تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر
بىر كۈنى چۈمۈلە يەيدىغان نەرسە ئىزدەشكە مېڭىپتۇ. تاپقان بۇغداي دانلىرىنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىۋاتقاندا، يولدىكى چاتقاللىقلارنىڭ يوپۇرمىقىدا لىڭشىپ تۇرغان بىر تۈكلۈك قۇرتنى كۆرۈپتۇ. بىچارىنىڭ ھەممە تەرىپى ئىنچىكە يىپلار بىلەن ئورالغانىكەن. چۈمۈلە شۇ ۋاقىتقىچە ھىچ تۈكلۈك قۇرت كۆرۈپ باقمىغانىكەن. ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپتۇ ۋە:
– ۋاي بىچارە، مەن خالىغان يەرگە مېڭىپ بارالايمەن، دەرەخكە يامىشالايمەن. ھەتتا خالىغاندا تاغقىمۇ چىقالايمەن. ئەمما سەن بۇ يەردە ھىچ مىدىرلىيالمايدىكەنسەن.
تۈكلۈك قۇرت چۈمۈلىگە ھېچنەرسە دىمەپتۇ. چۈمۈلە گەپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:
– بىلەمسەن، ھەتتا بالا چۈمۈلىلەرمۇ خالىغانچە ئايلىنىپ يۈرىدۇ. ئۇلار ناھايتى ئەركىن. نەرگە خالىسا بارالايدۇ. ئاھ نىمە دىگەن ئېچىنىشلىق. سەن بۇ يەرگە باغلىنىپ قاپسەن. چوقۇم بەك تەس بىر ھاياتىڭ بار.
تۈكلۈك قۇرت يەنە جاۋاپ بەرمەپتۇ. چۈمۈلە تۈكلۈك قۇرتقا ئىچىنى ئاغرىتقان پېتى كېتىپ قاپتۇ.
بىرئازدىن كېيىن چۈمۈلە يەنە يېمەكلىك ئىزدەپ مېڭىپتۇ. تۇيۇقسىز ئۈستىدىن بىر نەرسىنىڭ ئۇچۇپ ئۆتكەنلىكىنى سېزىپتۇ. بېشىنى كۆتۈرۈپ يۇقىرىغا قاراپتۇ. بۇ بىر كېپىنەك ئىكەن!
– ۋاي خۇدايىم، سەن نىمە دىگەن گۈزەل. رەڭگارەڭ قاناتلىرىڭ باركەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇچالايدىكەنسەن. بۇنداق ئەركىن بولۇش نىمە دىگەن ياخشى ئىش!
كېپىنەك چۈمۈلىگە قاراپ كۈلۈمسىرەپتۇ:
– مېنى تونۇدۇڭمۇ، مەن سەن ئىچىڭنى ئاغرىتقان تۈكلۈك قۇرت شۇ. قارا، ھازىر چوڭ بولدۇم. ئەمدى مەن ئۇچالايمەن.
كېپىنەك شۇنداق دىگەندىن كېيىن ئۇچۇپ كۆزدىن غايىپ بوپتۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن چۈمۈلە، تۈكلۈك قۇرتلارنىڭ چوڭ بولۇپ كېپىنەككە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلىۋاپتۇ.