ئالتۇن دېرىزىلەر

ئالتۇن دېرىزىلەر

سىنان، چوڭ بىر دېھقانچىلىق مەيدانىدا ياشايدىكەن. ھەر ئاخشىمى كۈن پېتىۋاتقاندا ھويلىدىكى تامدا ئولتۇرۇۋېلىپ، ئۇدۇلدىكى تۆپىلىككە جايلاشقان ئۆينى تاماشا قىلىدىكەن. بۇ ئۆينىڭ دېرىزىلىرى ۋال- ۋۇل پارقىراپ تۇرىدىكەن. سىنان ھەر ئاخشىمى ئۇ ئۆيگە قاراپ:

– ئاۋۇ ئالتۇن دېرىزىلىك ئۆي ئەجەپمۇ چىرايلىقكەن. ئۇ ئۆيدە ياشاش نېمىدېگەن كۆڭۈللۈك-ھە، – دەپ ئويلايدىكەن.

بىر كۈنى ئۇ دادىسىدىن رۇخسەت سوراپ، ئالتۇندىن دېرىزىسى بار ئۆيگە بېرىپ بېقىش ئۈچۈن ئۇدۇلدىكى دۆڭگە يامىشىپتۇ. ئۆيگە يېقىنلاشقاندا، كۈن ئولتۇرۇۋاتقانىكەن. لېكىن غەلىتە ئىش! ئالتۇن دېرىزىلىك ئۆي يوق تۇرغۇدەك. ئالدىدا پەقەتلا ئەسكى بىر ئۆي تۇرغۇدەك.

– قارىغاندا يولۇمدىن ئېزىپ قالغان ئوخشايمەن. – دەپتۇ، – ئاۋۇ ئۆيدىكىلەردىن سوراپ باقاي. بەلكى ئۇلار ئالتۇن دېرىزىلىك ئۆينى بىلىشى مۇمكىن.

بىرئاز ئەيمەنگەن ھالدا ئىشىكنى چېكىپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىشىكنى سىنان بىلەن تەڭ دېمەتلىك بىر بالا ئېچىپتۇ.

– كەچۈرۈڭ، – دەپتۇ سىنان — مەن ئالتۇن دېرىزىلىك ئۆينى ئىزدەۋاتقان ئىدىم، سىز ئۇنى كۆردىڭىزمۇ؟

– ھەئە، كۆردۈم،– دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ بالا.

كېيىن قولى بىلەن سىناننىڭ كەينىدىكى بىر ئۆينى كۆرسىتىپتۇ. سىنان كەينىگە ئۆرۈلۈپ قاراپتۇ ۋە نېمىنى كۆرۈپتۇ دېمەمسىز! بالىنىڭ سىناننىڭ ئۆيىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. سىنان ناھايىتى ھەيران قاپتۇ. ئۆيلىرىنىڭ دېرىزىسى ئالتۇندەك پارقىراۋاتقان ئىكەن ئەمەسمۇ. يۈگۈرگەن پېتى ئۆيگە قايتىپ بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى دادىسىغا سۆزلەپ بېرىپتۇ. دادىسى:

– سىنان بالام، ھەر كۈنى كۈن ئولتۇرۇۋاتقاندا ئۆيلەرنىڭ دېرىزىلىرىدە كۈن نۇرى ئەكس ئېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دېرىزىلەر ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرىدۇ.

سىنان بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى ھەيران قاپتۇ. شۇنداقتىمۇ يەنىلا ھەر كۈنى كەچقۇرۇن ئۇدۇلدىكى تۆپىلىكتە ۋال- ۋۇل چاقناپ تۇرغان ئۆينىڭ دېرىزىلىرىنى تاماشا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. لېكىن ھازىر، دېرىزىلەرنىڭ ئالتۇندىن ئەمەسلىكىنى بىلىدىكەن.