چارلى ۋە شاكىلات زاۋۇتى (7)

چارلى ۋە شاكىلات زاۋۇتى

ئاپتورى: روئالد داھل

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەبىبە ئۇيغۇر

7-باب:چارلىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى

ئەتىسى ئەتتىگەندە چارلى ھۇجرىغا كىرگەن ھامان بوۋىلىرى بىلەن مومىلىرى «تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!» دەپ ۋارقىراشتى.

چارلى كۈلۈمسىرىدى لېكىن تىكەن ئۈستىدە تۇرغاندەكلا جىددىيلىشىپ كېتىۋاتاتتى. تۇغۇلغان كۈنىدە ئالغان بىردىنبىر سوۋغىتىنى قولىدا ئاۋايلاپ تۇتۇپ تۇرۇۋاتاتتى. قەغەزنىڭ ئۈستىگە ۋونكانىڭ ئېغىزدا ئېرىيدىغان مەززىلىك شاكىلىتى دەپ يېزىلغان ئىدى.

كارىۋاتنىڭ ئىككى ئۇچىدا يېتىۋاتقان قېرىلار ياستۇقلىرىغا يۆلىنىپ ئولتۇردى، قىززىققان ھالدا چارلىنىڭ قولىدىكى  شاكىلاتقا تىكىلىپ قاراشتى.

بىردەمدىن كىيىن  بۇكېت ئەپەندى بىلەن بۇكېت خانىممۇ ئىچىگە كىرىپ، كارىۋاتنىڭ ئۇچىدا تۇرۇپ چارلىغا قاراشقا باشلىدى.

ئۆيدە ھېچقانداق ئاۋاز چىقمايۋاتاتتى. ھازىر ھەممىسى چارلىنىڭ سوۋغىتىنى ئېچىشىنى ساقلاۋاتاتتى. چاررلى بارماقلىرىنىڭ ئۇچىنى شاكىلاتنىڭ قەغىزىگە تەگكۈزدى، سوۋغىتىنى مېھرىبانلىق بىلەن سىلىدى. تىمتاس ھۇجرىدا پارقىراق قەغەزنىڭ شىرىلدىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.

بۇكېت خانىم مىھرىبانلىق بىلەن «سەن ئىزدىگەن نەرسە چىقماي قالسا ھەرگىزمۇ كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما بالام،» دىدى. «تاتلىق كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما. ئۇنچىلىك تەلەيلىك بولماسلىقىڭمۇ مۇمكىن.»

بۇكېت ئەپەندىمۇ«ئاپاڭ توغرا دەيدۇ،بالام» دەپ قوشۇپ قويدى.

چارلى  جىمجىت ئولتۇرۇۋاتاتتى.

جوۋسەفىن موما «ھەم شۇنى ئۇنتۇپ قالمىغىنكى،» دەپ گەپكە ئارىلاشتى. «مۇشۇ چوڭ دۇنيادا پەقەت ئۈچ تاللا ئالتۇن بىلەت قالدى.»

جوۋرجىنا موما « ئۇنىڭ ئۈستىگە بىلەت چىقمىسىمۇ،» دىدى. «ناھايتى ياخشى بىر شاكىلىتىڭ بار.»

«ۋونكانىڭ ئېغىزدا ئېرىيدىغان مەززىلىك شاكىلىتى!» دەپ ۋارقىرىدى جوۋرج بوۋا.«دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى شاكىلات! چوقۇم بەك ياقتۇرۇپ قالىسەن!»

«ھەئە» دىدى چارلى يېنىك ئاۋازدا.«بىلىمەن.»

جوۋ بوۋا «مېنىڭچە،» دىدى. «ئالتۇن بىلەت بىلەن كارىڭ بولمىسۇن، شاكىلىتىڭنىڭ مەززە قىلىپ يە. قېنى ئۆزۈڭنى بىر كۆرسىتىپ قوي.»

بۇ بىر تال شاكىلاتنىڭ ئىچىدىن ئۇ سىھىرلىك بىلەتنىڭ چىقىشىنى كۈتۈشنىڭ قانچىلىك بىكار بولغىنىنى ھەممىسى بىلەتتى. بىلەت چىقماي قالسا چارلىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولمىسۇن دەپ قولىدىن كەلگەننىڭ ھەممىنى قىلىپ، ئۇنى يامان  ئاقىۋەتكە تەييارلاشقا تىرىشىۋاتاتتى. لېكىن ئۇلار شۇنىمۇ بىلەتتىكى ئىھتىماللىق قانچىلىك ئاز بولسىمۇ بىلەت چارلىغا چىقالايتتى.

ئىھتىماللىق ھىچ يوق دىگىلى بولمايتتى.

ئالتۇن بىلەتنىڭ چارلى تۇتۇپ تۇرغان شاكىلاتتىنمۇ چىقىشى مۇمكىن ئىدى.

مانا مۇشۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆيدىكى ھەممىسى، ناھايتى تىنچ كۆرۈنۈشكە تىرىشسىمۇ ئاز دىگەندە چارلىچىلىك جىددىيلەشكەن ۋە ھاياجانلانغان ئىدى.

جوۋ بوۋا «چاپسان شاكىلاتنى ئېچىۋەتسەڭچۇ،» دىدى. «مەكتەپكە كېچىكىپ قالىدىغان بولدۇڭ.»

«ساڭا ئىشىنىمەن، چوقۇم ئاچالايسەن،» دىدى جورج بوۋا.

جورجىنا موما «ئەمدى ئاچساڭچۇ، بالام،»دىدى. «ئۆتۈنۈپ قالاي ئاچقىن. يۈرىكىم ئېغىزىمغا كەپلىشىپ قالدى.»

چارلى شاكىلاتنىڭ قەغىزىنى بىر بۇلۇڭىدىن ئاستا ئاستا يىرتىشقا باشلىدى.

قېرىلار، كارىۋاتتا تىك ئولتۇرۇپ ئىنچىكە بويۇنلىرىنى سوزۇشتى.

بۇنچىلىك جىددىيچىلىككە چىدىمىغان چارلى تۇيۇقسىز شاكىلاتنى ئوتتۇرسىغىچە ئېچىۋەتتى ۋە قۇچىقىغا سۇس قەھۋەرەڭگى بىر شاكىلات چۈشتى.

ئالتۇن بىلەتتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى.

«شۇندااق، بۇ ئىش مۇشۇ يەردە ئاخىرلىشىدۇ!» دەپ ئېتىلدى جوۋ بوۋا. «كۈتۈلگەن ئىش يۈز بەردى مانا!»

چارلى بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىدى. تۆتىلىسى دىققەت ۋە مېھرىبانلىق بىلەن ئۇنىڭغا قاراۋاتاتتى. چارلى غەمكىن كۈلۈپ مۆرىسىنى سىلكىپ شاكىلاتنى ئاپىسىغا ئۇزاتتى.«ئۇچىنى چىشلىگىن ئاپا،» دىدى. «بۆلۈشۈپ يەيلى. ھەممە ئادەم بىرنى چىشلىسۇن.»

ئاپىسى «ھەرگىز بولمايدۇ!» دەپ قارشى چىقتى.

باشقىلارمۇ «بولمايدۇ…….!»دەپ ۋارقىراشتى.«خالىمايمىز! ئۇ شاكىلاتنىڭ ھەممىسى سېنىڭ!»

چارلى شاكىلاتنى جوۋ بوۋىغا ئۇزىتىپ «ئۆتۈنۈپ قالاي!» دەپ يالۋۇردى.

لېكىن ھىچقايسىسى شاكىلاتنى چىشلەشكە ئۇنىمىدى.

بۇكېت خانىم قولىنى چارلىنىڭ ئورۇق مۆرىسىگە ئارتىپ ئۇنى قۇچاقلاپ قويدى « يۈر بالام» دىدى. «مەكتەپكە ماڭ. دەرھال ماڭمىساڭ كېچىكىپ قالىسەن.»