گەپ قىلىشقا بولمايدۇ (1)

گەپ قىلىشقا بولمايدۇ

ئاپتورى: ئاندرۇۋ كلېمىنتس

تەرجىمە قىلغۇچى: ماھىنۇر ئۇيغۇر

1- باب: پېچەتلەنگەن

دەيۋ پاكېر گەپ قىلىشنى توختاتقىلى تۆت سائەت بولغان ئىدى. ئون بىرىنجى ئاينىڭ ئوتتۇرىدا بىر دۈشەنبە كۈنى ئىجتىمائي پەنلەر دەرسىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئىدى. لەيكتون باشلانۇچ مەكتىپىنىڭ ياكى نېيۋ جېرسېي شىتاتىنىڭ ئوتتۇرسىدا، ئوتتۇرىچە چوڭلۇقتا بىر ناھىيىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى.

دەيۋنىڭ تۆت سائەت گەپ قىلماي تۇرۇۋېلىشىنىڭ بىر سەۋەبى بار، ئەمما تېخى بۇنى سۆزلەيدىغان ۋاقىت كەلمىدى. ھازىر ئۇنىڭ، ئىجتىمائىي پەنلەر دەرىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا نېمىنى بايقاپ قالغانلىقىنى بىر كۆرۈپ باقايلى.

دەيۋ گەپ قىلماي تۇرۇشنىڭ ناھايىتى قېيىن بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالدى. نېمىشقا دەمسىز؟ مۇئەللىملەر سەۋەبلىك. چۈنكى سائەت 11:35 تە مۇئەللىمى ئوۋېرباي خانىم قوللىرىنى بىربىرىگە ئۇرۇپ «ساۋاقداشلار! ساۋاقداشلار! ئاۋاز چىقارماڭلار!» دىدى. كىيىن ئالدىدىكى تىزىملىككە قاراپ «دەيۋ ۋە لىينسېيي، نۆۋەت سىلەرگە كەلدى» دەپ قوشۇپ قويدى.

بۇنىڭ بىلەن دەيۋ لىينسېيغا شەرەت قىلدى ۋە ئورنىدىن تۇردى. ھېنىدىستان ھەققىدە تەييارلىغان دوكىلاتنى تاپشۇرۇش ۋاقتى كەلگەنتى.

ئەمما بۇ دوكلاتنى تاپشۇرۇش دەيۋنىڭ تەجرىبىسىنى بۇزۇۋېتەتتى. چۈنكى دەيۋ پۈتۈن بىر كۈن گەپ قىلماسلىقنى سىناپ باقماقچى ئىدى. كۈن ئاخىرلاشقۇچە ئاغزىنى پېچەتلەپ، سائەت ئۈچتىن ئون ئۆتكىچە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماسلىققا قارار قىلغانتى. دەيۋنىڭ بۇ قارارغا كېلىشىدىكى سەۋەپ بولسا… ياق ياق، تېخىچە نۆۋەت كەلمىدى. ھازىر ئۇ دوكلاتنى تاپشۇرىدىغاندا نېمە قىلدى شۇنىڭغا قاراپ باقايلى.

دەيۋ بىلەن لىنسېي دوسكىنىڭ ئالدىغا كەلدى. دەيۋنىڭ ھىندىستان تارىخىنى سۆزلەشنى باشلىشى كېرەك ئىدى. دەيۋ ئاۋال قولىدىكى خاتىرىلىرىگە ئاندىن ئوۋېرباي خانىمغا ئاندىن ساۋاقداشلىرىغا بىر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى ۋە ئاغزىنى ئاچتى.

ئەمما سۆزلىمىدى.

يۆتەلدى. دەيۋ ئون سېكونت توختىماي يۆتەلدى. كىيىن ئاغزىنى سۈرتۈپ، قايتا، ئاۋال قولىدىكى خاتىرىگە ئاندىن ئوۋەرباي خانىمغا ئاندىن سىنىپتىكىلەرگە قاراپ چىقتى. يەنە ئاغزىنى ئاچتى ۋە… يەنە ئازراق يۆتەلدى. يۈزى قېپقىزىل بولۇپ، تىك تۇرالماي قالغۇچە يۆتەلدى، يۆتەلدى، يۆتەلدى…

لىينسېي نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپلا قالغانتى. دەيۋنىڭ تەجرىبىسىدىن خەۋىرى بولمىغاچقا، قولىدىن كېلىدىغان بىردىن بىر ئىش ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇش ۋە قاتتىق يۆتىلىگە قۇلاق سېلىش ئىدى. لىينسېي زادى دەيۋنى بەك ياختۇرۇپ كەتمەيتتى، ئەمما شۇ ۋاقىتتا ئۇ تېخىمۇ نەزىرىدىن چۈشتى.

مۇئەللىم دەيۋنىڭ مەسىلىسىنى چۈشەندىم دەپ ئويلىدى. ئۇ، بۇنىڭدىن ئاۋامۇ بۇنداق ئىشقا دۇچ كېلىپ باققان -بەزىدە بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەن بالىلار كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا سۆزلەشكە توغرا كەلگەندە تۇيۇقسىز ئاغرىپ قالىدۇ. ئەمما بۇ قېتىم مۇئەللىممۇ ھەيران قالغانتى چۈنكى دەيۋ تارتىنچاق بىر بالا ئەمەس. زادى ئۇنداق ئەمەس. ھەتتا سۆزلەشكە توغرا كەلگەندە بۇ يىلقى بەشىنچى سىنىپلارنىڭ ھېچقايسىسى ئازراقمۇ تارتىنىپ، قورۇنۇپ ياكى ھاياجانلىنىپ قالمايدۇ. ھەرگىز.

يەنىلا مۇئەللىمنىڭ رەھمى كەلدى. «ياخشىسى سەن بېرىپ ئازراق سۇ ئىچىۋال. ئىككىڭلار دوكلاتنى كىيىىن تاپشۇرساڭلارمۇ بولىدۇ» دىدى.

لىينسېي دەيۋگە ئاچچىق بىلەن ئالىيىپ قويۇپ ئۆز ئورنىغا بېرىپ ئولتۇردى.

دەيۋ ئوۋېرباي خانىمغا بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى ۋە يەنە بىرنەچچە قېتىم يۆتىلىپ، سىنىپتىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى.

دەيۋ كارىدورغا چىقىپ سۇ ئىچىۋاتقان ۋاقىت، سىلەرگە، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن تۆت سائەت گەپ قىلماي تۇرۇۋالغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭدىن بۇرۇن، نېمە ئۈچۈن بۇنداق بىر ئىشقا قىززىقىپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىشكە تازا مۇۋاپىق كېلىدۇ.