ئىشلەشنى ياقتۇرمايدىغان بالا

ئىشلەشنى ياختۇرمايدىغان بالا

تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر

خاقان دەرس ئۆگىنىشنى ياقتۇرمايدىكەن. بىر كۈنى ئۇ دەپتىرى بىلەن كىتابىنى بىر تەرەپكە چۆرۈۋېتىپتۇ.

– مېنىڭ ئىشلىگىم يوق. – دەپتۇ.

ئۆيدىن چىقىپ باغچىغا مېڭىپتۇ. چىملارنىڭ ئۈستىدە سوزۇلۇپتۇ. دەل شۇ ۋاقىتتا، باغچىدا گۈلدىن گۈلگە كېزىۋاتقان بىر ھەرىنى كۆرۈپ قاپتۇ.

– مەنمۇ بىر ھەرە بولغان بولسام نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى. گۈلدىن گۈلگە بىكار قونۇپ يۈرەتتىم. ئىشلەشكە كېرەك قالمايتتى دە. – دەپتۇ ئۆز ئۆزىگە.

ھەرە خاقاننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قاپتۇ.

– سەن بىزنى بىكار ئوينايدۇ دەپ قالدىڭمۇ؟ بىز گۈللەرنىڭ شىرنىسىنى تېرىپ، ھەسەل ياسايمىز، كەچكىچە ھېچ توختىماي ئىشلەيمىز. ئىشلىمەي تۇرۇپ خۇشال بولغىلى بولمايدۇ. – دەپتۇ.

خاقان بۇ سۆزنى ئاڭلاپ بۇرنىنى پۈرۈشتۈرۈپ قويۇپ، دەرەخكە قاراپتۇ.

– مەن بىر دەرەخ بولسام تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىشلەشكە كېرەك قالمايتتى. – دەپتۇ.

– بىز ھۇرۇن ئەمەس، – دەپتۇ دەرەخ. – بىز ھەر كۈنى تۇپراقتىن يىلتىزىمىز بىلەن سۇ ۋە ئوزۇقلۇق سۈمۈرىمىز. چېچەكلەيمىز، مېۋە بېرىمىز. ئادەملەر بىزنىڭ مېۋىلىرىمىزنى يېگەن چاغدا ئاجايىپ خۇشال بولىمىز.

خاقاننىڭ ئىچى پۇشۇپتۇ. بۇ قېتىم قۇشقاچنى كۆرۈپ قاپتۇ.

– مەن بىر قۇشقاچ بولغان بولسام، ھېچ نەرسە قىلىشىمغا كېرەك قالمايتتى. ئاسماندا پەرۋاز قىلىپ ئويناپ يۈرەتتىم. – دەپتۇ.

– خاتا ئويلاپ قاپسەن،- دەپتۇ قۇشقاچ. – بىزچۇ، ئۆزىمىزگە ئۇۋا ياسايمىز، تۇخۇم تۇغىمىز، بالىلىرىمىزنى باقىمىز، ئۇلار بىلەن خۇشال خۇرام ياشايمىز.

خاقان كۈن بويى باغچىلاردا، كوچىلاردا ئايلىنىپ يۈرۈپتۇ. كىمگە قارىسا ئۇلار ئىشلەۋاتقان. ئىشلەپ خۇشال بولۇۋاتقان.

شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ ھۇرۇن بولۇشتىن ۋاز كېچىپتۇ دە، ئۆيگە بېرىپ دەپتەر قەلىمىنى يەردىن تېرىپ ئاپتۇ. دەرسلىرىنى ئۆگىنشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ.

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *