خەزىنە ساندۇقى

خەزىنە ساندۇقى

تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر

بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا ئورمانلىقتا ناھايىتى چىرايلىق بىر دەرەخ بار ئىكەن. بۇ دەرەخ ھەر كۈنى دۇئا قىلىدىكەن. ئۆز ئۆزىگە،

– مەن بىر خەزىنە ساندۇقى بولۇشنى ئۈمىت قىلىمەن، ئالتۇن- كۈمۈشلەر، ئالماسلار بىلەن تولۇشنى ۋە ھەركىمنىڭ كېلىپ مېنىڭ ئىچىمدىكى بايلىقنى كۆرۈشىنى خالايمەن.

بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئورمانلىققا ئوتۇنچىلار كەپتۇ. چىرايلىق دەرەخنى كېسىپ ياغاچچىغا ئاپىرىپ بېرىپتۇ. دەرەخ ئاجايىپ خۇشال بولۇپ كېتىپتۇ. دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.

– ئەمدى بىر خەزىنە ساندۇقى بولىمەن، ھەممە ئادەم مېنى كۆرگىلى كېلىدۇ.

ئەمما قىسقا بىر ۋاقىتتىن كېيىن دەرەخ كۈتۈلمىگەن بىر ئىشقا يولۇقۇپتۇ. چۈنكى ياغاچچى ئۇنىڭ شاخلىرى ۋە غولى بىلەن ناھايىتى چىرايلىق بىر بۆشۈك ياساپتۇ. دەرەخ كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ تۇرۇپ:

– مەن بۇنداق دۇئا قىلمىغانىدىم، مېنىڭ بىر خەزىنە ساندۇقى بولۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى.

ئارىدىن ئايلار ئۆتۈپتۇ. بىر كۈنى چىرايلىق دەرەختىن ياسالغان بۆشۈكنى بىر ئاتا- ئانا سېتىۋاپتۇ. ئۇنى ئۆيلىرىگە ئاپىرىپتۇ ۋە بۆشۈككە ئوماق بوۋىقىنى ياتقۇزۇپتۇ. ھەركىم بۇ بوۋاقنى كۆرگىلى كېلىپتۇ. بوۋاق كەلگەن ئادەملەرگە تاتلىق تاتلىق كۈلۈمسىرەپتۇ. كەلگەن مېھمانلارنىڭ ھەممىسى بوۋاقنى ياتقۇزغان بۆشۈكنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپتۇ. دەل شۇ ۋاقىتتا گۈزەل دەرەخ،

– دۇئالىرىم قوبۇل بولمىدى دەپ قاپتىكەنمەن، ئەسلى خاتالىشىپتىمەن، مەن ئەمدى دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل خەزىنىسىنى يەنى بىر بوۋاقنى ئۈستۈمگە ئالدىم، ئۇنى كۆرگىلى كەلگەن ھەركىم مېنى ناھايىتى ياقتۇردى.

شۇ كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ كۈنلىرى ناھايىتى خۇشال ئۆتۈپتۇ.