ئاپتورى: ئاندرۇۋ كلېمىنتس
تەرجىمە قىلغۇچى: ماھىنۇر ئۇيغۇر
8-باب: فانتازىيە
بەشىنجى سىنىپلارنىڭ چۈشلۈك دەم ئېلىشى باشلانغىلى بەش مىنۇت بولغان؛ خىئات خانىم بولسا بىردەمدىن كىيىن قوڭغۇراقلىق سائېتىنىڭ ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ئاۋازىنى ئاڭلايمەن ھەقاچان دەپ ئويلاۋاتاتتى: زىررررن! زىررررن! زىرررن!
چۈنكى مۇدىر خانىمنىڭ، ئۆزىنىڭ تېخىچە ئۆيىدىكى راھەت كارۋىتىدا ئۇخلاۋاتقانلىقىدىن ۋە چۈش كۆرۈۋاتقانلىقىدىن شۈبھىسى يوق ئىدى. ئۇ چوقۇم چۈش كۆرۈۋاتىدۇ. ئەمما ياق، مانا، قول سائىتى تاماق زالىنىڭ تېمىدىكى سائەت بىلەن ئوخشاش ۋاقىتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇغۇ: 12:04
باشقا بىر كۈنى بولغان بولسا، خىئات خانىم ياڭراتقۇچىنى ئاللىقاچان، ئاز دىگەندە بىر قېتىم بولسىمۇ ئىشلەتكەن بولاتتى؛ چۈنكى بەشىنچى سىنىپلارنىڭ يېرىمى تاماق ، قالغان يېرىمى سۈت سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇرغاندا يا بولمىسا ئۈستەللەردە ئورۇن تالىشىۋاتقاندا دائىم كۈچلۈك شاۋقۇن سۈرەن كۆتۈرۈلەتتى – ھايۋانات باغچىسىدىكى ھايۋانلارنىڭ ئوزۇقلىنىش سائىتىگە ئوخشاپ كېتەتتى- ھەم ئادەمنى ئىنتايىن بىئارام قىلىدىغان غوڭۇلدىغاندەك ئاۋاز ئاڭلىنىپلا تۇراتتى.
بۈگۈن بۇ يوق.
ھېچكىم گەپ قىلمايۋاتاتتى. بىر ئېغىزمۇ… تاماق زالىدا ئاز دىگەندە يۈز يىگىرمە بەش بالا بار ۋە ھەممىسى ئۈن تىنسىز ئىشىنى قىلىۋاتقان.
زالنىڭ جىمجىتلىقىدىن خىئات خانىم توڭلاتقۇنىڭ ماتورىنىڭ غوڭۇلدىغان ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىيالىغانتى. ئاشخانىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ پىچىرلىشىشى ھەتتا ئۆچرەتتىكى بالىلارنىڭ ئاياغ تىۋىشلىرىمۇ ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
خىئات خانىم بۇ جىمجىتلىقتىن سەل چۆچۈگەنتى. ئۆزىنى قورقۇنۇچلۇق بىر فانتازىيلىك فىلىمنىڭ ئىچىدە تۇرغاندەك ھېس قىلىپ قالغانتى.
ئەمىلىيەتتە ئۇمۇ ئاندا ساندا قورقۇنۇچلۇق كىنو كۆرۈشنى ياختۇراتتى، ئەمما شۇ تاپتا ئېسىگە كەلگەن ئېھتىماللىقلار كۆڭلىگە قىلچە ياقمىغانتى. نېمىشقا دىسەڭلار، خۇددى تاشقى پىلانىتتىن مەخلۇقلار كېلىپ بەشىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مېڭىسىنىڭ كونتروللۇقىنى ئىلكىگە ئېلىۋالغاندەك، مېڭىسىنى سۈمۈرۈۋالغاندەك قىلاتتى. يا بولمىسا ھېچكىم كۆرۈپ باقمىغان بىر مەخلۇق ھەممىسىنىڭ تىلىنى ئۈزۈۋالغاندەك – تىلنىڭ ئورنىدا ئاۋاز چىقىرالمايدىغان كىچىك يىلتىزلا قالغاندەك.
مۇدىر خانىم ئەندىكىپ كەتتى. ئاندىن، بىر قىز بالىنىڭ ئۆزىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرغانلىقىنى بايقاپ قالدى. چىراي ئىپادىسى بەكلا غەلىتە بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ.
ئۇ قىز بالا تەخسىسىنى ئۈستەلگە قويۇپ ئولتۇرۇۋېدى خىئات خانىم ئۆزىنى كۈلۈمسىرەشكە زورلاپ «شەئىلا، بۈگۈن قانداقراق تۇرىسەن؟» دىدى. خىئات خانىمنىڭ ئاۋازى جىمجىت تاماق زالىدا ئەكىس سادا پەيدا قىلغاندەك قىلدى.
سۈت ئېلىۋاتقان ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى تۇيۇقسىز بۇرۇلۇپ شەئىلاغا تىكىلىپ قارىدى. قىزلارمۇ شەئىلاغا قارىدى.
شەئىلا بىر ھازا ئىككىلىنىپ قالغاندىن كىيىن، مۇدىرگە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا ۋە ئالدىرىىماي تۇرۇپ «ناھايىتى ياخشى، رەھمەت» دىدى.
خىئات خانىم سۈت سېتىۋالىدىغانلارغا قارىغانتى ھەممىسى باشقا ياققا قارىۋالدى. ئۈن تىنسىز.
مۇدىر ئۆزىنى يەنە فانتازىيلىك بىر كىنوغا چۈشۈپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالدى.
تۇيۇقسىز، جىمجىت بىر زالنىڭ ئوتتۇرسىدا قولىدا يوغان قىزىل بىر ئاۋاز ياڭراتقۇچ تۇتۇپ تۇرۇش ئەخمىقانە تۇيۇلۇپ قالدى. شۇڭا ئەسكوبار خانىم تۇرغان ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى. قولىدىن كېلىشىچە ئەركىن ئازادە ھەرىكەت قىلىشقا تىرىشىۋاتاتتى، خۇددى قاچا قۇچىلارنىڭ تاراقشىشى ۋە رېزىنكە ئاياقلارنىڭ غىچىردىشىدىن باشقا ئاۋاز چىقماسلىقى ناھايىتى نورمال بىر ئىشتەك…
ئاۋاز ياڭراتقۇچنى تامنىڭ تۈۋىگە، يەرگە قويۇپ قويۇپ، ئەسكوبار خانىمغا «بۇ يەردە زادى نېمە ئىش بولۇپ كەتتى؟» دەپ سورىدى پىچىرلاپ تۇرۇپ.
ئەسكوبار خانىممۇ پىچىرلاپ تۇرۇپ «تاڭ، ھېچ بىلمىدىم. ئەمما ئېنىقلا غەلىتە بىر ئىش» دەپ جاۋاپ بەردى.
خىئات خانىم بۇ ھېسسىياتنى – غەلىتە ھەم يېڭىچە بىر ئىش بولۇۋاتقاندىكى ھېسسىياتنى – ھېچ ياختۇرمىغانتى. چۈنكى بۇ يېڭىلىق ئۇنىڭ مەكتىپىدە يۈز بېرىۋاتقان ھەم ھېچكىم ئۇنىڭدىن رۇخسەت سورىمىغان. بۇ يېڭىلىق قائىدىلەرگە خىلاپ.
خىئات خانىم مەكتەپنى باشقۇرۇشنى ياختۇرۇپلا قالماي يەنە تېخى ھەممىنى باشقۇرۇش ئېھتىياجى ھېس قىلاتتى.
مانا مۇشۇ سەۋەپتىن، ئۆزىنى، بىر نەرسە دىيىشكە، بىر نەرسە قىلىشقا بۇ ئەپسۇننى يېشىشكە مەجبۇردەك ھېس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن تامدىن يىراقراق بىر يەرگە بېرىپ، يۇقرى ئاۋازدا «خەيىرلىك سەھەر بەشىنچى سىنىپلار. بۈگۈنكى دەم ئېلىشىڭلار قانداقراق ئۆتۈۋاتىدۇ؟» دىدى.
يەنە جىمجىت.
بىرنەچچە سىكۇنت ئۆتكەندىن كىيىن مۇدىر خانىم، «بۈگۈن بۇ يەر نېمە دىگەن جىمجىت ھە؟ راستىمنى ئېيتسام خېلىلا… تەسىرلەندىم. بۇنچىۋالا تەرتىپلىك ھەرىكەت قىلىشىڭلاردىن.»
بەزى بالىلار كۈلۈمسىرىدى، بەزىلىرى بېشىنى لىڭشىتتى. ئەمما ھېچكىم بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى.
«بۈگۈن ھېچقايسىڭلارنىڭ گەپ قىلماسلىقىنىڭ ئالاھىدە بىر سەۋەبى بارمۇ؟» دەپ سورىدى خىئات خانىم.
زال تېخىمۇ جىمىپ كەتتى. يىمەكلىكنى چايناۋاتقاندا چىققان ئاۋازلارمۇ توختاپ قالدى.
ھېچكىم قول كۆتۈرمىدى. ھېچكىم مۇدىرنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بەرمىدى.
ئەمما خىئات خانىم بولۇۋاتقان ئىشلارنى ئوبدان كۈزىتەتتى ۋە ھەممىسى تۇيۇقسىز جىمىپ كەتكەن شۇ پەيتتە بىر نەرسە بايقىدى. ئۇ سوئال سورىغان ھامان پۈتۈن ئوغۇللار سۈت ئېلىۋاتقان دەيۋ پاكېرغا قارىغاندەك قىلغانتى. پۈتۈن قىزلار بولسا، دەل شۇ ۋاقىتتا ئورۇندۇققا ئولتۇرۇۋاتقان لىينسېي بۇرگېسقا قارىغاندەك قىلغانتى.
«غەلىتە ئىشتە بۇ» دەپ ئويلىدى خىئات خانىم.
ئەمما بۇ ئەھۋال زادى ئومۇمەن غەلىتە ئىدى. ئىنتاين غەلىتە. ئەمما، ئەمدىلىكتە بولسا پۈتۈن زال تىمتاسلىققا چۆمگەن، خۇددى پۈتۈن بالىلار نەپەس ئېلىشنىمۇ توختاتقان ئىدى.
ھەممىسى مۇدىرنىڭ بىرەر ئىش قىلىشىنى كۈتۈۋاتاتتى.
ھەممىسىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن بىرنەچچە سىكۇنتتىن كىيىن خىئات خانىم يىنىك يۆتىلىپ قويدى. «بولۇپتۇ، بالىلار، تامىقىڭلارنى يەۋېرىڭلار» دىدى.
تاماق زالى قايتا جانلاندى. ئۈن تىنسىز.