ياۋايى تايچاق

تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر

بىر سودىگەرنىڭ ناھايتى ياۋايى بىر تايچىقى بارىكەن. بىر كۈنى ئۇنى باشقىسىغا سېتىۋېتىپتۇ، ساتىدىغان چاغدا:

– مەن تايچاقنى ئەرزان ساتىمەن، چۈنكى ئۇ بەكمۇ ياۋايى، – دەپتۇ.

تايچاقنى جامالنىڭ دادىسى سېتىۋاپتۇ ۋە ئۇنى ئۆيگە ئېلىپ كەپتۇ. جامال دادىسىنىڭ بىر تايچاق ئالغانلىقى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بوپتۇ.

دەسلەپكى كۈنلەردە تايچاق، جامالنىمۇ، دادىسىنىمۇ يېنىغا يېقىنلاشقىلى قويماپتۇ.

پۇرسەت تاپسىلا قېچىشقا تىرىشىپتۇ. ئۇنى تۇتۇپ ئېغىلىغا ئاپىرىشمۇ تەسكە توختايدىكەن. ئەمما جامال تايچاققا ھەر دائىم مېھرىبانلىق بىلەن يېقىنلىشىپتۇ. دادىسى ئۇنى ھەر قېتىم تۇتۇپ كەلگەندە ئۇنىڭغا كەمپۈت بېرىپتۇ. بېشىنى سىلاپتۇ. ئۇنىڭغا ياخشى گەپلەرنى قىلىپتۇ.

كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تايچاقمۇ جامالنى ياقتۇرۇپ قاپتۇ. جامالنىڭ مىھرىبانلىقى، تايچاقنى يۇۋاشلىتىپتۇ. تايچاق ئاخىرى ناھايىتى مۇلايىم بولۇپ كېتىپتۇ.

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *