ساپال چەينەك

ساپال چەينەك

تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر

ئايشە خانىمنىڭ ناھايتى چىرايلىق بىر ساپال چەينىكى باركەن. ئايشە خانىم ئۇنى ناھايتى ياخشى كۆرىدىكەن. ھەر كۈنى ئۇنى تاماق ئۈستىلىگە ئېلىپ كېلىپ چاينى ئۇنىڭ بىلەن قۇيىدىكەن. ساپال چەينەك، ئايشە خانىم ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى خۇشال بولۇپ كېتىدىكەن.

بىر كۈنى ناشتىدىن كېيىن ساپال چەينەك «جاراڭ!» قىلىپ يەرگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. گەۋدىسىدىن باشقا ھەممە يېرى چېقىلىپ كېتىپتۇ. ساپال چەينەكنىڭ بۇنىڭغا ناھايتى كۆڭلى يېرىم بوپتۇ:

– ئايشە خانىم ئەمدى مېنى ياخشى كۆرمەيدۇ!

ئايشە خانىم ئۇنى يەردىن ئېلىپتۇ. ھويلىسىغا ئاپىرىپتۇ دە تۇپراقنى قېزىشقا باشلاپتۇ. بىچارە ساپال چەينەكنىڭ تېخىمۇ بەك كۆڭلى يېرىم بولۇپتۇ.

– ئەمدى مەن تۈگەشتىم، ئايشە خانىم مېنى ھويلىسىغا كۆمۈۋېتىدۇ، – دەپ ئويلاپتۇ.

كېيىن ئايشە خانىم ساپال چەينەكنىڭ ئىچىگە قازغان توپىلارنى تولدۇرۇشقا باشلاپتۇ. ئىچى توشقاندىن كېيىن ئۇنى ئۆيگە ئاپىرىپ ئىچىدىكى تۇپراققا ئۇرۇقلارنى كۆمۈپ قويۇپتۇ. ساپال چەينەك ئاۋۋال نىمە بولغانلىقىنى چۈشىنەلمەپتۇ. بىر ئىككى ئايدىن كېيىن ساپال چەينەكنىڭ ئىچى رەڭگارەڭ گۈللەر بىلەن توشۇپ كەتكەندىن كېيىن، ساپال چەينەك ئايشە خانىمنىڭ ئۇنى تېخىچە بەك ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى چۈشىنىپتۇ.

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *