تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر
كىچىككىنە بىر قىزچاق باغچىدا ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئويناۋېتىپ، بىرئاز نېرىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بىر كىشىنى كۆرۈپتۇ. بىچارە ئادەمنىڭ كۆڭلى بەكمۇ پەرىشان كۆرۈنەتتى.
قىزچاق:
– ئەجىبا ئۇنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلەيدىغاندىمەن. – دەپ ئويلاپتۇ.
ۋە كاللىسىغا ئىنتايىن ياخشى بىر ئوي كەپتۇ. ئاستا ئادەمنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا چىن كۆڭلىدىن ئىللىق كۈلۈمسىرەپتۇ.
ئادەم بۇنى كۆرۈپ ناھايىتى سۆيۈنۈپتۇ.
– دىمەك مېنى ئويلايدىغانلارمۇ باركەن دە، – دەپ ئويلاپتۇ.
كېيىن ئۇ ناھايتى ياخشى كۆرىدىغان بىر دوستىنى ئەسلەپتۇ. دوستىغا، «قەدىرلىك دوستۇم» دەپ باشلايدىغان بىر خەت يېزىپتۇ.
دوستى خەتنى تاپشۇرىۋالغان چاغدا ناھايتى خۇشال بوپتۇ:
– دىمەك مېنى ئۇنتۇماپتۇ. – دەپ ئويلاپتۇ. خۇشال ھالدا ئۆيگە مېڭىپتۇ. كېتىۋېتىپ بىر تىلەمچىنى كۆرۈپ قاپتۇ. تىلەمچىگە پۇل بېرىپتۇ. بىچارە تىلەمچىنىڭ قورسىقى ناھايىتى ئاچ ئىكەن. تاپقان پۇلى بىلەن بېرىپ بىر نەرسە يەپتۇ. ئۆيگە قايتىۋاتقاندا يولدا توڭلاپ كەتكەن بىر مۈشۈكنى كۆرۈپ قاپتۇ. ئۇنى چاپىنىغا يۆگەپ ئۆزى ياشايدىغان يەرگە ئېلىپ كېتىپتۇ. ئۇ بىر بىنانىڭ يەر ئاستى ئۆيىدە ياشايدىكەن. كەچتە ئۇ يېتىپ ئۇخلاپتۇ.
ئەتىگەندە بىنادا بىر ئوت ئاپىتى باشلىنىپتۇ. مۈشۈك ئوتنى پۇراپ تىلەمچىنى ئويغىتىپتۇ. تىلەمچى بىنادا ياشايدىغانلارغا خەۋەر قىلىپتۇ. ئۇلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوتنى ئۆچۈرۈپتۇ. پۈتۈن بىنا ئوت ئاپىتىدىن قۇتۇلۇپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن كىچىك قىز كۆڭلى يېرىم ئادەمگە، كۆڭلى يېرىم ئادەم دوستىغا، دوستى تىلەمچىگە، تىلەمچى مۈشۈككە، مۈشۈك بولسا پۈتۈن بىناغا مۇشۇنداق ياردەم قىلىپتۇ.