تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر بالا بولغانىكەن. بۇ بالا ئېتىزدا قارانچۇقلۇق قىلىدىكەن. قۇشلار كەلگەن ھامان قولىدىكى داپنى چالىدىكەن. قۇشلار داپنىڭ ئاۋازىدىن قورقۇپ بۇغدايلارغا يېقىن كېلەلمەيدىكەن.
بىر كۈنى پادىشاھنىڭ ئەسكەرلىرى، بۇ بالا ياشايدىغان ماكانغا كېلىپ قاپتۇ. ئەسكەرلەرنىڭ ئەڭ ئالدىدا يوغان بىر تۆگە ماڭىدىكەن. ئۇرۇشقا كىرىدىغاندا بۇ تۆگىنىڭ ئۈستىدە دۇمباق چېلىنىدىكەن.
تۆگە شەھەردىن ئۆتۈۋېتىپ، خاتالىق بىلەن بالىنىڭ ئېتىزىغا كىرىپ قاپتۇ. بالا تۆگىنى كۆرگەن ھامان قورقۇپ قېچىپ كەتسۇن دەپ داپنى چېلىشقا باشلاپتۇ.
بىر ئادەم بالىنى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە كۈلۈمسىرەپ ئۇنىڭ يېنىغا مېڭىپتۇ،
– بىلەمسەن بالا، بۇ تۆگە ئەسكەرلەرنىڭ تۆگىسى. ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا بۇ تۆگىنىڭ ئۈستىدە چوڭ دۇمباق چېلىنىدۇ. تۆگە بۇ دۇمباقنىڭ ئاۋازىغا كۆنۈپ قالغان. سەن چالغان داپنىڭ ئاۋازى ئۇنىڭغا تەسىر قىلمايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بۇ بالا، ھەركىمگە قىلىنغان ھەركەتنىڭ پەرقلىق بولۇشى كېرەكلىكىنى چۈشىنىپتۇ. پادىشاھنىڭ ئادەملىرىگە خەۋەر قىلىپ تۆگىنىڭ ئېتىزدىن ئېلىپ كېتىلىشىنى تەلەپ قىلىپتۇ. ئۇلار دەرھال تۆگىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ.