ئاپتورى: ج. ك. روۋلىڭ
تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر
ئۈچىنچى باپ: تىككۈچىنىڭ ئۆلۈمى
خۇشخۇي ۋە لاچىنقۇيرۇق ئائىلىلىرى شەھەر- ئىچىدە- شەھەر دىگەن يەردە ياشايتتى. بۇ يەر خېمىرقورغاندا پادىشاھ فرەد ۋە ئۇنىڭ مەخسۇس خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۆيلىرى جايلاشقان يەر ئىدى. باغۋەنلەر، ئاشپەزلەر، تىككۈچىلەر، ئۆي خىزمەتچىلىرى، تاش ئۇستىلىرى، ئاتباقارلار، ياغاچچىلار، خىزمەتكارلار… ھەممىسى ساراي زېمىنىنىڭ سىرتىدىكى كىچىككىنە، ئاددى ئۆيلەردە ياشايتتى.
شەھەر-ئىچىدە-شەھەر خېمىرقورغاننىڭ باشقا يەرلىرىدىن ئېگىز ئاق بىر تام بىلەن ئايرىلىپ تۇراتتى ۋە تامدىكى ئىشىكلەر كۈندۈزىلا ئوچۇق بولاتتى. شۇنداق بولغاندا ئۇ يەرنىڭ ئاھالىسى خېمىرقورغاننىڭ يەنە بىر تەرىپىدە تۇرىدىغان دوستلىرى ۋە تۇغقانلىرىنى زىيارەت قىلالايتتى، بازارغا بارالايتتى. كەچتە بولسا مۇستەھكەم ئىشىكلەر تاقىلاتتى ۋە شەھەر-ئىچىدە-شەھەردە تۇرىدىغان ھەممە كىشى پادىشاھنىڭ ئوردا مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ قاراۋۇللۇقى ئاستىدا خاتىرجەم ئۇخلايتتى.
بەرتنىڭ دادىسى مىڭبېشى خۇشخۇي، ئوردا مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ باشلىقى ئىدى. بوز رەڭ ئات مىنگەن، كېلىشكەن، خۇشخۇي ئادەم بولۇپ، ئادەتتە ھەپتىنىڭ بەش كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئوۋ ساياھەتلىرىدە پادىشاھ فرەد، گراف تۈكرەر ۋە گراف شالۋاققا ھەمراھ بولاتتى. پادىشاھ مايور خۇشخۇيغا ئامراق ئىدى، بەرتنىڭ ئاپىسىغىمۇ ئامراق ئىدى، چۈنكى بەرتھا خۇشخۇي خانىم پادىشاھنىڭ شەخسىي تورت ئۇستىسى ئىدى. بۇ، دۇنياغا داڭلىق تورتلىرى بىلەن مەشھۇر بولغان بىر شەھەردە ناھايىتى چوڭ بىر شەرەپ ھېساپلىناتتى. بەرتھا خانىمنىڭ بەك مۇكەممەل بولمىغان چىرايلىق تورتلىرىنى ئۆيگە ئېلىپ كېلىش ئادىتى سەۋەپلىك بەرت كىچىككىنە، بودەك چوڭ بولغانىدى ۋە لېكىن، بۇنى دېگەنلىكىم ئۈچۈن كۆڭلۈم بەك يېرىم، باشقا بالىلار ئۇنى «گۆش تاغىرى» دەپ چاقىرىپ يىغلىتىۋېتەتتى.
بەرتنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى دايسى لاچىنقۇيرۇق ئىدى. بۇ ئىككى بالا بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى كېيىنلىك پەرقى بىلەن تۇغۇلغان بولۇپ، بىر- بىرىگە ئويۇن ئادىشىدىن بەكرەك قېرىنداشتەك مۇئامىلە قىلاتتى. دايسى بەرتنى مۇتتەھەملەرگە قارشى قوغدايتتى. ئورۇق ۋە چاققان ئىدى، بەرتنى «گۆش تاغىرى» دەپ ئاتايدىغان ھەرقانداق بىرى بىلەن مۇشتلىشىشقا تەييار ئىدى.
دايسىنىڭ دادىسى، دان لاچىنقۇيرۇقى پادىشاھنىڭ ياغاچچىسى ئىدى. ئات ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرى ۋە ئوقلىرىنى ياسايتتى، ئالماشتۇراتتى. لاچىنقۇيرۇق ئەپەندى ئويمىچىلىقتا ناھايىتى ئۇستا بولغاچقا ساراي جاھازلىرىمۇ ياساپ باققان ئىدى.
دايسىنىڭ ئاپىسى دورا لاچىنقۇيرۇقى خانىم ساراينىڭ باش تىككۈچىسى ئىدى. يەنى باشقا بىر شەرەپلىك خىزمەتنى ئىجرا قىلاتتى. چۈنكى پادىشاھ فرەد كىيىم-كېچەككە ئىنتايىن ئامراق بولۇپ، ھەر ئاي ئۆزىگە يېڭى كىيىملەر تىككۈزۈش ئۈچۈن بىر تىككۈچىلەر قوشۇنى بار ئىدى.
مانا شۇ پادىشاھنىڭ ھەشەمەتچىلىككە ئىنتىلىش ئارزۇ- ھەۋەسلىرى، شۇ كىچىككىنە، بەخت ئىچىدە ياشاۋاتقان پادىشاھلىقنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىۋېتىدىغان، دەرت- ئەلەملەرنىڭ باشلىنىشى بولغان بىر كۆڭۈلسىز بالا- قازاغا سەۋەپ بولۇپ، كورنوكوپيا تارىخ كىتابلىرىغا خاتىرىلەندى. بۇ بالا- قازادىن شەھەر-ئىچىدە-شەھەردىكى پەقەتلا بىر نەچچە كىشىلا خەۋەر تاپتى، ئەلۋەتتە بۇ بەزىلەر ئۈچۈن ئەپسۇسلىنارلىق بىر تىراگىدىيە ئىدى.
ئىشلار مۇنداق بولۇپ ئۆتتى:
پلۇرىتانىيا پادىشاھى، فرەدنى رەسمىي زىيارەت قىلماقچى بولۇپ كەلگەنىدى (بەلكىم تېخىچە قىزلىرىدىن بىرسىنى ئۆمۈر بويى جەننەت ئۈمىدلىرى تورتلىرى بىلەن تەمىنلىنىش تاماسى ئۈچۈن تېگىشىشنى ئۈمىد قىلاتتى، كىم بىلىدۇ)، فرەدمۇ مۇشۇ باھانىدە يىپيېڭى بىر كىيىمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى قارار قىلدى: كۈمۈش رەڭلىك نەقىشلەر بىلەن بېزەلگەن، ئامىتىست تۈگمىلىرى ۋە كۈلرەڭ مويلۇق يەڭلىرى بولغان، جۇلاسىز سۆسۈن رەڭلىك بىر قۇر كىيىم.
ئەسلىدە پادىشاھ فرەد، باش تىككۈچىنىڭ مىجەزى يوق ئىكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر ئاڭلىغاندەك قىلاتتى، لېكىن ئانچە ئەھمىيەت بەرمىگەنىدى. كۈمۈش نەقىشلەرنىڭ كۆڭلىدىكىدەك نەپىس تىكىلىشى ئۈچۈن دايسىنىڭ ئاپىسىدىن باشقا ئادەمگە ئىشەنمەيتتى. شۇنداق بولغاچقا ئىشنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمگە بېرىلمەسلىكىنى بۇيرىدى. شۇنىڭ بىلەن دايسىنىڭ ئاپىسى ئۈچ كېچە- كۈندۈز ئىشلىدى، سۆسۈن كىيىمنى پلۇرىتانيا پادىشاھىنىڭ زىيارىتى ئۈچۈن ۋاقتىدا تىكىپ پۈتتۈرۈشكە تىرىشىۋاتاتتى. تۆتىنچى كۈنى، تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن ياردەمچىسى ئۇنى يەردە ياتقان ھالەتتە كۆردى، ئۇ نەپەستىن قالغانىدى. ئامېتىست تۈگمىلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ئالقىنىنىڭ ئىچىدە تۇراتتى.
پادىشاھنىڭ باش مەسلىھەتچىسى خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن كەلگەن ۋاقتىدا پادىشاھ تېخى ناشتا قىلىۋاتاتتى. باش مەسلىھەتچى بېلىقدۈمبە ئىسىملىك ياشانغان ۋە تەمكىن كىشى بولۇپ، كۈمۈش رەڭلىك ئۇزۇن ساقىلى تىزلىرىغا چۈشەتتى. باش تىككۈچىنىڭ ئۆلۈمىنى ئېيتقاندىن كېيىن مۇنداق دىدى:
«مېنىڭچە ئالىيلىرى ئۈچۈن ئاخىرقى تۈگمىنى باشقا خانىملاردىن بىرسى تىكىپ بېرەلىشى مۇمكىن»
بېلىقدۈمبىنىڭ قاراشلىرى پادىشاھ فىرەدنى بىئارام قىلدى. پادىشاھ ئاشقازان بوشلۇقىدا قاتتىق ئاغرىق ھېس قىلدى.
شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا يېڭى سۆسۈن كىيمىنى كىيىشىگە ياردەملىشىۋاتقاندا، فرەد بۇ مەسىلىنى گراف تۈكرەر ۋە گراف شالۋاق بىلەن دېيىشىپ، ئۆزىنىڭ ۋىجدان ئازابىنى يېنىكلىتىشكە تىرىشتى.
«يەنى مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، ئۇنىڭ ئېغىر كېسەل ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسام،» دېدى فرەد، خىزمەتكارلار ئۇنىڭغا تار تاۋار ئىشتىنىنى كىيدۈرۈشكە تىرىشىپ نەپەسلىرى يېتىشمەي قالغانىدى، «ئەلۋەتتە كىيىمنى باشقا بىرسىگە تىكتۈرەتتىم.»
«ئالىيلىرى، بەكمۇ ئاقكۆڭۈل ئىكەنسىز ئەمەسمۇ.» دېدى تۈكرەر ، يەنە بىر تەرەپتىن تام مەشنىڭ ئۈستىدىكى ئەينەكتىن ئۆزىنىڭ سۇلغۇن جامالىنى كۈزىتىۋاتاتتى. «سىزگە ئوخشاش مېھرىبان بىر ھۆكۈمدار تېخى بۇ دۇنياغا كېلىپ باقمىغان دە.»
«ئۇ ئايالنىڭ مىجەزى بولمىسا بۇنى بىزگە ئېيتىشى كېرەك ئىدى.» دەپ غودۇرىدى شالۋاق دېرىزىنىڭ يېنىدىكى يۇمشاق سافادا ئولتۇرۇۋېتىپ. «ئىشلىگۈدەك ھالى بولمىسا بىزگە ئېيتىشى كېرەك ئىدى. ئەسلىدە بۇ ئوچۇقتىن- ئوچۇقلا شاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقتۇر. ياكى ھېچ بولمىسا كىيىمىڭىزگە.»
«شالۋاق توغرا دەيدۇ.» دېدى تۈكرەر، ئەينەكتىن بېشىنى ئۆرۈپ. «ھېچكىممۇ خىزمەتكارلىرىغا سىزدەك ياخشى مۇئامىلە قىلالمايدۇ ئەپەندى.»
«ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلا قىلىمەنغۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟» دېدى پادىشاھ فرەد جىددىيلىشىپ. خىزمەتكارلار ئامېتىست تۈگمىلىرىنى ئېتىۋاتقاندا قورسىقىنى ئىچىگە تارتىپ تۇراتتى. «ھەم ئەپەندىلەر، نىمىلا بولمىسۇن، بۈگۈن قالتىس كۆرۈنۈشۈم كېرەكقۇ،شۇنداق ئەمەسمۇ؟ پلۇرىتانيا پادىشاھىنىڭ ھەر دائىم قانچىلىك ئېسىل كىيىنىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر!»
«پلۇرىتانيا پادىشاھىدىن ئازراق تۆۋەن كىيىنىپ قالىدىغان بولسىڭىز، بۇ بىر مىللىي غورور مەسىلىسى بولۇپ قالمامدۇ.» دېدى تۈكرەر.
«بۇ كۆڭۈلسىز ۋەقەنى ئۇنتۇپ كېتىڭ ئەپەندى،» دىدى شالۋاق. «خائىن بىر تىككۈچى قۇياش كۈلۈپ تۇرغان بىر كۈننى بەربات قىلىۋەتمەسلىكى كېرەك.»
ئىككى گرافنىڭ تەۋسىيەلىرىمۇ پادىشاھ فرەدنىڭ كۆڭلىنى ئارامىغا چۈشۈرەلمىگەنىدى. بەلكىم شۇنداق ئويلاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئېسلاندا خېنىم ئۇ كۈنى ھەر ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك جىددىيلىشىپ قالغاندەك ئىدى. خىزمەتكارلارنىڭ تەبەسسۈملىرى تېخىمۇ سوغۇق، خىزمەتچى قىزلارنىڭ سالاملىرى شۇنداق كۆڭۈلسىز ئىدى. ئۇ كۈنى ساراي ئاھالىسى پلۇرىتانيا پادىشاھى بىلەن زىياپەت ئۆتكۈزۈۋاتقاندا، فرەدنىڭ خىيالى ئامېتىست تۈگمىلەرنىڭ ئاخىرقىسىنى قولىدا چىڭ تۇتقان ھالدا يەردە ئۆلۈك ياتقان تىككۈچىگە كېتىپ قېلىۋەردى.
فرەد ئۇ كېچە ئۇخلاشتىن بۇرۇن بېلىقدۈمبە ياتاق ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى چەكتى. باش مەسلىھەتچى بېشى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىلىپ سالام بېرىۋەتكەندىن كېيىن، پادىشاھنىڭ لاچىنقۇيرۇق خانىمنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا گۈل ئەۋەتىش نىيىتى بار يوقلىقىنى سورىدى.
«ھە- ھە، شۇنداق!» دېدى فرەد ئەندىككەندەك، «ئەلۋەتتە، چوڭ بىر گۈل چەمبىرەك ئەۋەتىڭلار، چۈشەندىڭمۇ،كۆڭلۈمنىڭ قانچىلىك يېرىم ئىكەنلىكى بىلىنسۇن، دېگەندەك… بۇنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كېتەلەيسەن، شۇنداقمۇ- ھە، بېلىقدۈمبە؟»
«باش ئۈستىگە ئەپەندى!» دېدى باش مەسلىھەتچى. «يەنە تېخى… ۋاقتىڭىز بولسا… تىككۈچىنىڭ ئائىلىسىنى يوقلاپ كېلىش پىلانىڭىز بارمىدۇ؟ بىلىسىز، سارايغا يېقىنلا يەردە ياشايدۇ.»
«يوقلاپ كېلىش؟» دېدى پادىشاھ خىيالغا چۆمگەن ھالدا، «ھە، ياق، بېلىقدۈمبە، خالىمايمەن، يەنى، ئۇلار مەندىن مۇنداق بىر نەرسە كۈتىدۇ، دەپ قارىمايمەن.»
بېلىقدۈمبە ۋە پادىشاھ بىر نەچچە سىكونت بىربىرىگە قارىشىپ قالدى، كېيىن باش مەسلىھەتچى ئېگىلىپ سالام بەردى- دە، ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.
پادىشاھ فرەد ھەممەيلەندىن قانچىلىك قالتىس بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى ئاڭلاشقا كۆنۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، باش مەسلىھەتچىنىڭ قاپاقلىرىنى تۈرگەن تۇرقىنى ئانچە ياقتۇرمىدى. ھازىر خىجىل بولۇشنىڭ ئورنىغا ئاچچىقى كېلىۋاتاتتى.
«نىمە دېگەن ئەپسۇسلىنارلىق،» دېدى ئەينەكتىكى ئەكسىگە، يېتىشتىن بۇرۇن بۇرۇتلىرىنى تاراش ئۈچۈن قاراۋاتقان ئەينەككە قايتا قارىدى. «يەنىلا پادىشاھ مەن، ئۇ بولسا پەقەتلا بىر تىككۈچى ئىدى. ئەگەر مەن ئۆلگەن بولسام، ئۇنداق بىر نەرسە كۈتمىگەن بولاتتىم…»
ئۇ يەنىلا ئويلىنىپ قالدى؛ ئەگەر ئۇ ئۆلگەن بولسا، پۈتۈن كورنۇكوپيا خەلقىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى قويۇپ، باشتىن ئاياغقىچە قارا كىيىم كىيىپ، بىر ھەپتە يىغا- زار قىلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئويلىدى. خۇددى دادىسى ئادىل رىچاردنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن بولغىنىدەك.
ئەينەكتىكى ئەكسىگە قاراپ سەۋرسىزلىك بىلەن، «ئېھ، نېمىلا بولمىسۇن،» دېدى، «ھايات داۋاملىشىۋاتىدۇ.»
يىپەك پوسمىسىنى كىيدى. تۆت پۇتلۇق كارۋىتىغا ياماشتى ۋە شامنى ئۆچۈرۈپ ئۇيقۇغا كەتتى.