چارلى ۋە شاكىلات زاۋۇتى (9)

چارلى ۋە شاكىلات زاۋۇتى

ئاپتورى: روئالد داھل

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەبىبە ئۇيغۇر

9-باب: جو بوۋا قىمار ئويناۋاتىدۇ 

ئەتىسى چارلى مەكتەپتىن قايتىپ قېرىلارنىڭ ھۇجرىسىغا كىرگەندە پەقەت جو بوۋىنىڭلا ئويغاق ئىكەنلىكىنى كۆردى. قاغان ئۈچىسى خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتاتتى. 

جو بوۋا «ئاۋاز چىقارما!» دەپ پىچىرلاپ تۇرۇپ چارلىغا يېنىغا كېلىشى ئۈچۈن ئىشارەت قىلدى. چارلى پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ يېقىن كەلدى، كارىۋاتنىڭ يېنىدا تۇردى. قېرى بوۋاي، چارلىغا ھىيلىگەرلىك بىلەن كۈلۈمسىرەپ قويۇپ قولىنى ياستۇقنىڭ ئاستىغا تىقىپ ئېلەشتۈردى، قولىنى سىرتقا چىقارغاندا قولىدا كونا بىر تېرە پۇل خالتىسى تۇراتتى. يوتقاننىڭ ئاستىدا خالتىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ تەتۈر ئۆرىدى. ئىچىدىن كارىۋاتنىڭ ئۈستىگە بىر تال كۈمۈش پۇل چۈشتى. «مېنىڭ مەخپىي خەزىنەم،» دەپ پىچىرلىدى جو بوۋا. «بۇنىڭدىن ھىچكىمنىڭ خەۋىرى يوق. ئەمدى ئىككىمىز ئالتۇن بىلەتنى تېپىش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم تەلىيىمىزنى سىناپباقىمىز. قېنى، نىمە دەيسەن؟ لېكىن ماڭا ياردەم قىلىشىڭ كېرەك.» 

چارلى ئاۋازىنى پەسلىتىپ تۇرۇپ، «بوۋا،» دىدى،«خالىساڭ يەنە بىر قېتىم ئويلىنىپ باق. پۈتۈن پۇلۇڭنى خەچلىۋەتكەن بولىسەن.» 

قېرى بوۋاي، «سەن ئارىلاشما!» دەپ ئەيىپلىدى. «بۇ يەردە بۇنداق تىكىلىپ تۇرىۋەرمە! ئۇ بىلەتنى تېپىشنى مەنمۇ ئاز دىگەندە سەنچىلىك خالايمەن! مانا، بۇ پۇلنى ئېلىپ ئۇددۇل كوچىنىڭ بۇلۇڭىدىكى تاتلىق تۈرۈم دۇكىنىغا ماڭ! كۆرەىنىڭ تۇنجى ۋونكا شاكىلىتىنى ئېلىپ كېلىسەن، بىللە ئاچىمىز.» 

چارلى كۈمۈش پۇلنى ئالغان پېتى كەتتى. كۆزنى ئېچىپ يۇمغىچىلا كېلىپ بولدى. 

جو بوۋا، كۆزلىرى چاقناپ تۇرۇپ «بولدىمۇ، ئالدىڭمۇ؟» دەپ سورىدى ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ. 

چارلى بېشىنى لىڭشىتىپ شاكىلاتنى بوۋىسىغا ئۇزاتتى. شاكىلاتنىڭ قەغىزىدە ۋونكانىڭ چىتىر مېغىزلىق شاكىلىتى دەپ يېزىلغان ئىدى.  

بوۋاي كارىۋاتتا ئۆزىنى ئوڭشاپ «ياخشىى!» دەپ پىچىرلىدى. قوللىرىنى ئۇۋۇلاپ تۇرۇپ «كېلە، يېنىمدا ئولتۇر.» دىدى. «بىللە ئاچايلى. تەييارلىقىڭ پۈتتىمۇ؟» 

«ھەئە،» دىدى چارلى. «مەن تەييار.» 

«بولىدۇ، ئاۋۋال سەن بىر ئۇچىنى يىرتقىن.» 

«بولمايدۇ،» دىدى چارلى. «پۇلىنى سەن تۆلىدىڭ. سەن ئاچقىن.» 

بوۋاينىڭ شاكىلاتقا سوزۇلغان قولى دىر- دىر تىترەۋاتاتتى. پەس ئاۋازدا كۈلۈپ تۇرۇپ «ئەسلىدە ھىچ ئۈمىتلەنمەسلىكىمىز كېرەك،» دەپ پىچىرلىدى. «ھىچقانداق مۇمكىنچىلىك يوق، بۇنى بىلىسەنغۇ؟» 

«ھەئە،» دىدى چارلى. «بىلىمەن.» 

ئۇلار بىربىرلىرىگە قارىشىپ جىددىيچىلىكتىن پىخىلداپ كۈلۈشۈشكە باشلىدى. 

جو بوۋا، «لېكىن كىچىككىنە مۇمكىنچىلىك بولۇشى مۇمكىن،» دىدى. «ئۈمىد يوقسۇللارنىڭ بولكىسى. شۇنداق ئەمەسمۇ چارلى؟» 

«ھەئە، توغرا دىدىڭ،» دەپ جاۋاپ بەردى چارلى. «تىز بولە بوۋا، ئاچساڭچۇ.» 

«ئالدىراپ قىلغان ئىشقا شەيتان ئارلىشىۋالىدۇ، بالام، سەۋىر قىل. دىگىنە قايسى ئۇچىدىن ئاچاي؟» 

«بۇ يەردىن. ئۇ يەردىن ئەمەس، ماۋۇ ئۇچتىن. كىچىككىنە يرتقىن، ئىچىنى دەرھال كۆرمەيلى.» 

«مۇشۇنداقمۇ؟» دىدى بوۋاي. 

«ھەئە. ئەمدى يەنە ئازراق.» 

جو بوۋا، «قالغىنىنى سەن ئاچ،» دىدى. «مېنىڭ قوللىرىم تىترەۋاتىدۇ.» 

«ياق، بوۋا. سېنىڭ ئېچىشىڭ كېرەك.» 

جو بوۋا، «مەيلى ئەمىسە، بۇنىڭدىن كىيىن بولىدىغانلار مېنىڭ ئىشىم ئەمەس،» دىدى ۋە قەغەزنى ئېچىۋەتتى. 

ئۇلار پۈتۈن دىققەتلىرى بىلەن قاراشتى. قەغەزنىڭ ئىچىدە شاكىلاتتىن باشقا بىر نەرسە يوق ئىدى. 

شۇ ھامان ھەر ئىككىسى ئىشنى چاقچاققا ئايلاندۇرۇپ قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى. 

بىردىنلا ئويغىنىپ كەتكەن جوسفىن موما «نىمە ئىش بولۇپ كەتتى؟» دەپ ۋارقىرىدى. 

جو بوۋا، چاندۇرمايلا، «ھىچنىمە بولۇپ كەتمىدى،» دىدى. «سەن ئۇخلاشنى داۋاملاشتۇر.»