ئاپتورى: ج. ك. روۋلىڭ
تەرجىمە قىلغۇچىلار: ماھىنۇر، ھەبىبە، نەسلىخان ئۇيغۇر
7- باب: دانىشمەن شەپكە
ئىشىك دەرھال ئېچىلدى. بوسۇغىدا ئېگىز، قارا چاچلىق، ياقۇتتەك يېشىل تون كىيگەن بىر جادۇگەر تۇراتتى. ئۇنىڭ ئىنتىزامچانلىقى چىرايىدىنلا چىقىپ تۇراتتى، خارى ئايالغا بىر قاراپلا، بۇ ئايالنىڭ چىشىغا تېگىشكە قەتئىي بولمايدىكەن دېگەن خىيالغا كېلىپ قالدى.
«بىرىنچى سىنىپلار، پروفېسىور مېك گوناگال» دېدى خاگرىد.
«رەھمەت خاگرىد. بۇ يەردىن كېيىنكىسىگە مەن مەسئۇل بولاي»
ئۇ ئىشىكنى تېخىمۇ چوڭ ئاچتى. كىرىش زالى شۇنداق چوڭ ئىدىكى، دۆرسلېيلەرنىڭ ئۆيىمۇ بۇ يەرگە پۈتۈنلەي پېتىپ كېتەتتى. تاش تاملارنى گرىنگوتستىكىدەك مەشئەللەر يورۇتۇپ تۇراتتى، تورۇس ئادەمنىڭ كۆزى يەتمىگۈدەك دەرىجىدە ئېگىز ئىدى، ئۇلارنى ئۈستى قەۋەتكە باشلاپ چىقىدىغان مەرمەر پەلەمپەي بولسا، شۇنداق كۆركەم ئىدى.
ئۇلار مېك گوناگالنىڭ ئارقىسىدىن، بايراقلار ئېسىلغان تاش تامنى بويلاپ ماڭدى. خارى ئوڭ تەرەپتىكى ئىشىكنىڭ ئارقىسىدىن يۈزلەرچە ھەرە غوڭۇلداۋاتقاندەك ئاۋاز چىققانلىقىنى ئاڭلاپ تۇراتتى، بەلكىم مەكتەپتىكى باشقا ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلار شۇ يەردە بولۇشى مۇمكىن، ئەمما پروفېسسور مېك گوناگال ئۇلارنى زالنىڭ ئاخىرىدىكى كىچىك بىر ھۇجرىغا باشلاپ كىردى. بىرىنچى سىنىپلار، ئادەتتىكىگە قارىغاندا بىربىرسىگە يېقىنراق تۇردى ۋە ئەتراپىغا ئەندىشە بىلەن سەپسالدى.
«خوگۋارتسقا كەلگىنىڭلارنى قارشى ئالىمىز» دېدى پروففېسور مېك گوناگال. «ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ھازىرلا باشلىنىدۇ، ئەمما سىلەر، چوڭ زالغا ئورۇنلىشىشتىن بۇرۇن ئۆزۈڭلارنىڭ بىناسىغا تاللىنىسىلەر. بىنالارغا ئايرىش مۇراسىمى ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى بۇ يەردە تۇرغان ۋاقتىڭلاردا، سىلەر تۇرغان بىنا خوگۋارتستىكى ئائىلەڭلارغا ئوخشايدۇ. سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ بىناسى بىلەن دەرسلەرگە قاتنىشىسىلەر، ئۆزۈڭلارنىڭ بىناسىنىڭ ياتاقخانىسىدا ئۇخلايسىلەر ۋە بىكار ۋاقتىڭلارنى ئۆزۈڭلارنىڭ بىناسىنىڭ ئاممىۋىي زالىدا ئۆتكۈزىسىلەر.
تۆت بىنانىڭ ئىسمى گرىففىندور، ھاففېلپاف، رەيۋېنكېلوۋ ۋە سلىيتېرىن. ھەربىر ئۆينىڭ ئېسىل تارىخى بار، ھەربىر بىنادىن ئۇلۇغ سېھىرگەر ۋە جادۇگەرلەر چىققان. خوگۋارتستا تۇرغان ۋاقتىڭلاردا قىلغان ھەر بىر ياراملىق ئىشىڭلار ئۈچۈن بىنالىرىڭلارغا نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ، ھەم قائىدىگە زىت ھەر بىر ئىشىڭلار ئۈچۈن بىنالىرىڭلاردىن نومۇر تارتىلىدۇ. يىل ئاخىرىدا، ئەڭ كۆپ نومۇر ئالغان بىنا- بىنا لوڭقىسىنى ئالىدۇ، بۇ ئىنتايىن چوڭ بىر شەرەپ. قايسى بىناغا تاللىنىشىڭلاردىن قەتئىينەزەر ھەممىڭلارنىڭ ئۆز بىنالىرىڭلارغا قولۇڭلاردىن كېلىشىچە تۆھپە قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.»
«بىنالارغا ئايرىش مۇراسىمى بىرنەچچە مىنۇت ئىچىدە پۈتۈن مەكتەپنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. يەنە، ساقلىغاچ ئۈستى بېشىڭلارنى تۈزەشتۈرگەچ تۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.»
ئۇ توختاپ، نەۋىلنىڭ سول قۇلىقى تەرەپكە سۈرۈلۈپ مايماق بولۇپ قالغان تونىغا، روننىڭ داغ بار بۇرنىغا قاراپ قويدى. خارى جىددىيلىشىپ چېچىنى تۈزەشكە ئۇرۇندى.
«تەييارلىق پۈتكەندە، سىلەرنى چاقىرىش ئۈچۈن قايتىپ كېلىمەن» دېدى پروففېسور مېك گوناگال. «جىمجىت ساقلاپ تۇرۇڭلار»
ئۇ ھۇجرىدىن چىقىپ كەتتى. خارى سەل جىددىيلىشىپ قالدى.
«بىزنى بىنالىرىمىزغا قانداق تاللايدۇ؟» دەپ سورىدى ئۇ روندىن.
«بىر خىل… ئىمتىھاندەك بىر نەرسىغۇ دەيمەن. فرەد ئىنتايىن جېنىڭنى ئاغرىتىدىغان بىر نەرسە دېگەن، ئەمما چوقۇم چاقچاق قىلىپ قويدىغۇ دەيمەن.»
خارىنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ كەتتى. بىر ئىمتىھان؟ مەكتەپتىكى ھەممە ئادەمنىڭ ئالدىدا؟ ئەمما ئۇ تېخى ھېچقانداق سېھىر بىلمەيدۇ – ئۇ زادى، قانداقمۇ قىلار؟ ئۇلار كېلەر-كەلمەي بۇنداق بىر ئىش بولۇپ قالار دەپ ئويلاپمۇ باقمىغان دېسە… ئۇ ئەتراپىغا سەپسالدى ۋە ھەممە ئادەمنىڭ ئوخشاشلا جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ھېرماينى گرېنجىردىن باشقا ھېچكىم ئارتۇقچە گەپ قىلمايۋاتاتتى، ئۇ بولسا ئۇ ئۆگىنىپ بولغان پۈتۈن ئەپسۇنلارنى بىر باشتىن پەس ئاۋازدا تېز تېز سۆزلەپ ئېسىگە ئېلىۋاتاتتى ۋە قايسىلىرى لازىم بولۇپ قالار دەپ كاللا قاتۇرۇۋاتاتتى. خارى ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىماسلىققا قاتتىق تىرىشىپ باقتى. ئۇ ھېچقاچان مۇنچىۋالا ئالاقزادە بولۇپ باقمىغان، ھېچقاچان… ھەتتا دۆرسلېيلەرگە مەكتەپتىن، قانداق قىلدىكىن تاڭ، بىر مۇئەللىمىنىڭ يالغان چېچىنى كۆككە ئايلاندۇرۇۋەتكەنلىكى ھەققىدە خەت ئەكىلىشكە مەجبۇر بولغان ۋاقىتتىمۇ… ئۇ، كۆزلىرى ئىشىككە قادالغان ھالدا ساقلاپ ئولتۇردى. مېك گوناگالنىڭ كېلىپ ئۇنى تەقدىرىگە قاراپ ئېلىپ ماڭىدىغان ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالغان ئىدى.
ئارقىدىن شۇنداق بىر ئىش بولدىكى، خارى تۇرغان يېرىدىن ھاۋاغا يېرىم مېتىرچە سەكرەپ كەتتى، كەينىدە تۇرغان بىرنەچچە بالا چىرقىرىۋەتتى.
«بۇ نېمە؟! »
ئۇ ھاڭ-تاڭ بولۇپ، داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى. باشقا بالىلارمۇ شۇنداق. بۇ ھۇجرىغا تاملارنىڭ ئىچىدىن ئۆتۈپ يىگىرمىدەك ئەرۋاھ كىرگەنتى. ئۇلارنىڭ مارجاندەك ئاق ھەم سۈزۈك بەدەنلىرى… ئۇلار ئۆز ئارا پاراڭلىشىۋاتقاندا، بىرىنچى سىنىپلارغا قاراپمۇ قويماستىن ئۆينىڭ ئىچىدە پەرۋاز قىلىۋاتاتتى. بۇ ئەرۋاھلار، بىر مەسىلە ھەققىدە قاتتىق مۇنازىرىلىشىۋاتقاندەك قىلاتتى. سېمىز، موناخقا ئوخشايدىغان بىرسى «مېنىڭچە بولغاندا، ئۇنتۇپ كېتەيلى ۋە كەچۈرىۋېتەيلى، ئۇنڭغا ئىككىنچى قېتىم پۇرسەت…»
«قەدىرلىك موناخ، بىز پېۋسكە ئۇ ئېرىشىشكە تېگىشلىك پۈتۈن پۇرسەتلەرنى بېرىپ بولمىدۇقمۇ؟ ئۇ بولسا ھەممىمىزگە سەت لەقەملەرنى قويدى ھەم، سىزمۇ بىلىسىز، ئۇ ھەتتا بىر ئەرۋاھمۇ ھېساپلانمايدۇ – مەن دەيمەن، ھوي، سىلەر بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟»
تار ئىشتان ۋە بويۇن پەيلىرى كىيىۋالغان بىر ئەرۋاھ تۇيۇقسىز بىرىنچى سىنىپلارنى كۆرۈپ قالغانتى.
ھېچكىم جاۋاپ بەرمىدى.
«يېڭى ئوقۇغۇچىلار» دېدى سېمىز موناخ، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئايلىنىپ «تاللىنىش ئالدىدىكىلەرغۇ دەيمەن، شۇنداقمۇ؟»
بىرنەچچە ئادەم جىمجىتلا باش لىڭشىتتى.
«سىلەرنى ھاففېلپافتا كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن!» دېدى موناخ. «كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر، مېنىڭ بۇرۇنقى بىنارىم…»
«بىر تەرەپكە تۇرۇڭلار» دېدى كەسكىن بىر ئاۋاز، «بىنالارغا ئايرىش مۇراسىمى باشلىنىش ئالدىدا»
پروفېسور مېك گوناگال قايتىپ كەلگەن ئىدى. ئەرۋاھلار، بىردىن بىردىن ئۇدۇلدىكى تامنىڭ ئىچىدىن ئۆتۈپ چىقىپ كەتتى.
«ئەمدى، رەتلىك تىزىلىڭلار» دېدى پروففېسور مېك گوناگال بىرىنچى سىنىپلارغا «ۋە ماڭا ئەگىشىپ مېڭىڭلار.»
خارى، پۇتى خۇددى قوغۇشۇن تولدۇرۇلغاندەك ئېغىر ھېس قىلسىمۇ، قۇم رەڭ چاچلىق بىر بالىنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ رەتتە تۇردى، رون ئۇنىڭ كەينىدە تۇردى، ئۇلار ھۇجرىدىن چىقتى، زالنى قايتا كېسىپ ئۆتتى ۋە جۈپ قاناتلىق ئىشىكتىن چوڭ زالغا كىردى.
خارى دۇنيادا بۇنداق غەلىتە ھەم كۆركەم بىر يەرنىڭ بولۇپ قېلىشىنى ھەتتا چۈشىدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. چوڭ زالنى، باشقا ئوقۇغۇچىلار ئولتۇرغان تۆت ئۇزۇن ئۈستەلنىڭ ئۈستىدىكى ھاۋادا لەيلەپ تۇرغان مىڭلىغان شاملار يورۇتۇپ تۇراتتى. ئۈستەللەردە ئالتۇن لىگەن ۋە قەدەھلەر تىزىقلىق ئىدى. چوڭ زالنىڭ يەنە بىر ئۇچىدا مۇئەللىملەر ئولتۇرىدىغان بىر چوڭ ئۈستەل بار ئىدى. پروففېسور مېك گوناگال بىرىنچى سىنىپلارنى شۇ يەرگە باشلاپ باردى، يېڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بۇرۇنقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا تىزىلىپ تۇردى، مۇئەللىملەر بولسا ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇراتتى. پىلىلداپ تۇرغان شام يورۇقىدا ئۇلارغا تىكىلىپ تۇرغان يۈزلىگەن يۈزلەر خۇددى سولغۇن پانۇسلارغىلا ئوخشايتتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا، ئۇ يەر بۇ يەردە تۇرغان ئەرۋاھلار تۇتۇق كۈمۈش رەڭدە، غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. خارى ئۆزىگە قادالغان كۆزلەردىن خالىي بولۇش ئۈچۈن تورۇسقا قارىۋېدى، يۇلتۇزلار بىلەن تولغان قارا مەخمەلگە ئوخشايدىغان ئاسماننى كۆردى. ئۇ ھېرماينىنىڭ پىچىرلىغىنىنى ئاڭلىدى «ئۇ سىرتتىكى ئاسمانغا ئوخشاش كۆرۈنسۇن دەپ ئەپسۇنلانغان، خوگۋارتس-بىر تارىخ دېگەن كىتاپتىن ئوقۇغان ئىدىم»
ئۇ يەردە بىر تورۇسنىڭ بارلىقىغا ۋە چوڭ زالنىڭ ئۈستىنىڭ ئۇدۇل بېرىپ يەتتە قات ئاسماننىڭ ئۈستىدىكى جەننەتكە ئېچىلمايدىغانلىقىغا ئىشىنىش قىيىن ئىدى.
پروفېسور مېك گوناگال تۆت پۇتلۇق ئورۇندۇقتىن بىرنى بىرىنچى سىنىپلارنىڭ ئالدىغا قويغاندا خارى بېشىنى تېزلا تۆۋەنگە بۇرىدى. پروففېسور ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە ئۇچلۇق سېھىرگەر شەپكىسىدىن بىرنى قويۇپ قويدى. ھەممە يېرىگە ياماق سېلىنغان ۋە جۇل جۇل بولۇپ كەتكەن بۇ شەپكە يەنە تېخى شۇنداق قاسماق كۆرۈنەتتى. پەتۇنيا ھامما ئۆينىڭ بوسۇغىسىدىنمۇ ئەكىرگىلى قويمايدىغان تۈردىكى بىر نەرسە ئىدى.
بەلكىم بىزگە، بۇنىڭ ئىچىدىن توشقان چىقىرىشنى بۇيرۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلىدى خارى، ياكى بولمىسا شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىرەر ئىش… زالدىكى ھەممە ئادەمنىڭ كۆزى بۇ شەپكىگە قادالغانىدى، شۇنداقلا رون بىلەن خارىمۇ شۇنداق قىلدى. بىر ھازا زالدا ھېچقانداق ئاۋاز ياكى شەپە چىقمىدى. ئارقىدىن ئۇ شەپكە بىرنى سىلكىنىۋېدى، گىرۋىكىگە يېقىن بىر يەردە بىر يېرىق پەيدا بولۇپ خۇددى ئېغىزغا ئوخشاش ئېچىلدى ۋە شەپكە ناخشا ئېيتقىلى تۇردى:
«بەلكىم مېنى گۈزەل دەپ ئويلىمىغانسىز،
بىراق بىر قاراپلا ھۆكۈم قىلماسسىز؟
ئۆزۈمنى ئۆزۈم يەيمەن قەسەم ئىچەي،
ئەگەر مەندىن ئەقىللىق شەپكە تاپالىسىڭىز.
قاراڭلار ئۇ، يېپيېڭى قارا قالپاقلارنى،
ئاشۇ كاتتا، ئېگىز ئۇچلۇق شىلەپىلەرنى،
مەن بولسام دانىشمەن شەپكە، ھەممىنىڭ پىرى،
بىر ئۆزۈم بېسىپ چۈشىمەن ھەر بىرىنى!
يوشۇرۇنسىمۇ بېشىڭلارنىڭ چوڭقۇر قېتىدا،
دانىشمەن شەپكىگە ئايان ھەممىسى.
شۇڭا كىيىڭلار مېنى، مەن بايان قىلاي،
سىز كىم؟ نەگە بارىسىز؟ زادى ھەممىنى.
بەلكىم گرىفىندورغا كىرىپ قالارسىز،
جاسارىتى تا يۈرەككە ئورنىغان.
باتۇر، غەيرەتلىك، سېخىي، يۈرەكلىك،
شۇ بالىلار گرىففىندورغا تاللانغان!
بەلكىم ھاففېلپافتۇر سىزنىڭ ئورنىڭىز،
ھەم ئادىل ھەم ۋاپادار، دۇرۇست بولسىڭىز.
بىلسىڭىز، ئىشچانلىقتا كۆزگە كۆرۈنەر،
ھاففېلپافتا ھەمىمىز كۆپ سەۋىرچانمىز!
يا بولمىسا ئورنىڭىز، دانا رەيۋېنكلوۋدا،
زېرەك ھەم كاللىڭىز ئۆتكۈر بولسا.
ئۇ يەردە مۇھىمى ئەقىل پاراسەت،
ئۈمىدى، ھەمدەملىرىمۇ شۇنداق بولسا!
ياكى كىرىپ قالارسىز سلىيتېرىنگە،
ھەقىقى دوست دېگەن دەل ئاشۇ يەردە.
سۆزلىسەك بۇ قۇۋ خەلقنىڭ ئامالى تولا،
يەتمەك ئۈچۈن كۆزلىگەن، ھەر بىر نىشانغا!
شۇڭا كىيىڭلار مېنى، قورقۇپ كەتمەڭلار!
تىپىرلاپ، چۇرقىراپ قېچىپ يۈرمەڭلار.
قوللىرىم سىلەرنى قىلار ھىمايە، (قولۇم يوق گەرچە)
مانا مەن، جاھاندىكى، ئەڭ زېرەك شەپكە!»
شەپكىنىڭ ناخشىسى تۈگىگەندە چوڭ زالنى، ئالقىش سادالىرى بىر ئالدى. ئۇ تۆت ئۈستەلنىڭ ھەر بىرىگە ئايرىم-ئايرىم تەزىم بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن قايتىدىن جىمىپ قالدى.
«مۇشۇنچىلىكلا ئىشمىكەن؟ شەپكىنى كىيەمتۇق!» دەپ پىچىرلىدى رون خارىغا قاراپ. «خەپ قاراپ تۇر، فرەدنى تازا ئەدەپلەپ قويمىسام، ئۇ تاغ ئالۋاستىلىرى بىلەن چېلىشىشنىڭ گېپىنى قىلغانتى!»
خارى ئۆزىنى زورلاپ كۈلۈمسىرىدى. توغرا، بىر شەپكىنى كىيىپ بېقىش، ئەپسۇن قىلىشقا مەجبۇر بولۇشتىن كۆپ ياخشى. ئەمما ئۇ، ئۇ شەپكىنى ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا قاراپ تۇرمايدىغان بىر يەردە كىيىپ بېقىشنى ئارزۇ قىلاتتى. شەپكە قارىماققا خېلى يۇقىرى تەلەپ قويىدىغاندەك قىلاتتى؛ خارى بولسا شۇ تاپتا ئۆزىنى ئەقىللىق، ياكى باتۇر، ياكى ھەرقانداق بىر جەھەتتە ئالاھىدە ھېس قىلمايۋاتاتتى. ئەگەر شەپكە ئەنسىرەپ يۈرىكى ئاغزىغا كەپلىشىپ قالغان ئادەملەر ئۈچۈن بىر بىنا ئىسمى دېگەن بولسىدى، خارى چوقۇم شۇ بىناغا تاللانغان بولاتتى.
پروففېسور مېك گوناگال، بۇ قېتىم، قولىدا ئۇزۇن بىر پارچە تېرە قەغەزنى تۇتقان ھالدا، نەچچە قەدەم ئالدىغا چىقتى.
«ئىسمىڭلارنى چاقىرغان ۋاقتىمدا، بىنارىڭلارنىڭ تاللىنىشى ئۈچۈن، كېلىپ شەپكىنى كىيىڭلار ۋە مۇشۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇڭلار.» دېدى ئۇ. «ئاببوت، ھاننا»
سېرىق ئۆرۈمە چاچلىق، مەڭزىلىرى قىزىل بىر قىز بالا ئالدىغا چىقتى، كۆزىگىچە چۈشۈپ قالىدىغان شەپكىنى كىيىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇردى. بىر ھازا جىمجىتلىقتىن كېيىن:
«ھافېلپاف!» دەپ ۋارقىرىدى شەپكە.
ھاننا، ھافېلپاف ئۈستىلىگە قاراپ مېڭىۋاتقاندا، ئوڭ تەرەپتىكى ئۈستەل قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى ۋە تەنتەنە قىلىشتى. خارى، ئەرۋاھ بودەك موناخنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ قىزغىن ھالدا قول پۇلاڭلاتقانىقىنى كۆردى.
«بونېس، سۇزان!»
«ھاففېلپاف» دەپ ۋارقىرىدى شەپكە قايتا، ۋە سۇزان يۈگۈرۈپ بېرىپ ھاففېلپاف ئۈستىلىدە، ھاننانىڭ يېنىغا ئولتۇردى.
«بوت، تېررى»
«رەيۋېنكېلوۋ!»
بۇ قېتىم سولدىن سانىغاندا ئىككىنچى ئۈستەلدىكىلەر چاۋاك چالدى؛ بەزى رەيۋېنكېلوۋلار تېررى ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلگەندە ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.
«بروكىلھۇرست، ماندى» رەيۋېنكلوۋغا كەتكەن ئىككىنچى ئوقۇغۇچى بولدى، «بروۋن، لاۋېندىر» بولسا گرىففىندورغا تاللانغان تۇنجى ئوقۇغۇچى بولدى ۋە ئەڭ سولدىكى ئۈستەلدىن قىزغىن تەنتەنە ساداسى كۆتۈرۈلدى. خارى روننىڭ قوشكېزەك ئاكىلىرىنىڭ شوخلۇق بىلەن ئىسقىرتىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
«بۇلسترود، مىللىسېنت» سلىيتېرىنگە تاللاندى. بەلكىم سلىيتېرىن ھەققىدە ئاڭلىغان سۆز چۆچەكلەر سەۋەبلىك شۇنداق بولغاندۇ، ئىشقىلىپ خارىغا سلىيتېرىن ئۈستىلىدە ئولتۇرغانلار باشقىچە كۆرۈنۈپ قالغانتى.
ئۇ مانا ئەمدى، رەسمىي جىددىيلەشكىلى تۇردى. ئۇ، بۇرۇنقى مەكتىپىدىكى، تەنھەركەت كوماندىلىرىغا ئوقۇغۇچى تاللىنىدىغان ۋاقىتلارنى ئەسلەپ قالدى. خارى ئۇ ۋاقىتلاردا داۋاملىق ئەڭ ئاخىرىدا تاللىناتتى. ئەمما يارامسىز بولغانلىقتىن ئەمەس، ھېچكىمنىڭ دادلېينىڭ ئۇلار خارىنى ياقتۇرىدىكەن، دەپ قېلىشىنى خالىمىغانلىقىدىن.
«فىنچ-فلېچلىي، جاستىن!»
«ھاففېلپاف!»
خارى شەپكىنىڭ بەزىلەرگە كەلگەندە تېزلا قارار چىقارغانلىقىنى بەزىلىرىگە كەلگەندە بولسا ئۇزۇنراق ئويلىنىپ قالغانلىقىنى بايقاپ قالدى. مەسىلەن، خارىنىڭ يېنىدا تۇرغان، قوڭۇر چاچلىق «فىننىگان، سېمۇس» دىگەن بالا شەپكە ئۇنى گرىففىندور ئېلان قىلماستا ئۇ ئورۇندۇقتا بىر مىنۇتقا يېقىن ئولتۇرۇپ قالدى.
«گرېنجىر، ھېرماينى!»
ھېرماينى، ئورۇندۇقنىڭ يېنىغا ئۇچقاندەك بېرىپ شەپكىنى بېشىغا ھەۋەس بىلەن كىيدى.
«گرىففىندور!» دەپ ۋارقىرىدى شەپكە. رون ئېغىر خورسىنىپ قويدى.
خارىنىڭ كاللىسىغا تۇيۇقسىز ئىنتايىن ۋەھىمىلىك بىر خىيال كەلدى، ھېلىقى سىز بەك ئەنسىرەپ كەتكەن ۋاقتىڭىزدا ئېسىڭىزغا كېلىدىغان بەزى بىر قورقۇنۇچلۇق خىياللار بولىدۇغۇ، دەل شۇنداق. ئەگەر ھېچقانداق بىنا ئۇنى قوبۇل قىلماي قالسا قانداق بولار؟ ئەگەر ئۇ كۆزىگە چۈشۈپ قالغان شۇ شەپكىنى كىيىپ يىللار بويى شۇ يەردە ئولتۇرسا، تاكى پروفېسور مېك گوناگال ئۇنى بېشىدىن ئېلىۋېتىپ بىر ئۇقۇشماسلىق بولۇپ قالغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ پويىزغا قايتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتسا، ئۇ زادى قانداقمۇ قىلار؟
توختىماي پاقىسىنى يىتتۈرۈپ قويىدىغان بالا، نەۋىل لوڭبوتتوم چاقىرىلغان ۋاقىتتا، ئۇ بالا يولدا ھېچ ئىشتىن ھېچ ئىش يوق، پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدى. شەپكىنىڭ نەۋىلنى ئورۇنلاشتۇرىشىغا بەك كۆپ ۋاقىت كەتتى. ئۇ ئاخىرى «گرىففىندور!» دەپ ۋارقىرىغاندا نەۋىل ئۇنى سېلىۋېتىشنىمۇ ئۇنتۇپ ئورۇندۇقتىن سەكرەپ چۈشۈپ ئۈستەلگە قاراپ يۈگۈردى ۋە كۈلكە ئاۋازلىرى ئارىسىدا كەينىگە قايتىپ ئۇنى «مېك دۇگىل، موراگ» دىگەن بالىغا قايتۇرۇپ بەردى.
مالفوي، ئىسمىنى ئاڭلىغان ھامان ئالدىغا چىقتى ۋە مۇرادىغا تېزلا يەتتى: شەپكە ئۇنىڭ بېشىغا تېگەر تەگمەيلا ۋارقىرىدى «سلىيتېرىن!»
مالفوي، دوستلىرى كراب ۋە گويلنىڭ يېنىغا قاراپ ماڭدى، چىرايىدىن، ئۆزىدىن خېلىلا خۇرسەن بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
ئەمدى ئانچە جىق ئادەم قالمىغان ئىدى.
«مۇن» … «نوت»… «پاركىنسون»… ئارقىدىن بىر جۈپ قوشكېزەك قىز «پاتىل» ۋە «پاتىل»… ئارقىدىن «پەركس، ساللي-ئەن»… كىيىن ئاخىرىدا –
«پوتېر، خارى!»
خارى ئالدىغا بىر قەدەم ماڭغاندا، پىچىر-پىچىر ئاۋازلار پۈتۈن زالغا بەئەينى ئوت يالقۇنلىرىدەك ۋىژىلداپ يامراپ كەتتى.
«پوتېر، ئۇ شۇنداق دېدىمۇ؟»
«خارى پوتېر؟»
شەپكە ئۇنىڭ كۆزىنى توسۇۋالماستا، خارى ئەڭ ئاخىرىدا كۆرگەن نەرسە ئۇنى ئېنىقراق كۆرۈۋالماڭچى بولۇشۇۋاتقان بىر توپ ئادەم بولدى. ئارقىدىنلا ئۇ شەپكىنىڭ ئىچىدىكى قاراڭغۇلۇقتىن باشقا نەرسىنى كۆرەلمەيلا قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، ساقلاپ ئولتۇردى.
«ھىم» دېدى قۇلاق تۈۋىدە چىرقىراق بىر ئاۋاز «قىيىن، ئىنتايىن قىيىن. ئاجايىپ باتۇر، شۇنداق… ئەقىللىق دېگىلىمۇ بولىدۇ، تالانتلىق، ۋاي تەڭرىم، شۇنداق ۋە ئۆزىنى ئىسپاتلاش ئارزۇسى ئىنتايىن چوڭ، ئەمدى، بۇ خېلىلا تەس بولۇپ قالدى… ئۇنداقتا، ئەمدى سېنى قەيەرگىمۇ قويارمەن؟»
خارى ئورۇندۇقنىڭ گىرۋەكلىرىنى چىڭ قاماللىۋالغىنىچە ئويلىدى «سلىيتېرىنگە ئەمەس، سلىيتېرىن بولمىسۇن.»
«سلىيتېرىن ئەمەس، شۇنداقمۇ؟» دېدى چىرقىراق ئاۋاز. «راستتىنلا شۇنداق قىلىشىمنى خالامسەن؟ ئۇ يەردە، ئىنتايىن كۈچلۈك ھەم ئۇلۇغ بولالايسەن، سەنمۇ كۆرۈپ تۇرۇپسەن، ھەممىسى مانا بۇ يەردە، كاللاڭنىڭ ئىچىدە تەييارلا تۇرۇپتۇ، يەنە تېخى سلىيتېرىن مۇكەممەللىك يولىدا ساڭا چوڭ تۆھپە قوشۇشقا قادىر، شەك-شۈبھىسىز شۇنداق، ياق؟ بوپتۇ، ئەگەر شۇنداق چىڭ تۇرۇۋالغان بولساڭ، ئەڭ ياخشىسى، گرىففىندور!»
خارى، شەپكىنىڭ ئاخىرقى سۆزنى زالدىكى ھەممىسى ئاڭلىسۇن، دەپ يۇقرى ئاۋازدا ئېلان قىلغانلىقىنى ئاڭلىدى. ئۇ شەپكىنى سېلىۋېتىپ ئاستا ئاستا گرىففىندور ئۈستىلىگە قاراپ ماڭدى. ئۇ بىر يەرگە ئورۇنلاشقانلىقى، ھەمدە بۇ يەرنىڭ سلىيتېرىن بولۇپ قالمىغانلىقى تۈپەيلى شۇنچىلىك يېنىكلەپ قالغان ئىدىكى، ئۇ تېخىچە ھەممىدىن كۆپ ئالقىشقا ئۆزىنىڭ ئېرىشكەنلىكىنىمۇ تۇيمايۋاتاتتى. سىنىپ باشلىقى پېرسىي ئورنىدىن تۇرۇپ جۇشقۇن ھالدا خارى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ۋېزلى قوشكېزەكلىرى بولسا «پوتېر بىزنىڭ بولدى! پوتېر بىزنىڭ بولدى!» دەپ چۇرقىرىشاتتى. خارى، بۇنىڭدىن باياتىن كۆرگەن ھېلىقى بويۇن پەيلىرى كىيىۋالغان ئەرۋاھنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. ئەرۋاھ ئۇنىڭ بىلىكىنى يىنىك نوقۇپ قويۇۋېدى، خارى تۇيۇقسىز بېشىغا بىر چىلەك مۇزدەك سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ كەتتى.
ئۇ ئەمدى چوڭ ئۈستەلنى تولۇق كۆرۈپ ئولتۇراتتى. ئۈستەلنىڭ ئۇنىڭغا ئەڭ يېقىن چېتىدە، خاگرىد ئولتۇراتتى، ئىككىسىنىڭ كۆزلىرى ئۇچرىشىپ قالغاندا، خاگرىد باش بارمىقىنى چىقىرىپ قويدى. خارىمۇ ئۇنىڭغا قاراپ ھىجىيىپ قويدى. يەنە تېخى، شۇ يەردە، چوڭ ئۈستەلنىڭ ئوتتۇرىسىدا، يوغان ئالتۇن ئورۇندۇقتا، ئالبۇس دامبېلدور ئولتۇراتتى. خارى ئۇنى بۇنىڭدىن ئاۋال شاكىلات پاقا كارتىسىدا كۆرۈپ باققاچقا تونۇيالىدى. دامبېلدورنىڭ چېچى، چوڭ زالدا ئەرۋاھلارغا ئوخشاشلا كۈمۈشتەك چاقناپ تۇرۇۋاتقان بىردىنبىر نەرسە ئىدى. خارى پروفېسور كۇئىررىلنىمۇ تونۇۋالدى، ھېلىقى يېرىق قازاندىكى تەمتىرەپلا يۈرۈيدىغان ياش يىگىت. ئۇ، بېشىدىكى چوڭ، سۆسۈن سەللىنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى.
مانا ئەمدى، بىرەر بىناغا ئورۇنلىشىپ بولالمىغان پەقەت ئۈچلا بالا قالغان ئىدى. «تۇرپىن، لىسا» رەيۋېنكېلوۋغا تاللاندى. ئارقىدىن نۆۋەت رونغا كەلدى. شۇ تاپتا ئۇ شۇنداق تاتىرىپ كەتكەن ئىدىكى، رەڭگى خۇددى سۇس يېشىلغا ئۆزگىرىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. خارى ئۇنىڭغا ئامەت تىلەش ئۈچۈن ئۈستەلنىڭ ئاستىدىن بارماقلىرىنى گىرەلەشتۈردى، بىر سىكۇنتتىن كېيىن بولسا شەپكە ۋارقىرىدى «گرىففىندور!»
خارى رون ئۇنىڭ يېنىدىكى بوش ئورۇنغا ئۆزىنى تاشلىغان ۋاقىتتا باشقىلار بىلەن تەڭ چاۋاك چالدى.
«بارىكاللا رون، ناھايىتى ياخشى، بارىكاللا!» دىدى پېرسىي ۋېزلى قەددىنى رۇسلاپ، ئاۋازىنى چوڭ ئادەملەردەك چىقىرىشقا تىرىشىپ. شۇ ئارىدا «زابىنى، بلەيس» سلىيتېرىنگە تاللاندى. پروففېسور مېك گوناگال تېرە قەغەزنى قايتىدىن يۆگەپ قويدى ۋە دانىشمەن شەپكىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
ئالبۇس دامبېلدور ئورنىدىن تۇردى. ئۇ، ھازىرقىدەك خۇشاللىقىدىن چىرايىدىن نۇر ياغدۇرۇپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قاراپ تۇرغاندا، قوللىرىنى ئىككى تەرەپكە ھەممىسىنى باغرىغا باسقۇسى كەلگەندەك كەڭ ئاچقان ۋاقىتتا، خۇددى دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر نەرسە ئۇنى بۇ بالىلارنى بۇ يەردە كۆرۈشتىن بەكرەك خۇشال قىلالمايدىغاندەك تۇيۇلاتتى.
«خۇش كەلدىڭلار!» دېدى ئۇ: «خوگۋارتستىكى يېڭى يىلىڭلاردا ھەممىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن! زىياپىتىمىزنى باشلاشتىن بۇرۇن سىلەرگە بىرنەچچە ئېغىز گەپ قىلىپ بېرەيمىكىن دەيمەن، مانا دېدىم ئەمىسە: كالۋا! يىغا-زار! قالدۇق! چىمدىم!»
«رەھمەت سىلەرگە!»
ئۇ قايتىدىن ئورنىدا ئولتۇردى. ھەممە ئادەم چاۋاك چالدى ۋە قاقاقلىشىپ كۈلۈشتى. خارى كۈلۈش ياكى كۈلمەسلىكنى بىلمەيلا قالغانىدى.
«ئۇ سەل – ساراڭمۇ يا؟» دەپ سورىدى ئۇ پېرسىيدىن.
«ساراڭ؟» دېدى پېرسىي، كېيىن ھەممىگە ئايان بىر نەرسىنى چۈشەندۈرۈشكە مەجبۇر بولغاندەك بىر خىل ئاھاڭدا: «ئۇ بىر دانىشمەن! ئۇ، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ سېھىرگەر! ئەمما شۇ، توغرا، سەل ساراڭ يېرىمۇ بار. ياڭيۇ يەمسەن خارى؟»
خارى، ھەيرانلىقىدىن ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدى. ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى لىگەنلەر، تۇيۇقسىزلا، ھەر خىل نازۇ-نېمەتلەر بىلەن لىققىدە توشۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ھازىرغىچە، ئۆزى ياقتۇرىدىغان، بۇنداق خىلمۇخىل تائاملارنى بىر يەردە كۆرۈپمۇ باقمىغان ئىدى: كالا گۆشى كاۋىپى، توخۇ كاۋىپى، قوي گۆشى، قېزا، قاقلاپ پىشۇرۇلغان كالا گۆشى، قاينىتىلغان ياڭيۇ، كاۋاپ قىلىنغان ياڭيۇ، مايدا پىشۇرۇلغان ياڭيۇ، يوركشېر تۈرمېلى، پۇرچاق، سەۋزە، پەمىدۇر قىيامى، تۇخۇم سېرىقى قىيامى ۋە نامەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى يالپۇز تەملىك كەمپۈت…
دۆرسلىيلەر خارىنى ئاچ قويمايتتى. ئەمما ئەزەلدىن، خارىنىڭ خالىغانچە يېيىشىگىمۇ يول قويۇپ باققان ئەمەس. دادلېي، خارىنىڭ ئىنتايىن يېگۈسى كەلگەن ھەممە نەرسىنى تارتىۋالاتتى، ھەتتا قورسىقى تويۇپ يېرىلىپ كېتەي دېگەن بولسىمۇ ئۆزى يەۋېتەتتى. خارى تەخسىسىنى ھەممە نەرسىدىن – يالپۇز تەملىك كەمپۈتتىن باشقا – ئاز ئازدىن ئېلىپ لىق توشقۇزدى. تائاملارنىڭ ھەممىسى شۇنداق مەززىلىك ئىدى.
«قارىماققا شۇنداق پەيزىدەك قىلىدۇ» دېدى بويۇن پەيلىرى كىيىۋالغان ئەرۋاھ مەيۈسلەنگەن ھالدا، خارىنىڭ بىر پارچە گۆشنى كېسىشىگە قاراپ تۇرۇپ.
«سەن…»
«مەن ھېچنەرسە يىيەلمىگىلى بەشيۈز يىلدەك بولۇپ قالدى» دېدى ئەرۋاھ. «ئەلۋەتتە مېنىڭ ئېھتىياجىم يوق، ئەمما ئادەم سېغىنىپ قالىدىكەن دەڭلار. ئۆزۈمنى تونۇشتۇرمىدىمغۇ دەيمەن. نىكولاس مىمسىي-پورپىڭتون ئەپەندى، سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارغا تەييار! گىرىففىندور بىناسىنىڭ ئەرۋاھى.»
«مەن سېنى تونۇيمەن!» دېدى رون تۇيۇقسىز. «ئاكىلىرىم سېنىڭ گېپىڭنى قىلىپ بەرگەن – سەن ئاساسەن-باشسىز-نىك!»
«مېنى يەنىلا نىكولاس دە، مىمسىي دەپ ئاتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلاتتىم» دەپ گەپ باشلىدى ئەرۋاھ، ئەمما سېمۇس فىننىگان گېپىنى بۆلۈۋەتتى.
«ئاساسەن-باشسىز دىگەن قانداق گەپ؟ بىر ئادەم قانداقسىگىمۇ ئاساسەن باشسىز بولالايدۇ؟»
نىكولاس ئەپەندى خاپا چىراي كۆرۈنەتتى، قارىغاندا ئۇلارنىڭ پارىڭى كۆڭلىدىكىدەك داۋاملاشمايۋاتقاندەك قىلاتتى.
«مۇنداقسىگە» دېدى ئۇ تەرسالىق بىلەن. ئۇ ئۆزىنىڭ سول قۇلىقىنى تۇتۇپ تارتتى. بېشى بوينىدىن سىيرىلىپ چۈشۈپ مۆرىسىگە يىپ بىلەن ئېسىپ قويغاندەك ساڭگىلاپ قالدى. خۇددى بىركىملەر ئۇنىڭ كاللىسىنى ئالماقچى بولغاندەك، ئەمما بۇ ئىشنى تولۇق ئاخرلاشتۇرمىغاندەك… ئۇلارنىڭ چۆچۈپ كەتكەن چىراي ئىپادىسىنى كۆرۈپ، كەيپى خېلىلا كۆتۈرۈلۈپ قالغان ئاساسەن-باشسىز-نىك بېشىنى قايتا بوينىنىڭ ئۈستىگە قويدى، يېنىك يۆتىلىپ قويۇپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى: «ئۇنداقتا – يېڭى گرىففىندورلار! بۇ يىلى بىنا چىمپىيونى بولۇشىمىز ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. گرىففىندورلار چىمپىيون بولمىغىلى ئۇزۇن بولۇپ كەتتى. ئاخىرقى ئالتە يىلدىن بۇيان لوڭقىنى سلىيتېرىن ئېلىۋاتىدۇ! قانلىق گرافنىڭ يېنىدا يۈزىمىزنى كۆتۈرەلمەيدىغان بولۇپ كەتتۇق ، ئۇ سلىيتېرىن بىناسىنىڭ ئەرۋاھى»
خارى سلىيتېرىن ئۈستىلىگە قارىدى ۋە شۇ يەردە ئولتۇرغان قورقۇنۇچلۇق بىر ئەرۋاھنى كۆردى. ئۇنىڭ كۆزى، قارىماققا تېگىنى كۆرگىلى بولمايدىغان چوڭقۇر قۇدۇقلاردەك تەسىر بېرەتتى، ياداڭغۇ يۈزى، كۈمۈش رەڭلىك قانغا مىلەنگەن تونى بار ئىدى. ئۇنىڭ، ئولتۇرۇش تەرتىۋىدىن ئانچە رازى بولۇپ كەتمىگەندەك قىلىدىغان مالفوينىڭ يېنىدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەندە خارى ئىچ-ئىچىدىن خۇشال بولۇپ كەتتى.
«ئۇ قانداقسىگە بۇنچىۋالا قانغا مىلىنىپ كېتىپتىكەن؟» دەپ سورىدى سېمۇس ئىنتايىن قىزىققان ھالدا.
«سوراپ باقماپتىمەن» دېدى ئاساسەن باشسىز نىك سىرلىق ئاھاڭدا.
ھەممىسى تويغۇچە يىگەندىن كېيىن تەخسىلەردىكى ئېشىپ قالغان تاماق تۇيۇقسىزلا غايىپ بولدى ۋە قاچا قۇچىلار بېشىدىكىگە ئوخشاشلا پاكىز، ۋال-ۋۇل قىلىپ چاقناپ تۇرىدىغان ھالىتىگە قايتتى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولسا تاتلىق تۈرۈملەر پەيدا بولدى. سىز خىيال قىلالايدىغان ھەر خىل تەمدىكى ماروژنىلار، ئالما تورتلىرى، شېكەر قىيامى تورتلىرى، ئارىسىغا قايماق قوشۇلغان ئۇزۇنچاق تاتلىق پىرەنىكلەر… يەنە تېخى قىياملىق دونۇتلار، بولكىلار، بۆلجۈرگەنلەر، مۇراببالار، تاتلىق سۈت بىلەن پىشۇرۇلغان گۈرۈچ تاماقلىرى…
خارى بىر پارچە شېكەر قىيامى تورتى يەۋاتقاندا، گەپ ئايلىنىپ ئائىلىلەرگە كېلىپ قالدى.
«مەن يېرىم قان» دېدى سېمۇس. «دادام بىر ماگېل، ئاپام ئۆزىنىڭ جادۇگەر ئىكەنلىكىنى ئۇلار توي قىلىپ بولغىچە دېمەپتىكەن. قانچىلىك چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىلەر؟»
باشقىلار كۈلۈشۈپ كەتتى.
«سەنچۇ نەۋىل؟» دەپ سورىدى رون.
«شۇ، مېنى چوڭ ئاپام بېقىپ چوڭ قىلغان، ئۇ بىر جادۇگەر» دېدى نەۋىل. «ئەمما ئائىلەم ئۇزۇن يىللار مېنى ماگېلدىن پەرقى يوق دەپ ئويلايتتى. چوڭ تاغام ئالگى بولسا، مېنى تەييارلىقسىز تۇرغاندا تۇتۇۋېلىپ ئىچىمدىكى سېھىرنى ئويغاتماقچى بولاتتى، بىر قېتىم مېنى بلەكپۇل پورتىدىن ئىتتىرىۋەتكەن، تۇنجۇقۇپ كەتكىلى تاس قالغانتىم – ئەمما مەن سەككىز ياشقا كىرگىچە ھېچ ئىش يۈز بەرمىدى. بىر كۈنى چوڭ تاغام ئالگى بىزنىڭ ئۆيگە مېھمان بولۇپ كەلگەندە، مېنى ئۈستۈنكى قەۋەتنىڭ دېرىزىسىدىن ئوشۇقۇمدىن تۇتۇۋېلىپ پەسكە ساڭگىلىتىۋاتقان چاغدا چوڭ ھاممام ئېنىد ئۇنىڭغا تۇخۇم پوشكىلى بەرمەكچى بولۇۋېدى، ئۇ مېنى قويۇۋېتىپ سالدى. چۈشۈپ كەتتىم، ئەمما ھويلىدىن چوڭ يولغىچە توپتەك سەكرەپ ماڭدىم. ئۇلار شۇنداق خۇشال بولۇشۇپ كەتتى. چوڭ ئاپام شۇنداق خۇشال ئىدىكى، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلىۋەتتى. مېنى بۇ يەرگە قوبۇل قىلغاندا، ئۇلارنىڭ چىرايىنى بىر كۆرگەن بولساڭلار دەيمەن – سىلەرمۇ كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر، ئۇلار مېنىڭ سېھرىمنى بۇ يەرگە كېلىشكە يەتمەي قالارمىكىن دەپ غەم قىلغان ئىدى. چوڭ تاغام ئالگى بولسا خۇشاللىقىدىن ماڭا بىر تال پاقا ئېلىپ بەردى.»
خارىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە پېرسى ۋېزلى ۋە ھېرماينى گرېنجىر دەرسلەرگە مۇناسىۋەتلىك پاراڭ قىلىشىۋاتاتتى: («مەن ئۇلارنى دەرھاللا باشلىسىكەن دەيمەن، ئۆگىنىدىغان نەرسە كۈرمىڭ دەڭە! مەن بولۇپمۇ شەكىل ئۆزگەرتىش دەرىسىگە قىزىقىمەن، بىلىسەنغۇ، بىر نەرسىنى باشقا بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇش، ئەلۋەتتە، بۇ ئاڭلىماققا خېلى قىيىن ئىشتەك قىلىدۇ»،
«شۇنداق، ئەمما ئەڭ باشتا كىچىك سەرەڭگىلەرنى يىڭنىگە ئايلاندۇرۇش دېگەندەك ئاددى ئىش بىلەن باشلايسىلەر…»)
ئاستا-ئاستا ئىسسىق باسقىلى تۇرغاندا، خارى قايتىدىن چوڭ ئۈستەلگە قاراپ باقتى. خاگرىد ئالدىدىكى چوڭ قەدەھتىكى ئىچىملىكتىن ئىچىۋاتاتتى. پروفېسور مېك گوناگال پروفېسور دامبېلدور بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى. ئۆزگىچە بىر سەللە ئورىۋالغان پروففېسور كۇئىرىل مايلىشىپ كەتكەن قارا چاچلىرى بار، ئىلمەك بۇرۇن، يۈزى سارغۇچ كۆرۈنىدىغان بىر مۇئەللىم بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى.
بۇ ئىش تاسادىپىيلا يۈز بەردى. ئىلمەك بۇرۇن مۇئەللىم كۇئىرىلنىڭ سەللىسىنىڭ ئارقىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ خارىنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قارىدى – ۋە بىر خىل كەسكىن، ئاچچىق ئاغرىق خارىنىڭ پېشانىسىدىكى يارىنى قاتتىق ئېچىشتۇرىۋەتتى.
«ۋاييەي!» خارى پېشانىسىنى تۇتۇۋالدى.
«نېمە بولدى؟» دىدى پېرسى.
«ھېچ – ھېچ ئىش يوق!»
ئاغرىق قانداق تۇيۇقسىزلا پەيدا بولغان بولسا شۇنداق تۇيۇقسىزلا غايىپ بولدى. ئەمما خارى، ئۇ مۇئەللىم ئۇنىڭغا قارىغان ۋاقىتتا پەيدا بولغان غەلىتە سېزىمدىن قۇتۇلالمىدى، بۇ ئادەم، خارىنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغاندەك قىلاتتى.
«كۇئىرىل بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان ئاۋۇ مۇئەللىم كىم؟» دەپ سورىدى ئۇ پېرسىدىن.
«ھە، سەن ئاللىقاچان كۇئىرىلنى بىلىپ بوپسەندە؟ ئۇنىڭ بۇنچە جىددىيلىشىپ كەتكىنىگە ھەيران قېلىش ھاجەتسىز، چۈنكى ئۇ ئادەم پروفېسور سنەيىپ. ئۇ خىسلەتلىك دورىلار دەرسىنى ئۆتىدۇ، ئەمىلىيەتتە، ھەممە ئادەم ئۇنىڭ كۇئىرىلنىڭ ئورنىدا كۆزى بارلىقىنى بىلىدۇ. سنەيپ، قاراڭغۇ سەنئەتلەر ھەققىدە ئادەمنى ۋەھىمىگە سالغۇدەك كۆپ نەرسە بىلىدۇ»
خارى بىر ھازا سنەيىپگە قاراپ قالدى، ئەمما سنەيىپ ئۇنىڭغا قايتا قارىمىدى.
ئاخىرىدا تاتلىق تۈرۈملەرمۇ غايىپ بولغاندا دامبېلدور قايتا ئورنىدىن تۇردى. چوڭ زال جىمجىتلىققا چۆمدى.
«ئۆھۆم – ئەمدى ھەممىمىز سۇغىرىلىپ بولدۇق، قورسىقىمىزمۇ تويدى، شۇڭا، يەنە پەقەت بىرنەچچە ئېغىز گەپ قىلماقچىمەن. يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلىنىشتىن بۇرۇن سىلەرگە بىر نەچچە ئۇقتۇرۇش.»
«بىرىنچى سىنىپلار بىلىشى كېرەككى، ئورمانلىققا كىرىش پۈتۈن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن چەكلەنگەن. يەنە، بەزى چوڭراق ئوقۇغۇچىلىرىمىزمۇ بۇنى ئانچە مۇنچە يادىغا كەلتۈرۈپ قويسا ياخشى بولاتتى.»
دامبېلدورنىڭ شوخلۇق بىلەن چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى ۋېزلى قوشكىزەكلىرىگە تىكىلدى.
«يەنە، فىلچ ئەپەندى، مەكتەپ تازىلىقچىسى، سىلەرگە سىنىپلار ئارىسىدا، كارىدوردا سېھىر ئىشلىتىشىڭلارنىڭ مەنئىي قىلىنغانلىقىنى ئېيتىشىمنى تەلەپ قىلدى.»
«كۇئىدىدچ كوماندىسىغا ئەزا تاللاش، دەرىسلەر باشلاپ، ئىككىنچى ھەپتىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ بىنا كوماندىسىغا قاتناشقۇسى بارلار، ھۇچ خانىم بىلەن كۆرۈشسۇن.»
«ۋە ئەڭ ئاخىرىدا، بۇ يىلى سىلەرگە بۇنى ئەسكەرتمىسەم زادى بولمايدۇ، ئۈچىنچى قەۋەتتىكى، ئوڭ تەرەپتىكى كارىدور ئازاپ ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىشنى خالىمايدىغان ھەممە ئادەم ئۈچۈن چەكلەنگەن.»
خارى كۈلدى، ئەمما ئۇ كۈلگەن ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى ئىدى.
«ئۇ راست دېمەيۋاتقاندۇ؟» دەپ پىچىرلىدى ئۇ پېرسىگە.
«راست بولۇشى مۇمكىن» دېدى پېرسى، دامبېلدورغا قاراپ. «غەلىتە ئىش، چۈنكى ئادەتتە ئۇ بىزنىڭ بىر يەرلەرگە بېرىشىمىزنى چەكلىگەن ۋاقىتتا، چوقۇم سەۋەبىنى قوشۇپ دەپ بېرىدۇ – ئورمانلىق ئاجايىپ غارايىپ مەخلۇقلار بىلەن تولغان، بۇنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. مېنىڭچە، ئۇلار سىنىپ باشلىقلىرىغا بولسىمۇ دەپ بېرىشى كېرەك ئىدى-دە.»
«ئەمدى بولسا، ياتاقخانىلارغا بېرىشتىن بۇرۇن، قېنى، مەكتەپ مارشىمىزنى بىر ئېيتىۋېتەيلى!» دەپ ۋارقىرىدى دامبېلدور. خارى، باشقا مۇئەللىملەرنىڭ يۈزىدىكى كۈلۈمسىرەشنىڭ بىرئاز… مەجبۇرى چاپلاپ قويۇلغاندەك تۇرغانلىقىنى بايقاپ قالدى.
دامبېلدور تايىقىنى خۇددى بىر چىۋىننى قوغلىماقچى بولغاندەك يىنىك پۇلاڭلاتتى، تاياقنىڭ ئۇچىدىن ئۇزۇن، ئالتۇن بىر لېنتا ئۇچۇپ چىقتى، ئۈستەللەرنىڭ ئۈستىدە ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، ھەممە كۆرەلەيدىغان يەرگە كەلگەندىن كىيىن، يىلاندەك تولغىنىپ سۆزلەرگە ئايلانغىلى تۇردى.
«ھەممە ئادەم ئۆزى ئەڭ ياختۇرىدىغان كۈينى تاللىۋالسۇن» دىدى دامبېلدور. «مانا،ئەمىسە… باشلاندى!»
خوگۋارتس، گۈركىرەپ ناخششا ئېيتىشنى باشلىۋەتتى.
«خوگۋارتس، خوگۋارتس، چوڭ سۆگەللىك خوگۋارتس،
ئۆتۈنەيلى، بىزگە ئوبدان ئۆگەت!
مەيلى، قېرى بولايلى، باشلىرىمىز تاز،
مەيلى، ياش بولايلى، تىزلىرىمىز يارا.
كاللىمىز توشمىسا ھەرگىز بولماس،
قىزىقارلىق ئىلىم-بىلىم ھەم ماتېرىيالغا!
ھازىر قۇپقۇرۇق ئۇلار، ئىچى تولغان ھاۋاغا،
ۋە بەلكىم ئۆلۈك چىۋىن ۋە توپا-چاڭلارغا.
شۇڭا بىزگە بىلىشكە تېگىشلىكنى ئۆگەت،
ئۇنتۇلۇپ قالغانلار بولسا سىلكىپ ئويغات!
سەن قولۇڭدىن كېلىشىچە تىرىش، قالغىنى بىزنىڭ ئىشىمىز،
سېسىپ كەتمىگۈچە ھەممىمىزنىڭ مېڭىسى، بىز ئۆگىنىشنى توختاتمايمىز!»
ھەممىسى ناخشىنى ئوخشىمايدىغان ۋاقىتلاردا ئېيتىپ بولدى. ئەڭ ئاخىرىدا مەكتەپ مارشىنى ئىنتايىن ئاستا، جىنازا مارشى ئاھاڭىغا سېلىپ ئېيتىۋاتقان ۋېزلىي قوشكېزەكلىرىلا قالغان ئىدى. دامبېلدور ئۇلارنىڭ ئاخىرقى مىسرالىرىغا تايىقى بىلەن تەڭكەش قىلىپ بەردى، ئۇلار ئاخىرى ئېيتىپ بولغاندا بولسا ئۇ ھەممىدىن بەك ھاياجانلىنىپ چاۋاك چالدى.
«ئاھ، مۇزىكا!» دىدى ئۇ نەمدەلگەن كۆزلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ «بىز بۇ يەردە ئۆگىتىدىغاندىنمۇ ئۇلۇغ سېھىر! مانا ئەمدى بولسا، ئۇخلايدىغان ۋاقىت بولدى. تېزراق بولۇڭلار!»
گرىففىندورلۇق بىرىنچى سىنىپلار پېرسىينىڭ ئارقىسىدىن، ئۆز ئارا پاراڭلىشىۋاتقان كىشىلەر توپىنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ، چوڭ زالدىن چىقىپ كەتتى ۋە مەرمەر پەلەمپەيگە كەلدى. خارىغا يەنە پۇتلىرى ئېغىرلىشىپ قالغاندەك تۇيۇلۇۋاتاتتى. ئەمما بۇ قېتىم، پەقەتلا، بەك چارچاپ كەتكەن ھەم بەك جىق يەپ غىققىدە بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئىدى. شۇنداق ئۇيقۇسى كېلىپ كەتكەن ئىدىكى، كارىدورغا ئېسىپ قويۇلغان ماي بوياق رەسىمدىكى ئادەملەرنىڭ ئۇلارنى كۆرسىتىپ پىچىرلاشقانلىقىغىمۇ ھەيران قالغۇدەك ھالى قالمىغان ئىدى. پېرسىينىڭ ئۇلارنى سېرىلما ئىشىكلەر ۋە تامغا ئېسىپ قويۇلغان گىلەملەرنىڭ ئارقىسىدىكى يوشۇرۇن ئىشىكلەردىن ئۆتكۈزگەنلىكىنىمۇ تۇيمىدى. ئۇلار ئەسنەپ ۋە پۇتلىرىنى سۆرەپ تېخىمۇ كۆپ پەلەمپەيدىن چىقتى، ئۇلار تۇيۇقسىز توختىغان ۋاقىتتا، خارى يەنە قانچىلىك يولى قالغانلىقىنى بىلىشكە قىززىقىۋاتاتتى.
بىر باغلام كالتەك، ئۇلارنىڭ باشلىرىنىڭ ئۈستىدە، ھاۋادا تۇراتتى. پېرسىي ئۇلارغا قاراپ بىر قەدەم ئېلىۋېدى، كالتەكلەر ئۆزىنى ئۇنىڭغا ئاتتى.
«پىۋس» دېدى پېرسىي بىرىنچى سىنىپلارغا پىچىرلاپ تۇرۇپ، «بىر چاپلاشقاق جىن»، كېيىن يۇقىرى ئاۋازدا «پىۋس، ئۆزۈڭنى كۆرسەت.»
جاۋاپنىڭ ئورنىغا، جاراڭلىق، قوپال، خۇددى يېلى چىقىپ كېتىۋاتقان شارنىڭكىگە ئوخشاش بىر خىل غەلىتە ئاۋاز چىقتى.
«قانلىق گرافنى چاقىرىشىمنى خالايدىغان ئوخشىمامسەن؟»
«پوڭ» قىلغان يېنىك بىر ئاۋاز بىلەن تەڭ ھاۋادا بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرغان ھالەتتە لەيلەپ تۇرغان، قارا كۆزلىرىدىن ئوساللىق چىقىپ تۇرىدىغان، يوغان ئاغزى بىلەن ھىجىيىپ، قولىدا تاياقلارنى تۇتۇپ تۇرغان جۇغى كىچىك بىر ئادەم پەيدا بولدى.
«ۋاي ۋۇي!» دېدى ئۇ زەھەرخەندىلىك بىلەن قاقاقلاپ كۈلۈپ «ئادەمنى سەسكەندۈرىدىغان بىرىنچى سىنىپ شۇمتەكلەر! نېمە دىگەن قىزىقارلىق!»
ئۇ تۇيۇقسىزلا ئۇدۇل شۇلارغا قاراپ شۇڭغۇپ كەلدى. بالىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى چەتكە ئالدى.
«نېرى كەت پىۋس، بولمىسا قانلىق گرافنى چاقىرىمەن، راست دەيمەن!» دەپ ھۆركىرىدى پېرسىي.
پىۋس ئۇلارغا قاراپ تىلىنى چىقىرىپ قويۇپ، تاياقلارنىڭ ھەممىنى نەۋىلنىڭ كاللىسىغا تاشلىۋېتىپ كېتىپ قالدى. ئۇلار، ئۇ ئۆتكەن يوللاردىكى ساۋۇت-دوبۇلغىلارنىڭ تاراقشىشىدىن ئۇنىڭ ۋىڭىلداپ تېزلا كېتىپ قالغانلىقىنى بىلدى.
«پىۋس بار يەردە ئۆزۈڭلارغا ھېزى بولۇڭلار جۇمۇ» دىدى پېرسىي، ئۇلار قايتىدىن يولغا راۋان بولغاندا. «قانلىق گراف، ئۇنى باشقۇرالايدىغان بىردىن بىر كىشى. ئۇ ھەتتا بىزگە، سىنىپ باشلىقلىرىغىمۇ پىسەنت قىلمايدۇ. مانا كەلدۇق.»
ئاخىرى ئۇلار بىر كارىدورنىڭ ئۇچىدا، ھالرەڭ يىپەك كۆينەك كىيگەن، بودەك بىر ئايالنىڭ رەسىمىنىڭ ئالدىدا توختىدى.
«پارول؟» دىدى ئۇ.
«ئەجدىھا كاللىسى» دىدى پېرسىي، شۇنىڭ بىلەن رەسىم بىر چەتكە سۈرۈلۈپ كەينىدىكى تامدىكى چوڭ يۇمىلاق تۆشۈكنىڭ ئالدىنى ئاچتى. ئۇلار نۆۋەت بىلەن تۆشۈكتىن ئۆتۈپ (نەۋىلگە بىرئاز ياردەم قىلىشقا توغرا كەلدى) گرىفىندور ئاممىۋىي زالىغا كىردى. بۇ يەر چەمبەرسىمان، ئىللىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمشاق ھەم بودەك سافالار بىلەن تولغان بىر ھۇجرا ئىدى.
پېرسىي قىزلارنى قىزلار ياتاقخانىسىغا چىقىدىغان، ئوغۇللارنى بولسا ئوغۇللارنىڭ ياتاقخانىسىغا بارىدىغان ئىشىكلەرگە باشلاپ قويدى. ئۇلار، ئۆزلىرىنى ئېنىقلا مۇنارلاردىن بىرسىنىڭ تۆپىسىگە باشلاپ چىقىدىغان بۇرمىلىق پەلەمپەيلەردىن چىقىپ، ئاخىرى ياتاقخانىغا يېتىپ كەلدى. بۇ يەردە، تۆت ئەتراپىغا قىزىل مەخمەل پەردە تارتىلغان بەش تال كارىۋات بار ئىدى. ئۇلارنىڭ نەرسە كېرەكلىرى ئاللىقاچان كېلىپ بولغان ئىدى. گەپ قىلغۇدەكمۇ ھالى قالمىغان بۇ بالىلار ئۇخلاش كىيىملىرىنى كىيىپلا ئۆزلىرىنى كارىۋاتقا ئاتتى.
«زىياپەت شۇنداق پەيزى ئىدى-ھە؟» دەپ غودۇڭشىدى رون خارىغا پەردىلەرنىڭ ئارقىسىدىن. «سكابېرس! چۈشۈپ كەت! ئۇ مېنىڭ كىرلىكلىرىمنى غاجىغىلى تۇردى!»
خارىنىڭ روندىن «شېكەر قىيامى تورتىنى تېتىپ باقتىڭمۇ؟» دەپ سوراپ باققۇسى كەلدى، بىراق ئۇ، ئۇخلاپ قالايلا دىگەنتى.
خارى تاماقنى كۆپ يېۋەتكەن ئوخشايدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن غەلىتىلا بىر چۈش كۆردى. چۈشىدە ئۇ، پروففېسور كۇئىرېلنىڭ سەللىسىنى ئورىۋالغانتى، سەللە ئۇنىڭغا توختىماستىن، ئۇنىڭ سلىيتېرىنگە ئالمىشىپ كېتىشكە مەجبۇرلاۋاتاتتى، چۈنكى ئۇنىڭ تەقدىرىنىڭ شۇ يەردە بولۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتىۋاتاتتى. خارى سەللىگە ئۆزىنىڭ سلىيتېرىنگە بارغۇسى يوقلۇقىنى ئېيتتى؛ شۇنىڭ بىلەن سەللە بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتتى، خارى سەللىنى ئېلىۋەتمەكچى بولدى، ئەمما ئۇ تېخىمۇ چىڭىپ كەتتى. كېيىن، تۇيۇقسىزلا، سەللە بىلەن جىدەللىشىۋاتقان خارىنى كۆرسىتىپ قاقاقلاپ كۈلۈۋاتقان مالفوي پەيدا بولدى. كېيىن مالفوي ئىلمەك بۇرۇن مۇئەللىم سنەيىپكە ئايلىنىپ قالدى. كۈلكە ئاۋازى تېخىمۇ ئۈنلۈك، تېخىمۇ سوغۇق چىققىلى تۇردى. تۇيۇقسىز بىر توپ يېشىل نۇر پارتلىغاندەك پەيدا بولۇپ ھەممە يەرنى قاپلىدى ۋە خارى تىترەك بېسىپ تەرلەپ ئويغىنىپ، ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى.
ئەمما ئۇ بېشىنى ياستۇققا قويغان ھامان قايتىدىن ئۇخلاپ قالدى، ئەتىسى ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرغاندا بولسا، چۈشىنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى.