تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا ناھايىتى باي بىر دۆلەت بولغانىكەن. بۇ دۆلەتنىڭ پادىشاھى يوغان ھەم چىرايلىق بىر كۆلچەك ياساپتۇ. بۇ كۆلچەكنى سۈت بىلەن توشقۇزۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بايلىقىنى باشقا دۆلەتلەرگە كۆز-كۆز قىلماقچى بوپتۇ.
جارچىلار دۇمباقلارنى كۆتۈرۈپ كوچىلاردا ئايلىنىپ پۈتۈن يۇرتقا خەۋەر تارقىتىپتۇ:
– گۈم گۈم گۈم، گۈم گۈم گۈم… ئاڭلىمىدۇق دىمەڭلار! پادىشاھ ئالىيلىرى يوغان بىر كۆلچەك ياسىدى، بۇ كۆلچەككە ھەممە ئادەم بىر چىلەك سۈت قۇيىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سۈت توشقۇزۇلغان يوغان بىر كۆلچىكىمىز بولىدۇ. باشقا دۆلەتلەر، يۇرتىمىزنىڭ بايلىقىنى كۆرىدۇ.
ھەممەيلەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇش بولۇشۇپتۇ. كۆلچەكنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن مېڭىپتۇ. كۆلچەك ناھايتى چوڭ ئىكەن. كۆرگەن ئادەملەر كۆلچەكنىڭ گۈزەللىكىگە ھەيران قاپتۇ.
كېيىنكى قەدەم كۆلچەكنى سۈت بىلەن توشقۇزۇش ئىكەن. جارچىلار يەنە كوچىلاردا ئايلىنىشقا باشلاپتۇ.
– ھەممە ئادەم بۇ كېچە كۆلچەككە بىر چىلەك سۈت قۇيىدۇ،- دەپ خەۋەر بېرىپتۇ.
كەنتتىكىلەر شۇ كېچە قوللىرىدا بىرەر چىلەك بىلەن كۆلچەكنىڭ يېنىغا مېڭىپتۇ، چىلەكلەرنىڭ ئىچىدىكىنى كۆلچەككە قۇيۇپتۇ.
ئەتىسى ئەتىگەندە پادىشاھ كۆلچەكنىڭ يېنىغا كەپتۇ. لېكىن كۆلچەكنىڭ ئىچى سۇ بىلەن توشۇپتۇدەك! نىمە ئۈچۈن دەمسىىز؟
چۈنكى ھەممە ئادەم «زادى ھېچكىم بىلەلمەيدۇ» دەپ ئويلاپ كۆلچەككە سۈتنىڭ ئورنىغا سۇ توشقۇزغانىكەن.
پادىشاھ بۇنى كۆرۈپ:
– ھېچبىر يالغاننى يوشۇرغىلى بولمايدۇ. ھامان ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇنى ھېچ ۋاقىت ئۇنتۇماڭلار،- دەپتۇ.
ھەممەيلەن قىلمىشى ئۈچۈن خىجىل بولۇپ ئۆيىگە قايتىپ كېتىپتۇ.