گەپ قىلىشقا بولمايدۇ (15)

گەپ قىلىشقا بولمايدۇ

ئاپتورى: ئاندرۇۋ كلېمىنتس

تەرجىمە قىلغۇچى: ماھىنۇر ئۇيغۇر

15-باب: باشقۇرۇش مەركىزى…

«ياخشى. بۈگۈن چۈشتىن كىيىن سىلەر بەشىنچى سىنىپلار بىلەن بىللە ئىدىڭلار. نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈڭلار ھەم ئاڭلىدىڭلار. سىلەرچە، قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟»
خىئات خانىم ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرغان ھەممە ئادەمگە بىر بىرلەپ قاراپ چىقتى.
مارلوۋ خانىم دەرھال گەپ باشلىدى. «ئەتە ئەتتىگەندە ھەممىسىنى چوڭ زالدا توپلاپ كەسكىن تەلەپ قويۇشىمىز كېرەك: بۇ ئىشنى ئاخىرلاشتۇرىسىلەر. دەرھال! ھەم بىمەنە ھەم دىققەتنى چاچىدۇ. گەرچە، بىر تەرەپتىن، غەلىتە ھەم قىززىقارلىق تۇيۇلىدىكەن. ھەتتا بۇ بالىلار ئۈچۈن ئىلگىرلەش ھېساپلىنىدۇ دىگىلىمۇ بولىدىكەن. ئەمما يەنىلا ياخشى بىر ئىش ئەمەس. بۈگۈن تاماقتىن كىيىنكى تۇنجى دەرىستە ياختۇرۇپمۇ قالغاندەك قىلاتتىم. ئەمما ئارقىدىن ئىككىنچى سائەتلىك دەرىسكە كىردىم، ئارقىدىن ئۈچىنچىسىگە. دەل شۇ ۋاقىتتا، بارغانسېرى ئادەمنى زېرىكتۈرگىلى تۇردى، ھەقىقەتەنمۇ زېھنىنى چاچىدۇ. پەن تېخنىكا دەرىسىدە ئۆگىنىشكە تېگىشلىك بىر توپ تېما بار. مېنىڭچە بۇ ئىشنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرمىساق بولمايدۇ.»
ئەسكوبار خانىم باش لىڭشىتىپ تەستىقلىدى. «ئۇلار بەرگەن قىسقا جاۋاپلار ماتىماتىكا دەرىسىدىمۇ بەك بىئارام قىلدى. بۇ بىر ئويۇن ۋە بالىلار پۈتۈن زېھنىنى ئويۇن ئويناشقا مەركەزلەشتۈرۈۋالدى. مەن دەرىس ئۆتۈۋاتقاندا بالىلار ئويۇن ئوينىسا ھەقىقەتەنمۇ بىزار قىلىدىكەن. دىمەكچى بولغىنىم، ئەگەر بۇ ئىشنى سايلام ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىش بولسا مەن ئەتىلا تۇنجى ئىش، بۇ ئويۇننى ئاخىرلاشتۇرايلى دەيمەن»
بۇرتون ئەپەندى بېشىنى چايقىدى «ئەمما زادى نېمە ئۈچۈن؟ ئۇلار قىلىۋاتقان ئىش شۇنداق ئالاھىدە. ئىجاتكار ۋە ھەممىسىنى تەپەككۇر قىلىشقا زورلايدۇ. يەنە تېخى خېلى كۆپ پايدىسى بار. ئۇلار، ھەممىسى بىللە ئۆزىنى باشقۇرۇشنى مەشىق قىلىۋاتىدۇ – كى بۇ ئىش بۇ گرۇپپا ئۈچۈن زور ئېلگىرلەش. مېنىڭچە ئىشنىڭ قىززىقارلىق يېرىنى كۆرۈپ، بولۇشىغا قويۇپ بېرەيلى. زادى بەك ئۇزۇن داۋاملاشمايدىغاندۇ شۇنداقمۇ؟ نېمە زىيىنى بار؟»
«شۇ، تەنھەركەت دەرىسىدە يامان بولدى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ» دىدى خەنلەي خانىم. «ھەتتا ئىشىمنى ئوڭايراق قىلدى، ۋارقىراپ جارىقىراشقا ھاجەت قالمىدى. مېنىڭ بىرەر شىكايىتىم يوق. ئەگەر بۇ بىر يىل ئاخىرلاشقۇچە، بۈگۈن چۈشتىن كىيىنكىدەك بولىدىمىز دىسىمۇ، ھەرگىز ئېتىراز بىلدۈرمەيمەن.»
«ئەمما مەن بىلدۈرىمەن!» گەپ قىلغان ئەيكېرس خانىم ئىدى. «مەن ئۇلارغا ھەپتىدە بىر ياكى ئىككى سائەتلا مۇزىكا دەرىسى ئۆتىمەن. ۋە ھەر مىنۇتتىن ئوبدان پايدىلانمىسام بولمايدۇ. جىم توررېيدىن سورىدىم، ئۇمۇ رەسىم دەرىسى ئۈچۈن شۇنداق قاراشتا بولدى. بۇ چۈشتىن كىيىن بىر ئامال قىلىپ تۇردۇم، ھەتتا بىرئاز كۆڭۈل ئاچتۇق دىگىلىمۇ بولىدۇ. ئەمما دەرىس سائەتلىرىمنى بۇنداق ئىسراپ قىلىۋەرسەم بولمايدۇ. بىر قېتىمدا پەقەتلا ئۈچ سۆز دەيدىغان ئىش بولسا ئۇلارغا ناخشا ئېيتىشنى قانداق ئۆگىتىمەن؟»
«قاراڭلار، ئەمدى ئېسىمغا كېلىپ قالدى» دىدى ئوۋېرباي خانىم. «دەيۋ پاكېر دىگەن ئۇ كىچىك شۇمتەك تۈنۈگۈن نېمە قىلدى بىلەمسىلەر؟ دوكىلات تاپشۇرۇشى كېرەك ئىدى، سىنىپنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئىككى ياكى ئۈچ مىنۇت توختىماي يۆتەلدى. ئۇ چوقۇم يالغاندىن قىلىۋاتاتتى. چوقۇم شۇنداق. گەپ قىلىشقا مەجبۇر بولماسلىق ئۈچۈن. بۇ ئىشنى ئاخىرلاشتۇرمىساق ھەقىقەتەن بولمايدىكەن!»
بۇرتون ئەپەندى، «ئەمما ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ قانداق؟ بۇ يەردە تىنچلانمايدىغانلارنىڭ گېپىنى قىلىۋاتىمىز» دىدى. «بۇ بالىلار يىللاردىن بېرى پۈتۈن مەكتەپنى ساراڭ قىلاي دىدى. ۋە تۇيۇقسىز، خۇددى مەكتەپكە ئاسماندىن چۈشكەن ئىلاھىي بىر سوۋغاتتەك ھەممىسى جىمىپ كەتتى ۋە بىز زادى نېمە قىلىۋاتىمىز؟ ئۇلارنى قايتا بېشىمىزغا چىقسۇن دەۋاتىمىز. بۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس. نېمىشقا يەنە بىرئاز ساقلىمايمىز؟ قاراپ باقايلى قېنى نېمە بولىدىكەن؟ پەقەتلا بىر ئىككى كۈن. زادى نېمە زىيىنى بار؟»
بۇرتون ئەپەندى ھەقىقەتەنمۇ بۇ يەردە بىرەر مەسىلە بار دەپ قارىمايتتى. ئەمما بار بولغان تەقدىردىمۇ باشقا مۇئەللىملەرگە ئۆزلىرىنى بېسىۋېلىشىنى ئېيتقان بولاتتى. بۇ جىمجىت ئۆتكەن مەزگىلنىڭ، ئىنسان تەرەققىياتى دەرىسى ئۈچۈن تاپشۇرىدىغان ماقالىسىىگە يەتكۈدەك ماتىريال توپلىيالىغۇدەك ئۇزۇن داۋاملىشىشىنى ئارزۇ قىلاتتى.
مۇدىر خانىم ئۈچۈن بۇ ئاڭلىغانلىرى يېتەرلىك ئىدى. ھەممىسىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغانلىقىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانتى ئەمما مۇئەللىملەرنىڭ ئۆز ئارا جىدەللىشىپ كېتىشىنى خالىمايتتى. بۇ يەر ئۇنىڭ مەكتىپى ئىدى ۋە باشقا ھەممە نەرسىگە ئوخشاش، چىقىرىلىدىغان بۇ قارارغىمۇ ئۆزى مەسئۇل ئىدى.
«پىكىر بىلدۈرگىنىڭلاردىن مىننەتتارمەن، ھەقىقەتەن كۆپ پايدىسى بولدى» دىدى. «ئەمما بۇ بىر سايلام ئەمەس. مەن قارارىمنى بېرىپ بولدۇم. بۇ بالىلار بىرىنچى سىنىپقا كىرگەندىن باشلاپ ئۇلارنى جىمىقتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىمنى ھەممىڭلار بىلىسىلەر. شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇ قىلىقىنى كۆرمەسكە سېلىپ، بىرەر ئىلگىرلەش بولۇپ قالارمۇ دەپ ئۈمىد قىلىش ئەلۋەتتە مېنىمۇ جەلىپ قىلىدۇ. بىراق، مېنىڭچە بۇنداق قىلىش خاتا. بۇ تۇيۇقسىز تىنچلىق، پۈتۈن ئۇ ۋاراڭ چۇرۇڭ ۋە شاۋقۇن سۈرەنگە قارىغاندا يېقىملىق تۇيۇلىشى مۇمكىن. ئەمما ئەمىلىيەتتە ھەر ئىككىلىسى بىز خالايدىغان بىر ئىش ئەمەس. بۇ بالىلار خۇددى توغرا يەردە سۈكۈت قىلىشنى ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولغاندەك، توغرا يەردە گەپ قىلىشنى، دەرىسكە قاتنىشىشنى ئۆگىنىشكىمۇ مەجبۇر. ھەممىسى بولمىسا ھېچقايسىسى بولۇپ قېلىشىنى خالىمايمىز –ھازىرقى ئەھۋال دەل مۇشۇنداق. بىزگە ھەقىقى بىر تەڭپۇڭلۇق، بىر ئىرادە لازىم. ئەگەر بۇ ئويۇننى – ياكى رىقابەتنى يا بولمىسا، ئىشقىلىپ ھەر نېمە بولسا – داۋاملاشتۇرۇشىغا يول قويۇپلا قالساق، مېنىڭچە ئۇلارغا خاتا تەسىر بەرگەن بولىمىز. شۇڭا ئەتە بىر يىغىن ئېچىشىمىز كېرەك. باشلىقلىرىنىڭ لىينسېي بۇرگېس ۋە دەيۋ پاكېر ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالدىم. ۋە مېنىڭچە – »
مارلوۋ خانىم «ئەمىلىيەتتە» دەپ گەپكە قوشۇق سالدى «دەيۋ بىلەن لىينسېي كوماندا باشلىقىغا ئوخشايدىكەن. تىزىملىك تۇتۇپ سۆزلەرنى سانايدىكەن. قىزلارغا قارشى ئوغۇللار. بىر پارچە خەت تېپىۋالغانتىم»
مۇدىر ھەيرانلىق بىلەن قېشىنى كۆتۈردى «خەت؟ ماڭا ئېيتمىغانتىڭىزغۇ؟»
مارلوۋ خانىم مۆرىسىنى سىلكىپ قويدى. «بۇ چۈشتىن كىيىن. ئۆزۈمنىڭ دەرىسىدە»
خىئات خانىم «بۇنى ماڭا بالدۇرراق ئېيتقان بولسىڭىز، پايدىسى تېگەىپ قالغان بولاتتى» دىدى. قانچىلىك ئاچچىقلانغانلىقىنى ھەممىسى ھېس قىلسۇن دە بىر ھازا تۇرۇۋالدى.
شۇ ۋاقىتتا بۇرتون ئەپەندى «مۇشۇ ئاياللارنىزە… داۋاملىق سىر ساقلايدۇ!» دەپ ئويلىدى.
ئەمما كىيىنلا پىكرىنى ئۆزگەرتتى. چۈنكى قىزلار ۋە ئوغۇللار ھەققىدىكى بۇ قاتمال ئىدىيەگە كۆنۈپ قالغانلار… بۇنىڭدىن ۋازكەچمىسە بولمايتتى. بولۇپمۇ مۇئەللىملەر.
مۇدىر خانىم «ئىشقىلىپ، بىلىۋالغىنىمىز ياخشى بولدى. ئەمدى، بۇ مەسىلىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەتە دەرىس باشلايدىغاندا پۈتۈن ئوقۇغۇچىلارنى چوڭ زالغا ئەكىلىڭلار» دىدى.
ھەممىسى بىر ھازا جىمىپ كەتتى.
كىيىن بۇرتون ئەپەندى «ئۇنداقتا بالىلار جاۋاپ بەرمەي تۇرۇۋالسا قانداق قىلىسىز؟ سىزنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتىڭىزگە دىمەكچى؟» دەپ سورىدى.
خىئات خانىم ئۇنىڭغا سوغۇققىنە قاراپ قويدى «سىز نېمە دىمەكچى؟»
«شۇ» دىدى بۇرتون ئەپەندى «دىمەكچى بولغىنىم، بۇ گرۇپپا بىلەن بەش يىللىق تەجرىبە ئىگەللىدۇق. ۋاراڭ چۇرۇڭنى توختىتىڭلار دىگەندە، بۈگۈنگىچە، قۇلاقمۇ سېلىپ قويمىدى. ئەمدى جىمجىتلىقنى بۇزۇڭلار دىگەندە نېمىشقا باشقىچە ھەرىكەت قىلىدىكەن؟»
خىئات خانىم بۇرتون ئەپەندىمگە چەكچىيىپ قاراۋاتقاندا «ئەر خەققۇ شۇ – ئىشقىلىپ بىر ئىش تېرىمىسا بولمايدۇ!» دەپ ئويلاۋاتاتتى.
ئەمما دەرھال ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى. بۇ خىل خىياللار مۇدىرلەرنىڭ بېشىغا ئىش تېرىپ بېرىدۇ. مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ ئەزالىرىنىڭ ئارىسىدا بۇنداق زىددىيەت بولسا بولمايتتى. بۇ ئادالەتسىزلىك ئىدى ۋە قانۇنلارغا خىلاپ ئىدى.
شۇڭا خىئات خانىم ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرغانلارغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى ۋە «دەيدىغان گېپىم مۇشۇنچىلىكلا، بۇ ئەھۋالنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆڭۈلدىكىدەك بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشىمەن. ھەم ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇنداق قىلىدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن. ئەتە ئەتتىگەندە كۆرۈشەيلى» دىدى.
مۇئەللىملەر يىغىن زالىدىن چىقىۋاتقاندا ئانچە پاراڭلىشىپ كەتمىدى.
ئەمىلىيەتتە… ھېچنەرسە دىيىشمىدى.