ئاپتورى: ج. ك. روۋلىڭ
تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر
تۆتىنچى باپ: جىمجىت ئۆي
لاچىنقۇيرۇق خانىم شەھەر-ئىچىدە-شەھەردىكى، ئوردا خىزمەتكارلىرى ياتىدىغان مازارلىققا دەپنە قىلىنغان ئىدى. دايسى ۋە دادىسى قول تۇتۇشۇپ، مازارغا ئۇزۇنغىچە قاراپ تۇرۇشتى. بەرت، كۆزلىرى ياشقا تولغان ئانىسى ۋە قاپىقى تۈرۈلۈپ كەتكەن دادىسى بىلەن ئۇيەردىن ئۇزاقلىشىۋاتقان چاغدا توختىماي دايسىگە قارايتتى. بەرت ئەڭ ياخشى دوستىغا بىر نەرسىلەر دېمەكچى بولدى، ئەمما بولۇپ ئۆتكەن بۇ ئىشلار سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بەرگۈسىز دەرىجىدە چوڭ ۋە ئېچىنىشلىق ئىدى. ئۆزىنىڭ ئانىسىنىڭ ئاشۇ مۇزدەك، قاتتىق تۇپراقنىڭ ئىچىدە مەڭگۈلۈك يوقاپ كەتسە قانداق قىلىدىغانلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرۈشكىمۇ پېتىنالمايتتى.
پۈتۈن دوستلىرى ئۇ يەردىن ئايرىلغاندا، لاچىنقۇيرۇق ئەپەندى پادىشاھ ئەۋەتكەن سۆسۈن گۈل چەمبىرەكنى مازار تېشىنىڭ ئۈستىدىن ئېلىۋېتىپ، ئورنىغا دايسى سەھەردە تېرىپ كەلگەن كىچىك بىر دەستە قار لەيلىسىنى قويۇپ قويدى. ئاندىن لاچىنقۇيرۇق ئائىلىسىنىڭ ئىككى ئەزاسى ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلىدىغان ئۆيلىرىگە قاراپ ئاستا- ئاستا ماڭدى.
دەپنە مۇراسىمىدىن بىر ھەپتە كېيىن پادىشاھ، ئوۋ ئوۋلاش ئۈچۈن ئوردا مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە سارايدىن ئاتلىق يولغا چىقتى. ھەر چاغدىكىدەك ئۆيلىرى يول ئۈستىگە جايلاشقان پۈتۈن كىشىلەر ئالدىراپ- تېنەپ ھويلىسىغا چىقىپ پادىشاھقا سالام قىلىشتى، ھۆرمەت كۆرسىتىپ چۇقان سېلىشتى. پادىشاھمۇ باشقىلارنىڭ سالامىغا جاۋاپ قايتۇرۇپ قول پۇلاڭلىتىۋاتقىنىدا، ئۆيلەردىن بىرىنىڭ ئالدى ھويلىسىنىڭ بوش ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئىشىك ۋە دېرىزىلەرگە قارا پەردىلەر ئېسىلغانىدى.
«ئۇ يەردە كىم ياشايدۇ؟» دەپ سورىدى مىڭبېشى خۇشخۇيدىن.
«ئۇ يەر… ئۇ يەر لاچىنقۇيرۇق ئائىلىسىنىڭ ئۆيى ئالىيلىرى.» دېدى خۇشخۇي.
«لاچىنقۇيرۇق، لاچىنقۇيرۇق» دېدى پادىشاھ، قاپاقلىرىنى تۈرۈپ. «بۇ ئىسىمنى ئاڭلىغاندەك قىلىمەن، شۇنداق ئەمەسمۇ؟»
«شۇ… شۇنداق ئەپەندىم» دېدى مىڭبېشى خۇشخۇي. «لاچىنقۇيرۇق ئەپەندى، سىز ئالىيلىرىنىڭ ياغاچچىسىدۇر ۋە لاچىنقۇيرۇق خانىم بولسا ئۇ… ئۇمۇ سىز ئالىيلىرىنىڭ باش تىككۈچىسىى ئىدى.»
«ھە شۇنداق،» دېدى پادىشاھ جىددىيلىشىپ. «مەن… مەن ئېسىمگە ئالدىم.»
كېيىن ئاپئاق ئېتىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ لاچىنقۇيرۇق ئائىلىسىنىڭ قارا پەردىلىك دېرىزىلىرىنىڭ ئالدىدىن تېزلا ئۆتۈپ كەتتى، ئۇ كۈنى ئوۋدىن باشقا ھېچنەرسە ئويلىماسلىققا تىرىشتى.
ئەمما شۇ كۈندىن كېيىن پادىشاھ قاچان سارايدىن چىقسىلا، لاچىنقۇيرۇق ئائىلىسىنىڭ ئۆيىنىڭ قارا پەردىلىك دېرىزىلىرى بىلەن بوش ھويلىسىغا قاراپ تۇرۇپ قالاتتى ۋە ئۆينى ھەر كۆرگەن چېغىدا قولىدا ئامېتىست تۈگمىسى سىقىمدىۋالغان ھالدا ياتقان تىككۈچى خىيالىغا كېلىۋالىدىغان بولۇپ قالدى. ئاخىرى چىدىيالماي باش مەسلىھەتچىنى چاقىرتتى.
«بېلىقدۈمبە،» دەپ سۆزنى باشلىدى، ياشىنىپ قالغان بۇ ئادەمنىڭ كۆزىگە قارىماسلىققا تىرىشاتتى. «باغچىغا بارىدىغان يولنىڭ ئۈستىدە، بۇلۇڭدا بىر ئۆي بار. خېلى چىرايلىق كۆرۈنىدۇ، كەڭرى ھويلىسىمۇ بار.»
«لاچىنقۇيرۇق ئائىلىسىنىڭ ئۆيىمۇ، ئالىيلىرى؟»
«ھە، ئۇ ئۆي شۇلارنىڭمىدى؟» دېدى پادىشاھ فرەد پەرۋاسىزلىق بىلەن. «بوپتۇ، مېنىڭچە، كىچىك بىر ئائىلە ئۈچۈن ئۇ يەر بەكلا چوڭ ئىكەن. پەقەتلا ئىككى كىشى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم، بۇ راستمۇ؟»
« توغرا ئالىيلىرى، پەقەتلا ئىككى كىشى قالدى، ئانىسى بولسا…»
«مېنىڭچە، تېخىمۇ چوڭراق ئۆيگە ئېھتىياجلىق بەش، ئالتە كىشىلىك ئائىلىلەر بار تۇرۇپ، ئۇنداق گۈزەل ۋە كەڭرى بىر ئۆينىڭ پەقەت ئىككىلا كىشىگە تەقسىم قىلىنغانلىقى ھەرگىزمۇ ئادىل بولماس، بېلىقدۈمبە.» دېدى پادىشاھ فىرەد ئاۋازىنى سەل كۆتۈرۈپ.
«لاچىنقۇيرۇق ئائىلىسىنىڭ كۆچۈپ كېتىشىنى خالامسىز ئالىيلىرى؟»
«ھەئە، شۇنداقراق.» دېدى پادىشاھ فرەد، گۈللۈك تاۋار ئۆتۈكلىرىنىڭ تۇمشۇقى بىلەن ھەپىلەشكەندەك كۆرۈنۈشكە تىرىشىپ.
باش مەسلىھەتچى، «بولىدۇ ئالىيلىرى.» دېدى ۋە بېشى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىلدى. «ئۇلارغا پوقالاق ئائىلىسى بىلەن ئۆي ئالماشتۇرۇشنى ئېيتاي. پوقالاقلارنى كەڭرەك بىر ئۆيگە كۆچسە خۇشال بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن، لاچىنقۇيرۇق ئائىلىسىنى پوقالاقلارنىڭ ئۆيىگە كۆچۈرۈپ قوياي. »
«ئۇ يەر نەدە بولغىيدى؟» دەپ سورىدى پادىشاھ جىددىيلىشىپ، ئۇ قارا پەردىلەرنى ساراينىڭ تېخىمۇ يېقىنلىرىدا كۆرۈپ قېلىشتىن تېخىمۇ ئەنسىرەيتتى.
«دەل شەھەر-ئىچىدە-شەھەرنىڭ چىگرالىرىدا.» دېدى باش مەسلىھەتچى. «مازارغىمۇ ناھايىتى يېقىن، ئەس…»
«بولىدىغاندەك تۇرىدۇ.» دەپ گېپىنى بۆلدى فرەد ئورنىدىن دەس تۇرۇپ. «تەپسلاتىغا كېرەك يوق. سەن ھەل قىلىۋەتكىن بېلىقدۈمبە، ئاپىرىن ساڭا.»
شۇنداق قىلىپ دايسى ۋە دادىسى، ئۆيلىرىنى يۈزبېشى پوقالاقنىڭ ئۆيى بىلەن تېگىشىش ھەققىدە ئەمىر ئالدى. يۈزبېشى پوقالاق بولسا بەرتنىڭ دادىسىغا ئوخشاش ئوردا مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ بىر ئەزاسى ئىدى. پادىشاھ فرەدنىڭ يەنە بىر قېتىمقى ساياھىتىدە دېرىزىلەردىكى قارا پەردىلەر يوقالغان ئىدى. پوقالاق ئائىلىسىنىڭ بالىلىرى- بەرتكە «گۆش تاغىرى» دەپ لەقەم قويغان تەمبەل تۆت ئوغۇل بالا- يۈگۈرۈپ ھويلىغا چىقتى ۋە دىك دىك سەكرىشىپ، خۇشال ۋارقىرىشىپ كورنۇكوپيا بايراقلىرىنى پۇلاڭلاتتى. پادىشاھ فرەد، بۇنىڭدىن ناھايىتى سۆيۈندى ۋە بالىلارغا قول پۇلاڭلاتتى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، پادىشاھ فرەد لاچىنقۇيرۇق ئائىلىسىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتتى ۋە يەنە بۇرۇنقى خۇشاللىقىغا قايتتى.