ئاپتورى: روئالد داھل
تەرجىمە قىلغۇچى: ھەبىبە ئۇيغۇر
4-باب: سىرلىق ئىشچىلار
جوۋ بوۋا ئەتىسى ئاخشام ھېكايىنى سۆزلەشنى داۋاملاشتۇردى.
«قارا، چارلى» دىدى. «يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە ۋىللى ۋونكا ئەپەندىنىڭ زاۋۇتىدا مىڭلارچە ئىشچى ئىشلەيتتى. بىر كۈنى ۋونكا ئەپەندى، تۇيۇقسىز، ھەممىسىدىن ئۆيلىرىگە كېتىشىنى ۋە قايتا كەلمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى.»
«نېمىشقا؟» دەپ سورىدى چارلى.
«جاسۇسلار سەۋەپلىك.»
«جاسۇسلار؟»
«باشقا شاكىلاتچىلار ۋونكا ئەپەندى ياسىغان تەڭداشسىز شاكىلاتلارغا ھەسەت قىلىۋاتاتتى، ئۇنىڭ مەخپىي رېتسىپلىرىنى ئوغرىلاش ئۈچۈن بىر ئاماللارنى قىلىپ زاۋۇتقا جاسۇس كىرگۈزۈۋاتاتتى. جاسۇسلار، ۋونكانىڭ زاۋۇتىغا ئىشچى سىياقىدا كىرىۋېلىپ، ئىشلىگەندەك قىلىپ قويۇپ ئاشۇ مەززىلىك شاكىلاتلارنى، كەمپۈتلەرنى قانداق ياساشنى ئۆگىنىۋالاتتى.»
« ئاندىن كىيىن ئۆزلىرىنىڭ زاۋۇتىغا بېرىپ ھەممە نەرسىنى سۆزلەپ بېرەتتى شۇنداقمۇ؟» دەپ سورىدى چارلى.
جوۋ بوۋا «شۇنداقمىكىن،» دەپ جاۋاپ بەردى. « چۈنكى ئۇزۇن ئۆتمەي، فېكىلگرۇبېرنىڭ زاۋۇتىدا تومۇز ئىسسىقتىمۇ ئېرىمەيدىغان مۇز قايماق ئىشلەپ چىقىرىشنى باشلىدى. ئارقىدىنلا پرودنوس ئەپەندىنىڭ زاۋۇتىدا قانچە ئۇزۇن چاينىسىمۇ تەمىنى يوقاتمايدىغان سېغىزلار ياسايدىغان بولۇپ قالدى. بىر مەزگىلدىن كىيىن،سلاگۋورت ئەپەندىنىڭ زاۋۇتىدىن، ھېلىقى پۈۋلىگەندىن كىيىن يىڭنە بىلەن تېشىپ يەيدىغان كەمپۈت شارلىرى چىققىلى تۇردى. ئەنە شۇ ھامان ۋونكا ئەپەندى ئويلىنىپ قالدى، مېڭىسىدە بوران چىقىپ، چاقماق چېقىپ كەتتى. «ئىپلاس گۇيلار!» دەپ ۋارقىرىدى. «بۇلار مېنى تۈگەشتۈرىدىغان بولدى! ھەممە يەر جاسۇس بىلەن توشۇپ كېتىپتۇ! ئۇلار مېنىڭ زاۋۇتۇمنى تاقىغۇزىۋېتىدىغان بولدى!» دىدى.»
چارلى «ئەمما تاقىۋەتمىدى شۇنداقمۇ؟»دەپ سورىدى.
«ياق، تاقىۋەتتى. ئىشچىلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە توپلىدى. كەچۈرۈم سوراپ كۆڭلىنى ياسىغاندىن كىيىن ھەممىسىنى ئۆيلىرىگە يولغا سالدى. زاۋۇتنى تاقاپ ئىشىكىنى زەنجىرلەپ، چوڭ قۇلۇپتىن بىرنى سېلىپ قويدى. ۋونكانىڭ زاۋۇتى تىمتاسلىققا چۆمدى. تۇرخۇندىن ئەمدى ئىس چىقمايۋاتاتتى، بۇرۇن تىنماستىن ئىشلەپ تۇرىدىغان ماشىنىلار توختاپ قالغانتى. شۇ كۈندىن كىيىن بۇ چوڭ زاۋۇتتا بىرەر تالمۇ شاكىلات ياكى كەمپۈت ياسالمىدى. ھېچكىم، زاۋۇتنىڭ ئىشىكىدىن يا كىرگەن ياكى چىققان بىرمۇ ئادەم كۆرۈپ باقمىدى. ۋىللى ۋونكا ئەپەندىمۇ تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى.»
جو بوۋا «ئايلار شۇ تەرىقىدە ئۆتتى، لېكىن زاۋۇتنىڭ ئىشىكلىرى تېخىچە مەھكەم ئېتىك ئىدى.» دەپ ھېكايىسىنى داۋاملاشتۇردى. «ھەممە ئادەم <ۋونكا ئەپەندىگە ئۇۋال بولدى> دىيىشەتتى. <شۇنداق ياخشى ئادەم ئىدى دەڭلار. نېمە دىگەن ئاجايىپ غارايىپ، ياخشى نەرسىلەرنى ياسايتتى ھە. لېكىن بېشىغا كەلگەن بۇ كۈننى كۆرۈڭلار. بىچارە ئادەم تۈگەشتى، ۋەيران بولدىدە.>
ئاندىن، بىر كۈنى شۇنداق بىر ئىش بولدىكى كىشىلەر ھاڭ تاڭ بولۇشۇپ، داڭ قېتىپ قېلىشتى. سەھەر ۋاقتى، تاڭ يېڭى سۈزۈلۈۋاتقاندا، زاۋۇتنىڭ ئېگىز تۇرخۇنلىرىدىن سۇس ئىس ئۆرلەشكە باشلىدى! پۈتۈن كەنت خەلقى ھەيرانلىقتىن قاراپلا قالغانىدى. <نىمە ئىشتۇ بۇ؟> دەپ ۋارقىراۋاتاتتى ئۇلار. <بىرسى ئوچاقلارنى يېقىپتۇ! ۋونكا ئەپەندى زاۋۇتنى قايتىدىن ئېچىۋاتامدۇ نىمە؟> ھەممە ئادەم ئىشىكنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈشتى. بارغىنىدا دەرۋازىلارنىڭ چوڭ ئېچىلغانلىقىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىۋاتاتتى. ئۇلار، ۋونكا ئەپەندىنى، قايتىپ كەلگەن ئىشچىلىرى بىلەن ئىرماش چىرماش بولۇپ، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈۋاتقان ھالەتتە كۆرىمىز دەپ قارايتتى.
نەدىكىنى! قارىسا، تۆمۈر ئىشىكلەر تېخىچە چىڭ ئېتىك، توم زەنجىرلەر بىلەن زەنجىرلەنگەن، قۇلۇپلانغان پېتى تۇرۇپتۇ. ۋونكا ئەپەندىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيدۇ.
كىيىن تۇيۇقسىزلا < ھوي! قاراڭلار! زاۋۇت ئىشلەۋاتىدۇغۇ!> دەپ ۋارقىراشتى بىركىملەر ھەيرانلىق بىلەن. <قۇلاق سېلىڭلار! ماشىنىلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاۋاتامسىلەر؟ يەنە ناھايىتى راۋان، توختاپ قالماي ئىشلەۋاتىدۇ! ئېرىگەن شاكىلاتنىڭ پۇرىقىنى پۇراۋاتامسىلەر؟> دەپ سوراشتى»
جو بوۋا ئېگىلىپ، چىش كولىغۇچتەك، ئۇزۇن بارمىقىنى چارلىنىڭ تىزىغا تەگكۈزدى. مۇلايىم ئاۋاز بىلەن، «لېكىىن، چارلى» دىدى، «بۇ ئىشلارنىڭ ئىچىدە، ئەڭ غەلىتە بولغىنى نىمە، بىلەمسەن؟ زاۋۇتنىڭ دېرىزىلىرىدە بەزى كۆلەڭگىلەرنىڭ ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگىلى بولاتتى. زاۋۇتنىڭ ئالدىغا توپلىشىۋالغانلار مۇز بىلەن قاپلانغان دېرىزىلەردە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بەزى كىچىك، قارا رەڭلىك سايىلەرنى كۆرەتتى.»
چارلى دەرھال «ئۇنداقتا ئۇلار كىمنىڭ سايىلىرىكەن؟» دەپ سورىدى.
« زادى ھەممە ئادەمنىڭ قىززىقىۋاتقىنىمۇ دەل مۇشۇ ئىدىدە. <ئىچى ئىشچى بىلەن توشۇپ كېتىپتۇ!> دەپ ۋارقىرىدى ئۇلار. <لېكىن ئىچىگە ھىچكىم كىرمىگەنتىغۇ! تېشىغىمۇ ھىچكىم چىقمىغان! ئىشىكلەر تاقاق! بۇ ئىش بارغانسېرى غەلىتە بولۇپ كەتتى!> ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى زاۋۇت توختاپ قالماي ئىشلەۋاتاتتى. شۇ كۈندىن تا ھازىرغىچە ئىشلەپ كەلدى، دەل ئون يىل بولدى دىگىنە! ئۇنىڭ ئۈستىگە، شاكىلات كەمپۈتلەر بۇرۇنقىدىنمۇ تەملىكراق ئىدى. مانا ئەمدى، ۋونكا ئەپەندىنىڭ ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان شاكىلاتلىرىنىڭ سىرلىرىنى ھىچكىم ئۆگىنەلمەيدىغان بولغانتى. يىسە يىسە قانمايدىغان ئۇ شاكىلاتلارنىڭ رېسىپىنى فېكىلگرۇبېر ئەپەندىمۇ، پرودنوس ئەپەندىمۇ، سلاگۋورت ئەپەندىمۇ ئۆگىنەلمەيتتى. جاسۇسلار زاۋۇتقا ھەرگىز كىرەلمەيتتى.»
چارلى «ئۇنداق بولسا بوۋا،» دەپ غىڭشىدى. «ۋونكا ئەپەندى زاۋۇتتىكى ئىشلىرىنى زادى كىمگە قىلغۇزىدۇ، دەپ بەرسەڭچۇ!»
«مانا بۇنى، ھىچكىم بىلمەيدۇ چارلى.»
«لېكىن بۇ بەك ئەخمىقانە ئىشتە! ۋونكا ئەپەندىدىن بۇنى سورپ باقىدىغان بىرەرسى چىقمىدىمۇ؟»
«ھازىر ئۇنى ھىچكىم كۆرمەيدىغان تۇرسا. زاۋۇتنىڭ ئىشىگىدىن سىرتقا چىقىپمۇ باقمىدى. تېشىغا پەقەتلا شاكىلاتلار بىلەن كەمپۈتلەر چىقىدۇ. ئۇلارمۇ تامدىكى ئالاھىدە بىر خىل، ئايلىنىدىغان ئىشىكتىن چىقىرىلىدۇ؛ پوچتىخانىنىڭ ماشىنىلىرى ئۈستىگە ئادرىس يېزىلغان قۇتىلارنى ھەر كۈنى شۇ يەردىن ئېلىپ كېتىدۇ.»
« ئۇنداقتا، بوۋا ئۇ يەردە ئىشلەيدىغانلار سېنىڭچە قانداق كىشىلەردۇ؟»
جوۋ بوۋا « چىرايلىق بالام،» دىدى،«بۇ شاكىلات دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ سىرلاردىن بىرسى. ئۇ يەردە ئىشلەيدىغانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىرلا نەرسە بىلىمىز. ئۇ بولسا ھەممىسىنىڭ بويى ئېنتايىن كىچىك ئىكەنلىكى. كېچىسى چىراقلار يېنىق ۋاقىتتا دېرىزىدە كۆرۈنىدىغان كۆلەڭگىلىرىگە قارىغاندا ئۇلارنىڭ بويى تىزىمدىنمۇ ئاشمايدۇ، پاكارغىنە ئادەملەر دىگىنە… »
« دۇنيادا ئۇنداق ئادەملەر يوق تۇرسا.» دىدى چارلى.
دەل شۇ ۋاقىتتا ئۆيگە چارلىنىڭ دادىسى بۇكېت ئەپەندى كىردى. چىش سوپۇنى زاۋۇتىدى يېڭى قايتقان ئىدى. قولىدىكى كېچىلىك گېزىتنى ھاياجانلىپ ھالدا پۇلاڭلىتىېۋاتاتتى. «خەۋەرنى ئاڭلىدىڭلارمۇ؟» دەپ ۋارقىرىغاندىن كىيىن، چوڭ ھەرىپلەر بىلەن يېزىلغان تېمىنى ھەممىسى ئاسان كۆرەلىسۇن دەپ گىزىتنى ھاۋاغا كۆتۈردى. تېما مۇنداق ئىدى:
ۋونكا زاۋۇتى ئاخىرى
بىرنەچچە تەلەيلىك
كىشى ئۈچۈن
قايتىدىن ئېچىلىدۇ