ئاپتورى: ئاندرۇۋ كلېمىنتس
تەرجىمە قىلغۇچى: ماھىنۇر ئۇيغۇر
19-باب: كەچۈرۈم سوراش
تاماق زالى بىلەن مۇدىر ئىشخانىسى ئارىسىدىكى كارىدورنىڭ پولىغا دەل ئىككىيۈز يىگىرمە يەتتە يېشىل خىش ياتقۇزۇلغانتى. دەيۋ بىردەمدىن كىيىن يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار ئىشلارنى ئېسىگە كەلتۈرمەسلىك ئۈچۈن خىشلارنى بىردىن بىردىن ساناپ چىققان بولسىمۇ، يەنىلا ئۆزىنى بۇنداق قىلىشتىن توسۇپ قالالمىغان ئىدى.
چاپلىن خانىم مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكىنى كۆرسەتتى «ئۇدۇللا كىرىۋەر»
دەيۋ ئىشىكنى چەكتى. بۇنى قىلىشقا مەجبۇر ئەمەس ئىدى ئەمما يەنىلا بۇنداق قىلغاندا بىر ئىككى سىكونت ۋاقىتتىن ئۇتۇۋالالايتتى.
خىئات خانىم «كىرىڭ» دىگەندىن كىيىن دەيۋ «ھېچبولمىغاندا ياڭراتقۇچىنى قويۇپ قويۇپتۇ» دەپ ئويلىدى.
ئىشىكنى ئاچقاندا خىئات خانىم دېرىزىدىن سىرتقا مەكتەپ ھويلىسىغا قاراۋاتاتتى. دەيۋگە تەتۈر قاراپ تۇراتتى.
دەيۋ «كەچۈرۈڭ» دىدى؛ چۈنكى ئۆزىنىڭكى توغرا بولغان تەقدىردىمۇ مۇدىرگە ۋارقىرىماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلەتتى. گەرچە تېخىچە ئۆزىنى ھەقلىق دەپ قارايتتى. كەچۈرۈم سوراش بەلكىم ئۇنىڭغا بېرىدىغان جازانىڭ يىنىكلىشىگە سەۋەپچى بولۇپ قالار…
خىئات خانىم كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا قارىغاندا يۈزىدىكى ئىپادىنى كۆرگەن دەيۋ ھاڭ تاڭ بولدى. چۈنكى ئاچچىقلىنىۋاتقاندەك قىلمايتتى. خۇددى يىغلىغاندەك كۆرۈنۈۋاتاتتى؛ بۇرنىنىڭ ئۇچى قىزىرىپ قالغانتى.
خىئات خانىم بېشىنى چايقىدى. «ياق. ئەسلى مەن سەندىن كەچۈرۈم سورىسام توغرا بولىدۇ، سېنى شۇڭا چاقىردىم. ئاچچىقىنى بېسىۋالالمىغان مەن ئىدىم. ئاۋال مەن ۋارقىرىدىم؛ سىلەرگە ناچار ئۈلگە بولدۇم. شۇڭا، سەن مېنى كەچۈرگىن بولامدۇ؟»
دەيۋ بىر چوڭ ئادەمنىڭ، ئەڭ ئاخىرىدا قاچان ئۆزىدىن كەچۈرۈم سورىغانلىقىنى ھەتتا ئېسىگىمۇ ئالالمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇدىر كەچۈرۈم سورىۋېدى… نېمە قىلارىنى بىلەلمەي پەقەتلا بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى.
خىئات خانىممۇ باش لىڭشىتتى ۋە بىر ھازا تۇرۇپ كېتىپ «ئۇنداقتا بۇ مەسىلىنى… قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز؟» دىدى.
«ھممم… بىلمەيمەن» دىدى دەيۋ.
خىئات خانىم قوشۇمىسىنى تۈردى. «بۇ يەردە ئەركىن سۆزلەۋەر. دوستلىرىڭ ئاڭلىيالمايدۇ.»
دەيۋ بېشىنى چايقىدى «ئابرويىمىز ئۈچۈن ۋەدىلەشكەن»
خىئات خانىم ھەيرانلىقتىن كۆزلىرىنى يوغان ئاچتى «ھە؟ ئەلۋەتتە. تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. ئۇنداقتا، بوپتۇ، بىرنەچچە سوئالىمغا جاۋاپ بەرگەن بولساڭ… شۇ بىر يەردىن باشلاش كېرەكتە.»
«ئەلۋەتتە» دىدى دەيۋ.
«بىرىنچىدىن، بۇ ھەممىسى قانداق باشلىنىپ كەتتى؟ كىم باشلاتتى؟»
دەيۋ كۈلۈمسىرىدى. «ماھاتما گەندى»
«كىم؟» دىدى خىئات خانىم.
«گەپ قىلىشنى توختاتقانتى» دىدى دەيۋ.
مۇدىر خانىم، «ۋە بىرىلىرى بۇنى بۇنى مۇشۇ يەردە، مەكتەپتە سىناپ كۆرمەكچى بولدى شۇنداقمۇ؟» دىدى.
دەيۋ باش لىڭشىتتى ۋە ئۆزىنى كۆرسەتتى «ھەممىسى مېنىڭ سەۋەنلىكىم»
«مۇنداق دىگىن…» دىدى خىئات خانىم «گەندىنى قانداق بىلىۋالدىڭ؟»
«ئىجتىمائى پەنلەر تاپشۇرۇقى» دىدى دەيۋ.
«ئۇنداقتا ئۇ گەپ قىلىشنى نېمىشقا توختىتىپتىكەن؟»
دەيۋ مۆرىسىنى سىلكىپ قويدى «چوڭقۇر تەپەككۇر قىلماقچىكەن»
«ئەمما سىلەر گەپ قىلىشنى پۈتۈنلەي توختاتمىدىڭلار، نېمىشقا؟»
دەيۋ بىر ھازا ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن «مەكتەپكە بولغان ھۆرمىتىمىزدىن» دىدى. بۇنداق دىسە خوشامەت قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ قالىدىغانلىقىنى بىلەتتى، ئەمما بۇ راست گەپ. ئۇ ۋە دوستلىرىنىڭ مەكتەپكە توسقۇنچىلىق قىلىشتەك بىر نىيىتى بولۇپ باققان ئەمەس. ھەرگىزمۇ.
خىئات خانىم پەقەتلا باش لىڭشىتىپ تەستىقلىدى «شۇنداقمۇ» دىدى.
باشقا سوئالى يوقتەك قىلاتتى.
شۇ ئۈچ تۆت سىكونتلۇق جىمجىتلىق ئەسناسىدا دەيۋنىڭ كاللىسىغا بىر خىيال كەلدى – ئەمما دەرھال قوغلىۋەتتى. بىرئاز ئاشۇرىۋەتكەندەك ھېس قىلىپ قالدى.
ئەمما بۇ خىيال كاللىسىدىن قەتئىي چىقماي تۇرۇۋالغاچقا دەيۋ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي «سىزمۇ قاتنىشىشنى خالامسىز؟» دەۋېتىپ سالدى.
خىئات خانىم، دەيۋ ئۇنىڭغا، خۇددى، ئوت چۆپتىن توقۇلغان بىر يوپكا كىيىپ مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ ئۈستىدە ھاۋائىچە ئۇسۇل ئويناپ بېرىڭ دىگەندەك داڭ قېتىپ قاراپلا قالدى. «بىمەنە گەپ قىلما – مەن مۇدىر تۇرسام. قانچىلىغان ئادەملەر بىلەن پاراڭلاشمىسام بولمايدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟ ھەر كۈنى؟» دەيۋ ئۈستەلنىڭ ئۈستىدىكى خاتىرە دەپتىرىنى كۆرسەتتى.
«ئىشلىتىپ تۇرسام بولامدۇ؟»
مۇدىر خانىم باش لىڭشىتقاندىن كىيىن دەيۋ تۆۋەندىكىلەرنى يازدى: «بىر قېتىمدا پەقەت ئۈچ سۆز ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئۇنىمۇ، ئاۋال بىر مۇئەللىم ياكى چوڭ ئادەمدىن بىرسى سىزدىن گەپ سورىغاندا. بالىلارغا گەپ قىلىدىغاندا بولسا سۆزنى سىز باشلىسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى سىزمۇ مۇئەللىم ھېساپلىنىسىز. مەكتەپ سىرتىدا بولسا ھەرگىز گەپ قىلمايسىز – ئابروي ئۈچۈن ۋەدە بېرىمىز. زادى بۇ ئىشمۇ تۈگەي دەپ قالدى – ئەتىلا ئاخىرلىشىدۇ»
كىيىن مۇدىرگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ «بۇ… ھەقىقەتەن قىززىقارلىق» دىدى.
خىئات خانىم بېشىنى چايقىدى «مەن ھەرگىزمۇ بۇنداق…»
دەيۋ قاتناش ساقچىسىدەك قولىنى كۆتۈردى «بولدى. ئۈچ بولدى.»
خىئات خانىم كۈلۈمسىرىدى – بۇ بىر مۇدىر كۈلۈشى ئەمەس ئىدى. دەيۋ پەرىقنى ھېس قىلدى. بۇ سەمىمىي بىر كۈلۈمسىرەش ئىدى.
خىئات خانىم دەيۋ ئۆزىگە مۇھىم بىر نەرسىنى تەۋسىيە قىلغانلىقى ئۈچۈن كۈلۈمسىرىگەن ئىدى. بەش مىنۇت بۇرۇنلا ئالۋاستىلارغا ئوخشاش قىلىق قىلغانتى. ئەمما ئۇ ئۇنداق ئەمەس. راستتىنلا.
ئەمما يەنىلا ئۇ قىلىقى زادى قاملاشمىغانتى. زالدىكى ھەممە ئادەم – بالىلار ياكى چوڭلار- بۇنى بىلەتتى. بۇ خىل خەۋەر بەك تېز تارقىلاتتى. شۇڭا ھەممىسىگە ئۆزىنىڭ بىر ئالۋاستى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىشى كېرەك ئىدى – دەرھال!
دەيۋ بايا ئۇنىڭغا قايتا ئادەمدەك بولۇشنىڭ بىر يولىنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى. چۈنكى ھەممىمىز بىلىمىز، ئالۋاستىلار چاقچاق قىلىشنى بىلمەيدۇ.
خىئات خانىم دەپتىرىدىن دەيۋ خەت يازغان بەتنى يىرتىپ ئېلىۋالدى ۋە ئاستىغا بىر نېمىلەرنى قوشۇپ قويدى. ئارقىدىن يان تەرەپتىكى ئىشخانىغا كىرىپ قەغەزنى چاپلىن خانىمغا بەردى.
كاتىپ خەتلەرنى بىر قۇر ئوقۇپ چىقىپ «ئۇنداقتا مەن بۇنى –» دەپ سۆز باشلىشىا خىئات خانىم بىر بارمىقىنى كۆتۈرۈپ «ياز» دىدى. ئارقىدىن ئىككى بارمىقىنى كۆتۈرۈپ «كۆپەيت» دىدى. كىيىن ئۈچ بارمىقىنى كۆتۈرۈپ «تارقات» دىدى.
چاپلىن خانىم «چۈشەندىم» دىدى.
بۇنىڭ بىلەن مۇدىر خانىم دەيۋگە قاراپ «قېنى ماڭ،تېزراق» دىدى.
دەيۋ بېشى قېيىۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتاتتى، ئەمما يەنىلا «قەيەرگە؟» دەپ سورىيالىدى.
خئات خانىم ئاللىقاچان ئىشخانىدىن چىقىپ بولغان ئىدى، كەينىگە قاراپ قويۇپ «تاماق زالىغا» دىدى.