ئاپتورى: ئاندرۇۋ كلېمىنتس
تەرجىمە قىلغۇچى: ماھىنۇر ئۇيغۇر
3- باب: ھاقارەتلەر
«بەش مىنۇت ئاغزىڭنى يۇمۇشقا توغرا كەلسە، چوقۇم ئوتتۇرىدىن يېرىلىپ ئىككى پارچە بولۇپ كېتەتتىڭ!» بۇ سۆزلەر ئاغزىدىن چىققان ھامان دەيۋنىڭ كاللىسىدا ئىككى خىيال پەيدا بولدى.
بىرىنچىسى، «قاملاشمىغان!» دىگەن سۆز. چۈنكى گەپ قىلماسلىق قارارىنى ئەسلەپ قالدى.
ئىككىنچىسى بولسا، «گەندى چوقۇم بۇنداق بىر نەرسە دىمەيتتى» دىگەن خىيال. ئىشقىلىپ، ھەر نىمە بولمىسۇن، دىگەن گېپى يېقىملىق بىر گەپ ئەمەستى.
ئەمما بۇ سۆزلەر دەيۋنىڭ ئاغزىدىن چىققان ۋە لىينسېي بۇرگېسقا ئېيتىلغان ۋە بىر سەۋەبى بار.
شۇنىڭ ئۈچۈن بىرئاز كەينىمىزگە قايتىپ نېمە ئىش بولغانلىقىغا قاراپ باقايلى.
دەيۋ لام جىم دىمەستىن ئۆچرەتكە كىرىپ ئىشىنى قىلغان. پىتسانى ۋە مېۋە قاچىسىنى قولى بىلەن كۆرسەتكەن، «بولىدۇ، رەھمەت» دىيىشنىڭ ئورنىغا بېشىنى ئالدىغا كەينىگە لىڭشىتقان؛ «ياق رەھمەت» دىيىشكە توغرا كەلگەندە بېشىنى ئوڭغا سولغا لىڭشىتقان. توڭلاتقۇدىن بىر قۇتا سۈتنى ئېلىپ ۋىتېللى خانىمغا تاماق كارتىنى كۆرسەتكەن. پات پات كۈلۈمسرىگەن.
گەپ قىلىشچۇ؟ ئانچە مۇھىم ئەمەس.
كىيىن ھەر ۋاقىتتىكىدەك، بىرنەچچە دوستى بىلەن ئوخشاش ئۈستەلگە ئولتۇرغان. ئەمما پاراڭغا قوشۇق سېلىش ئورنىغا، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ داۋاملىق بىر نەرسە يەپ ئاغزىنى بىكار قىلماسلىققا تىرىشقان.
گەپ قىلىشچۇ؟ ئانچە مۇھىم ئەمەس.
ھەم دەيۋ گەپ قىلمىغاچقا، پۈتۈن دىققىتى بىلەن تىڭشاۋاتاتتى.
چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا باشقا نەرسىلەرگە قۇلاق سېلىش، ھەقىقەتەن تىڭشاش، ئۇنىڭ ئۈچۈن يېپيېڭى بىر تەجرىبە ئىدى. چۈنكى دەيۋ كۆپىنچە ۋاقىتتا ناھايىتى كوت كوت.
كۆردۈڭلارمۇ؟ دەيۋ ھەققىدە يەنە بىر نەرسە بىلىۋالدۇق. ۋە بۇ مەلۇمات ئۇنىڭ گەندىگە نىمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا قىززىققانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. ئەگەر سىز دەيۋدەك بىر كوتكوت بولسىڭىز گەندىدەك جىمجىت تۇرۇۋالالايدىغان بىرسى سىزنى شۇنچىۋالا ھەيران قالدۇرالايدۇ.
چۈنكى دەيۋ پاراڭلىشىشنى ھەقىقەتەن ياختۇراتتى. ھەرقانداق بىر تېما ھەققىدە، توختاپ قالماي سۆزلىيەلەيتتى -كالتەك توپ، ئاپتوموبىل، دىنوزاۋۇر، ئالماس ئوۋچىلىقى، پۇتبول، مۇز تېيىلىش، سۇ تېيىلىش، ھەممە ياختۇرىدىغان كىتاپلار، ئەڭ ياخشى پۇتبولچىلار، لاگىر، قېيىقچىلىق، كومپىيۇتىر ئويۇنلىرى، رەسىملىك رومانلار، تېلىۋىزور پروگراممىلىرى، كىنولار- ئېسىڭىزگە ئالالايدىغان ھەرقانداق تېمىدا. دەيۋنىڭ قىززىقىشلىرىنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭتى ۋە ھەممە نەرسە ھەققىدە ئوتتۇرغا قويۇشقا تېگىشلىك، بىردىن كۆپ كۆز قارىشى، چوقۇم، بار ئىدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، توختىماي سۆزلەش دەيۋگە خۇددى ھەممە نەرسىنى شۇ باشقۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلدۇراتتى. بۇ ئىش، قاتناش يولىنىڭ مەركىزىدىكى قاتناش ساقچىسى بولۇشقا ئوخشايتتى. ئۇ سۆزلىگەن ۋاقىتتا ماشىنىلار ئۇ خالىغان يۆلىنىشتە ماڭاتتى. بۇ ئۇسۇل، بولۇپمۇ بالىلار بىربىرسىنى تىللىشىپ كەتكەندە ، خېلى قوللىنىشچان بولۇپ قالاتتى. بىرەر ئىشنى تەنقىد قىلىشقا توغرا كەلگەندە بولسا ھېچكىم دەيۋگە يېتەلمەيتتى.
ئەمما بۈگۈن چۈشتە، نۇتۇق سۆزلەش نۆۋىتى باشقا كوت-كوتلارغا كەلگەن.
دەيۋ بىر تەرەپتىن پىتساسىنى يەپ بىر تەرەپتىن سۈتىنى ئىچكەچ ھەممە گەپكە قۇلاق سېلىۋاتاتتى. بىراق، بىرنەچچە مىنۇتتىن كىيىن لىينسېي بۇرگىسسنىڭ گەپلىرى قۇلىقىغا كىرىپ قالدى. تامامەن ئىختىيارسىز…
دەيۋنىڭ كەينىدىكى ئۈستەلدە ئولتۇرسىمۇ ۋە تاماق زالى ۋاراڭ چۇرۇڭدىن ئۆرۈلۈپ چۈشەي دىگەن بولسىمۇ، لينسېينىڭ ھاۋانى پىچاقتەك يارىدىغان، چىرقىراق ئاۋازى ئاڭلىنىپلا تۇراتتى.
«… شۇنىڭ بىلەن مەن ‘چاقچاق قىلىۋاتامسەن’ دىدىم؛ ئۇمۇ ماڭا ‘ساڭا نىمە بولدى ئەمدى؟’ دىدى؛ شۇڭا مەن ‘چۈنكى ئۇنى ئاۋال مەن كۆرگەن’ دىدىم؛ چۈنكى ئاۋال مەن كۆرگەنتىم، رەڭگى دەل ماڭا مۇۋاپىق كېلەتتى دەڭلار، چۈنكى مېنىڭ چېچىم قوڭۇر رەڭ، ئۇنىڭكى بولسا ھېلىقى چاشقاننىڭكىدەك سېرىق؛ ئەمما ئاپىسىمۇ شۇ يەردە، شۇ ماگزىندا ئىدى ۋە مايكىنى ئېلىپ ئاپىسىنىڭ يېنىغا كەتتى، ئاپىسى ئۇنى سېتىۋالدى! ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ شۇنداقمۇ؟ ئۇ پوپايكىنى ئېلىشنى ھەممە نەرسىدىن بەك ئارزۇ قىلىدىغانلىقىمنى بىلەتتى ئەمما يەنىلا بېرىپ سېتىۋالدى. كىيىنچۇ؟ جۇمە كۈنى مەكتەپتىن چۈشكەندىن كىيىنكى پۇتبول مەشىقىدە؟ خۇددى مەن بىلەن دوست بولغۇسى باردەك ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەۋەردى -خۇددى مەن شۇنىڭ بىلەن دوست بولىدىغاندەك! ئادەمنىڭ ئىشەنەۈسى كەلمەيدۇ شۇنداقمۇ؟»
ياق، دەيۋنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. بىر ئادەمنىڭ بۇنداق تىنىپمۇ قويماي بۇنداق ئۇزۇن سۆزلىيەلەيدىغانلىقىغا، بۇنداق توختىماي كوتۇلداپ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنچىۋالا، ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ ھەم بىزار قىلالايدىغانىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. پىتساسىدىن يەنە بىر چىشلەم يىدى ۋە ئۇنىڭ گېپىگە ئېرەن قىلماسلىققا ئۇرۇنۇپ باقتى ئەمما لىينسېي سۆزلەشنى تېخى ئەمدى باشلىغانتى.
«… ئۇنىڭ ئۈستىگە مەشىقتىن كىيىن يېنىمغا كەلمەمدىغان؟ ‘ئال، بۇنى ساڭا بېرەي’ دەپ ماڭا ئۇ پوپايكىنى بەرمەكچى بولدى. مەن بولسام، خۇددى ئۇنىڭ قولىدا تۇتۇۋاتقىنى چاشقان ئۆلۈكىدەك كەينىمگە بىرنەچچە كەدەم مېڭىپ، ‘راستتىنلا مېنى بۇنى كىيىشنى خالايدۇ دەپ قالدىڭما؟ بۇنداق سەت نەرسىنى مەن ھەرگىز كىيمەيمەن!’ دىدىم. ئۇ بولسا ‘شۇنداقمۇ!’ دىدى -راستتىنلا، دەل مۇشۇنداق- پەقەتلا ‘شۇنداقمۇ!’ – ۋە پوپايكىنى ئېلىپ كېتىپ قالدى. ئەمما ھازىر ئۇنداق دىمىسەم بوپتىكەن دەپ قالدىم، چۈنكى ھەقىقەتەن رەڭگى دەل ماڭا ماس كېلىدىغان رەڭتى ھەم رەختىمۇ شۇنداق يۇمشاق…»
شۇ ۋاقىتتا دەيۋ، «بىر ئۈنئالغۇم بولسا بولاتتى» دەپ ئويلاپ كەتتى. بىر ئۈنئالغۇسى بولسا ۋە مەكتەپتە ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنغان بولسا، ئىككى قۇلىقىغا قۇلاقلىقنى تىقىۋېلىپ، ئاۋازىنى يۇقرى قىلىۋالالىسا… لىينسېينىڭ ئاۋازىدىن قۇتۇلسىلا مەيلىتى!
«چۈنكى، ھېلىقى يۇڭ پوپايكام بارغۇ؟ ئۇنى كىيمەكچى بولۇۋېدىم بوينۇمنى قىچىشتۇرۇپ ئارام بەرمىدى، ئىككى مىنۇتمۇ چىدىيالمىدىم، ئەمما كىيىن مەسىلە ھەل بولدى چۈنكى ئاپام ئىشكاپنىڭ تېگىدىن بىر يەرلەردىن بۇ تىك ياقىلىقى مايكىنى تاپتى، مەن بۇندق بىر مايكام بارلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغانتىم دىسە، ھەم رەڭگىمۇ ھالرەڭكەن، مانا بۇ مايكىنى كىيىپ ئۈستىگە پوپايكىنى كىيگەنتىم بىر ئوبدان بولدى، راستلا، ئىككىسىنىڭ رەڭگى شۇنداق ياخشى ماسلاشتى، خۇددى ژۇرنالدىكى رەسسىملەردىكىدەك. ياشلار ژۇرنىلىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىكى نۇسخىسى بارغۇ؟ جېننا، لورى ۋە كېت ھېلىقى يىغىلىشاق بارغانتى، ھېلىقى ھولىيۋۇددىكىغۇ دەيمەن؟ جېننا مېنىڭ پوپايكامغا ئوخشاش پوپايكا كىيىۋاپتۇ، ئاستىغا…»
مانا بۇ دەل دەيۋ جىمجىتلىقىنى بۇزغان ۋاقىت، كەينىگە بۇرۇلۇپ «بەش مىنۇت ئاغزىڭنى يۇمۇشقا توغرا كەلسە، چوقۇم ئوتتۇردىن يېرىلىپ ئىككى پارچە بولۇپ كېتەتتىڭ!» دەپ ۋارقىرىغان ۋاقىت.
گېپى بەك يېقىملىق بىر گەپ ئەمەستى، ھەم تەجرىبىسىنى بۇزۇۋەتكەنتى، ئەمما دەيۋ يەنىلا بۇنداق دىۋالغىنىغا خوش. چۈنكى لىينسېي ئاخىرى سۆزلەشتىن توختىغان.
ئەمما جىمجىتلىق، كۆپ بولغاندىمۇ، پەقەت ئۈچ سىكونت داۋاملاشتى.
لىينسېي «يۆتىلىڭ توختاپتۇ دە؟ بىركىم غىڭشىغاندەك قىلىدىمۇ نېمە؟» دىدى. لىينسېي ۋە دوستلىرى دەيۋگە تىكىلىپ تۇراتتى. «بىر نەرسە دىدىڭمۇ؟»
«ھەئە، دىدىم» دىدى دەيۋ، «بەش مىنۇت ئاغزىڭنى يۇمۇشقا توغرا كەلسە، چوقۇم ئوتتۇردىن يېرىلىپ ئىككى پارچە بولۇپ كېتەتتىڭ، دىدىم. ئۈزۈلمە سىزىقىدەك. داۋاملىق ئاغزىڭدىن چىقىپ تۇرىدىغان كۆپ مىقتاردىكى ئىسسىق گاز سەۋەپلىك. چىر چىر چىر، توختاپ قالايمۇ دىمەي سۆزلەۋاتقاندا ئاغزىڭدىن چىقىرىۋېتىدىغان گاز سەۋەپلىك. شۇنداق. ساڭا مۇشۇنداق دىدىم. ساڭا.»
لىينسېي بېشىنى بىر تەرەپكە قىيسايتىپ دەيۋگە قارىدى -خۇددى بىر قۇش، يىۋەتمەكچى بولغان قۇرتقا قارىغاندەك.
«شۇنداقمۇ، گەپ قىلىش قاچاندىن بېرى ئەيىبكە بۇيرۇلىدىغان بولۇپ قالدى؟ سەن ھەر كۈنى ئەتتىگەندىن كەچكىچە كوتۇلدىغاندا ياخشىتىغۇ؟ ھەممىمىز سېنىڭ گەپلىرىڭنى ئاڭلاپ تۇراتتۇق» باشقا قىزلارمۇ باش لىڭشىتىپ، يۈزىنى پۈرۈشتۈردى.
«شۇ» دىدى دەيۋ، «سۆزلەشكە تېگىشلىك مەسىلىلەر بولسا سۆزلەش كېرەكتە!»
«ھەەە» دىدى لىينسېي «دىمەكچى بولغىنىڭ، ئوغۇللار ‘ھوي، ئاڭلىدىڭلارمۇ، پالانچىنى پالانچى كوماندىغا يۆتكەپ كېتىپتۇ؛ ھوي، ئۆتكەن يىلى ئاجايىپ توپ كىرگۈزگەنتى، شۇنداق ئەمەسمۇ، توپنى بەك ئوبدان ئوينايدۇ ئۇ!’ دىگەندەك نەرسىلەر دىيىشسە بولىدۇ. ئوغۇللار توختىماي مۇشۇنداق ئىشلارنى دىيىشسە بولىدۇ يۇ قىزلار ئاندا ساندا كىيىم كېچەكلەر ھەققىدە پاراڭلاشسا بولمايدۇ شۇنداقمۇ؟»
«ياق…» دىدى دەيۋ. «ئەمما مەن ساڭا ئوخشاش سۆزلىمەيمەن، ئۇنداق نەپەسمۇ ئالماي، توختاپ قالماي يۈزلەرچە سائەت. ھەم… ھەم…»
دەيۋ لىينسېينىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىغۇدەك، ئاخىرقى نۇقتىنى قويغىدەك، قاتتىق زەربە بېرەلەيدىغان بىر گەپ تېپىشقا تىرىشىۋاتاتتى. ئاخىرى، «ھەم ئوغۇللار، ھېچقانداق ۋاقىتتا قىزلاردەك جىق گەپ قىلمايدۇ، ھەرگىزمۇ!» دىدى.
دەيۋنىڭ ئاخىرقى گېپىگە چوقۇم دىققەت قىلىڭلار، ئۇنتۇپ قالماڭلار. چۈنكى بولۇپمۇ بۇ بەشىنجى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا كەلگەندە، بۇنداق بىر سۆز ناھايىتى خەتەرلىك ئىدى.
مانا ھازىر لەيكتون باشلانغۇچ مەكتىپىدىى قىزلار ۋە ئوغۇللار ھەققىدە يەنە بىرئاز مەلۇمات بېرىشنىڭ ۋاقتى كەلدى -نېمە ئۈچۈن دەيۋنىڭ بۇنداق بىر نەرسە دىيىشىنىڭ ئەخمىقانىلىك ئىكەنلىكىنى، دەل مۇشۇنى، چۈشەندۈرۈشنىڭ ۋاقتى كەلدى.
چۈنكى دەيۋ توختاپ قالسا بولاتتى.
ھەقىقەتەن، شۇنداق قىلسا بولاتتى.