قارانچۇق

تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر

قارانچۇق ئۆزىنى بەك يالغۇز ھېس قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىگە بىر دوست ئىزدەشكە كىرىشىپتۇ. قاغىغا قاراپ:

– قاغا ئاداش، مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالامسەن، – دەپتۇ.

– بولمايدۇ، سەن قورقۇنچلۇقكەنسەن. – دەپتۇ قاغا.

قارانچۇق كۆڭلى يېرىم ھالدا بوينىنى ئېگىپتۇ. كىيىن چاشقاننى كۆرۈپتۇ:

– چاشقان ئاداش، مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالامسەن.
– بولمايدۇ. مەن سەندىن بەك قورقىمەن. – دەپتۇ چاشقان.

بىچارە قارانچۇقنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ بەك يېرىم بوپتۇ:

– نېمە ئۈچۈن ھەممە ئادەم مەندىن قاچىدۇ، – دەپ يىغلاشقا باشلاپتۇ.

يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئىت ئۇنىڭ يېنىغا كەپتۇ:

– نېمىشقا يىغلايسەن. – دەپ قاۋاپتۇ.

– ھېچكىم مېنى ياخشى كۆرمەيدىكەن. ئۆزۈمگە بىر دوست تاپالمايۋاتىمەن. چۈنكى ھەممەيلەن مەندىن قورقىدىكەن.

ئىت:

– بۇنىڭغا نېمىشقا كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلىسەن، قورقۇتۇش سېنىڭ ۋەزىپەڭ، مەنمۇ ئوخشاش ئىشنى قىلىمەن، قاۋاپ ئەسكىلەرنى قورقۇتىمەن. شۇنىڭ بىلەن ھېچكىم ئۆيگە رۇخسەتسىز كىرەلمەيدۇ. ئەگەر مەن بۇنداق قىلمىغان بولسام، ئوغرىلار ئۆيگە ناھايىتى ئاسانلا كىرەتتى. قۇشلار ۋە چاشقانلار بۇغدايلارنى يەپ تۈگىتەتتى. ئۇ ۋاقىتتا پۈتۈن بىر يىل بۇغداي تېرىغان ئېگىمىز نېمە قىلاتتى؟

قارانچۇق:

– توغرا دەيسەن ئىت ئاداش، ئۇنداقتا بۇندىن كېيىن ئىشىمنى ياقتۇرۇپ قىلىمەن.

شۇ كۈندىن كېيىن ئىت ۋە قارانچۇق دوست بولۇپ قاپتۇ. ئۆينى قوغداش ۋەزىپىسىنى ناھايىتى ياخشى ئورۇندىشىپتۇ.

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *