ئەڭ قىممەتلىك رەسىم

ئەڭ قىممەتلىك رەسىم

تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر

سەۋدانىڭ ئالتە قېرىندىشى بار بولۇپ، دادىسى بولسا رەسسام ئىكەن. ئۆيدىكى مەخسۇس بۆلمىسىدە بىر-بىرىدىن چىرايلىق رەسىملەرنى سىزىدىكەن.

بىر كۈنى دادىسى يوق ۋاقىتتا سەۋدا دادىسىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپتۇ ۋە بوياقلارنى ئېلىپ رەسىملەردىن بىرىنى تاللاپ ئۈستىگە سۈرۈشكە باشلاپتۇ. ئەمما لېكىن شۇ ۋاقىتتا قىلغان ئىشىغا ئۆكۈنۈپتۇ. چۈنكى دادىسى سىزغان ئەڭ چىرايلىق رەسىم بۇزۇلۇپ كەتكەنىكەن.

دادىسى ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە رەسىمنى كۆرۈپتۇ. بۇ رەسىم دادىسى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان رەسىم ئىكەن. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ناھايتى ئاچچىقى كەپتۇ. يەتتە بالىسىنىڭ ھەممىسىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلاردىن سوراپتۇ:

– مېنىڭ ئەڭ چىرايلىق رەسىمىمنى كىم بۇزدى، بىلەمسىلەر؟

بالىلار گەپ قىلماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دادىسى بىردىن بىردىن سوراشقا باشلاپتۇ. پۈتۈن بالىلار «بىلمەيمەن» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. نۆۋەت سەۋداغا كەپتۇ. دادىسى:

– سەۋدا رەسىمنى كىمنىڭ بۇزىۋەتكىنىنى بىلەمسەن؟ – دەپ سوراپتۇ.

سەۋدا بىردەم تۇرۇپ قاپتۇ. ئەمدى نىمە دەرمەن، دەپ ئويلاشقا باشلاپتۇ. كېيىن بېشىنى ئېگىپ:

– دادا، بىلىسەن، يالغان گەپ قىلسام بولمايدۇ، ئۇ رەسىمنى بوياقلىرىڭ بىلەن مەن بۇزۇپ قويدۇم.

بۇ جاۋاپنى ئاڭلاپ دادىسىنىڭ ئاچچىقى يېنىپتۇ. مېھرىبانلىق بىلەن قىزىنى قۇچىقىغا ئولتۇرغۇزۇپتۇ.

– سېنىڭ يالغان ئېيتماسلىقىڭ مەن ئۈچۈن بۇ رەسىمدىن بەكرەك مۇھىم ئىدى. راست گەپ قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن سېنى كەچۈردۈم…

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *