تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر
ئايشە ۋە ئايگۈل تولا جېدەللشىدىغان بىر جۈپ ئاچا سىڭىللاردىن ئىكەن. ئەڭ كىچىك ئىشلاردىنمۇ جېدەل چىقىرىدىكەن. ئويۇنچۇقلىرىنى، ئىشكاپلىرىنى، قەلەملىرىنى تەڭ ئىشلىتىشنى بىلمەيدىكەن. ئاپىسى ۋە دادىسى نىمىلا دېمىسۇن، ئۇلارنى جېدەل قىلىشتىن ۋاز كەچۈرەلمەپتۇ.
بىر كۈنى ئايشە مەكتەپتىن ئۆيگە قايتىۋاتقاندا ماشىنا سوقۇۋېتىپتۇ. ئۇنى جىددى دوختۇرخانىغا ئېلىپ مېڭىپتۇ. ئايگۈل بۇنى ئاڭلاپ كۆڭلى ناھايىتى يېرىم بوپتۇ.
«ئەمدى مەن قانداق قىلارمەن، كىم بىلەن ئوينايمەن.» دەپ ئويلاشقا باشلاپتۇ.
ئايشە نەچچە كۈنلەپ دوختۇرخانىدا قاپتۇ. ئۇمۇ دوختۇرخانىدا ئايگۈلنى بەك سېغىنىپتۇ.
«دەرھال ساقىيىپ سىڭلىم بىلەن ئويناشقا باشلىسام بەك ياخشى بولاتتى.»
كۈنلەر مۇشۇنداق ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئاخىرى ئايشە ساقىيىپ ئۆيگە قايتىپتۇ. ئىككى ئاچا سىڭىل كۆرۈشۈپ بىر- بىرىنى چىڭ قۇچاقلاپتۇ. ئايشە:
– سېنى بەكمۇ سېغىندىم ئاچا،– دەپتۇ.
ئايگۈلمۇ:
– مەنمۇ سېنى بەكلا سېغىندىم. ئەسلىدە مەن سېنى بەك ياخشى كۆرىدىكەنمەن، – دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ئىككى ئاچا سىڭىل ناھايىتى ئوبدان ئۆتۈپتۇ. بىربىرى بىلەن پەقەت ئۇرۇشماپتۇ.