ئاپتورى: روئالد داھل
تەرجىمە قىلغۇچى: ھەبىبە ئۇيغۇر
5-باب: ئالتۇن بىلەتلەر
جوۋ بوۋا،« ھەقىقەتەنمۇ، زاۋۇتقا كىرگىلى بولامدىكەن!؟» دەپ ۋارقىرىدى. « تېز ئوقۇغىنە، نىمە يېزىپتۇ، تىز بولە!»
بۇكېت ئەپەندى گېزىتنى ئېچىپ « ماقۇل،» دىدى. « ئۇنداقتا ياخشى قۇلاق سېلىڭلار.»
كېچىلىك خەۋەر
ئون يىلدىن بېرى ھىچكىم كۆرۈپمۇ باقمىغان داڭلىق شاكىلات ئۇستىسى ۋىللى ۋونكا ئەپەندى گېزىتىمىزغا بۇ ئۇقتۇرۇشنى ئەۋەتتى.
مەن ۋىللى ۋونكا، بۇ يىل بەش بالىغا (لېكىن بىلىپ قويۇڭلار پەقەتلا بەش بالىغا، بىرسىمۇ ئارتۇق ئەمەس) زاۋۇتۇمنى ئايلاندۇرۇشنى قارار قىلدىم. بۇ بەش تەلەيلىك بالا مەن بىلەن بىللە زاۋۇتنى پۈتۈنلەي ئايلىنىپ چىقىدۇ ۋە زاۋۇتنىڭ پۈتۈن سىرلىرى ۋە سىھىرلىرىنى ئۆگىنىدۇ. ساياھەت ئاخىرلاشقاندا، بالىلارغا ئالاھىدە بىر سوۋغات بېرىلىدۇ: بىر ئۆمۈر يەتكۈدەك شاكىلات ۋە كەمپۈت! ئالتۇن بىلەتلەرنى تاپقان ئادەم يېڭىدۇ! ئالتۇن يالىتىلغان قەغەزگە پەقەت بەش تال بىلەت بېسىلغان ۋە بۇ بەش ئالتۇن بىلەت، دۇنيانىڭ ھەر تەرپىگە سېتىلغان شاكىلاتلارنىڭ بەشىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇلغان. بۇ بەش شاكىلات، ۋونكا تاتلىق تۈرۈملىرى سېتىلىدىغان ھەرقانداق بىر دۆلەتتىكى ھەرقانداق بىر كەنتنىڭ ھەرقانداق بىر كوچىسىدىكى ھەرقانداق بىر دۇكاننىڭ ھەرقانداق بىر ئىشكابىدا بولۇشى مۇمكىن. بۇ بەش ئالتۇن بىلەتنى تاپقان بەش تەلەيلىك بالا ھەم زاۋۇتۇمنى سەيلە قىلىدۇ، ھەمدە ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ سىررىغا ئېرىشىدۇ! تەلىيىڭلار ئوچۇق بولسۇن! ئامىتىڭلار كەلسۇن!
(ئىمزا، ۋىللى ۋونكا)
جوسەفىن موما «بۇ ئادەم ئۇچىغا چىققان ساراڭكەن!» دەپ غودۇڭشىدى.
جوۋ بوۋا «ياق، شۇنداق ھىيلىگەر بىر ئادەمكەن!» دەپ قارشى چىڭتى. « ھەتتا شەيتاننىمۇ ئالدىيالايدۇ! ئەمدى يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى پەرەز قىلالامسىلەر؟ پۈتۈن دۇنيا ئالتۇن بىلەتلەرنى ئىزدەشنى باشلايدىغان بولدى! ئەمدى ھەممە ئادەم ئالتۇن بىلەت تاپىمەن دەپ ۋونكانىڭ شاكىلاتلىرىنى ئېلىشقا باشلايدۇ! ۋىللى ۋونكا بىر ئۆمۈر ساتقىنىدىنمۇ جىق شاكىلاتنى بىراقلا ساتىدىغان بولدى! ئاھ، ئۇ بىلەتلەرنى تاپقانلار قانچىلىك خۇش بولۇپ كېتەر ھە!»
جورج بوۋا « بىر ئۆمۈر يىيەلىگۈدەك شاكىلات ۋە كەمپۈت، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەقسىز!» دەپ گەپكە ئارىلاشتى. «ئادەم ئويلىسىمۇ غەلىتە ھېس قىلىدىكەن!»
جورجىنا موما «ئۇنچىلىك شاكىلات بىلەن كەمپۈتنى يۈك ماشىنىسى بىلەنمۇ تەس توشۇغىلى بولار!» دەپ غودۇرىدى.
جوسەفىن موما « خىيالىمۇ بىشىمنى قايدۇرىۋىتىدۇ!» دەپ قوشۇپ قويدى.
جو بوۋا « جۆيلۈمەڭلار!» دەپ گۈلدۈرلىدى. «ئويلاپ باققىنە چارلى، شاكىلاتنىڭ قەغىزىنى ئاچساڭ، ئىچىدىن پارقىراپ تۇرىدىغان بىر ئالتۇن بىلەت چىققان. بۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم نېمىلەرنى پىدا قىلماس ھە!»
چارلى كۆڭلى يىرىم ھالدا « توغرا دىدىڭ بوۋا،» دىدى «لېكىن مېنىڭ ھىچ تەلىيىم يوق. يىلدا پەقەت بىر شاكىلات يەيدىغان بىرسىنىڭ قانچىلىك تەلىيى بولاتتى؟»
جورجىنا موما « بىلگىلى بولامدۇ، قوزام» دەپ تەسەللە بېرىشكە تىرىشتى. «كېلەر ھەپتە تۇغۇلغان كۈنۈڭ. سېنىڭمۇ ھەممە ئادەمچىلىك تەلىيىڭ بار.»
جورج بوۋا «مېنىڭچە خاتالاشتىڭ،» دەپ قارشىلىق بىلدۈردى جورجىنا مومىغا.« ئالتۇن بىلەتلەر چىقىپ قالسا ھەر كۈنى شاكىلات ئالىدىغان بالىلارغا چىقىدۇ. يىلدا پەقەت بىر تال شاكىلات يەيدىغان چارلىغا چىقامتى؟ مېنىڭچە ھىچ ئۈمىت يوق.»