ئاپتورى: ج. ك. روۋلىڭ
تەرجىمە قىلغۇچىلار: ماھىنۇر، ھەبىبە، نەسلىخان ئۇيغۇر
11- باب: كۇئىددىچ
ئون بىرىنچى ئاي كېلىشى بىلەنلا ھاۋا ئىنتايىن سوۋۇپ كەتتى. مەكتەپنى چۆرىدەپ تۇرىدىغان تاغلار كۈمۈش رەڭ مۇز بىلەن قاپلانغانىدى. مۇز تۇتقان كۆل بولسا بەئەينى سىلىق بىر پارچە مېتالغىلا ئوخشاپ قالغانىدى. ھەر كۈنى ئەتىگەندە مەيداندىكى چىملارغا قىرو چۈشەتتى. قارىغۇ چاشقان تېرىسىدىن تىكىلگەن ئۇزۇن كېلەڭسىز جۇۋىسىغا چىڭ ئورىنىپ، توشقان تېرىسىدىن تىكىلگەن پەلەي ۋە قۇندۇز تېرىسىدىن تىكىلگەن ئۆتۈك كىيىۋالغان خاگرىد، كۇئىددىچ مەيدانىدىكى سۈپۈرگىلەرنىڭ مۇزىنى ئېرىتىۋاتقاندا دېرىزىدىن ئۇنى كۆرۈپ تۇرغىلى بولاتتى.
كۇئىددىچ مۇسابىقىلىرى باشلىنىپ كەتكەن ئىدى. شەنبە كۈنى خارى نەچچە ھەپتىلىك مەشىقتىن كېيىن تۇنجى قېتىم مۇسابىقىگە چۈشەتتى. گرىففىندورغا قارشى سلىيتېرىن، ئەگەر گرىففىندور ئۇتۇپ چىقسا، ئۇلار بىنا چىمپىيونلۇقىدىمۇ ئىككىنچى رەتكە كۆتۈرۈلەتتى.
ھەرقانداق بىركىمنىڭ خارى كۇئىددىچ ئوينىغاندا كۆرۈپ قېلىشى ئىنتايىن نادىر ئۇچرايدىغان ئەھۋال ئىدى. چۈنكى ۋۇد خارىنى مەخپىي قورالى سۈپىتىدە… شۇ… ئىشقىلىپ مەخپىي تۇتماقچى بولغان ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئىزدەنگۈچى بولغانلىقى خەۋىرى قانداقتۇر بىر سەۋەپلەر تۈپەيلى ھەممىگە پۇر كەتكەن، خارى بولسا قايسى خىل كىشىلەر توپىنىڭ كۆپرەك ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيلا قالغان ئىدى. ئۇنىڭ قالتىس ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان كىشىلەرمۇ، ياكى ئۇنىڭ ئاستىغا ئەدىيالدىن بىرنى كېرىپ يۈگۈرۈشۈپ يۈرۈيدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتقانلارمۇ؟
مۇشۇ كۈنلەردە ھېرماينىنىڭ خارىنىڭ دوستى بولۇپ قېلىشى ئۇنىڭ تەلىيى ئىدى. ئۇ بولمىغان بولمىسا خارى، ۋۇد كۆپىنچە ئۇشتۇمتۇتلا ئورۇنلاشتۇرۇۋالىدىغان كۇئىددىچ مەشىقلىرى تۈپەيلى تاپشۇرۇقلىرىغا قانداق يېتىشىپ بولار بولغىيدى، ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. ھېرماينى يەنە تېخى ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن قىزىقارلىق بىر ئوقۇش ماتىرىيالى بولغان «ئەسىرلەر بويى كۇئىددىچ» دېگەن كىتاپنى ئارىيەتكە بېرىپ تۇرغان ئىدى.
خارى ئۇ كىتاپتىن كۇئىددىچ قائىدىسىگە خىلاپ يەتتە يۈز خىل قىلمىش بارلىقىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ 1473- يىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر دۇنيا چىمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە بايقالغانلىقىنى، ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچە جۇغى ئەڭ كىچىك ھەم ئەڭ چاققانلاردىن تاللىنىدىغانلىقىنى ۋە ئەڭ ئېغىر يارىلىنىدىغانلارنىڭمۇ كۆپىنچە ۋاقىتتا شۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىدىغانلىقىنى، ئادەتتە كۇئىددىچ ئويناۋاتقاندا ئادەملەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ئىنتايىن نادىر كۆرۈلسىمۇ، بەزى رېپىرلارنىڭ ئىز- دېرەكسىز غايىپ بولۇپ كەتكەنلىكىنى ۋە ئارىدىن نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن سەھرايى كەبىر چۆلىدە قايتا پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىۋالغان ئىدى.
ھېرماينى بولسا خارى بىلەن رون ئۇنى تاغ ئالۋاستىسىدىن قۇتقۇزۇپ قالغان كۈندىن بۇيان قائىدىلەرگە بويسۇنۇش جەھەتتە ئۇنچىۋالا قاتتىق قوللۇق قىلمايدىغان بولغان ئىدى. شۇڭا ھازىر ئۇنىڭ دوستلۇقى بۇرۇنقىغا قارىغاندا خېلىلا كۆڭۈللۈك ئىدى. خارىنىڭ مۇسابىقىسىدىن بىر كۈن بۇرۇن ئۇ ئۈچىسى دەرس ئارىلىقىدا مەكتەپ ھويلىسىدا دۈگدىيىپ ئولتۇرغاندا، ھېرماينى سېھىر ئارقىلىق ئەينەك كومزەكتە كۆتۈرۈپ يۈرگىلى بولىدىغان كۆپكۆك ئوت يالقۇنلىرى پەيدا قىلغان ئىدى. ئۇلار ئۇلار كومزەككە دۈمبىسىنى قىلىپ ئىسسىنىپ ئولتۇرغان چاغدا، قورونى كېسىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان سنەيپ پەيدا بولۇپ قالدى. خارى سنەيپنىڭ ئاقساۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدى. خارى، رون ۋە ھېرماينى ئوت يالقۇنلىرىنى كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن بىر- بىرىگە يېقىنراق ئولتۇردى. ئۇلار بۇنداق قىلىشنىڭ قائىدىگە خىلاپ ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىق بىلىپ كەتمەيتتى. بەختكە قارشى، ئۇلارنىڭ تەشۋىشلەنگەن چىرايى سنەيپنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قالدى. ئۇ ئاقساپ مېڭىپ ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ ئوتنى كۆرمىدى، ئەمما ئۇلارنى قوغلىۋېتىش ئۈچۈن بىر باھانە ئىزدەۋاتقانلىقى ئېنىقلا چىقىپ تۇراتتى.
«قولۇڭدىكى نېمە، پوتېر؟»
بۇ «ئەسىرلەر بويى كۇئىددىچ» ئىدى. خارى ئۇنىڭغا كۆرسەتتى.
«كۈتۈپخانا كىتاپلىرىنى مەكتەپنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىشقا بولمايدۇ» دېدى سنەيپ. «ئۇنى ماڭا بەر، گرىففىندوردىن بەش نومۇر تارتىلىدۇ.»
«ئۇ بۇ قائىدىنى ھازىرلا توقۇپ چىقتى» دەپ غودۇڭشىدى خارى ئاچچىقى بىلەن، سنەيپ ئاقسىغان پېتى كېتىۋاتقاندا… «پۇتىغا نېمە بولغاندۇ؟»
«بىلمەيمەن، ئەمما جېنىنى قاتتىق قاقشىتىۋاتقان بولسىدى ئىلاھىم» دېدى رونمۇ زەردە بىلەن.
******
بۈگۈن كەچتە گرىففىندور ئاممىۋى زالىدا چۇقان- سۈرەن ئەۋجىگە چىققان ئىدى. خارى، رون ۋە ھېرماينى ئۈچىسى بىر دېرىزىنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتى. ھېرماينى خارى بىلەن روننىڭ تىلسىم تاپشۇرۇقىنى تەكشۈرۈپ بېرىۋاتاتتى. ھېرماينى ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن كۆچۈرۈۋېلىشىغا ھەرگىز يول قويمايتتى، («بۇنداق قىلساڭلار قانداقمۇ ئۆگىنەلەيسىلەر؟») ئەمما ئۇلار ئۇنىڭدىن بىر قۇر ئوقۇپ چىقىشىنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىقمۇ، يەنىلا توغرا جاۋابقا ئېرىشەلەيتتى.
خارىنىڭ كۆڭلى ھېچ ئارامىدا ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ «ئەسىرلەر بويى كۇئىددىچ» دېگەن كىتاپنى ئوقۇغۇسى، بۇ ئارقىلىق كاللىسىنى چېچىپ، ئەتىنىڭ جىددىيلىكىنى بىردەم بولسىمۇ پەسەيتكۈسى بار ئىدى. ئۇ نېمىشقا سنەيپتىن قورققۇدەك؟ ئورنىدىن تۇرۇۋېتىپ، رون بىلەن ھېرماينىگە سنەيپتىن «كىتاپنى قايتۇرۇپ ئالسام بولامدۇ،» دەپ سوراپ باقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
«مېنى قىل دېمىسەڭلا مەيلىغۇ…» دېدى ئىككىلىسى، ئەمما خارىنىڭ بۇ ئىشقا بىر ئامالى بار ئىدى. باشقا مۇئەللىملەرمۇ بار چاغدا سورايدىغان بولسا، سنەيپ يولسىزلىق قىلىپ تۇرۇۋالالمايتتى.
ئۇ مۇئەللىملەر ئىشخانىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىشىكنى چەكتى. ھېچكىم جاۋاپ بەرمىدى. قايتا چەكتى. يەنە جىم…
بەلكىم سنەيپ كىتاپنى شۇ يەردە قويۇپ قويغاندۇ؟ بىر سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ- دە. ئۇ ئىشىكنى قىيا ئېچىپ ماراپ بېقىۋېدى، كىشىنى چۆچۈتىدىغان بىر مەنزىرىگە كۆزى چۈشتى.
ئۇ يەردە پەقەت سنەيپ بىلەن فىلچ ئىككىسىلا بار ئىدى. سنەيپ تونىنى تىزىنىڭ ئۈستىگىچە كۆتۈرۈۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ قىپقىزىل قانغا بويالغان بىر تىزى قارىماققا ئېزىلىپ كەتكەندەك قىلاتتى. فىلچ سنەيپكە داكا سۇنۇپ بېرىۋاتاتتى.
«ئۆلگۈر مەخلۇق» دەۋاتاتتى سنەيپ. «ئۈچ بېشىنى بىرلا ۋاقىتتا قانداقمۇ باشقۇرۇپ بولغىلى بولسۇن؟»
خارى ئىشىكنى شەپە چىقارماي يېپىپ، غىپپىدە كېتىۋالماقچى بولدى، ئەمما…
«پوتېر!»
سنەيپ ئاچچىقىدىن يېرىلىپ كەتكۈدەك بىر خىل ئەلپازدا پاچىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن تونىنىڭ پېشىنى قايتا چۈشۈرۈۋالدى. خارى نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى.
«مەن پەقەت، كىتابىمنى قايتۇرۇپ بەرسىڭىز بولامدۇ، دېمەكچىدىم.»
«يوقال! چىقىپ كەت! يوقال!»
خارى، سنەيپ گرىففىندوردىن يەنە نومۇر تارتىشقا ئۈلگۈرمەستىن تىكىۋەتتى. ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن يۈگۈرۈپ پەلەمپەيلەردىن چىقتى.
«ئالالىدىڭمۇ؟» دەپ سورىدى رون، خارى ئاخىرى ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەندە. «ھوي، نېمە بولدۇڭ؟»
خارى پەس ئاۋازدا پىچىرلاپ كۆرگەنلىرىنى ئۇلارغا سۆزلەپ بەردى.
«بۇنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ داۋاملاشتۇردى ئۇ نەپسى يېتىشمەي قالغان بولسىمۇ. «ئۇ ئەرۋاھلار بايرىمىدا ئۈچ باشلىق ئىت بىلەن ئېلىشىپ قاپتۇ! مانا مۇشۇ، بىز ئۇنى كۆرگەن ۋاقىتتا قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ئۇ ھېلىقى ئىت نېمىنى قوغداپ ياتقان بولسا شۇنىڭ پېشىگە چۈشۈپتۇ! يەنە، سۈپۈرگەم بىلەن تىكىشىمەنكى، تاغ ئالۋاستىسىنى كىرگۈزۈۋەتكەنمۇ شۇ، قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ دىققەتنى بۇراش ئۈچۈن!»
ھېرماينىنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتكەن ئىدى.
«ياق، ئۇ بۇنداق قىلمايدۇ!» دېدى ئۇ. «بىلىمەن، ئۇ ئانچە يېقىملىق تۇيغۇ بەرمەيدۇ، ئەمما ئۇ دامبېلدور بىخەتەر تۇرسۇن دەپ يوشۇرۇپ قويغان بىر نەرسىنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنمايدۇ.»
«ھېرماينى، ئەگەر سېنىڭچە بولغاندا پۈتۈن مۇئەللىملەر ئەۋلىيادەك بىر نېمە ئوخشىمامدۇ؟» دەپ چېچىلدى رون، «مېنىڭچە خارى توغرا دەيدۇ، سنەيپكە ھەرگىزمۇ ئىشەنگىلى بولمايدۇ. ئەمما ئۇ زادى نېمە قىلماقچىدۇ؟ ئىت نېمىنى قوغداپ ياتقاندۇ؟»
خارى ئۇخلىغىلى ماڭغاندا، يەنە ئوخشاش مەسىلىلەرگە كاللا قاتۇرۇۋاتاتتى. نەۋىل تازا خورەك تارتىپ ئۇخلاپ كەتكەن بولسىمۇ، خارى زادىلا ئۇخلىيالمىدى. ئۇ كاللىسىنى چىرمىۋالغان سوئاللارنى ئۇنتۇشقا تىرىشتى. ئۇنىڭ ئۇيقۇسى كەلگەن، ھەم ئۇخلىمىسا زادى بولمايتتى. چۈنكى ئۇ بىرنەچچە سائەتتىن كېيىن ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. ئەمما خارى پاچىقىنى كۆرۈپ قالغان چاغدىكى سنەيپنىڭ چىراي ئىپادىسى ئۇنداق ئوڭايلا ئۇنتۇپ كەتكىلى بولىدىغان بىر نەرسە ئەمەس.
*******
ئەتىسى ئەتىگەندە ھاۋا شۇنداق ئوچۇق بولسىمۇ، سوغۇق ئىدى. چوڭ زالنى مايدا پىشۇرۇلغان قېزىنىڭ مەززىلىك پۇرىقى ۋە ئۇزۇندىن بۇيان كۇئىددىچ مۇسابىقىسىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن، خۇشاللىققا ھەم ھاياجانغا چۆمگەن كۆپچىلىكنىڭ شاۋقۇن- سۈرەنلىرى بىر ئالغان ئىدى.
«بىرەر نەرسە يىمىسەڭ بولمايدۇ.»
«يىگۈم يوق.»
«پەقەتلا بىر پارچە بولكا…» دەپ تۇرۇۋالدى ھېرماينى.
«قورسىقىم ئاچمىدى.»
خارىنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن ناچار ئىدى. چۈنكى بىر سائەتتىن كېيىن ئۇ كۇئىددىچ مەيدانىغا قاراپ ماڭاتتى.
«خارى، كۈچ توپلىمىساڭ بولمايدۇ» دېدى سېمۇس فىننىگان، «ئىزدەنگۈچىلەر، قارشى تەرەپنىڭ كوماندىسى ئەڭ كۆپ خىرىس قىلىدىغانلار قاتارىدا»
«رەھمەت ساڭا سېمۇس» دېدى خارى، بىر دۆۋە قېزىغا پەمىدۇر قىيامى قوشۇۋاتقان سېمۇسقا قاراپ.
*******
ئون بىر بولغاندا، پۈتۈن مەكتەپتىكىلەر كۇئىددىچ مەيدانىنىڭ ئەتراپىغا يىغىلغاندەك قىلاتتى. كۆپىنچە ئوقۇغۇچىنىڭ قولىدا دۇربۇن بار ئىدى. گەرچە ئورۇندۇقلار خېلى ئېگىز بولسىمۇ، نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈش بەزىدە ئىنتايىن تەسكە توختايتتى.
رون بىلەن ھېرماينى نەۋىلنىڭ يېنىغا جايلاشتى، سېمۇس بىلەن ۋېست خام (پۇتبول كوماندىسى) مەستانىسى دېين بىر قەۋەت يۇقىرىدىكى ئورۇنغا جايلاشتى. ئۇلار خارىنى ھەيران قالدۇرۇش ۋە روھلاندۇرۇش ئۈچۈن سكابېرس غاجىلىۋەتكەن كىرلىكلەرنىڭ بىرىدىن چوڭ بىر بايراق ياسىۋالغان ئىدى. بۇ بايراققا «بىزنىڭ باشچىمىز پوتېر!» دەپ يېزىلغان، قولى بۇ ئىشلارغا خېلى ئەپلىشىدىغان دېين بولسا ئاستىغا چوڭ بىر شىر سىزغان ئىدى. ئارقىدىن ھېرماينى ئەپلىك ھەم مۇرەككەپ بىر ئەپسۇن ئوقۇپ، خەتلەرنى خىلمۇ- خىل رەڭلەردە چاقنايدىغان قىلىپ قويغان ئىدى.
بۇ چاغدا كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە، خارى ۋە باشقا كوماندا ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ قىزىل كۇئىددىچ تونلىرىنى كىيىۋاتقان ئىدى. (سلىيتېرىنلەر يېشىل تون كىيىپ ئوينايتتى)
ۋۇد باشقىلارنى تىنچلاندۇرماقچى بولۇپ گېلىنى قىرىپ قويدى.
«دۇرۇس، يىگىتلەر!»
«ۋە خانقىزلار» دېدى قوغلىغۇچى ئانجېلىنا جونسون.
«ۋە خانقىزلار» دەپ تەستىقلىدى ۋۇد «مانا كەلدى.»
«بۈگۈن كاتتا كۈن» دېدى فرەد ۋېزلىي.
«ھەممىمىز قاتتىق تەقەززا بولغان كۈن» دېدى جورج.
«بىز ئولىۋېرنىڭ نۇتقىنى يادلاپ بولدۇق» دېدى فرەد خارىغا، «بىز ئۆتكەن يىلىمۇ كوماندىدا ئىدۇق.»
«ئىككىڭلار، زۇۋانىڭلارنى يىغساڭلارچۇ!» دېدى ۋۇد. «بۇ بىز گرىففىندورلار، يىللاردىن بۇيان قۇرغان ئەڭ تالانتلىق كوماندا. كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرۇپتۇ. بىز جەزمەن ئۇتۇپ چىقىمىز.»
ئۇ ھەممىسىگە بىر قۇر قاراپ چىقتى، خۇددى «ئۇنداق قىلمايدىغان بولۇشساڭ…» دېگەندەك.
«بولدى، ۋاقتى كەلدى، ھەممىڭلارغا ئامەت تىلەيمەن!»
خارى فرەد بىلەن جورجقا ئەگىشىپ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىن چىقتى. ئۇ تەنتەنە سادالىرى ئارىسىدا مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا قاراپ ماڭغاندا، پۇتلىرىنىڭ تۇيۇقسىز قولاشماي قېلىپ، ئۇنى يېرىم يولدا تاشلاپ قويۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتاتتى.
باشقۇرغۇچى ھۇچ خانىم ئىدى. ئۇ مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدا سۈپۈرگىسىنى قولىدا تۇتقان ھالدا ئىككى كوماندىنى ساقلاۋاتاتتى.
«ئەمدى ئېسىڭلاردا بولسۇن، ھەممىڭلار ئادىل ئويناڭلار!» دېدى ئۇ ھەممىسى ئەتراپىغا توپلىشىپ بولغاندا. خارىغا بۇ گەپ بەشىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ۋە سلىيتېرىن كوماندا باشلىقى ماركۇس فلىنت ئىسىملىك بىر بالىغا ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەندەك تۇيۇلدى. يەنە تېخى خارىغا فلىنت خۇددى بىرەر تاغ ئالۋاستىسىنىڭ نەسەبىدىن كەلگەندەك بىلىنىپ كەتتى. دەل شۇ چاغدا كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدا چاقناپ تۇرغان «باشچىمىز پوتېر» دېگەن بايراق كۆزىگە چېلىقتى. ئۇنىڭ يۈرىكى ھاياجاندىن تېپچەكلەپ كەتتى ۋە روھىمۇ خېلىلا كۆتۈرۈلۈپ قالدى.
«سۈپۈرگەڭلارغا مىنىڭلار»
خارى «نىمبۇس 2000» غا ياماشتى.
ھۇچ خانىم كۈلرەڭ پۇشتىكىنى كۈچەپ پۈۋلىدى.
ئون بەش سۈپۈرگە بىردىنلا ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى. تېخىمۇ، تېخىمۇ ئېگىزگە ئۆرلىدى. ئويۇن باشلانغان ئىدى.
«كۇئاففىلنى شۇ ھامان گرىففىندوردىكى قوغلىغۇچى قىز ئانجېلىنا جونسون تۇتۇۋالدى. بۇ قوغلىغۇچى قىز نېمە دېگەن قالتىس، گۈزەللىكىگە گەپ كەتمەيدۇ…»
«جوردېن!»
«كەچۈرۈڭ پروفېسور»
ۋېزلىي قوشكېزەكلىرىنىڭ دوستى لىي جوردېن مۇسابىقە سۆزچىسى ئىدى، پروفېسور مېك گوناگال بولسا، ئۇنى يېقىندىن نازارەت قىلىپ ئولتۇراتتى.
«ۋە ئۇ ئوقتەك ئۇچۇۋاتىدۇ، كۇئاففېلنى ئەپچىللىك بىلەن ئالىسيا سپېننىتقا ئېتىپ بەردى، ئولىۋېر ۋۇد بايقاپ كۆرسەتكەن بۇ ماھارەتلىك تەنھەرىكەتچى، ئۆتكەن يىلى زاپاس ئەزا ئىدى. كۇئاففېل جونسونغا قايتتى ۋە … ياق، چاتاق بولدى، سلىيتېرىن كۇئاففېلنى تارتىۋالدى، سلىيتېرىن كوماندا باشلىقى ماركۇس فلىنت كۇئاففېلنى قاماللىغان پېتى كېتىۋاتىدۇ… ئۇ خۇددى بۈركۈتتەك ئۇچۇۋاتىدۇ… ئۇ نومۇر ئالىدۇ… ياق، گرىففىندورنىڭ تۇتقۇچىسى ئولۋېر ۋۇد ئۇنى نەپىس ھەرىكىتى ئارقىلىق توسۇۋالدى ۋە كۇئاففېل قايتا گرىففىندوردا… بۇياق گرىففىندور قوغلىغۇچىسى كەيتى بەلل، فلىنتنىڭ يېنىدىن ئۇستىلىق بىلەن شۇڭغۇپ ئۆتۈپ كەتتى، قايتا ئېگىز كۆتۈرۈلدى ۋە… ۋايجان!… چوقۇم قاتتىق ئاغرىپ كەتتىغۇ دەيمەن، كاللىسىنىڭ كەينىگە بلاجىر بىلەن بىرنى يىدى! كۇئاففل سلىيتېرىندا… بۇياق ئادرىئان پيۇسېي، نومۇر ئالغىلى بارغانسېرى تېز مېڭىۋاتىدۇ، ئەمما ئىككىنچى بىر بلاجېر ئۇنى توسۇۋالدى… ئۇنى فرەد ياكى جورج ۋېزلىيدىن بىرسى ئەۋەتتى، قايسىكىن تاڭ… ئىشقىلىپ گرىففىندورنىڭ سوققۇچىسى قالتىس ئوينىدى ۋە جونسون كۇئاففىلنى قايتۇرۇۋالدى. يولى ئوچۇق، ۋۇييۇ … مانا بۇنى ئۇچۇش دەپ ئاتايمىز! خالايىق… تېزلىك بىلەن كەلگەن بىر بلاجېردىن ئۆزىنى چەتكە ئالدى… ۋارتا تۈۋرۈكلىرى كۆز ئالدىڭدا… غەيرەت قىل ئانجېلىنا… تۇتقۇچى بلېچلىي شۇڭغۇپ كەلدى، تۇتۇۋالالمىدى. گرىففىندور نومۇر ئالدى!»
گرىففىندورلارنىڭ تەنتەنە سادالىرى مەيداننى بىر ئالدى، سلىيتېرىنلار تۇرغان تەرەپتىن بولسا ھۆركىرىگەن ۋە ئاھ ئۇرغان سادالار ئاڭلاندى.
« بىر تەرەپكە تۇرۇڭلار، ئورۇن بوشىتىڭلار!»
«خاگرىد!»
رون بىلەن ھېرماينى چۇرقىرىشىپ خاگرىدقا ئۆزلىرىنىڭ يېنىدىن ئورۇن بوشىتىپ بەردى.
«كەپەمدىن تاماشا قىۋاتقانتىم» دېدى خاگرىد، بوينىغا ئېسىۋالغان چوڭ بىر دۇربۇننى بوش ئۇرۇپ قويۇپ، «ئەمما بۇ يەدە، كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدا بولغانغا يەتمەيدۇ-دە! سنىچ تېخى كۆرۈنمىدى- ھە؟»
«ياقەي» دېدى رون، «خارىغا تېخى ئانچە ئىش چىقمىدى.»
«بىرەر چاتاققا دۇچ كەلمىدىغۇ، بۇمۇ چوڭ گەپ» دېدى خاگرىد، دۇربۇنىنى كۆزىگە تۇتۇپ، ئاسماندىكى بىر چېكىتكە تىكىلىپ قاراپ… بۇ چېكىت خارى ئىدى.
ئۇلاردىن خېلىلا ئېگىزدە، خارى ئويۇننىڭ ئۈستىدە سنىچنى ئىزدەپ ئۇياقتىن- بۇياققا ئۇچۇپ يۈرەتتى. بۇ بولسا ۋۇد بىلەن خارى تەڭ تۈزۈپ چىققان تاكتېكا ئىدى.
«سنىچنى كۆرىدىغان ۋاققىچە باشقىلارنىڭ كۆزىگە چېلىقما» دېگەن ئىدى ۋۇد. «سېنىڭ بالدۇرلا كېلىشمەسلىككە يولۇقۇپ قېلىشىڭنى خالىمايمىز.»
ئانجېلىنا نومۇر ئالغاندا خارى خۇشاللىقىدا تۇرغان يېرىدە نەچچە موللاق ئېتىۋەتكەن ئىدى. ئەمدى بولسا ئەتراپىغا نەزەر سېلىپ سنىچنى ئىزدەۋاتاتتى. بىر قېتىم ئۇ ئالتۇن رەڭلىك بىر نەرسىنىڭ چاقنىغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى، بىراق بۇ پەقەت ۋېزلىي قوشكېزەكلىرىدىن بىرسىنىڭ قول سائىتى ئىدى. يەنە بىر قېتىم بولسا بىر بلاجېر ئۇنىڭغا قاراپ ھاۋانى يېرىپ زەمبىرەك ئوقىدەك كەلگەن ئىدى، ئەمما خارى تېزلا ئۆزىنى چەتكە ئالدى. ئارقىدىنلا ئۇنى قوغلاپ فرەد ۋېزلىي كەلدى.
«ئەھۋالىڭ ياخشىدۇ، خارى!» دەپ ۋارقىرىدى ئۇ بلاجېرنى بىرنى قويۇپ ماركۇس فلېنت تەرەپكە ئېتىۋېتىپ.
«كۇئاففېل سلىيتېرىندە» دەۋاتاتتى لىي جوردان، «قوغلىغۇچى پيۇسىي ئىككى بلاجېردىن ئۆزىنى چەتكە ئالدى، ئىككى ۋېزلىي ۋە قوغلىغۇچى بەلل تېزلىك بىلەن… ھېي، توختاپ تۇرۇڭلار… ئۇ سنىچمىتى؟»
ئادرىئان پيۇسىي قۇلاق تۈۋىدىن غوڭڭىدە ئۆتۈپ كەتكەن ئالتۇندەك چاقنايدىغان بىر نەرسىگە مۈرىسىنىڭ ئۈستىدىن قايرىلىپ قارايمەن، دەپ كۇئاففېلنى چۈشۈرىۋېتىپ سالغاندا، تاماشىبىنلارنىڭ ئارىسىدىكى پىچىر- پىچىر سادالار مەيداننى يەرنى بىر ئالدى.
خارى ئۇنى كۆردى. قاتتىق ھاياجانلانغان ھالدا ئالتۇن رەڭلىك نۇرنىڭ ئارقىسىدىن شۇڭغۇدى. سلىيتېرىننىڭ قوغلىغۇچىسى تېرېنس ھىگگىنسمۇ ئۇنى كۆرگەن ئىدى. ئىككىسى تەڭلا سنىچكە قاراپ ئۇچقىلى تۇردى… پۈتۈن قوغلىغۇچىلار خۇددى ئۆزلىرى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك ھاۋادا تۇرۇپ ئىككىسىگە قاراۋاتاتتى.
خارى ھىگگستىن تېخىمۇ تېز ئۇچتى. ئۇ قاناتلىرىنى لەپىلدىتىپ چاقماقتەك تېز يول ئېلىۋاتقان كىچىككىنە توپنى كۆرۈپ تۇراتتى. ئۇ تېخىمۇ تېز ئۇچتى.
گۈپ! تۆۋەندىن گرىففىندور تاماشىبىنلىرىنىڭ غەزەپكە تولغان قىقاس- چۇقانلىرى ئاڭلاندى. ماركۇس فلىنت قەستەن خارىنىڭ ئالدىغا كىرىۋالغان ۋە خارىنىڭ سۈپۈرگىسى، ئەلۋەتتە، تۇرغان جايىدا نەچچە پىرقىراپ كەتكەن، خارى بولسا جېنىنىڭ بارىچە سۈپۈرگىسىگە چىڭ چاپلىشىۋالغانىدى.
«قائىدىگە خىلاپلىق قىلدى!» دەپ چۇرقىرىشاتتى گرىففىندورلار.
ھۇچ خانىم فلىنتقا بىر ھازا كايىغاندىن كېيىن، كۇئاففېلنى گرىففىندورلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، سلىيتېرىنلەرگە نۇقتا توپ جازاسى بەردى. ئەمما ئەلۋەتتە بۇ قالايمىقانچىلىقتا ئالتۇن سنىچ يەنە كۆزدىن غايىپ بولغان ئىدى.
تاماشىبىنلار سەھنىسىدە دېين پۈتۈن كۈچى بىلەن ۋارقىراۋاتاتتى: «ئۇنى ئويۇندىن قوغلاپ چىقىرىڭ رېپىر! قىزىل كارتا!»
«بۇ پۇتبول ئەمەس دىين» دەپ ئېسىگە سېلىپ قويدى رون، «كۇئىددىچتە ئادەملەرنى ئويۇندىن چىقىرىۋېتەلمەيسەن. ھەم يەنە قىزىل كارتا دېگىنىڭ… نېمە ئۇ؟»
ئەمما خاگرىد دېيننىڭ گېپىنى ئورۇنلۇق دەپ قارايتتى.
«ئۇلانىڭ قائىدىلەنى ئۆزگەرتىشى كېرەك، فلىنت خارىنى يەرگە چۈشۈرۈۋەتكىلى قىل قالدىغۇ»
لىي جورداننىڭ بىتەرەپ پوزىتسىيىسىنى ساقلاپ قېلىشى قىيىنغا توختاۋاتاتتى:
«شۇڭا… مۇشۇ پەسكەش ۋە ئاپئاشكارا ئالدامچىلىقتىن كېيىن…»
«جوردېن!» دەپ ھۆركىرىدى پروفېسور مېك گوناگالل.
«دېمەكچى بولغىنىم، ئاشۇ ئىپلاس گۇي خىجىل بولماي قائىدىگە خىلاپلىق قىلغاندىن كېيىن…»
«جوردان، سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قوياي-»
«بوپتۇ، بوپتۇ… فلىنت گرىففىندور ئىزدەنگۈچىسىنى ئۆلتۈرۈپ قويغىلى تاسلا قالدى. ئەمما ئىشىنىمەنكى، بۇ ھەممە ئادەمنىڭ بېشىغا كېلىپ تۇرىدىغان، ئادەتتىكى بىر ئىش، شۇڭا سلىيتېرىنلەرگە نۇقتا توپ جازاسى بېرىلدى. گرىففىندوردىن سپېننىت كۇئاففېلنى ئالدى، نومۇر ئالالمىدى، ھېچقىسى يوق، گرىففىندور تېخىچە ئالدىدا…»
بۇ ئىشلار خارى بېشىنىڭ ئۈستىدىن خەتەرلىك ھالدا ئۇچۇپ ئۆتكەن بىر بلاجېردىن قېچىۋاتقاندا يۈز بەردى. ئۇنىڭ سۈپۈرگىسى تۇيۇقسىز، ئادەمنى ۋەھىمىگە سالغۇدەك دەرىجىدە لىڭشىپ كەتتى. خارى ئۇشتۇمتۇت يىقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدى. ئۇ سۈپۈرگىسىگە ھەر ئىككى قولى ۋە تىزى بىلەن چىڭ چاپلىشىۋالدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇنداق بىر ئىش يۈز بېرىپ باقمىغان ئىدى.
ئوخشاش ئىش قايتا تەكرارلاندى. خۇددى سۈپۈرگە ئۇنى ئۈستىدىن تاشلىۋېتىش نىيىتىگە كېلىپ قالغاندەك قىلاتتى. ئەمما «نىمبۇس 2000» بۇنداق ھېچ ئىشتىن ھېچ ئىش يوق، ئىگىسىنى ئۈستىدىن تاشلىۋېتىدىغان خۇيى بار بىر سۈپۈرگە ئەمەس ئىدى. خارى گرىففىندور تەرەپتىكى ۋارىتار تۈۋرۈكلىرىنىڭ يېنىغا قايتماقچى بولدى. ئۇ ۋۇدقا ھاردۇق ئېلىشنى تەلەپ قىلايلى، دېمەكچى ئىدى. ئەمما دەل شۇ پەيتتە، ئۇ سۈپۈرگىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ كونتروللىقىدىن چىققانلىقىنى بايقاپ قالدى. ئۇ ئۇنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتەلمەيۋاتاتتى. خارى ئۇنى ھېچبىر ياققا بۇرىيالمايۋاتاتتى. سۈپۈرگىسى ئاسماندا قالايمىقان، ئۇياقتىن- بۇياققا لەيلەپ يۈرەتتى. يەنە تېخى ۋىزلا قىلىپ تۇيۇقسىز ئۇياقتىن- بۇياققا يۆتكىلىپ خارىنى چۈشۈرۈۋەتكىلى تاسلا قالاتتى.
لىي بولسا تېخىچە مۇسابىقىنى سۆزلەۋاتاتتى.
«كۇئاففېل سلىيتېرىندە، فلىنت كۇئاففېلنى ئالدى، سپېننىتنى بۆسۈپ ئۆتتى، بەللدىنمۇ ئۆتۈپ كەتتى. يۈزىگە بلاجېر بىلەن بىرنى يىدى، بۇرنىنى مىجىۋەتكەن بولسىكەن ئىلاھىم… چاقچاق قىلىپ قويدۇم. شۇ… پروفېسور… ئاپلا!… سلىيتېرىن نومۇر ئالدى ئەمەسمۇ!»
سلىيتېرىنلەر تەنتەنىلىك ھالدا چۇرقىرىشىۋاتاتتى. ھېچكىم خارىنىڭ سۈپۈرگىسىنىڭ غەلىتە قىلىق چىقىرىۋاتقانلىقىنى بايقىمىغاندەك قىلاتتى. ئۇ بارغانسېرى تېخىمۇ ئېگىزگە ئۆرلەۋاتاتتى، سۈپۈرگىسى چايقىلىپ، دىرىلدەپ، سىلكىنگەن ھالدا ئۇنى ئاستا- ئاستا ئويۇندىن يىراققا ئېلىپ مېڭىۋاتاتتى.
«خارى نېمە قىلىۋاتقاندۇ، چۈشەنمەيلا قالدىم» دەپ غودۇڭشىدى خاگرىد. ئۇ دۇربۇنى بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى. «ئەگەردە ئۇنى تونۇمايدىغان بولسىدىم، سۈپۈرگىسىنى باشقۇرامماي قاپتۇ، دەپ قاغان بولاتتىم… ئەمما مەن ئۇنى ئوبدان بىلىمەن ئەمەسما…»
تۇيۇقسىز تاماشىبىنلار بىر- بىرىگە خارىنى كۆرسەتكىلى تۇردى. ئۇنىڭ سۈپۈرگىسى ۋە ئۇنىڭغا چىڭ چاپلىشىشتىن باشقا بىر نەرسە قىلالماي قالغان خارى توختىماي ھاۋادا موللاق ئېتىۋاتاتتى. بۇ ئەنسىزلىكتە ھەركىمنىڭ نەپسى توختاپ قالغاندەك قىلاتتى. خارىنىڭ سۈپۈرگىسى ۋەھشىيلەرچە سىلكىنىپ ئۇنى چۈشۈرۈۋەتكەن بولۇپ، ھازىر ئۇ پەقەت بىر قولى بىلەنلا سۈپۈرگىگە ئېسىلىپ تۇرۇۋاتاتتى.
«فلىنت ئۇنىڭ ئالدىغا چىققاندا بىرەر ئىش بولغان ئوخشىمامدۇ؟» دەپ پىچىرلىدى سېمۇس.
«مۇمكىن ئەمەس» دېدى ئاۋازى تىترەپ كەتكەن خاگرىد. «بىر سۈپۈرگىنى ئىنتايىن كۈچلۈك قارا سېھىردىن باشقىسى بۇنداق ئازدۇراممايدۇ… ھېچقانداق بالىنىڭ قولىدىن، بىر ‘نىمبۇس 2000’ غا بۇنداق قىلىش كەممەيدۇ.»
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان ھامان ھېرماينى خاگرىدنىڭ دۇربۇنىنى تارتىپ ئېلىۋالدى ۋە خارىغا قاراشنىڭ ئورنىغا ھاپىلا-شاپىلا تاماشىبىنلارغا كۆز يۈگۈرتكىلى تۇردى.
«سەن نېمە قىلىۋاتىسەن ئەمدى؟» دەپ ۋايسىدى چىرايلىرى تامدەك تاتىرىپ كەتكەن رون.
«بىلگەنتىم!» دېدى ھېرماينى. «سنەيپ – قارا!»
رون دۇربۇننى قاماللىدى. سنەيپ تاماشىبىنلار سەھنىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا، ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كېلىدىغان بىر يەردە ئىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى خارىغا قادالغان بولۇپ، ھەتتا نەپەسمۇ ئالماستىن ئۇنىڭغا قاراپ نېمىلەرنىدۇر پىچىرلاۋاتاتتى.
«ئۇ بىر نەرسە قىلىۋاتىدۇ، سۈپۈرگىگە ئەپسۇن ئوقۇۋاتىدۇ!» دېدى ھېرماينى.
«ئەمدى قانداق قىلىمىز؟»
«ماڭا تاپشۇر!»
رون بىر ئېغىز گەپ قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەستىن ھېرماينى كۆزدىن غايىپ بولدى. رون دۇربۇننى قايتا خارىغا توغرىلىدى. ئۇنىڭ سۈپۈرگىسى شۇنداق قاتتىق تىترەۋاتاتتىكى، ئۇنىڭ يەنە بىردەم بەرداشلىق بېرىشى مۇمكىن ئەمەستەك قىلاتتى. تاماشىبىنلار قاتتىق ساراسىمىگە چۈشكەن، ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەن ئىدى، ۋېزلىي قوشكېزەكلىرى بولسا ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ خارىنى ئۆزىنىڭ سۈپۈرگىسىگە تارتىۋالماقچى بولغان بولسىمۇ، پايدىسى بولمىغان ئىدى، ئۇنىڭغا يېقىنراق كەلسىلا سۈپۈرگە تېخىمۇ ئېگىزگە ئۆرلەيتتى. شۇڭا ئۇلار سەل تۆۋەندە تۇرۇپ، چۈشۈپ كەتسە تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن خارىنىڭ ئاستىدا ئەگىپ يۈرەتتى. ماركۇس فلىنت كۇئاففىلنى ئېلىۋېلىپ ھېچكىم بايقىماستا بەش قېتىم نومۇر ئالدى.
«بولە، ھېرماينى» دەپ غودۇڭشىدى رون جىددىيلەشكەن ھالدا.
ھېرماينى سنەيپ ئولتۇرغان بۆلۈمگە بېرىش ئۈچۈن تاماشىبىنلار سەھنىسىنى كېسىپ ئۆتتى. شۇ تاپتا سنەيپنىڭ كەينىدىكى رەتتە يۈگۈرۈپ يۈرەتتى. ئۇ ھەتتا پروفېسور كۇئېرىلغا سوقۇلۇپ كېتىپ ئۇنى ئۆرۈۋەتكەندىمۇ كەچۈرۈم سوراش ئۈچۈن توختاپ يۈرمىدى. سنەيپنىڭ يېنىغا كەلگەندە زوڭزىيىپ ئولتۇردى-دە، تايىقىنى قولىغا ئېلىپ بىرنەچچە ئېغىز پەم بىلەن تاللانغان سېھىرلىك سۆزلەرنى پىچىرلىدى. تايىقىنىڭ ئۇچىدىن چىققان كۆپكۆك رەڭلىك ئوت يالقۇنلىرى سنەيپنىڭ تونىنىڭ ئېتىكىنى تۇتاشتۇردى.
سنەيپنىڭ ئېتىكىگە ئوت كەتكەنلىكىنى بايقىشىغا تەخمىنەن ئوتتۇز سېكونتتەك ۋاقىت كەتتى. ئۇشتۇمتۇتلا ئاڭلانغان بىر ئەر كىشىنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ھېرماينى ئۈچۈن ئىشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. ئۇ ئۈن- تىنسىز سنەيپنىڭ ئۈستىدىكى ئوتنى، يانچۇقىدىن ئالغان بىر كىچىك كومزەككە قاچىلىۋالغاندىن كېيىن، كەينىگە قايتىپ غىپپىدە كېتىۋالدى! سنەيپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى ھەرگىز بىلەلمەيدىغان بولدى.
مۇشۇنچىلىكى يېتىپ ئاشتى. خارى ھاۋادا تۇيۇقسىزلا قايتا سۈپۈرگىسىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالدى.
«نەۋىل، ئەمدى قارىساڭ بولىدۇ!» دېدى رون. نەۋىل يۈزىنى خاگرىدنىڭ چاپىنىغا تىقىۋېلىپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاۋاتقىلى بەش مىنۇتتەك بولغان ئىدى.
كۆپچىلىك خارىنىڭ ئاغزىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ يەرگە شۇڭغۇپ چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئۇ قارىماققا خۇددى كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇۋېتەيلا دەپ قالغاندەك قىلاتتى. يەرگە تۆت پۇتلاپ دېگۈدەك چۈشتى ۋە قاتتىق بىرنى يۆتەلدى، شۇ ھامان قولىغا ئالتۇندىن ياسالغان بىر نەرسە چۈشتى.
«سنىچنى تۇتۇۋلدىم!» دەپ ۋارقىرىدى خارى، ئۇنى بېشىنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرۈپ… ۋە ئويۇن مۇشۇنداق ھەممىنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇپ تۇيۇقسىزلا تۈگەپ قالدى.
«ئۇ ئۇنى تۇتۇۋالمىدى، يۇتۇۋالغىلى تاسلا قالدى» دەپ ھۇۋلاۋاتاتتى فلىنت، يىگىرمە مىنۇتتىن كېيىنمۇ… ئەمما ھېچقانداق تەسىر قوزغىيالمىدى. چۈنكى خارى ھېچقانداق قائىدىگە خىلاپلىق قىلمغانىدى. لىي جوردېن بولسا تېخىچە نەتىجىنى تەنتەنىلىك ھالدا ۋارقىراپ- جارقىراپ ئېلان قىلىۋاتاتتى. گرىففىندور ئاتمىش نومۇرغا يۈز يەتمىش نومۇر بىلەن غەلىبە قىلغان ئىدى. ئەمما بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى خارىنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى. چۈنكى ئۇ ھازىر خاگرىدنىڭ كەپىسىدە رون ۋە ھېرماينى بىلەن بىللە چاي ئىچىپ ئولتۇراتتى.
«ھەممىنى قىلغىنى سنەيپ ئىدى» دەپ چۈشەندۈرۈۋاتاتتى رون، «ھېرماينى بىلەن مەن ئۇنى كۆردۇق. ئۇ توختىماي پىچىرلاپ سېنىڭ سۈپۈرگەڭگە ئەپسۇن ئوقۇۋاتاتتى، كۆزىنى سەندىن ھىچ ئۈزمەي تۇراتتى.»
«قۇرۇق گەپ» دېدى خاگرىد، (ئۇ تاماشىبىنلار سەھنىسىدە بولۇنغان پاراڭلارنى ئاڭلىمىغاچقا) «سنەيپ نېمىشقا ئۇنداق قىلغۇدەك؟»
خارى، رون ۋە ھېرماينى بىر- بىرىگە قارىشىپ قالدى. ئۇلار ئەمدى ئۇنىڭغا نېمە دېيىش كېرەكلىكىنى ئاڭقىرالمايلا قېلىشقان ئىدى. خارى ئاخىرى راست گەپنى قىلماقچى بولدى.
«ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر ئىشنى بايقاپ قالدىم،» دېدى ئۇ خاگرىدقا. «ئۇ ئەرۋاھلار بايرىمىدا ئۈچ باشلىق ئىتنى بۆسۈپ ئۆتمەكچى بولدى. ئىت ئۇنى چىشلىۋالدى. بىزنىڭ قارىشىمىزچە ئاشۇ ئىت نېمىنى قوغداۋاتقان بولسا، سنەيپمۇ شۇنىڭ پېيىگە چۈشتى»
خاگرىدنىڭ قولىدىكى چايدان يەرگە چۈشۈپ كەتتى.
«سىلەر فلاففىينى قانداق تونۇيسىلە؟» دېدى ئۇ.
«فلاففىي!؟»
«شۇنداق، ئۇ مېنىڭكى. ئۆتكەن يىلى قاۋاقخانىدا تونۇشۇپ قالغان بىر يۇنانىستانلىق بۇرادەردىن سېتىۋالغانتىم. ئۇنى دامبېلدورغا بەدىم، چۈنكى…»
«چۈنكى؟» دېدى خارى ھەيرانلىق بىلەن.
«بولدى، ئەمدى باشقا نەرسە سورىماڭلا» دېدى خاگرىد قوپال ئاھاڭدا، «بۇ چوڭ مەخپىيەتلىك، شۇنداق، راست دەيمە»
«ئەمما سنەيپ ئۇنى ئوغرىلىماقچى!»
«قۇرۇق گەپ» دېدى خاگرىد قايتا، «سنەيپ بىر خوگۋارتس مۇئەللىمى، ئۇ بۇنداق بىر ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ.»
«ئۇنداق بولسا نېمىشقا خارىنى ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ؟» دەپ ۋارقىرىدى ھېرماينى.
بۈگۈن چۈشتىن كېيىن يۈز بەرگەن ئىشلار ئۇنىڭ سنەيپكە بولغان كۆز قارىشىنى تۈپ يىلتىزىدىن ئۆزگەرتىۋەتكەن ئىدى.
«مەن بىر ئادەمنىڭ ئەپسۇن ئوقۇۋاتقانلىقىنى بىر كۆرۈپلا بىلىۋالالايمەن خاگرىد، بۇ ھەقتىكى ھەممە نەرسىنى ئوقۇپ چىقتىم! ئەپسۇن ئوقۇۋاتقاندا كۆزنى قەتئىي ئۈزمەسلىك كېرەك، سنەيپ ھەتتا كۆزىنى چىمچىقلىتىپمۇ قويمىدى، ئۇنى كۆردۈم دەۋاتىمەن!»
«مەنمۇ، خاتالىشىپسىلە دەۋاتىمەن!» دېدى خاگرىد ئۆزىنى باسالمىغان ھالدا. «خارىنىڭ سۈپۈرگىسى نېمىشقا ئۇنداق قىلدى بىلمەيمەن، ئەمما سنەيپ ھەرگىزمۇ بىر ئوقۇغۇچىنى ئۆلتۈرمەكچى بوممايدۇ! ماڭا قاراڭلا، ئۈچىلەڭلا! سىلە مۇناسىۋەتسىز ئىشقا تولا كىرىشىۋېلىۋاتىسىلە. بۇ ئىش خەتەرلىك. ئۇ ئىتنى ئۇنتۇپ كېتىڭلا، ئۇ قوغداپ ياتقان نەرسىنى ئۇنتۇپ كېتىڭلا، بۇ پروفېسور دامبېلدور بىلەن نىكولاس فلامەلنىڭ ئۆزى بىلىدىغان-»
«ھە؟!» دېدى خارى، «دېمەك، نىكولاس فلامەل ئىسىملىك بىرىمۇ بۇ ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن- دە !»
خاگرىدنىڭ ئۆز- ئۆزىگە ئىنتايىن ئاچچىقى كەلگەنلىكىنى بىر قاراپلا بىلىۋالغىلى بولاتتى.