ئاپتورى: ج. ك. روۋلىڭ
تەرجىمە قىلغۇچىلار: ماھىنۇر، ھەبىبە، نەسلىخان ئۇيغۇر
14- باب: نورۋېگىيەلىك چوققا-ئومۇرتقا نوربېرت
ئەمما كۇئېرىل ئۇلار ئويلىغاندىن خېلىلا باتۇردەك قىلاتتى. ھەپتىلەر ئۆتكەنسېرى ئۇ بارغانسېرى تاتىرىپ، ئورۇقلاپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، تېخى تۇتۇق بەرگەندەك قىلمايتتى.
ئۈچىنچى قەۋەتتىكى كارىدوردىن ھەربىر ئۆتكەن چېغىدا، خارى، رون ۋە ھېرماينى قۇلىقىنى ئىشىككە يېقىپ فىلاففي ساق- سالامەت پۇشۇلداپ ياتامدۇ- يوق، تەكشۈرۈپ باقىدىغان بولۇشتى. سنەيپ يەنە ئادەتتىكىگە ئوخشاشلا مىجەزى چۇس ئايلىنىپ يۈرەتتى. مانا بۇ، تاشنىڭ تېخىچە ئۆز ئورنىدا بىخەتەر تۇرغانلىقىغا پاكىت ھېساپلىناتتى. بۇ كۈنلەردە خارى، كۇئېرىلنىڭ يېنىدىن قاچان ئۆتسە، ئۇنىڭ روھىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن كۈلۈمسىرەپ قويىدىغان، رون بولسا ئادەملەرگە كۇئېرىلنىڭ كېكەچلىشىنى مەسخىرە قىلىپ كۈلمەسلىكنى تاپىلاپ تەربىيە قىلىدىغان بولۇۋالغانىدى.
ھېرماينىنىڭ كاللىسىدا بولسا، پەلسەپە تېشىدىن بەكرەك مۇھىم مەسىلىلەر بار ئىدى. ئۇ دەرس تەكرارلاش پىلان جەدىۋىلى تۈزۈش ۋە خاتىرە دەپتەرلىرىنىڭ مۇھىم يەرلىرىگە رەڭلىك قەلەملەردە بەلگە ئۇرۇش بىلەن ئاۋارە ئىدى. ئەگەر ھېرماينى زېرىكمەي- تېرىكمەي ئۇلارغىمۇ شۇنداق قىلىشنى تەكىتلەپ تۇرمىغان بولسا ئىدى، خارى بىلەن روننىڭ بۇ ئىشلار بىلەن ئانچە كارى بولمىغان بولاتتى.
«ھېرماينى، ئىمتىھانلارنىڭ باشلىنىشىغا يەنە تېخى نەچچە يۈز يىل بار…»
«ئاران ئون ھەپتە» دەپ ھۈرپەيدى ھېرماينى، «بۇ يۈز يىللار ئەمەس، بەلكى نىكولاس فلامەل ئۈچۈن بىر سىكۇنتقىمۇ يەتمەيدۇ!»
«ئەمما بىز ئالتە يۈز ياشقا كىرمىدۇق» دەپ ئېسىگە سالدى رون ،«ئىشقىلىپ، سەن نېمىنى تەكرارلايسەن، ئاللىقاچان ھەممىنى بىلىپ بولغان تۇرساڭ…»
«نېمىنى تەكرارلايمەن؟ ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ بىزنىڭ ئىككىنچى سىنىپقا كۆچەلىشىمىز ئۈچۈن بۇ ئىمتىھانلاردىن ئۆتۈشىمىز كېرەكلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشىمامسەن؟ ئۇلار شۇنداق مۇھىم، ئەسلى بىر ئاي بۇرۇن تەييارلىقنى باشلىشىم كېرەك ئىدى، كاللامغا نېمە كىرىۋالدىكىن تاڭ…»
بەختكە قارشى، مۇئەللىملەرمۇ ھېرماينىغا ئوخشاش ئويلاۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇلار ئوقۇغۇچىلارغا، شۇنداق كۆپ تاپشۇرۇق بەردىكى، پاسخا بايرىمى روژدېستۋادەك ئۇنداق كۆڭۈللۈك ئۆتمىدى. يېنىدا ئەجدىھا قېنىنىڭ ئون ئىككى خىل قوللىنىش ئۇسۇلىنى يادلاۋاتقان ياكى تاياق ھەرىكەتلىرىنى مەشىق قىلىۋاتقان ھېرماينى تۇرسا، كاللىنىڭ ئارامىدا تۇرۇشى ئەسلا مۇمكىن بولمايتتى. غودۇڭشىغان ۋە ئەسنىگەن ھالدا، رون ۋە خارىنىڭ كۆپىنچە ۋاقتى ئۇنىڭ بىلەن، يېتىشتۈرەلمىگەن تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەش ئۈچۈن كۈتۈپخانىدا ئۆتەتتى.
«بەرىبىر بۇ بىر نېمىنى ھەرگىز ئېسىمدە تۇتالمايمەن» دەپ پارتلىدى رون، بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، كۈتۈپخانا دېرىزىسىدىن سىرتقا قاراپ تەلمۈرۈپ. بۈگۈن نەچچە ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ھاۋا ئېچىلغان ئىدى. ئاسمان سۈپسۈزۈك، بوتا كۆز گۈلىدەك كۆپكۆك بولۇپ، ياز پەسلىنىڭ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم ئىدى.
مىڭ خىل سېھىرلىك ئوت ۋە موگو دېگەن كىتاپتىن «سەپرا ئوت تۈرىدىكى يالپۇز» ئۆسۈملۈكىنى ئىزدەۋاتقان خارى، روننىڭ «ھوي، خاگرىد! كۈتۈپخانىدا نېمە قىلىپ يۈرۈيسەن؟» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىغان چاغقىچە بېشىنىمۇ كۆتۈرمىگەن ئىدى.
كەينىگە بىر نەرسە يوشورۇۋالغان خاگرىد، ئۇلارنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى. قارىغۇ چاشقان تېرىسىدىن تىكىلگەن پەلتوسىنى كىيىۋالغان خاگرىد ئۇ يەردە باشقىچىلا كۆرۈنۈپ قالغان ئىدى.
«پەقەتلا قالاپ بېقىۋاتىمەن شۇ» دېدى ئۇ ھودۇققاندەك… خاگرىدنىڭ بۇ ھالىتى ئۇلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى.
