ئاپتورى: ج. ك. روۋلىڭ
تەرجىمە قىلغۇچىلار: ماھىنۇر، ھەبىبە، نەسلىخان ئۇيغۇر
15- باب: كىرىش چەكلەنگەن ئورمانلىق
ئىشلارنىڭ بۇنىڭدىنمۇ بەتتەر بولۇپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
فىلچ ئۇلارنى پروفېسسور مېك گوناگالنىڭ بىرىنچى قەۋەتتىكى ئىشخانىسىغا ئېلىپ چۈشتى. ئۇلار شۇ يەردە بىر- بىرىگە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماستىن، مېك گوناگالنى ساقلاپ ئولتۇرۇشتى. ھېرماينى بولسا دىر- دىر تىترەيتتى. خىلمۇخىل باھانە-سەۋەپلەر، ئاجايىپ- غارايىپ توقۇلما ھېكايىلەر، خارىنىڭ كاللىسىدا بىرىنىڭ ئارقىسىدىن بىرى پەيدا بولاتتى… يەنە كېلىپ بىر- بىرىدىن بىمەنە. ئۇ بۇ قېتىمقى كېلىشمەسلىكتىن قۇتۇلۇشقا چارىسىز قالدى. ئۇلارغا ئەمدى باشقا ئامال قالمىغانىدى. ئۇلار قانداقمۇ پەرىجىنى ئۇنتۇپ قالغۇچىلىك ئېسىنى يوقاتقان بولغىيدى؟ پروفېسور مېك گوناگالغا، يېرىم كېچىدە ئۇخلىماي، مەكتەپ كارىدورلىرىدا ئايلىنىپ يۈرۈشىنى، يەنە كېلىپ دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا كىرىش مەنئىي قىلىنغان يەرلەردىن بىرى بولغان ئەڭ ئېگىز مۇنار_ ئاسترونومىيە مۇنارىدا ئايلىنىپ يۈرۈشىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭ خەيرىخاھلىقىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغان بىر سەۋەپ تېخى دۇنيادا بارلىققا كەلمىگەن. ئەگەر بۇ ھېكايىگە نوربېرت ۋە غايىپ پەرىجىمۇ قوشۇلۇپ كەلسە، ئۇلارغا، ئاللىقاچان كۈدە- كۆرپىسىنى كۆتۈرۈپ مەكتەپتىن ئايرىلىشقا توغرا كەلگەن بولاتتى.
خارى ئىشلارنىڭ بۇنىڭدىنمۇ بەتتەر بولۇپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس، دەپ ئويلىغان ئەمەسمۇ؟ خاتالىشىپتىكەن. پروفېسور مېك گوناگال كەلگەندە، ئۇنىڭ يېنىدا نەۋىلمۇ تۇراتتى.
«خارى!» دەۋەتتى نەۋىل ئۇ ئىككىسىنى كۆرگەن چاغدا، «سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن ئىزدەۋاتاتتىم، مالفوينىڭ سېنى قىلتاققا چۈشۈرمەكچى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدىم،ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، سەندە بىر ئەجدى-»
خارى نەۋىلنى توختاپ قالسۇن، دەپ بېشىنى قاتتىق چايقىدى. ئەمما پروفېسور مېك گوناگال كۆرۈپ قالغان ئىدى. ئۇ، ئۇلارغا تىكىلىپ تۇرغان ۋاقتىدا، نوربېرتقا قارىغاندا ئوت پۈركۈشكە تېخىمۇ تەيياردەك كۆرۈنەتتى.
«ھېچقايسىڭلاردىن بۇنى كۈتمىگەنىدىم. فىلچنىڭ دېيىشىچە، سىلەر ئاسترونومىيە مۇنارىدا ئىكەنسىلەر. سائەت كېچە بىر! دەرھال ئىزاھات بېرىڭلار!»
بۇ ھېرماينىنىڭ تۇنجى قېتىم بىر مۇئەللىم سورىغان سوئالغا جاۋاپ تاپالماي قېلىشى ئىدى. ئۇ قاتۇرۇپ قويغان ھەيكەلدەك كەشىگە تىكىلىپ قاراپ ئولتۇراتتى.
«مېنىڭچە، مەن نېمە ئىش بولغانلىقىنى چۈشەنگەندەك قىلىمەن» دېدى پروفېسور مېك گوناگال. «بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالاھىدە ماھارەت كەتمەيدۇ. سىلەر دراكو مالفوينى ئەجدىھا ھەققىدە بەزىبىر سەپسەتىلەر بىلەن قىلتاققا چۈشۈرمەكچى بولۇشۇپسىلەر، ئۇنىڭ يېرىم كېچىدە ياتاقخانىنىڭ سىرتىدا تۇتۇلۇپ، بالاغا قېلىشى ئۈچۈن… ئۇنى ئاللىقاچان تۇتۇۋالدىم. مېنىڭچە ئىككىڭلار، يەنە لوڭبوتتوم ئەپەندىنىمۇ بۇ ھېكايىنى ئاڭلاپ ئىشىنىپ قالسا قىزىق بولىدۇ، دەپ ئويلىغان ئوخشىمامسىلەر؟»
خارى نەۋىلنىڭ كۆزىگە قاراپ، ئۈنسىز ھالدا ئەھۋالنىڭ بۇنداق ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇندى. چۈنكى نەۋىل قاتتىق چۆچۈپ كەتكەندەك، ھەم كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بولغاندەك قىلاتتى. بىچارە، بىخەستە نەۋىل، خارى بۇ قاراڭغۇدا ئۆزلىرىنى ئىزدەپ ئاگاھلاندۇرماقچى بولۇشنىڭ نەۋىلگە نىسبەتەن قانچىلىك قىيىنغا توختايدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايتتى.
«مېنى سەسكەندۈرۈۋەتتىڭلار» دېدى پروفېسور مېك گوناگال. «بىر كېچىدە تۆت ئوقۇغۇچى لاغايلاپ يۈرگەن! ھازىرغىچە بۇنداق بىر ئىشنى ئاڭلاپمۇ باقمىغانمەن! سىزچۇ، گرېنجىر خانىم، سىزنى ئاقىلانە ئىش كۆرىدۇ، دەپ ئويلاپ يۈرەتتىم. سىزگە كەلسەك پوتېر ئەپەندى، گرىفىندورنى بۇنىڭدىن بەكرەك قەدىرلەمسىزكىن، دەپ ئويلايتتىم. ئۈچىلەڭلار جازالىنىسىلەر. شۇنداق، سىزمۇ شۇنداق لوڭبوتتوم ئەپەندى، ھېچقانداق نەرسە يېرىم كېچىدە مەكتەپتە لاغايلاپ يۈرۈشۈڭلارنى يوللۇق كۆرسىتەلمەيدۇ، بولۇپمۇ مۇشۇ كۈنلەردە، بۇ شۇنداق خەتەرلىك … يەنە تېخى گرىففىندوردىن ئەللىك نومۇر تارتىلىدۇ.»
«ئەللىك!» دەۋەتتى چۆچۈپ كەتكەن خارى، بۇ ئۇلارنىڭ بىرىنچىلىكنى قولدىن بېرىشىگە سەۋەپچى بولىدۇ، ئۇ ئاخىرقى كۇئىددىچ مۇسابىقىسىدە قولغا كەلتۈرگەن بىرىنچىلىكنى.
«ھەربىرىڭلاردىن ئەللىك نومۇر» دېدى ئاچچىقىدا ھاسىراپ، ئۇزۇن ئۇچلۇق بۇرنىمۇ تىترەپ كېتىۋاتقان پروفېسور مېك گوناگال.
«پروفېسور… ئۆتۈنۈپ قالايلى… »
«بۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ… »
«ماڭا نېمە قىلىش- قىلماسلىقىمنى ئۆگىتىمەن دېمە، پوتېر. ئەمدى بېرىپ ئۇخلاڭلار، ئۈچىلەڭلار. گرىففىندور ئوقۇغۇچىلىرىدىن بۇنچىۋالا ئۈمىتسىزلىنىپ باقمىغان ئىدىم.»
بىر يۈز ئەللىك نومۇر غايىپ بولغان؛ گرىففىندور ئاخىرقى رەتكە چۈشۈپ قالغان؛ بىر كېچىدىلا ئۇلار گرىففىندورنىڭ بىنا لوڭقىسى ئېلىش ئارزۇسىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرغان ئىدى. خارى يېلى چىقىپ كەتكەن توپتەك بوشاپ كەتكەنىدى. ئۇلار قانداقسىگە بۇ ھالغا چۈشۈپ قالدى؟
خارى، كېچىچە ئۇخلىيالمىدى. نەۋىلنىڭ ياستۇقىغا يۈزىنى يوشۇرۇۋالسىمۇ، بوغۇق ئاۋازدا ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان ئۆكسۈپ- ئۆكسۈپ يىغلاشلىرى خارىغا خۇددى نەچچە سائەت داۋاملاشقاندەك تۇيۇلدى. خارى ئۇنىڭغا قانداق تەسەللى بېرىشنىمۇ بىلمەي قالغان ئىدى. ئۇ نەۋىلنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاشلا تاڭ ئاتىدىغان چاغنى ئويلاپ ۋەھىمىگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى بىلەتتى. باشقا گرىففىندورلار ئۇلارنىڭ تېرىغان چاتىقىنى بايقىغاندا نېمە ئىشلار يۈز بېرەر؟
ئەڭ باشتا، گرىففىندورنىڭ نومۇر ھېسابىنى تۇتىدىغان گىگانت قۇم سائىتىنىڭ يېنىدىن ئۆتكەنلەر بىرەر ئۇقۇشماسلىق بولغان ئوخشايدۇ، دەپ قېلىشتى. بىر كېچىدىلا قانداقسىگە تۇيۇقسىز بىر يۈز ئەللىك نومۇر كەملەپ قالىدۇ؟ ئارقىدىنلا ھېكايە ھەممىگە پۇر كەتتى: خارى پوتېر، مەشھۇر خارى پوتېر، ئۇلارنىڭ ئىككى قېتىملىق كۇئىددىچ مۇسابىقە مەيدانىدىكى قەھرىمانى، مۇشۇ نومۇرنىڭ ھەممىسنىڭ تارتىلىشىغا سەۋەپچى بولغان كىشى، ئۇ ۋە يەنە بىر نەچچە ئەخمەق بىرىنچى سىنىپ شۇمتەكلىرى.
خارى، مەكتەپتىكى ئەڭ داڭلىق ۋە ھەممىنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن شەخستىن، بىراقلا ھەممەيلەن ئەڭ نەپرەتلىنىدىغان شەخىسكە ئايلىنىپ قالدى. ھەتتا ھافېلپاففلار ۋە رەيۋېنكىلوۋلارمۇ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن ئىدى. چۈنكى ھەممىسى سلىيتېرىننىڭ بىنا لوڭقىسىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ يۈرگىلى خېلى ئۇزۇن بولغان ئىدى. خارى بارغانلا يەردە بالىلار ئۇنى كۆرسىتىپ، ھەتتا پىچىرلاپ ئاۋارە بولماستىن، ئۇنى ئوچۇقتىن- ئوچۇق تىللايتتى. سلىيتېرىنلەرگە كەلسەك، خارى ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، ھەمىشە چاۋاك چېلىپ، ئىسقىرتىپ تەنتەنە قىلىشاتتى ۋە «رەھمەت پوتېر، ساڭا قەرزدار بولدۇق!» دېيىشەتتى.
پەقەتلا رون ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمىگەن ئىدى.
«ئۇلار نەچچە ھەپتىگىچە ئۇنتۇپ كېتىدۇ. فرەد بىلەن جورج بۇ يەرگە كەلگەندىن بۇيان، بىر مۇنچە نومۇرنىڭ تارتىلىشىغا سەۋەپچى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ، ئەمما كۆپچىلىك تېخىچە ئۇلارغا ئامراق.»
«ئەمما ئۇلار ھازىرغىچە بىرلا قېتىمدا بىر يۈز ئەللىك نومۇر كەتكۈزۈپ قويمىغاندۇ، شۇنداققۇ؟» دېدى خارى بىچارىلەرچە.
«ئۇغۇ شۇ ئەمدى…» دەپ قوبۇل قىلدى رون.
خاتالىقىنى تۈزىتىشكە كېچىككەن بولسىمۇ، خارى ھازىردىن باشلاپ ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز يوقىلاڭ ئىشلارغا ئارىلاشماسلىققا قەسەم ئىچتى. ھەممىسى ئۇ يەر- بۇ يەردە ئوغرىلىقچە تىمسىقلاپ يۈرگەنلىكىدىن تاپقان بالا ئىدى. ئۇ ئۆزىدىن شۇنداق خىجىل بولۇپ كېتىۋاتاتتىكى، ۋۇدنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇ خالىسا كوماندىدىن ئايرىلىشقىمۇ رازى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
«ئايرىلىش؟» دەپ ھۆركىرىدى ۋۇد، «بۇنىڭ كىمگە نېمە پايدىسى؟ ئەگەر كۇئىددىچ مۇسابىقىسىدە يەڭمىسەك، يوقىتىپ قويغان نومۇرلىرىمىزنىڭ بىر قىسمىنى بولسىمۇ قانداق قايتۇرۇۋالالايمىز؟»
ئەمما كۇئىددىچنىڭمۇ ئانچە قىزىقى قالمىغانىدى، باشقا كوماندا ئەزالىرى مەشىق جەريانىدا خارىغا گەپمۇ قىلمايتتى، ئەگەر ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىش بولۇپ قالسا، ئۇنى «ئىزدەنگۈچى» دەپ چاقىراتتى.
ھېرماينى بىلەن نەۋىلمۇ قىيىن كۈنگە قالغان ئىدى. ئۇلار خارىدەك داڭلىق بولمىغاچقا، كۈنى ئۇنىڭكىدەك تەس ئەمەس ئىدى، بىراق ئۇلارغىمۇ ھېچكىم گەپ قىلمايتتى. ھېرماينى سىنىپتا ھەممىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىشتىن توختاپ، جايىدا جىم ئولتۇرۇپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئۈن- تىنسىز ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولىدىغان بولۇپ قالغانىدى.
خارى، ئىمتىھانلارنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىدىن مەمنۇن ئىدى. پۈتۈن ئەس- يادى بىلەن دەرس تەكرارلاش ئۇنىڭ خىياللىرىنى باشقا نەرسىلەرگە بۇراپ، ئۆزىنىڭ «بىچارە» ھالىتىنى ئويلىماسلىققا سەۋەپ بولاتتى. ئۇ، رون ۋە ھېرماينى پۈتۈن دىققىتىنى يىغىپ، كېچىچە ئولتۇرۇپ، مۇرەككەپ سېھىرلىك سۇيۇقلۇقلارنىڭ خۇرۇچلىرىنى ئېسىدە تۇتۇش، تىلسىم ۋە ئەپسۇنلارنى يادلاش، سېھىرلىك كەشپىياتلارنىڭ ۋە جىنپاپا ئىسيانلىرىنىڭ تارىخلىرىنى ئېسىدە ساقلاش… دېگەندەك ئىشلارغا كىرىشىپلا كەتكەن ئىدى.
ئىمتىھانلاردىن بىر ھەپتە بۇرۇنقى بىر كۈنى، خارىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ھېچنەرسىگە ئارىلاشماسلىق ئۈچۈن ئۆز ئۆزىگە بەرگەن ۋەدىسى كۈتۈلمىگەن بىر نۆۋەتلىك قاتتىق سىناققا دۇچ كەلدى. بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇ، كۈتۈپخانىدىن ئۆزى يالغۇز قايتىپ كېلىۋاتقاندا، ئالدىدىكى بىر سىنىپنىڭ ئىچىدىن بىر كىمنىڭ بوش ئاۋازدا نېمىلەرنىدۇر دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدى. ئۇ يېقىنراق بېرىۋېدى، كۇئېررىلنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
«ياق… ياق… يەنە قىلماڭ، ئۆتۈنەي…»
خۇددى بىر كىملەر ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىۋاتقاندەكلا قىلاتتى. خارى يېقىنراق باردى.
«ماقۇل… ماقۇل…»
ئارقىدىنلا كۇئىررىل سەللىسىنى ئوڭشىغاچ، سىنىپتىن ئالدىراپ چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ چىرايلىرى تاتىرىپ كەتكەن، يىغلىۋېتەيلا دەپ قالغانىدى. ئۇ چوڭ- چوڭ قەدەم تاشلاپ بىردەمدە كۆزدىن غايىپ بولدى. خارى كۇئىررىلنىڭ ھەتتا ئۆزىنى كۆرگەن- كۆرمىگەنلىكىدىنمۇ گۇمانلىنىپ قالدى. ئۇ كۇئىررىلنىڭ قەدەم تىۋىشلىرى بېسىققۇچە ساقلىدى، ئارقىدىن سىنىپقا كىرىپ باقتى. سىنىپتا ھېچكىم يوق ئىدى، ئەمما يەنە بىر ئۇچىدىكى ئىشىك قىيا ئوچۇق تۇراتتى. خارى ئۆز- ئۆزىگە يوقىلاڭ ئىشقا ئارىلاشماسلىق ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىسىنى ئېسىگە ئالغۇچە، ئىشىككە بارىدىغان يولنىڭ يېرىمىغا كېلىپ بولغان ئىدى.
ئىشقىلىپ، ئۇ ئون ئىككى تال پەلسەپە تېشىغا تىكىشەتتىكى، سنەيپ ھازىرلا بۇ يەردىن چىقىپ كەتكەن ۋە خارىنىڭ بايا ئاڭلىغانلىرىغا قارىغاندا، ئۇ خۇشاللىقىدىن سەكرەپ- تاقلاپ كېتىپ قالغاندەك، كۇئىررىل ئاخىرى چىدىماي مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىۋەتكەندەك قىلاتتى.
خارى كۈتۈپخانىغا قايتىپ كىردى، ھېرماينى ئۇ يەردە روندىن ئاسترونومىيە دەرسىدىن سىناق ئېلىۋاتاتتى. خارى ئۇلارغا ئاڭلىغانلىرىنى ئېيتىپ بەردى.
«سنەيپ مەقسىدىگە يېتىپتۇ ئەمىسە!» دېدى رون. «ئەگەر كۇئېررىل ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قارا سېھىرگە قارشى تىلسىمىنى قانداق يېشىشنى دەۋەتكەن بولسا…»
«ئەمما يەنىلا فلاففىي بار» دېدى ھېرماينى.
«بەلكىم سنەيپ خاگرىددىن سورىمايلا، ئۇنى قانداق بۆسۈپ ئۆتۈشنى بىلىۋالغاندۇ» دېدى رون، ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن چۆرىدەپ تۇرغان مىڭلارچە كىتاپقا كۆز يۈگۈرتۈپ. «مېنىڭچە بۇ يەردە چوقۇم ئۈچ باشلىق گىگانت ئىتقا قانداق تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىدىغان بىر كىتاپ چوقۇم بار. ئۇنداقتا، ئەمدى قانداق قىلىدىغان بولدۇق خارى؟»
روننىڭ كۆزىدە ھېلىيتىنلا تەۋەككۈلچىلىك ئۇچقۇنلىرى چاقناشقا باشلىدى. بىراق ھېرماينى تېخى خارى بىر نەرسە دېيىشكە ئۈلگۈرمەستىن جاۋاپ بېرىۋەتتى.
«دامبېلدورنىڭ يېنىغا بارىمىز. بىزنىڭچۇ، بۇرۇنلا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز دەل مۇشۇ ئىدى. ئەگەر ئۆز بېشىمچىلىق قىلىمىز دېسەك، بۇ قېتىم قوغلانغىنىمىز شۇ.»
«ئەمما بىزدە ئىسپات يوق تۇرسا!» دېدى خارى. «كۇئىررىل بىزنى قوللاشقا پېتىنالمىغۇچىلىك قورقۇپ كەتتى. سنەيپ ئەرۋاھلار بايرىمىدا تاغ ئالۋاستىسىنىڭ قانداق قىلىپ كىرىۋالغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئۈچىنچى قەۋەتكە يېقىن يولىمىغانلىقىنى ئېيتسىلا كۇپايە، سىلەرچە ئۇلار كىمگە ئىشىنەر؟ بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن خۇشىمىز يوقلۇقىنى مەخپىيەتلىك دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، دامبېلدور بىزنى ئۇنى ئىشتىن بوشاتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلىشىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن. فىلچ، ھاياتى مۇشۇ ئىشقا باغلىق، دېگەن تەقدىردىمۇ بىزگە ياردەم قىلماسلىقى ئېنىق، چۈنكى ئۇ سنەيپ بىلەن ئالاھىدە يېقىن ئۆتىدۇ. ھەم تىكىشىمەنكى، ئۇنىڭچە بولغاندا قانچە جىق ئوقۇغۇچى قوغلانسا شۇنچە ياخشى. يەنە، ئۇنتۇپ قالمىغانسىلەر، بىزنىڭ ھەم فلاففىينى ھەم پەلسەپە تېشىنى بىلمەسلىكىمىز كېرەك ئىدى. خېلى كۆپ نەرسىنى ئاشكارىلاشقا توغرا كېلىدۇ.»
ھېرماينى قايىل بولغاندەك قىلاتتى ئەمما رون ئۇنداق ئەمەس.
«ئەگەر ئانچە مۇنچە تىڭ- تىڭلاپ باقساقلا … »
«ياق» دەپ كېسىپ ئېيتتى خارى، «بىز ھېلىمۇ ئارتۇقچە تىڭ- تىڭلاپ يۈردۇق.»
ئۇ يۇپىتېرنىڭ خەرىتىلىرىدىن بىرنى ئالدىغا تارتتى ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرىنىڭ ئىسىملىرىنى ئۆگىنىشكە كىرىشىپ كەتتى.
ئەتىسى ئەتىگىنى، ناشتىلىقتا خارى، رون ۋە ھېرماينىغا بىردىن باغاقچە تاپشۇرۇلدى. ھەممىسى ئوخشاش ئىدى.
سىلەرگە بېرىلگەن جازا، بۈگۈن كەچ سائەت ئون بىردە ئورۇندىلىدۇ. فىلچ ئەپەندى بىلەن كىرىش زالىدا ئۇچرىشىڭلار.
پروفېسور مېك گوناگال
خارى ئۇلار تارتقۇزۇپ قويغان نومۇرلار سەۋەپلىك غەزەپ ۋە نارازىلىق تۈپەيلى، ئۇلارغا يەنە تېخى ئايرىم جازا بېرىلگەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئىچ- ئىچىدىن ھېرماينىنىڭ تەكرار ئۈچۈن بىر كېچىنىڭ يوققا چىققانلىقى تۈپەيلى نارازى بولۇشىنى كۈتكەن بولسىمۇ، ئۇ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. خارىغا ئوخشاشلا ئۇمۇ بۇنىڭ ئۇلارغا ھەق ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىپ بولغان ئىدى.
سائەت ئون بىردە ئۇلار ئاممىۋى زالدا قالغان رون بىلەن خوشلاشتى ۋە نەۋىل بىلەن بىللە كىرىش زالىغا كىردى. فىلچ ئاللىقاچان كېلىپ بولغان ئىدى، مالفويمۇ ھەم شۇنداق. خارى، مالفويغىمۇ جازا بېرىلگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالايلا دېگەن ئىدى.
«ئارقامدىن مېڭىش» دېدى قولىدا بىر پانۇس كۆتۈرۈۋالغان ۋە ئۇلارنى تالاغا باشلاپ ماڭغان فىلچ. «مېنىڭچە، ئەمدى مەكتەپنىڭ بىرەر قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىشتىن بۇرۇن ئىككى قېتىم ئويلىشىسەنغۇ دەيمەن، شۇنداقمۇ- ھە؟» دەپ داۋاملاشتۇردى ئۇ، ئۇلارغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا سەت ئالىيىپ قويۇپ. «پاھ… شۇنداق… ئېغىر ئەمگەك ۋە قاتتىق ئاغرىق مېنىڭچە بولغاندا ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى… ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى جازا قائىدىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش… سەنلەرنى نەچچە كۈن بېغىشىڭلاردىن تورۇسقا ئېسىپ قويۇشتەك جازالارنى دەيمەن… ئىشقىلىپ زەنجىرلەر تېخىچە ئىشخانامدا بار، ئۇلارنى ئوبدان مايلاپ، پارقىرىتىپ، ئاسراۋاتىمەن. نېمە بولار، نېمە ئەمەس… ھامان بىر كۈنى چوقۇم لازىم بولۇپ قالىدۇ… شۇنداق، مېڭىشە، يەنە، قېچىشنى ئويلاپمۇ قويۇشما، ئۇنداق قىلىشىدىغان بولۇشساڭ، ھالىڭلار ھازىرقىدىنمۇ بەتتەر بولىدۇ.»
ئۇلار قاراڭغۇ مەيداننى كېسىپ ئۆتتى. نەۋىل پات- پات بۇرنىنى تارتىپ قويۇۋاتاتتى. خارى ئۇلارنىڭ جازاسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشكە ئالدىرايتتى. ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولسا كېرەك، بولمىسا فىلچنىڭ ئاۋازىدىن بۇنداق شادلىق چىقىپ تۇرامتى؟…
ئاي ئاسماندا يورۇق نۇر چېچىپ تۇراتتى، ئەمما بۇلۇتلار پات- پاتلا ئاينى توسۇۋېلىپ، ئۇلارنى قاراڭغۇدا قوياتتى. خارى، ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى خاگرىدنىڭ كەپىسىنىڭ دېرىزىلىرىنىڭ يورۇق تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئارقىدىنلا ئۇلار يىراقتىن بىركىمنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى.
«بۇ سەنمۇ فىلچ! چاققان بولە، چاققانراق باشلىمىسام بوممايدۇ!»
خارىنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى. ئەگەر ئۇلار خاگرىد بىلەن ئىشلەيدىغان ئىش بولسا، بۇ ئانچە يامان ئىش ئەمەسكەن. ئۇنىڭ يېنىكلەپ قالغانلىقى چىرايىغا چىققان بولسا كېرەك. چۈنكى فىلچ «قارىغاندا ئاۋۇ گومۇش بىلەن ۋاقتىم مەنىلىك ئۆتىدۇ، دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشىمامسەن- ھە؟ ھە… ئەمما يەنە بىر قېتىم ئويلىشىپ باق، شۇمتەك… سىلەر بارىدىغان يەر ئورمانلىقنىڭ ئىچى ۋە ئەگەر ئۇ يەردىن ھەممىڭلار پۈتۈن چىقالىساڭلار، مەن ئىنتايىن خاتالاشقان بولۇپ قالىمەن.»
بۇ يەرگە كەلگەندە نەۋىل ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئىڭىرىۋەتتى، مالفوي بولسا تۇرغان جايىدا قېتىپ تۇرۇپ قالدى.
«ئورمانلىققا؟» دەپ تەكرارلىدى مالفوي، ئادەتتىكى ئېغىر ۋە سوغۇق ئاۋازىغا ئوخشىمايدىغان بىر خىل ئاۋازدا «بىز ئۇ يەرگە كېچىدە بارساق بولمايدۇ، ئۇ يەردە خىلمۇ- خىل ئاجايىپ مەخلۇقاتلار بار… ھەتتا بۆرە ئادەملەر بارمىش، دەپ ئاڭلىغانتىم.»
نەۋىل، خارىنىڭ يەكتىكىنىڭ يېڭىنى چىڭ قاماللىدى ۋە تۇنجۇقۇپ قېلىۋاتقاندەك بىر خىل ئاۋازلارنى چىقاردى.
«بۇنى سىلەر بۇرۇنلا ئويلىشىڭلار كېرەك ئىدى، شۇنداقتۇ؟» دېدى فىلچ، ئۇنىڭ ئاۋازى ھاياجاندىن تىترەپ كېتىۋاتاتتى. «بۆرە ئادەملەرنى بالا تېرىشتىن بۇرۇن ئويلىشىشڭلار كېرەكتىغۇ دەيمەن، شۇنداق ئەمەسمۇ؟»
خاگرىد قاراڭغۇدا ئۇلارنىڭ يېنىغا چوڭ- چوڭ قەدەم تاشلاپ يېتىپ كەلدى. فەڭ، پۇتىغا سۈركىلىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى.
«ۋاقىت ئۆتۈپ كېتەي دېدى» دېدى ئۇ. «بىر يېرىم سائەتنىڭىزى ساقلاۋاتىمەن. خارى، ھېرماينى قانداقراق؟»
«ئورنۇڭدا بولسام ئۇنچە دوستانە بولۇپ كەتمەيتتىم، خاگرىد» دېدى فىلچ سوغۇق ئاۋازدا. «ئۇلار بۇ يەرگە جازالىنىش ئۈچۈن كەلدى.»
«شۇڭا كېچىكتىم دېگىن،» دېدى خاگرىد قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، فىلچقا چەكچىيىپ «دەرس ئۆتۈشكە پۇرسەت تاپتىم، دەپ تازا ئەزۋەيلىگەن ئوخشىمامسەن؟ ساڭا دېسەم سېنىڭ ۋەزىپەڭ بۇ ئەمەس. سېنىڭ ۋەزىپەڭ تۈگىدى، بۇندىن كېيىنكىسىگە مەن مەسئۇل.»
«سەھەردە قايتىپ كېلىمەن» دېدى فىلچ. «ئۇلاردىن ئاشقانلارنى قايتۇرۇپ كەتكىلى» دەپ قوشۇپ قويدى ئۇ زەھەرخەندىلىك بىلەن… ئاندىن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، قاراڭغۇدا قولىدا پىلدىرلاپ تۇرغان پانۇسىنى كۆتۈرۈپ قەلئەگە قاراپ كېتىپ قالدى.
مالفوي ھازىر خاگرىدقا بۇرۇلغان ئىدى.
«مەن ئورمانلىققا كىرمەيمەن» دېدى ئۇ، خارى ئۇنىڭ ئاۋازىدىكى قورقۇنچنى سېزىپ قېلىپ، ئىچ- ئىچىدىن خۇشاللىق ھېس قىلدى.
«بوپتۇ، خوگۋارتستا تۇرغۇڭ يوقكەندە،» دېدى خاگرىد قوپاللىق بىلەن «چاتاقنى ئۆزۈڭ تېرىدىڭ، بەدەل تۆلىشىڭ كېرەك.»
«ئەمما بۇ خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەس. مەن تېخى نەچچە قۇر جۈملە يازامدىمىزكىن، ياكى شۇنداقراق بىر نەرسە قىلارمىزمىكىن، دەپتىكەنمەن. ئەگەر دادام مېنىڭ بۇنداق بىر ئىشنى قىلىپ يۈرگىنىمنى بىلگەن بولسا، چوقۇم…»
«ساڭا خوگۋارتستا ئىشلارنىڭ مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولاتتى» دەپ ھۆركىرىدى خاگرىد. «خەت يېزىشمىش! بۇنىڭ كىمگە نېمە پايدىسى؟ يا بىر نېمىگە ئەرزىگۈدەك ئىش قىلىسەن، ياكى كۈدە- كۆرپەڭنى يىغىشتۇرىسەن. ئەگەر داداڭنى مەكتەپتىن قوغلانساڭ بەكرەك خۇش بولىدۇ، دەپ ئويلىغان بولساڭ قەلئەگە قايتىپ نەرسە- كېرەكلىرىڭنى يىغىشتۇرۇشقا باشلا، بوممامسەن؟»
مالفوي مىدىر- سىدىر قىلمىدى. ئۇ خاگرىدقا غەزەپ بىلەن ئالىيىپ قويسىمۇ، ئارقىدىنلا يەرگە قارىۋالدى.
«ئۇنداق بوسا مەيلى» دېدى خاگرىد. «ئەمدى، ئوبدان قۇلاق سېلىڭلا، چۈنكى بۈگۈن كەچتە قىلىدىغان ئىشىمىز خەتەرلىك ۋە ھېچكىمنىڭ تەۋەككۈلچىلىك قىلىمەن، دەپ يۈرۈشىنى خالىمايمەن. قېنى ئاۋال بۇياققا كېلىڭلا…»
خاگرىد بالىلارنى ئورمانلىقنىڭ يېنىغا باشلاپ كەلدى. پانۇسىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۇلارغا قويۇق دەرەخلەرنىڭ ئارىسىغا كىرىپ كېتىدىغان قاراڭغۇ، يەنە بىر ئۇچىنى كۆرگىلى بولمىغۇدەك ئەگرى- توقاي ۋە تار بىر چىغىر يولنى كۆرسەتتى. ئۇلار ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراۋاتقاندا، مەيىن شامال ئۇلارنىڭ چاچلىرىنى سىيپاپ ئۆتتى.
«ئاۋۇ يەگە قاراڭلا» دېدى خاگرىد،«يەدىكى پاقىراق نەسىنى كۆدۈڭلامۇ؟ كۈمۈش رەڭ نەسىنى؟ ئۇ تاق مۈڭگۈزلۈك ئات قېنى. بۇ يەردە ئۇنى ئېغىر يارىلاندۇرغان بىر نەسە با. بىر ھەپتىدە ئىككىنچى قېتىم شۇنداق بولدى. ئۆتكەن چارشەنبە ئۆلۈك بىرىنى تېپىۋالغانتىم. بىچارە جانىۋارنى ئىزدەپ تاپمىساق بوممايدۇ. بەلكىم ئۇنى داۋالاپ ئازابىنى يېنىكلىتىش، قولىمىزدىن كەپ قالا…»
«ئۇنداقتا، ئەگەر ئۇنى يارىلاندۇرغان نەرسە… بىز ئۇنى تاپالماستىن بىزنى تېپىۋالسىچۇ؟» دېدى مالفوي، ئاۋازىدىكى قورقۇنچنى يوشۇرالماستىن.
«ئورمانلىقتا مەن ياكى فەڭ بىلەن بولساڭلا، ھېچنەرسىدىن قورقۇشۇڭنىڭ ھاجىتى يوق» دېدى خاگرىد. «يەنە، چىغىر يولدىن ئايرىلماڭلا. بولدى، ئەمدى، بىز ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلىمىز ۋە چىغىر يولنىڭ ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىنى بويلاپ ماڭىمىز. ھەممىلا يەردە قان باكەن، ئۇ بۇ يەرلەردە دەلدەڭشىپ ئايلىنىپ يۈرگىلى ئاز دېگەندە بىر كېچە بوپتۇ.»
«مەن فەڭ بىلەن ماڭىمەن» دېدى مالفوي تېزلا، فەڭنىڭ ئۇزۇن، ئۆتكۈر چىشلىرىغا قاراپ.
«بوپتۇ، ئەمما ساڭا دەپ قوياي، ئۇ بىر توخۇ يۈرەك» دېدى خاگرىد. «ئۇنداقتا مەن، خارى ۋە ھېرماينى بىر تەرەپكە ماڭىمىز؛ دراكو، نەۋىل ۋە فەڭ يەنە بىر تەرەپكە. ئەمدى، بىرەرسىمىز تاق مۈڭگۈزلۈك ئاتنى تاپساق، يېشىل ئۇچقۇن چىقىرىمىز، ماقۇلما؟ تايىقىڭلارنى ئېلىپ مەشىق قىلىپ بېقىڭلا، ھە مانا مۇشۇنداق. ئەگەر بىرەسىڭلاغا بىرە ئىش بولسا قىزىل ئۇچقۇن چىقىرىڭلار، بىز كېلىپ سىلەنى تاپىمىز. ئۇنداق بولسا، دىققەت قىلىڭلا، قېنى ماڭايلى.»
ئورمانلىق قاراڭغۇ ھەم تىمتاس ئىدى. بىردەم ماڭغاندىن كېيىن، ئۇلار بىر ئاچالغا دۇچ كېلىۋېدى، خارى، ھېرماينى ۋە خاگرىد سول تەرەپكە، مالفوي، نەۋىل ۋە فەڭ ئوڭ تەرەپكە بۇرۇلۇپ يولغا راۋان بولدى.
ئۇلار ئۈن- تىنسىز، كۆزلىرىنى يەردىن ئۈزمەي ماڭدى. پات- پات دەرەخ شاخلىرىنىڭ ئارىسىدىن چۈشۈپ تۇرىدىغان ئاي نۇرى، يەردىكى يوپۇرماقلارنىڭ ئۈستىگە چاچراپ كەتكەن كۆكۈچ كۈمۈش رەڭ قاننى يورۇتۇپ تۇراتتى.
خارى، خاگرىدنىڭ تۇيۇقسىز جىددىيلىشىپ قالغانلىقىنى بايقاپ قالدى.
«تاق مۈڭگۈزلۈك ئاتلارنى بىر بۆرە ئادەم ئۆلتۈرۈۋاتقانمىدۇ؟» دەپ سورىدى خارى.
«ئۇ، ئۇلانى تۇتۇۋالالىغۇدەك چاققان ئەمەس» دېدى خاگرىد. «تاق مۈڭگۈزلۈك ئاتنى تۇتۇش ئاسان ئىش ئەمەس، ئۇلار قۇدرەتلىك سېھىرلىك مەخلۇقاتلار. بۇرۇن بىرەرسىنىڭ يارىلىنىپ باققانلىقىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغانتىم.»
ئۇلار مۇخ باسقان بىر دەرەخ كۆتىكىنىڭ يېنىدىن ئۆتتى. خارى ئېقىۋاتقان سۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدى، يېقىن ئەتراپتا بىرەر ئېرىق باردەك قىلاتتى. ئەگرى- توقاي يولنىڭ ئۇ يەر بۇ يېرىدە تېخىچە تاق مۈڭگۈزلۈك ئاتنىڭ قېنى بار ئىدى.
«قانداقراق تۇرىسەن ھېرماينى؟» دەپ شىۋىرلىدى خاگرىد. «ئەنسىرىمە، ئەگەر بۇنچىۋالا ئېغىر يارىسى بولسا ئانچە يىراققا كېتەلمەيدۇ، بىزمۇ ئۇنى ئوڭايلا تۇتۇۋالالايمىز. ئاۋۇ دەرەخنىڭ كەينىگە ئۆتۈڭلار!»
خاگرىد، خارى بىلەن ھېرماينىنى قاماللاپ، ئۇلارنى يول بويىدىكى ئېگىز دۇپ دەرىخىنىڭ كەينىگە ئىتتىردى. بىر تال ئوقنى سۇغۇرۇپ ئالدى ۋە كرېست شەكىللىك ئوقياسىغا سېلىپ،ئالدى تەرەپنى نىشانلاپ كۆتۈردى. ئۈچىلىسى قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇپ ساقلاشتى. يېقىن ئەتراپتا بىر نېمىلەرنىڭ قۇرۇق يوپۇرماقلارغا سۈرۈلۈۋاتقاندەك شىلدىرلىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى؛ ئاڭلىماققا يەرگە سۆرىلىپ قالغان توننىڭ پېشىدەك قىلاتتى. خاگرىد كۆزىنى قىسىپ چىغىر يولغا قاراپ تۇردى، ئەمما بىر نەچچە سىكۇنتتىن كېيىن ئاۋاز يوقاپ كەتتى.
«بىلەتتىم» دەپ غودۇڭشىدى ئۇ، «بۇ يەدە بومماسلىققا تېگىشلىك بىر نېمە با…»
«بۆرە ئادەم؟» دەپ سورىدى خارى.
«ئۇ بۆرە ئادەم ئەمەستى، شۇنداقلا تاق مۈڭگۈزلۈك ئاتمۇ ئەمەستى» دېدى خاگرىد قايغۇلۇق تەلەپپۇزدا، «بولدىلا، ئارقامدىن كېلىڭلا، ئەمما دىققەت قىلىڭلا، مانا…»
ئۇلار، پەس ئاۋازلارنىمۇ ئاڭلاش ئۈچۈن قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇپ تېخىمۇ ئاۋايلاپ ماڭدى. تۇيۇقسىزلا ئالدىدىكى بىر پارچە ئوچۇقچىلىقتا بىر نەرسىنىڭ ھەرىكەت قىلغانلىقى ئېنىقلا كۆرۈندى.
«ئۇ يەردىكى كىم؟» دەپ ۋارقىرىدى خاگرىد. «ئۆزۈڭنى كۆسەت، مەندە قورال با!»
ئاندىن دەرەخلەرنىڭ ئارىسىدىن بىر… بۇ بىر ئادەم بولغىيمىدى ياكى ئاتمۇ؟ بېلىگىچە، چاچ- ساقاللىرى قىزىل رەڭلىك بىر ئادەم، ئەمما بېلىنىڭ ئاستى جىگەر رەڭ، قىزغۇچ قۇيرۇقلۇق بىر ئاتنىڭ پارقىراپ تۇرىدىغان بەدىنى. خارى بىلەن ھېرماينى ھەيرانلىقىدا ئاغزىنى يوغان ئېچىپ تۇرۇپلا قالدى.
«ھە، سەنكەنسەندە رونان» دېدى يېنىكلەپ قالغان خاگرىد، «قانداقراق تۇردۇڭ؟»
ئۇ بىرنەچچە قەدەم ئالدىغا ماڭدى ۋە ئات ئادەم بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.
«كەچقۇرۇنۇڭلار خەيرلىك بولسۇن، خاگرىد» دېدى رونان پەس ھەم مەيۈس ئاھاڭدا «مېنى ئاتماقچى بولۇپ تۇرغانمۇ؟»
«ئەتراپلىق ئويلانغۇدەك ۋاقتىم يوقتى، رونان» دېدى خاگرىد، كرېست ئوقياسىنى سىلاپ قويۇپ، «مۇشۇ ئورمانلىقتا قەبىھ بىر نېمىلەر ئايلىنىپ يۈرۈيدۇ. ھە راست، بۇ خارى پوتېر ۋە ھېرماينى گرېنجىر. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار. ھە بالىلار، بۇ بولسا رونان، ئۇ بىر ئات ئادەم…»
«قارىماققىلا بىلىنىپ تۇرىدىكەن» دېدى ھېرماينى ئاستاغىنە.
«كەچقۇرۇنۇڭلار خەيرلىك بولسۇن» دېدى رونان. «ئوقۇغۇچىلار، شۇنداقمۇ؟ مەكتەپتە جىق نەرسە ئۆگىنەمسىلەر؟»
«ھىم… »
«ئانچە- مۇنچە» دېدى ھېرماينى تارتىنىپ تۇرۇپ.
«ئانچە- مۇنچە… بوپتۇ، بۇمۇ يوقتىن ياخشى» دەپ ئۇلۇغ- كىچىك تىندى رونان. ئۇ بېشىنى ئارقىغا تاشلاپ بىر ھازا ئاسمانغا قارىدى. «بۈگۈن كەچ مارس يوپيورۇقكەن.»
«ھە… ھە» دېدى خاگرىدمۇ ئاسمانغا قاراپ. «ئاڭلا، سەن بىلەن ئۇچرىشىپ قالغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇش بولدۇم، رونان، چۈنكى يارىلانغان بىر تاق مۈڭگۈزلۈك ئات بار، بىرەر نەرسە ئۇچراتتىڭمۇ؟»
رونان دەرھال جاۋاپ بەرمىدى. ئۇ كۆزىنى چىمچىقلىتىپمۇ قويماستىن ئاسمانغا قاراۋاتاتتى، ئارقىدىن قايتا ئۇلۇغ- كىچىك تىندى.
«دائىم تۇنجى قۇربان بولىدىغانلار بىگۇناھلار» دېدى ئۇ. «نەچچە يۈز يىل بۇرۇنمۇ شۇنداقتى، ھازىرمۇ شۇنداق…»
«ھە… ھە» دېدى خاگرىد. «ئەمما، بىرەر نەرسە ئۇچراتتىڭمۇ، رونان؟ ئادەتتىن تاشقىرى بىرەر نەرسە؟»
«بۈگۈن كەچ مارس يوپيورۇقكەن.» دېدى رونان قايتا، خاگرىد ئۇنىڭغا تاقەتسىزلەنگەن ھالدا قاراپ تۇراتتى. «ئادەتتىن تاشقىرى يورۇق…»
«شۇنداق، ئەمما مەن ئۆيگە سەل يېقىنراق يەردىكى ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى دەيمىنا» دېدى خاگرىد «ئۇنداقتا سەن غەلىتە بىرە نەرسە بايقىماپسەن – دە، شۇنداما؟»
يەنە ئوخشاشلا، جاۋاپ قايتۇرۇشتىن بۇرۇن رونان بىر ھازا تۇرۇپ كەتتى. ئاخىرى ئۇ، «ئورمانلىققا كۆپ سىرلار يوشۇرۇنغان» دېدى.
روناننىڭ ئارقىسىدىكى دەرەخلەرنىڭ شىلدىرلىشى تۈپەيلى خاگرىد كرېست ئوقياسىنى قايتا كۆتۈردى، ئەمما بۇ كەلگىنى پەقەت يەنە بىر ئات ئادەم ئىدى. چاچلىرى ۋە تېرىسى قارا، روناندىن بەكرەك ياۋايى كۆرۈنىدىغان بىر ئات ئادەم.
«ئوھۇي، بەين» دېدى خاگرىد، «ئەھۋالىڭ قانداراق؟»
«كەچقۇرۇنۇڭ خەيرلىك بولسۇن خاگرىد، خېلى ئوبدان تۇرغانسەن؟»
«قەدىر- ئەھۋال… قارا، ھازىرلا روناندىن سوراپ تۇرۇشۇم، يېقىننىڭىزى بۇ ئەتراپتا غەلىتە بىرە نەرسە ئۇچراتتىڭمۇ؟ شۇ، يارىلانغان بىر تاق مۈڭگۈزلۈك ئات باكەنتۇق، بىرە نەرسە بىلەمدىكىن دەپ سورىشىم…»
بەين، روناننىڭ يېنىغا بېرىپ تۇردى. ئاسمانغا قارىدى.
«مارس بۈگۈن يوپيورۇقكەن» دېدى ئۇ تومتاقلا.
«ئاڭلىدۇق» دېدى خاگرىد چېچىلىپ تۇرۇپ «بوپتۇلا، ئۇنداقتا ئىككىڭلادىن بىرى بىرە نەرسە كۆرۈپ قالىدىغان بوساڭلا، ماڭا خەۋەر قىپ قوياسىلە جۇمۇ؟ بىز ماڭدۇق ئەمىسە.»
خارى بىلەن ھېرماينى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، تاكى قويۇق دەرەخلەر ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇۋالغۇچە، پات- پات بېشىنى كەينىگە بۇراپ رونان بىلەن بەينگە قارىغىنىچە ئوچۇقچىلىقتىن چىقىپ، قويۇق ئورمانلىقنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى.
«ھېچ» دېدى ئوغىسى قايناپ تۇرغان خاگرىد، «بۇ ئات ئادەملەدىن ئەدەمگە ئوخشاش جاۋاپ ئالغىلى بوممايدۇ زادى. ئالجىپ قالغان يۇلتۇز مەستانىلىرى. ئايدىن يېقىنراق ھېچنەسە يوق خىيالىدا…»
«بۇ يەردە ئۇلار كۆپمۇ؟» دەپ سورىدى ھېرماينى.
«شۇ، ئانچە كۆپ دەپ كەتكىلىمۇ بوممايدۇ… ئاساسەن ئۆزىدىن باشقىلارغا ئارىلاشماي ياشايدۇ، ئەمما بىر ئىككى ئېغىز پاراڭلىشىپ قويايلى، دېسەم پەيدا بوپ قالىدۇ. ئات ئادەملەر، شۇنداق دانىشمەن ۋە چوڭقۇر پىكىرلىك… ئۇلاغا ئاجايىپ نەسىلەر ئايان… پەقەت شۇ، بەك دەپ بەمەيدۇ.»
«سېنىڭچە بىز بايا ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىمىز بىر ئات ئادەممىدۇ؟» دەپ سورىدى خارى.
«ئۇ ساڭا تۇياقنىڭ ئاۋازىدەك ئاڭلانغانما؟ ياقەي، مېنىڭچە ئۇ تاق مۈڭگۈزلۈك ئاتلارنى ئۆلتۈرۈۋاتقان نەسە ئىدى، بۇرۇن ئۇنداق بىر ئاۋاز ئاڭلاپ باقمىغانتىم»
ئۇلار قويۇق، قاراڭغۇ ئورماننىڭ ئىچىدە مېڭىشنى داۋاملاشتۇردى. خارى پات- پات بېشىنى بۇراپ كەينىگە قاراپ قوياتتى. ئۇنى، خۇددى بىرى ئۇلارنى كۈزىتىۋاتقاندەك بىر خىل ۋەھىمىلىك تۇيغۇ چىرمىۋالغان ئىدى. ئۇ، يېنىدا خاگرىد ۋە ئۇنىڭ كرېست ئوقياسى بولغانلىقىدىن خۇرسەن ئىدى. ھېرماينى تۇيۇقسىز خاگرىدنىڭ قولىغا چاپلىشىۋالغاندا، ئۇلار ھازىرلا چىغىر يولدىكى بىر ئەگمەچتىن ئۆتكەن ئىدى.
«خاگرىد! قارا! قىزىل ئۇچقۇنلار، ئۇلار ئاۋارىچىلىققا يولۇقۇپتۇ!»
«ئىككىڭلا مۇشۇ يەردە جىم تۇرۇپ تۇرۇڭلا!» دەپ ۋارقىرىدى خاگرىد. «يولدىن چىققۇچى بومماڭلا،مەن ھازىرلا قايتىپ كېلىمەن!»
ئۇلار ئۇنىڭ چاتقاللىقلارنىڭ ئارىسىدىن شاخلارنى قاراسلىتىپ كېتىپ قالغانلىقىنى ئاڭلىدى. ئاندىن بىر- بىرىگە قارىشىپ شۇ يەردە مىدىر- سىدىر قىلماي تۇرۇشتى. ئۇلار شۇنداق قورقۇپ كېتىۋاتاتتى. ئورمانلىقتا تۇرۇپلا ئاڭلىنىپ قالىدىغان يېقىن ئەتراپتىكى يوپۇرماقلارنىڭ شىلدىرلىشىدىن باشقا ئاۋاز يوق، تىمتاس ئىدى.
«سېنىڭچە ئۇلار يارىلانغانمىدۇ؟ ئۇنداق ئەمەستۇ- ھە؟» دەپ پىچىرلىدى ھېرماينى.
«مالفوي بولسا كارىم يوق، ئەمما نەۋىلگە بىر ئىش بولسا… باشقىسىنى دېمەيلا قويايلى، ئۇنىڭ بۇ يەردە بولۇپ قېلىشىمۇ پۈتۈنلەي بىزنىڭ سەۋەنلىكىمىز تۇرسا…»
ۋاقىت يىپ بىلەن تارتقاندەك ئاستا ئۆتۈۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ قۇلىقى ئادەتتىكىگە قارىغاندا خېلىلا سەزگۈرلىشىپ قالغاندەك ئىدى. خارى گاھ يېنىك شامالنىڭ ئۇھ تارتقىنىنى، گاھ ئۇششاق شاخلارنىڭ چاراسلىغىنىنى ئاڭلىغاندەك قىلاتتى. نېمە ئىشلار بولۇپ كەتكەندۇ؟ باشقىلار قەيەردىدۇ؟
ئاخىرى قاتتىق كاراسلىغان ئاۋازلار خاگرىدنىڭ قايتقانلىقىدىن بېشارەت بەردى. مالفوي، نەۋىل ۋە فەڭمۇ ئۇنىڭ يېنىدا ئىدى. ئېيتقانلىرىغا قارىغاندا، مالفوي نەۋىلنىڭ كەينىدىن تىمسىقلاپ كېلىپ چاقچاق قىلىمەن، دەپ ئۇنى كەينىدىن كاپپىدە تۇتۇۋاپتىمىش. نەۋىل بولسا چۆچۈپ كېتىپ، قىزىل ئۇچقۇنلارنى چىقىرىپتىمىش.
«ئىككىڭ قىلىشقان بۇ ئوپۇر- توپۇردىن كېيىن، ئەمدى تەلىيىمىز ئوڭدىن كەممىسە بىر نەرسە تۇتاممايمىز. بوپتۇ، گۇرۇپپىلارنى ئۆزگەرتىمىز، نەۋىل، مەن ۋە ھېرماينى بىلەن بىللە ماڭ. خارى، سەن فەڭ ۋە ماۋۇ كالۋا بىلەن بىللە ماڭ، كەچۈرگىن…» دەپ قوشۇپ قويدى ئۇ خارى ئاڭلىغۇدەك ئاۋازدا پىچىرلاپ «ئەمما ئۇ سېنى قورقۇتىمەن دېسە خېلى ئاۋارە بولۇشىغا توغرا كېلىدۇ، يەنە تېخى، بىز بۇ ئىشنى پۈتتۈرمىسەك بوممايدۇ.»
شۇڭا خارى، ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ، مالفوي ۋە فەڭ بىلەن يول ئالدى. ئۇلار يېرىم سائەتتەك ماڭدى. ئورمانلىققا بارغانسېرى ئىچكىرلەپ، تېخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرىشتى… تاكى دەرەخلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن يولدا مېڭىش بىر مۈشكۈلاتقا ئايلانغۇچە… خارى، قاننىڭمۇ بارغانسېرى كۆپەيگەنلىكىنى بايقاپ قالدى. بىر دەرەخنىڭ يىلتىزىغا چاچراپ كەتكەن قان داغلىرى خېلى كۆپ ئىدى. قارىماققا، بىچارە جانىۋار دەل مۇشۇ يەردە جان ئاغرىقىدا تېپىرلاپ كەتكەندەك قىلاتتى. خارى، ئالدىدىكى غايەت زور بىر دۇپ دەرىخىنىڭ ئىرماش- چىرماش بولۇپ كەتكەن شاخلىرىنىڭ ئارقىسىدا كىچىك بىر ئوچۇقچىلىقنى بايقاپ قالدى.
«قارا» دەپ پىچىرلىدى ئۇ، مالفوينى توختىتىش ئۈچۈن قولىنى سۇنۇپ.
يەردە قاشتېشىدەك سۈزۈك بىر نەرسە پىلىلداپ ياتاتتى. ئۇلار ئۇنىڭغا ئاستا يېقىنلاشتى.
بۇ ھەقىقەتەن بىر تاق مۈڭگۈزلۈك ئات بولسىمۇ، بىراق ئاللىقاچان ئۆلگەن ئىدى. خارى ئۆمرىدە بۇنداق گۈزەل ۋە بۇنداق ئېچىنىشلىق بىر مەنزىرە كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۇزۇن، زىلۋا پاچاقلىرى يىقىلغان يېرىدە قايرىلىپ غەلىتىلا تۇرۇپ قالغان، يەلكىسىدىكى ئۇزۇن چاچلىرى قاپقارا يوپۇرماقلارنىڭ ئۈستىدە بەئەينى ئۈنچە مەرۋايىتلاردەك ئاپئاق چېچىلىپ ياتقان ئىدى.
خارى ئۇنىڭغا قاراپ يەنە بىر قەدەم مېڭىۋىدى، بىر نەرسىنىڭ يېنىك شىلدىرلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى ۋە تۇرغان جايىدا قېتىپلا قالدى. ئوچۇقچىلىققا يېقىن يەردىكى بىر چاتقاللىق مىدىرلىدى… ئارقىدىن، چاتقاللىقنىڭ ئارىسىدىن يوپۇق يېپىنىۋالغان بىر قارا كۆلەڭگە چىقىپ، ئىز قوغلاۋاتقان يىرتقۇچ ھايۋانلاردەك ئۆمىلەپ كەلدى. خارى، مالفوي ۋە فەڭ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالغان ئىدى. يېپىنچىلىق كۆلەڭگە، تاق مۈڭگۈزلۈك ئاتنىڭ يېنىغا يېتىپ باردى، بېشىنى جانىۋارنىڭ يان تەرىپىدىكى يارىغا ئېگىپ، قېنىنى ئىچكىلى تۇردى.
«ئاااا… … !!!»
قورقۇپ كەتكەن مالفوي قاتتىق چىرقىرىدى ۋە بەدەر تىكىۋەتتى. فەڭمۇ ھەم شۇنداق قىلدى. يېپىنچىلىق كۆلەڭگە بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇدۇل خارىغا قارىدى؛ تاق مۈڭگۈزلۈك ئاتنىڭ قېنى مەيدىسىگە تامچىلاپ تۇراتتى. ئۇ، ئورنىدىن تۇرۇپ خارىغا قاراپ ئۇچقاندەك ماڭدى! خارى بولسا قورققىنىدىن مىدىر- سىدىر قىلالماي قالدى.
دەل شۇ چاغدا خارىنىڭ بېشىغا قاتتىق بىر ئاغرىق كىرىپ كەتتى… ئۇ، بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇنداق بىر ئاغرىقنى ھېس قىلىپ باقمىغان ئىدى! كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ كەينىگە دەلدەڭشىپ كەتتى. ئارقىسىدىن تۇياق ئاۋازى ئاڭلانغاندەك قىلدى ۋە بىر نەرسە چېپىپ كەلگىنىچە، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، ئۆزىنى يېپىنچىلىق كۆلەڭگىگە ئاتتى.
خارىنىڭ بېشىدىكى ئاغرىق شۇنداق چىدىغۇسىز ئىدىكى، ئۇ ھەتتا ئۆرە تۇرالماي، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدى. ئاغرىقنىڭ توختىشىغا بىر ياكى ئىككى مىنۇتتەك ۋاقىت كەتتى. ئۇ بېشىنى كۆتۈرگىنىدە، كۆلەڭگە كېتىپ قالغان ئىدى. قېشىدا بىر ئات ئادەم بولۇپ،ئۇ رونان ياكى بەين ئەمەس ئىدى. ئۇ قارىماققا تېخىمۇ ياشتەك قىلاتتى؛ ئۇنىڭ ئاققا مايىل ساپسېرىق چاچلىرى بار بولۇپ، بەدىنىمۇ ئاپئاق ئىدى.
«ئەھۋالىڭ ياخشىدۇ؟» دېدى ئات ئادەم، خارىنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ.
«شۇنداق، رەھمەت سىزگە. ئۇ نېمە نەرسە ئىدى؟»
ئات ئادەم جاۋاپ بەرمىدى. ئۇنىڭ تىنىق كۆپكۆك كۆزلىرى بەئەينى بىر جۈپ ئوچۇق رەڭلىك كۆك ياقۇتقا ئوخشايتتى. ئۇ خارىغا سىنچىلاپ قارىدى، كۆزلىرى شۇ تاپتا ئېنىق كۆرۈنۈپ قالغان يارا ئىزىغا چۈشۈپ، بىر ھازا شۇ يەردە توختاپ قالدى.
«سەن پوتېرلارنىڭ بالىسىكەنسەن» دېدى ئۇ. «ئەڭ ياخشىسى ھازىرلا خاگرىدنىڭ يېنىغا قايت. ئورمانلىق بۇنداق ۋاقىتتا خەتەرلىك… بولۇپمۇ سەن ئۈچۈن. مىنەلەمسەن؟ بۇنداق قىلغاندا تېزرەك بولىدۇ.»
«مېنىڭ ئىسمىم فىرېنزې» دەپ قوشۇپ قويدى ئۇ، خارىنىڭ دۈمبىسىگە ئاسانراق يامىشىشى ئۈچۈن ئالدى پۇتىنى ئېگىۋاتقاندا.
شۇ چاغدا ئوچۇقچىلىقنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىن تېخىمۇ كۆپ تۇياق ئاۋازى ئاڭلاندى. كۆكسىنى تولدۇرۇپ تېز- تېز نەپەس ئېلىۋاتقان ۋە قارا تەرگە چۆمگەن رونان بىلەن بەين دەرەخلەرنىڭ ئارىسىدىن ئېتىلىپ چىقتى.
«فرېنزې!» دەپ ھۆركىرىدى بەين. «سەن نېمە قىلىپ يۈرۈيسەن؟ دۈمبەڭدە بىر ئىنسان ئەۋلادىنى يۈدۈۋالغىنىڭ نېمىسى؟ ئار- نومۇسنى بىلمەمسەن؟ سەن ئادەتتىكى بىر قېچىرمۇ؟»
«بۇنىڭ كىملىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟» دېدى فرېنزې. «بۇ پوتېرلارنىڭ بالىسى، ئورمانلىقتىن قانچە تېز چىقىپ كەتسە شۇنچە ياخشى.»
«ئۇنىڭغا نېمىلەرنى سۆزلەپ يۈردۈڭ؟» دەپ ھۆركىرىدى بەين «ئېسىڭدە تۇت فرېنزې، بىز تەقدىرنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا قەسەم قىلىشقان. پلانېتلارنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن يۈز بەرمەكچى بولغان ئىشلارنى ئوقۇمىدىڭمۇ؟»
رونان جىددىيلەشكەن ھالدا تۇياقلىرى بىلەن يەرنى تاتلىدى.
«مېنىڭچە بولغاندا، فرېنزې چوقۇم قىلغان قارارىنىڭ ئەڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ» دېدى ئۇ پەس ۋە مەيۈس ئاۋازدا.
ئوغىسى قاينىغان بەين ئارقا پۇتلىرى بىلەن ھاۋانى تەپتى.
«ئەڭ توغرا؟ بىز بىلەن بۇنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى؟ ئات ئادەملەرنىڭ پەقەت ئالدىن بېشارەتلەر بىلەنلا مۇناسىۋىتى بار! ئورمانلىقتا يولدىن ئاداشقان ئىنسان ئەۋلادلىرىنىڭ كەينىدىن ئېشەكتەك چېپىپ يۈرۈش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئەمەس.»
فرېنزې ئاچچىقىدا تۇيۇقسىز ئارقا پۇتىنى كۆتۈرۈۋېدى، خارى يىقىلىپ چۈشمەسلىك ئۈچۈن ئۇنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇۋالدى.
«ئاۋۇ تاق مۈڭگۈزلۈك ئاتنى كۆرمەيۋاتامسەن؟» دەپ ۋارقىرىدى فرېنزې بەينگە: «نېمىشقا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى چۈشەنمەيۋاتامسەن؟ ياكى پلانېتلار بۇ سىرنى سەندىن يوشۇردىمۇ؟ مەن ئورمانلىقتا خۇپىيانە ئايلىنىپ يۈرگەن شۇ نەرسە بىلەن جەڭ قىلىشقا تەييار، ئەگەر ئىنسانلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشقا توغرا كەلسە، ئۇنىڭغىمۇ ھەم شۇنداق.»
ئارقىدىنلا فرېنزې كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئىمكانقەدەر چىڭ ئولتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان خارى بىلەن بىللە رونان ۋە بەيننى ئارقىدا قالدۇرۇپ، دەرەخلەرنىڭ ئارىسىغا شۇڭغۇپ كىرىپ كەتتى.
خارى نېمە ئىشلار بولۇپ كەتكەنلىكىنى چۈشەنمەيلا قالغان ئىدى.
«نېمىشقا بەين بۇنچىۋالا ئاچچىقلىنىدۇ؟» دەپ سورىدى ئۇ: «ئۇنداق بولسا، سىز مېنى قۇتقۇزۇۋالغان نەرسە زادى نېمە ئىدى؟»
فرېنزې قەدەملىرىنى ئاستىلاتتى. خارىغا بېشىنى سەل ئېگىپ، پاكار شاخلاردىن پەخەس بولۇشنى ئېيتتى، ئەمما ئۇنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بەرمىدى. ئۇلار دەرەخلەرنىڭ ئارىسىدا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشماي شۇنداق ئۇزۇن ماڭدىكى، خارى، فرېنزېنىڭ ئۇنىڭغا ئەمدى گەپ قىلغۇسى يوقتەك، ھېس قىلىپ قالدى. فرېنزې تۇيۇقسىز توختىغاندا، ئۇلار ئادەتتىن تاشقىرى قويۇق بىر توپ دەرەخلەرنىڭ ئارىسىدا مېڭىۋاتقان ئىدى.
«خارى پوتېر، تاق مۈڭگۈزلۈك ئات قېنىنى نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟»
«ياق» دېدى بۇ غەلىتە سوئالدىن ھەيران بولغان خارى، «بىز سېھىرلىك سۇيۇقلۇق ياسايدىغان چاغدا، تاق مۈڭگۈزلۈك ئاتنىڭ پەقەت مۈڭگۈزى ۋە قۇيرۇق تۈكىنى ئىشلىتىپ باقتۇق.»
«بۇنىڭ سەۋەبى، بۇ بىر ۋەھشىيلىك، بىر تاق مۈڭگۈزلۈك ئاتنى قەتلى قىلىش…» دېدى فرېنزې. «پەقەت قولدىن بېرىپ قويىدىغان ھېچنەرسىسى بولمىغان، ئەمما ھەممە نەرسىگە ئىگە بولۇش نىيىتى بولغان بىرىلا بۇنداق بىر جىنايەتنى سادىر قىلىدۇ. تاق مۈڭگۈزلۈك ئات قېنى سېنى ھايات ساقلايدۇ، ھەتتا ئۆلۈمگە قىل قالغان بولساڭمۇ… ئەمما بەدىلى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق. سەن ئۆز جېنىڭنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ساپ ھەم مۇداپىئەسىز بىر جانلىقنى قەتلى قىلغىنىڭدا، گەرچە بىر ھاياتلىققا ئىگە بولساڭمۇ بۇ بىر چالا ھايات، قاننى لەۋلىرىڭگە تەگكۈزگەن شۇ دەقىقىدىن باشلاپ قارغىش تەگكەن بىر ھايات.»
خارى، فرېنزېنىڭ ئاي نۇرىدا كۈمۈش رەڭ پارقىراپ تۇرغان بېشىنىڭ ئارقىسىغا قاراپ تۇرۇپ قالدى.
«ئەمما قانداق بىركىم بۇ خىل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغۇدەك چارىسىز قالىدۇ؟» دېدى ئۇ ئويلانغان ھالدا، «ئەگەر بىر ئۆمۈر قارغىشتا قالىدىغان ئىش بولسا، ئۆلۈم ياخشىراق ئەمەسمۇ؟»
«شۇنداق» دەپ تەستىقلىدى فرېنزې. «ئەگەر بىردىن- بىر ئارزۇيۇڭ يەنە باشقا بىر نەرسىنى ئىچكۈچە ھاياتلىقنى ساقلاپ قېلىش بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا… يەنى سېنى پۈتۈنلەي ساقايتىدىغان، پۈتۈن قابىلىيەت ۋە قۇدرىتىڭنى ساڭا قايتا تەقدىم قىلالايدىغان، شۇنداقلا سېنى مەڭگۈ ياشاش قۇربىتىگە ئېرىشتۈرىدىغان يەنە بىر نەرسىنى… پوتېر ئەپەندى، شۇ تاپتا، مەكتەپتە نېمىنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلىسەن، شۇنداقمۇ؟»
«پەلسەپە تېشى! ئەلۋەتتە – ئابىھايات سۇيۇقلۇقى! ئەمما بىلمىدىم، زادى كىم…»
«كۈچ- قۇۋۋىتىگە قايتا ئېرىشىش ئۈچۈن يىللاردىن بېرى كۈتۈپ ياتقان ھېچكىمنى ئېسىڭگە ئالالمىدىڭمۇ، ھاياتىغا بىر ئىلمەك بىلەنلا ئېسىلىپ قالغان، پۇرسەت كۈتۈپ ياتقان؟…»
كۆرۈنۈپ تۇرغان ھەقىقەت،خارىنىڭ يۈرىكىنى خۇددى ئامبۇردەك قىستى. دەرەخلەرنىڭ شىلدىرلاشلىرى ئارىسىدىن ئۇ، خاگرىد بىلەن تونۇشقان كېچىسى ئۇنىڭغا ئېيتقان سۆزلەرنى قايتىدىن ئاڭلىغاندەك بولۇۋاتاتتى: «رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئۆلۈپتىمىش. مېنىڭچە بۇ قۇرۇق گەپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئۆلگۈچىلىك بولسىمۇ ئىنساندىن ئەسەر قالمىغانمىكىن دەيمەن.»
«دېمەكچى بولغىنىڭ» دەپ شىۋىرلىدى خارى، «ئۇ، ۋول – »
«خارى…! خارى، سەن ساقمۇ؟»
ھېرماينى يولدا ئۇنىڭغا قاراپ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتاتتى، خاگرىد پۇشۇلدىغىنىچە ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىۋاتاتتى.
«مەن ساق» دېدى خارى، ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنىمۇ تۇيمىغۇدەك ھالەتتە: «تاق مۈڭگۈزلۈك ئات ئۆلۈپتۇ خاگرىد، ئاۋۇ تەرەپتە بىر ئوچۇقچىلىقتا ئىكەن.»
«سېنى قالدۇرۇپ قويىدىغان يەر مانا مۇشۇ» دېدى فرېنزې، «ئەمدى بىخەتەر بولدۇڭ.»
خارى ئۇنىڭ دۈمبىسىدىن سېيرىلىپ چۈشتى.
«ساڭا ئامەت تىلەيمەن، خارى پوتېر» دېدى فرېنزې. «پلانېتلاردىن، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ، خاتا مەنە چىقىرىلغان ئىشلار بولغان، ھەتتا ئات ئادەملەرمۇ خاتالىشىپ باققان. يەنە شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
ئۇ كەينىگە بۇرۇلدى، سۈر باسقان خارىنى شۇ يەردە قويۇپ، ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ چاپتى.
ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ساقلاۋاتقان رون، قاراڭغۇ ئاممىۋى زالدا ئۇخلاپ قالغان ئىدى. خارى ئۇنى سىلكىپ ئويغاتقاندا، كۇئىددىچ جازا توپلىرى ھەققىدە نېمىلەرنىدۇر دەپ توۋلىغىنىچە ئويغىنىپ كەتتى. ئەمما خارى بىلەن ھېرماينى ئورمانلىقتا يۈز بەرگەن ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىشكە باشلىغاندىن كېيىن، بىرنەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى.
خارى جايىدا جىم تۇرالماي قالغانىدى. ئۇ تام مەشنىڭ ئالدىدا ئۇياقتىن- بۇياققا ماڭاتتى. تېخىچە دىر- دىر تىترەيتتى.
«سنەيپ تاشنى ۋولدېمورتقا ئوغرىلاپ بەرمەكچى… ۋولدېمورت بولسا ئورمانلىقتا ساقلاۋاتىدۇ… بىز بولساق ھازىرغىچە سنەيپنى پەقەت باي بولۇش ئارزۇسى بولغاچقىلا تاشنى ئوغرىلىماقچى دەپ يۈرۈپتۇق…»
«بۇ ئىسىمنى ئېغىزغا ئالمىساڭچۇ!» دېدى چۆچۈپ كەتكەن رون پىچىرلاپ، خۇددى ۋولدېمورت ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قالىدۇ، دەپ ئويلىغاندەك…
خارى قۇلاق سالمىدى.
«فرېنزې مېنى قۇتقۇزۇپ قالدى، ئەمما ئۇنداق قىلماسلىقى كېرەك ئىدى… بەين ئىنتايىن غەزەپلىنىپ كەتتى… ئۇ، پلانىتلار يۈز بېرىدۇ، دېگەن ئىشلارغا كاشىلا قىلماسلىق ھەققىدە بىر نېمىلەرنى دەۋاتاتتى… ئۇلار چوقۇم ۋولدېمورتنىڭ قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى… بەينچە بولغاندا فرېنزې، ۋولدېمورتنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشىگە يول قويۇشى كېرەككەندۇق… قارىغاندا بۇمۇ يۇلتۇزلارغا يېزىلغان ئوخشايدۇ.»
«بۇ ئىسىمنى دەۋەرمىسەڭچۇ دەيمەن!» دەپ چېچىلدى رون.
«ئۇنداقتا، ئەمدى سنەيپنىڭ تاشنى ئوغرىلاپ كېتىشىنى كۈتسەملا بولىدىكەن– دە،» دەپ داۋاملاشتۇردى خارى ئاچچىقىدىن قىزىرىپ: «بۇنداق بولغاندا ۋولدېمورت كېلىپ مېنى ئۇجۇقتۇرالايدۇ… ھە، ئۇنداق بولغاندا، بەين خۇشال بولۇپ كېتەر، ھەقىچان…»
ھېرماينىنىڭ قورقۇپ كەتكەنلىكى چىرايىدىن چىقىپ تۇراتتى، ئەمما ئۇنىڭ تەسەللى بېرىدىغان گەپلىرى بار ئىدى.
«خارى، ھەممە ئادەم دامبېلدورنى، كىملىكىنى بىلىسەن سەن ھەممىدىن بەك قورقىدىغان ئادەم دېيىشىدۇ. دامبېلدور يېقىن ئەتراپتا بولسىلا، كىملىكىنى بىلىسەن سەن ساڭا چېقىلالمايدۇ. ئىشقىلىپ، ئات ئادەملەر ھەممىنى بىلىدۇ، دەپ كىم دەپتىكەن؟ ماڭا، ئاڭلىماققا پالچىلىقتەك تۇيۇلۇۋاتىدۇ. پروفېسسور مېك گوناگال بولسا پالچىلىقنى سېھىرنىڭ ئەڭ مەۋھۇم تارمىقى دېگەن ئىدى.»
ئۇلارنىڭ پارىڭىنىڭ ئاخىرى چىقماستا كۈن يورۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار ئاخىرى ئۇخلىغىلى ماڭغاندا، ماغدۇرسىز، گاللىرى قۇرۇپ كەتكەن ئىدى. ئەمما بۇ كېچىنىڭ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھادىسىلىرىنىڭ تېخى ئايىغى ئۈزۈلگىنى يوق.
خارى يوتقاننى ئاچقان ۋاقتىدا، چىرايلىق قاتلاپ قويۇلغان غايىپ پەرىجىسىنى تېپىۋالدى. ئۇنىڭغا بىر پارچە خەت قىستۇرۇلغان ئىدى.
ھەر ئېھتىمالغا قارشى…














