گەپ قىلىشقا بولمايدۇ (18)

گەپ قىلىشقا بولمايدۇ

ئاپتورى: ئاندرۇۋ كلېمىنتس

تەرجىمە قىلغۇچى: ماھىنۇر ئۇيغۇر

18-باب: پارتلاش ئالدىدا…

خىئات خانىم 11:59 دا مەكتىپىگە قايتتى. ئۈستىلىدە بىر نەچچە ئۇچۇر تۇراتتى ۋە ئوۋېرباي خانىم ئورۇندۇقىغا «مۇئەللىملەر ئىشخانىسىدا بىر كۆرۈشسەك بولاتتى» دەپ يېزىلغان بىر پارچە قەغەز چاپلاپ قويغانتى.
ئەمما مۇدىر خانىم ئالدىراش ئىدى. بەشىنچى سىنىپلارنىڭ چۈشلۈك تامىقىغا ئۈلگۈرمىسە بولمايتتى.
بەش مىنۇتتىن كىيىن، خىئات خانىم تۈنۈگۈنكىگە ئوخشاشلا، قولىدا يوغان قىزىل ياڭراتقۇچىنى چىڭ تۇتقان ھالدا، تىمتاس بىر تاماق زالىنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇرۇپ قالدى.
ئەمما بۈگۈن ئەھۋال باشقىچە.
جىمجىت زالغا كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى؛ قەستەن ئۇنىڭغا ئىتائەتسىزلىك قىلىۋاتقان بۇ بەشىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىلارنى كۆرۈپ ئوغىسى قاينىدى. سەۋىر قاچىسى تاشتى. پارتلاشقا تەييارلاندى.
چىشلىرىنى غۇچۇرلاتتى، ئاچچىقىدىن مېڭىسىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى؛ غەزەپلەنگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ياخشى بىر ئىش ئەمەسلىكىنى بىلەتتى. ئەمما يەنىلا غەزەپلەنگەنتى.
ئاچچىقىنى بېسىۋالالمىغان ۋاقىتتا بالىلار بىلەن سۆزلەشسە ئاقىۋېتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنىمۇ بىلەتتى.
ئەمما ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىدى. بۇ بالىلار بىلەن سۆزلەشمىسا زادى بولمايتتى. دەرھال. شۇ تاپتا.
پىچىرلاپ گەپ قىلغان تەقدىردىمۇ زالدىكى پۈتۈن بالىلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالىغان بولاتتى. ئەمما ئۇ پىچىرلىمىدى.
ياڭراتقۇچىنىڭ كۇنۇپكىسىنى باستى.
«بۈگۈن ئەتتىگەنكى يىغىننى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟»
مۇدىرنىڭ ئاۋازى ھەتتا تاملارنىمۇ تىترىتىۋەتكەندەك بولدى.
بالىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدى.
خىئات خانىم ياڭراتقۇچنى دەيۋ پاكېرغا قارىتىپ «دەيۋىد پاكېر، جاۋاپ بەر: بۈگۈن ئەتتىگەن سىلەرگە نېمە دىگەنلىكىم يادىڭدىمۇ؟» دەپ ۋارقىرىدى.
بۇنىڭ بىلەن دەيۋ، ئېرىمچىك قوشۇلغان قورۇمىسىنىڭ بىرىنچى لوقمىسىنى يۇتۇپ، «ئېسىمدا» دىدى. ئاۋازى بەك پەس چىققانتى. دەيۋ ئۆزىنى، ئۇلۇغ سېھىرگەر ئوز بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان قارانچۇقتەك ھېس قىلىپ قالدى.
مۇدىر خانىم دەيۋگە قاراپ ئالدىغا بەش قەدەم ماڭدى، «ئۇنداقتا نېمىشقا دوستلىرىڭ بىلەن پاراڭلاشمايسەن؟» دەپ ھۆركىرىدى.
دەيۋ ئۇ كۈنگىچە خىئات خانىمنىڭ بۇنداق غەزەپلەنگەنلىكىنى كۆرۈپ باقمىغانتى. ھەم ئۇ كۈنگىچە ھېچكىم دەيۋگە ياڭراتقۇچ بىلەن ۋارقىراپ باقمىغان. بۇ دىگەن ئادالەتسىزلىك. ئۇنىڭغا بىركىمنىڭ بۇنداق يۇقرى ئاۋازدا ۋارقىرىشى ئادالەتسىزلىك. شۇڭا قورقۇشنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىگە قارار قىلدى. يا بولمىسا ئاچچىقلىنىشىغا. نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر.
دەيۋ مۆرىسىنى سىلكىپ «دىيىشىدىغان ئىش يوق» دىدى.
ئىشقىلىپ، بۇ پۈتۈنلەي توغرا گەپ. خىئات خانىم ھۆركىرەشنى باشلىماستا دەيۋ، جىمجىت ئولتۇرۇپ تاماق يىيىشنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈۋاتقانتى.
«ئورنۇڭدىن تۇر!»
دەيۋ ئورنىدىن تۇردى. تاماق زالىدىكى پۈتۈن بالىلار ئۇنىڭغا قاراۋاتاتتى. مارلوۋ خانىممۇ شۇ. تازلىق خادىمىمۇ شۇ. تاماق زالىدا ئىشلەيدىغانلارمۇ شۇ.
خىئات خانىم «سۆزلە!» دىدى. «دەرھال، دەرھال گەپ قىلىشنى باشلا! بۈگۈن ئەتتىگەن دەرىسلەردە ئۆگەنگەن ھەممە نەرسىنى تودقا سۆزلەپ بەر! تود بىلەن پاراڭلىشىشنى باشلا. دەرھال!»
دەيۋ ئاچچىقى يامان بىر بالا ئەمەس. ئادەتتە.
ئەمىلىيەتتە ئۇنى غەزەپلەندۈرىدىغان بىرلا ئىش بار: زومىگەرلىك. مەكتەپتە پەقەت، ئىككىنچى سىنىپتا ۋاقىتتا ئۆزىنى بوزەك قىلىۋەرگەن بىر بەشىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىسى بىلەن تاكاللىشىپ قالغانتى. زومىگەرلەرگە بويۇن ئەگمەسلىك كېرەكلىكىنى شۇ ۋاقىتتا بىلىۋالغانتى. بولمىسا، زومىگەرلەر تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشاتتى.
دەيۋ يەنە شۇنداق ھېس قىلىۋاتاتتى. شۇ تاپتا. بارا بارا ئاچچىقى كېلىۋاتاتتى. خىئات خانىم بىر زومىگەرگە ئايلىنىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى – ياڭراتقۇچ كۆتۈرۈۋالغان بىر زومىگەرگە.
مۇدىر يەنە «سۆزلە!» دەپ ۋارقىرىدى.
مانا بۇ دەيۋنىڭ سەۋىر قاچىسىنى تاشۇرۇۋەتتى. پارتلاش نۆۋىتى دەيۋگە كەلگەنتى.
ئاچچىقىدىن چاقناپ كەتكەن كۆزلىرى خىئات خانىمغا قادالدى ۋە «ھازىر، مەن، خالىمىسام سۆزلېشىشكە مەجبۇر ئەمەس. بۇ بىزنىڭ دەم ئېلىش سائىتىمىز. ھازىر ھېچقايسىمىزنى سۆزلېشىشكە مەجبۇرلىيالمايسىز!» دەپ ۋارقىرىدى.
دەل شۇ ۋاقىتتا ئېسىغا، تېلىۋىزوردا جىق ئاڭلىغان بىر سۆز كەلدى. ئادەتتە تۈرمىگە كىرىدىغان مەھبۇسلارغا دىيىلەتتى، ئەمما ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ؟
زالدىكى ساۋاقداشلىرىغا بىر قۇر قاراپ چىقتى ۋە «سۆزلىمەسلىك ھەققىڭلاردىن پايدىلىنايسىلەر!» دەپ ۋارقىرىدى.
ئارقىدىن تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ، قولىنى مەيدىسىدە گىرەلەشتۈرۈپ ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇۋالىدۇ.
دەيۋنىڭ ھەرىكىتىنى ئەڭ باشتا قوبۇل قىلغان كىشى لىينسېي بولدى. مۇدىر خانىمغا قاراپ قولىنى مەيدىسىدە گىرەلەشتۈردى. بىر ئۈستەلدە ئولتۇرغان پۈتۈن قىزلار ئۇنى دورىدى.
ۋە بۇ ھەرىكەت سۇدا يېيىلغان ھالقىلارغا ئوخشاش پۈتۈن زالغا يامراپ كەتتى. بالىلارنىڭ ھەممىسى قولىنى مەيدىسىدە گىرەلەشتۈرۈپ، لام جىم دىمەي مۇدىرغا چەكچىيىپ قارىدى.
خىئات خانىم ئاستا ئاستا ئەتراپىغا قاراپ چىقتى، قەددىنى رۇسلىدى، كىيىن ئېغىر ئېغىر دەسسەپ زالدىن چىقىپ كەتتى. كارىدورنىڭ ئاخىرىدىكى ئىدارە بۆلۈمىگە باردى. مەكتەپ كاتىپى چاپلىن خانىمغا بېشى بىلەن سالام قىلىپ، «تېلىفۇن ئۇلىماڭلار» دىدى. كىيىن ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ ئىشىكنى ئېتىۋەتتى.
زال شۇنداق جىمجىت. پۈتۈن بالىلار نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان ھالدا، تېخىچە قوللىرىنى گىرەلەشتۈرۈپ، مىدىر سىدىر قىلماي ئولتۇرۇۋاتىدۇ.
ھەممە ئىشنى تود باشلاتتى.
دەيۋگە بېشى بىلەن سالام قىلدى ئاندىن كىيىن چاۋاك چېلىشنى باشلىدى. ئۈچ سىكونتىن كىيىن پۈتۈن بەشىنچى سىنىپتىكى ئوغۇللار بەس بەستە چاۋاك چېلىۋاتاتتى.
دەيۋ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، دوستلىرىغا بىر قۇر قاراپ چىقتى ۋە باش لىڭشىتتى.
ۋە، ئارقىدىنلا نېمە بولدى بىلەمسىز؟ شۇنداق! توغرا: پۈتۈن قىزلارمۇ چاۋاك چېلىشنى باشلىدى.
بەش سىكونتتىن كىيىن تەنتەنە بىلەن ھەممىسى ۋارقىرىشىپ، چىرقىرىشىپ كەتكەنتى.
زالنى ۋاراڭ چۇرۇڭ قاپلىدى. تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايسىز، توپان كەلگەندەك دەڭلار!
چاۋاك ۋە چىرقىراش ئاۋازلىرى شۇنداق يۇقرى ئىدىكى، زالنى ئىشىك تاملىرىنى ئېشىپ ئىدارە بۆلۈمىگىچە باردى – ھەتتا مۇدر ئىشخانىسىنىڭ قۇلۇپلاقلىق ئىشىكىنىڭ ئارقىسىغىچە.
چاپلىن خانىمنىڭ ئۈستىلىدىكى تېلىفۇن جىرىڭلىدى.
«ھە؟» دىدى تېلىفوننى ئېلىپ ۋە بېشىنى لىڭشىتىپ «ماقۇل، مانا ھازىرلا» دىدى.
ئارقىدىن ئورنىدىن تۇرغان چاپلىن خانىم ئىشخانىسىدىن چىقتى ۋە قايتىدىن تىمتاسلىققا چۆمۈپ بولغان تاماق زالىغا قاراپ ماڭدى.
مارلوۋ خانىم ئىشىكنىڭ يېنىدا تۇراتتى؛ چاپلىن خانىم ئۇنىڭ قۇلىقىغا بىر نېمىلەرنى دەپ پىچىرلىدى.
مارلوۋ خانىم باش لىڭشىتتى ۋە دەرھال زالنىڭ ئوتتۇرسىغا قاراپ ماڭدى. دەيۋ پاكېرنىڭ قۇلىقىغا ئېگىلىپ «مۇدىر ئىشخانىسىغا» دىدى.
دەيۋ ئېرىمچىكلىك قورۇمىسىنىڭ ئۈچىنچى لوقمىسىنى يۇتۇۋېتىپ، پەن تېخنىكا مۇئەللىمىگە قارىدى «مەجبۇرمۇ؟»
مۇئەللىم باش لىڭشىتتى «مۇدىرنىڭ بۇيرۇقى»
دەيۋ بىر ئۈستەلدە ئولتۇرغان دوستلىرىغا كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى. بىر ئېغىزمۇ گەپكە ھاجەت يوق ئىدى – چىراي ئىپادىسىدىنلا ھەممىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى. بۇ نېمە؟
ئۈچ ئاددىيغىنە سۆز ۋە دەيۋمۇ ئۇلارغا چىن كۆڭلىدىن قوشۇلاتتى: «مانا ئەمدى تۈگەشتىڭ!»