گەپ قىلىشقا بولمايدۇ (5)

گەپ قىلىشقا بولمايدۇ

ئاپتورى: ئاندرۇۋ كلېمىنتس

تەرجىمە قىلغۇچى: ماھىنۇر ئۇيغۇر

5-باب: مۇسابىقە

لىينسېي چەكچىيىپ تۇرۇپ، ئاچچىق بىلەن «گېپىڭنى قايتۇرۇۋال!» دىدى.

دەيۋ بولسا مۆرىسىنى سىلكىپ «نېمىنى قايتۇرۇۋالغۇدەكمەن؟ قىزلارنىڭ توختىماي كاپشىيدىغان كوتكوتلار ئىكەنلىكىنىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن -چۈنكى بۇ راست گەپ! بۇنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ!»

ئەپسۇسكى دەيۋ ھەقىقەتەن بۇ گېپىگە ئىشىنەتتى. ۋە ئۇنىڭ نادان ئەمما ئىجادكار كاللىسىدا، تۇيۇقسىز، بىر پىكىر پەيدا بولدى.

لىينسېي ياكى دوستلىرىدىن بىرسى ئۇنىڭغا جاۋاپ بەرگىلى ئۈلگۈرمەستىن «قىزلارنىڭ ئوغۇللارغا قارىغاندا خېلى جىق گەپ قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشنىڭ بىر يولى بار. ئەلۋەتتە سەن ۋە سېنىڭ كىچىك غوۋغاچى دوستلىرىڭ رىقابەتتىن قورقمىساڭلارلا» دىدى دەيۋ.

«قورقۇش دىدىڭما؟» دىدى لىينسېي يېنىدىكى قىزلارغا قاراپ قويدى. «بىز ھېچنېمىدىن قورقمايمىز – سېنى مۇشۇنچىۋالا دۆت قىلىىپ قويغان نەرسىنىڭ بىزگىمۇ يۇقۇپ قېلىشىدىن باشقا»

قىزلار پىخلدىشىپ كۈلۈشتى، ئەمما ئويلاپ چىققان پىلانىدىن ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتقان دەيۋ ئۇنىڭ بۇ ھاقارىتىگە بەك ئىرەن قىلىپ كەتمىدى. قوللىرىنى شىلتىپ ئۇلارنى كۈلكىسىدىن توختاتتى، «ئۇنداق بولسا، قېنى قۇلاق سېلىپ بېقىڭلار ھە: پۈتۈن بىر كۈن مەكتەپتىن قايتقۇچە ھېچكىم گەپ قىلمايدۇ. دەرىستە، كارىدوردا، مەكتەپ ھويلىسىدا… ھېچقانداق يەردە. بىر ئېغىزمۇ سۆزلەشكە بولمايدۇ. ۋە بۇ بىر مۇسابىقە -قىزلار ۋە ئوغۇللار ئوتتۇرسىدا. قايسى تەرەپ ئەڭ ئاز گەپ قىلىپ سالسا شۇ يېڭىدۇ.»

لېينسىي قاپىقىنى تۈرۈپ تۇرۇپ، «گەپ قىلمايمىز؟ مەكتەپتە؟ بۇ مۇمكىن ئەمەس.» دىدى.

دەيۋ بۇ جەھەتتە بىر قەدەم ئالدىدا ئىدى. ئاخىرقى تۆت سائەتنى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ئۆتكۈزگەنتى. مەكتەپتە. شۇڭا ئاز بولسىمۇ تەجرىبىلىك ھېساپلىناتتى، شۇڭا پىلانلىغان ئىشىنى تولۇق چۈشەندىم دەپ قارايتتى.

ھىجىيىپ تۇرۇپ «بىر قىز ئۈچۈن مۇمكىن بولماسلىقى مۇمكىن» دىدى. «ئەمما تىكىشىمەنكى، ئوغۇللار بۇنى قىلالايدۇ. ھېچبولمىغاندا قىزلاردىن ياخشىراق قىلالايمىز.»

لىينسېي «ئەمما ئۇنداقتا، بىرەر مۇئەللىم سەندىن سوئال سورىسىچۇ، ئۇ ۋاقىتتا قانداق قىلىسەن؟» دەپ سورىدى.

دەيۋ ھىجىيىپ تۇرۇپ «مەسىلەن… يۆتەلسەڭ بولىدۇغۇ؟» دىدى.

لىينسېي بىر ھازا ھاڭ تاڭ بولۇپ قالدى. كىيىن غەزەپلەنگەن ھالدا دەيۋگە قارىدى. «ئىجتىمائىي پەنلەر دەرىسىدە يالغاندىن يۆتەلدىڭما؟ ئەجەبمۇ كالۋاكەنسەن!»

دەيۋ مۆرىسىنى سىلكىپ قويدى. «بىر سىناپ كۆردۈم شۇ. ھەم پايدىسىمۇ بولدىغۇ؟ ئەمما بەشىنجى سىنىىپلارنىڭ ھەممىسى مۇئەللىم گەپ سورىغاندا يۆتەلگىلى تۇرسىچۇ؟ ئەلۋەتتە ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ.»

لىينسەي چىرايىنى پۈرۈشتۈردى. «ھىم، مېنىڭچە بۇ پىكىر… بالىلارچە. بالىلارچە ۋە ئەخمىقانە.»

«قوشۇلمىساڭمۇ مەيلى» دىدى دەيۋ. «شۇنداقلا دەپ قويغان بىر گەپ خالاس. دىمەكچىمەن، نېمىشقا تارتىنىپ تۇرغانلىقىڭنى چۈشىنىمەن،ئىشقىلىپ سەن بىر قىزغۇ؟ ھەر سىكۇنت گەپ قىلمىساڭ ياشىيالمايسەن. بولدىلا. كەچۈرۈڭلار، گېپىڭلارنى بۆلۈۋېتىپ سالدىم. سەن قايتىپ بېرىپ دوستلىرىڭ بىلەن پارىڭىڭنى داۋاملاشتۇر. مۇھىم بىر ئىشنى مۇنازىرە قىلىۋاتاتتىڭلارغۇ، شۇنداقمۇ؟ ھېلىقى ئالاھىدە پوپايكىچۇ؟ داۋاملاشتۇر، سۆزلەۋەر. بولۇڭلار قىزلار، داۋاملاشتۇرۇڭلار، سۆزلەڭلار، خالىغانچە گەپ قىلىۋېرىڭلار.»

لېينسىي كالپۇكىنى چىشلەپ، كۆزىنى قىسىپ غەزەپ بىلەن دەيۋگە قاراۋاتاتتى. «سەن مەن كۆرگەن ئەڭ جىلە قىلىدىغان…» گېپىنىڭ ئوتتۇرسىدا توختاپ، قوللىرىنى مەيدىسىدە باغلاپ تۇردى. «بوپتۇ» دىدى. «قېنى، قائىدىلەرنى بەلگىلەيلى. ھازىرلا. بىر مۇئەللىم سوئال سورىسا قانداق قىلىمىز؟»

«جاۋاپ بېرىمىز» دىدى دەيۋ.

«قانچە سۆز ئىشلەتسك بولىدۇ؟»

دەيۋ كۈلدى. «خالىساڭ… ئون سۆز بولسۇن – بەلكىم سېنىڭ ياكى دوستلىرىڭنىڭ يېڭى ئالغان پوپايكاڭلارنى مۇئەللىمگە سۆزلەپ بەرگۈسى كېلىپ قالار.»

«تولا ھەييارلىق قىلىمەن دىمە، چۈنكى قىلالمايدىكەنسەن» دىدى لىينسېي. «تۆت سۆز بولسۇن. جاۋاپ تۆت سۆزدىن ئېشىپ كەتسە، ئارتۇق نومۇر قوشۇلىدۇ»

دەيۋ بېشىنى لىڭشىتتى. «تۆتمۇ ئاسان بولۇپ قالدى. ئەڭ ياخشىسى ئۈچ سۆز بولسۇن. ۋە ئارتۇق قىلىنغان ھەر سۆز بىر نومۇر بولۇپ ھېساپلانسۇن – ئۆز گرۇپپىسىغا قارشى»

«ئۇھ،» دىدى لىينسېي، « سەن چۈشەندۈرمىسەڭ چۈشەنمەيتتىم دېگىنە!»

«ئۈچ سۆز بىلەن چەكلىدۇق، كېلىشتۇقمۇ؟» دىدى دەيۋ.

«ئۈچ» دىدى لىينسېي، ۋە جاۋاپ بەرسەك بولىدىغانلار: مۇئەللىم ياكى مۇدىر…»

«ياكى مەكتەپتىكى ھەرقانداق بىر چوڭ ئادەم» دىدى دەيۋ «ئىشىك باقار دىگەندەك»

«ياكى سېستىرا» دەپ قوشۇمچە قىلدى لىينسېي. چۈنكى ھېچقانداق بىر تېمىدا ئاخىرقى سۆزنى دەيۋ پاكىرنىڭ قىلىشىنى خالىمايتتى.

«قىسقارتمىلارنى قانداق قىلىمىز؟»

«ئۇلارغا نېمە بوپتۇ؟»

«قىسقارتمىلارنى بىر سۆز دەمدۇق ئىككى سۆزمۇ؟»

دەيۋ چاندۇرمىسىمۇ لىينسېينىڭ بۇنچىۋالا چوڭقۇر ئويلىيالىغانلىقى – ئەگرى-توقاي ياكى ئاستىن-ئۈستۈن دىگەندەك بىللە قوللىنىدىغان سۆزلەرنىڭ مەسىلە بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئويلاشقانلىقى-  ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغىغانتى.  ئەمما ئۇنىڭ سوئالىغا سوئال بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇشنىڭ ئامالىنى تېپىپ چىققانلىقى ئۈچۈن ئۆزگىمۇ ئىنتايىن مەستلىكى كەلدى.

«ئەگرى-توقاينى تەڭ يازىمىز شۇنداقتۇ؟» دىدى.

لىينسېي ، «ئەلۋەتتە» دىدى.

«ئۇنداقتا بىر سۆز -پۈتۈن بىر سۆز بولغاندىكىن- ھېساپلايمىز» دىدى دەيۋ. «باشقا سوئالىڭلار بارمۇ؟»

ئەمدى چاندۇرماسلىق نۆۋىتى لىينسېيگە كەلگەنتى، چۈنكى ئۇمۇ دەيۋنىڭ جاۋابىدىن ھەيران قالغانتى. ئۇ بالا يەنىلا ئادەمنى جىلە قىلاتتى ئەمما جاۋابى توغرىدەك قىلاتتى ھەم ئەقىلگە مۇۋاپىق بىر ئىزاھاتمۇ بەرگەنتى. ئەمما بۇ ياخشى ھېسسىيات لىينسېينىڭ دەيۋگە مۇناسىۋەتلىك كۆز قاراشلىرىنى ئۆزگەرتەلمەيتتى. ئۇ يەنىلا ئۆزىنى ئەخمىقانە بىر مۇسابىقىگە زورلىغان بىچارە،ئەخمەق بىر ئوغۇل بالا ئىدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، لىينسېيمۇ دەيۋگە ئوخشاشلا جاھىل ھەم مەغرۇرتى. دەيۋ ئۇنى بۇ مەنىسىز مۇسابىقىگە سۆرەپ كىرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىمۇ بىرەر ئىش بىلەن قىستاپ قويغۇش مەجبۇرىيىتى باردەك ھېس قىلىۋاتاتتى. – بۇنداق قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بولسا…

ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ بىر ئۈستەلدە ئولتۇرغان قىزلارغا بىر نېمىلەرنى دەپ پىچىرلىدى، ھەممىسى باش لىڭشىتىپ تەستىقلىغاندىن كىيىن قايتا دەيۋگە قارىدى. قولى بىلەن دوستلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، «بىز بۇ مۇسابىقىنى تېخىمۇ قېيىن بولسىمىكىن دەيمىز» دىدى. «بۇنداق بولسا قانداق؟ ئۆيدىمۇ گەپ قىلىشقا بولمايدۇ. ئاپتوبۇستا ياكى باشا ھەرقانداق بىر يەردە… گەپ قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ – ھازىر دىيىشكەن ئەھۋاللاردىن سىرت. ھەتتا ئاتا ئانىمىزغىمۇ گەپ قىلمايمىز. ئاندىن بۇ مۇسابىقىنى بىر كۈن ئەمەس، ئىككى كۈن داۋاملاشتۇرايلى – ئارقا ئارقىدىن ئىككى قېتىم، يىگىتمە تۆت سائەت. بۇ بەك تەس بولۇپ قالدى دىمىسەڭلا…»

دەيۋ مۆرىسىنى سىلكىپ قويدى. «ماقۇل، مەسىلە يوق. ئەمما… سەن ۋە دوستلىرىڭ ئۆيدە كوتۇلدىشىپ كەتسەڭلارچۇ، بۇنى قانداق ھېساپلىغىلى بولىدۇ؟»

«دىمەكچى بولغىنىڭ، ئوغۇللار ھىيلە ئىشلەتسىمۇ؟» دىدى لىينسېي. «ناھايىتى ئاددىي. مەكتەپنىڭ سىرتىدا ۋاقىتتا ئابرويىمىز ئۈچۈن قىلىغان ۋەدىمىزگە ئىشىنىمىز. باشقا ئامال يوق. ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ خاتا سۆزىنى سانايدۇ. مەكتەپكە كەلگەندە دوكلات قىلىپ بېرىدۇ. سەمىمىيلىك بىلەن. ئەمما ئوغۇللارغا ئىشەنسەك بولارمۇ بولماسمۇ، بىلمەي قالدىم دىسە؟ قىزلارغا ئىشەنسەك بولىدىغانلىقى ئېنىق.»

«بىز ئۈچۈن بۇنچىۋالا ئەندىشە قىلىپ كېتىشىڭگە كېرەك يوق» دىدى دەيۋ.  

لىينسېي چېچىنى ئوڭشاپ قويدى. «بوپتۇ، ئۇنداقتا مۇسابىقىنى قاچان باشلايمىز؟ قىزلار ئەتىگىچە تەييارلىنىپ بولالايمىز. چۈشلۈك تاماق ۋاقتىغىچە. ئوغۇللار ئۈچۈن بەك بالدۇر بولۇپ كېتەر ھەقاچان؟ تەييارلىقىڭلار قانچىلىك داۋاملىشار؟ مەسىلەن، بىر ھەپتە يېتەمدۇ؟ يا بولمىسا… ئىككى ھەپتىچۇ؟»

«ئەجەپ قىززىقچىكەنسەن ھە،» دەپ قويدى دەيۋ تەنە قىلىپ «سەيشەنبە كۈنى، يەنى ئەتە باشلايمىز. چۈشلۈك دەم ئېلىش باشلىغان ھامان. ئاندىن پەيشەنبە كۈنى… ئون ئىككىگە بەش مىنۇت قالغىچە داۋاملاشتۇرساق قانداق؟ چۈشلۈك دەم ئېلىشنىڭ ئوتتۇرسىغىچە» لىينسېي تەستىقلىغاندىن كىيىن دەيۋ داۋاملاشتۇردى. «قىزلارنىڭ نومۇرلىرنى سەن تىزىملايسەن، بىزنىڭكىنى مەن. ساختىپەزلىك قىلىشقا بولمايدۇ. ماقۇلمۇ؟»

لىينسېي قايتا تەستىقلەپ بېشىنى لىڭشىتتى. «كېلىشتۇق» قولىنى سۇندى.

دەيۋ ئۇنىڭ قولىدا ماڭقا باردەك قاراپ قالدى. «نېمە؟» دىدى

لىينسېي يۈزىنى پۈرۈشتۈردى. «يىرگىنىشلىك. بىلىمەن. ئەمما قول ئېلىشىپ قويۇشىمىز كېرەك. گېپىڭدىن يېنىۋالماسلىقىڭ ئۈچۈن.»

دەيۋ قول ئېلىشىپ بولغاندىن كىيىن قولىنى ئىشتىنىغا سۈرتكەنتى بۇ مۇراسىمنى كۆرۈپ تۇرغان بەش ئالتە ئوغۇل بالا قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى.

ئۇنىڭدىن كىيىن دەيۋ، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرغان ئوغۇللار بىلەن يىغىننى باشلىۋەتتى؛ لىينسېيمۇ ئۆزى بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرغان قىزلار بىلەن.

مۇسابىقە باشلاندى.

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *