ئاپتورى: ج. ك. روۋلىڭ
تەرجىمە قىلغۇچىلار: ماھىنۇر، ھەبىبە، نەسلىخان ئۇيغۇر
3- باب: ھېچكىمدىن كەلگەن مەكتۇپلار
برازىلىيە بوغما يىلىنىنىڭ قېچىشى، خارىنىڭ شۇ كۈنگىچە ئالغان پۈتۈن جازالىرىدىن ئۇزۇن بىر جازا ئېلىشىغا سەۋەپچى بولغانىدى. ئىشكاپتىن چىقىشىغا يول قويۇلغاندا، يازلىق تەتىل باشلىنىپ بولغان، دادلېي يېڭى كامىراسىنى ئاللىقاچان سۇندۇرۇۋەتكەن، تىزگىنەكلىك ئايروپىلانىنى پارچىلىۋەتكەن، مۇسابىقە ۋېلىسپىتىگە تۇنجى قېتىم مىنگەن كۈنىلا، يولدىن قارشى تەرەپكە ئۆتۈۋاتقان فىگس خانىمنى سوقۇۋېتىپ بولغانىدى.
خارى، مەكتەپ ئاخىرلاشقانلىقى ئۈچۈن خۇشال ئىدى. لېكىن، ھەر كۈنى ئۆيگە كېلىۋالىدىغان دادلېي گۇرۇھىدىن قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. پىيەرس، دەننىس، مالكولم، گوردون… ھەممىسى سېمىز ھەم ئەخمەق ئىدى. ئەمما ئەڭ سېمىز، ھەم ئەڭ ئەخمەق بولغىنى دادلېي بولغاچقا باشلىقمۇ ئۇ ئىدى. باشقىلار، دادلېي ئەڭ ياقتۇرىدىغان تەنھەركەت بولغان «خارى ئوۋلاش» قا خۇشاللىق بىلەن قاتنىشاتتى.
شۇنىڭ ئۈچۈن خارى، ئىمكان بار ئۆيگە كىرمەي ئۇ يەر بۇ يەردە ئايلىنىپ يۈرەتتى، بىردىن بىر ئۈمىت يۇلتۇزىنى، تەتىل ئاخىرلىشىدىغان كۈننى خىيال قىلاتتى. توققۇزىنچى ئايدا ئوتتۇرا مەكتەپكە باراتتى ۋە ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم، دادلېي بىلەن بىر يەردە تۇرۇشقا مەجبۇر بولمايتتى. دادلېي، ۋېرنون تاغىنىڭ بۇرۇنقى مەكتىپىگە، سمەلتىڭسكە بارماقچى ئىدى. پىيەرس پولكىسمۇ شۇ يەرگە باراتتى. خارى بولسا، ستونۋول ھايغا، يەرلىك ئوتتۇرا مەكتەپكە بارماقچى ئىدى. دادلېينىڭ خىيالىچە، بۇ ھەقىقەتەنمۇ قىزىقارلىق بىر ئىش ئىدى.
«ئۇلار، ستونۋولدا تۇنجى كۈنى ئادەمنىڭ كاللىسىنى ھاجەتخانىغا تىقىدىكەن» دېدى دادلېي «ئۈستى قەۋەتكە چىقىپ بىر سىناپ باقايلىمۇ؟»
«بولدى، رەھمەت» دىدى خارى. «ئۇ بىچارە ھاجەتخانىغا سېنىڭ كاللاڭچىلىك سېسىق بىر نەرسە كىرىپ باقمىغان، كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇۋەتمىسۇن يەنە.» كىيىن بۇ گەپنى دادلېي تېخى چۈشىنىپ بولالماستىن قېچىپ كەتتى.
يەتتىنچى ئايدا بىر كۈنى پەتۇنيا ھامما سمەلتىڭس مەكتەپ فورمىسى ئېلىش ئۈچۈن دادلېي بىلەن لوندونغا باردى، خارىنى بولسا فىگس خانىمغا تاپشۇردى. فىگس خانىم ئادەتتىكىدىن كۆيۈمچان بولۇپ قالغانىدى. ئېيتىشىچە، پۇتىنى مۈشۈكلىرىدىن بىرىگە پۇتلىشىپ سۇندۇرىۋالغانىدى، شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن قارىماققا مۈشۈكلىرىنى بۇرۇنقىدەك ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغاندەك قىلاتتى. خارىنىڭ تېلىۋىزور كۆرۈشىگە يول قويدى. تەمى بىر قانچە يىلغىچە ئېسىدىن چىقمىغۇدەك بىر پارچە شاكىلاتلىق تورت بەردى.
دادلېي شۇ ئاخشىمى يېڭى مەكتەپ فورمىسىنى كىيىپ، مېھمانخانا ئۆيدە ھەممىسىگە كۆز-كۆز قىلىپ، «سەھنىدە» ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ بەردى. سمەلتىڭستىكى بالىلار، قوڭۇر رەڭ كاستىيۇم چاپان، گولف توپى ئوينايدىغانلارنىڭ كىيمىگە ئوخشاش قىزغۇچ-سېرىق رەڭلىك ئىشتان ۋە قېيىقچىلارنىڭكىدەك شەپكە كىيەتتى. ئۇلار تېخى، مۇئەللىملەر قارىمىغاندا بىر-بىرىنى ئۇرۇۋېلىش ئۈچۈن، بېشى يۇمىلاق ھاسا كۆتۈرۈپ يۈرەتتى. بۇ ئۇلارنىڭ كېيىنكى ھاياتلىرى ئۈچۈن ياخشى تەجرىبە ھەم تەربىيە ھېساپلىناتتى.
ۋېرنون تاغا گولفچى ئىشتىنى كىيىۋالغان دادلېيغا قاراۋېتىپ، بوغۇق ئاۋازدا ھاياتىنىڭ ئەڭ پەخىرلىك مىنۇتلىرىنى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى. پەتۇنيا ھامما ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى-دە، ئالدىدىكى بالىنىڭ زىيادە ئوماق كىچىك دادلېيچىقى ئىكەنلىكىگە ئىشىنەلمەي قېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى؛ ئۇ قارىماققا شۇنداق كېلىشكەن ۋە ناھايىتى پىشىپ يېتىلگەن چوڭ ئادەمدەك كۆرۈنەتتى! خارىنىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ ئۆز پىكرىنى بايان قىلغۇسى كەلمىدى. كۈلۈپ سالماسلىق ئۈچۈن ئۆزىنى شۇنچىلىك تۇتۇۋالدىكى، قوۋۇرغا سۆڭەكلىرىمنىڭ ئىككىسىگە دەز كەتكەنمىكىن، دەپ ئويلىدى.
ئەتىسى كۈنى ناشتا قىلغىلى ئاشخانىغا كىرگەندە ئاشخانىدا سېسىق بىر پۇراق بار ئىدى. پۇراق تۇرۇبىدىكى چوڭ مېتال داستىن چىقىۋاتقاندەك قىلاتتى. خارى قاراپ بېقىشقا ماڭدى. داس، قارىماققا كۈلرەڭ يۇندىدا ئۈزۈپ يۈرگەن مەينەت رەخت پارچىلىرىغا ئوخشايدىغان نەرسىلەر بىلەن توشقانىدى.
«بۇ نېمە؟» دەپ سورىدى پەتۇنيا ھاممىسىدىن. خارى سوئال سورىماقچى بولغاندا ھاممىسىنىڭ ئاغزى قانداق چىڭ يۇمۇلۇپ قالىدىغان بولسا ھازىرمۇ شۇنداق بولغانىدى.
«يېڭى مەكتەپ كىيىملىرىڭ» دېدى پەتۇنيا ھاممىسى.
خارى قايتا داسقا قارىدى.
«ھە راست» دىدى، «بۇنچىلىك ھۆل قىلىش كېرەكلىكىنى ئويلىيالماپتىمەن دېسە.»
«جۆيلۈمە!» دەپ كايىدى پەتۇنيا ھامما «ساڭا دادلىينىڭ كونا كىيىملىرىنى كۈلرەڭگە بوياپ بېرىۋاتىمەن. ئىشىم تۈگىگەندە باشقىلارنىڭ فورمىسىغا ئوخشاش بولىدۇ.»
خارى بۇ كىيىمنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئەڭ ياخشىسى ئارتۇقچە گەپ قىلماسلىق ئىدى. داستىخاندا ئولتۇرۇۋاتقاندا ستونۋول ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى تۇنجى كۈنى نېمىلەرگە ئوخشاپ قالىدىغانلىقى ھەققىدە كاللا قاتۇرۇۋاتاتتى. ھەرقاچان قېرى پىلنىڭ تېرىسىنى كىيىۋالغاندەك بولۇپ قالىدىغان بولدى-دە، ئەمدى.
دادلېي ۋە ۋېرنون تاغا خارىنىڭ يېڭى فورمىسىنىڭ سېسىق پۇرىقىغا چىدىماي، ئاشخانىغا بۇرۇنلىرىنى ئېتىۋېلىپ كىردى. ۋېرنون تاغا ھەر ۋاقىتتىكىدەك گېزىتىنى ئاچتى. دادلېي بولسا تولا يېنىدا كۆتۈرۈۋالىدىغان سمەلتىنگس تايىقىنى ئۈستەلگە ئۇردى.
سىرتتىن خەت ساندۇقىنىڭ تاراقشىغان ۋە خەتلەرنىڭ ئىشىك تۈۋىگە چۈشكەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
«خەتلەرنى ئېلىپ كەل، دادلېي،» دېدى ۋېرنون تاغا بېشىنى گېزىتتىن كۆتۈرمەي تۇرۇپ.
«خارى ئېلىپ كەلسۇن.»
«خەتلەرنى ئېلىپ كەل، خارى.»
«دادلېي ئېلىپ كەلسۇن»
«ماۋۇنى سمەلتىنگس ھاساڭ بىلەن نوقۇپ قويە، دادلېي.»
خارى سمەلتىنگس تايىغىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ خەتلەرنى ئالغىلى ماڭدى. يەردە ئۈچ نەرسە تۇراتتى: ۋېرنون تاغىنىڭ ۋايىت ئارىلىدا تەتىل ئۆتكۈزۈۋاتقان سىڭلىسى مارجدىن بىر ئاترىتكا، قارىماققا تالوندەك قىلىدىغان قوڭۇر رەڭ بىر لېپاپ ۋە خارىغا بىر پارچە خەت.
خارى ئۇ خەتنى يەردىن ئېلىپ بىر ھازا تىكىلىپ قاراپ قالدى، يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوقۇپ كېتىۋاتاتتى. ھېچكىم، ھېچقانداق ۋاقىتتا، ھاياتىدا بىر قېتىم بولسىمۇ، ئۇنىڭغا خەت يېزىپ باققان ئەمەس. زادى كىم؟ ئۇنىڭ دوستىمۇ يوق، باشقا تۇغقىنىمۇ يوق، ئۇ كۈتۈپخانىدىن كىتاپ ئارىيەت ئېلىپ باقمىغان، شۇڭا كىتاپلارنى قايتۇرۇپ كېلىشى ئۈچۈن قوپال ئەسكەرتىش خەتلىرىمۇ ئېلىپ باقمىغان. ئەمما مانا، بىر پارچە خەت، ئادرېس شۇنداق ئوچۇق يېزىلغان بىرەر ئۇقۇشماسلىق بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ئەمەس:
خ. پوتېر ئەپەندىم
پەلەمپەينىڭ ئاستىدىكى ئىشكاپ
پرېۋىت درېۋ كوچىسى تۆتىنچى نومۇرلۇق قورو
لىتتېل ۋىنجىڭ
سۆررېي
لېپاپ توم ھەم ئېغىر. سارغۇچ تېرە قەغەزدىن ياسالغان ۋە ئادرېس يېشىل ياقۇت رەڭلىك سىياھ بىلەن يېزىلغان. پوچتا ماركىسى چاپلانمىغان.
ھاياجاندىن تىترەپ كەتكەن قوللىرىدا لېپاپنىڭ كەينىنى ئۆرۈپ قاراپ باققان خارى، سۆسۈن رەڭلىك شامدىن ياسالغان بىر مۆھۈر كۆردى، مۆھۈرنىڭ ئۈستىدە بىر ئىزنەك بار ئىدى، چوڭ بىر “H” ھەرپىنى چۆرىدەپ تۇرغان بىر شىر، بىر بۈركۈت، بىر بورسۇق ۋە بىر يىلان.
«ھوي بالا، تېزراق بولمامسەن» دەپ ۋارقىرىدى ۋېرنون تاغا ئاشخانىدا تۇرۇپ «نېمە قىلىۋاتىسەن، خەتتە بومبا بارمىدۇ دەپ تەكشۈرۈپ بېقىۋاتامسەن يا؟» ئۆزى قىلغان چاقچاققا ئۆزى پىخىلداپ كۈلدى.
خارى كۆزىنى خەتتىن ئۈزمەي تۇرۇپ ئاشخانىغا قايتىپ كىردى. ئۇ تالون ۋە ئاترېتكىنى ۋېرنون تاغىغا بەردى، ئولتۇرۇپ قولىدىكى سېرىق لېپاپنى ئاچقىلى تۇردى.
ۋېرنون تاغا تالون لېپاپىنى يىرتىپ ئاچتى، بىزار بولغاندەك غودۇڭشۇپ قويدى. كېيىن ئاترىتكىغا كۆز يۈگۈرتتى.
«مارج كېسەل بولۇپ قاپتۇ» دېدى پەتۇنياغا «غەلىتە بىر خىل قۇلۇلە يەپ ساپتىكەن…”»
«دادا!» دېدى دادلىي توساتتىن «دادا، خارىنىڭ قولىدا بىر نەرسە تۇرىدۇ!»
خارى لېپاپقا ئوخشاش تېرە قەغەزگە يېزىلغان خەتنى ئېچىۋاتقاندا ۋېرنون تاغىسى خەتنى قولىدىن تارتىپ ئېلىۋالدى.
«ئۇ مېنىڭ!» دېدى خارى خەتنى قايتۇرۇۋالماقچى بولۇپ.
“كىممۇ ساڭا خەت يازاتتى؟” دېدى ۋېرنون تاغا ئۇنى مازاق قىلىپ. كېيىن خەتنى بىر قولىدا سىلكىپ ئاچتى ۋە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى. ئۇنىڭ يۈزى، ھەتتا قاتناش چىراقلىرىدىنمۇ تېز قىزىلدىن يېشىلغا ئۆزگەردى. ئەمما بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالمىدى. بىرنەچچە سىكونت ئىچىدىلا رەڭگى بۇزۇلۇپ قالغان ئۇماچتەك كۈلرەڭ-ئاق بىر خىل رەڭگە ئايلىنىپ قالدى.
“پ-پ-پەتۇنيا!” دەپ كېكەچلىدى.
دادلېي خەتنى ئېلىۋالماقچى بولۇپ ئېتىلدى، ئەمما ۋېرنون تاغا ئۇنىڭ قولى يەتمىگۈدەك ئېگىز تۇتۇۋالدى. پەتۇنيا ھامما ھەيرانلىق بىلەن خەتنى ئالدى ۋە بىرىنجى قۇرنى ئوقۇدى. كېيىن بىر ھازا خۇددى ھوشىدىن كېتىشكە تاس قالغاندەك تۇرۇپ قالدى. قولىنى بوينىغا ئاپىرىپ خىرىلدىغاندەك بىر ئاۋازدا
«ۋېرنون! ۋاي خۇدايىمەي! ۋېرنون!»
ئۇلار بىر-بىرىگە چەكچىيىپ قاراپ قالدى. قارىماققا خارى بىلەن دادلېينىڭمۇ شۇ يەردە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغاندەكلا قىلاتتى. دادلېي بۇنداق مۇئامىلىگە كۆنۈك ئەمەس. ئۇ كىچىك ھاسسىسى بىلەن دادىسىنىڭ بېشىغا ئۇردى.
«مېنىڭ ئۇ خەتنى ئوقۇپ باققۇم بار!» دېدى يۇقىرى ئاۋازدا.
«مەن ئوقۇشنى خالايمەن» دېدى خارى، «ئۇ مېنىڭكى!»
“چىقىپ كېتىڭلار، ئىككىلەڭلار!» دەپ غودۇرىدى ۋېرنون تاغا، قەغەزنى لېپاپنىڭ ئىچىگە قاتلاپ سېلىۋېتىپ.
خارى تۇرغان جايىدىن قوزغالمىدى.
«ماڭا خېتىمنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار!» دەپ ۋارقىرىدى.
«مېنى قارىغىلى قوي!» دېدى دادلېي بۇيرۇق ئاھاڭىدا.
«چىقىپ كەت!» دەپ ھۆركىرىدى ۋېرنون تاغا ۋە خارى بىلەن دادلېينى گەجگىسىدىن تۇتۇپ كارىدورغا چىقىرىۋېتىپ ئاشخانىنىڭ ئىشىكىنى جالاقشىتىپ يېپىۋەتتى. دادلېي بىلەن خارى دەرھال ئاچقۇچ تۆشۈكىدىن گەپ تىڭشاش ئۈچۈن ئۈنسىز ئەمما شىددەتلىك بىر جەڭنى باشلىۋەتتى؛ دادلېي يەڭدى، شۇنىڭ بىلەن خارى، كۆزئەينىكى بىر قۇلىقىدىن ساڭگىلاپ قالغان ھالدا، ئىشىك بىلەن يەرنىڭ ئارىسىدىكى يوچۇققا قۇلىقىنى يېقىپ يەردە دۈم يېتىشقا مەجبۇر بولدى.
«ۋېرنون» دەۋاتاتتى پەتۇنيا ھامما تىترەپ تۇرۇپ «ئادرىسقا قارا، ئۇلار ئۇنىڭ قەيەردە ئۇخلايدىغانلىقىنى قانداق بىلىدۇ؟ ئۇلار ئۆينى كۈزىتىپ تۇرمىغاندۇ-ھە؟»
«كۈزىتىش، جاسۇسلۇق قىلىش… ھەتتا بەلكىم ئىزىمىزغا چۈشۈش» دەپ غودۇڭشىدى ۋېرنون تاغا غەزەپ بىلەن.
«ئەمما… ئۇنداقتا نېمە قىلىمىز ۋېرنون؟ جاۋاپ قايتۇرۇشىمىز كېرەكمۇ؟ بەلكىم ئۇلارغا خالىمايدىغانلىقىمىزنى…»
خارى ۋېرنون تاغىنىڭ ئاشخانىدا ئۇيان بۇيان مېڭىۋاتقان، پارقىراق قارا ئاياق كىيىۋالغان پۇتىنى كۆرۈۋاتاتتى.
«ياق» دىدى ئۇ ئاخىرىدا. «ياق، بىز كۆرمەسكە سېلىۋالىمىز. ئەگەر ئۇلارغا بىرەر جاۋاپ قايتۇرمىساق… شۇنداق، ئەڭ ياخشىسى بۇ… بىز ھېچنەرسە قىلمايمىز…»
«ئەمما…»
«مەن ئۆيدە بۇنداق بىرسىنى تۇرغۇزمايمەن پەتۇنيا! بىز ئۇنى تاپقان چاغدا بۇنداق خەتەرلىك، بولمىغۇر ئىشلاردىن يىراق تۇرىمىز دەپ قەسەم قىلمىغانمۇ؟”
ئۇ كۈنى كەچتە ئىشتىن قايتقاندا، ۋېرنون تاغا بۇنىڭدىن ئاۋۋال قىلىپ باقمىغان بىر ئىش قىلدى؛ خارى ياتىدىغان ئىشكاپقا كەلدى.
«خېتىم نەدە؟» دېدى خارى، ۋېرنون تاغا ئىشىكتىن قىستىلىپ كىرگەن ھامان «ماڭا كىم خەت يېزىپتۇ؟»
«ھېچكىم، ئۇقۇشماسلىق بولۇپ ساڭا ئەۋەتىلىپ قاپتۇ» دەپ كېسىپ تاشلىدى ۋېرنون تاغا «ئۇنى كۆيدۈرۈۋەتتىم»
«ئۇقۇشماسلىق ئەمەستى!» دېدى خارى ئاچچىق بىلەن «ئادرىسقا ئېنىقلا مېنىڭ ئىشكابىمنى يېزىپتىكەن!»
«بولدى قىل!» دەپ ۋارقىرىدى ۋېرنون تاغا، تورۇستىن بىرنەچچە ئۆمۈچۈك يەرگە چۈشۈپ كەتتى. ئۇ بىرنەچچە قېتىم چوڭقۇر نەپەس ئالدى ۋە ئۆزىنى كۈلۈمسىرەشكە زورلىدى، قارىماققا ئۇنى ناھايىتى قىينىغان بىر كۈلۈمسىرەش…
«ھىم… راست خارى… بۇ ئىشكاپ. ھامماڭ ۋە مەن ئويلاپ كەلگەن… سەن راستلا بۇ ئىشكاپ ئۈچۈن ئازراق… چوڭ بولۇپ قالدىڭ… بىزنىڭچە بەلكىم سەن دادلېينىڭ ئىككىنچى ياتاق ئۆيىگە كۆچسەڭ ياخشىراق بولارمىكىن»
«نېمىشقا» دىدى خارى.
«سوئال سورىما!» دەپ كېسىپ تاشلىدى تاغىسى. «نەرسە كېرەكلىرىڭنى ئۈستىدىكى ئۆيگە توشۇشنى باشلا، دەرھال!”
دۆرسلېيلەرنىڭ ئۆيىدە تۆت ياتاق ئۆي بار ئىدى: ۋېرنون تاغا ۋە پەتۇنيا ھاممىغا بىرسى، مېھمانلارغا بىرسى (كۆپىنچە ۋاقىتتا ۋېرنوننىڭ سىڭلىسى مارج ئۈچۈن)، دادلېي ئۇخلايدىغان بىرسى ۋە دادلېي ئۆزىنىڭ ئۆيىگە پاتقۇزالمىغان پۈتۈن ئويۇنچۇق ۋە نەرسە كېرەكلەرنى قويىدىغان بىرسى. خارى نەرسىلىرىنى ئىشكاپتىن بۇ ھۇجرىغا بىر قېتىمدىلا توشۇپ بولدى. ئۇ كارىۋاتتا ئولتۇردى ۋە ئەتراپىغا سەپسالدى. ھەممە نەرسە دىگۈدەك بۇزۇق ياكى سۇنۇق ئىدى. دادلېينىڭ بىر ئايلا ئىشلەتكەن كامىراسى بىر ۋاقىتلاردا خوشنىسىنىڭ ئىتىنى ئېزىۋەتكەن كىچىك تانكىسىنىڭ ئۈستىدە تۇراتتى، بۇلۇڭدا دادلېينىڭ تۇنجى تېلىۋىزورى تۇراتتى، ئەڭ ياخشى كۆرگەن پروگراممى تارقىتىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى بىر مۇشت قويۇپ چېقىۋەتكەن ئىدى. يوغان بىر قۇش قەپىزى بارىدى، دادلېي ئۇنىڭ ئىچىدىكى شاتۇتنى مەكتەپكە ئاپىرىپ بىر نوچى تاپانچىغا تېگىشىۋالغان ئىدى. تاپانچا ئىشكاپتا بولۇپ، ئۇچى دادلېي ئۈستىدە ئولتۇرۇپ سالغاچقا ئېگىلىپ كەتكەنىدى. قالغان ئىشكاپلار كىتاپ بىلەن تولغان بولۇپ، ھۇجرىدا قول تەگمىگەن بىردىنبىر نەرسە شۇلاردەك قىلاتتى.
پەس تەرەپتىن دادلېينىڭ ئانىسىغا ۋارقىراۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىناتتى: « ئۇنىڭ ئۇ ھۇجرىدا تۇرۇشىنى خالىمايمەن… ئۇ ھۇجرا ماڭا لازىم… ئۇنى چىقىرىۋېتىڭلار…»
خارى ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ كارۋاتقا چىقتى. تېخى تۈنۈگۈنلا، بۇ يەردە تۇرۇش ئۈچۈن ھەرقانداق قۇربانلىق بېرىشنى خالايتتى. بۈگۈن بولسا بۇ يەردە تۇرغاندىن، ئۇ خەت بىلەن بىللە بۇرۇنقى ئىشكابىدا تۇرۇشنى خالايتتى.
ئەتىسى ئەتىگەنلىك ناشتىدا داستىخان ناھايىتى جىمجىت. دادلېي بولسا بولغان ئىشلارغا ھەيران قالغان. تۈنۈگۈندىن بېرى ئۇ، ھۇجرىسىنى خارىغا بەرمەسلىك ئۈچۈن، ھەممە ھۈنىرىنى ئىشقا سالدى، ۋارقىراپ باقتى، دادىسىنى سمەلتىڭس ھاسىسى بىلەن ئۇرۇپ باقتى، ئۆزىنى زورلاپ قۇسۇپ باقتى، ئاپىسىنى تېپىپ باقتى، تاشپاقىسىنى پارنىكقا چۆرۈۋېتىشنىمۇ سىناپ باقتى، لېكىن يەنىلا ھۇجرىسىنى قايتۇرۇۋالالمىدى. خارى بولسا تۈنۈگۈن مۇشۇ ۋاقىتلارنى ئەسلەپ، خەتنى كارىدوردىلا ئېچىپ كۆرۈۋالمىغانلىقى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىۋاتاتتى. ۋېرنون تاغا بىلەن پەتۇنيا ھامما بىر-بىرىگە پات-پات ئەندىشە بىلەن سىرلىق قاراپ قوياتتى.
پوچتا كەلگەندە، قارىماققا خارىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا تىرىشىۋاتقاندەك كۆرۈنگەن ۋېرنون تاغا، پوچتىلارنى ئېلىشقا دادلېينى ئەۋەتتى. دادلېي كارىدوردىن ئۆتۈۋاتقاندا ئاچچىقىدا، سمەلتىڭس ھاسسىسى بىللەن ھەممە يەرگە ئۇرۇپ چىقتى. ئاندىن ۋارقىرىدى: « يەنە كەلدى! خ. پوتېر ئەپەندىم، ئەڭ كىچىك ھۇجرا، تۆتىنجى نومۇر، پرېۋىت درېۋ- »
ۋېرنون تاغا خۇددى بىركىم ئۇنى بوغۇزلىماقچى بولغاندەك ھۆركىرەپ، ئورنىدىن ئېتىلىپ بېرىپ كارىدورغا يۈگۈردى، خارىمۇ ئارقىسىدىن. ۋېرنون تاغا مەكتۇپنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن دادلېي بىلەن چېلىشىپ ئۇنى يەرگە ياتقۇزۇشقا مەجبۇر بولدى. توغرىسىنى ئېيتقاندا بۇ بىرئاز تەسكە توختىدى، چۈنكى خارى ۋېرنون تاغىنىڭ كەينىدىن يامىشىپ بوينىغا ئېسىلىۋالغانىدى. بىر مىنۇتچە داۋاملاشقان، ھەممە ئادەم سمەلتىڭسنىڭ تايىقىدىن خېلى كۆپ يىگەن ئالغان بۇ غەلىتە تارتىشىش ۋە چېلىشىشنىڭ ئاخىرىدا ۋېرنون تاغا ھاسىراپ- ھۆمىدەپ ئورنىدىن تۇردى، قولىدا خارىنىڭ خېتىنى چىڭ سىقىمدىۋالغانتى.
خارىغا، « دەرھال ئىشكابىڭ- دىمەكچى بولغىنىم، ھۇجراڭغا قايت،» دەپ ھۆركىرىدى. « دادلېي… كەت… پەقەتلا… كەت.»
خارى يېڭى ھۇجرىسىدا ئالدىغا كەينىگە ماڭغاچ ئويلاندى. بىركىم ئۇنىڭ ئىشكاپتىن بۇ ئۆيگە كۆچكەنلىكىنى بىلەتتى، تۇنجى خەتنى تاپشۇرىۋالالمىغانلىقىنىمۇ بىلىدىغاندەك قىلاتتى. ئۇنداقتا ئۇلار قايتا سىناپ باقىدۇ، شۇنداقمۇ؟ بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئۇلارنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك ئىدى. ئۇ بىر پىلان تۈزۈپ چىقتى.
رېمونت قىلىنغان سائەت ئەتىسى ئەتىگەن سائەت ئالتىدە جىرىڭلىدى. خارى دەرھال ئۇنىڭ زۇۋانىنى بېسىقتۇردى، ئاندىن ئۈن-تىنسىز كىيىملىرىنى كىيدى. دۆرسلېيلەرنى ئويغىتىۋەتسە بولمايتتى. چىراقلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ياندۇرماستىن ئاستا پەلەمپەيدىن چۈشتى.
پوچتىكەشنى پرېۋىت درېۋ كوچىسىنىڭ كىرىشىدە ساقلاپ ، دۆرسلېيلەردىن بۇرۇن تۆتىنجى نومۇرنىڭ پوچتىلىرىنى ئېلىۋالماقچى بولغان ئىدى. قاراڭغۇ كارىدوردا ئاۋايلاپ مېڭىۋاتقاندا يۈرىكى تېز-تېز سوقۇۋاتاتتى.
« ۋايجاااان!»
خارى چۆچۈپ سەكرەپ كەتتى، ئىشىكنىڭ ئالدىدىكى يوغان، يۇمشاق بىر نەرسىگە دەسسەپ سالغان ئىدى. جېنى بار بىر نەرسىگە!
ئۈستى قەۋەتتىكى چىراقلار ياندى. خارى چۆچۈپ تۇرۇپ، ئۇ يوغان يۇمشاق نەرسىنىڭ تاغىسىنىڭ يۈزى ئىكەنلىكىنى بىلدى. ۋېرنون تاغا، سىرتقا چىقىدىغان ئىشىكنىڭ ئالدىدا، بىر ئۇيقۇ تۇلۇمىنىڭ ئىچىدە ياتاتتى، ئېنىقلا خارىنىڭ شۇ تاپتا قىلماقچى بولغان ئىشىنى قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن. ۋېرنون تاغا خارىغا يېرىم سائەتتەك چالۋاقىدى. كيىن ئۇنىڭغا، ئۆزىگە چاي دەملەپ بېرىشنى بۇيرۇدى. خارى بەخىتسىزلىكىگە ئېچىنىپ، پۇتىنى سۆرەپ ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى، قايتىپ چىققىنىدا پوچتىكەش ئاللىقاچان كېلىپ كېتىپ بولغان، خەتلەر ئۇدۇللا تاغىسىنىڭ ئالقىنىغا چۈشكەنتى. خارى يېشىل قەلەم بىلەن ئادرىس يېزىلغان ئۈچ خەت كۆردى.
«ئۇنى ماڭا…» دەپ گەپ باشلىشىغا ۋېرنون تاغا خەتلەرنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ يىرتىپ تاشلىدى.
ئۇ كۈنى ۋېرنون تاغا ئىشقا بارمىدى. ئۇ كۈنى ئۇ پوچتا ساندۇقىنىڭ ئاغزىنى مىخلىۋەتتى.
«قارا» دەپ چۈشەندۈردى ئۇ پەتۇنيا ھاممىغا، ئاغزىدا مىخلارنى چىشلەپ تۇرۇپ، «ئۇلار خەتنى يەتكۈزەلمىگەنچە، ئاخىرى بەل قويۇۋېتىدۇ»
«مەن بۇنىڭدىن گۇمانلىنىۋاتىمەن ۋېرنون»
«ئاھ، بۇ ئادەملەرنىڭ كاللىسى بىزنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئىشلەيدۇ پەتۇنيا، ساڭا ياكى ماڭا ئوخشىمايدۇ» دەۋاتقاندا، پەتۇنيا ئۇنىڭغا ئەكىلىپ بەرگەن بىر پارچە مېۋىلىك تورت بىلەن مىخ قېقىشقا تىرىشىۋاتاتتى.
جۈمە كۈنى خارىگە بىرىمۇ كەم ئەمەس ئون ئىككى مەكتۇپ كەلدى. پوچتا ساندۇقى مىخلانغان بولغاچقا، خەتلەر ئىشىكنىڭ ئاستىدىن كىرگۈزۈۋېتىلگەن، قىرىدىكى يوچۇقلارغا تىقىپ قويۇلغان ھەتتا بىرنەچچىسى ئاستى قەۋەتتىكى ھاجاتخانىنىڭ كىچىك دېرىزىسىدىن كىرگۈزۈۋېتىلگەنىدى.
ۋېرنون تاغا يەنە ئىشقا بارمىدى. پۈتۈن مەكتۇپلارنى كۆيدۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، بولقىدىن بىرنى ئالدى ۋە كەينى ئىشىكلەرنىڭ پۈتۈن يوچۇقلىرىنى مىخلىۋەتتى، شۇڭا ھېچكىم سىرتقا چىقالمايدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ ئىشلەۋاتقاندا ‘نىلۇپەرلەرنىڭ ئۈستىدە پۇتىنىڭ ئۇچىدا مېڭىش’ دىگەن ناخشىنى غىڭشىپ قويۇۋاتاتتى، ھەرقانداق بىر شەپە ئۇنى چۆچۈتەتتى.
شەنبە كۈنى ئىشلار باشقۇرۇپ بولغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتتى. خارىغا كەلگەن يىگىرمە تۆت پارچە خەت سۈتچى مېھمانخانىنىڭ دېرىزىسىدىن بەرگەن تۇخۇملارنىڭ ئىچىگە يۆگەپ سېلىنىش ئارقىلىق ئۆيگە كىرگەن ئىدى. ۋېرنون تاغا پوچتىخانىغا ۋە سۈت فىرمىسىغا تېلىفۇن بېرىپ ئەيىبلەيدىغان بىرەر ئادەم ئىزدەۋاتقاندا پەتۇنيا ھامما خەتلەرنى يىمەكلىك ئېزىدىغان ماشىنىسىدا ئېزىۋەتتى.
«بۇ دۇنيادا ياشايدىغان قانداق بىر ئادەم سەن بىلەن پاراڭلىشىشنى بۇنچىۋلا ئارزۇلايدىغاندۇ؟» دەپ سورىدى دادلېي خارىدىن ھەيرانلىق بىلەن.
يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ۋېرنون تاغا ناشتا قىلغىلى ئولتۇرغاندا ھارغىن ۋە كېسەل چىراي كۆرۈنەتتى، ئەمما يەنىلا خۇشال ئىدى.
«يەكشەنبە كۈنى، پوچتا يوق!» دىدى ئۇ مېۋە قىيامىنى گېزىتىغا ئېقىتىپ تۇرۇپ، خۇشاللىق بىلەن «لەنەت تەگكۈر خەتلەردىن بىرسىمۇ…»
دەل شۇ ۋاقىتتا تۇرخۇندىن بىر نەرسە ۋىڭىلداپ ئۇچۇپ كېلىپ ۋېرنون تاغىنىڭ بېشىنىڭ كەينىگە تەگدى. ئارقىدىنلا ئوتتۇز يا بولمىسا قىرىق پارچە خەت تام مەشنىڭ ئىچىدىن ئارقا-ئارقىدىن ئوقتەك ئۇچۇپ چىققىلى تۇردى. دۆرسلېيلەر قاچىدىغان تۆشۈك تاپالماي قالدى ئەمما خارى خەتلەردىن بىرنى بولسىمۇ ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ئورنىدىن چاچراپ قوپتى.
«چىقىڭلار! تېز تېشىغا چىقىڭلار!»
ۋېرنون تاغا خارىنى بېلىدىن تۇتۇۋالدى ۋە كارىدورغا ئىتتىرىۋەتتى. پەتۇنيا ھامما ۋە دادلېي يۈزلىرىنى تۇتۇپ قېچىپ چىققاندا ۋېرنون تاغا ئىشىكنى يېپىۋەتتى. ئەمما تېخىچە خەتلەرنىڭ ئېتىلىپ چىقىپ تامغا ۋە يەرگە سوقۇلۇۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
«بولدى! ئەمدى يېتەر!» دېدى ۋېرنون تاغا. تەمكىن سۆزلەشكە تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ بىر تەرەپتىن بۇرۇتىنى تۇتام تۇتام يۇلۇۋاتاتتى. «بەش مىنۇتقىچە ھەممىڭلار تەييار بولۇڭلار. كېتىمىز. پەقەتلا كىيمىڭلارنى ئېلىۋېلىڭلار. ھېچكىم تالاش تارتىش قىلمىسۇن!»
ئۇ يېرىمى يۇلۇنۇپ كەتكەن بۇرۇتى بىلەن قارىماققا شۇنداق خەتەرلىك ھەم ۋەھشى كۆرۈنەتتى، شۇڭا ھېچكىم بىر نەرسە دىيىشكە پېتىنالمىدى. ئون مىنۇتتىن كېيىن ئۇلار مىخلانغان ئىشىكلەرنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىن چىقىپ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ چوڭ يولدا تېز سۈرئەت بىلەن كېتىۋاتاتتى. دادلېي كەينى ئورۇندۇقتا پۇشۇلداپ ئولتۇراتتى، چۈنكى ئۇ تېلىۋىزورىنى، كومپىيۇتىرىنى ۋە سىن قويۇش ئاپپاراتىنى سومكىسىغا تىقىشتۇرۇۋاتقاندا دادىسى ئۇنى كۆرۈپ قالغان ھەم ئۇلارنى ساقلىتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن بىر شاپىلاق سالغانتى.
ئۇلار ماڭدى، ماڭدى… ھەتتا پەتۇنيا ھاممىمۇ قەيەرگە ماڭغانلىقىنى سوراشقا پېتىنالمىدى. ۋېرنون تاغا ھەمىشە ماشىنىنىڭ رولىنى قاتتىق بۇراپ بىر مەزگىل ئوخشىمايدىغان يۆلىنىشتە ماڭاتتى.
«قۇتۇلغىن، ئۇلاردىن قۇتۇلغىن…» دەپ غۇدۇڭشىيتتى ئۇ ھەر قېتىم مۇشۇنداق قىلغاندا.
ئۇلار بىرەر نەرسە يەپ ئىچىش ئۈچۈنمۇ توختىمىدى. كەچ كىرىۋاتقاندا دادلېي ھۆڭرەپ يىغلاشقا باشلىغانىدى. ئۇ ئۆمرىدە بۇنداق ناچار بىر كۈن ئۆتكۈزۈپ باقمىغان، ئۇنىڭ قورسىقى ئاچقان، كۆرگۈسى بار بەش تېلىۋىزور پروگراممىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ئۇنىڭ ئۈستىگە كومپىيۇتىرىدا بىر تالمۇ تاشقى پىلانىت ئادىمى ئۆلتۈرمەي بۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت چىداپ تۇرۇپ باقمىغان.
ۋېرنون تاغا ئاخىرى چوڭ بىر شەھەرنىڭ سىرتىدىكى خىلۋەت بىر جايدىكى كىچىك بىر مېھمانىخانىنىڭ ئالدىدا توختىدى. خارى بىلەن دادلېي زەي پۇراپ كۆكىرىپ قالغان كىرلىك سېلىنغان ئىككى كارۋات بار بىر ھۇجرىدا ياتتى. دادلېي خورەك تارتىپ ئۇخلاپ كەتتى، ئەمما خارى ئۇخلىيالمىدى، دېرىزىنىڭ تەكچىسىدە ئولتۇرۇپ ئۆتكەن كەچكەن ماشىنىلارنىڭ چىراقلىرىغا قاراپ چوڭقۇر خىيالغا چۆكتى…
ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇلار كونىراپ كەتكەن قوناق پېچىنىسى ۋە سوغۇق كونسېرۋا پەمىدۇر بىلەن بولكا يېدى. مېھمانخانا كۈتكۈچىسى يېنىغا كەلگەندە، ئۇلار ناشتىسىنى قىلىپ بولاي دېگەن ئىدى.
«كەچۈرۈڭلار، ئەمما ئاراڭلاردا خارى پوتېر ئەپەندىم بارمۇ؟ بۇلاردىن ئاز دىگەندە يۈز پارچە كەلدى، ھەممىسى پەستە ئۈستەلدە تۇرىدۇ»
ئۇ بىر پارچە خەتنى كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار لېپاپتىكى يېشىل ئادرېسنى كۆردى.
خ. پوتېر ئەپەندىم
17- ھۇجرا
رەىلۋىۋ مېھمانخانىسى
كوكۋورت
خارى خەتنى ئېلىۋالماقچى بولدى، ئەمما ۋېرنون تاغا ئۇنىڭ قولىنى ئىتتىرىۋەتتى. كۈتكۈچى ئايال ھەيران بولۇپ قاراپلا قالدى.
«ئۇلارنى مەن تاپشۇرۇۋالاي» دېدى ۋېرنون تاغا، چاققانلىق بىلەن ئورنىدىن تۇردى ۋە كۈتكۈچىنىڭ كەينىدىن چىقىپ كەتتى.
«بىز ئۆيگە كەتكەن بولساق ياخشىراق بولماسمىدى قەدىرلىكىم؟» دېدى پەتۇنيا ھامما، بىرنەچچە سائەتتىن كېيىن تېنەپ-تەمتىرەپ… ئەمما ۋېرنون تاغا ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمىغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ ئەسلىدە نېمىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ھېچقايسىسى بىلمەيتتى. ئۇ ئۇلارنى ئاۋۋال بىر ئورمانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئەكىلىپ قويدى، ئاندىن ماشىنىدىن چۈشۈپ ئەتراپىغا قاراپ باقتى، بېشىنى چايقىدى، قايتا ماشىنىغا چىقتى. ئاندىن ئۇلار يولىنى داۋاملاشتۇردى. ئوخشاش ئىش بىر ئېتىزلىقنىڭ، بىر ئاسما كۆۋرۈكنىڭ ۋە كۆپ قەۋەتلىك بىر ماشىنا توختىتىش مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قايتا-قايتا تەكرارلاندى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دادلېي ئاپىسىدىن «دادام ساراڭ بولۇپ قالدى شۇنداقمۇ؟» دەپ تازا تېتىقسىز بىر سوئال سورىدى. ۋېرنون تاغا بۇ چاغدا ماشىنىسىنى دېڭىز ساھىلىدا توختىتىپ، باشقا ھەممىسىنى ماشىنىنىڭ ئىچىدە قويۇپ، ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى قۇلۇپلاپ، نەلەرگىدۇر يوقاپ كەتكەنىدى.
يامغۇر ياغقىلى تۇردى. چوڭ يامغۇر تامچىلىرى ماشىنىنىڭ ئۈستىگە سوقۇلۇپ تۇراتتى. دادلېي يىغلاپ كەتتى.
«بۈگۈن دۈشەنبە» دېدى ئۇ. «تېلىۋىزوردا چوڭ ھۇمبېرتو قويۇلاتتى. مەن تېلىۋىزورى بار بىر يەردە تۇرۇشنى خالايمەن!»
دۈشەنبە. بۇ خارىغا باشقا بىر نەرسىنى ئەسلىتىپ قويدى. بۈگۈن دۈشەنبە – ھەپتىنىڭ كۈنلىرىنى بىلىش جەھەتتە دادلېيگە ئىشىنىشكە بولاتتى، چۈنكى ئۇ داۋاملىق تېلىۋىزور كۆرەتتى. ئۇنداقتا ئەتە سەيشەنبە، خارىنىڭ ئون بىرىنچى تۇغۇلغان كۈنى. ئەلۋەتتە خارىنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرى ئانچە كۆڭۈللۈك ئۆتمەيتتى. ئۆتكەن يىلى دۆرسلېيلەر ئۇنىڭغا بىر كىيىم ئاسقۇچ ۋە ۋېرنون تاغىنىڭ بىر جۈپ كونا پايپىقىنى سوۋغا قىلغانتى. نېمىلا بولمىسۇن، بىر ئادەم ئۆمرىدە بىر قېتىملا ئون بىر ياشقا كىرىدۇ-دە!
ۋېرنون تاغا كۈلۈمسىرىگەن ھالدا قايتىپ كەلدى. يەنە تېخى قولىدا ئۇزۇنچاق بىر قۇتا بار ئىدى ۋە پەتۇنيا ھامما ئۇنىڭدىن نېمە سېتىۋالغانلىقىنى سورىغاندا جاۋاپ بەرمىدى.
«مۇكەممەل بىر جاي تاپتىم!» دېدى ئۇ، «يۈرۈڭلار، ھەممىڭلار چىقىڭلار!»
سىرت ئىنتايىن سوغۇق ئىدى. ۋېرنون تاغا دېڭىزنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇرغان چوڭ قىيا تاشتەك بىر نەرسىنى كۆرسىتىۋاتاتتى. بۇ قىيانىڭ ئۈستىگە بولسا، سىز تەسەۋۋۇر قىلالايدىغان ئەڭ بىچارە ئەڭ كىچىك كەپە جايلاشقان ئىدى. شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇ يەردە تېلىۋىزور يوق ئىدى.
«بۈگۈن بوران چىقىدۇ!» دىدى ۋېرنون تاغا كەيپى چاغ ھالدا، چاۋاك چېلىپ تۇرۇپ: «ۋە بۇ ئەپەندىم دوستانىلىق بىلەن بىزنىڭ قېيىقىنى ئىشلىتىپ تۇرۇشىمىزغا رۇخسەت قىلدى!»
ئاغزىدا چىش قالمىغان. كوماك بىر قېرى ئۇلارغا قاراپ پۇتلىرىنى سۆرىگەن ھالدا كەلدى، ئۇلارنى زاڭلىق قىلغاندەك ھىجىيىپ تۇرۇپ… ئالدىدىكى تۆمۈردەك قارا رەڭلىك سۇدا لەيلەپ تۇرغان كونا بىر قېيىقنى كۆرسەتتى.
«يەتكۈدەك يىمەكلىك سېتىۋالدىم» دېدى ۋېرنون تاغا، «قېنى بولۇڭلار، ھەممىڭلار قېيىققا چىقىڭلار!»
قېيىقنىڭ ئىچى ئاجايىپ سوغۇق ئىدى. بىر تەرەپتىن چاچىراپ تۇرىدىغان مۇزدەك دېڭىز سۈيى ۋە يامغۇر ھەممىسىنىڭ ياقىسىدىن كىرىپ ئۇلارنى ھۆل قىلىۋەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن شىددەتلىك سوغۇق شامال يۈزلىرىنى مۇزلىتىۋەتكەنىدى. ئاخىرى قىيا تاشنىڭ يېنىغا كەلگەندە ھەممىسى ئارىدىن نەچچە سائەت ئۆتكەندەك ھېس قىلىۋاتاتتى، ۋېرنون تاغا ھېلى سەنتۈرۈلۈپ، ھېلى ھۆل يەردە تېيىلىپ يىقىلغىلى تاس قالسىمۇ، ئۇلارنى ئاخىرى ھېلىقى كىچىك ۋەيرانە كەپىگە باشلاپ كىردى.
كەپىنىڭ ئىچى تېخىمۇ بەتتەر ئىدى؛ ھەممە يەرگە دېڭىز يوسۇنىنىڭ پۇرىقى سىڭىپ قالغان، ياغاچلارنىڭ ئارىلىقىدىن شامال غوڭۇلداپ كىرىپ تۇرىدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە تام مەش ھۆل بولۇپ كەتكەن، ھەم ئىچىدە بىرەر تال ئوتۇنمۇ يوق.
ۋېرنون تاغا سېتىۋالغان يىمەكلىك بولسا ھەممىسىگە بىر خالتىدىن پىرەنىك بىلەن بىردىن بانان ئىدى. ئۇ ئوت يېقىشقا ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ قۇرۇق پىرەنىك قاپلىرى ئازراق تۈتەك چىقىرىپ يوقاپ كەتتى.
«ئاشۇ خەتلەردىن بىرەرسى بولسىچۇ ھازىر ھە!» دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.
ئۇنىڭ كەيپى خېلىلا كۆتۈرۈلۈپ قالغانىدى. شۇنىسى ئېنىقكى، بۇنداق قاتتىق بوراندا بۇنداق يەرگە ھېچكىم خەت يەتكۈزۈپ بېرىمىز، دەپ ئاۋارە بولۇپ يۈرمەيدۇ، ھەم كېلەلمەيدۇ دەپ قارايتتى. خارىمۇ شۇنداق قارايتتى، ئەمما ۋېرنون تاغىغا ئوخشىمايدىغان يېرى بۇ ئۇنى قىلچە خۇش قىلالمىغان ئىدى.
قاراڭغۇ چۈشكەندە، ئويلىغاندەكلا، قاتتىق بوران چىقتى. دېڭىز دولقۇنلىرى كەپىنىڭ تاملىرىنى ھۆل قىلىۋەتتى، قاتتىق شامال كونا دېرىزىلەرنى جالاقشىتىۋەتتى. پەتۇنيا ھامما كەپىنىڭ يەنە بىر ھۇجرىسىدىن بىرنەچچە تال زەي پۇراپ قالغان ئەدىيال تېپىۋالدى ۋە ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن بىر سافادا دادلېيگە ئورۇن راسلاپ بەردى. ئۆزى ۋە ۋېرنون بولسا ئىشىكنىڭ يېنىدىكى مايماق كەتكەن كارۋاتتا ياتتى، خارى بولسا يەرنىڭ ئەڭ يۇمشاق پارچىسىنى تېپىپ،ئەڭ كونا ھەم نېپىز ئەدىيالغا يۆگىنىپ يېتىشقا مەجبۇر بولدى! يېرىم كېچىگە يېقىن بوران تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى. خارى ئۇخلىيالمىدى. ئۇ سوغۇقتىن تىترەپ كېتىۋاتاتتى، قورسىقى ئاچقانىدى. ياتقان يېرىدە ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆرۈلۈپ باقتى، ئەمما يەرنىڭ ھەممىلا يېرى ئوخشاشلا قاتتىق ئىدى! يېرىم كېچىگە يېقىن ھاۋا گۈلدۈرلەپ چاقماق چاققىلى تۇردى، خۇداغا شۈكرى، بۇ ئاۋاز دادلېينىڭ خورەك ئاۋازىنى بېسىپ چۈشتى. دادلېينىڭ سافانىڭ قىرىدىن ساڭگىلاپ تۇرغان بودەك بىلىكىدىكى يېنىپ تۇرىدىغان ئېلىكتىرونلۇق سائىتىگە قارىغاندا، خارى، ئون مىنۇتتىن كېيىن ئون بىر ياشقا كىرەتتى. ياتقان يېرىدىن تۇغۇلغان كۈنىنىڭ بىر سىكونت بىر سىكونتتىن يېقىنلاپ كېلىشىگە قاراپ ياتقان چاغدا، خارى دۆرسلېيلەر تۇغۇلغان كۈنۈمنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەنمىدۇ، ماڭا ئۇ خەتلەرنى يازغان ئادەم شۇ تاپتا زادى قەيەردىدۇ، دېگەنلەرنى خىيال قىلىۋاتاتتى.
بەش مىنۇت قالدى. ئۇ سىرتتا بىر نەرسىنىڭ تاراقشىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى. ئۆگزىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ئۇلارنى بېسىۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلدى، گەرچە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولسا بەلكىم خارى ئىسسىپمۇ قالار ئىدى. تۆت مىنۇت قالدى. بەلكىم ئۇلارنىڭ پرېۋىت درېۋدىكى ئۆيى ئۇنىڭغا كەلگەن خەتلەر بىلەن لىققىدە توشۇپ كەتكەندۇ، شۇنىڭ بىلەن ئېھتىمال، ئۇ بىرەر تالنى چاندۇرماي ئېلىۋالار…
ئۈچ مىنۇت قالدى. قورام تاشقا مۇشۇنچىۋالا شىددەتلىك سوقۇلۇۋاتقان دېڭىزمىدۇ؟ ئۇنداقتا (ئىككى مىنۇت قالدى) بۇ غەلىتە كاراسلىغان ئاۋازچۇ؟ قورام تاش پارچىلىنىپ دېڭىزغا چۆكۈپ كېتىۋاتامدۇ نېمە؟
بىر مىنۇت قالدى، بىر مىنۇتتىن كېيىن ئون بىر ياشقا كىرىدۇ. ئوتتۇز سىكونت… يىگىرمە… ئون… توققۇز… – بەلكىم ئۇ دادلېينى، جىلى قىلىش ئۈچۈن ئويغىتىۋەتسە قىززىقارلىق بولار – ئۈچ، ئىككى، بىر…
گۈپ!
كىچىك كەپە شىددەتلىك تەۋرەپ كەتتى ۋە خارى چاچىراپ تۇرۇپ ئىشىككە قارىدى. سىرتتا بىرسى، ئىچىگە كىرىش ئۈچۈن ئىشىكنى چېكىۋاتاتتى.