قار ئۇچقۇنى

قار ئۇچقۇنى

تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر

ناھايىتى سوغۇق بىر قىش كۈنى ئىدى. قار ئۇچقۇنلىرى ئاستا ئاستا يەر يۈزىگە چۈشۈۋاتاتتى.

كىچىك قار ئۇچقۇنى بۇلۇتتىن ئايرىلغاندا بۇلۇت ئۇنىڭ كەينىدىن ۋارقىراپتۇ:

– خەير خۇش دوستۇم، يەر يۈزىگە مەندىن سالام ئېيتقىن، ئەمما ناھايتى ياخشى بىر يەرگە چۈشكىن بولامدۇ؟

– ماقۇل، ناھايىتى چىرايلىق بىر يەرنى تاللايمەن.

كېيىن قار ئۇچقۇنى ئۆزىنى شامالنىڭ مەيلىگە قويۇپ بېرىپتۇ. ئەتراپىدىكى قار ئۇچقۇنلىرىنى كۈزىتىشكە باشلاپتۇ. ئۆز ئۆزىگە:

– نىمە دىگەن جىق قار ئۇچقۇنلىرى بۇ، ھەممىسى بىربىرىدىن گۈزەل، – دەپتۇ.

بارا بارا يەر يۈزىگە يېقىنلىشىپتۇ. نەگە چۈشۈشنى بىلەلمەي قاپتۇ.

«ئەجىبا بىر تاغنىڭ تۆپىسىگە چۈشسەم بولارمۇ. ئۇ يەردىن ھەممە جاينى كۆرگىلى بولىدۇ.» دەپ ئويلاپتۇ. كىيىن ئۆز ئۆزىگە، «ياق ياق، زادى نەچچە ئايدىن بېرى بۇلۇتنىڭ ئۈستىدىن يەريۈزىنى سەيلە قىلغان تۇرسام، بەكرەك پاكار بىر يەرگە چۈشۈشۈم كېرەك.

قار ئۇچقۇنى ئاندىن دېڭىزغا چۈشۈشنى ئويلاپتۇ. كېمىلەر ئايلىنىپ يۈرگەن دېڭىزلاردا بىر سۇ تامچىسى بولۇشنى خىيال قىپتۇ. بۇ خىيالىنىمۇ ياقتۇرماپتۇ. ئويلاپتۇ، ئويلاپتۇ. ئەڭ ئاخىرىدا:

– تاپتىم – دەپتۇ ئۇ.

– بىر بالىنىڭ قوللىرىغا قوناي. ئۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ قوللىرىدا خۇشاللىقىمنى تاپىمەن.

دەل مۇشۇنداق ئويلاۋاتقاندا بىر بالىنىڭ قولىغا قونۇپ قاپتۇ. بالا، قولىغا چۈشكەن قار ئۇچقۇنىنى كۆرۈپ ئانىسىغا كۆرسىتىپتۇ ۋە مۇنداق دەپتۇ:

– ئاپا، قارىغىنا نېمە دىگەن چىرايلىق.

قار ئۇچقۇنى بالىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بوپتۇ. ئۇنىڭ ئىسسىق، سۆيۈملۈك قوللىرىدا بىر سۇ تامچىسىغا ئايلىنىپتۇ.