گەپ قىلىشقا بولمايدۇ (4)

گەپ قىلىشقا بولمايدۇ

ئاپتورى: ئاندرۇۋ كلېمىنتس

تەرجىمە قىلغۇچى: ماھىنۇر ئۇيغۇر

4-باب: پىتلىقلار

كىچىك دەيۋ پاكېر ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەڭ دېمەتلىك بالىلار تۇنجى قېتىم يەسلىگە بارغاندا ئارمىيەگە ئېلىنغان يېڭى نەپەرلەرگە ئوخشايتتى.

ئوخشىمايدىغان يېرى، مۇئەللىملەر ھەربىي باشلىقلىرىغا قارىغاندا خېلىلا مېھرىبان بولسىمۇ يەسلىمۇ بىر خىل ئاساسلىق ئەسكىرىي تەلىم لاگىرىغا ئوخشايتتى.

يەسلىدە بىللە ئۆتكەن توققۇز ئايدەك ئۇزۇن بىر ۋاقىتنىڭ ئاخىرىدا، دەيۋ بىلەن باشقا نەپەرلەرنىڭ ئارمىيەدىن ئايرىلىشىغا رۇخسەت قىلىندى -ئەمما پەقەتلا يازلىق تەتىل توشقۇچە. چۈنكى توققۇزىنچى ئايدا ھەممىسى بىللە بىرىنجى سىنىپنى باشلايتتى.

بىرىنچى سىنىپتىن كىيىن يەنە ھەممىسى بىللە ئىككىنچى سىنىپقا، ئۇ يەردىن ئۈچىنچى سىنىپقا بېرىشقا توغرا كەلدى، بىردىن بىردىن پۈتۈن يىللىقلارنى باشتىن كەچۈردى. ھەممىسى بىللە. بىرنەچچە بالا كۆچۈپ كەتتى، بىرنەچچە يېڭى بالا قوشۇلدى. ئەمما دەيۋ بىلەن ئۇ تۇنجى يەسلى نەپەرلىرى يىللار بىربىرىنى قوغلاپ ئۆتۈپ كەتسىمۇ بىربىرىدىن ئايرىلمىدى. ۋە ئۆسۈپ يېتىلگىلى تۇردى. ھەممىسى بىللە.

كۆپىنچە باشلانغۇچ مەكتەپتە، بالىلار بەشىنچى سىنىپقا كىرگەندە، ئوغۇللار پۈتۈن قىزلار پىتلىق دىگەن كۆز قاراشنى، قىزلار بولسا پۈتۈن ئوغۇللار پىتلىق دىگەن كۆز قاراشنى چۆرۈپ تاشلىۋېتىدۇ. نورمال بولغىنى شۇ -بالىلىقتىن مۇشۇنداق قىلغاندا ھالقىپ ئۆتكىلى بولىدۇ.

بەزى گورۇپپىلاردا بۇ ئىش ناھايىتى ئاسان بولىدۇ. بالىلار ئازراق چوڭ بولىدۇ ۋە ھەممىسى بىربىرىنىڭ ئوخشاشلا ئادەم ئىكەنلىكىنى پەقەت بەزىلىرىنىڭ قىز بەزىلىرىنىڭ بولسا ئوغۇل ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. تۇيۇقسىز ھەممىسى دوست ئاداش بولۇپ چىقىشىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن كىيىن ھېچكىم ھېچكىمنى پىتلىق دەپ قارىمايدۇ.

ئەمما، بەزى بالىلاردا بۇ پىت ئىشى بىرئاز ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ. ئوغۇللار قىزلارنى قىزلار بولسا ئوغۇللارنى چەتكە قاقىدۇ، ھەممىسى ھەممە يەردە پىتلىقلارنى كۆرىدۇ. مانا، ئەپسۇسكى، لەيكتون باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى كۆپىنچە بەشىنجى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئەھۋال مۇشۇنداق.

ئەلۋەتتە، بەشىنجى سىنىپ ئوقۇغۇچىسى «پىتلىق» دىگەن سۆزنى ئىشلەتمەيتتى -بوۋاقلارغا ئوخشاپ قالماسلىق ئۈچۈن. «كالۋا»، «ئەخمەق»، «ئەبلەخ» ياكى «ئادەمنى بىزار قىلىدىغان» دىگەندەك سۆزلەردىن پايدىلىناتتى. ئەمما قايسى سۆزنى ئىشلىتىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر پىتلىق دىگەن يەنىلا پىتلىق.

يامان يېرى، دەيۋ بىلەن لېينسىي بەشىنجى سىنىپتىكى پىت-ئۆچمەنلىكىنى باشقۇرىدىغان خانىش ۋە پادىشاھقا ئوخشايتتى. دەيۋنىڭ قىزلارغا بولغان كەڭقورساقلىقى نۆلگە تەڭ بولسا لىينسېينىڭ ئوغۇللارغا قارىتا سەۋىر تاقىتى نۆلدىنمۇ تۆۋەن ئىدى.

مانا مۇشۇ سەۋەپتىن دەيۋ توختاپ قالسا بولاتتى.

ئەمدى گەپنى يەنە تاماق زالىدىن ئالايلى، چۈنكى دەيۋنىڭ «ئوغۇللار ھەرگىزمۇ قىزلاردەك كوتكوت ئەمەس» دىگەنلىكىنى ئاڭلىغان لىينسېي، پۈتۈن قىزلار ھاقارەتلەنگەندەك، كالۋا-ئەخمەق-ئەبلەخ-ئادەمنى بىزار قىلىدىغان بىر ئوغۇل بالىدىن شاپىلاق يىگەندەك ھېس قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دەيۋ ئەڭ باشتا دىگەن نەرسىنى، ئوتتۇردىن ئىككى پارچە بولۇپ كېتىش مەسىلىسىنى ئۇنتۇپ قالمىغان. ھېلىقى، ئاغزىدىن چىقىپ تۇرىدىغان ئىسسىق گاز سەۋەپلىك.

لىينسېي بىرەر ھاقارەتنى كەچۈرۈۋەتكۈدەك ياكى ئۇنتۇپ كەتكۈدەك بىرسى ئەمەستى. ئاداۋەت ساقلايدىغان خۇيى بارتى. كىيىنكى قەدەمدە بولسا ئۆچ ئالىدىغان خۇيى…

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *