تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر
پادىشاھ بىر كۈنى ۋەزىرلىرىنى يېنىغا توپلاپتۇ. ئۇلاردىن بىرىگە بىر ئالماسنى ئۇزىتىپ:
– بۇنى چېقىۋەتكىن. – دەپتۇ.
– قانداقسىگە چاققۇدەكمەن، بۇ ناھايىتى قىممەتلىك بىر ئالماس. – دەپتۇ ۋەزىر.
پادىشا ئالماسنى باشقا بىر ۋەزىرگە ئۇزىتىپ تۇرۇپ:
– بۇنى چاققىن، – دەپتۇ.
ئىككىنچى ۋەزىر:
– بۇ ئالماس دۆلەتنىڭ يېرىمىدەك قىممەتكە ئىگە تۇرسا، ئۇنى قانداقمۇ چاقاي.– دەپتۇ.
پادىشاھ سارايدىكى پۈتۈن ۋەزىرلەردىن ئوخشاش ئىشنى تەلەپ قىلىپتۇ. لېكىن ھېچكىمنىڭ ئالماسنى چاققۇسى كەلمەپتۇ. پادىشاھ ئەڭ ئاخىرىدا ئايازغا ئالماسنى ئۇزىتىپ:
– ئەي ئاياز، دەپ باققىن، بۇ ئالماسنىڭ قىممىتى قانچىلىك؟ – دەپ سوراپتۇ.
– بۇ ئالماس بەك چىرايلىق ھەم پارقىراقكەن. ناھايىتى قىممەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
شۇنىڭ بىلەن پادىشا:
– ئۇنداقتا ئۇنى چېقىۋەتكىن. – دەپتۇ.
ئاياز بىر تاش پارچىسى بىلەن ئالماسنى چېقىۋېتىپتۇ. ئالماس پارچە پارچە بولۇپ كېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ۋەزىرلەر ۋارقىرىشىپ كېتىپتۇ:
– بۇنداق قىممەتلىك بىر ئالماسنى قانداقمۇ چېقىۋېتىشكە پېتىندىڭ!
ئاياز:
– مەن ئۈچۈن پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى ئالماستىن بەكرەك قىممەتلىكتۇر. – دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ۋەزىرلىرىگە:
– بۇ پەقەتلا ساختا بىر ئالماس ئىدى. سىلەرنى سىناپ باققانىدىم. – دەپتۇ ۋە ھەقىقى ئالماسنى ئايازغا بېرىۋېتىپتۇ.