ئاپتورى: ج. ك. روۋلىڭ
تەرجىمە قىلغۇچىلار: ماھىنۇر، ھەبىبە، نەسلىخان ئۇيغۇر
9- باب: يېرىم كېچىدىكى دۇئېل
بىرەرسى خارىغا بىر كۈنى ئۇنىڭ دادلېيدىن بەكرەك ئۆچ كۆرىدىغان بىرەرسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسا ھەرگىزمۇ ئىشەنمىگەن بولاتتى. بىراق بۇ دراكو مالفوي بىلەن تونۇشۇشتىن بۇرۇنقى گەپ. ھەر نېمە بولسا بىرىنچى سىنىپتا گرىففىندورلار سلىيتېرىن بىلەن ئورتاق كىرىدىغان بىردىنبىر دەرس پەقەت سېھىرلىك دورا ۋە سۇيۇقلۇقلار دەرسى بولغاچقا، ئۇ ئىككىسىمۇ ئاپاق- چاپاق بولۇپ ئۆتۈشكە مەجبۇر ئەمەس ئىدى. ئىشقىلىپ ئوقۇغۇچىلار گرىففىندور ئاممىۋى زالىغا ئېسىلغان، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھاياجانغا سالغان بىر ئۇقتۇرۇشنى بايقاپ قالغۇچە، بۇ ئىشلار مۇشۇنداق داۋاملاشقانىدى. پەيشەنبە كۈنى ئۇچۇش دەرسلىرى باشلىناتتى. يەنە تېخى گرىففىندور ۋە سلىيتېرىنلار بۇ دەرسكە بىللە كىرەتتى.
«تازىمۇ بىر» دېدى خارى چۈشىنىكسىز بىر ئاھاڭدا. «مەن بىر ئۆمۈر ئارزۇلاپ كەلگەن ئىشتە بۇ. مالفوينىڭ ئالدىدا سۈپۈرگىگە مىنىشنىمۇ قاملاشتۇرالماي تازا ئوسال بولۇش… »
ئۇچۇش دەرسلىرىنى ئۇ ئەڭ تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ كەلگەن ئىدى.
«ئوسال بولامسەن، بولمامسەن… ئۇنى ھازىرچە نەدىن بىلەتتىڭ» دېدى رون. دېمىسىمۇ ئۇنىڭ گېپى ئورۇنلۇق ئىدى. «ئىشقىلىپ… مالفوينىڭ داۋاملىق كۇئىددىچنى قانچىلىك ياخشى ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، پو ئاتىدىغانلىقىنى مەنمۇ بىلىمەن، ئەمما مېنىڭچە ھەممىسى قۇرۇق گەپ!»
ئەلۋەتتە، ئۇچۇشنىڭ گېپى چىقىپلا قالىدىغان بولسا مالفوينىڭ ئاغزى يۇمۇلماي كېتەتتى. ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا بىرىنچى سىنىپلارنىڭ ھېچقانداق ۋاقىتتا كۇئىددىچ كوماندىسىغا ئېلىنمايدىغانلىقىدىن ئاغرىناتتى، يەنە تېخى ھەممىلا يەردە، ئۆزىنىڭ تىك ئۇچاردىكى ماگېللاردىن قانداق قىلىپ دەل ۋاقتىدا قېچىپ ئۈلگۈرگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك پۈتمەس-تۈگىمەس كۆپتۈرمە ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ يۈرەتتى. گەرچە بۇنداق قىلىدىغان بىردىنبىر ئادەم ئۇ ئەمەس ئىدى: سېمۇس فىننىگاننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ بالىلىقى شەھەر سىرتىدىكى كەڭرى كەتكەن دالالاردا سۈپۈرگىسى بىلەن ئۇياقتىن بۇياققا ئۇچۇپلا ئۆتۈپتىمىش. ھەتتا رونمۇ ئاڭلايدىغان ئادەم چىقىدىغان ئىش بولسا، ئۆزىنىڭ بىر ۋاقىتتا چارلىنىڭ كونا سۈپۈرگىسى بىلەن بىر پلانىرغا ئۈسسۈۋالغىلى تاس قالغانلىقىنى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەيتتى. سېھىرگەر ئائىلىلىرىدىن كەلگەن ھەرقانداق بىر بالا كۇئىددىچ ھەققىدىكى پاراڭلارنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى. رون ھېلىتىنلا ئۇلار بىلەن بىر ياتاقتا تۇرىدىغان دىين تامېس بىلەن پۇتبول ھەققىدە تاكاللىشىپ قالغان ئىدى. رون ھېچكىمنىڭ ئۇچۇشىغا يول قويۇلمايدىغان، بىر تاللا توپ بىلەن ئوينايدىغان بۇ ئويۇننىڭ نېمىسىنىڭ قىزىقارلىق ئىكەنلىكىنى زادى چۈشىنەلمەيۋاتاتتى. خارى بىر قېتىم روننى دىيننىڭ تامغا ئېسىۋالغان ۋېست خام پۇتبول كوماندىسىنىڭ چوڭ رەسىمىنى كوماندا ئەزالىرىنى ھەرىكەتكە سېلىش ئۈچۈن تۈرتۈپ بېقىۋاتقاندا كۆرۈپ قالغان ئىدى.
نەۋىل ئۆمرىدە سۈپۈرگىگە مىنىپ باقمىغان ئىدى. چۈنكى چوڭ ئاپىسى ئۇنى بىرەر سۈپۈرگىگە يېقىنمۇ يولاتمىغان ئىدى. خارى بولسا ئىچىدە ئۇ ئايالنى مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى بۇنداق قىلىشقا تامامەن ھەقلىق دەپ ئويلىغان ئىدى. چۈنكى نەۋىل ھەتتا ھەر ئىككى پۇتى يەرگە دەسسەپ تۇرغان چاغدىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پېشكەلچىلىكلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايتتى.
ھېرماينى گرېنجىر ئۇچۇش ھەققىدە ئاز دىگەندىمۇ نەۋىلچىلىك تىت- تىت بولاتتى. بۇ سىز بىر كىتاپتىن يادلاپلا ئۆگەنگىلى بولىدىغان بىر ئىش ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ بۇنىمۇ سىناپ باقمىغانلىقىدىن ئەمەس. پەيشەنبە كۈنى ناشتىدا ئۇ كۈتۈپخانىدىن ئارىيەت ئالغان ئەسىرلەر بويى كۇئىددىچ دىگەن كىتاپتىن يادلىۋالغان بىمەنە ئۇچۇش تاكتىكىلىرىنى توختىماي سۆزلەپ يۈرۈپ ھەممىنى بېزار قىلىۋەتكەن ئىدى. پەقەت سۈپۈرگىسىدىن چۈشۈپ كەتمەسلىكىگە ئەسقېتىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار ھەممە نەرسىگە بىچارىلەرچە چاپلىشىۋېلىۋاتقان نەۋىللا، ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەر بىر سۆزنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلاۋاتاتتى. باشقىلار بولسا ھېرماينىنىڭ لېكسىيەسى پوچتىنىڭ كېلىشى بىلەن ئۈزۈلۈپ قالغاندا ئاندىن ئارام تاپتى.
خارى خاگرىددىن باشقا ھېچكىمدىن بىر پارچىمۇ خەت تاپشۇرۇۋالمىغانىدى، ئەلۋەتتە. مالفوي بۇنى تېزلا بايقىۋالغان ئىدى. مالفوينىڭ پۇھۇ قۇشى، ئۇنىڭغا پات- پات ئۆيدىن كەمپۈت ۋە تاتلىق تۈرۈملەر ئېلىپ كېلەتتى، مالفوي بولسا بۇلارنى چوڭ زالدا پەخىرلەنگەن ھالدا باشقىلارغا كۆز كۆز قىلىپ ئاچاتتى.
بىر نىقابلىق بايقۇش نەۋىلگە چوڭ ئاپىسى ئەۋەتكەن كىچىك بىر بولاقنى ئەكىلىپ بەردى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا بولاقنى ئاچتى ۋە ئىچىدىن چىققان، يوغانراق مەرمەر تاشقا ئوخشاپ كېتىدىغان، قارىماققا ئىچى ئاق تۇمان بىلەن تولغاندەك كۆرۈنىدىغان بىر ئەينەك شارچىنى باشقىلارغا كۆرسەتتى.
«بۇ بىر خاتىرلەتكۈچ» دەپ چۈشەندۈردى ئۇ. «چوڭ ئاپام مېنىڭ ئۇنتۇغاقلىقىمنى بىلىدۇ. بۇ نەرسە سەن قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغان بىرەر نەرسە بارمۇ- يوق، ئەسكە سالىدۇ. قاراڭلار، بۇنى مۇنداق چىڭ تۇتقاندا، ئەگەر تۇماننىڭ رەڭگى قىزىلغا ئۆزگەرسە… ما ئىشنى قارا…» ئۇنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ كەتتى، چۈنكى خاتىرلەتكۈچ تۇيۇقسىز قېپقىزىل بولۇپ كەتكەن ئىدى. «سىلەر بىر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالدىڭلار دېگەن گەپ» دەپ قوشۇپ قويدى نەۋىل.
نەۋىل نېمىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىشقا تىرىشىۋاتقاندا، گرىففىندور ئۈستىلىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان دراكو مالفوي، خاتىرلەتكۈچنى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىۋالدى.
خارى بىلەن رون ئورنىدىن سەكرەپ تۇردى. ئۇلار مالفوي بىلەن سوقۇشۇشقا بىرەر باھانە چىقىشىنى ئۈمىد قىلىپ تۇرغان ئىدى، ئەمما پروففېسور مېك گوناگال، مەكتەپتىكى جىدەل-ماجىرانى ئالدىن ئالا كۆرۈش قابىلىيىتى ئەڭ تەرەققىي قىلغان مۇئەللىم، كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە شۇ يەردە پەيدا بولدى.
«نېمە بولدى؟»
«مالفوي مېنىڭ خاتىرلەتكۈچۈمنى ئېلىۋالدى پروفېسور.»
مالفوي قاپىقىنى تۈرگەن ھالدا خاتىرلەتكۈچنى تېزلا ئۈستەلگە تاشلاپ قويدى.
«ناھايىتى قاراپ باققانتىم شۇ» دېدى ۋە كرەب بىلەن گويلنى ئەگەشتۈرۈپ كېتىپ قالدى.
*******
چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ يېرىمدا خارى، رون ۋە باشقا گرىففىندورلار تۇنجى ئۇچۇش دەرسى ئۈچۈن ئالدىراپ- سالدىراپ پەلەمپەيلەردىن چۈشۈپ مەكتەپ مەيدانىغا چىقتى. ئۇ كۈنى ھاۋا ئوچۇق ھەم سالقىن ئىدى. ئۇلار ياپيېشىل دۆڭدىن تۆۋەندىكى تۈز چىملىققا ئالدىراش چۈشۈۋاتقاندا، پۇتلىرىنىڭ يېنىدىكى يۇمران چىملار مەيىن شامالدا يېنىك داۋالغۇپ تۇراتتى. چىملىقنىڭ قارشىسىدا بولسا خىرە يورۇقتا يېنىك لىڭشىۋاتقان دەرەخلىرى كۆرۈنۈپ تۇرغان كىرىش چەكلەنگەن ئورمانلىق بار ئىدى.
سلىيتېرىنلەر ئاللىقاچان كېلىپ بولغان ئىدى. يەردە يىگىرمە سۈپۈرگە رەتلىك تىزىلىپ ياتاتتى. خارى فرەد ۋە جورج ۋېزلىينىڭ داۋاملىق مەكتەپنىڭ سۈپۈرگىلىرىدىن ئاغرىنغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ بەك ئېگىزگە ئۇچسىڭىز قورققانلىقىدىن تىترىگىلى تۇرىدىغانلىقىنى، يەنە بەزىلىرىنىڭ داۋاملىق سەل سول تەرەپكە قىيسىيىپ ئۇچىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئاڭلىغانىدى.
ئۇلارنىڭ مۇئەللىمى ھۇچ خانىم كەلدى. ئۇنىڭ كۈلرەڭ چاچلىرى قىسقا ئىدى، سېرىق كۆزلىرى لاچىننىڭكىگە ئوخشاپ قالاتتى.
«ھە، نېمىگە ھاڭۋېقىپ تۇرىسىلەر؟» دەپ ۋارقىرىدى ئۇ. «ھەممە ئادەم بىردىن سۈپۈرگىنىڭ يېنىغا بېرىپ تۇرسۇن. چاپسان بولۇڭلار!»
خارى ئۆزىنىڭ سۈپۈرگىسىگە قارىدى. ئۇ ئىنتايىن كونا ئىدى، ئۇ يەر بۇ يېرىدىن شاخ- شۇمبىلىرى چىقىپ قالغان، ھەتتا بۇ ئۇششاق شاخلار قايرىلىپ، غەلىتىلا كۆرۈنۈپ قالغان ئىدى.
«ئوڭ قولۇڭلارنى سۇنۇپ، سۈپۈرگىنىڭ ئۈستىدە تۇتۇڭلار» دېدى ھۇچ خانىم ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، «ئاندىن `ئۇچ!` دەپ ۋارقىراڭلار»
«ئۇچ!» دەپ ۋارقىرىدى ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا.
خارىنىڭ سۈپۈرگىسى شۇ ھامان قولىغا سەكرەپ چىقتى، ئەمما ئۇ بۇنى قىلالىغان ئاز ساندىكى ئوقۇغۇچىدىن بىرسى ئىدى. ھېرماينىنىڭ سۈپۈرگىسى يەردە بىر دومىلاپ قويۇپ بولدى قىلدى. نەۋىلنىڭكى بولسا مىدىرلاپمۇ قويمىدى. بەلكىم سۈپۈرگىلەر خۇددى ئاتلارغا ئوخشاشلا سىلەر قورققان ۋاقتىڭلاردا ھېس قىلالايدىغاندۇ، دېگەننى خىيال قىلىپ قالدى خارى. نەۋىلنىڭ ئاۋازى شۇنداق تىترەپ چىققان ئىدىكى، ھەرقانداق بىر ئادەم ئۇنىڭ ئىككىلا پۇتىنى يەردە تۇتۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئوڭايلا بىلىۋالالايتتى.
ئاندىن ھۇچ خانىم ئۇلارغا سۈپۈرگىلىرىنىڭ يەنە بىر ئۇچىدىن سېيرىلىپ چۈشۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن قانداق تۇرۇشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى، ئارقىدىن ئۇ ياقتىن بۇ ياققا مېڭىپ ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىپ بەردى. ئۇ مالفويغا يىللاردىن بېرى سۈپۈرگىنى خاتا تۇتۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقاندا، خارى بىلەن روننىڭ كەيپى خېلى كۆتۈرۈلۈپ قالدى.
«ئەمدى مەن پۇشتەكنى چالغاندا يەرنى قاتتىق تېپىپ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلىسىلەر» دېدى ھۇچ خانىم. «سۈپۈرگەڭلارنى چىڭ تۇتۇڭلار، بىرنەچچە مېتىر ئېگىزلىككە چىقىڭلار، ئاندىن ئالدىڭلارغا بوش ئېگىلىپ پەسكە قايتىپ چۈشۈڭلار. پۇشتەكنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا… بىر،ئىككى…»
ئەمما يەردىن ئايرىلىشنىڭ خىيالىدىنمۇ قورقۇنچ باسقان، تىت-تىت بولۇپ جايىدا جىم تۇرالماي قالغان نەۋىل پۇشتەك تېخى ھۇچ خانىمنىڭ ئاغزىغا بارماستىن يەرنى قاتتىق تېپىۋېتتى.
«ھوي بالا! قايتىپ چۈش!» دەپ ۋارقىرىدى ھۇچ خانىم ئەمما نەۋىل شېشىدىن سەكرەپ چىققان پۇرۇپكىدەك شۇنداق تېز ئۆرلەۋاتاتتى… تۆت مېتىر… يەتتە مېتىر… خارى ئۇنىڭ ئۆزىدىن بارغانسېرى يىراقلىشىپ كېتىۋاتقان يەرگە تىكىلىپ قاراپ قالغانلىقىنى، قورقۇپ تامدەك تاتىرىپ كەتكەن چىرايىنى كۆردى، ئۇ ھەتتا نەپەسمۇ ئالالماي قېلىۋاتاتتى،شۇنداقلا سۈپۈرگىدىن يانچىلاپ سىيرىلىپ كېتىۋاتاتتى…
نەۋىل ئادەمنى شۈركەندۈرىدىغان بىر خىل چاراسلىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ تاغاردەك يەرگە پوككىدە دۈم چۈشتى. سۈپۈرگىسى بولسا تېخىچە ئۇچۇۋاتاتتى… تېخىمۇ ئېگىزگە، يەنىمۇ بەكرەك ئېگىزگە كۆتۈرۈلدى-دە، كىرىش چەكلەنگەن ئورمانلىققا قاراپ لەيلەپ كۆزدىن غايىپ بولدى.
ئۆزىنىڭ چىرايىمۇ تاتىرىپ كەتكەن ھۇچ خانىم نەۋىلنىڭ يېنىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ ئۇنى بىر قۇر تەكشۈرۈپ چىقتى.
خارى ئۇنىڭ «بېغىشىنى سۇندۇرۇۋاپتۇ» دەپ غودۇڭشىغىنىنى ئاڭلاپ قالدى، «يۈرە بالا، مانا بولدى، ئورنۇڭدىن تۇرە.»
ئۇ سىنىپتىكى باشقا ئوقۇغۇچىلارغا بۇرۇلدى.
«ھېچقايسىڭلار مەن بۇ بالىنى دوختۇرخانا بۆلۈمچىسىگە ئاپارغۇچە مىدىر سىدىر قىلغۇچى بولماڭلار! سۈپۈرگىلەرگە چېقىلىدىغان بولساڭلار، ھەتتا كۇئىددىچ دېيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەستىن مەكتەپتىن قوغلىنىسىلەر. يۈر، بالام.»
نەۋىل يۈزلىرى ياش يۇقى بېغىشىنى چىڭ تۇتقان ھالدا، بىر قولىنى ئۇنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ قۇچاقلاپ ماڭغان ھۇچ خانىم بىلەن ماڭدى.
ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمايدىغان يەرگە بېرىپ بولغانلىقىغا كۆزى يەتكەن ھامان مالفوي قاقاقلاپ كۈلۈپ تاشلىدى.
«ئۇنىڭ چىرايىنى كۆردۈڭلامۇ، ئاشۇ كالامپاي كالۋانىڭ؟»
باشقا سلىيتېرىنلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كۈلۈشۈپ كەتتى.
«ئاغزىڭنى يۇم، مالفوي!» دەپ تۇيۇقسىز ۋارقىرىدى پارۋاتى پاتىل.
«ۋاييەي، لوڭبوتتوم ئۈچۈن جېدەل چىقارغىلى تۇردۇڭغۇ؟» دېدى چىرايىدىن رەھىمسىزلىك چىقىپ تۇرىدىغان بىر سلىيتېرىنلىك قىز پەنسىي پاركىنسون. «سېنى بودەك، يىغلاڭغۇ بوۋاقلارغا ئامراق دەپ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، پارۋاتى!»
«قاراڭلار!» دېدى مالفوي ئالدىغا ئېتىلىپ چىقىپ يەردىن بىر نەرسىنى ئالغاچ «لوڭبوتتومنىڭ مومىسى ئەۋەتكەن ھېلىقى بىمەنە نەرسە.»
ئۇ قولىدىكىنى ئېگىزرەك كۆتۈرۈۋېدى، خاتىرلەتكۈچ كۈن نۇرىدا ۋاللىدە قىلدى.
«ئۇنى قايتۇرۇپ بەر مالفوي» دېدى خارى ئاستاغىنە. ھەممەيلەن يۈز بەرمەكچى بولغان ئىشلارنى كۆرۈش ئۈچۈن جىمىپ كەتتى.
مالفوي قەبىھلەرچە كۈلدى.
«مېنىڭچە مەن بۇنى لوڭبوتتوم ئىزدەپ تاپسۇن، دەپ بىر يەرلەرگە تىقىپ قويايمىكىن… ئالايلۇق… بىرەر دەرەخنىڭ تۆپىسى… سىلەرچە قانداق؟»
«ئۇنى ماڭا بەر دېدىم!» دەپ ۋارقىرىدى خارى. ئەمما مالفوي سۈپۈرگىسىگە مىندى-دە، يەردىن كۆتۈرۈلدى. ئۇ يالغان سۆزلىمەپتىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن ئۇچۇشنى ئوبدان بىلىدىكەن. ئۇ شۇ ئۇچقىنىچە ئەڭ ئېگىز ئېمەن دەرەخلىرنىڭ ئۇچىدىكى شاخلىرىنىڭ يېنىغىچە چىقىپ ۋارقىرىدى، «نوچى بولساڭ ئۆزۈڭ كېلىپ ئالە، پوتېر!»
خارى سۈپۈرگىسىنى چىڭ قاماللىدى.
«ياق!» دەپ ۋارقىرىدى ھېرماينى گرېنجىر. «ھۇچ خانىم بىزگە مىدىر سىدىر قىلماڭلار دىگەن، ھەممىمىزنى بالاغا قويىسەن!»
خارى ئۇنىڭغا پىسەنت قىلمىدى. ئاچچىقىدا قۇلاقلىرى زىڭىلداپ كەتكەن ئىدى. ئۇ سۈپۈرگىسىگە چىڭ چاپلاشتى، يەرنى قاتتىق تەپتى-دە، ئېگىزگە ئۆرلىدى. شامال چاچلىرىنى ۋە تونىنى لەپىلدەتتى. خارى خۇشاللىقىدىن قىن- قىنىغا پاتماي قالغانىدى. چۈنكى ئۇ بىرەرسى ئۆگەتمىسىمۇ قىلالايدىغان بىر ئىشنى بايقاپ چىققان ئىدى. بۇ ئىش شۇنداق ئوڭاي، شۇنداق كۆڭۈللۈك ئىدى. ئۇ سۈپۈرگىسىنى يەنە ئېگىزگە ئۆرلەش ئۈچۈن سەل تارتىپ قويۇۋېدى، پەستىكى قىزلارنىڭ چىرقىراپ كەتكەنلىكىنى ۋە ھەيران قالغان روننىڭ ھاياجاندىن چۇقان كۆتۈرگەنلىكىنى ئاڭلىدى.
ئۇ ھاۋادا سۈپۈرگىسىنى شاپپىدە بۇراپ مالفوينىڭ ئۇددۇلىدا توختاپ ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدى. مالفوي چۆچۈپ كەتكەندەك قىلاتتى.
«ئۇنى قايتۇرۇپ بەر» دېدى خارى، «بولمىسا سېنى ئىتتىرىپ سۈپۈرگەڭدىن چۈشۈرىۋېتىمەن!»
«ۋاھ، شۇنداقمۇ؟» دېدى مالفوي، ئەمما ئۇ خارىنى كەمسىتىشكە تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ تەمتىرەپ قالغانلىقى چىرايىدىن چىقىپ تۇراتتى.
خارى قانداقلا بولمىسۇن، نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلەتتى. ئۇ ئالدىغا ئېگىلدى ۋە ئىككى قولى بىلەن سۈپۈرگىنى چىڭ تۇتتى ۋە مالفويغا قاراپ ئوقتەك ئېتىلدى. مالفوي بىر تەرەپكە قېچىپ ئاران ئۈلگۈردى. خارى تېزلا ئارقىغا بۇرۇلدى ۋە سۈپۈرگىنى تۈز تۇتۇپ مالفويغا قاراپ تۇردى. تۆۋەندە بىرنەچچە كىشى چاۋاك چېلىۋاتاتتى.
«بۇ يەردە سېنى قۇتقۇزۇپ قالالايدىغان كرەب ياكى گويل يوق مالفوي» دېدى خارى.
قارىغاندا ئوخشاش خىيال مالفويغىمۇ قاتتىق زەربە بەرگەندەك قىلاتتى.
«ئۇنداق بولسا، بېرىپ تېرىۋال!» دەپ ۋارقىراپ ئەينەك شارچىنى كۈچەپ ئاسمانغا ئاتتى-دە، يەرگە چۈشمەكچى بولۇپ تېزلا كەينىگە ياندى.
خارى خۇددى ئاستىلىتىپ قويۇلغان كۆرۈنۈشتىكىدەك، شارچىنىڭ ئېگىز كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئارقىدىنلا يەرگە چۈشكىلى تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئۇ ئالدىغا ئېگىلدى ۋە سۈپۈرگىسىنىڭ ئۇچىنى تۆۋەنگە قاراتتى. ئارقىدىنلا توپ بىلەن رىقابەتلەشكەندەك ئۇدۇل پەسكە قاراپ شۇڭغۇدى. قۇلاق تۈۋىدە غوڭۇلداۋاتقان شامالنىڭ ئاۋازى بىلەن باشقىلارنىڭ قورقۇپ چۇرقىراشقان ئاۋازى ئارىلىشىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ بىر قولىنى سۇندى ۋە يەرگە بىر قەدەم قالغاندا شارچىنى تۇتۇۋالدى. دەل ۋاقتىدا سۈپۈرگىسىنى ئوڭشىدى ۋە خاتىرلەتكۈچنى چىڭ سىقىمدىغان ھالدا سەل سەنتۈرۈلۈپ، يەرگە سىلىققىنا قونۇۋالدى.
«خارى پوتېر!»
ئۇنىڭ يۈرىكى بايا شۇڭغۇغان چاغدىكىدىنمۇ تېزرەك سوقۇپ كەتتى. پروفېسسور مېك گوناگال ئۇلارغا قاراپ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتاتتى. خارى تىترىگەن ھالدا ئورنىدىن تۇردى.
«ھېچقاچان… خوگۋارتستا بۇنداق بىر ئىشنى… »
پروفېسور مېك گوناگالنىڭ ھەيرانلىقتىن ئاغزى گەپكە كەلمەي قالغان ئىدى. ئۇنىڭ غەزەپلەنگەنلىكىدىن ھەتتا كۆزئەينەكلىرىمۇ چاقناپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى. «قانداقسىگە… قانداق پېتىندىڭ… بوينۇڭنى سۇندۇرۇۋالغان بولساڭ قانداق قىلار بولغىيدىڭ…»
«بۇ ئۇنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس پروفېسور… »
«جىم، پاتىل خېنىم»
«ئەمما مالفوي… »
«بولدى قىلىڭ، ۋېزلىي ئەپەندى. پوتېر، مەن بىلەن يۈر، ھازىرلا.»
خارى قەلئەگە قاراپ ئۇچقاندەك ماڭغان مېك گوناگالنىڭ كەينىدىن خۇددى سېزىمىنى يوقاتقان ئادەمدەك ئەگىشىپ ماڭغاچ مالفوي، كرەب ۋە گويلنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتكەن ھالىتىنى كۆرۈپ قالدى.
مانا شۇنىسى ئېنىقكى، ئەمدى ئۇ چوقۇملا مەكتەپتىن قوغلىنىدىغان بولدى. ئۇ ئۆزىنى ئاقلىماقچى بولدىيۇ، ئەمما ئاۋازىنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەكلا قىلاتتى. پروفېسور مېك گوناگال ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماستىن، تېز-تېز قەدەم تاشلاپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭغا يېتىشىپ مېڭىش ئۈچۈن خارى يۈگۈرۈشكە مەجبۇر بولۇۋاتاتتى. مانا، ئەمدى ئوبدان بولدىمۇ؟ ئۇ ھەتتا ئىككى ھەپتىمۇ تىنچ تۇرالمىدى. ئون مىنۇت ئىچىدە ئۇ چوقۇم نەرسە- كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. دۆرسلېيلەر ئۇ تۇيۇقسىز ئۆيلىرىنىڭ بوسۇغىسىدا پەيدا بولۇپ قالسا قانداق قىلار؟
كىرىش ئىشىكىدىكى پەشتاق… ئىچىدىكى مەرمەر پەشتاق… ۋە پروفېسور مېك گوناگال تېخىچە ئۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىپ قويمايۋاتاتتى. ئۇ ئالدىغا چىققان ئىشىكلەرنى تارتىپ ئېچىپ كەينىدىن بىچارىلەرچە يۈگۈرۈپ ئەگىشىپ كېلىۋاتقان پوتېر بىلەن كارىدورلاردا تېز-تېز ماڭاتتى. بەلكىم ئۇنى دامبېلدورنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېتىۋاتقاندۇ… ئۇ خاگرىدنى ئەسلەپ قالدى. مەكتەپتىن قوغلانغان، ئەمما قاراۋۇل بولۇپ تۇرۇپ قېلىشىغا يول قويۇلغان. بەلكىم ئۇ خاگرىدنىڭ شاگىرتى بولۇپ قالار. ئۇ رون ۋە باشقىلارنىڭ پېشقەدەم سېھىرگەرلەر بولۇش يولىدا مېڭىۋاتقاندا، ئۆزىنىڭ خاگرىدنىڭ سومكىسىنى كۆتۈرۈپ، ئەتراپتا چېپىپ يۈرگەنلىكىنى خىيال قىلىپ قېلىۋېدى، يۈرىكى ئېچىشىپ كەتتى.
پروفېسور مېك گوناگال بىر سىنىپنىڭ تېشىدا توختىدى. ئۇ ئىشىكنى ئاچتى ۋە بېشىنى ئىچىگە ئۇزاتتى.
«كەچۈرۈڭ، پروفېسور فلىتۋىك، ۋۇدنى بىر دەم ئېلىپ تۇرسام بولامدۇ؟»
«ۋۇد؟» دەپ ئويلىدى خارى. ۋۇد ئۇنى جازالاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بىرەر قورال* بولغىيمىدى؟ (*ۋۇدنىڭ، ئېنگىلىسچىدە (wood) دەرەخ، ئوتۇن، كالتەك دىگەن مەنىسى بار.)
ئەمما ئەسلىدە ۋۇد، بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمى ئىكەن. قامەتلىك بىر بەشىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىسى فلىتۋىكنىڭ سىنىپىدىن چىقىۋاتقاندا، گاڭگىراپ قالغانلىقى چىرايىدىن چىقىپلا قالغان ئىدى.
«ئىككىڭلار، مەن بىلەن يۈرۈڭلار» دېدى پروفېسور مېك گوناگال، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كارىدورنىڭ يەنە بىر ئۇچىغا قاراپ ماڭدى، ۋۇد خارىغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قويدى.
«كىرىڭلار»
پروفېسور مېك گوناگال ئۇلارنى قارا دوسكىغا ئەدەپسىز سۆزلەرنى يېزىۋاتقان پېۋزدىن باشقا ھېچكىم يوق بىر سىنىپقا باشلاپ كىردى.
«چىقىپ كەت، پېۋز» دەپ ۋارقىرىدى ئۇ. پېۋز قولىدىكى بورنى تاراڭڭىدە ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىۋېتىپ، غودۇڭشىغان ھالدا ئىچىدىن ئۇلارنى قارغاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. پروفېسور مېك گوناگال ئۇنىڭ كەينىدىن ئىشكنى جالاققىدە ياپتى-دە، ئىككى بالىغا بۇرۇلۇپ قارىدى.
«پوتېر، بۇ ئولىۋېر ۋۇد. ۋۇد، ساڭا بىر ئىزدەنگۈچى تاپتىم.»
ۋۇدنىڭ چىرايى تېزلا ئۆزگەردى، گاڭگىراشنىڭ ئورنىنى خۇشاللىق ئىگەللىدى.
«راست دەمسىز، پروفېسور؟»
«ئەلۋەتتە» دېدى پروفېسور مېك گوناگال روھلۇق ھالدا. «بۇ بالا، تۇغما تالانتلىقكەن. بۇنداق بىر نەرسىنى كۆرۈپمۇ باقمىغان. سۈپۈرگىگە تۇنجى قېتىم مىنىشىڭمىدى پوتېر؟»
خارى ئۈن- تىنسىز بېشىنى لىڭشىتتى. ئۇ نېمە ئىشلار يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالماي قالغان ئىدى، ئەمما قارىغاندا ئۇ مەكتەپتىن قوغلانمايدىغاندەك قىلاتتى. پۇتلىرىنىڭ سېزىمى ئاستا ئاستا قايتىپ كەلدى.
«بۇ نەرسىنى ئون بەش مېتىر ئېگىزلىكتىن شۇڭغۇپ چۈشۈپ تۇتۇۋالدى» دېدى پروفېسور مېك گوناگال ۋۇدقا. «بىر يېرى سۈرۈلۈپمۇ كەتمىدى. ھەتتا چارلى ۋېزلىيمۇ بۇنداق قىلالمىغان بولاتتى.»
مانا ئەمدى ۋۇد، پۈتۈن چۈشلرى بىراقلا رېئاللىققا ئايلانغاندەك قاراۋاتاتتى.
«ھازىرغىچە بىرەر كۇئىددىچ مۇسابىقىسى كۆرۈپ باقتىڭمۇ پوتېر؟» دەپ سورىدى ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا.
«ۋۇد، گرىفىندور كوماندىسىنىڭ باشلىقى» دەپ چۈشەنچە بەردى پروفېسور مېك گوناگال.
«بەدەن قۇرۇلمىسىمۇ بىر ئىزدەنگۈچىگە تازا باپ كېلىدىكەن» دېدى ۋۇد، ئۇ ھازىر خارىنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ ئۇنىڭغا زەن سېلىپ قاراۋاتاتتى. «يىنىك، چاققان، ئۇنىڭغا ئوبدانراق بىر سۈپۈرگە تېپىپ بېرىشىمىز كېرەك پروفېسور. مېنىڭچە بولغاندا، بىر نىمبۇس 2000، ھېچبولمىسا تەلتۆكۈس 7 بولسا ياخشى بولاتتى.»
«پروفېسور دامبېلدور بىلەن بىر پاراڭلىشىپ باقاي، قاراپ باقايلى. بىرىنچى سىنىپلار قائىدىسىگە قايتا بىر كۆز يۈگۈرتۈپ باقساق بولامدىكىن. تەڭرى ئۆزى بىلىدۇ. بىز ئۆتكەن يىلدىكىدىن سۈپەتلىكرەك بىر كوماندىغا مۇھتاج. ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقىدە سلىيتېرىن بىزنى تازا ئوسال قىلغانتى، نەچچە ھەپتە سەۋەرۇس سنەيپنىڭ چىرايىغا قاراشقىمۇ يۈزۈم قالمىغانتى.»
پروفېسور مېك گوناگال كۆزەينىكىنىڭ ئۈستىدىن خارىغا چەكچىيىپ قاراپ قويدى.
«قاتتىق چېنىققىن پوتېر، ھورۇنلۇق قىلغانلىقىڭنى ئاڭلاپ قالماي… بولمىسا سېنى جازالاشنى يەنە بىر قېتىم ئويلىشىپ قويۇشۇم مۇمكىن.»
ئارقىدىن ئۇ تۇيۇقسىز كۈلۈمسىرىدى.
«داداڭ چوقۇم پەخىرلەنگەن بولاتتى» دېدى ئۇ. «ئۇ ئۆزىمۇ كۇئىددىچتە ئاجايىپ ماھارەتلىك ئىدى.»
*******
«چاقچاق قىلىۋاتىسەن ھە!»
كەچلىك تاماق ۋاقتى بولغان ئىدى. خارى رونغا پروفېسور مېك گوناگال بىلەن ماڭغاندىن كېيىن نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەندە بولسا، رون ئاغزىدىكى بىر پارچە كالا گۆشىنى ۋە بۆرەكتە قىلىنغان قاتلىمىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى.
«ئىزدەنگۈچى؟» دېدى ئۇ. «ئەمما بىرىنچى سىنىپلار ھەرگىزمۇ… سەن چوقۇم بىنادىكى ئەڭ ياش كوماندا ئەزاسى، بەلكىم… »
«يۈز يىلدىن بېرى» دېدى خارى قاتلىمىدىن بىر پارچە چىشلەپ. چۈشتىن كېيىنكى بۇ سەرگۈزەشت ئۇنى ئالاھىدە ئېچىرقىتىۋەتكەندەك قىلاتتى. «ۋۇد ماڭا دەپ بەردى.»
رون شۇنداق ھەيران قالغان، ھەم خارىغا شۇنداق مەستلىگى كەلگەن ئىدىكى، ئولتۇرغان يېرىدە خارىغا تىكىلىپ قاراپلا قالدى.
«كېلەر ھەپتە مەشىقنى باشلايمەن» دېدى خارى. «ئەمما ھېچكىمگە دېمە جۇمۇ، ۋۇدنىڭ بۇنى مەخپىي تۇتقۇسى بار ئىكەن.»
فرەد بىلەن جورج زالغا ئەمدىلا كىرگەن ئىدى، ئۇلار خارىنى كۆرۈپ قېلىپ دەرھال يېنىغا كەلدى.
«مۇبارەك بولسۇن!» دېدى جورج پەس ئاۋازدا. «ۋۇد بىزگە دەپ بەردى. بىزمۇ كوماندىدا، سوققۇچى»
«قاراپ تۇر-ھە، بۇ يىل چوقۇم كۇئىددىچ لوڭقىسىنى ئۇتۇۋالىمىز» دېدى فرەد. «چارلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن بۇيان ئۇتالمىغان، ئەمما بۇ يىلقى كوماندا ئالاھىدە، سەن چوقۇم قالتىس خارى، ۋۇد بىزگە سۆزلەپ بەرگۈچە ھاياجاندىن سەكرەپ تاقلىۋەتكىلى تاسلا قالدى.»
«بىز ئەمدى ماڭمىساق بولمايدۇ، لىي جوردان مەكتەپتىن چىقىدىغان مەخپىي يولدىن يەنە بىرنى تېپىپتىمىش»
«چوقۇم بىز تۇنجى ھەپتىمىزدە تېپىۋالغان، گرېگوري ساميۇلنىڭ ھەيكىلىنىڭ كەينىدىكىنى دەيدۇ. كېيىن كۆرۈشەيلى ئەمىسە.»
فرەد بىلەن جورج كۆزدىن غايىپ بولۇشىغا، بۇ يەردە ئازراقمۇ قارشى ئېلىنمايدىغان باشقىلار يېتىپ كەلدى، بۇ كرەب بىلەن گويلنى ئەگەشتۈرىۋالغان مالفوي ئىدى.
«بۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم غىزالىنىشىڭغۇ دەيمەن پوتېر؟ ماگېللارنىڭ قېشىغا قايتىدىغان پويىز قاچان ماڭىدىكەن؟»
«ئىككى پۇتۇڭ يەردە، كىچىك ئاداشلىرىڭ يېنىڭدا ۋاقىتتا ئەجەب باتۇر بولۇپ كېتىدىكەنسەن ھە مالفوي؟» دېدى خارى تىنچ ئاھاڭدا. ئەلۋەتتە كرەب ۋە گويلدا كىچىكلىكتىن ئەسەر بولمىسىمۇ، چوڭ ئۈستەل مۇئەللىملەر بىلەن تولغان ۋاقىتتا، ھېچقايسىسى بېغىش سۆڭەكلىرىنى قاراسلىتىپ قويۇشتىن باشقىنى قىلالماي قالدى.
«سېنىڭ ئەدىۋىڭنى، ئۆزۈم، ھەرقانداق ۋاقىتتا بېرەلەيمەن پوتېر» دېدى مالفوي. «بۈگۈن كەچ، ئەگەر خالىساڭ… سېھىرگەرلەر دۇئېلى. پەقەت سېھىرلىك تاياق، مۇشتلىشىشقا بولمايدۇ. نېمە بولدى؟ سەن، سېھىرگەر دۇئېلىنىڭ نېمىلىكىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغانغۇ دەيمەن، ھە؟»
«ئەلۋەتتە بىلىدۇ» دېدى رون كەينىگە بۇرۇلۇپ. «مەن ئۇنىڭ زاپاس ئادىمى، سېنىڭكى كىم؟»
مالفور كرەب بىلەن گويلغا بىر قۇر قاراپ مۆلچەرلەپ چىقتى.
«كرەب» دېدى ئۇ. «يېرىم كېچىدە، قانداق؟ سىلەر بىلەن لوڭقىلار تىزىلغان زالدا كۆرۈشەيلى، ئۇ يەرگە ھېچقانداق ۋاقىتتا قۇلۇپ سالمايدۇ.»
مالفوي كەتكەندىن كېيىن، رون بىلەن خارى بىر- بىرسىگە قاراشتى.
«سېھىرگەر دۇئېلى نېمە؟» دېدى خارى. «يەنە، سەن مېنىڭ زاپاس ئادىمىم؟ بۇ نېمە دىگىنىڭ؟»
«زاپاس ئادەم سەن ئۆلسەڭ سېنىڭ ئورنىڭدا دۇئېلنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئادەم شۇ» دېدى رون ھېچ ئىش بولمىغاندەك، ئاندىن ئاخىرى سوۋۇپ قالغان قاتلىمىسىغا تۇتۇش قىلدى. ئەمما خارىنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ قېلىپ تېزلا قوشۇپ قويدى. «ئەمما ئادەملەر پەقەت ھەقىقى دۇئېللاردا ئۆلىدۇ، چۈشەنگەنسەن؟ يېتىلگەن سېھىرگەرلەرنىڭ دۇئېلىدا. مالفوي بىلەن سەن جىق بولسا تايىقىڭلاردىن رەڭلىك ئۇچقۇنلار چىقىرالايسىلەر شۇ. ھېچقايسىڭلار بىربىرىڭلارغا ھەقىقەتەن زىيان- زەخمەت يەتكۈزىدىغان بىرەر ئەپسۇن بىلمەيسىلەر. ئىشقىلىپ، ئۇ چوقۇم سېنى ئۇنىمايدۇ، دەپ ئويلىغاچقا شۇنداق دەپ قويغان گەپ.»
«ئەگەر مەن تايىقىمنى لىڭشىتقاندا ھېچنەرسە بولمىسىچۇ؟»
«ئۇنداقتا، تايىقىڭنى بىر تەرەپكە چۆرۈۋېتىپ بۇرنىغا مۇشت بىلەن بىرنى سال» دەپ مەسلىھەت بەردى رون.
«نېمە؟»
ئىككىلىسى بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىدى. گەپ قىلغىنى ھېرماينى گرېنجىر ئىدى.
« ئادەم بۇ يەردە ئارام خۇدا تاماقمۇ يىيەلمەمدۇ؟» دېدى رون.
ھېرماينى ئۇنىڭغا پىسەنت قىلمىدى ۋە خارىغا قاراپ سۆزلەشنى داۋاملاشتۇردى.
«مالفوي بىلەن پارىڭىڭلار قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.»
«قەستەن قۇلاق سالدىم دېمەمسەن» دەپ غودۇڭشىدى رون.
«…سەن، كېچىدە مەكتەپتە تىمسىقلاپ يۈرسەڭ بولمايدۇ، تۇتۇلۇپ قالساڭ گرىففىندوردىن قانچىلىك نومۇردىن تارتىلار ئويلاپ باقتىڭمۇ، سەن بولساڭ، دەل شۇنداق قىلىشقا تەييارلىنىۋاتىسەن. بۇ ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىك!»
«ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىشنىڭ سەن بىلەن قىلچىمۇ مۇناسىۋىتى يوق» دېدى خارى.
«خەير خوش» دېدى رون.
*******
قانداقلا بولمىسۇن، بۇ بىر كۈننى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ مۇكەممەل يولى ئەمەستە، دەپ ئويلاۋاتاتتى خارى. شۇ كۈنى كەچتە سېمۇس بىلەن دىيننىڭ ئۇخلاپ قېلىشىنى كۈتۈپ ياتقىنىدا (نەۋىل تېخى دوختۇرخانا بۆلۈمچىسىدىن قايتمىغان ئىدى) رون ئۇنىڭغا توختىماي ئەقىل ئۆگىتىپ چىقتى. «ئەگەر ئۇ سېنى قارغىماقچى بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئۆزۈڭنى چەتكە ئال، چۈنكى ئۇلارنى قانداق توسۇپ قالالايدىغانلىقىمىزنى ئېسىمگە ئالالمايۋاتىمەن.» ئۇلارنىڭ فىلچ ياكى نورىس خانىمغا تۇتۇلۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى. خارى بۈگۈن تەلىيىنى سەل ئارتۇقچە سىناپ باققاندەك ھېس قىلىپ قالدى. شۇ تاپتا يەنە بىر مەكتەپ قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلماقچى بولۇپ تۇراتتى. ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن مالفوينىڭ ئۇنى مازاق قىلغان سوغۇق كۈلكىسى قاراڭغۇدا كۆز ئالدىغا كېلىۋالاتتى. بۇ مالفوي بىلەن تىغمۇ-تىغ كۈرەش قىلىدىغان، ئۇنى راسا ئەدەپلەپ قويىدىغان ئوبدان پۇرسەت. قولدىن بەرسە قەتئىي بولمايدۇ.
«ئون بىر يېرىم بولدى» دەپ غودۇڭشىدى رون. «ماڭساق بولارمىكىن؟»
ئۇلار ئۇخلاش كىيمىنىڭ ئۈستىگە يەكتەكلىرىنى كىيىشتى، تاياقلىرىنى قولىغا ئالدى ۋە مۇناردىكى ياتاقخانىدىن چىقىپ، ئايلانما پەلەمپەيدىن چۈشۈپ گرىففىندور ئاممىۋىي زالىغا كىردى. تام مەشتە، تېخىچە قېپقىزىل يېنىۋاتقان، ئورۇندۇقلارنى قاراڭغۇ، نېمىلىكى ئېنىق ئەمەس كۆلەڭگىلەردەك كۆرسىتىپ تۇرغان بىرنەچچە تال چوغ بار ئىدى. ئۇلار ئۆزىگە ئەڭ يېقىن ئورۇندۇقتىكى بىرسىنىڭ گەپ قىلغانلىقىنى ئاڭلىغاندا پورترېتنىڭ يېنىغا كېلەيلا دىگەن ئىدى. «سېنى بۇنداق قىلار دەپ ئويلىماپتىكەنمەن خارى!»
پىلىلداپ تۇرغان بىر چىراق پەيدا بولدى. ئارقىدىن ئۇلار ھېرماينىنى كۆردى، ھالرەڭ يەكتەك كىيىۋالغان ۋە قاپىقىنى تۈرۈپ تۇرغان ھېرماينىنى.
«سەنكەنسەنغۇ!» دېدى رون ئاچچىقلىنىپ، «بېرىپ ئۇخلىساڭچۇ!»
«ئاكاڭغا دەپ قويغىلى تاسلا قالغانتىم» دېدى ھېرماينىمۇ ئاچچىقلىنىپ، «پېرسىي، ئۇ بىر سىنىپ باشلىقى، بۇ بىمەنە ئىشىڭلارنى بىر تەرەپ قىلىۋېتەلەيتتى.»
خارى ئۇنىڭ ھەركىمنىڭ ئىشىغا بۇ دەرىجىدە ئارىلىشىۋالىدىغان خۇيىغا ھەيران قېلىۋاتاتتى.
«ماڭايلى» دېدى ئۇ رونغا. ئۇ بودەك خانقىزنىڭ پورترېتىنى ئىتتىرىپ ئېچىپ تۆشۈكتىن سىرتقا يامىشىپ چىقتى.
ھېرماينى بولسا ئاسانلا بەل قويۇۋېتىدىغاندەك قىلمايتتى. ئۇ روننىڭ ئارقىسىدىن سىرتقا چىقتى، غەزەپلەنگەن غازدەك توختىماي كوتۇلداۋاتاتتى.
«گرىففىندور بىلەن كارىڭلار يوقمۇ، پەقەت ئۆزۈڭلارنىلا ئويلامسىلەر، مەن سليتېرىن بىناسىنىڭ بىنا لوڭقىسىنى ئېلىشىنى خالىمايمەن، ئەمما سىلەر پروفېسور مېك گوناگال ماڭا ئۆزگەرتىش ئەپسۇنىنى توغرا ئوقۇغانلىقىم ئۈچۈن بەرگەن پۈتۈن نومۇرلارنى بىكار قىلىدىغان بولدۇڭلار!»
«بۇ يەردىن كەتسەڭچۇ!»
«بوپتۇ، ئەمما سىلەرگە ئەسكەرتىش بېرىپ قويدۇم، ئەتە پويىزدا ئۆيگە قايتقاچ دېگەنلىرىمنى ئەسلەپ قالارسىلەر، سىلەر شۇنداقمۇ… »
ئەمما ئۇلار قانداقكەن؟ بۇنى بىلەلمەي قالدى. ھېرماينى ياتاقخانىغا كىرىپ كەتمەكچى بولۇپ بودەك خانقىزنىڭ پورترېتىنىڭ ئالدىغا قايتىپ بارغاندا، پورترېت قۇپقۇرۇق تۇراتتى. بودەك خانقىز باشقا پورترېتلاردىكى تونۇش- بىلىشلىرىنى يوقلاپ كەلگىلى كېتىپ قالغان، ھېرماينى بولسا گرىففىندور زالىنىڭ سىرتىغا سولىنىپ قالغان ئىدى.
«ئەمدى، زادى قانداقمۇ قىلىمەن؟» دەپ سورىدى ئۇ ئاچچىقىدىن يېرىلغۇدەك بولۇپ.
«بۇ ئۆزۈڭنىڭ ئىشى» دېدى رون. «بىز ئەمدى ماڭمىساق بولمايدۇ، كېچىكىپ قالىدىغان بولدۇق.»
ئۇلار ھېرماينى ئۇلارغا يېتىشىۋالغاندا تېخى كارىدورنىڭ ئاخىرىغىمۇ كەلمىگەن ئىدى.
«مەنمۇ بارىمەن» دېدى ئۇ.
«ياق، ئۇنداق قىلمايسەن!»
«سېنىڭچە مۇشۇ يەردە تۇرۇپ فىلچ قاچان كېلىپ مېنى تۇتۇۋالار دەپ ساقلاپ ئولتۇرامدىم؟ ئەگەر ئۇ ئۈچىمىزنى تۇتۇۋالسا، ئۇنىڭغا راست گەپنى قىلىمەن، سىلەرنى توسۇۋالماقچى بولغانلىقىمنى ئېيتىمەن، سىلەر گېپىمنى قوللاپ بەرسەڭلارلا بولدى.»
«سېنىڭ كاللاڭنىڭ دەردى… » دەپ گەپ باشلىدى رون يۇقىرى ئاۋازدا.
«ئىككىلەڭلار ئاغزىڭلارنى يۇمساڭلارچۇ» دەپ كېسىپ تاشلىدى خارى، «بىر نەرسىنى ئاڭلىغاندەك قىلىمەن.»
بۇ ئاڭلىماققا… خورەك ئاۋازىغا ئوخشاپ كېتەتتى.
«نورىس خانىم!» دەپ پىچىرلىدى رون، قاراڭغۇ كارىدورغا كۆزىنى قىسىپ قاراپ.
بۇ نورىس خانىم ئەمەس ئىدى. بۇ نەۋىل ئىدى. ئۇ يەردە تۈگۈلۈپ يېتىپ ئۇخلاپ قالغان ئىدى. ئەمما ئۇلار پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ يېقىن كەلگەن ۋاقىتتا، چۆچۈپ ئويغاندى.
«ۋاي خۇدايىم، ھېلىمۇ ياخشى مېنى تېپىۋالدىڭلار! بۇ يەردە ساقلاپ ياتقىلى نەچچە سائەت بولۇپ كەتتى. يېڭى پارولنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن ياتاقخانىغا كىرەلمىدىم.»
«بوشراق سۆزلىسەڭچۇ نەۋىل. پارول «چوشقا بۇرۇن». ئەمما ھازىر بۇنى بىلگەننىڭمۇ پايدىسى يوق، بودەك خانقىز نەلەرگىدۇر كېتىپ قاپتۇ.»
«قولۇڭ قانداقراق؟» دېدى خارى.
«ياخشى» دېدى نەۋىل ئۇلارغا كۆرسىتىپ. « پومفرېي ئاپپاي بىر مىنۇتتا ئوڭشاپ قويدى»
«ياخشى بوپتۇ، ماڭا قارا نەۋىل، بىزنىڭ بىر يەرگە بېرىشىمىز كېرەك، كىيىن كۆرۈشەيلى.»
«مېنى بۇ يەردە تاشلاپ قويماڭلار!» دېدى نەۋىل ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ. «بۇ يەردە يالغۇز قالغۇم يوق، قانلىق گراف ھېلىيتىن ئىككى قېتىم ئۆتۈپ بولدى.»
رون قول سائىتىگە قاراپ باقتى، ئارقىدىن ھېرماينى بىلەن نەۋىلگە ئاچچىقىدا ئالىيىپ قويدى.
«بىلىپ قويۇڭلار، ئەگەر ئىككىڭلاردىن بىرەرسىڭلار چاتاق تېرىپ، بىزنىڭ تۇتۇلۇپ قېلىشىمىزغا سەۋەپچى بولىدىغان بولساڭلار، ئازراقمۇ ئېغىر ئالماستىن، كۇئىرېل بىزگە گېپىنى قىلغان ھېلىقى كېپەن ئوغرىسى ئەپسۇنىنى قانداق ئوقۇشنى ئۆگىنىۋېلىپ، ئىككىڭلارنى قارغىۋەتمەستە ھەرگىز بولدى قىلمايمەن!»
ھېرماينى ئاغزىنى ئېچىۋېدى، ئېھتىمال كېپەن ئوغرىسى ئەپسۇنىنى قانداق ئوقۇيدىغانلىقىنى دەپ بېرىش ئۈچۈن… خارى ئۇنىڭغا چەكچىيىپ قاراپ «جىم» دېدى- دە، ئاغزىنى تۇۋاقلىدى. ئارقىدىن بېشى بىلەن شەرەت قىلىپ ھەممىنى ئالدىغا باشلاپ ماڭدى.
ئۇلار ئېگىز دېرىزىلەردىن ئاندا- ساندا چۈشۈپ تۇرغان ئاي نۇرىنىڭ غۇۋا يورۇقىدا، كارىدوردا ئۇچقاندەك ماڭدى. ھەربىر ئايلانمىغا كەلگەندە خارىغا، فىلچ ياكى نورىس خانىم بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالىدىغاندەك تۇيۇلاتتى. ئەمما ئۇلارنىڭ تەلىيى باركەن، ئۇلار ئۈچىنچى قەۋەتكە چىقىدىغان پەلەمپەيدىن يۈگۈرۈشۈپ چىقتى ۋە پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسىشىپ لوڭقا زالىغا قاراپ مېڭىشتى.
مالفوي بىلەن كرەب تېخى كەلمىگەن ئىدى. لوڭقا تىزىلغان خىرۇستال ئىشكاپلاردا ئاي نۇرى پىلىلداپ تۇراتتى. لوڭقىلار، قالقانلار، لەۋھە ۋە ھەيكەللەر قاراڭغۇدا كۈمۈش ۋە ئالتۇن رەڭلەردە چاقنايتتى. ئۇلار كۆزىنى زالنىڭ يەنە بىر ئۇچىدىكى ئىشىكتىن ئۈزمەي، تامنى بويلاپ ئاستا- ئاستا مېڭىشتى. خارى، دراكونىڭ تۇيۇقسىز سەكرەپ چىقىپ ئالدىن باشلىۋېلىش ئېتىماللىقىنى ئويلاپ تايىقىنى يانچۇقىدىن چىقاردى. ۋاقىت بەكمۇ ئاستا ئۆتۈۋاتاتتى.
«كېچىكىپ قالدى، بەلكىم ئۇ توخۇ يۈرەك يېنىۋالغاندۇ» دەپ پىچىرلىدى رون.
ئارقىدىنلا يان ھۇجرىدىن ئاڭلانغان بىر ئاۋاز ئۇلارنى قاتتىق چۆچۈتۈۋەتتى. خارى تايىقىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇشىغا بىر ئادەمنىڭ گەپ قىلغانلىقىنى ئاڭلىدى. يەنە كېلىپ ئۇ ئادەم مالفوي ئەمەس ئىدى.
«ياخشى، ئوبدانراق پۇراپ باق ئومىقىم، ئۇلار بەلكىم بىرەر بۇلۇڭ- پۇچقاقتا مۆكۈنۈپ ياتقان بولۇشى مۇمكىن»
بۇ نورىس خانىم بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان فىلچ ئىدى. قورققىنىدىن يۈرىكى ئاغزىغا كەپلىشىپ قالغان خارى، كەينىدە تۇرغان ئۈچىسىگە قول پۇلاڭلىتىپ ئۇلارغا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تېز مېڭىشىنى شەرەت قىلدى. ئۇلار فىلچنىڭ ئاۋازىدىن يىراق ئىشىككە قاراپ ئۈنىنى چىقارماي ئالدىراپ ماڭدى. فىلچ لوڭقا زالىغا كىرگەندە نەۋىلنىڭ تونىنىڭ ئۇچى تېخى ئەمدىلا تامنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ ئۈلگۈرگەن ئىدى.
ئۇلار فىلچنىڭ «ئۇلار مۇشۇ ئەتراپتا» دەپ غودۇڭشىغىنىنى ئاڭلىدى، « مۆكۈۋالدى ھەقىچان…»
«بۇ تەرەپكە» دېدى خارى باشقىلارغا پىچىرلاپ… شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قورققىنىدىن پۇت- قوللىرى كالۋالىشىپ قالغان بولسىمۇ، ساۋۇت دوبۇلغىلار قاتار تىزىلغان بىر كارىدوردا پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ كېتىۋاتاتتى. ئۇلارغا فىلچنىڭ بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتقانلىقى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. نەۋىل چىدىماي چىرقىراپ تاشلىدى ۋە يۈگۈرۈپ يۈرۈپ پۇتلىشىپ كەتتى، يىقىلاي دەپ قالغاندا، روننىڭ بېلىنى تۇتۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىلىسى ئۇدۇل بېرىپ تام تۈۋىدە تۇرغان ساۋۇت دوبۇلغىلارغا سوقۇلۇپ كەتتى.
تاراڭ-تۇرۇڭ، جاراڭ-جۇرۇڭ قىلغان بۇ ئاۋازلار پۈتۈن قەلئە خەلقىنى ئويغىتىۋەتكۈدەك كۈچلۈك ئىدى.
خارى «قېچىڭلار!» دەپ ۋارقىرىدى ۋە تۆتىلىسى كارىدورنىڭ ئاخىرىغا قاراپ، فىلچ ئارقىسىدا بارمۇ- يوق، قاراپمۇ قويماستىن، ئۆلەر- تىرىلىشىگە باقماي يۈگۈرگىلى تۇردى. ئۇلار خارىغا ئەگىشىپ نەدە ئىكەنلىكىنى ياكى قەيەرگە بارىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەستىن، بوسۇغىلاردىن سەكرەپ ئۆتۈپ، بىر كارىدوردىن يەنە بىرىگە ئۇچقاندەك چېپىپ قېچىشتى. ئۇلار تامغا ئېسىپ قويۇلغان گىلەمنىڭ كەينىدىكى يوشۇرۇن كىرىش ئېغىزىدىن باشقا بىر كارىدورغا ئۆتۈپ ئۇچقاندەك يۈگۈرۈشنى داۋاملاشتۇردى. ئاخىرىدا بۇ كارىدورنىڭ ئۇچى لوڭقا زالىدىن خېلىلا يىراق بولغان تىلسىم دەرسلىكى سىنىپىنىڭ يېنىغا تۇتاشتى.
«مېنىڭچە، ئەمدى ئۇ خېلى يىراقتا قالدى» دېدى ھاسىراپ كەتكەن خارى كەينىدىكى سوغۇق تامغا يۆلىنىپ پېشانىسىدىكى تەرنى سۈرتۈپ. نەپسى يېتىشمەي خىرقىراپ قالغان نەۋىل بولسا تۇرغان يېرىدە مۈكچىيىپ كەتكەنىدى.
«مەن… سىلەرگە… دىگەنغۇ» دېدى ھېرماينى، قولىنى نەپسى يېتىشمىگەنلىكتىن ئېچىشىپ كەتكەن مەيدىسىگە قويۇپ تۇرۇپ «مەن… دىگەنتىم…»
«گرىففىندور مۇنارىغا قايتمىساق بولمايدۇ» دېدى رون، «دەرھال…»
«مالفوي سىلەرنى ئالدام خالتىسىغا چۈشۈردى» دېدى ھېرماينى خارىغا. «ئەمدىغۇ چۈشەنگەنسىلەر، ھە؟ ئۇ سىلەر بىلەن ئۇچرىشىشنى ئەسلا ئويلاپمۇ قويمىغان. فىلچ بىركىملەرنىڭ لوڭقا زالىغا كەلمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلەتتى، مالفوي چوقۇم بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۇنىڭغا بۇ ئىشنى ئاشكارىلاپ قويغان گەپ»
خارى ئۇنىڭ گېپىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، ئېتىراپ قىلىشنى ھىچ خالىمايتتى.
«ماڭايلى»
ئەمما بۇ ئۇنداق ئوڭاي ئىش ئەمەس ئىدى. ئۇلار ئەمدى نەچچە قەدەم مېڭىپ تۇرۇشىغا ئىشىكنىڭ تۇتقۇچى تاراقشىدى-دە، ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى سىنىپتىن بىر نەرسە ئوقتەك ئېتىلىپ چىقتى.
بۇ پېۋز ئىدى. ئۇ ئۇلارنى بايقاپ قالدى-دە، خۇشاللىقىدىن چىرقىرىۋەتتى.
«ئۈنۈڭنى چىقارما پېۋز، ئۆتۈنۈپ قالايلى، بىزنى مەكتەپتىن قوغلىغۇزۇۋەتمەكچىمۇ سەن»
پېۋز قاقاقلاپ كۈلدى.
«يېرىم كېچىدە تىمىسىقلاپ يۈرۈپسىلەردە، پاكىنەك بىرىنچى سىنىپ قورچاقلار! ئاپلا، ئاپلا، ئاپلا… پاھھووي! ياغاچ قۇلاق، ياغاچ قۇلاق بالاڭزىلار! ئەمدى تۇتۇلۇپ قالىدىغان بولدۇڭلار!»
«بىزنى چېقىشتۇرۇپ قويمىساڭلا بۇنداق بولمايدۇ پېۋز، ئۆتۈنۈپ قالايلى»
«فىلچكە دىيىشىم كېرەكمۇ، بىر ئويلاپ باقايلى، شۇنداق، دىيىشىم كېرەك» دېدى پېۋز ئەۋلىيالارنىڭكىدەك ئېغىر ئاۋازدا، ئۇنىڭ كۆزلىرى بولسا قەبىھلىك بىلەن چاقناپ تۇراتتى «بىلىسىلەر، بۇ ئۆزۈڭلارغا ياخشى بولسۇن دەپ…»
رون «ئۆتەپ بارە نېرى!» دەپ ۋارقىرىۋەتتى پېۋزنى بىر چەتكە ئىتتىرىپ تۇرۇپ… مانا بۇ ئۇنىڭ شۇ كۈنى سادىر قىلغان ئەڭ چوڭ خاتالىقى ئىدى.
«ياتاقخانا سىرتىدا ئايلىنىپ يۈرگەن ئوقۇغۇچىلار باركەن!» دەپ ھۆركىرىدى پېۋز، «ئۇخلىماي يۈگۈرشۈپ يۈرگەن ئوقۇغۇچىلار، تىلسىم كارىدورىدا!»
ئۇلار ئۆزىنى پېۋزدىن چەتكە ئېلىپ كارىدورنىڭ يەنە بىر ئۇچىغا قاراپ جېنىنىڭ بارىچە يۈگۈردى، ئۇ يەردە ئۇلار بىر ئىشىككە دۇچ كەلدى، ئېنىقراق ئېيتقاندا، ئۇلار قۇلۇپلاقلىق بىر ئىشىككە دۇچ كەلدى.
«تۈگەشتۇق!» دەپ ئىڭرىدى رون، «مانا ئەمدى پۈتۈنلەي تۈگەشتۇق! ھەممىسى ئاخىرلاشتى!»
ئۇلار پېۋزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تېزلىكتە يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان فىلچنىڭ ئاياق ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئىدى.
«ۋاييەي، بىر تەرەپكە تۇرە!» دەپ غۇدۇرىدى ھېرماينى. ئۇ خارىنىڭ تايىقىنى تارتىپ ئالدى ۋە ئىشىككە توغرىلاپ تۇرۇپ پىچىرلىدى «ئالوھومورا!»
قۇلۇپ بىرنى تاراقشىپ قويغاندىن كىيىن ئىشىك يوغان ئېچىلدى. ئۇلار ئىشىكتىن كىردى ۋە چاققانلا قايتا ئېتىۋالدى. قۇلىقىنى ئىشىككە يېقىپ پۈتۈن دىققىتى بىلەن سىرتتىكى ئاۋازلارغا قۇلاق سالدى.
«ئۇلار قايسى تەرەپكە ماڭدى پېۋز؟» دەۋاتاتتى فىلچ، «بولە، چاققان ئېيتە!»
«ئۆتۈنۈپ قالغىن»
«تولا مېنى بارمىقىڭدا ئوينىتىمەن دىمە پېۋز، قېنى، ئېيتە، ئۇلار قەيەرگە كەتتى»
«ئۆتۈنۈپ قالاي دىمىسەڭ قېرى، دەپ بەرمەيمەن ھېچ نەرسىنى…» دېدى پېۋز، ئادەمنى ئەڭ جىلە قىلىدىغان تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ئاھاڭغا سېلىپ ناخشا ئېيتقاندەك ئاۋازدا.
«بوپتۇلا، ئۆتۈنۈپ قالاي»
«ھېچنەرسە! ھا ھا ھاھاھا! دېمىدىممۇ، ئۆتۈنۈپ قالاي دېمىسەڭ ھېچ نەرسىنى دەپ بەرمەيمەن دەپ! ھا ھا ھاھاھاھا!» ئارقىدىن ئۇلار، پېۋزنىڭ غوڭڭىدە قىلىپ كېتىپ قالغانلىقىنى، فىلچنىڭ بولسا غەزەپ بىلەن ئۇنى قارغىغان ھالدا تۇرۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلىدى.
«ئۇ بۇ ئىشىكنى قۇلۇپلاقلىق دەپ ئويلايدۇ» دەپ پىچىرلىدى خارى، «مېنىڭچە بىز بىخەتەر، بولدى قىلە نەۋىل!» نەۋىل توختىماستىن خارىنىڭ يەكتىكىنىڭ يېڭىنى تارتىۋاتقىلى بىر مىنۇتتەك بولغان ئىدى. «زادى نېمە بولدى!»
خارى ئارقىسىغا بۇرۇلدى ۋە شۇ ھامان زادى نېمە بولغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. ئۇ تۇيۇقسىزلا ئۆزىنىڭ بىر قاباھەتلىك چۈشنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغانلىقىغا ئىشىنەيلا دەپ قالدى. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ھەددىدىن زىيادە چېكىدىن ئاشقانلىق، بېشىدىن ئۆتكۈزگەن شۇنچە كۆڭۈلسىز كەچۈرمىشلەر ئارىسىدا بۇ شەكسىز بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئۇلار ئۇ ئويلىغاندەك بىرەر ھۇجرىغا كىرىپ قالماپتۇ. ئۇلار بىر كارىدورغا كىرىپ قاپتۇ. ئۈچىنچى قەۋەتتىكى كىرىش چەكلەنگەن كارىدورغا… ۋە ئۇلار ھازىر بۇ كارىدورغا كىرسە نېمىشقا بولمايدىغانلىقىنى تولۇق چۈشىنىپ يەتتى.
ئۇلار شۇ تاپتا غايەت زور بىر ئىتنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇۋاتاتتى، تورۇس بىلەن پول ئارىسىدىكى پۈتۈن بوشلۇقنى قاپلىغۇدەك زور بىر ئىتنىڭ… ئۇنىڭ ئۈچ بېشى بار ئىدى. ئۈچ جۈپ كۆز، توختىماستىن ئۇياق بۇياققا غالجىرلاشقاندەك قاراپ تۇراتتى؛ ئۈچ تال بۇرۇن، ئۈچ خىل ئوخشىمايدىغان يۆلىنىشتە تارتىشىپ تىترەپ تۇراتتى؛ ئۈچ تال ھەيرانلىقتىن ھاڭ تاڭ ئېچىلىپ قالغان ئېغىزدىكى سارغۇچ ھىڭگاڭ چىشلىرىنىڭ ئارىسىدىن شۆلگەيلىرى ئېقىپ تۇراتتى.
ئۇ جايىدا قاتۇرۇپ قويغاندەك تۇراتتى، ئالتە تال كۆزى ئۇلارغا قادالغان ئىدى ۋە خارى ئۇلارنىڭ تېخىچە ھايات تۇرۇشىدىكى بىردىن بىر سەۋەپنىڭ، ئۇلارنىڭ يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەك پەيدا بولۇپ قېلىشىنىڭ، بۇ مەخلۇقنى گاڭگىرىتىپ قويۇشى ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. ئەمما گۈلدۈرمامىغا ئوخشاپ كېتىدىغان خىرقىرىغان ئاۋازى بۇ ھالەتنىڭ ئۇزۇن داۋاملاشمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى.
خارى ئىشىكنى تۇتقۇچىنى چىڭ قاماللىدى-ئۆلۈم بىلەن فىلچنىڭ بىرسىنى تاللاشقا توغرا كەلسە، ئۇ ئېنىقلا فىلچنى تاللايتتى.
ئۇلار كەينىچىلەپ يىقىلىپ چۈشتى. خارى ئىشىكنى جاڭڭىدە ياپتى. ئارقىدىن ئۇلار كارىدوردا قارشى يۆلىنىشتە يۈگۈردى، ياق، ئۇچتى. فىلچ چوقۇم ئۇلارنى ئىزدەپ باشقا يەرگە كېتىپ قالغان ئوخشايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۇنى ھېچيەردە كۆرمىدى، ھەم زادى دىققەت قىلىدىغانغا چولىسىمۇ يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەس يادى پەقەت بايىقى قورقۇنۇچلۇق مەخلۇق بىلەن قولىدىن كېلىشىچە ئۇزۇن ئارىلىق ساقلاشتا ئىدى. ئۇلار يەتتىنچى قەۋەتتىكى بودەك خانقىزنىڭ پورترېتىنىڭ يېنىغا بارغۇچە توختىمىدى.
«توۋا قىلدىم، قەيەرلەردە يۈرگەنسىلەر؟» دەپ سورىدى ئۇ ھەممىسىنىڭ مۆرىسىدىن چۈشۈپ قالغان يەكتەكلىرىگە ۋە تەرلەپ قىزىرىپ كەتكەن يۈزىگە قاراپ.
«بۇنىڭ بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، چوشقا بۇرۇ… چوشقا بۇرۇن» دەپ پۇشۇلدېدى خارى ۋە پورترېت ئېچىلدى. ئۇلار ئاممىۋىي زالغا يامىشىپ كىردى ۋە تىترىگەن ھالدا ئۆزىنى سافالارغا ئاتتى.
ئۇلار ئۆزىنى ئوڭشاپ قايتا گەپ قىلالىغۇدەك ھالغا كەلگۈچە خېلى ۋاقىت ئۆتتى. نەۋىلنىڭ بولسا بىر ئۆمۈر قايتا گەپ قىلالايدىغاندەك بىر تەلەتى يوق ئىدى.
«ئۇلار بۇنداق بىر نەرسىنى مەكتەپكە سولاپ نېمە قىلىدىغاندۇ دەيمەن؟» دېدى رون ئاخىرى، «ئەگەر ئىتلارنىڭ پات- پات ئوچۇق ھاۋادا يۈگۈرۈپ يۈرۈشكە ئېھتىياجى بار دېسەك، بۇ بىر نېمە چوقۇم شۇنىڭغا ئىنتىزار!»
ھېرماينى ھەم نورمال نەپەس ئېلىشنى، ھەم ئۇلارغا ئاچچىقلىنىشنى قايتا باشلىۋالغان ئىدى.
«ھەرقايسىڭلارغا كۆزۈڭلارنى ئىشلىتىشمۇ خۇشياقمايدۇ، شۇنداقمۇ؟» دەپ چېچىلدى ئۇ، «ئۇنىڭ نېمىنىڭ ئۈستىدە تۇرغانلىقىنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟»
«پولنى دەمسەن؟» دەپ جاۋاپ بەردى خارى. «مەن ئۇنىڭ باشلىرىغا قارايمەن دەپ پۇتىغا قاراشقا چولام تەگمەپتۇ!»
«ياق، پولنى دېمىدىم. ئۇ يەردىكى بىر مەخپىي ئىشىكنىڭ ئۈستىدە تۇراتتى. ئۇ ئېنىقلا بىر نەرسىنى قوغداپ يېتىپتۇ.»
ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ھەممىسىگە ھومىيىپ قويدى.
«ئۆزۈڭلاردىن پەخىرلەندىڭلارغۇ دەيمەن. ھەممىمىز جېنىمىزدىن ئايرىلغىلى، تېخىمۇ يامان بولغىنى ھەتتا مەكتەپتىن قوغلانغىلى تاس قالدۇق! ئەمدى، جانابلىرى ئىجازەت قىلساڭلار، مەن بېرىپ ئۇخلايمەن!»
رون ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدى.
«ياقەي، ئىجازەت» دېدى ئۇ. «خۇددى بىز ئۇنى سۆرەپ ئېلىپ چىققاندەك گەپ قىلىدىكىنا، شۇنداقمۇ خارى؟»
ئەمما ھېرماينى خارى ئۇخلاشتىن بۇرۇن كاللا قاتۇرىدىغان يەنە بىر مەسىلە تېپىپ چىققان ئىدى. ئىت بىر نەرسىنى قوغداپ ياتاتتى. خاگرىد نېمە دىگەن؟ گرىنگوتس بىر نەرسىنى تىقىپ قويۇش نىيىتىڭ بولسا دۇنيادىكى ئەڭ بىخەتەر جاي، خوگۋارتستىن قالسا.
خارى، يەتتىيۈز ئون ئۈچىنچى بىخەتەرلىك ساندۇقىدىكى كىچىك قاسماق بولاقتىكى نەرسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئاخىرى چۈشىنىپ يەتكەندەك قىلاتتى.