ئاپتورى: ئاندرۇۋ كلېمىنتس
تەرجىمە قىلغۇچى: ماھىنۇر ئۇيغۇر
7-باب: تىنچلانمايدىغانلار
دەيۋ بىلەن لىينسېي تاماق زالىنىڭ ئوتتۇرسىدا بىربىرسىگە ۋار ۋار ۋارقىرىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ يەردىكى بەشىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ دىققىتىنى تارتقان، شۇنىڭ ئۈچۈن چۈشلۈك تاماق يەۋاتقان بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ مۇسابىقە خەۋىرىنى ئاللىقاچان ئاڭلاپ بولغان دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن.
ئەمما بۇنداق ئويلىغان بولسىڭىز، ئىنتايىن خاتالىشىپسىز.
خاتالىشىپسىز چۈنكى بەشىنچى سىنىپلار تاماق يەيدىغان ۋاقىتتا تاماق زالىدىكى غەلۋە غوۋغا ۋە ۋاراڭ چۇرۇڭنىڭ دەرىجىسىنى ئويلاپ يېتىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس. پەقەت بۈگۈنلا بولسىغۇ ياخشىتى، بەشىنچى سىنىپلار تاماق يەيدىغاندا تاماق زالى ھەر كۈنى مۇشۇنداق.
ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەت چۈشلۈك دەم ئېلىشتىلا ئەمەس، ھەرقانداق بىر يەردە، بۇ مەكتەپتە بىرنەچچە بەشىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىسى، بىر يەرگە كېلىپ قالسىلا ئاغزىنى بېسىقتۇرۇپ بولغىلى بولماي قالاتتى.
مانا مۇشۇ سەۋەپتىن ھازىر، بەشىنچى سىنىپتىكى بەزى ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە يەنە بىرئاز چۈشەنچە بېرىدىغان ۋاقىت كەلدى. چۈنكى تېخى سۆزلەشكە تېگىشلىك جىق ئىش بار. ھەر ۋاقىتتا بار.
مەكتەپ سېستىمىسى ھەقىقەتەنمۇ ئەسكەرلىككە ئوخشاپ كېتىدۇ دىگەنتۇق – يادىڭلاردىدۇ؟ يەسلى بىر خىل ئاساسلىق ئەسكىرىي تەلىم لاگىرىغا ئوخشايتتىغۇ؟
چۈنكى دەيۋ ۋە باشقا تەجرىبىسىز ئەسكەرلەر قائىدىلەرنى ئۆگىنىشنى باشلايدىغان تۇنجى يەر يەسلى ئىدى. قاچان ئولتۇرۇپ قاچان قوپىدىغانلىقىنى، قاچان سۆزلەپ قاچان توختايدىغانلىقىنى، قاچان مېڭىپ قاچان يۈگرەيدىغانلىقىنى، قاچان تاماق يەيدىغانلىقىنى، ئارام ئالىدىغانلىقىنى، ئويۇن ئوينايدىغانلىقىنى، ناخشا ئېيتىدىغانلىقىنى، رەسسىم سىزىدىغانلىقىنى… ئۇلار، ھەممە نەرسىنىڭ، ھەممە نەرسىنىڭ ۋاقتى قارايىنى شۇ يەردە ئۆگەندى.
چۈنكى ھەرقانداق سېستىمىنىڭ قائىدىلىرى بولىدۇ – قائىدىسىز سېستىما يوق.
دەيۋ ۋە تەجرىبىسىز ئەسكەرلەرگە نىسبەتەن بۇ قائىدىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەقىلگە مۇۋاپىق كېلەتتى – بولۇپمۇ: جېدەللىشىشكە بولمايدۇ، زومىگەرلىك قىلسا بولمايدۇ، ئىتتىرىشىپ مۇتلىشىشقا بولمايدۇ، تۈكۈرۈشكە، چىشلەشكە، ئوغرىلىق قىلىشقا، بۇزۇپ چېچىشقا، سۇندۇرۇشقا، ئۆچرەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىشكە، قار پومزەك ئېتىشقا بولمايدۇ دىگەندەكلەر.
بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ خىلدىكى قاتتىق قائىدىلەرگە ئاسانلا بويسۇناتتى. بۇلار ئاسان ھېساپلىناتتى.
ئۇلارغا ئەڭ تەس كېلىدىغىنى «كارىدورلاردا يۈگۈرۈشكە بولمايدۇ!» تۈرىدىكى قائىدىلەرتى.
بۇ قېيىن ئىدى.
«ئاپتوبۇسلاردا كەپسىزلىك قىلىشقا بولمايدۇ!»
بۇمۇ قېيىن ئىدى.
«كەمپۈت يىيىشكە يا بولمىسا سېغىز چايناشقا بولمايدۇ!»
بۇ بەك قېيىن ئىدى.
ئەمما، قىرىق تۆت بەتلىك لەيكتون باشلانغۇچ مەكتىپى قوللانمىسىنىڭ ھېچقانداق «سىنىپلاردا، چوڭ زالدا ياكى تاماق زالىدا پىچىرلىشىش، پاراڭلىشىش، گەپ قىلىش، ۋاقىراش يا بولمىسا ۋاقىرىشىشقا بولمايدۇ» دىگەندەك بىر قائىدە يوق ئىدى.
ھەئە، توغرا. دەرىسلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشقا مۇناسىۋەتلىك بىر قائىدە بار. باشقىلارنى ھۆرمەتلەشكە مۇناسىۋەتلىك بىر قائىدىمۇ بار. ۋە ھەر ۋاقىت سىلىق سىپايە، ئەدەپلىك بولۇشقا مۇناسىۋەتلىك بىر قائىدىمۇ بار.
مانا دەيۋ ۋە دوستلىرى بۇ قائىدىلەرگە بويسۇنىدۇ – ھېچبولمىغاندا ئۆزلىرىنى شۇنداق قىلىمىز دەپ قارايدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە بولسا، ئۇلار، بىر تەرەپتىن توختىماي گەپ قىلغاچ يەنە بىر تەرەپتىن باشقىلارنى ھۆرمەتلىگىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ۋە ھەممىسى بىر تەرەپتىن گەپ قىلغاچ يەنە بىر تەرەپتىن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىنى ئۆگىنەلەيمىز دەپ قارايدۇ.
چۈنكى ھەقىقەتەن بۇ بالىلارنىڭ ھېچقايسىسى ئەدەپسىز، قائىدىگە بويسۇنمايدىغان يا بولمىسا قوپال بالىلار ئەمەس. بۇنداق بىر نىيىتى ئەسلا يوق. ئەمما ھېچبىرىنىڭ گەپ قىلماسلىقتەك بىمەنە بىت ئىشقىمۇ نىيىتى يوق. ھەرگىز!
ئەسلىدە لەيكتون باشلانغۇچ مەكتىپى مۇئەللىملىرى بۇ بالا توپىغا بىر لەقەم قويۇپ قويغانتى ۋە بۇ لەقەم، ئۇلار بىر يەرگە كەلگەندىن بۇيان، يەنى، بىرىنچى سىنىپقا كىرگەندىن بۇيان ئۇلارغا سىڭىپلا قالغانتى. ئۇلار «تىنچلانمايدىغانلار» ئىدى.
ئەگەر لەيكتون باشلانغۇچ مەكتىپى ھەقىقەتەنمۇ ئارمىيەگە ئوخشاش بىر يەر بولغان بولسا دەيۋ، لىينسېي ۋە پۈتۈن باشقا تەجرىبىسىز نەپەرلەرگە، بىر كۈنى چوقۇم – ئېھتىمال ئىككىنچى سىنىپتا ۋاقىتتا – سوغۇق ھەم يامغۇر يېغىۋاتقان بىر سەھەردە ئويۇن مەيدانىدا ئۆچرەتتە تۇرۇپ ساقلاۋاتقاندا، قىسقا چاچلىق، پارقىراق خۇرۇم ئاياق كىيگەن قوپال بىر ئادەم ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۇياقتىن بۇياققا ماڭغاچ، ئۇلارغا مۇنۇلارنى دەپ كايىۋاتقان بولاتتى.
«مېنى ساراڭ قىلاي دىيىشتىڭ! سەنلەر ئۆزۈڭنى ئوقۇغۇچى دەپ قېلىشتىڭمۇ تېخى؟ سىلەر بىچارە بىر گورۇھ خالاس! ھەممىڭ غوۋغاچى ھەم ئىنتىزامىسىز! بۇنىڭدىن كىيىن غەلۋە غوۋغا قىلىشىڭلارغا رۇخسەت يوق! مېنىڭ مەكتىپىمنىڭ كورىدورلىرىدا مېڭىۋاتقاندا ۋارقىراشقا رۇخسەت يوق! دوستلىرىڭلارنى كۆرگەندە قول پۇلاڭلىتىپ چىرقىراشقا، مۈشۈكياپىلاقتەك ھۇۋلاشقا بولمايدۇ! مېنىڭ مەكتىپىمنىڭ چوڭ زالىدا پىچىرلىشىشقا، پىخىلدىشىپ كۈلۈشۈشكە، قول شىلتىشىشقا، مەنىسىز قىلىقلىرىڭلارغا كۈلۈشۈشكە بولمايدۇ! ۋە مېنىڭ مەكتىپىمنىڭ تاماق زالىغا كىرگەن ۋاقتىڭلاردا، ئېسىڭلاردا بولسۇن، ئۇ يەر ئامىۋۋىي كوتۇلدىشىش-سېرىك-مەيدانى ئەمەس! چۈشلۈك دەم ئېلىش دىگەن جىم ئولتۇرۇپ تاماق يەيدىغان ۋاقىت. ھۇ كىچىك كوتكوت مەخلۇقلار، سىلەرگە مەكتەپتە ئىنتىزامغا رايە قىلىشنى ئۆگىتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈمنى سەرپ قىلىپ تىرىشىمەن! دېمەكچى بولغانلىرىمنى چۈشىنىشتىڭمۇ؟»
«شۇنداق ئەپەندىم!»
«بوشراق ئاۋازدا!»
«شۇنداق ئەپەندىم!»
لەيكتون باشلانغۇچ مەكتىپى ئەلۋەتتە بىر ئارمىيە ئەمەستى.
ئەمما ئابىگېل خىئات خانىمنىڭ باشقۇرۇشىدا بەزىدا شۇنداق تۇيغۇ بېرىپ قالاتتى. خىئات خانىم سوزۇنچاق يۈزلۈك، بۈدۈر چاچلىرى ئاقارغىلى تۇرغان، كۆك كۆزلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان، بويى ئېگىز بىر ئايال، ھەم ئون ئۈچ يىلداىن بېرى لەيكتون باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى.
خىئات خانىم ئىشىنى كۆڭۈل قويۇپ قىلاتتى، نىشانىنى ئېنىق بەلگىلەيتتى ۋە ھەم مۇئەللىملەردىن ئىدارى خادىملارغىچە، تازلىق ئىشچىلىرىدىن تاماقخانىدا ئىشلەيدىغانلارغىچە، ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغىچە ھەممىسىدىن ئوخشاش كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىشىنى كۈتەتتى. مەكتەپ خامچوتى ھەرگىز قالايمىقان بولۇپ كەتمەيتتى، ئۆگىنىش پىلانلىرى مۇنتىزىم تەييارلىناتتى ۋە مەكتەپ ھېچقانداق ۋاقىتتا قالايمىقان، تاشلىۋېتىلگەن ياكى يۈگەنسىز قويۇۋېتىلگەندەك بىر تەسىرات قالدۇرمايتتى.
ئارقا ئارقىدىن لەيكتون باشلانغۇچ مەكتىپىگە نىشانسىز يەسلى بالىلىرىدەك كىرگەن بىر توپ بالىلار، خىئات خانىمنىڭ ئىنچىكىلەپ كۈزىتىشى ھەم باشقۇرۇشى بىلەن ئۆتكەن ئالتە يىل ئاخىرلاشقاندا قۇسۇرسىز ھەم تەرتىپلىك، قېلىپتىن چىققاندەك ئوقۇغۇچىلارغا ئايلانغان ھالدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىدى. مەكتەپ، خىئات خانىمنىڭ ئىدارىسىدە سائەتتەك ئىشلەۋاتاتتى.
ئەمما تۇيۇقسىز، تىنچلانمايدىغانلار پەيدا بولۇپ قالدى. خىئات خانىم مۇدىر بولغان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان بۇنداق بىر توپ بالا بىلەن ئۇچرىشىپمۇ باقمىغان ئىدى. ۋە ئاخىرقى بەش يىلدىن بۇيان بۇ بالىلارنى، ئەڭ ئاددى قائىدىگە بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن تىركىشىپ كېلىۋاتاتتى: رۇخسەت قىلمىغان ۋاقىتتا گەپ قىلماسلىققا.
نەچچە يىلدىن بۇيان، دەيۋ ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ ئاتا ئانىلىرىغا، بالىلارنىڭ مەكتەپ ئاپتوبۇسلىرىدا بەك كۆپ ۋاراڭ چۇرۇڭ قىلىدىغانلىقىغا دائىر خەت ئەۋەتىلەتتى.
نەچچە يىلدىن بۇيان، ھەرقانداق ئوقۇغۇچىلار يىغىنىدىن بۇرۇن دەيۋ ۋە ساۋاقداشلىرىغا چوڭ زالدا قانداق ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكى سۆزلىنەتتى.
نەچچە يىلدىن بۇيان، دەرىستىن بۇرۇن ۋە كىيىن، بولۇپمۇ چۈشلۈك دەم ئېلىشتا، بۇ بالىلارنىڭ پۈتۈن ئوقۇتقۇچىلىرى كارىدوردا تۇرۇپ ۋاراڭ چۇرۇڭنى بېسىقتۇرۇشقا تىرىشاتتى.
ھەتتا ئاخىرقى ئۈچ يىلدىن بۇيان ئارقا ئارقىدىن بۇ گرۇپپىغا ئايرىم تاماق يىيىش ۋاقتى بېكىتىپ بېرىلگەن ئىدى: ئۈچىنچى سىنىپلارنىڭ تاماق ۋاقتى، تۆتىنچى سىنىپلارنىڭ تاماق ۋاقتى ۋە بۇ يىلى بولسا بەشىنچى سىنىپلارنىڭ تاماق ۋاقتى. بۇ قارارنى خىئات خانىم ئوتتۇرغا قويغانتى. بۇ گرۇپپىنىڭ ۋاراڭ چۇرۇڭ قىلىدىغان خۇيىنىڭ باشقا يىللىقلارغا يۇقۇپ قېلىشىنى خالىمايتتى. چۈنكى يىللار ئۆتكەنسىرى تىنچلانمايدىغانلار لەقىمىگە يارىشا ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى.
راست گەپنى قىلساق، بۇ يىلقى بەشىنچى يىللىقلارنىڭ مۇئەللىملىرىنىڭ بەزىلىرى ئاخىرى بەل قويۇۋەتكەنتى. ئۇلارنىڭ، بۇ بالىلارنى ئۆزگەرتىشكە دائىر ھېچقانداق ئۈمىدى قالمىغان ئىدى. پەقەتلا بىر ئامال قىلىپ بۇ يىلنى ئۆتكۈزۈۋېتىشنى پىلانلاۋاتاتتى. چۈنكى، ئون بىرىنچى ئاي كېلىپ قالغانتى، دېمەككى بۇ مۇئەللىملەر ئالتە ئايدەك ئاز بىر ۋاقىتتىن كىيىن تىنچلانمايدىغانلاردىن مەڭگۈلۈك قۇتۇلاتتى، ھەممىسى ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىدىغانلىقى ئۈچۈن كېلەر يىلى لەيكتون باشلانغۇچ مەكتىپى خېلىلا جىمىپ قالىدىغاندەك قىلاتتى. خېلىلا جىمجىت.
ئەمما خىئات خانىم تېخى بەل قويۇۋەتمىگەن – نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر. بۇ بالىلار بىلەن ئۆتكۈزىدىغان يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقتى بار ۋە بۇ مۇدەتتىن پايدىلىنىشنى خالايدۇ.
مۇدىر خانىم ھەر كۈنى بەشىنچى سىنىپلارنىڭ كارىدورىدا ئايلىنىپ يۈرەتتى. «ھەي، سەن! تولا ۋارقىراۋەرمە!»
ھەر كۈنى مەكتەپ يىغىنىدا ئۇلارغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى «بەشىنچى سىنىپلارنىڭ پىچىرلاشقانلىقىنىمۇ ئاڭلىغۇم يوق، ئۇقتۇڭلارمۇ؟»
خىئات خانىم، بەشىنچى سىنىپلارنىڭ چۈشلۈك دەم ئېلىشىدا داۋاملىق قولىغا يوغان، قىزىل بىر ياڭراتقۇ ئېلىۋېلىپ تاماق زالىدا ئايلىنىپ يۈرەتتى. ۋاراڭ چۇرۇڭ چىدىغۇسىز سەۋىيىگە يەتكەندە ياڭراتقۇنىڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ «بالىلار! بەك يۇقرى ئاۋازدا سۆزلەۋاتىسىلەر!» دەپ ھۆركىرەيتتى.
خىئات خانىم بۇنداق پات پات ئەسكەرتىش بېرىش ئارقىلىق بالىلارغا چوقۇم بىر كۈنى تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى… باشقا خىل بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ ئۇلار پىشىپ يېتىلىشكە مەجبۇر… شۇنداققۇ؟
خىئات خانىم بەزىدە، ئۇلارغا ئارتۇقچە قاتتىق قوللۇق قىلىپ سالىدىغانلىقىنى بىلەتتى، ئەمما بۇندااق قىلىشى ئۇلارغا ياخشى بولسۇن دەپ. زادى، خىئات خانىم، بالىلار چوقۇم بىر كۈنى چوڭ بولىدۇ – شۇڭا خېلىلا جىمىپ قالىدۇ – دەپ قارايتتى. بۇنداق بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچى كامىل ئىدى.
****
ئەمدى گەپنى دەيۋ پاكېردىن ۋە بەشىنچى سىنىپلارنىڭ لەيكتون باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئاخىرقى يىلىدا، ئون بىرىنچى ئاينى ئىككىنچى سەيشەنبىسىدە، چۈشتە نېمە ئىشلار يۈز بەرگەنلىكىدىن ئالايلى.
بەشىنچى سىنىپلارنىڭ چۈشلۈك تاماق ۋاقتىغا ئىككى مىنۇت قالغانتى ۋە مۇدىر خانىم ئادەتتىكىگە ئوخشاشلا تەييارلىقىنى پۇختا قىلىپ بولغان. خىئات خانىم ئۇ كۈنى بەشىنچى سىنىپلارنىڭ چۈشلۈك دەم ئېلىشىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان يەنە بىر نۆۋەتچى مۇئەللىم، كېسەل ياكى يىغىن دىگەندەك سەۋەپلەر تۈپەيلى رۇخسەت ئالدىمۇ يوق تەكشۈرۈپ باققانتى. چۈنكى بەشىنچى سىنىپلارنىڭ چۈشلۈك دەم ئېلىشىدا ئۇلارنى باشقۇرۇشنىڭ ھۆددىسىدىن يالغۇز چىقىش ئوڭاي ئىش ئەمەستى.
يەنە تېخى، خىئات خانىم، ھەر ۋاقىتتىكىدەك، مەكتەپ تازلىقچىسى لىپتون ئەپەندىگىمۇ سائەت 12:40 قىچە تاماق زالىدا تۇرۇشنى بۇيرۇغانتى. چۈنكى بۇ گرۇپپا بار يەردە قانچە جىق چوڭ ئادەم بولسا شۇنچە ياخشى ئىدى.
يەنە تېخى، خىئات خانىم، ئىككى قېتىم، قىزىل ياڭراتقۇچىنىڭ باتارىيەسىنى تەكشۈرۈپ باققان. چۈنكى بەشىنچى سىنىپلار چۈشلۈك تاماق يەۋاتقان زالنىڭ ئوتتۇرسىدا باتارىيەسى تۈگەپ قالغان بىر ياڭراتقۇچ بىلەن قېلىش قاباھەتلىك چۈشنىڭ ئۆزىدە…
شۇنداق قىلىپ، قوڭغۇراق ئاۋازى ئاڭلاندى ۋە بەشىنچى يىللىقلارنىڭ سىنىپلىرىنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلغان ھامان، خىئات خانىم ئۇلارنىڭ كېلىۋاتقانلىىقىنى بىلدى، ھەممىسىنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا – ئىشكاپلارنىڭ ئىشىكىنى تاراقشىتىپ ئېچىپ-ياپقانلىقىنى، بىربىرلىرىنى چاقىرىپ پىلموتتەك توختىماي سۆزلىشىشكە باشلىغانلىقىنى، كارىدوردىن تاماق زالىغا قاراپ قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ، ۋارقىراپ-جارقىراپ، يۈگەن سالغىلى بولمىغۇدەك كۈچلۈك ئېنىرگىيە، ھاياجان ھەم شاۋقۇن سۈرەنىنىڭ كەلكۈندەك ئېقىپ كېلىۋاتقانلىقىنى… مۇدھىش بىر غوۋغا!
خىئات خانىم تاماق زالىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئورنىغا ئوبدان ئورۇنلاشتى. بۈگۈنكى چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىىدىكى بىر مەيدان جەڭگە، قالايمىقانچىلىقنى تەرتىپلەشكە، بۇ بالىلارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىش ئېھتىماللىقى بار ھەرقانداق مەسىلىگە تاقابىل تۇرۇشقا تەييار بولغان ئدى.
ئەمما بۇ دۇنيادىكى ھېچقانداق نەرسىنىڭ ئۇنى، بىردەمدىن كىيىن يۈزبېرىدىغان ئىشلارغا تەييارلىيالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.