ئاپتورى: ئاندرۇۋ كلېمىنتس
تەرجىمە قىلغۇچى: ماھىنۇر ئۇيغۇر
14-باب: ئارىمىزدا، ئەمما جىمجىت…
سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن بالىلارنى ئۆيلىرىگە توشۇۋاتقان مەكتەپ ئاپتوبۇسلىرى ئادەتتىگە قارىغاندا خېلىلا جىمجىت ئىدى. بولۇپمۇ بەشىنچى سىنىپلار كۆپ چىققان ئاپتوبۇسلار.
ئەمما بەشىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھېچقايسىسى بۇ قىسقىغىنە سەپەردە قېينالمىدى. ئەتراپىدا چوڭ ئادەملەر بولمىسىلا گەپ قىلماسلىق ئوڭاي ئىش ئىدى. بەزىلىرى دوستلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ، بىربىرىگە خەت يېزىشتى. بەزىلىرى كىتاپ ئوقۇدى يا بولمىسا دەپتەرلىرىنى ئېلىپ تاپشۇرۇق ئىشلەشتى. بەشىنچى سىنىپلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇنداق جىمجىت ئولتۇردى – پەقەتلا كۈزىتىپ ۋە تىڭشاپ. ۋە خىيال سۈرۈپ.
لىينسېيگە ئوخشاش پۇتبول، كالتەك توپ ياكى يۈگۈرۈش دىگەندەك تەنھەركەت مەشىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ بولسا، مەكتەپتىن قايتىشنىڭ يا قايتماسلىقنىڭ كۆپ پەرقى يوق ئىدى، چۈنكى تېرىنىرلارمۇ مۇئەللىم ھېساپلىناتتى ۋە ئۈچ سۆز قائىدىسىگە بوي سۇنىسىلا مۇئەللىملەرگە جاۋاپ بېرىشكە بولىۋېرەتتى. مۇسابىقىنىڭ بۇ قىسمىدا ھېچكىم قېينالمىدى.
لىينسىي پۇتبول مەشىقىدە ئازراقمۇ قېينالمىدى. پات پات باشقىلارنىڭ توپنى ئۇنىڭغا ئېتىشى ئۈچۈن ئادەتتىكىدەك ۋارقىراشنىڭ ئورنىغا قولىنى پۇلاڭلىتاتتى يا بولمىسا بېشىنى لىڭشىتاتتى. كوماندىدىكى باشقا بالىلاردىن بىرەر يەرنى مۇھاپىزەت قىلىشىنى ياكى مەيداننىڭ يەنە بىر ئۇچىغا يۈگۈرشىنى تەلەپ قىلغاندا قولى بىلەن كۆرسىتەتتى. لىينسېي پۇتبولغا ئۇستا ئىدى. ئالاقىنىڭ كۆپىنچىسىنى پۇتى بىلەن ھەل قىلدى.
دەيۋگە ئوخشاش مەكتەپتىن ئۇدۇللا ئۆيگە كېلىدىغان بالىلار ئۈچۈن سۆزلىمەسلىك تېخىمۇ قېيىن ئىدى. تېخىمۇ قېيىن. چۈنكى بۇ تەبىئەتنىڭ بىر قانۇنىيىتى: ئاتا ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئۆزىگە جاۋاپ بەرمەسلىكىنى ئەسلا ياختۇرمايدۇ.
«دەيۋىد؟»
دەيۋ، ئاپىسىنىڭ كوچا ئىشىكىنى ئېچىپ ئىچىگە كىرگەنلىكىنى ۋە ئۆزىنى چاقىرغانلىقىنى ئاڭلىغاندا ئۆيگە كىرگىلى تېخى بەش مىنۇت بولغانتى. ئۈستى قەۋەتتە، تازلىق ئۆيىدە ئىدى.
ئاپىسى يەنە بىر قېتىم چاقىردى. «دەيۋىد جاۋاپ بەرسەڭچۇ!»
راست گەپنى قىلساق دەيۋىد، ھاجەتخانىدا ئولتۇرۇۋاتاتتى.
«دەيۋىد! جاۋاپ بەرسەڭچۇ!»
دەيۋ بۇنداق ئاۋازنى ئوبدانلا تونۇيتتى. دەرھال بىرەر ئامال قىلمىسا ئەھۋال چاتاق. قولىنى ئۇزىتىپ تازلىق ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ قويدى.
خاتا قارار.
ئاپىسى ئىككى سىكونت ئىچىدە پەلەمپەيدىن ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىپ بولغان ۋە تازلىق ئۆيىنىڭ ئىشىكىنىڭ تۇتقۇچىغا ئىككى قولى بىلەن چىڭ چاپلاشقان ئىدى.
«دەيۋىد! سەن ساقمۇ! دەيۋىد! جاۋاپ بەرسەڭچۇ!»
دەيۋ يەنە مۇشۇنداق جىمجىت ئولتۇرىۋەرسە ئاپىسىنىڭ ئىشىكنى سۇندۇرۇپ كىرىدىغانلىقىنى بىلەتتى.
دەل ئىككى سىكونت ئىچىدە؛ ئىشىك تۇتقۇچىنى تۇتتى، ھاجەتخانىدىن سۇ چۈشەردى، ئورنىدىن تۇردى، ئىشتىنىنى كىيدى ۋە كىيىن دەرھال ئىشىكنى ئېچىپ ئوماققىنە كۈلۈمسىرەپ قويدى.
پاكېر خانىم شۇنداق يىنىكلەپ قالغاندەك ھېسسىياتتا ئېگىلىپ دەيۋنى شۇنداق چىڭ قۇچاقلىدىكى، بالا گەپ قىلاي دىگەن تەقدىردىمۇ بۇ ئىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. زادى ئۇنىڭمۇ گەپ قىلىش خىيالى يوق ئىدى.
ئەمما كىيىن ئوغلىنى قولىدىن تۇتۇپ ئالدىغا تارتقان ئانا ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدى. «سېنى چاقىرغانلىقىمنى ئاڭلىمىدىڭمۇ؟»
ياق دىگەن مەنىدە بېشىنى چايقاپ، جىمجىتلا يالغاندىن بىرنى توقۇپ قۇتۇلسا ئاسان بولاتتى، ئەمما دەيۋ كۈلۈمسىرەپ مۆرىسىنى سىلكىپ قويدى ۋە قولىنى ئامالسىز قالغاندەك ئىككى تەرەپكە كۆتۈردى. كىيىن بولسا ئاغزىنى كۆرسەتتى.
ئاپىسىنىڭ قاپىقى يەنە ئازراق تۈرۈلدى. «گېلىڭ؟ گېلىڭ ئاغرىپ قالدى؟ شۇنداقمۇ؟»
دەيۋ بېشىنى چايقىدى.
«ئەمما گەپ قىلالماي قالدىڭمۇ؟ بىرەر يېرىڭ ئاغرىۋاتامدۇ؟ دوختۇرغا تېلىفۇن قىلايمۇ؟ يا بولمىسا ماشىنىغا چىقىپلا دوختۇرخانىغا بارساقمۇ بولىدۇ.»
دەيۋ قايتا بېشىنى چايقاپ، ئاپىسىغا ئارقامدىن كەل دىگەندەك بىر ئىشارەت قىلدى.
ھۇجرىسىغا كىرىپ، ئۈستىلىنىڭ يېنىغا باردى ۋە بىر قەغەزگە مۇنۇلارنى يازدى: «كەچۈرگىن. مەكتەپتە قىلغان بىر ئىش. بىر نەچچە كۈن گەپ قىلىشقا بولمايدۇ. مۇشۇنچىلىكلا.»
ئاپىسى قەغەزگە قارىدى. «گەپ قىلىشقا بولمايدۇ؟» دىدى. «تازا بىمەنە ئىشتە بۇ. ھەممە ئادەم گەپ قىلىشقا مەجبۇر.»
دەيۋ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۆرىسىنى سىلكىپ قويدى ۋە «ھەر ۋاقىتتا ئەمەس» دەپ يازدى.
ئاپىسى بېشىنى ئارقىغا تاشلاپ يۈزىنى پۈرۈشتۈردى ۋە ئاستا ئاستا باش لىڭشىتتى. «ھەەە… سەن دىمەكچى، مەن داۋاملىق جىق گەپ قىلىدىكەنمەندە؟ شۇنداقمۇ؟»
دەيۋ يەنە كۈلۈمسىرەپ مۆرىسىنى سىلكىپ قويدى.
ئاپىسى «مەنمۇ باشقىلارغا ئوخشاشلا سۈكۈت قىلىشنىمۇ بىلىمەن» دىدى. كىيىن «ئەگەر خالىسام» دەپ قوشۇپ قويدى.
ئارقىدىن، ئېگىلىپ يەردىكى پوپايكىلاردىن بىرنى ئالدى ۋە ئۇنى دەيۋنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، «بولۇپتۇ، نېمە بولسا مەيلى. ئىشقىلىپ، سەن بۇ كىر كىيىملەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، پەسكە ئېلىپ چۈشۈپ كىرئالغۇنى قوزغالتىۋەت، ماقۇلمۇ؟»
دەيۋ يۈزىنى پۈرۈشتۈرىۋېدى «ئېتىراز قوبۇل قىلمايمەن غوجام» دىدى.
كايل چېلىشىش مەشىقىدە چەبدەسلىك بىلەن، ئەمما نەرە تارتماي تۇرۇپ كۈچەپ پەشۋا ئاتتى.
ھادسېن ئەپەندى تەزىم قىلىۋېتىپ، «كايلسېن!» دىدى. «پەشۋا ئاتقاندا داۋاملىق مۇنداق ۋارقىرايسەن: ھاييي ياھ! ئەمدى سەن قىل.»
كايل قايتا پەشۋا ئاتتى ۋە ئاغزىنى مىدىراتتى، ئەمما ۋارقىرىمىدى.
ھادسېن ئەپەندىنىڭ يۈزى قېپقىزىل بولۇپ كەتتى؛ ئاچچىقى كەلگەندە قىلغاندەك بەدىنىنى رۇسلاپ، تاياق يۇتۇۋالغاندەك تىك تۇرۇۋېلىپ ئۇ ياقتىن بۇ ياققا ماڭغىلى تۇردى. ئەمما تېخىچە سىلىق سىپايە مۇئامىلە قىلىۋاتاتتى – چۈنكى ياپون چېلىشچىلىقىدا بۇ، مۇھىم بىر نۇقتا.
ھادسېن ئەپەندى تازىم قىلدى «كايلسېن! دىگەن گېپىمنى ئاڭلىمىدىڭمۇ؟»
بەن ئېللىس كۆرپىگە چىقىپ ھادسېن ئەپەندىگە تازىم قىلدى. ئۇ بىر تۆتىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئىدى. ھادسېن ئەپەندىممۇ ئۇنىڭغا ئېگىلىپ جاۋاپ قايتۇردى. «ھادسېن! بەشىنچى سىنىپلاردىكى بالىلار بۈگۈن گەپ قىلمايۋاتىدۇ. ھېچقايسىسى.» دىدى بەن.
ھادسېن يەنە بىر قېتىم تازىم قىلغاندىن كىيىن ھەممىنى بىلىدىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالدى. چېلىشچى بالا كىنوسىدىكى مۇئەللىمنىڭ بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا نېمە دەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا تىرىشتى.
خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن «ھەەە، چۈشەندىم. توغرا. سۈكۈت. ياخشى بىر ئىش» دىدى.
ئارقىدىن كايلسېنغا تازىم قىلدى. كايلسېنمۇ ئېگىلىپ جاۋاب قايتۇردى.
كىيىن كايل چەبدەسلىك بىلەن يەنە بىر پەشۋا ئاتتى. ۋارقىرىماستىن.
ئەللەن مۇئەللىمىگە نەي بىلەن بىرىنچى ئەسەرنى چېلىپ بەردى. ئەمما بىر يېرىدە مەسىلە بار ئىدى.
لېنوكس خانىم «مانا قارا، بۇ يەردە تۆت تال تۆت ئۈلۈشلۈك نوتا بەلگىسى بار.» دىدى. قەلىمى بىلەن تۆت ئۈلۈشلۈك توختاش بەلگىسىدىن بىرنى كۆرسەتتى. «بۇ توختاش بەلگىسى ئۈچۈن قانچىلىك توختايتتۇق؟» دەپ سورىدى.
ئەللەن قولى بىلەن ئۈستەلگە بىر قېتىم چېكىپ قويدى.
«توغرا ئەمما بىر سىكونت دىيىشىڭ كېرەك» دىدى. كىيىن قەلىمى بىلەن تۆت ئۈلۈشلۈك بىر توختاش بەلگىسىنى كۆرسەتتى. «ئەمىسە بۇنىڭ ئۈچۈن قانچە سىكونت توختايمىز؟» دەپ سورىدى.
ئەللەن قولى بىلەن تۆتنى چېكىپ قويدى.
«تۆت سىكونت دىسەڭچۇ؟»
ئەللەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ يەنە تۆت قېتىم چېكىپ قويغاندىن كىيىن ئاغزىنى كۆرسىتىپ بېشىنى چايقىدى.
«كالپۇكۇڭ؟ كالپۇكۇڭغا بىر نەرسە بولدىمۇ؟» دەپ سورىدى مۇئەللىم. «گەپ قىلساڭچۇ؟»
ئەللەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ بېشىنى چايقىدى. ئارقىدىن نەينى ئاغزىغا ئاپىرىپ ئەسەرنى قايتا ئورۇندىدى. بۇ قېتىم توپتوغرا چالغانتى.
مۇئەللىمى باش لىڭشىتىپ كۈلۈمسىرىدى ۋە بەتنى ئۆرۈپ كىيىنكى مۇزىكىنى ئاچتى. ئەللەن چېلىشنى باشلاشتىن بۇرۇن لېنوكس خانىم توختاش بەلگىلىرىنى بىردىن بىردىن كۆرسەتتى، ئۇ كۆرسەتكەندە ئەللەن بارمىقى بىلەن ئۈستەلگە چېكىپ جاۋاپ بەردى. مۇئەللىم بېشىنى لىڭشىتتى ۋە ئەللەن چېلىشنى باشلىدى.
تۈگىگەندە لېنوكس خانىم كۈلۈمسىرىدى، ئەسەرنىڭ بېشىنى كۆرسەتتى، ئۆزىمۇ قولىغا نەينى ئالدى ۋە ئەسەرنى ئىككىسى تەڭ ئورۇندىدى.
دەرىس ئاخىرلاشقۇچە ئىككىلىسى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى.
***
برايىننىڭ ئاپىسى ئۇنى مەكتەپتىن ئېلىپ چىقتى، ماشىنىغا چىققان ھامان بولسا «چېچىڭ ئۆسۈپ قاپتۇ. يولدا زەكنىڭ ساتىراشخانىسىغا كىرىپ چىقىمىز» دىدى.
برايىن پۇشۇلداپ باقتى، بېشىنى چايقىدى. ماشىنىنىڭ پولىغا پۇتىنى قاتتىق ئۇرۇپ باقتى. ئەمما ئاپىسى يولىنى داۋاملاشتۇردى.
برايىن زەكنىڭ زامانىۋىي ساتىراشخانىسىغا ئىنتايىن ئۆچ ئىدى.
زەك دىگەن ئاشۇ ئوسال مىجەز ئادەم لەيكتوندا ساتىراشلىق قىلغىلى تۇرغىلى قىرىق يىلدىن ئاشقانتى. ھەممە ئادەمنىڭ چېچىنى بىر خىل پاسوندا ياساپ قوياتتى – تۆپىسى قىسقا، يان تەرەپلىرى چۈشۈرۈۋېتىلگەن.
ئەمما برايىن ئۇ يەرگە ئاخىرقى قېتىم بارغاندا، زەكنى زورلاپ تۇرۇپ، چېچىنى ئىشقىلىپ يامان ئەمەس ياساتقۇزغانتى – ئەمما ئۇ ئادەمگە پات پات ۋارقىراپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ تۇرۇشقا توغرا كەلگەن «تۆپىسىنى ئۇنچە قىسقا قىلىۋەتمە. ياق، مۇشۇنچىلىك يېتىدۇ. يان تەرەپن ئۇستۇرا بىلەن ئالماڭلار. پەقەتلا قايچا بىلەن قىسقارتىڭلار. ھە! بولدى، مۇشۇنچىلىك بولسا يېتىدۇ. يەنە قىسقارتماڭلار. راست دەيمەن. ياق. ئۇستۇرا ھاجەتسىز. پەقەتلا قايچا ئىشلىتىڭلار. رەھمەت.»
مانا بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۈگۈن، چاچ كېسىشكە تازا قاملاشمايدىغان بىر كۈن ئىدى. برايىن ئەگەر زەكنىڭ ئورۇندۇقىغا ئولتۇرسا، ھايۋانات باغچىسى قاچقۇنلىرىغا ئوخشاپ قالىدىغانلىقىنى بىلەتتى.
ئاپىسى ماشىنىنى توختاتقان ھامان برايىن چاچىراپ چىقىپ ساتىراشخانىنىڭ يېنىدىكى پىتسا دۇكىنىغا ئېتىلدى. ئەمما ئاپىسى بەل قويۇۋەتمىدى. برايىن تاماق تىزىملىكىنى كۆرسەتتى ئەمما ئۇ بېشىنى چايقىدى. «بىر نەرسە يەيدىغانغا ۋاقتىمىز يوق. ئون بەش مىنۇتقىچە ئاچاڭنى مەكتەپتىن ئالغىلى بارىمىز.» برايىننى قولىدىن تۇتقان پېتى ئاشخانىدىن ئېلىپ چىقىپ زەكنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا ئاپاردى. «بولە، ئىچىگە كىر. چاققان بول – تەلىيىمىزگە ھازىر ئادەم ئاز ئىكەن.»
برايىن « يېڭى خەۋەر، ئاپا: زەكنىڭ ساتىراشخانىسىدا ھېچقانداق ۋاقىتتا ئادەم جىق بولمايدۇ. ئۇ ئادەم بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ ناچار ساتىراش. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاغزى پۇرايدۇ تېخى» دىيىشنى ئارزۇ قىلاتتى.
ئەمما برايىن بۇنداق دىيەلمەيتتى. زەكنىمۇ باشقۇرالمايتتى. ئۇ بىچارە، شۇم پېشانىسىدىن قاتتىق ئۆكۈندى.
ئون بەش مىنۇتتىن كىيىن، ئاچىسى ماشىنىغا چىققاندا برايىنغا قارىغان ھامان قاقاقلاپ كۈلۈپ تاشلىدى. «زەك، شۇنداقمۇ؟» دىدى.
برايىن باش لىڭشىتىشتىن باشقىنى قىلىشقا ئامالسىز ئىدى. گەپ قىلماسلىق ئۈچۈن ئېغىر بىر بەدەل تۆلىگەن ئىدى. ئەمما دەيۋگە ۋە باشقا ئوغۇللارغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرغانتى. ئەگەر ئۇلار قىزلارغا يېڭىلىپ قالىدىغان بولسا، بۇنى ھېچكىم ئۇنىڭدىن كۆرەلمەيتتى. غەلىتە چاچ پاسونى ئارقىلىق بۇنى ئىسپاتلىيالايتتى.
ئەرزىمدۇ؟ «ئەلۋەتتە» دەپ ئويلىدى. «ئەرزىيدۇ. بىر ھەپتە مايمۇنغا ئوخشاپ قالسام نېمە بولۇپتۇ؟ ياكى ئىككى. ياكى ئۈچ…»
ماشىنىنىڭ دېرىزىسىدىن سىرتتىكى مەنزىرىنى تاماشا قىلغاچ، بۇ مەسىلىنى ئۇنتۇپ كېتىشكە تىرىشتى.
بۇرگېس خانىم ئەنسىرەپ قالغانتى، لىينسېي بىر ئايدىن بېرى ماشىنىدا ئالدى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئارقا ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇۋاتاتتى. ئاپىسى، خۇشخۇي، تېتىك قىزىنىڭ جىمىپ قالغانلىقىنى، بەزىدە بولسا خىياللارغا چۆمۈپ كېتىدىغانلىقىنى بايقاپ قالغانتى. ئۇنداقتا بۈگۈنچۇ؟ مەشىقتىن كىيىن ماشىنىغا چىققاندىمۇ پەقەتلا بېشىنى لىڭشىتىپ سالام قىلىپ قويغاندىن سىرت بىرەر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغانتى!
لىينسېينىڭ ئاپىسى، «بەلكىم ھەپتە ئاخىرى كېللىينىڭ ئۆيىگە بېرىپ، شۇ يەردە تۇرۇشىغا يول قويمىغانلىقىم ئۈچۈن ماڭا سۈكۈت قىلىش ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقاندۇ. ھەقاچان مەسىلە مۇشۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر. بالىلار بەزىدە نېمە دىگەن ئاسان ئۈمىدسىزلىنىدۇ ھە – مەنمۇ مۇشۇنداق بولغىيمىتىم؟» دەپ ئويلىدى.
ئەمىلىيەتتە لىينسېي ئۈمىدسىزلەنمىگەن ئىدى. پەقەتلا… ئويلىنىۋاتاتتى. ئەمىلىيەتتە ئويلىنىش ھەققىدە ئويلىنىۋاتاتتى. چۈشتىن كىيىن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغاچقا تۇيۇقسىز بىر نەرسىنى بايقاپ قالغانتى: ئۆزىنى بىلگەننىڭ ياقى كۆپىنچە ۋاقىتتا ئويلانغاندىمۇ سۆزلىگەچ ئويلىناتتى. «ئېسىمغا نېمە كەلسە دەۋەردىم – سىڭلىماغ، ئاپامغا. مەكتەپتىچۇ؟ ئوخشاشلا داۋاملاشتۇرىمەن. كىيىن تېخى كېچىچە تېلىفۇندا پاراڭلىشىپ چىقىمەن. ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ!»
لىينسېي تازا جىلە بولسىمۇ، دەيۋ پاكېرنىڭ ئۇنى، ئوتتۇردىن ئىككى پارچە بولۇپ كەتكەن بولاتتىڭ دىگىنى توغرىدەك تۇيۇلۇۋاتاتتى. چۈنكى ئەڭ باشتا راستتىنلا شۇنداق ھېس قىلغانتى.
خۇددى تىنماستىن ئېقىپ تۇرىدىغان، ئاخىرىغىچە ئېچىۋېتىلگەن بىر جۈمەك تۇيۇقسىز ئېتىۋېتىلگەندەك ھېس قىلغانتى؛ پۈتۈن پىكىرلىرى، سۆزلىرى ئىچىدە توختاپ قالغاندەك قىلاتتى.
ئەمما مەكتەپتىن قايتىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، لىينسېي بۇ يېڭىلىقنى ياختۇرۇپ قالغانتى. ھەتتا پۇتبول مەشىقى قىلىۋاتقانسا ئۆزىنى خۇددى يالغۇزدەكلا ھېس قىلغانتى – پەقەتلا ئۆزى ۋە ئۆزىنىڭ ئاۋازى. ۋە، «ھەي! ئەھۋالىڭلار قانداقراق؟ مەن لىينسېي – ئېسىڭگە ئالالىدىڭمۇ؟ مەن مۇشۇ يەردە ياشايمەن» دىگۈسى كەلگەنتى.
ئويلىنىش. سۈكۈت. باشقىچىلا ئىدى. ۋە ياخشى ئىدى.
ماشىنا بىر ئايلانمىدىن ئۆتۈپ، ئۆيىگە كېلەي دەپ قالغاندا لىينسېي بېشىنى كۆتۈرۈۋېدى ماشىنىنىڭ ئەينىكىدە ئاپىسى بىلەن كۆزى ئۇچرىشىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن لىينسېي ئاپىسىنىڭ ئەنسىرەپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇنىڭغا قول پۇلاڭلىتىپ كۈلۈمسىرەپ قويدى. ئاپىسىمۇ ھەم ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرىدى.
كەنتنىڭ تۆت ئەتراپىدا، بەشىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى گەپ قىلماسلىقنىڭ ئامالىنى قىلىشقا تىرىشىۋاتاتتى. ئۇ سەيشەنبە كۈنى، ھېچكىم بىرەر خاتالىق سادىر قىلمىدى دەپ قالمىغانسىز؟ ئەلۋەتتە كېلىشمەسلىكلەر بولۇپ تۇردى، ئەمما يەنىلا ئاز ئىدى. بەشىنچى سىنىپتىكى پۈتۈن ئوغۇل ۋە قىزلار گەپ قىلماسلىق ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى سەرىپ قىلدى.
ئارقىدىن كەچلىك تاماق يەيدىغاندا، ئائىلە بىلەن ئولتۇرغاندا، تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغاندا ھەم ياتىدىغان ۋاقىتتا، بالىلار پات پات قېيىنچىلىققا دۇچ كەلدى – تېلىفۇن قىلغان چوڭ ئاپىسى، تاپشۇرۇقى ئۈچۈن ياردەم سوراۋاتقان بىر ئۇكا، يېڭى ئاياق ئېلىش ئۈچۈن بازارغا چىقىش – گەپ قىلماستىن ھەل قىلغىلى بولمايسىغاندەك بىلىنىدىغان بىر توپ مەسىلە. ئۇ سەيشەنبە كۈنى ھەر بىر بالىنىڭ باشقىچە تەجرىبىلىرى بولدى، ۋە ھەر بىرى بۇ كۈننى ئىجاتكار، تىتىك، ھوشيار، زېرەك… ۋە ئەلۋەتتە جىمجىت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدى.
ئەمما ھازىر بۇلارنى سۆزلەيدىغان ۋاقىت ئەمەس.
مەكتەپكە قايتىپ، سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن ئۈچ يېرىملاردا، مۇدىر خانىمنىڭ ئىشخانىسىنىڭ يېنىدىكى يىغىن زالىدا بولۇشىمىز كېرەك.
چۈنكى مۇدىر خانىم ۋە پۈتۈن بەشىنچى سىنىپ مۇئەللىملىرى بۇ يەردە ئالاھىدە يىغىن ئېچىۋاتىدۇ.
ئۇلار سۆزلىشىشكە تېگىشلىك بەك كۆپ نەرسە بار.