار قانداق؟» دىدى.
ھېچكىم قول كۆتۈرمىدى.
ئەمما مارلوۋ خانىم بۇ غەلىتە مەسىلىنى يېشىدىغان بىر يىپ ئۇچى تېپىش ئۈچۈن پۈتۈن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەنتى. سوئالنى سورىغان ھامان بىرنەچچە بالىنىڭ ھەييار ھەييار قارىشىپ قويغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ بولسا كۈلۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئۆزىنى ئاران تۇتۇۋالغانلىقىنى كۆردى. بۇ ئۆزئارا قارىشىپ كۈلۈشۈشنىڭ مەنىسىنى بىلەتتى: بۇ بالىلارنىڭ چوقۇم بىر مەخپىيەتلىكى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
تۇنجى سىناقنىڭ ۋاقتى كەلگەنتى.
سىنىپقا بىر كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كىيىن سېت توۋسېنتقا تىكىلىپ قارىدى ۋە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ «دەپ باقە سېت، تۈنۈگۈن ئاخشام پەن تېخنىكا تاپشۇرۇقۇڭنى ئىشلىدىڭمۇ؟» دىدى.
سېتمۇ ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ «ھەئە مۇئەللىم، ئىشلىدىم» دىدى.
مارلوۋ خانىم ئەيمى گىلسونغا قاراپ «ئۇنداقتا، سەنچۇ ئەيمى؟» دىدى.
ئەيمى بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ تەستىقلىدى، ھەم «ئەمما بەك تەسكەن» دىدى.
«شۇنداقمۇ؟ ساڭا تەس كەلگەن يېرى قەيەر؟» دەپ سورىدى.
ئەيمىي چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ «ماتىماتىكىلىق ھېساپلار جىقكەن» دىدى.
بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ جاۋاپنى تەستىقلاپ بېشىنى لىڭشىتتى، بەزىلىرى كۈلدى، ئەمما كىيىن ھەممىسى قايتا جىمىپ كەتتى.
مارلوۋ خانىم بالىلارنىڭ نېمىشقا بۇنداق تەرتىپلىك بولۇپ كەتكەنلىكىنى چۈشىنەلمەي قالغانتى. تېخى تۈنۈگۈنلا ئوقۇغۇچىلاردىن بىرسىدىن سوئال سورىۋېدى ئون بەشى بىراق جاۋاپ بەرگىلى تاسلا قالغان، ئۇنىڭدىن كىيىن بولسا، پۈتۈن ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئارا مۇنازىرىلىشىپ سىنىپ پاتپاراق بولۇپ كەتكەن، مارلوۋ خانىم بۇ ۋاراڭ چۇرۇڭنى كىتابىنى ئۈستەلگە نەچچە قېتىم قاتتىق ئۇرۇپ، تەستە بېسىقتۇرغانتى. بۇ سىنىپتا داۋاملىق مۇشۇنداق بولاتتى. باشقا بەشىنچى سىنىپلاردىمۇ شۇ.
ئەمما بۈگۈن ئوخشىمايدۇ. ھېچكىم گەپ قىلمايۋاتىدۇ… يەنى، ئۇ بىر نەرسە سورىمىغاندا.
بۇنىڭ بىلەن مارلوۋ خانىم بىر ئامال تاپقاندەك ھېس قىلدى.
«تاپشۇرۇقلىرىڭلارنى ئۈستەلگە قويۇڭلار»
ئوقۇغۇچىلار بۇ ئىشنى قىلىۋاتقاندا بىر ھازا پالاقلىغان ۋە شاراقلىغان ئاۋاز چىقتى.
«ئەمدى» دىدى مارلوۋ خانىم. «ئەللەن، بىرىنچى مەسىلىگە قارا. بېرىلگەن مىقتارلارنىڭ بىربىرىگە ماس ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭ؟»
ئەللەننىڭ قەغەزلىرىگە قاراۋاتقاندىكى چىري ئىپادىسىنى كۆرگەن مارلوۋ خانىم ھەيران قالدى: ئەللەن چۆچۈپ كەتكەندەك قىلاتتى.
ئەمما، ئۇ سورىغان سوئال، سىنىپتىكى ھەممە ئادەم كۆنۈك، پەن تېخنىكا مەسىلىلىرىگە خاس ئادەتتىكى سوئاللاردىن ئىدى. ئەمما بۇ قىز بالا نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغاندەك كۆرۈنەتتى. مارلوۋ خانىم قاراپ باقسا، ئۇ تاپشۇرۇقىنى ئىشلەپ بولغاندەك قىلاتتى. ھەم ئەللەن پەن تېخنىكا دەرىسىدىكى ئەلاچى ئوقۇغۇچىلاردىن ئىدى. نېمىشقا بۇنچىۋالا قورقۇپ كەتكەندۇ؟
بىرنەچچە مىنۇت ئالاقزادە بولغان ئەللەن ئاخىرى ئۆزىنى بېسىۋالدى. كىيىن ئاستا ئاستا «سانلار، نەتىجىنى كۆرسەتتى» دىدى.
مارلوۋ خانىم ئىزاھاتنىڭ داۋامىنى كۈتتى، ئەمما ئەللەن توختىۋالغانتى. «توغرا» دىدى. «كىيىن – »
«بەزىلىرىنى پەرەز قىلدىم» دىدى ئەللەن.
ئاغزىدىن چىققان سۆزلەر يەنە دانە دانە چىققانتى. كىيىن يەنە بىر ھازا جىمجىت.
«كىيىن – » دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى مۇئەللىم.
«ماتىماتىكىدىن پايدىلاندىم»
مارلوۋ خانىم باش لىڭشىتىپ تەستىقلىدى. «ئەلۋەتتە ماتىماتىكىدىن پايدىلىنىسەندە. مەن سېنىڭ قانداق ئۇسۇلدا مەسىلىنى يەشكەنلىكىڭنى سوراۋاتىمەن»
ئەللەن «ئۆز ئارا… سېلىشتۇردۇم» دىدى.
ئىچى پۇشۇپ كەتكەن مارلوۋ خانىم سىنىپنىڭ يەنە بىر ئۇچىغا قارىدى. «دەيۋ، بىرىنچى مەسىلىنىڭ جاۋابىنى بىزگە سەن دەپ بەر. ۋە قانداق ئىشلىگەنلىكىڭنى چۈشەندۈر»
دەيۋ چۆچۈپ كەتمىدى، ئەمما ئۇنىڭ جاۋاپ بېرىشىغىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت كەتتى – مارلوۋ خانىم ئۈچۈن بولسا ئارتۇقچە ئۇزۇن «جاۋاپنى بۈگۈن بېرىڭ پاكېر ئەپەندى» دىدى.
دەيۋ دانە دانە قىلىپ «تۆت يۈز قىرىق» دىدى.
«تۆت يۈز قىرىق نېمە؟» دەپ تۇرۇۋالدى مۇئەللىم.
«قۇتا ياغ» دىدى دەيۋ. ئاستاغىنە.
«ھەر…؟» دىدى مارلوۋ خانىم.
«ھەر كۈنى» دىدى دەيۋ.
«خاتا» دىدى مارلوۋ خانىم. «تاپشۇرۇقۇڭغا قايتا قارا ۋە نېمىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىڭنى ئېيتىپ بەر» سەۋىر قاچىسى تاشاي دىگەنتى.
دەيۋ كۆزىنى قىسىپ قەغىزىگە قارىدى. بېشىنى لىڭشىتتى ۋە ئاستا ئاستا «ھە… شۇ… بىرىنچى كۈن» دىدى.
پىخلدىشىپ كۈلۈشكەن ئاۋاز ئاڭلاندى، قىزلارنىڭ ئاۋازى.
مارلوۋ خانىم «خاتا جاۋاپ قاچاندىن بېرى كۈلكىگە قالىدىغان بولۇپ قالدى؟» دەپ كايىدى. «بۈگۈن ھەممىسى بىللە دۆت قىياپەتكە كىرىۋالدىمۇ يە؟ مەسىلە مۇشۇمۇ؟» دەپ ئويلىدى.
ئىشقىلىپ، نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پەن تېخنىكا مۇئەللىمى بۇ ئىشنى ياختۇرمىغانتى. دەرىس ئۆتۈشىگە توسالغۇ بولۇۋاتاتتى. ئۆگىنىش پىلانىنى ئاستىلىتىپ قويۇۋاتاتتى. ئادەمنى بىئارام قىلىۋاتاتتى.
مارلوۋ خانىمنىڭ ئويۇن ئويناش ھەۋىسى نەلەرگىدۇر يوقاپ كەتكەنتى. ئۇلار بىلەن بۇ ئويۇننى ئوينىمايتتى. ئۇلار جىمجىتلىقنى ئارزۇلاپ قالغان بولسا، مانا، ئۇلارغا بەرسىلا بولاتتىغۇ.
سىنىپتىكىلەرگە قايتا كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى. «تاپشۇرۇقۇڭلارنى ماڭا بېرىڭلار»
ھەممىسى ئۈن تىنسىز بۇريرۇغان ئىشنى قىلدى.
«كىتاپتىكى تۆتىنچى بۆلۈمنى ئوقۇڭلار. تاپشۇرۇقۇڭلارنى دوسكىغا يېزىپ قويدۇم»
پەن تېخنىكا دەرىسىنىڭ كىيىنكى ئوتتۇز تۆت مىنۇتى، قەغەزنىڭ شىرىلدىشى ۋە ئاندا ساندا ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان يىنىك يۆتەل ۋە بۇرنىنى تارتىش ئاۋازلىرىدىن باشقا شۇنداق جىمجىت ئۆتتى.
شۇ تاپتا، ئۈستىلىدە ئولتۇرۇۋاتقان مارلوۋ خانىم بولسا، جىمجىتلىقنىڭ ۋە بالىلار بىلەن تارتىشىشقا مەجبۇر قالمىغانلىقتىن قانچىلىك ھوزۇرلانغانلىقىنى ئۆز ئۆزىگە ئېتىراپ قىلدى. تىنىچلانمايدىغانلار تىنچلانغانتىغۇ مانا، نېمە دىگەن ياخشى – نېمە دىگەن غەلىتە!
ئەمما پەن تېخنىكا مۇئەللىمى بالىلارنىڭ قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى تېخى يېشەلمىگەن.
دەيۋ بىر نەرسىنىڭ بىلىكىگە تېگىپ قۇچىقىغا چۈشكەنلىكىنى سەزدى. بىر پارچە خەت.
مارلوۋ خانىمغا بىر قاراپ باقتى. بىخەتەر. خەتنى ئاستا قولىغا ئېلىپ ئاچتى.
«ھە… شۇ… بىرىنچى كۈن» دىدىڭ.
ھە دىگەنمۇ بىر سۆز.
تۆت سۆز ئىشلەتتىڭ.
ئوغۇللارغا قارشى ئۆزۈڭ بىر نومۇر قوشۇپ بەردىڭ!
ھاھ-ھاھا!
لىينسېي
دەيۋ لىينسېينىڭ ئىككى رەت ئارقىسىدا، سول تەرىپىدە ئولتۇرغانلىقىنى بىلەتتى. ۋە ئۇنى مازاق قىلىش ئۈچۈن دەيۋنىڭ كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىشىنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىغىمۇ كاپالەت قىلالايتتى.
شۇڭا كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىمىدى. ئەمما قۇلاقلىرىغىچە قىزىرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويۇش ئۈچۈن دىسە بولىدىغان يۈزلەرچە نەرسىنى خىيال قىلىپ چىقتى. مېڭىنى ساتقىلى بولدىغان ئىش بولسا، سەن كەمبەغەل بولۇپ قالغان بولاتتىڭ يا بولمىسا قالتىس! تۆتكىچە ساناشنى بىلىدىكەنسەندە! يا بولمىسا مېنىڭ تاشپاقاممۇ سەندىن… دىگەندەك جايىدا ئېيتىلغان ھاقارەتلەر.
«پاكېر ئەپەندى… ئۇنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەل»
دەيۋ بېشىنى كۆتۈرۈۋىدى مارلوۋ خانىمنىڭ ئۆزىگە قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئۇ، قولىنى سۇنۇپ تۇراتتى.
ھېچنېمىدىن خەۋىرى يوقتەك قارىغان دەيۋ، «نېمىنى؟» دىدى.
«خەتنى. بۇ يەرگە.»
دەيۋ خەتنى ئاپىرىپ مارلوۋ خانىمغا تۇتقۇزۇپ قويغان ھامان قوڭغۇراق ئاۋازى ئاڭلاندى.
مارلوۋ خانىم خەتنى يانچۇقىغا سېلىپ دەرھال ئورنىدىن تۇردى. چۈنكى دەم ئېلىش باشلىغان ھامان سىنىپنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، دەم ئېلىش توشىدىغان ۋاقىتقىچە ئامانلىقنى ۋە تەرتىپنى ساقلىشى كېرەك ئىدى.
ئەمما بۈگۈن كارىدوردا نۆۋەتتە تۇرۇشقا كېرەك يوقتىدە. مارلوۋ خانىم پۈتۈن بەشىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈلۈمسىرەپ، بىربىرىگە قول پۇلاڭلىتىپ، دومسىيىپ، باش لىڭشىتىپ ئايلىنىپ يۈرۈشىگە قاراپ تۇردى. بىرنەچچە كۈلكە ۋە ئىسقىرتىقان ئاۋازدىن باشقا تايكېر رېننېرتنىڭ بىرنەچچە قىزغا قاراپ، ئۇلارنى جىلە قىلىش ئۈچۈن، خىرقىرىغاندەك ئاۋاز چىقارغانلىقىنى ئاڭلىدى، ئەمما يەنىلا بىر ئېغىزمۇ گەپ يوق ئىدى.
كارىدورنىڭ يەنە بىر ئۇچىغا قارىۋېدى كۆزى ئەسكوبار خانىم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى؛ ئىككىلىسى بىربىرىگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ مۆرە سىلكىپ قويدى. ئارىلىشىشقا تېگىشلىك بىر ئىش بولمىغاندىن كىيىن مارلوۋ خانىم قولىنى يانچۇقىغا تىقىپ، بۈگۈن تۇتۋالغان خەتنى ئالدى ۋە ئوقۇپ باقتى.
ئۇنىڭغا ئوخشاش مەنتىقىلىق پىكىر قىلىدىغان بىرسى ئۈچۈن لىينسېي دەيۋگە يازغان خەت روسېتتا تېشىغا ئوخشايتتى: خۇددى، ئاۋال مەكتەپ باغچىسىدا ئاندىن كىيىن سىنىپتا كۆرگەن ھەم ئاڭلىغانلىرىنى چۈشىنىشىگە سەۋەبچى بولىدىغان بىر ئاچقۇچتەك.
(روسېتتا تېشى: ناپوليون دەۋرىدە فرانسىزلار ئۇنى كەشىپ قىلغان مىسىر يېزىسى بىلەن ئوخشاش ئىسىملىك بىر تاش ئابىدە. قەدىمى مىسىر يېزىقى بولغان خىيەروگلىفنى ئوقۇش ئۈچۈن بىر لۇغەتكە ئوخشايدىغان روسېتتا تېشىنىڭ ئۈستىدە ئوخشاش خەتنىڭ ئۈچ خىل تىلدا يېزىلىشى بار: خىيەروگلىف، مىسىر خەلقى قوللىنىدىغان تىل ھەم قەدىمى يۇنان تىلى. روسېتتتا تېشى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، لوندوندا ئىنگىلىز مۇزىيسىدا (BritishMuseum) كۆرگەزمىگە قويۇلغان.)
دىمەك… بۇلارنىڭ ھەممىسى قوللىنىدىغان سۆز سانىغا مۇناسىۋەتلىك بىر نەرسە. ئۈچ سۆزدىن ئارتۇقى جازالىنىدۇ، بۇ بولسا ئەللەن ۋە دەيۋنىڭ قىسقا جاۋاپلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ۋە بۇ ئىش قىزلار بىلەن ئوغۇللار ئارىسىدىكى بىر رىقابەت. بۇ زادى، بولۇپمۇ بۇ گرۇپپىدىكىلەر ئۈچۈن ئۇنچە غەلىتە بىر ئىش ھېساپلانمايدۇ. ۋە ھەممىسى جىمجىت تۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ.
مارلوۋ خانىم ئۆزىنىڭ بالىلىقىدا ئۇلار ئوينايدىغان بىر ئويۇننى ئەسلەپ قالدى. ئىككى كىشى ئوخشاش ۋاقىتتا ئوخشاش سۆزنى دەپ سالسا گەپ قىلماي تۇرۇشقا مەجبۇر بولاتتى. بەلكىم بۇمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بىر نەرسە بولۇشى مۇمكىن.
ئەمما بۇ يەردىكىسى پەقەت ئىككى كىشى ئەمەس. دۇنيا دىگەن پلانىتتا ياشايدىغان، ئەڭ كوتكوت يۈز يىگىرمە بەشتىن ئارتۇق بالا.
تېپىشماقنى يەشكەندەك بولغان مارلوۋ خانىمنىڭ ئېسىغا كەلگەن تۇنجى نەرسە، «ھەممىسى بۇنىڭغا چوقۇم قىززىقىدۇ» دىگەن خىيال بولدى.
باشقا مۇئەللىملەرنى دىمەكچى ئىدى.
ئەمما كىيىن، ئىلمىي قىززىقىشى بېسىپ چۈشتى ۋە، «نېمىشقا بالىلارنىڭ تەجرۈبىسىنى بۇزۇۋەتكۈدەكمەن؟ ئەمىلىيەتتە قويۇپ بېرەي، باشقا مۇئەللىملەر ئۆزى يېشىپ چىقسۇن. ھەم مەن خاتا چۈشىنىپ قالغان بولۇشۇممۇ مۇمكىن. بۇ نەزىريەنى ئاكادېمىك مۇھىتقا تەقدىم قىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر توپلىشىم كېرەكتە» دەپ ئويلىدى.
كىيىن ئۆزىچىلا كۈلگۈسى كېلىپ قالدى «مۇشۇ بالىلارنىزە!»

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *