گەپ قىلىشقا بولمايدۇ (2)

گەپ قىلىشقا بولمايدۇ

ئاپتورى: ئاندرۇۋ كلېمىنتس

تەرجىمە قىلغۇچى: ماھىنۇر ئۇيغۇر

2- باب: گەندى

بىرەر ئىش يۈز بەرگەندە، ئۇ ئىشنىڭ ھەر ۋاقىتتا دىگۈدەك، ئاددى بىر چۈشەندۈرۈشى بولىدۇ. ئەمما تولۇق ھېكايە بۇ ئاددىي چۈشەنچىدىن ئىبارەت بولمايدۇ. بۇ ئاددىي ئىزاھات مانا مۇنداق: دەيۋگە بىر كىتاپتا ئوقۇغان نەرسە تەسىر قىلىپ كېتىپ، پۈتۈن بىر كۈن گەپ قىلماسلىققا قارار قىلغان.

كۆردۈڭلارغۇ؟ ناھايىتى ئاددىي ھەم چۈشىنىشلىك. ئەمما ھېكايە بۇنىڭدىن ئىبارەت ئەمەس. شۇڭا يەنە بىرئاز چۈشەنچە بېرەيلى.

دەيۋ، بىر ساۋاقدىشى بىلەن بىللە ھىندىستان ھەققىدە بىر دوكلات تەييارلايتتى – بەك تەپسىلىي ئەمەس، پەقەت بەزى ئاساسلىق مەلۇماتلار. بىر ئاز تارىخ، بىر ئاز باشقۇرۇلۇش شەكلى، بىر ئاز جۇغراپىيەسى ۋە سانائېتى، بىر ئاز ھىندۇ خەلقى ۋە ئۆرپ ئادەتلىرى ھەققىدە. كۆپ بولغاندىمۇ بەش مىنۇتلۇق.

دەيۋ بۇ دوكلاتنى ساۋاقدىشى لېينسىي بۇرگېس بىلەن تەييارلايتتى ئەمما ئىككىلىسى بۇ ئىشقا ئانچە خۇشال بولۇپ كەتمىگەن ئىدى – چۈنكى لەيكتون باشلانغۇچ مەكتىپىدە قىزلار ۋە ئوغۇللار ئارىسىدا مەسىلىلەر بار ئىدى. ئەمما تېخى بۇلارغىمۇ نۆۋەت كەلمىدى.

دەيۋ بىلەن لىينسېي دوكلاتنى تەڭ تاپشۇرىدىغان بولسىمۇ بىللە تەييارلىق قىلىشنى خالىمىغاچقا تېمىلارنى بۆلۈشىۋېلىپ ئايرىم – ئايرىم تەييارلىق قىلدى.

دەيۋ خېلى تىرىشچان بىر ئوقۇغۇچى ئىدى؛ ھىندىستان ھەققىدە ئىككى كىتاپ تېپىپ كۈتۈپخانىدىن ئارىيەتكە ئېلىپ تۇردى. ئىككىلىسىنى تولۇق ئوقۇمىدى – ئۇنچىۋالا بەك تىرىشچان ئەمەستى. ئەمما ئىككىلىسىدىن بەزى بۆلۈملەرنى ئوقۇدى.

دەيۋنىڭ پىكرىچە بولغاندا ھەر ئىككى كىتاپنىڭ ئەڭ قىززىقارلىق بۆلۈملىرى ھىندىستاننىڭ -ئامرىكىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر شەكىلدە- مۇستەقىللىكىگە ئېرىشىشى، ئەنگىليەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بىر دۆلەت بولۇشى سۆزلەنگەن بابلار ئىدى.

دەيۋ تېخى، ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا چۈشۈرۈش ھېكايىسىدىكى ئەڭ دىققەت قوزغايدىغان كىشى ماھاتما گەندى دەپ قارايتتى.

دەيۋ گەندىنىڭ ئىش ھەرىكەتلىرىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنتى. بۇ پاكار، ۋىجىك ئادەم ئۆزى يالغۇز دىگۈدەك ئىشلەپ برىتانىيە ئەسكەرلىرىنى ھىندىستاندىن قوغلاپ چىقارغان. ئەمما يا قورال ئىشلەتمىگەن يا قاتتىق قوللۇق قىلمىغان. ئۇ جەڭنى سۆز ۋە ئىدىيەلەر ئارقىلىق قىلغان. كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك بىر ھېكايە، ئۇنىڭ ئۈستىگە راست بولغان ئىش.كىتاپلاردىن بىرسىدە دەيۋ مۇنداق بىر بۆلۈم ئوقۇدى:

گەندى، ھەپتىدە بىر كۈن ھېچ گەپ قىلمايدىغان ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن ۋە بۇ ئادەتنى ئۇزۇن يىللار داۋاملاشتۇرغان. ئۇ بۇنى زېھنىنى تەرتىپكە سېلىشنىڭ ياخشى بىر ئۇسۇلى دەپ قارايتتى.

دەيۋ بۇ بۆلۈمنى پەيشەنبە چۈشتىن كىيىن ئوقۇغانتى، يەكشەنبە كۈنى دوكلاتنى تەييارلاۋاتقاندا يەنە بىر قېتىم ئوقۇدى. ئۇ ۋاقىتتا، بۇنىڭ -بىر كۈن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماسلىقنىڭ- قانداق بىر ھېسسىيات ئىكەنلىكىنى بىلىشكە قىززىقىپ قالدى. گەپ قىلماسلىق ئۆزىنىڭ خىياللىرىنىمۇ تەرتىپكە سالالايدىغان بولغىيمىتى!

ئەمىلىيەتتە دەيۋنىڭ قىززىققىنى «زېھنىنى تەرتىپلەشنىڭ» نېمە ئىكەنلىكىتى. گەپ قىلماسلىقتەك ئاددىي بىر ئىش ئىنسان زېھنىنىڭ ئىشلەش شەكلىنى ئۆزگەرتىۋېتەلەمتى؟ قارىماققا گەندىگە پايدىسى تەگكەندەك قىلاتتى. ئەمما نيېۋ جېرسېيلىك ئادەتتىكى بىر بالىغا قانداق تەسىرى بولار؟

گەپ قىلماسلىق ئۇنى… ئەقىللىقراق قىلىپ قويارمۇ؟ ئەڭ ئاخىرىدا كەسىرلەرنى چۈشىنەلەرمۇ؟ زېھنى تەرتىپلىكراق بولسا، بىر جۈملىدە قايسى سۆزنىڭ رەۋىش ئىكەنلىكىنى بىر قاراپلا بىلىۋالالارمۇ؟ تەنھەركەتتىچۇ؟ تەرتىپلىك بىر زېھنى بولسا كالتەك توپنى ياخشىراق ئوينىيالارمۇ؟

بۇلارنىڭ ھەممىسى قېيىن مەسىلىلەر ئىدى …

شۇنىڭ بىلەن دەيۋ ئاغزىنى پېچەتلەپ بىر سىناپ كۆرۈپ باقماقچى بولدى.

ئۇنداقتا، گەپ قىلماي تۇرۇۋېلىش ئۇنىڭغا تەس كەلدىمۇ؟ ئۇنداق بولمامدىغان، بولۇپمۇ بېشىدا -مەسىلەن دوستلىرى راكىتا كوماندىسىنىڭ چاقماق كوماندىسىغا نېمە ئۈچۈن يېڭىلىپ قالغانلىقىنى مۇنازىرە قىلىۋاتقان ئاپتوبۇس بېكىتىگە كەلگەن ۋاقىتتا. ئەمما باش لىڭشىتىپ كۈلۈمسىرەش، قاپىقىنى تۈرۈپ مۆرە سىلكىش، باشبارمىقىنى كۆتۈرۈش يا بولمىسا پەقەتلا قولىنى يانچۇقىغا تىقىپ باشقا تەرەپكە قاراپ جىم تۇرۇۋېلىش دىگەندەك ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدىغانلىقىنى ئاسانلا بىلىۋالدى. نەتىجىدە دەيۋ مەكتەپكە بارىدىغان چاغقىچە گەپ قىلماي تۇرۇپمۇ باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىشنىڭ ئامالىنى قىلالىغانتى.

مانا مۇشۇنداق. نېمە ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىنى ئازراق بولسىمۇ چۈشەنگەندەك قىلامسىلەر؟ ھازىرچە مۇشۇنچىلىك بىلسەك يېتىدۇ. ئەمما يەنە سۆزلەيدىغان جىق ئىش بار. دائىم سۆزلەيدىغان ناھايىتى جىق ئىش، چوقۇم، بار.

ئەمدى گەپنى يەنە، دۈشەنبە كۈنى سىنىپتا، ئىجتىمائىي پەنلەر دەرسىنى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي تاماملىغان دەيۋدىن داۋاملاشتۇرايلى. دەرىس سائىتى توشۇپ قوڭغۇراق جىرىڭلىغاندا، بەشىنچى سىنىپلارنىڭ تاماق يەيدىغان ۋاقتى بولغانتى.

ئاز دىگەندە يۈز يىگىرمە بەش ئوقۇغۇچى تاماق زالىغا قاراپ يۈگۈرگىلى تۇردى. ئۇ يەرگە بارغان ھامان ھەممىسى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي پاراڭلىشىشنى باشلىۋەتتى -بىر كىشىدىن باشقا ھەممە بالا.

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *