خارى پوتېر ۋە پەلسەپە تېشى (10)

ئاپتورى: ج. ك. روۋلىڭ

تەرجىمە قىلغۇچىلار: ماھىنۇر، ھەبىبە، نەسلىخان ئۇيغۇر

10- باب: ئەرۋاھلار بايرىمى

مالفوي ئەتىسى خارى بىلەن روننىڭ تېخىچە خوگۋارتستا يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. ئىككىلىسى ھېرىپ كەتكەن بولسىمۇ كەيپىياتى ئىنتايىن ياخشى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتىگەندىن بېرى ھەم خارى، ھەم رون ئۈچ باشلىق ئىت ماجىراسىنى قالتىس بىر سەرگۈزەشت بولۇپ قالدى، دەپ ئويلىغان، ھەتتا يەنە بىر باشقا سەرگۈزەشتىنى باشتىن ئۆتكۈزۈشكە تەقەززا بولۇپ كېتىشىۋاتاتتى. شۇ ئارىدا خارى رونغا گرىنگوتستىن خوگۋارتسقا يۆتكەپ كېلىنگەن نەرسە توغرىلىق سۆزلەپ بەردى ۋە بۇنچىۋالا ياخشى مۇھاپىزەت قىلىنىۋاتقان بۇ نەرسىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىگە ئىككىلىسى خېلى ئۇزۇن باش قاتۇرۇپ بېقىشتى.
« بۇ چوقۇم ياكى راستىنلا قىممەتلىك، ياكى راستىنلا خەتەرلىك بىر نېمە» دېگەن ئىدى رون.
«ياكى ئىككىلىسى بولسا كېرەك» دېگەن ئىدى خارى.
ئۇلار پەقەت بۇ سىرلىق بۇيۇمنىڭ ئۇزۇنلۇقىنىڭ بەش سانتىمېتىر ئىكەنلىكىنىلا بىلەتتى. باشقا يىپ ئۇچى بولمىغان تەقدىردە ئۇنىڭ نېمە نەرسە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشنىڭمۇ ئانچە مۇمكىنچىلىكى يوقتەك قىلاتتى.
نەۋىلمۇ، ھېرماينىمۇ ئىت بېسىپ ياتقان ئۇ مەخپىي ئىشىكىنىڭ ئارقىسىدا نېمە بارلىقىغا ئازراقمۇ قىزىقمىغان ئىدى. نەۋىلنىڭ پۈتۈن ئەس- يادى بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئىتنىڭ يېنىغا ھەرگىز يېقىن يولىماسلىق ئىدى.
ھېرماينى ئەمدى خارى بىلەن رونغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايۋاتاتتى. ئەمما ئۇ شۇنچىلىك بىلەرمەن ۋە بۇيرۇقۋاز ئىدىكى، ئىككىلىسى بۇنىڭدىن خۇرسەن بولۇپ چوڭقۇر ئۇھ تارتقان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بولسا مالفوينىڭ ئەدىۋىنى ئوبدان بىر بېرىپ قويىدىغان پۇرسەتنىڭ كېلىشى ئىدى. بۇ ئارزۇ بىر ھەپتىدىن كېيىن پوچتىنىڭ كېلىشى بىلەن ئەمەلگە ئېشىپ، ئۇلارنىڭ كەيپىنى تېخىمۇ كۆتۈردى.
مۈشۈكياپىلاقلار ھەر كۈنى سەھەردىكىدەك چوڭ زالنى بىر ئالغان ۋاقىتتا، ئالتە تال كىچىك مۈشۈكياپىلاق كۆتۈرۈپ كىرگەن، ئىنچىكە ئۇزۇن بىر بولاق دەرھاللا پۈتۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. خارىمۇ ھەممەيلەنگە ئوخشاش ئۇنىڭ ئىچىدە نېمە بارلىقىغا قىزىقىپ تۇرغاندا، قۇشلار ئۇنىڭ ئۈستىلىگە ئۇچۇپ كېلىپ، قېزىلارنى تۆت ئەتراپقا چېچىپ، بولاقنى دەل ئۇنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويۇۋېدى، ھەيرانلىقتىن تۇرۇپلا قالدى. كىچىك مۈشۈكياپىلاقلار ئۇچۇپ كەتكەندىن كېيىن، باشقا بىر مۈشۈكياپىلاق كېلىپ بولاقنىڭ ئۈستىگە بىر پارچە خەتنى تاشلاپ قويۇپلا كېتىپ قالدى.
خارى ئاۋۋال خەتنى ئاچتى، ھېلىمۇ ياخشى شۇنداق قىپتىكەن، چۈنكى خەتتە مۇنۇ گەپلەر دېيىلگەنىدى:
«بولاقنى ئۈستەلدە ئاچمىغىن.
ئىچىدە يېڭى بىر« نىمبۇس 2000» بار. ئەمما بىر سۈپۈرگەڭ بارلىقىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىنى خالىمايمەن، بولمىسا ھەممىسى ئۆزلىرىگىمۇ بىردىن تەلەپ قىلىشىدۇ. ئولىۋېر ۋۇد تۇنجى مەشىقىڭ ئۈچۈن بۇ ئاخشام سائەت يەتتىدە كۇئىددىچ مەيدانىدا سېنى ساقلىماقچى.»
پروفېسور م. مېك گوناگال

خارى ئوقۇپ باقسۇن دەپ خەتنى رونغا بېرىۋاتقاندا خۇشاللىقىنى يوشۇرالماي قېلىۋاتاتتى.
رون ھەۋەس بىلەن «بىر نىمبۇس 2000 شۇنداقمۇ!» دەپ ئاھ ئۇردى. «مەن تېخى بىرەرسىگە قولۇمنىمۇ تەككۈزۈپ باقمىغان.»
ئۇلار دەرس باشلىنىشتىن بۇرۇن بولاقنى ئارامخۇدا ئېچىپ كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن زالدىن ئالدىراپ-سالدىراپ چىقىشتى. ئەمما كىرىش زالىنىڭ يېرىمىغا كەلگىنىدە، كرەب بىلەن گويلنىڭ پەلەمپەيلەرنى توسۇپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. مالفوي بولاقنى خارىنىڭ قولىدىن يۇلۇپ ئېلىپ مۇنداق بىر تۇتۇپ باقتى.
«بىر سۈپۈرگە ئىكەنغۇ» دېدى ئۆچمەنلىكى ۋە ھەسەتخورلۇقى چىرايىغا تېپىپ چىققان مالفوي بولاقنى خارىغا قايتۇرۇپ ئېتىپ بېرىپ «مانا ئەمدى تۈگەشتىڭ پوتېر، بىرىنچى سىنىپلارنىڭ سۈپۈرگە ئىشلىتىشى چەكلەنگەن.»
رون ئاخىرى چىدىيالمىدى ۋە:
«بۇ مۇنداقلا بىر سۈپۈرگە ئەمەس جۇمۇ» دېدى، «بۇ دېگەنچۇ، بىر نىمبۇس 2000. سەن ئۆيۈمدە نېمەم بار دېگەنتىڭ مالفوي، كومېت ئىككى ئاتمىشمۇ؟» رون خارىغا قاراپ ھىجايدى: «كومېتلار جۇلالىق كۆرۈنىدۇ، لېكىن نىمبۇسلار بىلەن بىر ئورۇندا تۇرالمايدۇ.»
«سەن نېمىنى بىلەتتىڭ ۋېزلىي، سېنىڭ ئۇنىڭ سېپىنى ئېلىشقىمۇ قۇربىڭ يەتمەيدۇ» دەپ ھۆرپەيدى مالفوي «سەن ۋە قېرىنداشلىرىڭنىڭ شاخ-شۇمبىلىرىدىن تارتىپ بىر- بىرلەپ بۆلۈپ ئېلىشىڭلارغا توغرا كېلىدۇ.»
رون جاۋاپ بېرىشقا ئۈلگۈرمەيلا، مالفوينىڭ جەينىكىنىڭ يېنىدا پروفېسور فلىتۋىك پەيدا بولدى.
«ئۇرۇشمايۋاتقانسىلەر ھە بالىلار؟» دەپ ۋىچىرلىدى ئۇ.
«پوتېر بىر سۈپۈرگە تاپشۇرۇۋاپتۇ پروفىسور» دېدى مالفوي دەرھال.
«ھەئە، ھەئە، شۇنداق» دېدى پروففېسور فلىتۋېك خارىغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويۇپ، «پروفېسور مېك گوناگال ماڭا بۇ ئالاھىدە ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەرگەنتى پوتېر. مودېلى نېمىكەن؟»
«نىمبۇس 2000، ئەپەندىم.» دېدى مالفوينىڭ تېڭىرقاپ قالغان چىرايىنى كۆرۈپ كۈلۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئۆزىنى تەستە تۇتۇۋالغان خارى «يەنە بۇنىڭغا ئېرىشىشىمدە مالفوينىڭ تۆھپىسى خېلىلا چوڭ» دەپ قوشۇپ قويدى.
خارى بىلەن رون پەشتاقلاردىن ئۆرلەۋېتىپ مالفوينىڭ كاللىسى قايمۇقۇپ،غەزەپتىن يېرىلايلا دەپ قالغان ئەپتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ئىختىيارسىز كۈلۈشۈپ قويدى.
«ئىشقىلىپ راستقۇ» دەپ كۈلدى خارى، ئۇلار مەرمەر پەشتاقلارنىڭ ئۈستىگە چىقىپ بولغاندا «ئۇ نەۋىلنىڭ خاتىرلەتكۈچىنى ئېلىۋالمىغان بولسا مەن كوماندىغا قاتنىشالمىغان بولاتتىم…»
ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن «ئۇنداقتا سېنىڭچە بولغاندا بۇ قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن بېرىلگەن بىر مۇكاپاتكەندە؟» دېگەن غەزەپلىك ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئېغىر قەدەم تاشلاپ كېلىۋاتقان ھېرماينى خارىنىڭ قولىدىكى بولاققا قاتتىق ئەيىبلەش نەزىرىدە قاراپ تۇراتتى.
«بىز بىلەن پاراڭلاشمايتتىڭغۇ؟» دېدى خارى.
«شۇنداق، يېنىۋالىمەن دېمە» دېدى رون. « خېلى ئارام تېپىپ قالغانتۇق.»
ھېرماينى ھاكاۋۇرلۇق بىلەن گىدىيىپ كېتىپ قالدى.
ئۇ كۈنى خارىنىڭ كاللىسىغا پەقەت دەرس چۈشمىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن خىيالى ياتاقخانىسىدا، كارۋىتىنىڭ ئاستىدا ياتقان سۈپۈرگىسىدە، ياكى كۇئىددىچ مەيدانىدا، بۇ ئاخشام قىلىدىغان تۇنجى مەشىقتە ئىدى. شۇ كۈنى كەچقۇرۇن نېمە يېگىنىنىمۇ بىلمەستىن بىر نېمىلەرنى ئاغزىغا تىقىپ، ئارقىدىنلا ئالدىراپ- تېنەپ، رون بىلەن ئۈستۈنكى قەۋەتكە، «نىمبۇس »2000 نى ئالغىلى يۈگۈردى.
«پاھ!» دەۋەتتى رون، ئۇلار سۈپۈرگىنى كارۋاتنىڭ ئۈستىگە قويغاندىن كېيىن.
ھەتتا سۈپۈرگە مودېللىرى ھەققىدە ھېچنىمە بىلمەيدىغان خارىمۇ بۇ نەرسىگە مەپتۇن بولغان ئىدى. سىلىق ھەم پارقىراق سېپى ماخوگانى ياغىچىدىن، ئۇزۇن قۇيرۇقى نەپىس ۋە رەتلىك شاخ شۇمبىلاردىن ياسالغان، ئەڭ ئۇچىغا يېقىن بىر يەرگە ئالتۇن ھەل بېرىلگەن ھەرپلەر بىلەن «نىمبۇس 2000» يېزىلغان ئىدى.
سائەت يەتتىگە يېقىن خارى قەلئەدىن چىقىپ غۇۋا يورۇقتا كۇئىددىچ مەيدانىغا قاراپ يول ئالدى. ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ مەيداننىڭ ئىچىگە كىرىپ باقمىغان ئىدى. مەيداننى چۆرىدەپ تۇرغان ئورۇندۇقلار تاماشىبىنلارنىڭ ئويۇننى بىمالال كۆرەلىشى ئۈچۈن خېلى ئېگىز ئورنىتىلغان ئىدى. مەيداننىڭ ئىككى بېشىدا ئۈچ تالدىن ئالتۇن تۈۋرۈك بار ئىدى. ھەر بىر تۈۋرۈكنىڭ ئۇچىدا بىردىن چەمبەر بولۇپ، بۇ تۈۋرۈكلەر ماگىل بالىلار كۆپۈكچە پۈۋلەپ ئوينايدىغان نەرسىنى خارىنىڭ ئېسىگە سالدى. بىرلا پەرقى تۈۋرۈكلەرنىڭ ئېگىزلىكى ئون بەش مېتىردەك كېلەتتى شۇ.
ۋۇدنى ساقلاۋاتقاندا، قايتا ئۇچۇش ئۈچۈن تەقەززا بولۇپ كېتىۋاتقان خارى چىدىيالماي سۈپۈرگىسىنى چىڭ قاماللاپ يەنى تېپىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. بۇ ئاجايىپ قالتىس بىر تۇيغۇ ئىدى! ئۇ ۋاراتا تۈۋرۈكلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇياقتىن بۇ ياققا ئۇچاتتى، ئاندىن مەيداندا تۆۋەنگە ۋە يۇقىرىغا قاراپ ئوقتەك شۇڭغۇيتتى. «نىمبۇس 2000» نىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن مۇنداقلا بىر تۇتۇپ قويسا كۇپايە ئىدى.
«ھوي! پوتېر، پەسكە چۈشكىن!»
ئولېۋىر ۋۇد يېتىپ كەلگەن ئىدى. چوڭ بىر ياغاچ ساندۇقنى كۆتۈرۈۋالغان ئىدى. خارى ئۇنىڭ يېنىغا قوندى.
«ناھايىتى ياخشى» دېدى كۆزلىرى چاقناپ كەتكەن ۋۇد، «مېك گوناگالنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەندىم… سېنىڭ تۇغما تالانتىڭ باركەن. مەن ساڭا بۈگۈن پەقەت قائىدىلەرنى ئۆگىتىپ قويماقچى، ئاندىن ھەپتىدە ئۈچ كۈن كوماندىنىڭ مەشىقلىرىگە قاتنىشىسەن.»
ساندۇقنى ئاچتى. ئىچىدە چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشىمايدىغان تۆت تال توپ بار ئىدى.
«بولدى» دېدى ۋۇد. «ئەمدى… كۇئىددىچ ئانچە ئوڭاي بىر ئويۇن ئەمەس، ئەمما قائىدىلەرنى ئۆگىنىش ئاسان. ھەر كوماندىدا يەتتە ئادەم بولىدۇ. بۇلاردىن ئۈچى قوغلىغۇچى دەپ ئاتىلىدۇ.»
«ئۈچ قوغلىغۇچى» دەپ تەكرارلىدى خارى، ۋۇد پۇتبول توپىدەك چوڭلۇقتا قىزىل رەڭلىك بىر توپنى ساندۇقتىن ئېلىۋاتقاندا.
«بۇ توپنىڭ ئىسمى كۇئاففېل» دېدى ۋۇد، «قوغلىغۇچىلار كۇئاففېلنى بىر- بىرىگە ئېتىشىدۇ ۋە ئۇنى چەمبەرلەرنىڭ ئىچىدىن ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ. كۇئاففېل چەمبەرلەرنىڭ بىرەرسىنىڭ ئىچىدىن ئۆتسە ئون نومۇر ئالىمىز، چۈشەندىڭمۇ؟»
«قوغلىغۇچىلار كۇئاففېلنى قوغلاپ چەمبەردىن ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ» دەپ تەكرارلىدى خارى، «ئۇنداقتا بۇ سۈپۈرگە بىلەن ئوينايدىغان ۋە ئالتە سېۋىتى بار ۋاسكىتبولغا ئوخشاپ كېتىدىكەن- ھە؟»
«ۋاسكىتبول دېگەن نىمە؟» دەپ سورىدى ۋۇد قىزىقىپ.
«بولدىلا،بۇ ئۇنچە مۇھىم ئەمەس» دېدى خارى دەرھال.
«ھەر بىر كوماندىنىڭ بىز تۇتقۇچى دەپ ئاتايدىغان يەنە بىردىن ئەزاسى بار. مەن گرىففىندورنىڭ تۇتقۇچىسى. توختىماستىن بىزنىڭ چەمبەرلەرنىڭ ئەتراپىدا چۆرگىلەپ، يەنە بىر كوماندىنىڭ نومۇر ئېلىشىنى توسۇپ قالىمەن.»
«ئۈچ قوغلىغۇچى، بىر تۇتقۇچى» دېدى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېسىدە تۇتۇشقا تىرىشىۋاتقان خارى. «كۇئاففېل بىلەن ئوينايدۇ، ماقۇل چۈشەندىم. ئەمسە بۇلارنى نېمە قىلىدۇ؟» دېدى ساندۇقتىكى قالغان ئۈچ توپنى كۆرسىتىپ.
«ھازىر كۆرىسەن» دېدى ۋۇد. «ماۋۇنى ئالە.»
كالتەك توپنىڭ كالتىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان كىچىكرەك بىر كالتەكنى خارىگە تۇتقۇزۇپ قويدى.
«ھازىر بلاجېرنىڭ نېمىگە يارايدىغانلىقىنى ساڭا كۆرسىتىپ قويماقچى» دېدى. «ماۋۇ ئىككىسى بلاجېر دەپ ئاتىلىدۇ.»
قىزىل كۇئاففىلدىن كىچىكرەك تۇرىدىغان، بىر- بىرىسىگە ئوپمۇ- ئوخشاش ئىككى تال قارا توپنى كۆرسەتتى. خارى ئىككىلا توپنىڭ ساندۇقنىڭ ئىچىدە ئۆزلىرىنى باغلاپ تۇرغان يىپلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەدەپ تىركىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
ۋۇد «كەينىڭگە يان» دەپ ئەسكەرتىپ قويدى ۋە بلاجېرلاردىن بىرسىنىڭ يىپىنى يەشتى.
قارا توپ شۇ ھامان ساندۇقتىن چىقىپ ئاسمانغا ئۆرلىدى. ئارقىدىنلا ئۇدۇل خارىنىڭ يۈزىگە قاراپ پەسلەشكە باشلىدى. خارى بۇرنىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇنى كالتەك بىلەن بىرنى قويغانىدى، بلاجېر ئۇيان بۇيان ئۇچۇپ قايتىدىن ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى. باشلىرىنىڭ ئۈستىدە بىرئاز چۆرگىلەپ ۋۇدقا ھۇجۇم قىلاي دەپ تۇرغاندا، ۋۇد ئۇنى تۇتۇۋېلىپ يەرگە ئۇردى.
«كۆردۈڭمۇ؟» دېدى ۋۇد، تېخىچە تىپىرلاۋاتقان بلاجېرنى قۇتىغا قويۇپ باغلاۋاتقاچ ھاسىراپ تۇرۇپ. «بلاجېرلار تۆت ئەتراپقا ئۇچۇپ كوماندا ئەزالىرىنى سۈپۈرگىسىدىن چۈشۈرۈۋېتىشكە تىرىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر كوماندىدا ئىككى تالدىن ئۇرغۇچى بار. بىزنىڭ ئۇرغۇچىلىرىمىز ۋېزلىي قوشكېزەكلەر، بىزنىڭ گۇرۇپپىنىڭ ئەزالىرىنى بلاجېردىن قوغدايدۇ. ئۇ توپلارنى قارشى كوماندا ئەزالىرىغا ئاتىدۇ. مۇشۇ يەرگىچە چۈشەندىڭمۇ؟»
خارى «ئۈچ قوغلىغۇچى كۇئاففېل بىلەن نومۇر ئېلىشقا تىرىشىدۇ. تۇتقۇچى چەمبەرلەرنى قوغدايدۇ. ئۇرغۇچىلار بولسا ئۆزلىرىنىڭ گۇرۇپپىسىنى بلاجېرلاردىن قوغدايدۇ.» دېدى چاپسانلىق بىلەن.
«ناھايىتى ياخشى» دېدى ۋۇد.
«ھىم… بلاجىرلار بىركىمنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپ باققانمۇ؟» دېدى خارى مۇنداقلا سوراپ قويۇۋاتقاندەك…
«خوگۋارتستا ئۇنداق ئىش بولمىدى. پەقەتلا بىر نەچچە ئېڭەكنى سۇندۇرۇپ قويغان يېرى بار شۇ. ئەمدىلىكتە… گۇرۇپپىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەزاسى بولسا ئىزدەنگۈچى. ئۇ بولسىمۇ دەل سەن. ئاندىن سېنىڭ كۇاففېللار ياكى بلاجېرلار بىلەن كارىڭ بولمىسىمۇ بولىدۇ…»
«… ئەلۋەتتە، كاللامنى يېرىۋەتمىسىلا چوڭ ئىش يوق»
«ئەنسىرىمە، ۋېزلىيلەر بلاجىرلارغا تەڭ كېلىپلا قالماستىن… شۇ، دېمەكچى بولغىنىم ئۇلار ئۆزلىرى بىر جۈپ ئىنسان بلاجېر ئەمەسمۇ…»
ۋۇد ساندۇققا ئېگىلىپ تۆتىنچى توپنى ئالدى. ئەڭ ئاخىرقى توپنى. بۇ توپ كۇاففېل ياكى بلاجېرغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا كىچىك ، ياڭاقچىلىك بىر توپ ئىدى. ۋال- ۋۇل چاقناپ تۇرىدىغان ئالتۇندىن ياسالغان توپ،كىچىككىنە كۈمۈش قاناتلىرىنى تىنىمسىز قېقىپ تۇراتتى.
«بۇ بولسا» دېدى ۋۇد، «ئالتۇن سنىچ، پۈتۈن توپلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغىنى. تۇتۇۋېلىش بەكلا تەس، چۈنكى ناھايىتى تېز ئۇچىدۇ. شۇڭا كۆرۈشمۇ شۇنچە تەس. ئىزدەنگۈچىنىڭ ۋەزىپىسى ئۇنى تۇتۇۋېلىش. سېنىڭ قوغلىغۇچى، ئۇرغۇچى، كۇاففېل ياكى بلاجېرلارنىڭ ئارىسىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، يەنە بىر كوماندىنىڭ ئىزدەنگۈچىسىدىن بۇرۇن ئۇنى تۇتۇۋېلىشىڭ كېرەك. كىم سنىچنى ئەڭ بۇرۇن تۇتۇۋالسا، كوماندىسى يۈز ئەللىك نومۇر ئالىدۇ، شۇڭا ئاساسەن سنىچنى تۇتۇۋالسىلا يەڭدى، دېگەن گەپ. مانا شۇنىڭ ئۈچۈن ئىزدەنگۈچىلەرگە ھۇجۇم كۆپ بولىدۇ. بىر كۇئىددىچ مۇسابىقىسى پەقەتلا سنىچنى تۇتۇۋالالىغاندا، ئاندىن ئاخىرلىشىدۇ. يەنى مەڭگۈ داۋاملىشالايدۇ. ئەڭ يېڭى رېكورت ئۈچ ئاي داۋاملاشقانغۇ دەيمەن، كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئۇخلاپ ئارام ئېلىۋېلىشى ئۈچۈن توختىماي ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا توغرا كەپتىكەن.»
«مانا، ھەممىسى مۇشۇنچىلىك. سورايدىغان سوئالىڭ بارمۇ؟»
خارى بېشىنى چايقىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى چۈشەنگەن ئىدى. ئەمما بۇ يەردىكى مەسىلە- ئۇ بۇ ئىشنى قىلالامدۇ- يوق…
«ھازىرچە بۇنىڭ بىلەن مەشىق قىلمايمىز» دېدى ۋۇد سنىچنى ئېھتىيات بىلەن ساندۇققا قويۇپ قويغاچ. «قاراڭغۇ چۈشۈپ قالدى، يۈتۈپ كېتىشى مۇمكىن. سېنى ماۋۇلار بىلەن سىناپ كۆرەيلى.»
يانچۇقىدىن بىر خالتا ئادەتتىكى گولف توپىنى ئالدى. بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن خارى ئىككىسى ھاۋاغا ئۆرلىدى. ۋۇد توپلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەر تەرەپكە ئاتاتتى، خارى بولسا ئۇلارنى قوغلاپ تۇتاتتى.
خارى بىرسىنىمۇ چۈشۈرۈپ سالمىدى، ۋۇدنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى. ئۇلار يېرىم سائەتتەك مەشىق قىلغاندىن كېيىن قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەچكە داۋاملاشتۇرالماي قالدى.
«بۇ يىلقى كۇئىددىچ لوڭقىسىغا جەزمەن بىزنىڭ ئىسمىمىز يېزىلىدۇ» دېدى ۋۇد قەلئەگە قايتىش يولىدا خۇشال خۇرام ھالدا. «چارلى ۋېزلىيدىنمۇ ئېشىپ چۈشسەڭ ھەيران قالمايمەن جۇمۇ، ئۇ ئەجدىھالارنى قوغلاپ يۈرۈشنى تاللىمىغان بولسا ھەتتا ئەنگىلىيە مىللىي كوماندىسىغىمۇ قاتنىشالايتتى دېگىنە…»

¬*******
پۈتۈن تاپشۇرۇقلىرىنىڭ ئۈستىگە يەنە ھەپتىدە ئۈچ كۈن كەچقۇرۇنلىرى كۇئىددىچ مەشىقى قوشۇلغاچقىمىكىن تاڭ، كۈنلىرى ئىنتايىن ئالدىراش ئۆتۈۋاتقان خارى، خوگۋارتستا ئىككى ئاينىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى تۇيمايلا قالغانىدى. قەلئە ئۇنىڭغا پرېۋىت درېۋغا قارىغاندا بەكرەك ئىللىق بىر ئۆيدەك تۇيۇلاتتى. ئاساسلىق تېمىلار ئۆتۈلۈپ بولغانلىقى ئۈچۈن، دەرسلەرمۇ بارا- بارا قىزىقارلىق بولۇپ كېتىۋاتاتتى.
ئەرۋاھلار بايرىمى كۈنى تاڭ سەھەردە ئوقۇغۇچىلار ئورنىدىن تۇرغاندا، كارىدورلارنى بىر ئالغان مەززىلىك تاتلىق كاۋىنىڭ پۇرىقى ئۇلارنى قارشى ئالدى. ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى بولغىنى بولسا، پروففىسور فلىتۋىكنىڭ تىلسىم دەرسىدە ئەمدى نەرسىلەرنى ئۇچۇرالىغۇدەك باسقۇچقا كەلگەنلىكىنى ئۇلارغا ئېيتىشى ئىدى. بۇ فلىتۋىك نەۋىلنىڭ پاقىسىنى سىنىپتا ئۇياقتىن- بۇياققا ئۇچۇرغاندىن بېرى، ھەممەيلەن تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان ئىش ئىدى. پروفىسور فلىتۋىك تۇنجى مەشىق ئۈچۈن بالىلارنى بىر جۈپتىن گۇرۇپپىلارغا ئايرىدى. ھېلىمۇ ياخشى خارى سېمۇس فىننىگېن بىلەن بىر گۇرۇپپىغا ئايرىلدى. چۈنكى نەۋىلمۇ خارى بىلەن بىر گۇرۇپپا بولۇش ئىستىكىدە خارىنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا تىرىشىۋاتاتتى. لېكىن رون ھېرماينى گرېنجىر بىلەن بىر گۇرۇپپا بولۇپ قالغان ئىدى. توغرىسىنى ئېيتقاندا، بۇ ئىشقا رون بەكرەك خاپا بولدىمۇ يا ھېرماينىمۇ، بۇنى بىلىش قىيىن. ھېرماينى خارىنىڭ سۈپۈرگىسى كەلگەن كۈندىن بېرى ئىككىلىسىگە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىپ باقمىغان ئىدى.
«ھە، بىز مەشىق قىلغان بىلەك ھەرىكەتلىرىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭلار جۇمۇ،» دەپ ۋىچىرلىدى ھەر ۋاقىتتىكىدەك بىر توپ كىتاپنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالغان پروففىسور فلىتۋېك «قامچىلاپ-چېكىمىز، ئۇنتۇپ قالماڭلار، قامچىلاپ-چېكىمىز. سېھىرلىك سۆزلەرنى توغرا تەلەپپۇز قىلىشمۇ شۇنچىلىك مۇھىم… سېھىرگەر بارىففۇنى ئەسلەپ تۇرۇڭلار، ف ھەرپىنى س دەپتىكەن، كۆزنى- يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆزىنى يەردە، بىر سۇ كالىسىنى مەيدىسىدە كۆرۈپتىكەن!»
بۇ بەكلا تەس ئىدى. خارى ۋە سېمۇس بىلەكلىرى بىلەن قامچىلاپ-چېكىش ھەرىكەتلىرىنى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار ئۇچۇرماقچى بولغان قۇش پەيلىرى ئۈستەلدە مىدىر- سىدىر قىلماي ياتاتتى. سېمۇسنىڭ ئاخىر سەۋىر تاقىتى چېكىگە يېتىپ، تايىقى بىلەن پەينى بىرنى نوقۇپ ئۇنىڭغا ئوت قويۇۋېتىپ سالدى. شۇنىڭ بىلەن خارى شەپكىسىنى سېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئوتنى ئۆچۈرۈشكە مەجبۇر بولدى.
يان پارتىدىكى روننىڭمۇ تەلىيى ئانچە ئوڭدىن كەلمەيۋاتاتتى.
«ۋىنگاردىيۇم لېۋىيۇسا!» دەپ ۋارقىراۋاتاتتى ئۇ ئۇزۇن قوللىرىنى چاقپىلەكتەك چۆرگۈلۈتۈپ.
«ۋىن-گار-دى-يۇم لې-ۋى-يۇ-سا دەيمىز» دېدى خارى. ھېرماينىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى: «گار دىگەننى سوزۇپ ئېنىق ئاڭلانغۇدەك دەيمىز»
«بەك ئەقىللىق بولغاندىكىن ئۆزۈڭ بىر قىلىپ باقە قېنى،» دەپ غودۇرىدى رون.
ھېرماينى تونىنىڭ يەڭلىرىنى شىمايلاپ، تايىقىنى پۇلاڭلاتتى ۋە «ۋىنگاردىيۇم لېۋىيۇسا!» دېدى.
ئۇلارنىڭ پېيى ئۈستەلدىن كۆتۈرۈلدى ۋە باشلىرىنىڭ بىر مېتىر ئۈستىدە لەيلەپ تۇردى.
«قالتىس!» دەپ ۋارقىرىۋەتتى پروفىسور فلىتۋېك چاۋاك چېلىپ «ھەممىڭلار قاراڭلار، گرېنجىر خېنىم قىلالىدى!»
دەرس ئاخىرلاشقاندا روننىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن ناچار ئىدى.
«بۇ قىزغا ھېچ كىمنىڭ بەرداشلىق بېرەلمەسلىكى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس» دېدى. «ئۇ بارغۇ، بىر قاباھەتلىك چۈش، راست دەيمەن.»
بىرسى يېنىدىن ئالدىراپ ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ خارىغا سوقۇلۇپ كەتتى. بۇ ھېرماينى ئىدى. خارى مۇنداق بىر قاراپ قويۇپ چۆچۈپ كەتتى… قىزنىڭ كۆزلىرى لىققىدە ياشقا تولغانىدى.
«قارىغاندا ئۇ دېگەنلىرىڭنى ئاڭلاپ قالغاندەك قىلىدۇ.»
«ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ» دېگىنى بىلەن رونمۇ سەل بىئارام بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى. «بىرمۇ دوستىنىڭ يوقلىقىنى ئەمدى بايقاپ قالغان گەپ.»
ھېرماينى كېيىنكى دەرسكە كىرمىدى. چۈشتىن كېيىنمۇ ھېچ يەردە كۆرۈنمىدى. خارى بىلەن رون ئەرۋاھلار بايرىمى مۇراسىمى ئۈچۈن چوڭ زالغا كېتىۋاتقاندا، پارۋاتى پاتىلنىڭ دوستى لەۋېندىر براۋنغا ھېرماينىنىڭ قىزلار ھاجەتخانىسىدا يىغلاۋاتقانلىقىنى، يالغۇز قېلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدى. بۇلارنى ئاڭلىغان رون تېخىمۇ بەكرەك تېڭىرقاپ قالدى. ئەمما بىردەمدىن كېيىن ئەرۋاھلار بايرىمىغا ئاتاپ ياسالغان چوڭ زالغا كىرگەن ھامان ئىككىلىسى ھېرماينىنى ئۇنتۇپلا كەتتى.
مىڭلارچىسى تام ۋە تورۇسلاردا قانات قاقسا، يەنە مىڭلارچىسى ئۈستەللەرنىڭ ئۈستىنى قاپقارا بىر پارچە بۇلۇتتەك قاپلىۋالغان شەپەرەڭلەر، كاۋىلارنىڭ ئىچىدە پىلىلداپ يېنىۋاتقان شاملارنىڭ نۇرىنى تېخىمۇ تىترەك كۆرسىتىپ تۇراتتى. خۇددى ئوقۇش باشلاش زىياپىتىدىكىگە ئوخشاشلا، ئالتۇن تەخسىلەردە تۇيۇقسىز خىلمۇخىل تائاملار پەيدا بولدى.
خارى قاقلاپ پىشۇرۇلغان بەرەڭگىلەردىن بىرنى يەي دەپ تۇرۇشىغا، پروففىسور كۇئېررىل ئالاقزادىلىك بىلەن يۈگۈرۈپ چوڭ زالغا كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ سەللىسى بىر يانغا قىيسىيىپ، چىرايىمۇ تاتىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ دامبېلدورنىڭ يېنىغا كېلىپ، ھاسىراپ- ھۆمىدەپ ئۈستەلگە يۆلىنىپ تۇرۇپ: «تاغ ئالۋاستىسى…زىنداندا بىر تاغ ئالۋاستىسى باركەن… خەۋەر قىلىپ قوياي دېۋىدىم.» دېگۈچە بولغان ئارىلىقتا ھەممەيلەننىڭ كۆزى ئۇنىڭغا تىكىلگەنىدى.
ئارقىدىنلا ئۇ ھوشىدىن كېتىپ يىقىلىپ چۈشتى.
شۇ ھامان قالايمىقانچىلىق يۈز بەردى. پروفېسور دامبېلدورنىڭ ۋاراڭ- چۇرۇڭنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، سېھىرلىك تايىقى بىلەن ئارقا – ئارقىدىن بىر نەچچە قېتىم سۆسۈن ساليوت ئېتىشىغا توغرا كەلدى.
«سىنىپ باشلىقلىرى» دەپ ھۆركىرىدى ئۇ. «سىنىپىڭلاردىكىلەرنى دەرھال ياتاقخانىلارغا ئەچىقىپ كېتىڭلار.»
پېرسىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تازا بىر گىدىيىۋالدى ۋە:
«ماڭا ئەگىشىپ مېڭىڭلار! بىرىنجى سىنىپلار، بىر- بىرىڭلاردىن ئۇزاقلاشماڭلار! مەن دېگەندەك قىلساڭلار تاغ ئالۋاستىسىدىن قورقۇشقا كېرەك قالمايدۇ! كەينىمدە ماڭا يېقىن تۇرۇڭلار. يول ئېچىڭلار، بىرىنچى سىنىپلار كېلىۋاتىدۇ! كەچۈرۈڭلار، مەن بولسام بىر سىنىپ باشلىقى!»
«تاغ ئالۋاستىسى بۇ يەرگە قانداق كىرىپتۇ؟» دەپ سورىدى خارى پەلەمپەيلەردىن چىقىۋاتقاندا.
«مەندىن سورىما» دېدى رون، «تاغ ئالۋاستىلىرى راستتىنلا دۆت كېلىدۇ. بەلكىم ئۇنى پېۋس كىرگۈزۈۋەتكەندۇ، بايراملىق چاقچاق ھېسابىدا.»
ئۇلار ھەر تەرەپكە يۈگۈرۈشۈپ يۈرگەن خىلمۇخىل كىشىلەر توپىنىڭ ئارىسىدىن ئالدىراپ ئۆتتى. ئۇلار بىر توپ تەمتىرەپ قالغان ھاففېلپافلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈۋاتقاندا خارى تۇيۇقسىز روننىڭ بىلىكىگە ئېسىلدى.
«ئەمدى ئېسىمگە كەلدى… ھېرماينى.»
«ئۇنىڭغا نىمە بوپتۇ؟»
«تاغ ئالۋاستىسىدىن خەۋەرسىز.»
رون لېۋىنى چىشلەپ تۇرۇپ قالدى.
«ۋاي خۇدايىم، بوپتۇ ئەمسە» دەپ تاشلىدى ئۇ، «ئەمما پېرسىي كۆرۈپ قالمىسۇن.»
ئۇلار ئېگىلىپلا يەنە بىر تەرەپكە كېتىۋاتقان ھاففېلپافلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالدى. يان تەرەپتىكى ئادەم يوق بىر كارىدورغا چىقىۋېلىپ قىزلار ھاجەتخانىسى تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى. ئۇلار ئارقىسىدىن ئالدىراپ كېلىۋاتقان بىرسنىڭ ئاياغ تىۋىشلىرىنى ئاڭلىغىنىدا تېخى ئەمدىلا ئايلانمىدىن ئۆتكەن ئىدى.
«پېرسىي!» دەپ شىۋىرلىدى رون خارىنى يوغان بىر شىر ھەيكىلى كەينىگە تارتىپ.
ئەمما ئۇلار باشلىرىنى سوزۇپ مۇنداق بىر قارىۋىدى، پېرسىينى ئەمەس سنەيپنى كۆردى. ئۇ كارىدورنى كېسىپ ئۆتۈپ كۆزدىن غايىپ بولدى.
«ئۇ نىمە قىلماقچىدۇ؟» دەپ پىچىرلىدى خارى. «نىمىشقا باشقا مۇئەللىملەر بىلەن زىندانلارغا چۈشمەپتۇ؟»
«مەندىن سوراۋاتامسەن؟»
ئۇلار ئىمكانقەدەر ئاۋاز چىقارماستىن، سنەيپنىڭ بارا- بارا ئۇزاقلىشىۋاتقان ئاياغ تىۋىشلىرىغا ئەگىشىپ، يان كارىدوردا پۇتىنىڭ ئۇچىدا ماڭغىلى تۇردى.
خارى «ئۇ ئۈچىنچى قەۋەتكە چىقىۋاتىدۇ» دەۋاتقاندا رون تۇيۇقسىز قولىنى كۆتۈردى.
«سەنمۇ بىرەر نەرسىنى پۇرىغاندەك قىلامسەن؟»
خارى ھاۋانى مۇنداق بىر پۇراپ بېقىۋېدى، سېسىپ كەتكەن پايپاق ۋە ھېچكىم تازىلاشقا ئۇرۇنۇپ باقمىغان بىر ھاجەتخانىنىڭ ھىدى ئارلاشقاندەك بەتبۇي بىر خىل پۇراق دىمىقىغا ئۇرۇلدى.
ئارقىدىنلا ئۇلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى. يېقىمسىز خورتۇلدىغان ئاۋاز ۋە ئېغىر- ئېغىر يۆتكىلىۋاتقان گىگانت پۇتلارنىڭ قەدەم تىۋىشلىرىنى… رون قولى بىلەن كۆرسەتتى، سول تەرەپتىكى كارىدورنىڭ يەنە بىر ئۇچىدىن ناھايىتى يوغان بىر نېمە ئۇلارغا قاراپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئۇلار دەرھال قاراڭغۇ بىر بۇلۇڭغا مۆكۈۋالدى ۋە بۇ مەخلۇق ئاي يورۇقىغا كەلگەندە ئۇنىڭغا قاراپ تۇردى.
بۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بىر كۆرۈنۈش ئىدى. ئالۋاستىنىڭ ئېگىزلىكى تۆت مېتىردەك كېلەتتى، تېرىسىنىڭ رەڭگى بولسا گرانت تاشتەك تۇتۇق بىر خىل كۈلرەڭ ئىدى، ئۇنىڭ قۇرام تاشتەك يوغان، كېلەڭسىز بەدىنىنىڭ چوققىسىغا بولسا كوكۇس مېۋىسىچىلىك كېلىدىغان كىچىك، تاز بىر كاللا جايلاشقان ئىدى. ئۇنىڭ يەنە دەرەخنىڭ غولىدەك توم، كالتە پاچاقلىرى ، قاداق بېسىپ كەتكەن ياپىلاق پۇتلىرى بار ئىدى. ئۇنىڭدىن تارقاۋاتقان بەتبۇي پۇراق چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئىدى. ئۇنىڭ بىلىكى بەك ئۇزۇن بولغانلىقتىن قولىدا كۆتۈرۈۋالغان يوغان كۆتەك يەرگە سۆرۈلۈپ قالغان ئىدى.
تاغ ئالۋاستىسى بىر ئىشىكنىڭ ئالدىدا توختاپ ئىچىگە قاراپ باقتى. ئۇزۇن قۇلاقلىرىنى مىدىرلىتىپ، كىچىككىنە ئەقلىنى ئىشلىتىپ مۇنداق بىر ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى، ئارقىدىن ئىرغاڭلاپ مېڭىپ ئاشۇ ھۇجرىغا كىرىپ كەتتى.
«ئاچقۇچ ئىشىكتىكەن» دەپ پىچىرلىدى خارى. «ئۇنى شۇ يەرگە سولاپ قويالايمىز.»
«ياخشى ئامالكەن» دېدى جىددىيلىشىپ قالغان رون.
ئۇلار جىددىيلەشكەنلىكىدىن لەۋلىرى قۇرۇپ، ئىچ- ئىچىدىن تاغ ئالۋاستىسىنىڭ تۇيۇقسىز چىقىپ قالماسلىقىنى تىلەپ، ئوچۇق قالغان ئىشىككە قاراپ ماڭدى. خارى بىر سەكرەپ ئىشىكنىڭ يېنىغا بېرىۋالدى، ئاچقۇچنى تۇتۇۋېلىپ ئىچىكنى جالاققىدە ياپتى ۋە قۇلۇپلاپ قويدى.
«قالتىس!»
ئۇلار بۇ غەلبىسىدىن قاتتىق ھاياجانلانغان ھالدا كارىدوردا كەينىگە قايتىپ ئۇچقاندەك يۈگۈرگىلى تۇردى. لېكىن كارىدورنىڭ بۇرجىكىگە كېلىپ تۇرۇشىغا ئاڭلانغان بىر ئاۋاز ئۇلارنىڭ يۈرىگىنى توختىتىپ قويايلا دېدى! ئۈنلۈك ۋە دەھشەتلىك بىر چىرقىرىغان ئاۋاز… ۋە بۇ ئاۋاز ئۇلار بايا قۇلۇپلاپ قويغان ئىشىكنىڭ كەينىدىن ئاڭلىنىۋاتاتتى.
«ۋاي خۇدايىمەي،» دەۋەتتى قانلىق گرافتەك تاتىرىپ كەتكەن رون.
«ئۇ يەر قىزلار ھاجەتخانىسى ئەمەسمىدى؟» دېدى تۇيۇقسىز دېمى سىقىلىپ كەتكەن خارى.
«ھېرماينى!» دەۋەتتى ئىككىلىسى بىرلا ۋاقىتتا.
بۇ ئۇلارنىڭ بۇ ھاياتتا قىلىشنى ئارزۇلايدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئىش بولغىنى بىلەن باشقا ئامالى بارمۇ دەيسىز؟ ئۇلار ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ئىشىككە قاراپ يەنە بىر قېتىم يۈگۈردى، ئاچقۇچنى تولغىدى ۋە ئالاقزادىلىك بىلەن تىترەپ تۇرۇپ خارى تارتىپ ئاچقان ئىشىكتىن يۈگۈرۈپ كىرىشتى.
ھېرماينى گرېنجىر ئۇدۇلدىكى تامنىڭ تۈۋىدە تۈگۈلۈپ كەتكەن، قورقۇپ ھوشىدىن كېتەيلا دېگەن ئىدى. تاغ ئالۋاستىسى بارغانسېرى ئۇنىڭغا يېقىنلىشىۋاتقاچ تامدىكى جۈمەكلەرگە سوقۇلۇپ قومۇرىۋېتىپ باراتتى.
«ئۇنى ئېزىقتۇر!» دەپ ۋارقىرىدى خارى چارىسىزلەرچە قولىغا چىققان بىر جۈمەكنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تامغا ئېتىپ.
ئالۋاستى ھېرماينىنىڭ بىرنەچچە قەدەم نېرىسىدا توختاپ قالدى. ئاۋازنىڭ قايسى تەرەپتىن چىققانلىقىنى بىلمەكچى بولغان تاغ ئالۋاستىسىنىڭ كېلەڭسىز بەدىنى كۆزلىرىنى ھاڭۋاقتىلارچە چىمچىقلىتىپ ئارقىسىغا بۇرۇلدى. كىچىككىنە زەھەرخەندە كۆزلىرى خارىغا قادالدى. سەل ئىككىلىنىپ قالغاندىن كېيىن… قولىدىكى كۆتەكنى كۆتۈرۈپ خارىغا قاراپ ماڭدى.
«ھوي، باراڭ كاللا!» دەپ توۋلاپ قولىدىكى جۈمەكنى تاغ ئالۋاستىسىغا ئاتتى ئۆينىڭ يەنە بىر ئۇچىدا تۇرغان رون. ئالۋاستى ھەتتا جۈمەكنىڭ مۈرىسىگە تەگكەنلىكىنى تۇيمىغاندەك قىلسىمۇ، ئۇنىڭ ۋارقىرىغانلىقىنى ئاڭلىغاچقا يەنىلا تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى. چوشقىنىڭكىدەك بۇرنى خارىنىڭ ئورنىغا بۇ قېتىم رونغا بۇرۇلدى ۋە بۇ خارىغا ئالۋاستىنىڭ يېنىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈۋالىدىغانغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى.
خارى ھېرماينىغا «بولە، يۈگۈرگىنە، چاپسان بولمامسەن!» دەپ توۋلاپ ئۇنى ئىشىك تەرەپكە تارتىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ھېرماينى مىدىر- سىدىر قىلالمايۋاتاتتى. ئاغزى قورققىنىدىن يېرىم ئوچۇق، تېخىچە تامنىڭ تۈۋىدە تۈگۈلۈپ تۇراتتى.
تاغ ئالۋاستىسى ۋارقىراش-جارقىراشلار ۋە بۇلارنىڭ ئەكسى سادالىرىدىن ساراڭ بولۇپ قالايلا دېگەن ئىدى. ئۇ يەنە بىر قېتىم ھۆركىرىدى ۋە ئۆزىگە ئەڭ يېقىن تۇرغان، ھەم قاچىدىغان يېرى يوق رونغا ھۇجۇم قىلماقچى بولدى.
خارى تۇيۇقسىز ھەم شۇنداق باتۇرانە، ھەم شۇنداق ئەخمىقانە ئىشتىن بىرنى قىلدى: يۈگۈرۈپ كېلىپ بىر سەكرىگىنىچە ئالۋاستىنىڭ دۈمبىسىگە چىقىۋالدى ۋە بوينىغا چىڭ ئېسىلىۋالدى. ئالۋاستى خارىنىڭ دۈمبىسىگە چىقىۋالغىنىنى سەزمىگەنىدى، ئەمما بىر تاغ ئالۋاستىسى بولغان تەقدىردىمۇ بۇرنىغا ئۇزۇن بىر پارچە تاياقنىڭ كىرىپ كەتكەنلىكىنى سېزەلەيتتى. خارى قولىدىكى سېھىرلىك تايىقى بىلەن ئالۋاستىنىڭ بوينىغا سەكرەپ چىقىۋالغاندا، تاياقنىڭ ئۇچى ئۇدۇل ئالۋاستىنىڭ بۇرنىنىڭ تۆشۈكىدىن كىرىپ كەتكەن ئىدى.
تاغ ئالۋاستىسى ئازاپلانغانلىقىدىن ھۆركىرەپ، مۈكچىيىپ كەتتى ۋە توقمىقىنى قالايمىقان پۇلاڭلاتقىلى تۇردى. بۇنداق كېتىۋەرسە، ئۇنىڭغا جان- جەھلى بىلەن ئېسىلىۋالغان خارى ياكى يەرگە پوككىدە چۈشەتتى، ياكى بولمىسا كۆتەك بىلەن بېشىغا يەيتتى.
ھېرماينى قورققىنىدىن ئۆرە تۇرالماي يەردە ئولتۇرۇپ قالغان ئىدى. رون نېمە قىلىدىغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەي تۇرۇپ، تايىقىنى قولىغا ئالدى، ئېگىز كۆتۈردى ۋە ئېسىگە كەلگەن تۇنجى سېھىرلىك سۆزنى توۋلىغان ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلىدى، «ۋىنگاردىيۇم لېۋىيۇسا!»
توقماق تۇيۇقسىز تاغ ئالۋاستىسىنىڭ قولىدىن چىقىپ، ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈرۈلدى. ئاستاغىنە ئۆز ئورنىدا چۆرگىلىدى ۋە قاراس-قۇرۇس قىلىپ ئادەمنى شۈركەندۈرگۈدەك بىر ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۆز ئىگىسىنىڭ بېشىغا چۈشتى. تاغ ئالۋاستىسى ئۆز ئورنىدا دەلدەڭشىپ قالدى، ئارقىدىنلا پۈتۈن ئۆينى تەۋرىتىپ يەرگە دۈم چۈشتى.
خارى ئورنىدىن تۇردى، ئۇ دىر- دىر تىترەۋاتقان ھەم ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ كەتكەنىدى. رون تېخىچە تايىقىنى كۆتۈرۈپ، قىلغان ئىشىغا ھاڭۋېقىپ قاراپ قالغانىدى.
تۇنجى بولۇپ ھېرماينى ئېغىز ئاچتى:
«ئۇ… ئۆلگەنمىدۇ؟»
«ئۇنداق ئەمەسمىكىن» دېدى خارى، «مېنىڭچە پەقەت ھوشىدىن كەتتى، خالاس.»
ئېگىلىپ تايىقىنى ئالۋاستىنىڭ بۇرنىدىن سۇغۇرۇپ ئالدى. تاياقنىڭ ئۇ يەر بۇ يېرى كاللەك كاللەك ئۇيۇپ قالغان، كۈلرەڭ شىلىمشىق بىر خىل سۇيۇقلۇققا مىلەنگەن ئىدى.
«ھۆ… ئالۋاستى ماڭقىسى.»
تايىقىنى ئالۋاستىنىڭ ئىشتىنىغا سۈرتۈپ تازلىدى.
تۇيۇقسىز ئىشىكنىڭ جالاقشىغان ئاۋازى ۋە تاراق- تۇرۇق ئاياغ تىۋىشلىرى ئاڭلىنىۋىدى، ئۈچىلىسى بېشىنى كۆتۈردى. ھېچقايسىسى قانچىلىك چۇقان- سۈرەن كۆتۈرگەنلىكىگە دىققەت قىلمىغانىدى، ئەمما تاغ ئالۋاستىسىنىڭ ھۆركىرەشلىرى ۋە قاراسلىغان ئاۋازلارنى ئاستى قەۋەتلەردە بىرەيلەن ئاڭلىغان بولۇشى چوقۇم، ئەلۋەتتە. كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە پروفىسور مېك گوناگال ئېتىلىپ كىردى، ئارقىدىنلا سنەيپ ۋە ئەڭ كەينىدە كۇئېررىل ئەگىشىپ كىرگەن ئىدى. كۇئېرىل ئالۋاستىغا مۇنداقلا بىر قاراپ بىر ئىڭراپ سالدى ۋە بىر قولىنى يۈرىكىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ بىر تەرەت تۇڭىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قالدى.
سنەيپ بولسا تاغ ئالۋاستىسىنىڭ ئۈستىگە ئېگىلدى. مېك گوناگال بولسا، رون بىلەن خارىغا قاراۋاتاتتى. خارى ئەزەلدىن مېك گوناگالنىڭ بۇنچىۋالا غەزەپلەنگەنلىكىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. ئۇنىڭ لەۋلىرى تاتىرىپ تىترەپ كەتكەنىدى. خارىنىڭ گرىففىندورغا ئەللىك نومۇر قوشۇش ئۈمىدلىرى تېزلا يوققا چىقتى.
«سىلەر نىمە قىلغىنىڭلارنى بىلەمسىلەر؟» دېدى ھەر بىر ئېغىز گېپىدىن سوغۇق غەزەپ ئۇرغۇپ تۇرغان پروففېسور مېك گوناگال. خارى تايىقىنى تېخىچە ھاۋادا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان رونغا قارىدى. «ئۆلۈپ كەتمىگىنىڭلار چوڭ ئىش بوپتۇ. سىلەر نېمىشقا ياتاقخاناڭلارغا كىرىپ كەتمىدىڭلار؟»
سنەيپ خارىغا تىكىلىپ قارىدى. خارى يەرگە قارىۋالدى. ئۇ روننىڭ تايىقىنى پەسكە چۈشۈرۈشىنى ئارزۇلاپ قېلىۋاتاتتى.
شۇ چاغدا قاراڭغۇ بۇلۇڭدىن بىرىنىڭ زەئىپ ئاۋازى ئاڭلاندى.
«ئۆتۈنەي پروفېسور مېك گوناگال… ئۇلار مېنى ئىزدەۋاتاتتى.»
«گرېنجىر خېنىم!»
ھېرماينى ئاخىرى ئۆرە تۇرالىغۇدەك بولغانىدى.
«تاغ ئالۋاستىسىنى ئىزدەپ ماڭغان ئىدىم… ئۇنىڭغا ئۆزۈم تاقابىل تۇرالايمەن دەپ ئويلاپتىكەنمەن. چۈنكى … شۇ… ئۇلار ھەققىدە ھەممە نەرسىنى ئوقۇپ چىققانتىم.»
رون تايىقىنى پەسكە چۈشۈردى. ھېرماينى گرېنجىر، راستتىنلا بىر ئوقۇتقۇچىغا قاراپ تۇرۇپ يالغان ئېيتىۋاتامدۇ؟
«ئەگەر ئۇلار مېنى تېپىۋالمىغان بولسىدى، ھازىرغىچە ئاللىقاچان ئۆلگەن بولاتتىم. خارى تايىقىنى ئۇنىڭ بۇرنىغا تىقىۋەتتى، رون ئۇنى ئۆزىنىڭ تايىقى بىلەن سېلىپ ھوشسىزلاندۇردى. ئۇلارنىڭ بىركىمنى چاقىرىشقا ۋاقتى يوق ئىدى. ئۇلار كەلگەندە تاغ ئالۋاستىسى مېنى ئۇجۇقتۇرىۋېتەيلا دەپ قالغانىدى.»
خارى ۋە رون بۇ ھېكايىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىمايۋاتقاندەك قىياپەتكە كىرىۋېلىشقا تىرىشتى.
«بوپتۇ ئەمىسە، ئۇنداقتا…» دېدى پروففىسور مېك گوناگال ئۇ ئۈچىگە قاراپ. «گرېنجىر خېنىم، ھەي ئەخمەق قىز، قانداقسىگىمۇ بىر تاغ ئالۋاستىسىنى يالغۇز يېڭەلەيمەن دەپ ئويلىيالىغانسىز؟»
ھېرماينى بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تۇردى. خارىنىڭ ئاغزى گەپكە كەلمەي قالغانىدى. بۇ دۇنيادا قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىش ئېھتىماللىقى بار ئەڭ ئاخىرقى كىشى ھېرماينى ئەمەسمىدى؟ مانا ئەمدىلىكتە، ئۇ ھېرماينى ئۇلارنى ئاۋارىچىلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دېمىگەن يالغان گەپ قالمىغانىدى. بۇ خۇددى سنەيپنىڭ ھەممەيلەنگە قەنت- گېزەك تارقىتىشقا باشلىغىنىدەكلا بىر ئىش ئىدى.
«گرېنجىر خېنىم، قىلمىشىڭىز ئۈچۈن گرىففىندوردىن بەش نومۇر تارتىلدى» دېدى پروفىسور مېك گوناگال. «مېنى ئۈمىدسىزلەندۈردىڭىز، بىر يېرىڭىز زېدىلەنمىگەن بولسا، دەرھال گرىففىندور مۇنارىغا كەتكىنىڭىز تۈزۈك. ئوقۇغۇچىلار تاماقلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ بىنالىرىدا يەۋاتىدۇ.»
ھېرماينى چىقىپ كەتتى.
پروففىسور مېك گوناگال خارى بىلەن رونغا قارىدى.
«سىلەرگە كەلسەك، تەلىيىڭلار ئوڭدىن كەپتۇ، ساق سالامەت قۇتۇلۇپسىلەر. لېكىن ھەممىلا بىرىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى تولۇق يېتىلگەن بىر تاغ ئالۋاستىسىنى ئاسانلىقچە يېڭەلمەيدۇ. ئىككىلەڭلار گرىففىندورغا بەشتىن نومۇر قوشتۇڭلار. بۇنى پروففىسور دامبېلدورغىمۇ يەتكۈزۈپ قويىمەن. كەتسەڭلار بولىدۇ.»
ئۇلار يۈگۈرگەن پېتى چىقىپ كېتىپ، بۇ يەردىن ئىككى قەۋەت ئۇزاقلاشقىچە گەپ- سۆز قىلىشمىدى. ھەر نىمە بولسا، تاغ ئالۋاستىسىنىڭ پۇرىقىدىن قۇتۇلۇشمۇ ئىنتايىن خۇشاللىنارلىق ئىش ئىدى.
«ئون نومۇردىن كۆپرەك ئېلىشىمىز كېرەك ئىدى،» دەپ غودۇڭشىدى رون.
«بەش دىمەكچىدىڭغۇ دەيمەن، ھېرماينىدىن تارتىلغان بەش نومۇر بىلەن تەڭ، ئۇنتۇپ قالمىغانسەن.»
«بىزنى ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ياخشى قىلدى» دېدى رون. «ئىشقىلىپ، ئەسلىدە بىز ئۇنى قۇتۇلدۇرغاندىكىن»
«ئۇنى ئىچىگە سولاپ قويمىغان بولساق، قۇتقۇزۇشقا كېرەك قالمىغان بولاتتى» دەپ ئەسلەتتى خارى رونغا.
ئۇلار بودەك خانقىزنىڭ پورترېتىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، «چوشقا بۇرۇن» دەپ زالغا كىردى.
ئاممىۋىي زال كىشىلەر ۋە شاۋقۇن- سۈرەن بىلەن تولغان ئىدى. ھەممەيلەن بۇ يەرگە يوللانغان يىمەكلىكلەرنى يەۋاتاتتى. لېكىن ھېرماينى ئىشىكنىڭ يېنىدا ئۆزى يالغۇز ئۇلارنى ساقلاپ تۇرغان ئىدى. بىر ھازا ئۈچىلىسى ئوڭايسىزلىنىپ جىملا تۇرۇپ قېلىشتى. كېيىن ھېچقايسىسى بىر- بىرسىگە قاراپمۇ قويماستىن، بىرلا ۋاقىتتا «رەھمەت» دېيىشتى ۋە تەخسە، يىمەكلىك ئالغىلى يۈگۈرۈپ كېتىپ قېلىشتى.
لېكىن شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ھېرماينى گرېنجىر ئۇلارنىڭ دوستى بولۇپ قالدى. بەزى چاغلاردا ئىختىيارسىز ئاراڭلاردا دوستلۇق ئورنىتىدىغان ھادىسىلەرمۇ يۈز بېرىپ قالىدۇ، تۆت مېتىر كېلىدىغان بىر ئالۋاستىنى ھۇشسىزلاندۇرۇشمۇ مۇشۇنداق بىر ھادىسە ئىدى.

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *