ئاپتورى: ئاندرۇۋ كلېمىنتس
تەرجىمە قىلغۇچى: ماھىنۇر ئۇيغۇر
12-باب: تېپىشماقنى يېشىش
سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن بەشىنچى سىنىپلارنىڭ چوڭ زالى ھەممىسى ئۈچۈن جاسارىتىنى نامايەن قىلىشقا مەجبۇر بولغان جايغا ئايلىنىپ قالدى.
ئەيكېرس خانىم مۇزىكا سىنىپىغا كىرىپ پىيانىنوسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇردى ۋە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ «ئىشەنگۈم كەلمەي قالدى، ھەممىڭلار نېمە دىگەن تەرتىپلىك بولۇپ كەتتىڭلار، ناھايىتى ياخشى! ئەمدى، ھەممىڭلار كىتابىڭلاردىن «بۇ تۇپراقلار سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلار» دىگەن ناخشىنى ئېچىڭلار» دىدى.
پىيانىنودا باشلىنىش مۇزىكىسىنى چالغاچ ئەسكەرتتى «تىك تۇرۇڭلار، كۈلۈمسىرەڭلار، چوڭقۇر نەپەس ۋە – »
ھېچكىم ناخشا ئېيتىشنى باشلىمىدى.
مۇزىكا توختاپ قالدى، ئەيكېرس خانىم قاپىقىنى تۈرۈپ سىنىپتىكىلەرگە قارىدى. «قاراڭلار، ھەممىڭلارنىڭ بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ياخشى قىلالايدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن»
رىتىمنى ساناپ قايتا مۇزىكىنى باشلىدى. «بىر، ئىككى ئۈچ! «بۇ تۇپراقلار سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلار، بۇ تۇپراق – »
ئەيكىرس خانىم توختاپ قالدى. ناخشىنى ئۆزى يالغۇز ئېيتقان، ئىنچىكە يۇقرى ئاۋازى بالىلارنىڭ پىخىلدىشىپ كۈلۈشىشىگە سەۋەپچى بولغانتى.
يەنە قاپىقىنى تۈردى. «بولدى بالىلار. بۇ ئىش قىلچىمۇ كۈلكىلىك تۇيۇلماي قالدى. شۈكران كۈنىدە ئويۇن قويىمىز، ئىككى ھەپتىدىن ئاز ۋاقىت قالدى، بۇ خىل ئەخمىقاندە چاقچاقلار بىلەن زايە قىلىدىغان بىكار ۋاقتىمىز يوق»
تىرنىقىنى ئوچۇق ھالرەڭگە بويىۋالغان بارمىقى بىلەن بىردىن بىردىن كۆرسىتىپ تۇرۇپ «برايىن، توممى، ئاننا، ھەممىڭلار! ئاۋازىڭلارنى ئاڭلىغۇم بار!»
سىنىپنى زىلزىلىگە سالغۇدەك يۇقرى ئاۋازدا باشلىنىشنى قايتا چالدى ۋە پۈتۈن ئوقۇغۇچىلار بىراقلا «بۇ تۇپراقلار سىلەرنىڭ – » دەپ ناخشنى باشلىدى يۇ كىيىن تۇيۇقسىزلا توختىۋالدى.
پىيانىنونى چېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئەيكېرس خانىم «ئېيتىڭلار!» دەپ ۋارقىرىدى. بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى «… مېنىڭ يۇرتۇم، ھەر – » دىگەن يەرنى ئېيتىپ يەنە توختىۋالدى.
يۇقرى ئاۋازدا چۈشۈرۈلگەن يەنە بىر بۇيرۇق بىلەن تەڭ «… تېرەك بوستانلارغا تولغان- » دەپ توختىۋالدى ۋە ناخشا مۇشۇنداق ئۈچ سۆزدىن ئۈچ سۆزىن پارچىلىنىپ داۋاملاشتى.
ئاخىرى ئاچچىقىدىن قىزىرىپ، يېرىلغۇدەك بولۇپ كەتكەن، پىيانىنوسىنى بولسا گۈلدۈرلىگەندەك چېلىۋاتقان ئەيكېرس خانىم «سىلەرگە، بۈگۈن، زادى نېمە بولدى؟» دەپ سورىدى.
بالىلار لام جىم قىلمىدى.
پۈتۈن مۇئەللىملەرگە ئوخشاشلا ئەيكىرس خانىممۇ «بۆلۈپ باشقۇرۇش» قائىدىسىنى بىلەتتى: بىر ئىشنىڭ تېگىگە يەتمەكچى بولسىڭىز، سىنىپتىكى ھەممە ئادەمدىن بىراقلا ئەمەس، بىرلا كىشىدىن سورىشىڭىز كېرەك ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئالدىدىكى پارتىدا ئولتۇرغان لېنانى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، «نېمىشقا ناخشا ئېيتمايسىلەر؟» دەپ سورىدى.
لېنا بىر ھازا تۇرۇپ قالدى، كىيىن باشقا ساۋاقداشلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ «بۈگۈن گەپ قىلىشقا بولمايدۇ» دىدى.
«نېمە دىگەن گەپ بۇ؟ گەپ قىلىشقا بولمايدۇ؟» دىدى ئەيكېرس خانىم.
لېنا باش لىڭشىتتى. «پەقەتلا ئۈچ سۆز»
مۇزىكا مۇئەللىمى چۈشىنەلمەيلا قالغانتى. جەيمىسنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ «چۈشەندۈر» دىدى.
جەيمىس ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىمۇ مەقسىتىنى ئىپادىلەشتە قېينىلاتتى. چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ «سۆز… يوق. ھەممىمىز» دىدى.
ئەيكىرس خانىم چۈشەنگەندەك بولدى. «دىمەكچى… ھېلىقى ياشلار باشلاتقان پائالىيەتتەكمۇ، ھېلىقى گەپ قىلماسلىققا قەسەم ئىچىدىغان؟ ئافرىقىلىقلارنى قۇل قىلىش سېستىمىسىنىڭ داۋاملىشىشىغا قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلغان؟ بىر يەرلەردە ئوقۇغانتىم، مۇشۇنداقمۇ؟» دەپ سورىدى.
جەيمىس نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغاندەك قىلاتتى. بېشىنى چايقىدى، «چۈشەندۈرۈش تەس… ياق.»
ئەمما ئەيكېرس خانىم تېپىشماقنى -بىر قىسمىنى بولسىمۇ- يەشتىم دەپ ئويلىدى. ھەم، نېمە ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بالىلارنىڭ ئويۇنىنى بۇزغۇسى كەلمىدى.
سىنىپتىكىلەرگە بىر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىپ «ئۇنداقتا، ئېيتىڭلارچۇ، ھەممىڭلار بىللە غىڭشىساڭلار قانداق؟ غىىڭشىشقا بولامدۇ؟» دەپ سورىدى.
پۈتۈن بالىلار كۈلۈمسىرەپ، ھاياجانلانغان ھالدا باش لىڭشىتىپ تەستىقلىدى.
«چاۋاك چېلىشچۇ؟ مۇزىكىنىڭ رىتمىغا ماس كەلتۈرۈپ چاۋاك چالساڭلار بولامدۇ؟»
يەنە كۈلۈمسىرىگەن ھالدا تەستىقلىدى.
«ناھايىتى ياخشى، ئۇنداقتا بېشىدىن كېلەيلى» دىگەن ئەيكېرس خانىم قايتىدىن پىيانىنوسىنى چېلىشقا كىرىشتى «بىر، ئىككى ئۈچ! ھممم ھمممم ھممم ھممم ھمممم… »
ئەيكېرس خانىم چالغان «بۇ تۇپراقلار سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلار»نىڭ يەتتە مىسراسى ئاياغلاشقۇچە، يىگىرمە تۆت بەشىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىسى چاۋاك چالغاچ ۋە غىڭشىغاچ ئەيكېرس خانىمغا تەڭكەش قىلىپ بەردى.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار، تۇنجى قېتىملىق سۆزسىز مۇزىكا دەرسىدىنمۇ ھالقىپ ئۆتۈپ كەتتى.
بەشىنچى سائەتتىكى تەنھەركەت دەرىسى، مۇزىكا دەرىسىچىگە قارىغاندا خېلىلا تىنچ ئۆتتى. بەشىنچى سىنىپلارنىڭ جىمىپ كەتكەنلىكىنىڭ خەۋىرى مۇئەللىملەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قۇلىقىغا يەتكەن، تەنھەركەت مۇئەللىمى بولسا بۇ ئىشقا ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمىگەنتى. سەيشەنە كۈنى سوقما توپ ئوينايدىغان كۈنتى. خەنلەي خانىم ئىككى گرۇپپىنىڭ باشلىقىنى تاللىدى، باشلىقلار ئىشارەت تىلى ئارقىلىق ئۆز كوماندىسىنى قۇرۇپ چىقتى ۋە – بىر ئېغىز گەپكىمۇ كېرەك قالماستىن – ئويۇن باشلاندى.
سوقما توپ زادى قوپال ھېساپلىنىدىغان بىر ئويۇن ئىدى، گەپ قىلماي ھەم ۋارقىرىماي ئوينىغاندا تېخىمۇ ۋەھشىيلىشىپ كەتكەندەك قىلاتتى. تىركىشىپ خىرىلداپ ۋە ۋەھشىيلەرچە ۋارقىراپ تۇرغان، ئۈچ تۆت بالا قولىدىكى قىزىل توپ بىلەن قارشىسىدىكى كوماندىنىڭ ئەزالىرىنى سوقۇشقا تىرىشىۋاتقاندا، ئادەمگە، كىيىكنىڭ پېيىگە چۈشكەن بۆرىلەردەك تۇيغۇ بېرىدىغان بولۇپ قالغانتى: كوماندا باشلىقىنىڭ بىر باش ھەرىكىتى، ئولجىغا قاراپ ھۇجۇم، پالاق پۇلۇق! گۈپ! – ئۆلۈم.
تەنھەركەت مۇئەللىمىنىڭ قارىشىچە سوقما توپ، رېفلېكسلەرنى تەرەققى قىلدۇرىدىغان، چاققانلىق ھەم ئەپچىللىكنى راۋاجلاندۇرىدىغان بىر تەنھەركەت تۈرى ئىدى ۋە بۇ ئىشنى قىلىۋاتقاندا، بۇرۇنقىدەك، مازاق قىلىش، بىربىرىگە جەڭ ئېلان قىلىپ نەرە تارتىش بولمىسىمۇ بولىۋېرەتتى.
ئىشقىلىپ، خەنلەي خانىم ئۈچ قېتىملىق ئويۇننىڭ ھەممىنى قىززىقىپ تۇرۇپ تاماشا قىلدى ۋە بالىلارنىڭ گەپ قىلمىسىمۇ قانداق ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرى قوللانغانلىقىنى كۆردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭمۇ ۋارقىراشنىڭ ئورنىغا بارمىقى بىلەن كۆرسەتكەن، باش لىڭشىتقان ھەم پۇشتەك چالغانلىقىنى بايقاپ قالدى. ئاۋازىغا بىرئاز ئارام ئالدۇرۇۋالغانتى. نېمە دىگەن ياخشى.
بۇرتون ئەپەندىم بەشىنچى سىنىپلارنىڭ تىل ئەدەبىيات مۇئەللىمى ئىدى. تاماقتىن كىيىنكى تۇنجى دەرىسە قاتناشقاندا ئۇمۇ مۇزىكا ۋە پەن تېخنىكا مۇئەللىملىرىغا ئوخشاشلا سوئاللىرىغا ئۈچ سۆزلۈك جاۋاپ ئېلىپ ھەيران قالدى. ئەمما ئۇنداق ئاسان بەل قويۇۋەتمىدى ۋە بەش مىنۇتلاردىن كىيىن نېمە ئىشلار بولۇپ كەتكەنلىكىنى – ھېچبولمىغاندا بىر قىسمىنى – چۈشىنىپ يەتتى.
مارلوۋ خانىمنىڭ ئەكسىچە بۇرتون ئەپەندىم ئىنتايىن سەۋىرچان ھەم چاقچاقچى ئىدى. بالىلارنىڭ بۇنداق ئەدەپلىك بولۇپ كېتىشىنىڭ ئەيىبلىگۈدەك يېرى يوق دەپ ئويلاۋاتاتتى. تىنچلانمايدىغانلارنى تىنچلاندۇرىدىغان ھەرقانداق نەرسىگە رازى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئۈچ سۆز چەكلىمىسى سەۋەپلىك خېلى كۆڭۈل ئاچىدىغان بولدۇق دەپ قارايتتى.
دەرىسلىك كىتاپتىن بىر ھېكايە تاللىدى – قىسقىلا بىر تالنى – ۋە ئۈچ سۆزدىن ئۈچ سۆزدىن، بالىلارغا ناھايىتى تېز ئوقۇتتى. ئوقۇشنى كىمنىڭ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئۆزى تاللاۋاتاتتى.
ھېكايە تۈگىگەندىن كىيىن، «بولدى، ئەمدى سىلەر بىر ھېكايە توقۇڭلار» دىدى. قولىغا بىر مېتىر كېلىدىغان سىزغۇچتىن بىرنى ئېلىپ «مەن كۆرسەتكەن كىشى ئۈچ سۆزلۈك بىر جۈملە دەيدۇ. ھېكايىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن دىققىتىڭلار بىلەن قۇلاق سېلىڭلار. باشلىدۇق ھە!»
ھېكايە مۇنداق باشلاندى:
«بىر ئايال ۋارقىرىدى.»
«چۈنكى قورقۇپ كەتكەنتى»
«ھەممە يەر قاپقاراڭغۇ.»
«ئاپلا! يىلان باركەن!»
«بىرسى ئۇنى چېقىۋالدى»
«ۋايجان! ئاغرىپ كەتتى!»
«ئاقساپ تېشىغا چىقتى»
«تام قوشنىسى كەلدى»
«نېمە بولدى قوشنام؟»
«ھەممە يەر يىلان!»
«زەھەرلىك يىلانمۇ؟»
«سېسىق پۇرايدىكەن تېخى!»
«چاققان، ماشىنامغا چىقىۋېلىڭ!»
«جېنىمنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭىز!»
«ئۆلگۈر! باتارېيە تۈگەپتىغۇ!»
ھېكايە، سىنىپنى ئايلانغاچ داۋاملاشتى.
بىچارە ئايال بىلەن قوشنىسى ئاخىرىدا يۇندا يولى سېستىمىسىدىن چىقىپ كەلگەن ۋە ماشىنىنىڭ تۆپىسىنى تېشىپ كىرگەن گىگانت، قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك كەسلەنچۈكلەرگە يەم بولدى. كەسلەنچۈكلەر يىلانلارنىمۇ يەۋەتتى. كىيىن، ھويلىدىكى سەت لالەلەرنىڭ خەنجەردەك ئۆتكۈر چىشى ئۆسۈپ چىقتى ۋە كەسلەنچۈكلەرنى يەۋەتتى. كىيىن لالەلەر شۇنداق بىر كېكىرىۋېدى، بۇ سەۋەپلىك چىققان بوران ئەركىنلىك ھەيكىلىنى ئۆرۈپ كېمىلەرنى يۆتكەيدىغان بىر ماشىنىنىڭ ئۈستىگە ئۆرۈلۈپ چۈشتى ۋە بۇ سەۋەپلىك پەيدا بولغان غايەت زور دولقۇن تا ئاق سارايغىچە يېتىپ باردى ۋە پرىزدېنتنىڭ ئالا بالداق ئىچ كىيمىدىن تارتىپ ھەممە نەرسىسى لاي سۇ بىلەن بۇلغىنىپ كەتتى.
بۇ قالتىس بىر ھېكايە بولغانتى.
دەرىس ئاخىرلاشتى ۋە ئوقۇغۇچىلار بۇرتون ئەپەندىمگە قول پۇلاڭلىتىپ، باشبارمىقىنى كۆتۈرۈپ، كۈلۈمسىرەپ جىمجىتلا سىنىپتىن چىقىپ كەتتى. بۇرتون ئەپەندىممۇ ئۇلارغا قول پۇلاڭلىتىپ كۈلۈمسىرىدى. سۆزلەرنىڭ، ھېچكىمگە كېرىكى يوق ئىدى.
بۇ بىر سائەتلىك دەرىس ھەقىقەتەنمۇ ئۇتۇق قازانغان بىر سائەت بولغانتى – كۆڭۈللۈك، ئىجاتكار ۋە جانلىق؛ ھەممىسى تىل قابىلىيىتىنى يېڭىچە بىر ئۇسۇلدا قوللىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنتى. بۇرتون ئەپەندىممۇ، ھەقىقەتەنمۇ مەمنۇن بولغانتى.
كىيىنكى قىرىق مىنۇت، ئۇنىڭ دەرىس پىلانلايدىغان ۋاقتى ئىدى، ئارقىدىن بولسا يەتتىنچى، يەنى ئۇ كۈننىڭ ئاخىرقى سائەتلىك دەرىسى باشلايتتى. بۇرتون ئەپەندىم نومۇر قويۇشقا تېگىشلىك تاپشۇرۇقلار بار ئىدى ئەمما ئۇ شۇنداق ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتاتتى. چۈنكى بۇ بالىلار قىلىۋاتقان ئىش – بىر ئادەمنىڭ ئۆمرىدە، ئالدىغا بىر قېتىملا چىقىش ئېھتىماللىقى بار، ئۇنىڭغا سۆزلەرنى، تىلنى ۋە ئالاقىلىشىشنى قوللىنىپ تۇرۇپ يېپيېڭى، ئالاھىدە نەرسىلەرنى سىناپ بېقىش پۇرسىتى بېرىدىغان بىر ئەھۋالتى. نەتىجىدە، تەجرىبە ئىشلەشنى ياختۇرىدىغان بىردىنبىر ئىنسان پەن تېخنىكا مۇئەللىمى ئەمەستە!
شۇنىڭ ئۈچۈن بۇرتون ئەپەندىم ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ بۇ مەسىلە ھەققىدە ناھايىتى كۆپ كاللا قاتۇردى. ئاخىرى يەتتىنچى سائەتلىك دەرىسكە ئىككى مىنۇت قالغاندا نېمە قىلىشنى ئاخىرى تاپتى: بۇ قالتىس پىكىر بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەھۋالنىڭ، كۈتمىگەن يەردىن، ئۆزىنىڭ ئىشىغىمۇ ئەسقېتىپ قالىدىغانلىقىنىمۇ بايقاپ قالدى.
ۋە قوڭغۇراق جىرىڭلىغاندا بۇرتون ئەپەندىم چۈشتىن كىيىنكى دەرىسكە قاتنىشىش ئۈچۈن ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى – مانا بۇ، بۇ كۈننىڭ ئادەتتىكى بىر كۈن ئەمەسلىكىگە يەنە بىر ئىسپات.