تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، ناھايتى يىراق بىر مەملىكەتتە يوقسۇل بىر سودىگەر ياشايدىكەن. ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، بىردىنبىر ئوغلىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇنىڭغا:
– ئوغلۇم بىلىسەن، مەن بەك يوقسۇل ياشىدىم. ساڭا قالدۇرغىدەك بىرلا نەرسەم بار. ئۇ بولسا بىر كىتاب، – دەپتۇ ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي جان ئۈزۈپتۇ.
دادىسى ئۆلۈپ بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئوغلى كىتابنى ئوقۇشقا باشلاپتۇ. شۇ كۈنگىچە بىلمەيدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى كىتابتىن ئۆگىنىۋاپتۇ.
ئۇ ئۆگەنگەن بىلىملىرى بىلەن يېڭى نەرسىلەرنى ئىجاد قىلىشقا تىرىشىپتۇ ۋە بىر كۈنى بىر قوڭغۇراقلىق سائەت ياساپ چىقىپتۇ. سائەتنى مەملىكەتتىكى ھەركىم ناھايىتى ياقتۇرۇپتۇ.
ئۇ، بىر كۈنى سائەتلەردىن بىرسىنى پادىشاھقا سوۋغا قىلىپتۇ. پادىشاھنىڭ قىزى بۇ سائەتكە ئىنتايىن قىزىقىپتۇ. دادىسىغا،
– دادا، بۇ سائەتنى ياسىغان يىگىتتىن سائەتنى قانداق ياسىغانلىقىنى سوراپ باققىنا،– دەپ تۇرۇۋاپتۇ.
پادىشاھ يىگىتكە،
– قېنى دەپ باققىنا، بۇ سائەتنى قانداق ياسىدىڭ. – دەپ سوراپتۇ.
يىگىت،
– ئوقۇغان كىتابىمدىن پايدىلىنىپ ياسىدىم،– دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
مەلىكە بۇ جاۋاپنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇش بوپتۇ. يىگىت چىقىپ كەتكەندە دادىسىغا:
– دادا، بىلىسەن مەنمۇ كىتابلارغا بەك ئامراق. كىتابلارنىڭ قىممىتىنى بىلىدىغان بۇ يىگىت بىلەن توي قىلىشىمغا قوشۇلامسەن،– دەپتۇ.
پادىشاھ قىزىغا ماقۇللۇق بىلدۈرۈپتۇ. قىزى بىلەن سائەتنى ياسىغان يىگىتنىڭ تويىنى قىلىپ قويۇپتۇ.
ئىككى ياش، سارايدا چوڭ بىر كۈتۈپخانا ئېچىپتۇ. بۇ كۈتۈپخانىنى كىتاپ بىلەن توشقۇزۇپ، خەلققە ئېچىپ بېرىپتۇ.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار ناھايىتى خۇشال ياشاپ ئۆتۈپتۇ.