چارلى ۋە شاكىلات زاۋۇتى (2)

چارلى ۋە شاكىلات زاۋۇتى

ئاپتورى: روئالد داھل

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەبىبە ئۇيغۇر

2-باب: ۋىللى ۋونكا ئەپەندىنىڭ زاۋۇتى

چارلى ھەر كۈنى كەچتە كاللەك سەي شورپىسىنى ئىچكەندىن كىيىن بوۋا مومىلىرىنى يوقلاپ، ئۇلار سۆزلەپ بەرگەن ھىكايىلەرنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا «خەيىرلىك كەچ» دىگەندىن كىيىن ئۇخلايتتى.

بۇ تۆت قېرىنىڭ ھەممىسىنىڭ يېشى توقساندىن ئاشقان ئىدى. قوللىرى،يۈزلىرى ئۆرۈك قېقىدەك قورۇق قورۇق بولۇپ كەتكەن، بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغانتى. كۈن بويى بېشىنى ئىسسىق تۇتۇش ئۈچۈن دوپپىسىنى سېلىۋەتمەي، كارىۋاتنىڭ ئىچىدە بىربىرىگە يېقىن يېتىپ، چارلى كەلگۈچە مۈگدەيتتى. لېكىن ئىشىك ئېچىلىپ چارلىنىڭ «خەيىرلىك كەچ جو بوۋا، جوسەفىن موما. خەيىرلىك كەچ جورج بوۋا، جورجىئانا موما.» دىگەن ئاۋازى ئاڭلانغان ھامان تۆتىلىسى بىردىنلا جانلىنىپ كېتەتتى. خۇشاللىقىدىن شۇنداق يېقىملىق كۈلۈمسىرەيتتىكى، چىرايلىرى ئېچىلىپ يۈزلىرى پارقىراپ كېتەتتى. ۋە ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي نېمىلەرنىدۇر سۆزلەشنى باشلىۋېتەتتى. ئۇلار بۇ كىچىك بالىغا ئىنتايىن ئامراق ئىدى. ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ بىردىنبىر خۇشاللىق مەنبەسى چارلى ئىدى،ھەممىسى كەچكىچە ئۇنىڭ يولىغا قارايتتى. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا چارلىنىڭ ئاتا ئانىسىمۇ ئىشىك تۈۋىگە كېلىپ قېرىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرىنى تىڭشايتتى. مۇشۇنداق قىلىپ قېرىلارنىڭ ھۇجرىسى ھەر كۈنى كەچتە يېرىم سائەت جانلىناتتى، كۆڭۈل ئېچىشىش باشلىناتتى؛ مۇشۇ ۋاقىتتا ئاچلىق ھەم كەمبەغەللىك ھەممە ئادەمنىڭ ئېسىدىن چىقىپلا كېتەتتى، پۈتۈن كۆڭۈلسىزلىلەر ئۇنتۇلۇپ قالاتتى.

چارلى بىر كېچىسى يەنە قېرىلارنىڭ ھۇجرىسىغا كىردى،«ۋونكانىڭ شاكىلات زاۋۇتىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شاكىلات زاۋۇتى ئىكەنلىكى راستمۇ؟» دەپ سورىدى.

تۆتى بىللە «راستمۇ دەمسەن؟» دەپ ۋارقىرىدى. «ئەلۋەتتە راست! سەن بىلمەمتىڭ تېخى؟ باشقا زاۋۇتلارنىڭ ئاز دىگەندە ئەللىك ھەسسىسىچىلىك كېلىدۇ!»

«ئۇنداقتا، ۋىللى ۋونكا ئەپەندى ئەڭ ئۇستا شاكىلات ئۇستىسىمۇ؟»

جو بوۋا ئورنىدىن ئازراق تۇرۇپ «جېنىم ئوغلۇم» دىدى. «ۋىللى ۋونكا ئەپەندى ھازىرغىچە تۇغۇلغان شاكىلات ئۇستىلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئەڭ ئەڭ قالتىسى، ئەڭ يامىنى،ئۇنىڭ ياسىغان شاكىلاتلىرىغا ھىچكىمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ! بۇنى بىلمەيدىغان بىرمۇ كىشى يوق!»

«داڭلىق ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم جو بوۋا. قانچىلىك ئۇستا ئىكەنلىكىنىمۇ ئاڭلىغانتىم…»

جو بوۋا «ئۇستا دېگىنىڭ نىمىسى!» دەپ ۋارقىرىدى. «ئۇستا دېگەن گەپ ئاز بولۇپ قالىدۇ! ۋىللى ۋونكا بىر سېھىرگەر، بىر شاكىلات سېھىرگېرى! شاكىلات بىلەن مۆجىزىلەر يارىتالايدۇ! يالغان ئېيتقان بولسام دەڭلار، قەدىرلىكىم!» قالغانلىرى باشلىرىنى ئاستاغىنە لىڭشىتتى «يالغان ئەمەس، ھەق گەپ. توپتوغرا.»

جو بوۋا چارلىغا بۇرۇلۇپ «نېمە؟» دىدى. «مەن ۋىللى ۋونكانىڭ زاۋۇتىنى ساڭا سۆزلەپ بەرمىدىممۇ؟»

كىچىك چارلى «ياق سۆزلەپ بەرمىدىڭ» دىدى.

«ماۋۇ ئىشنى قارا! قانداقسىگە سۆزلىمىگەندىمەن ھە!»

«ئۇنداقتا ھازىر سۆزلەپ بېرە،بوۋا، ئۆتۈنۈپ قالاي!»

«ماقۇل بالام، سۆزلەي. كېلىپ يېنىمغا ئولتۇرۇپ ياخشى قۇلاق سال.»

جو بوۋا ھەممىسىنىڭ ئىچىدە ئەڭ قېرىسى ئىدى. 96 ياشقا كىرگەنتى. پۈتۈن قېرىلارغا ئوخشاش كۆڭۈلچەك ھەم مېھرىبان ئىدى. ئەتتىگەندىن كەچكىچە تۈزۈك گەپ قىلمايتتى. لېكىن كەچتە، سۆيۈملۈك نەۋرىسى چارلى كەلگەندە بىركىملەر ئۇنىڭغا ئەپسۇن ئوقۇپ قويغاندەك، ياشىرىپلا كېتەتتى. ھارغىنلىقى نەلەرگىدۇر كېتىپ، ياش يىگىتتەك تېرىسىگە پاتمايلا قالاتتى.

جو بوۋا «ۋىللى ۋونكا ئەپەندى قالتىس بىر ئادەم.» دەپ سۆز باشلىدى. «شۇنداق تەملىك، شۇنداق مەززىلىك شاكىلات ياسايدۇكى دۇنيادىكى پۈتۈن شاكىلات زاۋۇتلىرى بىر يەرگە كەلسىمۇ ئۇنداق شاكىلات ياسىيالمايدۇ!»

جوسى موما «توپتوغرا دىدىڭ!» دەپ ۋارقىرىدى. «ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ شاكىلاتلىرىنى دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەتكە ئەۋەتىدۇ! شۇنداق ئەمەسمۇ جو بوۋا؟»

«شۇنداق، قەدىرلىكىم، شۇنداق. ھەتتا دۇنيادىكى پۈتۈن پادىشاھلار، باشلىقلار ئۇنىڭ شاكىلاتلىرىنى يەيدۇ. ھەم، ئۇنى پەقەتلا شاكىلاتلا ياسايدۇ دەپ قالدىڭمۇ؟ ياق، ياق ياق! ۋىللى ۋونكا ئەپەندىنىڭ ھىچكىمنىڭ كاللىسى يەتمەيدىغان ئىجاتلىرى بار. توڭلاتقۇغا سالمىسىمۇ نەچچە سائەت ئېرىمەيدىغان شاكىلاتلىق مۇز قايماق ياسىغىنىنى بىلەمتىڭ؟ تومۇز ئىسسىق بىر كۈندە ئۇ مۇز قايماقنى ئەتتىگەندىن كەچكىچە ئاپتاپقا قويۇپ قويساڭمۇ ئېرىمەيدۇ.»

كىچىك چارلى بوۋىسىغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ «ئەمما بۇنداق بىر ئىش قانداقسىگە مۇمكىن بولسۇن!» دىدى.

جو بوۋا «ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس!» دەپ ۋارقىرىدى. «ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ! ئەمما ۋىللى ۋونكا ئەپەندى ياساپتۇ ئەنە!»

ئاندىنن چارلى بىرەر سۆزنىمۇ ئاڭلىماي قالمىسۇن دەپ ئاستا ئاستا سۆزلەشنى داۋاملاشتۇردى «بۇنچىلىك بىلەنلا توختاپ قالسىغۇ بىر گەپ،» دىدى «ۋىللى ۋونكا ئەپەندى ئىغىزدا بىنەپشە تەمى قالدۇرىدىغان مېۋە شېىكىرى، شورىغانسىرى ئون سىكونتتا بىر رەڭ ئۆزگەرتىدىغان شېكەر قىيامى، ئاغزىڭغا سالغان ھامان ئېرىپ كېتىدىغان كىچىك كەمپۈتلەرمۇ ياسايدۇ تېخى. يەنە، تەمىنى ھىچ يوقاتمايدىغان سېغىزلار، پۈۋلەپ يوغان قىلغاندىن كىيىن يىڭنە بىلەن ئېتىلدۇرۇۋېتىپ ئاندىن يىسەڭ بولىدىغان شار كەمپۈتمۇ ياسايدۇ. يەنە تېخى ھىچكىم بىلمەيدىغان بىر ئۇسۇل بىلەن كۆپكۆك بىر خىل تۇخۇم ياسايدۇ؛ بۇنىڭدىن بىرنى ئاغزىڭغا سالىدىغان بولساڭ، تۇخۇم ئاستا ئاستا كىچىكلەيدۇ ئاخىرىدا، كەمپۈت ئېرىپ كەتكەندە، بىر قاراپ باقساڭ نېمە كۆرىسەن بىلەمسەن؟ تىلىڭنىڭ ئۇچىدا كىچىك ھالرەڭ بىر قۇشقاچ!»

جو بوۋا بىر ھازا توختاپ كالپۇكىنى يالاپ قويدى. «ئويلىساممۇ يىگىم كېلىدۇ.» دىدى.

چارلى «مېنىڭمۇ» دىدى. «لېكىن ئۆتۈنۈپ قالاي سۆزلەشنى داۋاملاشتۇغىنە بوۋا!»

ئۇلار پاراڭلىشىۋاتقاندا چارلىنىڭ ئاپىسى ۋە دادىسى، بۇكېت ئەپەندى ۋە بۇكىت خانىم، ئاستاغىنە ھۇجرىغا كىرگەنىدى. ئىشىكنىڭ يېنىدا تۇرۇپ بولۇۋاتقان گەپلەرگە قۇلاق سېلىپ تۇراتتى.

«چارلىغا ھېلىقى ساراڭ ھىندىستان شاھزادىسىنى سۆزلەپ بەرگىنە.» دىدى جوسەفىن موما «چوقۇم، بەك ياختۇرىدۇ.»

جورج بوۋا «ھەقىقەتەن بىر دۆت!» دەپ گەپكە قوشۇق سالدى.

جورجىنا موما «ئەمما، قۇمدەك جىق پۇلى باردە ئۇنىڭ…» دىدى.

چارلى تاقەتسىزلىك بىلەن «ئۇ زادى نىمە قىلىپتۇ؟» دەپ سورىدى.

«ئاڭلاپ تۇر» دىدى جو بوۋا«ھازىرلا سۆزلەيمەن…»