«ئۇنداقتا ئۆزەڭلاچۇ، نېمىش قىپ كەتتىڭلا؟» ئۇ تۇيۇقسىزلا بىر نېمىدىن شۈبىھىلەنگەندەك، «تېخىچە نىكولاس فلامەلنى ئىزدەپ يۈرمەيدىغانسىلە ھە؟» دەپ قوشۇپ قويدى.
«ۋاي- ۋۇي… ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلىپ بولغىلى نەۋاق!» دېدى رون پەرۋاسىزلىق بىلەن، «يەنە ئۇ ئىتنىڭ نېمىنى قوغداپ ياتقىنىنىمۇ بىلىمىز تېخى، ئۇ دېگەن پەلسەپە تې-»
«ئۈش..!» خاگرىد باشقىلار ئاڭلاپ قالغانمىدۇ- يوق، دەپ تېز- تېز ئىككى يېنىغا قاراپ قويدى. «ھەممەدەمگە ئاڭلىتىشىڭنىڭ ئورنى بامۇ دەيمەن، زادى نېم بولدى ساڭا؟»
«ئەلۋەتتە، بۇ ھەقتە سەندىن سورايدىغان بىرنەچچە ئىش بار» دېدى خارى، «تاشنى فلاففىيدىن باشقا يەنە نېمىلەر قوغداۋاتىدۇ دېگەندەك…»
«ئۈش…!» دېدى خاگرىد قايتا. «ئاڭلاڭلا، كېيىن كېلىپ مېنى يوقلاپ كېتىڭلا، سىلەگە بىر نەرسە دەپ بېرىشكە ۋەدە بەمىدىم جۇمۇ! ئەمما بۇ يەردە قالايمىقان توۋلاپ، جۆيلۈپ يۈرسەڭلا قانداق بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلا تاشنى بىلسە بولمايتتى. ئۇلار سىلەگە مېنى دەپ بەدى دەپ قالىدۇ بىكا…!»
«كېيىن كۆرۈشەيلى ئۇنداقتا» دېدى خارى.
خاگرىد كۆزدىن غايىپ بولدى.
«ئۇ كەينىگە نېمىنى يوشۇرۇۋالغان بولغىيتتى؟» دەپ سورىدى ھېرماينى چوڭقۇر ئويغا چۆمگەن ھالدا.
«سېنىڭچە تاشقا مۇناسىۋەتلىكمىدۇ؟»
«مەن بېرىپ ئۇ قايسى بۆلۈمنى ئاختۇرۇپ چىقىپتۇ، بىلىپ كېلەي» دېدى ئۆزىگە نىسبەتەن يېتەرلىك دەرس تەكرارلاپ بولغان رون. بىر مىنۇتتىن كېيىن، ئۇ قولىدا بىر دۆۋە كىتاپ كۆتۈرگەن ھالدا قايتىپ كەلدى ۋە ھەممىسىنى ئۈستەلگە تاشلىدى.
«ئەجدىھالار!» دەپ پىچىرلىدى ئۇ. «خاگرىد ئەجدىھالارغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىيال توپلاۋېتىپتىكەن! قاراڭلار بۇلارنى_ بېرىتانىيە ۋە ئېرلاندىيەدىكى ئەجدىھا تۈرلىرى، تۇخۇمدىن چىققان ئوت دېڭىزى، ئەجدىھا تەربىيىچىسىنىڭ قوللانمىسى»
«خاگرىدنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بىر ئەجدىھا بېقىۋېلىش، مەن ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى كۆرۈشكەن ۋاقتىمدا ئۇ ماڭا شۇنداق دېگەن ئىدى» دېدى خارى.
«ئەمما بۇ قانۇنغا خىلاپ» دېدى رون. «ئەجدىھا-كۆپەيتىش ۋارلوكس كېلىشىمى بىلەن 1709- يىلى چەكلەنگەن، بۇنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئەگەر ئارقا ھويلىمىزدا ئەجدىھا باقىدىغان بولساق بۇنى ماگېللارنىڭ بايقىماي قېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئىشقىلىپ، زادى ئەجدىھالارنى كۆندۈرەلمەيسەن، بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك. رومىنىيەدە ياۋايى ئەجدىھالارنى تەتقىق قىلىدىغان چارلىنىڭ كۆيۈك يارىلىرىنى بىر كۆرۈپ باقساڭ، نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى بىلەتتىڭ.»
«ئەمما بېرىتانىيەدە ياۋايى ئەجدىھا يوقتۇ؟» دېدى خارى.
«ئەلۋەتتە بار» دېدى رون. «كۆپ ئۇچرايدىغان گاللېرلىق يېشىل ئەجدىھا ۋە قارا جوھۇت ئەجدىھا. ساڭا دېسەم، سېھىر مېنىستىرلىكى ئۇلارنى بېسىقتۇرىمىز، دەپ خېلى ھەپىلەشتى. بىزنىڭكىلەر ئۇلارنى كۆرۈپ قالغان ماگېللارنىڭ خاتىرىسىنى يۇيۇش ئۈچۈن كۆپ كۈچ سەرپ قىلدى.»
«ئۇنداقتا بۇ خاگرىد زادى نېمە قىلغىلى قوپقاندۇ؟» دېدى ھېرماينى.
ئۇلار بىر سائەتتىن كېيىن قاراۋۇلنىڭ كەپىسىنىڭ ئىشىكىنى چەككەن چاغدا پۈتۈن دېرىزىلەرنىڭ پەردىسىنىڭ چۈشۈرۈلگەنلىكىگە ھەيران قېلىشتى. خاگرىد ئۇلارنى باشلاپ كىرىشتىن بۇرۇن «كىم؟» دەپ ۋارقىرىدى ۋە ئۇلارنى كىرگۈزۈۋەتكەندىن كېيىن، ئىشىكنى دەرھال يېپىۋەتتى.
ئۆينىڭ ئىچى ئاجايىپ بىر خىل دىمىق ئىسسىق ئىدى. گەرچە ئۇ كۈنى ھاۋا شۇنداق ئوچۇق بولسىمۇ، تام مەشتە گۈركىرەپ ئوت يېنىۋاتاتتى. خاگرىد ئۇلارغا چاي دەملەپ بەردى ۋە خاگرىدنىڭ بۇلغۇن گۆشى بىلەن قىلىنغان قاتلىمىسىنى ئۇلار سىلىققىنە رەت قىلدى.
«ھە، سىلەر مەندىن بىر نېمە سورىماقچىتىڭلاغۇ؟»
«شۇنداق» دېدى خارى. گەپنى ئايلاندۇرۇپ يۈرۈش ئورۇنسىز ئىدى. «سېنى، بىزگە پەلسەپە تېشىنى فلاففىيدىن باشقا نېمىنىڭ قوغداۋاتقانلىقىنى دەپ بېرەمىكىن، دەپ ئويلىغان.»
«ئەلۋەتتە ئۇنداق قىممايمەن» دېدى ئۇ. «بىرىنچىدىن، مەنمۇ بىلمەيمەن. ئىككىنچىدىن، سىلە ئاللىقاچان بىلىشكە تېگىشلىكتىن كۆپ نەرسە بىلىۋاپسىلە، شۇڭا بىلسەممۇ دېمەيتتىم. تاشنىڭ بۇ يەدە بولۇشىنىڭ ئورۇنلۇق بىر سەۋەبى با! گرىنگوتسستىن بۇلاپ چىقىپ كېتىلگىلى تاسلا قالغان – گەرچە بۇنىمۇ بىلىپ بولدۇڭلاغۇ دەيمەن؟ فلاففىينىمۇ نەدىن بىلىۋاغان بولغىيتىڭلا دەيمەن، توۋا!»
«ۋاي- ۋۇي، بولدى قىلساڭچۇ خاگرىد، بىزگە دېگۈڭ كەلمىگەن بولسىمۇ، سەن چوقۇم بىلىسەن، سەن بۇ ئەتراپتا يۈز بەرگەن ھەممە ئىشنى بىلىدىغان تۇرساڭ» دېدى ھېرماينى ئىللىق ۋە چوڭقۇر ھۆرمەتكە تولغان بىر خىل ئاھاڭدا. «بىزنىڭ پەقەتلا كىملەرنىڭ قوغداۋاتقانلىقىنى بىلگىمىز بار، پەقەتلا شۇ، راست دەيمەن.» ھېرماينى داۋاملاشتۇردى. «بىز دامبېلدورنىڭ سەندىن باشقا كىمنى بۇ قەدەر ئىشەنچىلىك دەپ قارايدىغانلىقىغا قىزىقىپ قالدۇق دېگىنە.»
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ سەل مەغرۇرلىنىپ قالغان خاگرىد قەددىنى رۇسلىدى. چىرايلىرى ئېچىلىپ كەتكەن رون بىلەن خارى ھېرماينىغا قارىدى.
«بوپتۇ، بۇنى دېسەم ھېچكىمگە زىيىنى يوقمىكى دەيمەن… قېنى بىر قاراپ باقايلى… ئۇ مەندىن فلاففىينى ئارىيەت ئالدى… ئارقىدىن بەزى مۇئەللىملەر ئەپسۇن ئوقۇدى… پروفېسور سپرۇت، پروفېسور فلىتۋىك، پروفېسور مېك گوناگال…» ئۇ بىردىن بىردىن بارمىقى بىلەن سانىدى. «پروفېسور كۇئېرىل، يەنە تېخى دامبېلدور ئۆزىمۇ بىر نېمىلەنى قىلدى. توختا، بىركىمنى ئۇنتۇپ قالدىم. ھە راست، پروفېسور سنەيپ»
«سنەيپ؟»
«شۇنداق، بۇنى كۈتمىگەن شۇنداما؟ قاراڭلا، سنەيپ تاشنى قوغداشقا ياردەملەشتى، ئۇنى ئوغرىلىماقچى ئەمەس.»
خارى، رون بىلەن ھېرماينىنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلەتتى. ئەگەر سنەيپ تاشنى قوغداۋاتقان بولسا، ئۇنىڭ باشقا مۇئەللىملەرنىڭ قانداق ئەپسۇنلارنى ئوقۇغانلىقىنى بىلىۋېلىشى ئاسان گەپ ئىدى. ئۇ قارىغاندا ھەممىنى بىلىپ بولغاندەك قىلاتتى. قارىغاندا، كۇئېرىلنىڭ ئەپسۇنى ۋە فلاففىينى قانداق بۆسۈپ ئۆتۈشتىن باشقا… ھەممىنى.
«فلاففىينى قانداق بۆسۈپ ئۆتىدىغانلىقىنى بىلىدىغان بىردىنبىر ئادەم سەن، خاگرىد، شۇنداقمۇ؟» دەپ سورىدى خارى ئەنسىز ھالدا. « ھېچكىمگە دېمىگەن بولغىيتىڭ ھە؟ ھەتتا مۇئەللىملەرگىمۇ؟»
«مەن ۋە دامبېلدوردىن باشقا، ھەتتا بىر روھمۇ بىلمەيدۇ» دېدى خاگرىد مەغرۇر ھالدا.
«بوپتۇ، بۇمۇ چوڭ بىر ئىش» دەپ غودۇڭشىدى خارى قالغان ئىككىسى ئاڭلىغۇدەك ئاھاڭدا. «خاگرىد، دېرىزىدىن بىرنى ئاچساقچۇ؟ شورپا بولۇپ كەتتىم!»
«بولمايدۇ خارى، كەچۈرگىن» دېدى خاگرىد. خارى ئۇنىڭ ئوتقا لەپپىدە قاراپ قويغانلىقىنى كۆردى. خارىمۇ شۇ يەرگە قارىدى.
«خاگرىد، ئۇ… زادى نېمە نەرسە؟»
ئەمما خارى ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئاللىقاچان بىلىپ بولغان ئىدى. ئوت يالقۇنلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا، ساماۋەرنىڭ ئاستىدا، گېگانت قارا تۇخۇمدىن بىرسى تۇراتتى.
«بۇ…» دېدى خاگرىد جىددىيلەشكەن ھالدا ساقىلىنى سىقىمداپ، «بۇ… شۇ ھېلىقى…»
«بۇنى نەدىن تاپتىڭ خاگرىد؟» دېدى رون، تۇخۇمنى ئېنىقراق كۆرۈش ئۈچۈن ئوتنىڭ ئالدىغا كېلىپ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، «بۇ نەرسىگە چوقۇم ئاز پۇل خەجلىمىدىڭ»
«ئۇتۇۋالدىم» دېدى خاگرىد. «تۈنۈگۈن كەچتە يېزىغا كىرىپ، بىر قاۋاقخانىدا ئىچىپ ئولتۇرۇپ، ناتونۇش بىرسى بىلەن قارتا ئويناپ قالدىم. قاراپ باقسام ئۇ، بۇ بىرنېمىدىن قۇتۇلغانلىقىغا خوش بوپ قاغاندەكمۇ قىلدى»
«ئەمما بۇ يېرىلغاندا زادى نېمە قىلىشنى ئويلىشىۋاتىسەن» دېدى ھېرماينى.
«شۇ، ئۇنى بۇنى ئوقۇپ بېقىۋاتقان…» دېدى خاگرىد، ياستۇقىنىڭ ئاستىدىن چوڭ بىر كىتاپنى تارتىپ ئېلىپ. «بۇنى كۈتۈپخانىدىن ئارىيەت ئالدىم – ھەۋەسكارلار ياكى پايدىلانماقچى بولغانلار ئۈچۈن ئەجدىھا كۆپەيتىش… سەل كونىراپ قالغان ئۇقۇملا ئەلۋەتتە، ئەمما ھەممىسى ئېنىق سۆزلىنىپتۇ. تۇخۇمنى ئوتتا ساقلاڭلا، چۈنكى ئانىلىرى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پات- پات پۈۋلەپ تۇرىدۇ، ئاندىن… يېرىلغاندا، ھەر يېرىم سائەتتە بىر توخۇ قېنى ئارىلاشتۇرۇلغان براندى ھارىقى بىلەن بېقىڭلار. يەنە قاراڭلا، ئوخشىمايدىغان تۈردىكى تۇخۇملانى قانداق تونۇش، مەندىكىسى بىر نورۋېگىيلىك چوققا ئومۇرتقا. ئۇلار ئىنتايىن نادىر ئۇچرايدۇ»
ئۇ، ئۆز- ئۆزىدىن مەمنۇن كۆرۈنەتتى، ئەمما ھېرماينى ئۇنداق ئەمەستەك قىلاتتى.
«خاگرىد سېنىڭ كەپەڭ، ياغاچتىن ياسالغان!» دېدى ئۇ.
ئەمما خاگرىد قۇلاق سالمىدى. ئۇ، چوغلارنى مالتىلاپ، ئوتنى ئۇلغايتىۋاتقاندا، كەيپى چاغ غىڭشىپ ناخشا ئېيتىۋاتاتتى.
*******
مانا ئەمدى ئەنسىرەيدىغان يەنە بىر ئىش چىقتى: ئۇلار، ئەگەر كەپىسىدە قانۇنغا خىلاپ ھالدا، بىر ئەجدىھا بېقىۋاتقانلىقىنى بىركىملەر بىلىپ قالسا، خاگرىدنىڭ بېشىغا يەنە نېمە ئىشلار كېلەر، دېگەن ئەندىشىدە قالغانىدى.
«قۇلاق تىنچ ياشاش، زادى قانداق بولىدىغاندۇ» دەپ ئۇلۇغ كىچىك تىندى رون، بارغانسېرى كۆپىيىپ مېڭىۋاتقان تاپشۇرۇقلار بىلەن جېدەللىشىپ بولالماي… ھېرماينى ھازىر رون بىلەن خارىغىمۇ دەرس تەكرارلاش پىلان جەدۋەللىرى تۈزۈپ بەرگىلى تۇرغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئىشى، ئۇ ئىككىلىسىنى ساراڭ قىلىۋېتەيلا دېگەن ئىدى.
بىر كۈنى ناشتىدا، ھەدۋىگ خارىغا خاگرىددىن يەنە بىر پارچە خەت ئەكىلىپ بەردى. پەقەتلا ئىككى تال سۆز يېزىلغان ئىدى: «ئۇ يېرىلىۋاتىدۇ»
رون بوتانىك دەرسىگە كىرمەي، ئۇدۇللا كەپىگە بارماقچى بولدى. ھېرماينىنىڭ بولسا بۇنى ئاڭلاشقىمۇ تاقىتى يوقتەك قىلاتتى.
«ھېرماينى، ئۆمرىمىزدە قانچە قېتىم بىر ئەجدىھانىڭ تۇخۇمدىن چىقىشىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيمىز؟»
«بىزنىڭ دەرسلىرىمىز بار، ھېلى بىكار چاتاق تېرىپ قويىمىز. ئەمما بۇ، بىركىملەر بۇ سەۋەپلىك خاگرىدنىڭ ئىشىنى بىلىپ قالسا، ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدىغانلارنىڭ يېنىدا ھېچنېمە بولۇپ…»
«خەپشۈك!» دەپ پىچىرلىدى خارى.
مالفوي ئۇلاردىن پەقەت بىرنەچچە قەدەم يىراقلىقتا ئىدى ۋە ئۇلارنىڭ دېيىشىۋاتقانلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ تۇراتتى. ئۇ قانچىلىكىنى ئاڭلاپ قالغاندۇ؟ خارى، مالفوينىڭ چىراي ئىپادىسىنى قەتئىي ياقتۇرمىغان ئىدى.
رون بىلەن ھېرماينى بوتانىك دەرسىگە بارغۇچە يول بويى گەپ تالىشىپ ماڭدى، ئاخىرى ھېرماينى ئەتىگەنلىك دەم ئېلىش ۋاقتىدا، قالغان ئىككىسى بىلەن خاگرىدنىڭ كەپىسىگە بېرىشقا ماقۇل بولدى. دەرس ئاخىرلىشىپ قەلئەدىن قوڭغۇراقنىڭ جىرىڭلىغان ئاۋازى ئاڭلانغان ھامان، ئۇ ئۈچىسى، گۈرجەكلىرىنى تاشلاپ، مەيداننى كېسىپ ئۆتۈپ، ئورمانلىق تەرەپكە قاراپ ئالدىراپ مېڭىشتى. ھاياجانلانغانلىقىدىن يۈزلىرى قىپقىزىل بولۇپ كەتكەن خاگرىد ئۇلارنى قارشى ئالدى.
«چىقايلا دەپ قالدى» دەپ ئۇلارنى ئىچكىرىگە باشلاپ كىردى.
تۇخۇم ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە ئىدى. ئۇ يەر بۇ يېرىگە چاك كەتكەن ئىدى. ئىچىدە بىر نەرسە ھەرىكەت قىلىۋاتاتتى؛ ئىچىدىن ئاجايىپ- غارايىپ شاراقشىغان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
ئۇلار ئورۇندۇقلىرىنى تارتىپ كېلىپ، قاتتىقراق نەپەس ئېلىشقىمۇ پېتىنالماستىن، ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشتى.
تۇيۇقسىز بىر سۈركىلىش ئاۋازى ئاڭلاندى ۋە تۇخۇم يېرىلدى. بوۋاق ئەجدىھا پوككىدە قىلىپ ئۈستەلگە چۈشتى. ئۇنى چىرايلىق دەپ كەتكىلى بولمايتتى، خارىنىڭ نەزىرىدە، ئۇ ماكچىيىپ كەتكەن قاپقارا بىر كۈنلۈككە ئوخشايتتى. ئۇنىڭ قىلتىرىقلىق قانىتى، قارا كەھرىۋا رەڭلىك ۋىجىك بەدىنىگە سېلىشتۇرغاندا، ئالاھىدە چوڭ ئىدى. ئۇنىڭ يەنە تۆشۈكلىرى چوڭ ئۇزۇن بۇرنى؛ قىسقا، تېخى تولۇق يېتىلمىگەن مۈڭگۈزلىرى؛ پولتىيىپ چىققان، قىزغۇچ سېرىق كۆزلىرى بار ئىدى.
ئۇ چۈشكۈردى، ئۇنىڭ بۇرنىدىن بىرنەچچە تال ئوت يالقۇنى چاچراپ چىقتى.
«ئۇ نېمداق ئوماق، شۇندامۇ؟» دەپ غودۇڭشىدى خاگرىد. ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ قويۇش ئۈچۈن بىر قولىنى سۇندى. ئۇ بولسا ئۇچلۇق چىشلىرىنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ قولىنى چىشلىۋالماقچى بولدى.
«ۋاي خۇدا، قاراڭلا، ئۇ ئانىسىنى تونۇدى مانا!» دېدى خاگرىد.
«خاگرىد» دېدى ھېرماينى، «بىر نورۋېگىيلىك چوققا ئومۇرتقا، زادى قانچىلىك تېز چوڭ بولىدۇ؟»
خاگرىد جاۋاپ بەرمەكچى بولۇۋاتقاندا، تۇيۇقسىز چىرايىدىن قانلىرى قېچىپ تاتىرىپ كەتتى ۋە ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ، دېرىزىگە قاراپ يۈگۈردى.
«نېمە بولدى؟»
«بىركىم ماراۋاتقان، پەردىلەنىڭ ئارىسىدىكى يوچۇقتىن ماراۋاتقان… بىر كىچىك بالىكەن، مەكتەپكە قاراپ يۈگۈرۈۋاتىدۇ»
خارى ئالدىراپ- تېنەپ ئىشىكنىڭ يېنىغا باردى ۋە سىرتقا قارىدى. ئارىلىق مۇشۇنچىۋالا يىراق بولسىمۇ، ئۇ خاتالاشمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالايتتى.
مالفوي ئەجدىھانى كۆرۈپ قالغان ئىدى.
*******
كېيىنكى ھەپتىسى، مالفوينىڭ پات- پات مېيىقىدا كۈلۈپ قويۇشلىرى، خارى، رون ۋە ھېرماينىنى جىددىيلەشتۈرۈپ بىر يەرگە ئاپاردى. ئۇلار بوش ۋاقىتلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك، خاگرىدنىڭ يېقىندىن بۇيان ھەمىشە قاراڭغۇ تۇرىدىغان كەپىسىدە، ئۇنى گەپكە كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇپ ئۆتكۈزدى.
«ئۇنى كەتكىلى قويساڭلا بولمىدىمۇ؟» دەپ ئۈندەيتتى خارى، «ئەركىنلىككە چىقىرىۋەت.»
«بوممايدۇ، ئۇنداق قىسام بوممايدۇ» دەيتتى خاگرىد. «ئۇ تېخى بەك كىچىك، ئۇ ئۆلۈپ كېتىدۇ.»
ئۇلار ئەجدىھاغا قارىدى. پەقەت بىر ھەپتىدىلا ئۇ يوغىناپ، ئۈچ ھەسسىسىچىلىك بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇرۇن تۆشۈكىدىن ھە دېسىلا ئىس- تۈتەك چىقىپ تۇراتتى. خاگرىد، ئەجدىھاغا قاراپ بولالمىغاچقا، قاراۋۇللۇق ۋەزىپىلىرىنى جايىدا ئورۇندىمايۋاتاتتى. پولنىڭ ھەممىلا يېرىدە قۇرۇقدالغان براندى قۇتىلىرى ۋە توخۇ پەيلىرى چېچىلىپ ياتاتتى.
«مەن ئۇنى نوربېرت دەپ چاقىرىدىغان بولدۇم» دېدى خاگرىد، ئەجدىھاغا چوڭقۇر مېھرى بىلەن قاراپ. «ئۇ ھازىر مېنى راستىنلا تونۇيدۇ، قاراپ تۇرۇڭلا- ھە. نوربېرت! نوربېرت! ئانا قېنى؟»
«ئۇ كاللىسىدىن كېتىپتۇ» دەپ پىچىرلىدى رون خارىنىڭ قۇلىقىغا.
«خاگرىد» دېدى خارى يۇقىرى ئاۋازدا. «ئىككى ھەپتىگىچە نوربېرت سېنىڭ كەپەڭچىلىك بولۇپ كېتىدۇ. يەنە تېخى مالفوينىڭ ھەرقانداق ۋاقىتتا بېرىپ سېنى دامبېلدورغا چېقىپ قويۇش ئېھتىماللىقىمۇ بار-دە!»
خاگرىد كالپۇكىنى چىشلىدى.
«مەن… مەن ئۇنى مەڭگۈ يېنىمدا تۇتالمايدىغانلىقىمنى بىلىمەن، ئەمما ئۇنى شۇنداقلا تاشلىۋېتەممەيمەن-دە، ياق، ئۇنداق قىلاممايمەن.»
خارى تۇيۇقسىز رونغا بۇرۇلدى.
«چارلى» دېدى ئۇ.
«سەنمۇ كاللاڭدىن كەتكىلى تۇردۇڭ» دېدى رون. «مەن رون، ئېسىڭدىدۇ؟»
«ياق، چارلى دەيمەن، ئاكاڭ چارلى_ رومېنىيەدىكى، ئەجدىھالارنى تەتقىق قىلىدىغان. نوربېرتنى ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ بەرسەك بولىدىغۇ. چارلى ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدۇ. يەنە تېخى ۋاقتى كەلگەندە تەبىئەتكە قويۇپ بېرەلەيدۇ!»
«پاھ، ئوبدان گەپ!» دېدى رون. «سەنچە قانداق خاگرىد؟»
شۇنداق قىلىپ خاگرىد، ئاخىرى ئۇلارنىڭ چارلىدىن مەسلىھەت سوراش ئۈچۈن مۈشۈكياپىلاق ئەۋەتىشىگە قوشۇلدى.
*******
يەنە بىر ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى. چارشەنبە كۈنى، ھەممە ئادەم ئۇخلىغىلى كىرىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ، ھېرماينى بىلەن خارى ئاممىۋىي زالدا يالغۇز ئولتۇراتتى. پورترېت تۆشۈكى تۇيۇقسىز ئېچىلغاندا، سائەتنىڭ ئىستىرىلكىلىرى دەل يېرىم كېچىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. رون، خارىنىڭ غايىپ پەرىجىسىنى ئېلىۋېتىپ، تۇيۇقسىز پەيدا بولدى. ئۇ بايىلا خاگرىدنىڭ كەپىسىدە، ئۇنىڭ ئەمدى بىر ساندۇقتىن ئۆلۈك چاشقانلارنى يېگۈدەك بولغان نوربېرتنى بېقىشىغا ياردەملەشكەن ئىدى.
«ئۇ مېنى چىشلىۋالدى!» دېدى ئۇ، ئۇلارغا قانغا بويالغان قولياغلىققا ئورالغان قولىنى كۆرسىتىپ. «بىر ھەپتىگىچە پەي قەلەم ئىشلىتەلمەيدىغان بولدۇم. سىلەرگە دېسەم، ئۇ ئەجدىھا مەن ھازىرغىچە ئۇچراتقان ئەڭ قورقۇنۇچلۇق مەخلۇق، ئەمما خاگرىدنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ئادەم ئۇنى كىچىك، يۇڭلۇق بىر تال توشقانچاقمىكىن دەپ قالىدۇ. ئۇ مېنى چىشلىۋالغاندىچۇ، مېنى، ئۇنى قورقۇتىۋەتمىسۇن دەپ كەتكۈزۈۋەتتى. يەنە تېخى مەن ماڭغان ۋاقتىمدا، ئۇنىڭغا ئەللەي ناخشىسى ئېيتىپ بەرگىلى تۇرغان ئىدى.»
قاراڭغۇ دېرىزىنى بىر نەرسىنىڭ چەككەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
«ھەدۋىگ كەپتۇ» دېدى خارى ئۇنى چاققانلىق بىلەن ئىچكىرىگە ئەكىرىپ، «چارلىنىڭ جاۋابىنى ئېلىپ كەپتۇ!»
ئۈچىسى خەتنى ئوقۇش ئۈچۈن بىر يەرگە توپلاشتى.
قەدىرلىك رون،
ئەھۋالىڭ قانداقراق؟ خەت ئەۋەتكىنىڭگە رەھمەت. نورۋېگىيلىك چوققا ئومۇرتقىنى ئىنتايىن خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمەن، ئەمما ئۇنى بۇ يەرگە ئەپ كېلىش ئاسانغا توختىمايدۇ. مېنىڭچە ئەڭ ياخشى ئامال ئۇنى، كېلەر ھەپتە مېنى يوقلاپ كەلمەكچى بولۇۋاتقان بەزى دوستلىرىم ئارقىلىق ئەۋەتىش. بۇ يەردىكى مەسىلە بولسا، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تۇغۇلغان بىر ئەجدىھانى كۆتۈرۈپ يۈرگەنلىكىنى بىركىم كۆرۈپ قالسا بولمايدۇ.
چوققا ئومۇرتقىنى شەنبە كۈنى، ئەڭ ئېگىز مۇنارنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ چىقالامسىلەر؟ ئۇلار تاڭ يورۇپ كەتمەستىن، سىلەر بىلەن شۇ يەردە ئۇچرىشىپ ئۇنى ئېلىپ كەتسە بولىدۇ.
قولۇڭدىن كېلىشىچە تېز جاۋاپ يوللىغىن.
سېنى سۆيۈپ
چارلى.
ئۇلار بىر- بىرىگە قاراشتى.
«غايىپ پەرىجىمىز بار» دېدى خارى. «مېنىڭچە، بۇ ئىش ئانچە تەسكە توختىمايدۇ. ھەم پەرىجە ئارىمىزدىن ئىككى كىشىنى ۋە نوربېرتنى ياپقۇدەك چوڭ.»
ئۇ ئىككىسىنىڭ كۆپ ئويلانمايلا ماقۇل بولۇشى بۇ بىر ھەپتىنىڭ قانچىلىك تەستە ئۆتكەنلىكىنىڭ ئېنىق ئىسپاتى ئىدى. نوربېرت ۋە مالفويدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەرقانداق قۇربانلىق بېرىشكە ئەرزىيتتى.
كۈتۈلمىگەن بىر ئىش يۈز بەردى. ئەتىسى ئەتىگەندە روننىڭ ئەجدىھا چىشلىۋالغان قولى ئىششىپ، ئادەتتىكىدىن ئىككى ھەسسە يوغىناپ كەتتى. ئۇ پومفرېي ئاپپاينىڭ يېنىغا بېرىشتىن ئېھتىيات قىلىش- قىلماسلىقنى بىلەلمەي ئىككىلىنىپ قالغان ئىدى. ئۇ ئەجدىھانىڭ چىشلىۋالغانلىقىنى بىلىۋالارمۇ؟ ئەمما چۈشتىن كېيىن بولغىچە شۇنىسى ئېنىق بولدىكى، ئۇنىڭ باشقا تاللىشى قالمىغان ئىدى. يارا غەلىتە بىر خىل يېشىلغا ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىدى. قارىغاندا نوربېرتنىڭ چىشى زەھەرلىكتەك قىلاتتى.
خارى بىلەن ھېرماينى، كەچقۇرۇن دوختۇرخانا بۆلۈمچىسىگە كىرگەندە، روننىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ناچار ئىكەنلىكىنى كۆردى.
«پەقەتلا قولۇم ئەمەس» دەپ پىچىرلىدى ئۇ. «گەرچە ئۇ ئۈزۈلۈپ چۈشۈپ كېتىدىغاندەكلا تۇيۇلۇۋاتىدۇ. مالفوي پومفرېي ئاپپايغا كىتاپلىرىمدىن بىرىنى ئارىيەت ئالماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ كىرىۋاپتۇ، كېلىپ مېنى تازا بىر مازاق قىلىۋېلىش ئۈچۈن دېگىنە. ئۇ، پومفرېي ئاپپايغا مېنى ئەمەلىيەتتە نېمىنىڭ چىشلىۋالغانلىقىنى چېقىپ قويىمەن، دەپ ماڭا تەھدىت سالدى. مەن ئۇنىڭغا مېنى ئىت چىشلىۋالدى دېدىم، ئەمما مېنىڭچە ئۇ ئىشەنمىدى. مالفوينى كۇئىددىچ مۇسابىقىسىدە ئۇنچىۋالا دۇمبالىمىساممۇ بوپتىكەن، ئۇ شۇڭا مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ.»
خارى بىلەن ھېرماينى روننى تىنىچلاندۇرۇشقا ئۇرۇندى.
«شەنبە كۈنى يېرىم كېچىدە ھەممە ئىش ئاخىرلىشىدۇ» دېدى ھېرماينى، ئەمما بۇ رونغا نىسبەتەن ئانچە ياخشى تەسەللى بولماي قالدى. ئەكسىچە، ئۇ ھەممە يېرىنى تەر باسقان ھالدا ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى.
«شەنبە كۈنى يېرىم كېچە!» دېگەندە ئاۋازى بوغۇلۇپ چىقتى: «ئاپلا! چاتاق بولدى، چاتاق بولدى!… ئەستا، ئەمدى ئېسىمگە كەلدى. چارلىنىڭ خېتىنى مالفوي ئارىيەت ئالغان كىتاپنىڭ ئارىسىغا سېلىپ قويغانتىم. ئۇ بىزنىڭ نوربېرتنى يوللىۋەتمەكچى بولغانلىقىمىزنى بىلىپ قالدى.»
خارى بىلەن ھېرماينى جاۋاپ بېرىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمىدى. دەل شۇ چاغدا پومفرېي ئاپپاي كېلىپ قالدى ۋە روننىڭ ئۇخلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ ئۇلارنى چىقىرىۋەتتى.
*******
«پىلاننى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كېيىن قالدۇق» دېدى خارى ھېرماينىغا. «چارلىغا يەنە بىر مۈشۈكياپىلاق ئەۋەتكۈدەك ۋاقتىمىز يوق. يەنە تېخى بۇ بىزنىڭ نوربېرتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىردىنبىر پۇرسىتىمىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. تەۋەككۈل قىلىپ باقمىساق بولمايدۇ. ھەم بىزدە كۆرۈنمەسلىك خالاتى بار،ھەم مالفوي بۇنى بىلمەيدۇ!»
ئۇلار بولغان ئىشلارنى دەپ بېرىش ئۈچۈن خاگرىدنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، ئىشىكىنىڭ ئالدىدا قۇيرۇقى داكا بىلەن تېڭىپ قويۇلغان تايغان فەڭ ياتاتتى. خاگرىد ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىش ئۈچۈن دېرىزىنى ئاچتى.
«سىلەرنى باشلاپ كىرىشكە ئەپسىز بولۇپ قالدى» دەپ پۇشۇلدىدى ئۇ. «نوربېرت… ئۇنىڭ مىجەزى سەل غەلىتە… ئەمىلىيەتتە، مەن باشقۇرۇپ كېتەممىگۈدەكقۇ ئەمەس»
ئۇلار چارلىنىڭ خېتىنى سۆزلەپ بەرگەندە، ئۇ كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئالدى. ئەمما بۇنىڭغا، بەلكىم دەل شۇ چاغدا نوربېرتنىڭ ئۇنىڭ پاچىقىنى چىشلىۋېلىشى سەۋەپچى بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى.
«ۋاييەي! بولدىلا، ھېچ ۋەقەسى يوق، ئارانلا ئۆتۈكۈمنى يىرتىۋەتتى شۇ – ئىشقىلىپ بوۋاق ئەمەسمۇ، ئويۇن ئويناۋاتىتى»
بوۋاق قۇيرۇقىنى تاراقشتىپ تامغا ئۇرۇۋېدى، دېرىزىلەر جالاقشىپ كەتتى. خارى بىلەن ھېرماينى قەلئەگە قايتىۋاتقاندا، شەنبە كۈنى، ئۇلارنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەكسىچە، تېز كەلمەيدىغاندەك تۇيۇلۇۋاتاتتى.
ئۇلار قىلماقچى بولۇۋاتقان ئىشى تۈپەيلى، بۇنچىۋالا جىددىيلىشىپ كەتمىگەن بولسا، بەلكىم نوربېرت بىلەن ۋىدالىشىش ۋاقتى كەلگەندە، خاگرىدقا ھېسداشلىق قىلىپ قويۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى. بۇ كېچە شۇنداق قاراڭغۇ ۋە بۇلۇتلۇق بىر كېچە ئىدى. ئۇلار بولسا كىرىش زالىدا، يولدا تام بىلەن چويلا توپ ئويناۋاتقان پېۋز بىلەن ئۇچرىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن، ساقلاشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىپ، خاگرىدنىڭ كەپىسىگە سەل كېيىنرەك يېتىپ كەلگەن ئىدى.
خاگرىد نوربېرتنى چوڭ بىر ساندۇققا ئوبدان جايلاشتۇرغان ئىدى.
«ئۇنىڭغا بىرمۇنچە چاشقان بىلەن براندى تەييالاپ قويدۇم، سەپەر ئۈچۈن…» دېدى خاگرىد بوغۇق ئاۋازدا. «يەنە تېخى ئۆزىنى يالغۇز ھېس قىلىپ قالسا دەپ ئويۇنچۇق ئېيىقىنىمۇ ئۇنىڭغا ھەمراھ قىلىپ قويدۇم…»
ساندۇقنىڭ ئىچىدىن چىقىۋاتقان، بىر نېمىلەرنىڭ يىرتىلغان ئاۋازىدىن بولسا، خارى ئېيىقچاقنىڭ بېشىنىڭ تېنىدىن جۇدا بولغانلىقىنى بىلىۋالدى.
«خەير خوش نوربېرت!» دەپ ئېسەدەپ كەتتى خاگرىد، خارى بىلەن ھېرماينى ساندۇقنى غايىپ پەرىجە بىلەن يۆگەۋاتقان ۋە ئۆزلىرىمۇ ئاستىغا كىرىپ كېتىۋاتقاندا، «ئاناڭ سېنى مەڭگۈ ئەسلەپ تۇرىدۇ…»
ئۇلار ساندۇقنى قانداق قىلىپ قەلئەگىچە ئاپاردى، شۇنىسى ئۆزلىرىگىمۇ نامەلۇم. ئۇلار نوربېرتنى كىرىش زالىدىكى مەرمەر پەلەمپەيلەردىن ئېلىپ چىقىۋاتقاندا، ئارقىدىن قاراڭغۇ كارىدورلاردا ئىنجىقلاپ سۆرەپ يۈرگەندە، يېرىم كېچە بارا- بارا يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى. بىر پەلەمپەيدىن چىقىپ، ئارقىدىن يەنە بىرسىدىن، كېيىن يەنە بىرسى… ھەتتا خارى بىلىدىغان بىر قىسقا يول بولسىمۇ، بۇ ئىش ئانچە ئاسانغا چۈشمىدى.
«ئازلا قالدى!» دېدى ھاسىراپ- ھۆمۈدەپ كەتكەن خارى، ئەڭ ئېگىز مۇنارنىڭ ئاستىغا توغرا كېلىدىغان كارىدورغا كەلگەن ۋاقىتتا.
ئارقىدىنلا ئۇلار، ئالدىدا بىر يەرلەردە كىملەرنىڭدۇر ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدى ۋە ساندۇقنى چۈشۈرىۋەتكىلى تاسلا قالدى. ئۆزلىرىنىڭ ئاللىقاچان كۆرۈنمەس بولۇپ بولغانلىقىنى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىدىن قاراڭغۇ بىر بۇلۇڭغا تۈگۈلۈپ كىرىپ، ئۆزىنى دالدىغا ئالدى ۋە ئۆزلىرىدىن ئون قەدەم يىراقلىقتا تۇرغان، بىر- بىرى بىلەن سوقۇشىۋاتقاندەك تۇرغان ئىككى ئادەمنىڭ كۆلەڭگىسىگە قاراپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ يەردە بىر چىراق يورۇقى پارلىدى.
چاقماق يەكتەك ۋە چاچ تورى كىيىۋالغان پروفېسور مېك گوناگال مالفوينىڭ قۇلىقىنى تۇتۇۋالغان ئىدى.
«بۇنىڭ ئۈچۈن جازالىنىسەن!» دپ ۋارقىرىدى ئۇ. «يەنە تېخى سلىيتېرىندىن يىگىرمە نومۇر! يېرىم كېچىدە لاغايلاپ يۈرگىنىنى، قانداق پېتىندىڭ…»
«سىز چۈشەنمەيۋاتىسىز پروفېسور، خارى پوتېر كېلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭدا بىر ئەجدىھا بار!»
«نېمە دېگەن بىمەنە گەپ بۇ! بۇنداق يالغان گەپ قىلىشقا قانداق پېتىنىۋاتىسەن! يۈر… پروفېسسور سنەيپ بىلەن سەن بىلەن توغرىلىق كۆرۈشمىسەم بولمىدى، مالفوي!»
بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇنارنىڭ تۆپىسىگە چىقىدىغان تىك، يۆگىمەچ پەلەمپەينى يامىشىپ چىقىش خۇددى دۇنيانىڭ ئەڭ ئاسان ئىشىدەكلا تۇيۇلدى. ئۇلار كېچىنىڭ سالقىن ھاۋاسىغا چىقىپ، قايتىدىن بەھوزۇر نەپەس ئالالايدىغان چاغقىچە پەرىجىنى ئېلىۋەتمىدى. ھېرماينى بولسا تۇيۇقسىز ئۇسۇل ئويناپ چۈشۈپ كەتتى.
«مالفوي جازاغا قالىدىغان بولدى، ناخشا ئېيتقۇم كېلىۋاتىدۇ!»
«ھاي جۇمۇ!» دەپ پەسكويغا چۈشۈردى خارى ئۇنى.
ئىككىسى مالفوينىڭ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغىنىغا پىخىلداپ كۈلۈشكەچ، نوربېرت بولسا ساندۇقنىڭ ئىچىدە تېپچەكلىگەچ، چارلىنىڭ دوستلىرىنى كۈتتى. ئون مىنۇتتىن كېيىن، قاراڭغۇ ئاسماندىن تۆت تال سۈپۈرگە ئۇچۇپ چۈشتى.
چارلىنىڭ دوستلىرى ئىنتايىن خۇشچىراي ئادەملەر ئىدى. ئۇلار، خارى بىلەن ھېرماينىغا، نوربېرتنى تەڭ كۆتۈرۈپ مېڭىش ئۈچۈن تەييارلىغان ئېگەر- جابدۇقلارنى كۆرسەتتى. ھەممىسى بىرلىكتە، نوربېرتنى بۇ يەرگە بىمالال ئورۇنلاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، خارى بىلەن ھېرماينى ئۇلار بىلەن بىر-بىرلەپ قول ئېلىشىپ خوشلاشتى ۋە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
ئاخىرى نوربېرت كېتىدىغان بولدى… كېتىۋاتاتتى… ۋە كەتتى.
ئۇلار يۆگىمەچ پەلەمپەيدىن، ئەمدى نوربېرت بولمىغانلىقى ئۈچۈن كۆڭلىمۇ، قولىمۇ يېنىكلەپ قالغان ھالدا چۈشتى. ئەمدى ئەجدىھا يوق، مالفوي جاجىسىنى يىدى. ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىنى بەربات قىلالىغۇدەك نېمە بار دەيسىز؟
جاۋاپ، ئۇلارنى، پەلەمپەيلەرنىڭ ئاخىرىدا كۈتۈپ تۇراتتى. ئۇلار كارىدورغا قەدەم باسقان ھامان، قاراڭغۇدا فىلچنىڭ يۈزى تۇيۇقسىزلا ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى.
«پاھ، پاھ، پاھ» دەپ پىچىرلىدى ئۇ، «مانا ئەمدى چوڭ چاتاق چىقتى.»
ئۇلار، غايىپ پەرىجىسىنى مۇناردا ئۇنتۇپ قالغان ئىدى.











