تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر
بىر كۈنى يۈزلەرچە تاماشىبىن بىر مەيداندا توپلىشىپتۇ. ھەممە ئادەم ناھايتى ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئىكەن، چۈنكى توققۇز مېيىپ بالا مۇسابىقە قىلماقچىكەن. ھەممىسى چاقلىق ئورۇندۇق بىلەن مۇسابىقىلەشمەكچىكەن. توققۇز بالا باشلىنىش سىزىقىغا كېلىپتۇ.
ھەممىسىنىڭ يۈرىكى تېز تېز سوقماقتا ئىكەن. ھەممىسى بىرىنچى بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. بىردەمدىن كېيىن مۇسابىقە باشلىنىپتۇ. پۈتۈن مۇسابىقىچىلەر تېز سۈرئەتتە ئىلگىرلىگىلى تۇرۇپتۇ. لېكىن بىر ئازدىن كىيىن بالىلاردىن بىرى يىقىلىپ كېتىپتۇ. باشقىلار ئىلگىرلەشنى داۋاملاشتۇرىۋىرىپتۇ.
– يېڭىلىدىغان بولدۇم، دەپتۇ يىقىلىپ چۈشكەن بالا. ئەمدى بۇ مۇسابىقىدە غەلبە قىلالمايمەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇتىمۇ ئاغرىپ كەتكەنىكەن. بىر تاماشىبىن:
– ماڭ، ئۆزەڭنى بىر كۆرسىتىپ قويغىن، دەپ ۋارقىراپتۇ.
– ۋازكەچمە، دەپتۇ يەنە بىرسى.
يەنە بىرى بولسا:
– سەن يېڭەلەيسەن، توختاپ قالما، دەپتۇ.
ئالدىدا كېتىۋاتقان بىر مۇسابىقىچى بولغانلارنى سېزىپتۇ ۋە ئىلگىرلەشتىن ۋازكېچىپ دەرھال قايتىپ كېلىپتۇ. باشقا مۇسابىقىچىلەرمۇ ئۇنىڭ قىلغىنىنى قىلىپتۇ. ئۇلاردىن بىرى:
– ۋاھ بىچارە، دەپتۇ. قولىمىزنى تۇتقىن، سېنى قوپۇرۇپ قويايلى. بىرلىكتە قوللىرىنى ئۇزىتىپتۇ. يىقىلىپ چۈشكەن مۇسابىقىچى ئۇلارنى تۇتۇپتۇ. يەنە چاقلىق ئورۇندۇقىغا ئولتۇرۇپتۇ. پۈتۈن تاماشىبىنلار ئالقىشلاپتۇ:
– ياخشى ياخشى، دەپ ۋارقىرىشىپتۇ.
مۇسابىقىچىلەر بىر- بىرىنىڭ قوللىرىنى تۇتۇشىپتۇ. بىللە ئىلگىرىلەپ مۇسابىقىنى ئاياغلاشتۇرۇپتۇ. مەيداندىكى تاماشىبىنلار ناھايتى تەسىرلىنىپتۇ. ئورنىدىن تۇرۇپ بالىلارنى ئالقىشلاپتۇ.