يالاڭ ئاياغلار

يالاڭ ئاياغلار

تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر

ھاۋا ئاجايىپ سوغۇق ئىدى. يەرنى قار-مۇز قاپلاپ كەتكەنىدى. كىچىك يۈسۈپ ئېرىقتىن سۇ ئالغىلى ماڭغانىدى. خوشنا ئۆيدىكى ئايال ئۇنىڭ مۇزنىڭ ئۈستىدە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. بىچارە بالا سوغۇقتىن دىر-دىر تىترەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يالاڭ ئاياغ ئىدى.

تۇيۇقسىز يۈسۈپ تېيىلىپ يىقىلىپ چۈشتى. ئايال يۈگۈرۈپ بارغان پېتى ئۇنى ئورنىدىن يۆلەپ تۇرغۇزدى.

– ۋاي بىچارە، بەكلا توڭلاپ كېتىپسەنغۇ، – دېدى.

يۈسۈپ دىر-دىر تىترەپ تۇرۇپ ئارانلا:

– مەن يامان ئەمەس ھامما،– دىيەلىدى.

ئايالنىڭ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىدى:

– مېنى ساقلاپ تۇرغىن، – دېدى ۋە دەرھال ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. قايتىپ كەلگەن چېغىدا قولىدا بىر جۈپ ئاياغ بار ئىدى. ئاياغنى يۈسۈپكە كېيدۈرۈپ قويدى. ئەمدى يۈسۈپنىڭ پۇتى توڭلىمايدىغان بولغانىدى.

ئارىدىن كۆپ يىللار ئۆتتى. يۈسۈپ بۇ ياخشىلىقنى ھىچ ئۇنتۇپ قالمىدى. يۈسۈپكە ياردەم قىلغان ئايالمۇ بارا بارا قېرىدى.

بىر كۈنى بۇ موماينىڭ ئىشىكىنى بىرسى چەكتى. ئايال ئىشىكنى ئاچقاندا ھېچكىم كۆرۈنمىدى. ئەتراپقا قارىدى. كېيىن ئىشىكنىڭ ئالدىدا بىر خالتىنى كۆرۈپ قالدى.

خالتىنى ئېچىپ كۆزلىرىگە ئىشىنەلمەي قالدى. خالتىنىڭ ئىچىدە تىللا بىلەن توشقۇزۇلغان بىر جۈپ ئاياغ بار ئىدى. ئۈستىگە كىچىك بىر پارچە خەت قويۇپ قويۇلغان ئىدى.

«ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى ماڭا بۇ بىر جۈپ ئاياغنى بەرگىنىڭىز ئېسىڭىزدىمۇ؟ ياخشىلىقىڭىزنى ئۇنۇتمىدىم. مەن سىزگە قەرزىمنى قايتۇرماقچىمەن.»

ئايال بۇ جۈملىلەرنى ئوقۇپ ناھايىتى تەسىرلەندى. كۆز ياشلىرى ئىچىدە ئاياغنى ئېلىپ كىرىپ كەتتى.

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *