ئاپتورى: ج. ك. روۋلىڭ
تەرجىمە قىلغۇچىلار: ماھىنۇر، ھەبىبە، نەسلىخان ئۇيغۇر
5- باب: دايىگىن كوچىسى
خارى ئەتىسى سەھەردە ئويغاندى. ئۇ، كۈننىڭ يورۇغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ يېتىۋەردى.
ئۇ«بۇ بىر چۈش ئىدى» دەپ ئۆزىنى قايىل قىلىشقا ئۇرۇندى، «چۈشۈمدە خاگرېد ئىسىملىك بىر گىگانت ئادەم كېلىپ ماڭا سېھىرگەرلەر ئۈچۈن ئېچىلغان بىر مەكتەپكە بارىدىغانلىقىمنى ئېيتتى. كۆزۈمنى ئاچسام ئۆزۈمنى چوقۇم ئۆيدىكى ئىشكابىمدا كۆرىمەن.»
تۇيۇقسىز ئىشىك چېكىلگەندەك ئاۋاز ئاڭلاندى.
«مانا ئەمدى پەتۇنيا ھامما ئىشىكنى چېكىۋاتىدۇ» دەپ ئويلىدى يۈرىكى ئېچىشىپ كەتكەن خارى. ئەمما يەنىلا كۆزلىرىنى ئاچمىدى. چۈشى شۇنداق پەيزى داۋاملىشىۋاتاتتى.
تاق. تاق. تاق.
«ماقۇل» دەپ غودۇڭشىدى خارى. «مانا قوپۇۋاتىمەن.»
ئورنىدىن تۇرۇۋېدى، خاگرىدنىڭ ئېغىر چاپىنى ئۈستىدىن چۈشۈپ كەتتى. ئۆي ئىللىق كۈن نۇرىغا تولغان، بوران-چاپقۇن توختىغان، خاگرىد چۆكۈپ، يەرگە تېگىپ قالغان سافادا ئۇخلاۋاتقان ئىدى، يەنە تېخى دېرىزىدە تۇمشۇقىدا بىر گېزىتنى چىشلەپ تۇرغان ۋە پەنجىسى بىلەن دېرىزىنى چېكىۋاتقان بىر مۈشۈكياپىلاق تۇراتتى.
خارى سەكرەپ ئورنىدىن دەس تۇردى. شۇنداق خۇشال بولۇپ كەتكەنىدى، ھەتتا خۇشاللىقىدىن ئىچىدە كۆپۈۋاتقان چوڭ بىر شار باردەك ھېس قىلىۋاتاتتى. ئۇدۇل دېرىزىنىڭ ئالدىغا باردى ۋە تارتىپ ئاچتى. مۈشۈكياپىلاق ئىچكىرىگە كىردى، گېزىتنى تېخىچە ئۇخلاۋاتقان خاگرېدنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ قويدى. ئارقىدىن يەرگە قونۇپ خاگرېدنىڭ جۇۋىسىغا ھۇجۇم قىلدى.
«ئۇنداق قىلما.»
خارى مۈشۈكياپىلاقنى قوغلىۋەتمەكچى بولدى. ئەمما مۈشۈكياپىلاق غەزەپ بىلەن ئۇنىڭ قولىنى چوقۇپ قويدى ۋە خاگرىدنىڭ چاپىنىغا ۋەھشىيلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇردى.
«خاگرېد!» دېدى خارى يۇقىرى ئاۋازدا. «بىر مۈشۈكياپىلاق تۇرىدۇ…»
«پۇلىنى تۆلىۋەت» دەپ غودۇڭشىدى خاگرىد.
«نېمە؟»
«گېزىتنى ئەكەلگەچكە پۇل سوراۋاتىدۇ. يانچۇقلىرىمنى ئاختۇرۇپ باق.»
خاگرېدنىڭ جۇۋىسى خۇددى باشقا نەرسىدىن ئەمەس پەقەتلا يانچۇقتىنلا ياسالغاندەك قىلاتتى – ئاچقۇچ دەستىلىرى، مىلتىق ئوقلىرى، بىر توپ يىپ يىڭنە، يالپۇز تەملىك كەمپۈت، چاي خالتىلىرى… ئاخىرى، قارىماققا باشقىچىلا كۆرۈنىدىغان بىر سىقىم پۇل تاپتى.
«ئۇنىڭغا بەش كنۇت بەر.» دېدى تېخىچە ئۇيقۇسى ئېچىلمىغان خاگرىد.
«كنۇت؟»
«كىچىك مىس رەڭ بولغانلىرى.»
خارى كىچىك مىس تەڭگىدىن بەش تال ساناپ ئالدى، مۈشۈكياپىلاق تەڭگىلەرنى پۇتىغا باغلاپ قويۇلغان كىچىك خۇرۇم پۇل قاپچۇقىغا سېلىشى ئۈچۈن پۇتىنى خارىغا ئۇزاتتى. كېيىن ئوچۇق دېرىزىدىن ئۇچۇپ چىقىپ كەتتى.
خاگرېد يۇقىرى ئاۋازدا ئەسنەپ ئورنىدىن تۇردى ۋە تازا بىر كېرىلدى.
«ئەڭ ياخشىسى بىز ماڭايلى خارى. بۈگۈن بەك جىق ئىشىمىز بار، تېخى لوندونغا بېرىپ بىر مۇنچە مەكتەپتە ئىشلىتىدىغان ماتىرىياللارنى سېتىۋالىمىز»
خارى بولسا سېھىرگەر تەڭگىلىرىنى ئۆرۈپ چۆرۈپ، ئۇلارغا سىنچىلاپ قاراۋاتاتتى. ئۇشتۇمتۇتلا ئېسىغا كېلىپ قالغان بىر نەرسە، ئىچىدىكى چوڭ شارغا ئېغىر بىر زەربىدەك تېگىپ ئۇنى ئېتىلدۇرىۋەتتى.
«ھىم… خاگرېد…»
«ھىم» دىدى يوغان ئۆتۈكلىرىنى كىيگىلى تۇرغان خاگرىد.
«مەندە ئازراقمۇ پۇل يوق، تۈنۈگۈن ۋېرنون تاغىنىڭ گېپىنى سەنمۇ ئاڭلىدىڭغۇ، مېنىڭ سېھىرگەرلىك ئۆگىنىشىم ئۈچۈن ئازراقمۇ پۇل بەرمەيدىكەن»
«بۇ ھەقتە كاللا قاتۇرمىساڭمۇ بولىدۇ» دىدى ئورنىدىن تۇرۇپ بېشىنى قاشلاۋاتقان خاگرىد. «ئاپاڭ داداڭ ساڭا ھېچ نەرسە قالدۇرمىدى دەپ قالمىغانسەن؟»
«ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆيى ۋەيران بولغان تۇرسا… »
«ھەي بالا! ئالتۇنلىرىنى ئۆيدە ساقلىمايدۇ-دە، ئەلۋەتتە! بىز تۇنجى بارىدىغان يەر گرىنگوتس، سېھىرگەرلەر بانكىسى. بىر تال قېزا ئالغىنا. تېخى مۇزلاپ قېتىپ كەتمەپتۇ. مەن سېنىڭ تورتۇڭدىن بىر چىشلەم تېتىپ باقاي. »
«سېھىرگەرلەرنىڭ بانكىسى بارمۇ؟»
«پەقەتلا بىر تال. گرىنگوتس. جىنپاپىلار باشقۇرىدۇ.»
خارىنىڭ قولىدىكى قېزا يەرگە چۈشۈپ كەتتى.
«جىنپاپىلار؟»
«ھەئە، ساڭا دەپ قوياي خارى، ئۇ يەرگە ئوغرىلىققا چۈشكەن ئادەمنىڭ ئاۋال ساراڭ بولۇشى كېرەك. جىنپاپىلارنىڭ چىشىغا تەگسە قەتئىي بولمايدۇ. بىر نەرسىنى ئامانەت قويغۇڭ بولسا، گرىنگوتس ئەڭ بىخەتەر يەر. ئەلۋەتتە خوگۋارتسنى ھېساپلىمىساق. ئەمىلىيەتتە، زادى گرىنتگوتسقا بارماقچىدىم. دامبېلدور ئۈچۈن، خوگۋارتسقا مۇناسىۋەتلىك بىر ئىش…» خاگرىد پەخىرلەنگەن ھالدا مەيدىسىنى كېرىپ «مۇھىم ئىشلارنى ماڭا تاپشۇرىدۇ. سېنى ئاپىرىپ قويۇش، گرىنگوتسقا بېرىش دىگەندەك… چۈشەنگەنسەن، ماڭا ئىشىنىدۇ.»
«ھەممە نەرسە تەييار بولدىمۇ. ئۇنداقتا ماڭايلى.»
خارى قىيانىڭ ئۈستىگە چىقىۋاتقان خاگرىدنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدى. ھازىر ھاۋا ئوچۇق، ئاسمان سۈپسۈزۈك، دېڭىز كۈن نۇرىدا پارقىراپ تۇرىدۇ. ۋېرنون تاغا ئىجارىگە ئالغان قېيىق تېخىچە شۇ يەردە ئىدى، كېچىدىن چىققان بوران سەۋەپلىك قېيىقنىڭ ئىچىگە سۇ توشۇپ كەتكەنىدى
«بۇ يەرگە قانداق كەلدىڭ.» دەپ سورىدى خارى، ئەتراپىغا قاراپ باشقا قېيىق كۆرمىگەچكە.
«ئۇچتۇم» دىدى خاگرېد.
«ئۇچتۇم؟»
«ھەئە- ئەمما بۇنى كېيىن دىيىشەيلى. ھازىر سېنى تاپشۇرۇۋېلىپ بولغان بولغاچقا سېھىر ئىشلىتىشىمگە رۇخسەت يوق.»
ئۇلار قېيىققا ئولتۇردى. خارى تېخىچە خاگرېدقا قاراپ ئۇنىڭ قانداقسىگە ئۇچقانلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتاتتى.
«ئەمدى قېيىقنى ھەيدەپ يۈرسەك قاملاشماي قالار.» دىدى خاگرېد خارىغا يەنە كۆزىنىڭ ئۇچىدا قاراپ قويۇپ. «مەن… بۇ ئىشلارنى بىرئاز… تېزراق قىلسام… بۇنى خوگۋارتستا بىرەرسىگە ئېيتىپ قويماسسەن ھە؟ »
«ئەلۋەتتە ئېيتمايمەن.» دىدى خارى يەنە بىرئاز سېھىر كۆرۈش ھەۋىسى تۇتۇپ. خاگرېد يەنە ھالرەڭ كۈنلۈكنى قولىغا ئالدى. ئۇچى بىلەن قېيىقنىڭ يېنىغا ئىككى قېتىم چېكىپ قويدى، ۋە قېيىق قىرغاققا قاراپ ئۇچقاندەك تېز ئۈزۈشكە باشلىدى.
خارى، «نېمىشقا گرىنگوتسقا ئوغرىلىققا چۈشكەن ئادەمنىڭ ئاۋال ساراڭ بولۇشى كېرەك دەيسەن؟» دەپ سورىدى.
«ئەپسۇنلار، تىلسىملار…» دىدى خاگرېد. سۆزلەۋاتقاچ گېزىتىنى ئاچتى. «ئالىي دەرىجىلىك بىخەتەر ساندۇقلارنى ئەجدېھالار قوغدايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېزىپ قالماي چىقىپ كېتەلىسەڭ بولىدۇ – گرىنگوتس لوندوننىڭ نەچچە يۈز كىلومىتىر تېگىدە. مېتروغا قارىغاندا، يەرنىڭ خېلىلا چوڭقۇر قېتىغا جايلاشقان. مالنى ئوغرىلىيالىدىڭ دىگەندىمۇ چىقىش ئىشىكىنى تاپقۇچە ئېچىرقاپ ئۆلىسەندە.»
خاگرېد، كۈندىلىك رەمچى گېزىتىنى ئوقۇۋاتقاندا، خارى جىم ئولتۇرۇپ خىيالغا چۆمدى. خارى ۋېرنون تاغىدىن ئىنسانلار گېزىت ئوقۇۋاتقاندا، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە دەخلى قىلىشىنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى ئوبدان ئۆگەنگەن، بىراق بۇ ئىش شۇ تاپتا شۇنداق قېيىن تۇيۇلىۋاتىدۇ، ئۇ ئۆزىنى بىلگەندىن بۇيان كاللىسىدا بۇنداق جىق سوئال بولۇپ باققان ئەمەس.
خاگرېد بەتنى ئۆرۈۋاتقاندا، «سېھىرگەرلەر مېنىستىرى ھەر ۋاقىتتىكىگە ئوخشاشلا ئىشلارنى قالايمىقانلاشتۇرىۋېتىۋاتىدۇ» دېدى.
«سېھىرگەرلەر مېنىستىرىمۇ بارمۇ؟» دەپ سورىدى خارى، ئۆزىنى توختىتىۋالالماي.
«ئەلۋەتتە،» دېدى خاگرېد. «كۆپچىلىك دامبېلدورنىڭ سېھىرگەرلەر مېنىستىرى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىشقان ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ خوگۋارتسنى تاشلاپ قويۇپ كەتكۈسى كەلمىدى، شۇڭا بۇ مەنسەپ قېرى كورنېليۇس فاجغا قالدى. مېنىستىرلەر تارىخىدا ئۆتكەن ئەڭ چوڭ نان قېپى. شۇڭا ئۇ ھەر كۈنى ئەتتىگىنى دامبېلدوردىن مەسلىھەت سوراپ ئۇنىڭغا مۈشۈكياپىلاق ئەۋەتىدۇ.»
«ئۇنداقتا سېھىرگەرلەر مېنىستىرى نېمە ئىش قىلىدۇ؟»
«ئەسلى ۋەزىپىسى، بۇ دۆلەتتە تېخىچە ئۇياقتىن بۇياققا ئايلىنىپ يۈرگەن سېھىرگەر ۋە جادۇرگەرلەرنىڭ بارلىقىنى ماگىللارغا بىلىندۈرمەسلىك »
«نېمىشقا؟»
«نېمىشقا؟ ۋاي توۋا، نېمىشقا بولاتتى خارى، ئادەملەر ئۆزىنىڭ پۈتۈن قېيىنچىلىقىنى سېھىر ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ئۇرۇنمىسۇن دەپ… ياق ياق، بىزنى ئۆز ھالىمىزغا قويۇپ بەرسە، ئەڭ ياخشى. »
دەل شۇ ۋاقىتتا قېيىقنىڭ تېگى قىرغاققا يىنىك سوقۇلدى. خاگرېد گېزىتنى يىغىشتۇردى ۋە ئۇلار تاش پەلەمپەيدىن چىقىپ كوچىغا قەدەم قويدى.
ئۇلار، كىچىك كەنتتىن كېسىپ ئۆتۈپ، پويىز ئىستانسىغا مېڭىۋاتقاندا، ئۆتكەن كەچكەنلەر خاگرىدا تىكىلىپ قارايتتى. خارى ئۇلارنى ئەيىپلىمەيتتى. خاگرىد ھەممە ئادەمدىن ئىككى ھەسسە ئېگىز بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى، ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىكى پۇل يىغىش ئۈسكۈنىسىگە ئوخشاش ئەڭ ئاددىي نەرسىلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرايتتى «ئاۋۇنى كۆردۈڭما خارى؟ ماگېللارنىڭ كاللىسى نىمىلەرگە ئىشلەيدىكەن دېسە!»
«خاگرىد» دېدى ئۇنىڭغا يېتىشىپ مېڭىش ئۈچۈن يۈگررۈشكە مەجبۇر بولغان خارى. «گرىنگوتستا ئەجدىھالار بار دىگەنمىدىڭ؟»
«ھە، شۇنداق بىر گەپ بار» دىدى خاگرېد. «پاھ، بىر ئەجدىھام بولۇشىنى شۇنداق ئارزۇ قىلاتتىم دىسە!»
«بىر ئەجدىھا بېقىۋېلىشنى ئارزۇ قىلامتىڭ؟»
«بالىلىقىمدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم، مانا كەلدۇق. »
ئۇلار پويىز ئىستاننىسىغا كەلگەنىدى. بەش مىنۇتتىن كېيىن بىر پويىز لوندونغا ماڭاتتى. «ماگېل پۇلى» دىگەن بىر نەرسىگە زادى كاللىسى يەتمىگەن خاگرېد، بىلەتلەرنى ئالسۇن دەپ پۇلنى خارىغا بەردى.
پويىزدىكى چاغدا، ئادەملەر ئۇلارغا ئادەتتىكىدىنمۇ بەكرەك قاراپ قالدى. خاگرېد ئىككى ئورۇندۇققا تەستە سىغاتتى، ئولتۇرغاچ يانچۇقىدىن سوپىسوپىياڭدەك ساپسېرىق، سېرىك چىدىرىغا ئوخشايدىغان بىر نەرسىنى ئېلىپ توقۇغۇلى تۇردى.
«خەت يېنىڭدىمۇ يا خارى؟» دەپ سورىدى ئۇ زىخقا ئۆتكۈزۈلگەن تۈگۈنلەرنى سانىغاچ.
خارى يانچۇقىدىن تېرە لىپاپنى ئالدى.
«ياخشى. » دىدى خاگرېد. «شۇ يەردە ساڭا لازىملىق نەرسىلەرنىڭ بىر تىزىملىكىمۇ بار»
خارى تۈنۈگۈن كېچە كۆرمىگەن بىر پارچە قەغەزنى ئېچىپ ئىچىدىكىلەرنى ئوقۇدى:
خوگۋارتس جادۇگەرلىك ۋە سېھىرگەرلىك مەكتىپى
فورما
بىرىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغالازىم نەرسىلەر:
1. ئۈچ يۈرۈش تۈز، ئوقۇغۇچى تونى (قارا رەڭ)
2. ئۇچلۇق شەپكە (قارا رەڭ)، كۈندە كىيىش ئۈچۈن
3. بىر جۈپ قوغدىغۇچى پەلەي (ئەجدىھا تېرىسى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ماتىريالدىن ياسالغان)
4. بىر تال قىشلىق يېپىنچا (قارا رەڭ، كۈمۈش لېنتىلىق)
پۈتۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ فورمىسىدا ئىسىم يېزىقلىق كارتۇچكا بولۇشى كېرەك.
دەرىسلىك كىتاپلار
پۈتۈن ئوقۇغۇچىلاردا تۆۋەندىكى كىتاپلاردىن چوقۇم بىر نۇسخىدىن بولۇشى كېرەك.
بىرىنچى سىنىپلار ئۈچۈن ئاساسلىق سېھىرلەر كىتابى (مىراندا گوشاۋك)
سېھىرگەرلەر تارىخىدىن (باتېلدا باگشوت)
سېھىر نەزەرىيەسى (ئادالبەرت ۋافلېڭ)
شەكىل ئۆزگەرتىشكە تۇنجى قەدەم (ئەمەرىك سۋىچ)
بىر مىڭ سېھىرلىك ئوت ۋە موگو (فىلىيدا سپور)
سېھىرلىك سۇيۇقلۇقلۇق دورىلار (ئارسەنىئۇس جىگگېر)
غەلىتە مەخلۇقلار ۋە ئۇلارنى قەيەردە تاپالايمىز؟ (نىيۇۋت سكامېندىر)
زۇلمەتلىك كۈچلەر: ئۆزىنى قوغداش قوللانمىسى (كۇەنتىن ترىمبېل)
باشقا ماتىريال – ئەسۋاپلار
بىر سېھىرلىك تاياق
بىر قازان (مىستىن، ئوتتۇراھال چوڭلۇقتا)
بىر يۈرۈش ئەينەك ياكى خىرۇستال بوتۇلكا
بىر تېلېسكوپ
بىر يۈرۈش مىستىن ياسالغان تارازا
ئوقۇغۇچىلار يەنە، بىر مۈشۈكياپىلاق، بىر مۈشۈك ياكى بىر پاقا ئەكەلسە بولىدۇ.
ئاتا ئانىلارغا مۇھىم ئۇقتۇرۇش! بىرىنچى سىنىپلارنىڭ مەكتەپكە ئۆزىگە ئائىت سۈپۈرگە ئەكىلىشى چەكلەنگەن!
«بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى لوندوندىن تاپالامدۇق؟» دەپ سورىدى خارى ھەيرانلىق بىلەن.
«قەيەرگە بېرىشنى بىلسەڭلا.» دىدى خاگرېد.
خارى بۇنىڭدىن بۇرۇن لوندونغا كېلىپ باقمىغانىدى. خاگرېد قارىماققا بارىدىغان يېرىنى بىلىدىغاندەك قىلسىمۇ، ئادەتتە بۇنداق ئادەتتىكى يوللاردىن ساياھەت قىلمايدىغانلىقى ئېنىقلا ئىدى. ئۇ مېترودا ئايلانما ئىشىكلەرگە قىسىلىپ قالدى، پويىزغا ئولتۇرغاندا، ھېلى ئورۇندۇقنىڭ كىچىكلىكىدىن، ھېلى پويىزنىڭ بەك ئاستا ماڭغانلىقىدىن يۇقرى ئاۋازدا ئاغرىنىپلا يۈردى.
«ماگېللار سېھىرسىز قانداق ياشايدىغاندۇ ھېچ بىلمىدىم.» دېدى ئۇ، ئۇلار بۇزۇلۇپ قالغان بىر توكلۇق پەلەمپەيدىن چىقىپ ئىككى يېنىغا دۇكانلار جايلاشقان ئاۋات بىر كوچىغا چىققان چاغدا…
خاگرېد شۇنداق يوغان ئىدىكى، ئادەملەر توپىنى بۆسۈپ ئۆتۈش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوڭايلا ئىش ئىدى. خارى پەقەت ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ماڭسىلا بولاتتى. ئۇلار كىتاپخانىلارنىڭ، مۇزىكا ئەسۋابى ساتىدىغان دۇكانلارنىڭ، خامبۇرگ ئاشخانىلىرىنىڭ، كىنوخانىلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتتى. ئەمما ھېچقايسىسىدا سېھىرلىك تاياق سېتىلىدىغاندەك قىلمايتتى. بۇ يەر پەقەت، ئادەتتىكى ئادەملەر بىلەن تولغان ئادەتتىكى بىر كوچا ئىدى، خالاس. راستتىنلا مۇشۇ يەرنىڭ نەچچە كىلومېتىر تېگىدە سېھىرگەرلەرنىڭ ئالتۇن دۆۋىلىرى كۆمۈلگەنمىدۇ؟ سېھىر كىتاپلىرى، ئۇچىدىغان سۈپۈرگىلەر ساتىدىغان دۇكانلار بارمىدۇ؟ ياكى بولمىسا بۇ ھەممىسى دۆرسلېيلەر ئۇيۇشتۇرغان ئاجايىپ بىر چاقچاقمىدۇ؟ خارى دۆرسلېيلەرنىڭ چاقچاقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىغان ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان بولسىدى، بەلكى مۇشۇنداق ئويلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما خاگرېدنىڭ ئېيتقانلىرى شۇنداق ئاجايىپ-غارايىپ نەرسىلەر ئىدىكى، خارى تېخىچە ئۇنىڭغا ئىشىنىش ئىشەنمەسلىكنى بىلەلمەي قېلىۋاتاتتى.
«مانا كەلدۇق» دېدى خاگرىد توختاپ. «يېرىق قازان، داڭلىق بىر يەر.»
بۇ يەر كىچىككىنە، ۋەيرانە كۆرۈنىدىغان بىر قاۋاقخانا ئىدى. خاگرېد قولى بىلەن كۆرسەتمىگەن بولسا، خارى ئۇنىڭ ئۇ يەردە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەي قالغان بولاتتى. يولدىن ئىتتىك ئىتتىك ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار بۇ قاۋاقخانىغا قاراپمۇ قويمايتتى. بۇ ئادەملەرنىڭ كۆزى قاۋاقخانىنىڭ يېنىدىكى چوڭ كىتاپخانىدىن كېيىن، يەنە بىر ياندىكى پلاستېنكا دۇكىنىغا چۈشەتتى، خۇددى يېرىق قازاننى ئەسلا كۆرمەيدىغاندەكلا قىلاتتى. خارىنىڭ ئىچىدە، خۇددى بۇ قاۋاقخانىنى خاگرىد ۋە ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم كۆرەلمەيدىغاندەك بىر خىل غەلىتە سېزىم پەيدا بولدى. تېخى بۇ خىيالىنى ئېيتىشقا ئۈلگۈرەلمەستىن خاگرېد ئۇنى قاۋاقخانىنىڭ ئىچىگە تارتىپ ئەكىرىپ كەتتى.
يېرىق قازان، داڭلىق بىر يەر ئۈچۈن ئارتۇقچە قاراڭغۇ ۋە ۋەيرانە ئىدى. بىر بۇلۇڭدا بىرنەچچە قېرى ئايال ئولتۇرۇپ شەرى ھارىقى ئىچىۋاتاتتى.
ئارىلىرىدىن بىرى ئۇزۇن بىر تاماكا چېكىۋاتاتتى. سىلىندىر شەپكىلىك كىچىك بىر ئادەم چاچلىرى چۈشۈپ كەتكەن پاينەكباش، شىلىمشىق بىر ياڭاققا ئوخشاپ كېتىدىغان قاۋاقخانا كۈتكۈچىسى بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى. ئۇلار ئىچكىرىگە كىرگەندە غوڭ-غوڭ ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان پاراڭ شىپپىدە توختاپ قالدى. ھەممەيلەن خاگرېدنى تونۇيدىغاندەك قىلاتتى. ئۇلار ئۇنىڭغا قول پۇلاڭلىتىپ كۈلۈمسىرەشتى. قاۋاقخانا كۈتكۈچىسى قولىغا بىر قەدەھ ئېلىپ، «ھەر ۋاقىتتىكىدەك ئىچەمسەن خاگرېد؟» دېدى.
«بۈگۈن ئىچمەيمەن توم، خوگۋارتس ۋەزىپىسى» دېدى خاگرىد يوغان ئالقىنى بىلەن خارىنىڭ مۆرىسىگە يىنىك ئۇرۇپ قويۇپ، خارىنىڭ بولسا بۇ زەربىدىن تىزلىرى ئېگىلىپ كەتتى.
«ۋاي تەڭرىم!» دېدى قاۋاقخانا كۈتكۈچىسى خارىغا تىكىلىپ قاراپ، «بۇ؟ بۇ شۇ -؟ راستتىنلا… مۇمكىنمۇ؟»
يېرىق قازان تۇيۇقسىزلا سۈكۈتكە چۆمدى.
«ۋاي خۇدايىمەي!» دەپ پىچىرلىدى قېرى قاۋاقخانا كۈتكۈچىسى. «خارى پوتېر… نېمە دېگەن… چوڭ شەرەپ بۇ!»
ئۈستەلنىڭ كەينىدىن چىقتى، كۆزلىرىدە ياش، خارىنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ قولىنى تۇتتى.
«قايتىپ كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز پوتېر ئەپەندى، قايتىپ كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!»
خارى نېمە دېيىشىنى بىلەلمىدى. ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا قاراۋاتاتتى. تاماكا چېكىۋاتقان ئايال تاماكىسىنىڭ ئۆچكىنىنىمۇ تۇيماستىن شوراپ ئولتۇرتتى. خاگرىدنىڭ چىرايى نۇرلىنىپ كەتكەنىدى.
تۇيۇقسىز، ئورۇندۇقلارنىڭ غىچىرلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، خارى ئۆزىنىڭ قاچانلاردا يېرىق قازاندىكى ھەممە ئادەم بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنى باشلىۋەتكەنلىكىنى بىلمەيلا قالدى.
«مەن دورىس كروكفورد، پوتېر ئەپەندى. سىزنى ئاخىرى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگىنىمگە ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ!»
«شۇنداق شەرەپ ھېس قىلدىم پوتېر ئەپەندى، شۇنداق شەرەپ ھېس قىلدىم!»
«دائىم سىز بىلەن بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈۋالسام دەيتتىم – ئاھ، يۈرىكىم دۈپۈلدەپ كېتىۋاتىدۇ دېسە!»
«قانچىلىك خۇشال بولغانلىقىمنى سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن پوتېر ئەپەندى، مەن دېگىل، دېدالۇس دېگىل.»
خارى «سىزنى بۇرۇنمۇ كۆرگەنتىم!» دېۋىدى، ھاياجانلىنىپ كەتكەن دېدالۇس دېگىلنىڭ شەپكىسى چۈشۈپ كەتتى. «بىر ۋاقىتلاردا، بىر دۇكاندا ماڭا سالام قىلغانتىڭىز»
ئەتراپتىكىلەرگە قاراپ، «ئېسىدىكەن!» دەپ ۋارقىرىدى دېدالۇس دېگىل. «ئاڭلىدىڭلارمۇ؟ مېنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ!»
خارى ھەممە ئادەم بىلەن قول ئېلىشتى، قايتا قايتا… دورىس كروكفورد، ئۇنىڭ قولىنى يەنە بىر قېتىم تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن، ئادەملەر توپىنىڭ ئارىسىغا قايتا قايتا كېلىۋېلىۋاتاتتى.
تاتىراڭغۇ يۈزلۈك بىر ياش ئادەم، ناھايىتى جىددىيلەشكەن ھالدا يېقىن كەلدى. ئۇنىڭ بىر كۆزى توختىماي چىمىلداپلا تۇراتتى.
«پروفېسسور كۇئىرېل!» دېدى خاگرېد. «خارى، پروفېسسور كۇئىرېل سېنىڭ خوگۋارتستىكى مۇئەللىملىرىڭدىن بىرسى. »
«پپ- پ- پوتېر.» دەپ كېكەچلىدى پروفېسسور كۇئىرېل خارىنىڭ قولىغا چىڭ چاپلىشىپ. «سى- سىز بىلەن تو- تونۇشقانلىقىمغا ئى- ئىنتايىن خۇ- خۇ-شالمەن.»
«سىز قانداق سېھىر ئۆگىتىسىز پروفېسسور كۇئىرېل؟»
«قا- قا- قاراڭغۇلۇق سەنئەتلەردىن قو- قوغدىنىش،» دېدى كۇئىرېل، گەرچە بۇ تېما ھەققىدە پاراڭلاشقۇسى يوقتەكلا قىلاتتى. «گ-گەرچە، سىز-سىزگە ئۆ-ئۆگىنىشمۇ كەت-كەتمەيدۇ، ھە پ- پ- پوتېر.» جىددىلەشكەن ھالدا كۈلدى. «قارىغاندا ئە- ئە- ئەسۋاپلىرىڭىزنى ئالغىلى كەلدىڭىزغۇ دەيمەن. م-مە- مەنمۇ قانخورلار ھەققىدە بىر كى- كىتاپ سېتىۋالماقچىدىم.» ئەمما ئۇ، قانخور دىگەن ئىسىمنى ئاڭلاپمۇ چۆچۈگەندەك قىلاتتى.
ئەمما باشقىلار كۇئىرېلنىڭ خارىنى ئېگەللىۋېلىشىغا يول قويمىدى. ھەممىسىدىن ئايرىلىپ، قاۋاقخانىدىن چىققۇچە ئون مىنۇت كەتتى. ئاخىرى خاگرېد پۈتۈن ۋاراڭ-چۇرۇڭلارنىڭ ئارىسىدىن ئاۋازىنى ئاڭلىتالىدى.
«ئەمدى ماڭمىساق بولمايدۇ، ئالىدىغان جىق نەرسە بار، ماڭ خارى.»
دورىس كروكفورد ئاخىرقى قېتىم خارى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈۋالغاندىن كېيىن خاگرېد يول باشلاپ ئالدىدا ماڭدى. ئۇلار ئۈستەلدىن قايرىلىپ ئۆتۈپ، پەقەت بىرنەچچە ئەخلەت ساندۇقى ۋە ياۋا چاتقاللا بار، تام بىلەن توسۇلغان بىر قورۇغا كەلدى.
خاگرېد خارىغا قاراپ ھىجايدى.
«قارا، مەن ساڭا دېگەنتىم، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ قانچىلىك داڭلىق ئىكەنلىكىڭنى ساڭا ئېيتقانتىمغۇ. ھەتتا پروففېسسور كۇئىرېلمۇ سەن بىلەن كۆرۈشكەندە تىترەپ كەتتى – ئەمەلىيەتتە ئۇ دائىم دىر- دىر تىترەپلا تۇرىدۇ. »
«ئۇ داۋاملىق مۇشۇنداق جىددىيلىشىپلا يۈرەمدۇ؟»
«ھە، شۇنداق. بىچارە گۇي. خېلىلا ئەقىللىق ئىدى. كىتاپلار بىلەنلا ئۆگىنىش قىلىۋاتقاندا ياخشى ئىدى، ئەمما بىر يىلى، بىۋاستە تەجرىبە توپلاش ئۈچۈن ساياھەت قىلىشنى باشلىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ زۇلمەتلىك ئورماندا قان شورىغۇچى مەخلۇقلار بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ، باشقىلار شۇنداق دېيىشىدۇ. يەنە تېخى بىر يالماۋۇز خوتۇن بىلەن جىدەللىشىپ قاپتۇ – شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆزگىرىپلا كەتتى. ئوقۇغۇچىلىرىدىن قورقىدۇ، ئۆزى ئۆگەتكەن دەرىستىنمۇ قورقىدۇ – ھوي، مېنىڭ كۈنلۈكۈم قېنى ئەمدى؟ »
قانخورلار؟ يالماۋۇزلار؟ خارىنىڭ كاللىسى ئېلىشىپلا كەتكەن ئىدى. شۇ ئارىدا خاگرېد ئەخلەت ساندۇقىنىڭ يېنىدىكى تامنىڭ خىشلىرىنى سانىغىلى تۇرغانتى.
«ئۈچ ئۈستىگە… ئىككى ئوڭغا… » دەۋاتاتتى ئۆز ئۆزىگە. «مانا، كەينىڭگە ئازراق چېكىن خارى.»
كۈنلۈكىنىڭ ئۇچى بىلەن تامغا ئۈچ قېتىم ئۇردى.
كۈنلۈك تەگكەن كېسەك مۇنداق بىر تىترىدى- تولغىنىپ باقتى- شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرسىدا كىچىك بىر تۆشۈك پەيدا بولدى. تۆشۈك يوغىنىدى، يوغىنىدى، بىر مىنۇتتىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىر تاش دەرۋازا پەيدا بولدى، ھەتتا خاگرىمۇ پاتقۇدەك چوڭ بىر دەرۋازا، ئۇششاق تاشلار ياتقۇزۇلغان، ئەگرى توقاي بىر كوچىغا ئېچىلىدىغان بىر دەرۋازا.
«خۇش كەلدىڭ خارى،» دېدى خاگرېد «مانا دايىگىن يولى.»
خارىنىڭ ھەيرانلىقىنى كۆرۈپ ھىجىيىپ قويدى. ئۇلار دەرۋازىدىن ئۆتتى. خارى دەرھال بېشىنى بۇراپ كەينىگە قارىدى، ۋە تاش دەۋازىنىڭ چاققانلىق بىلەن قايتىدىن تامغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆردى.
ئەڭ يېقىندىكى دۇكاننىڭ تەكچىسىدىكى قازانلار كۈن نۇرىدا ۋال ۋۇل پارقىراپ تۇراتتى. ئۈستىدە ساڭگىلاپ تۇرغان تاختىدا، « قازانلار- ھەر قانداق چوڭلۇقتا- مىس- تۇچ- قەلەي- كۈمۈش- ئاپتوماتىك ئېلەشتۈرۈش- قاتلىنىش ئالاھىدىلىكلىرى» دەپ يېزىقلىق ئىدى.
«ساڭا بىرنى ئالىمىز،» دىدى خاگرېد، «ئەمما ئاۋۋال پۇلنى ئېلىۋېلىشىمىز كېرەك. »
خارى ، يەنە سەككىز كۆزىنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى. كوچىدا مېڭىۋېتىپ كاللىسىنى ھەر يانغا بۇراپ، ھەممە نەرسىنى بىراقلا كۆرۈۋېلىشقا تىرىشىۋاتاتتى: دۇكانلارنى، ئالدىدىكى نەرسىلەر، سودا سېتىق قىلىۋاتقان، بازار ئايلىنىۋاتقان ئادەملەرنى… ئۇلار بودەك بىر ئايالنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كەتتى؛ ئۇ ئايال سەكسەن خالتىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ بېشىنى چايقاپ ئاغرىنىۋاتاتتى، «ئەجدىھا جىگىرىنىڭ گرامى ئون يەتتە سېكىل، بۇلار ساراڭ بوپتۇ…»
ئۈستىدە، «ئېلوپس تۈرلۈك مۈشۈكياپىلاق سارىيى- يىرتقۇچ- يۇۋاش- كۈلرەڭ- قوڭۇر رەڭ- ئاپئاق مۈشۈكياپىلاقلار» يېزىقلىق بىر دۇكاندىن يىنىك قۇش ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. خارى بىلەن تەڭتۇش بىر نەچچە بالا، سۈپۈرگە دۇكىنىنىڭ ئەينىكىنىڭ ئالدىدا تۇراتتى، ئۇلارنىڭ بۇرنى ئەينەككە چاپلىشىپ قالغانتى. خارى ئىچلىرىدىن بىرسىنىڭ، «قارا،» دېگىنىنى ئاڭلاپ قالدى. «يېڭى نىمبۇس ئىككى مىڭ، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ تېز ئۇچىدىغان سۈپۈرگە- » ئۇ يەردە، تون-چاپان ساتىدىغان، تېلىسكوپ ساتىدىغان، خارىنىڭ بۇرۇن كۆرۈپمۇ باقمىغان غەلىتە كۈمۈش مۇزىكا ئەسۋاپلىرى ساتىدىغان دۇكانلار بار ئىدى. ئۇلار يەنە تېخى، شەپەرەڭ تاللىرى، يىلان بېلىقى كۆزلىرى بىلەن تولغان ئىدىشلار، قېلىم- قېلىن كىتاپ دۆۋىلىرى، پەي قەلەملەر، تېرە قەغەزلەر، خىسلەتلىك دورا قۇتىلىرى، ئاي شارىلار تىزىلغان ئۈستەللەر… دىگەندەك نەرسىلەر كۆرگەزمە قىلىنىدىغان پەنجىرىلەرنىڭ ئالدىدىن ئۆتتى.
«گرىنگوتس،» دېدى خاگرېد.
ئۇلار باشقا كىچىك دۇكانلارنىڭ ئارىسىدا كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىدىغان، قاردەك ئاپئاق بىر بىنانىڭ ئالدىدا تۇراتتى. پارقىراق مىس دەرۋازىنىڭ ئالدىدا تۇرغىنى بولسا، ئالتۇن كەشتىلىك پارقىراق فورما كىيگەن بىر…
«شۇنداق، بۇ بىر جىنپاپا.» دېدى خاگرىد، ئۇلار ئاپئاق مەرمەر پەلەمپەيدىن چىقىۋاتقاندا. جىنپاپا خارىدىن بىر باش قىسقا ئىدى. ئۇنىڭ قارامتۇل چىرايىدىن زېرەكلىكى چىقىپ تۇراتتى، ئۇچلۇق ساقىلى بار ئىدى، خارى يەنە تېخى ئۇنىڭ بارماقلىرىنىڭ ۋە پۇتىنىڭ شۇنداق ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالدى. ئۇلار ئىچىگە كىرىپ كېتىۋاتقاندا جىنپاپا ئېگىلىپ تازىم بەجا كەلتۈردى. ئەمدى ئۇلار ئىككىنچى دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كەلگەنتى، بۇ دەرۋازا بولسا كۈمۈشتىن ياسالغان ئىدى، ئىشىكنىڭ ئۈستىگە مۇنۇ خەتلەر ئويۇلغان ئىدى:
ھەي ناتونۇش كىشى قېنى كىرگىن، بىراق ھوشيار بول.
نەپسىڭنىڭ چوڭقۇر قېتىغا پېتىپ قالما، ھېزى بول.
ئالىدىغان، بىراق مۇشەققەتتىن قاچىدىغانلار، ئىشىنىڭلار،
تۆلەيدىغان بەدەل چوقۇم ئىنتايىن ئېغىر بولار.
شۇڭا، بىزنىڭ زىمىنىمىزغا،قارا نىيەت بىلەن قەدەم تاشلايدىغان بولساڭ،
ئۇنتۇما، باشقىلارنىڭ خەزىنىسىگە رۇخسەتسىز چېقىلساڭ،
ئوغرى، سېنى ئاگاھلاندۇردۇق قىلغىن ئېھتىيات،
ئۇ يەردىكى جاۋاھىرات، خەزىنىدىن بەتەرراق!
«دېدىمغۇ، بۇ يەرگە ئوغرىلىققا چۈشۈش ئۈچۈن ئاۋال ساراڭ بولۇشۇڭ كېرەك. » دېدى خاگرېد.
بىر جۈپ جىن پاپا ئۇلارنى كۈمۈش ئىشىكىنىڭ ئالدىدا تازىم بەجا كەلتۈرۈپ كۈتۈۋالدى ۋە ئۇلار ئاخىرى يەنە بىر ئۇچىغا كۆز يەتمەيدىغان مەرمەر سارايغا كىردى. يۈزدەك جىنپاپا، ئۇزۇن ئۈستەللەرنىڭ كەينىدىكى ئېگىز ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇپ، يوغان ھېساپ دەپتەرلىرىگە بىر نەرسىلەر يېزىۋاتقان، مىس تارازىلاردا پۇل تارتىۋاتقان، مىكروىسكوپلاردا قىممەتلىك تاشلارنى تەكشۈرۈپ بېقىۋاتقان ئىدى. ساراينىڭ سىرتىغا ئېچىلىدىغان نۇرغۇنلىغان ئىشىكلەر بارئىدى. يەنە تېخى بىر توپ جىنپاپا شۇ ئىشىكلەردىن كىرىپ چىقىپ ئىنسانلارغا يول باشلاۋاتاتتى. خاگرېد ۋە خارى ئۈستەللەردىن بىرىگە يېقىن باردى.
«خەيىرلىك سەھەر» دىدى خاگرىد بىكار ئولتۇرغان بىر جىنپاپىغا. «پوتېر ئەپەندىنىڭ ساندۇقىدىن بىرئاز پۇل ئالغىلى كەلدۇق.»
«ئاچقۇچى يېنىڭىزدىمۇ، ئەپەندى؟»
«مۇشۇ يەردە بىريەرلەردىدەك قىلاتتى،» دېدى خاگرېد ۋە يانچۇقلىرىنى تەتۈر ئۆرۈپ چىققان نەرسىلەرنى ئۈستەلگە قويۇشقا باشلىدى، جىنپاپىنىڭ ھىېساپ دەپتىرىنىڭ ئۈستىگە بىر سىقىم يېپىشقاق، ئىتقا بېرىدىغان پىرەنىك چېچىلىپ كەتتى. جىنپاپا چىرايىنى پۈرۈشتۈردى. خارى بولسا، ئوڭ تەرىپىدىكى جىنپاپىنىڭ يېنىۋاتقان كۆمۈرگە ئوخشاش چوڭ بىر توپ ياقۇتنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەۋاتقىنىغا قاراپ قالغانىدى.
«مانا تاپتىم،» دىدى خاگرېد ئاخىرى، ئۇنىڭ قولىدا كىچىككىنە بىر ئالتۇن ئاچقۇچ تۇراتتى.
جىنپاپا ئاچقۇچقا سىنچىلاپ قارىدى.
«مەسىلە يوقتەك قىلىدۇ.»
«پروفېسسور دامبېلدوردىن بىر خەت ئېلىپ كەلدىم.» دىدى خاگرىد مەيدىسىنى كېرىپ، مەغرۇر ھالدا. «يەتتە يۈز ئون ئۈچىنجى ساندۇقتىكى نىمىلىكىنى- بىلىسىز- سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك.»
جىنپاپا خەتنى دىققەت قىلىپ ئوقۇدى.
كىيىن ئۇنى خاگرېدقا ئۇزىتىپ «ماقۇل» دىدى. «ئىككىڭلارغا يول باشلاپ بېرىدىغان بىرسىنى چاقىراي. گرىپھۇك!»
گرىپھۇك باشقا بىر جىنپاپا ئىدى. خاگرېد پىرەنىكلەرنى يەنە يانچۇقىغا تولدۇردى. گرىپھۇكنىڭ ئارقىسىدىن ساراينىڭ سىرتىغا چىقىدىغان ئىشىكلەردىن بىرىگە قاراپ ماڭدى.
خارى، «يەتتە يۈز ئون ئۈچىنچى نومۇردىكى نىمىلىكىنى- بىلىسىز- سىز دېگەن نىمە؟» دەپ سورىدى.
«دېسەم بولمايدۇ،» دېدى خاگرىد سىرلىق ھالدا. «ناھايتى مەخپىي، خوگۋارتسنىڭ ئىشى، دامبېلدور ماڭا ئىشەندى. ئەگەر دەپ قويسام ۋەزىپەمنى يامان يەردە ئىشلەتكەن بولىمەن.»
گرىپھۇك ئۇلارغا ئىشىكنى ئېچىپ بەردى. ئالدىمغا يەنە مەرمەر چىقىدۇ، دەپ ئويلىغان خارى ھەيران قالدى. ئۇلار مەشئەللەر يورۇتۇپ تۇرىدىغان، تار، تاش لەخمىدىن بىرسىگە چىقىپ قالغانىدى. لەخمىنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە ماڭىدىغان يول شۇنداق تىك ئىدى ۋە يەرگە تار رېلىس ئورنىتىلغان ئىدى. گرىپھۇك ئىسقىرتىۋېدى رېلىسنىڭ ئۈستىدە كىچىك بىر ھارۋا پەيدا بولدى. ئۇلار ھارۋىغا يامىشىپ چىقتى – گەرچە خاگرىد ئۈچۈن بۇ بىرئاز تەسكە توختىسىمۇ… ۋە تۆۋەنگە قاراپ ئۇچقاندەك ماڭدى.
ئاۋۋال تېپىشماققا ئوخشاش ئەگرى توقاي لەخمىلەردىن ماڭدى. خارى ماڭغان يولىنى ئېسىدا تۇتۇۋېلىشقا تىرىشتى، سول، ئوڭ، ئوڭ، سول، ئوتتۇردىكى كىرىش، ئوڭ، سول… ئەمما بارغانسېرى بۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى. تاراقشىپ مېڭىۋاتقان ھارۋا يولنى بىلىدىغاندەك قىلاتتى، چۈنكى گرىپھۇك ئۇنى باشقۇرمايۋاتاتتى.
خارىنىڭ كۆزلىرى ئۇرۇپ تۇرغان سوغۇق شامالنىڭ تەسىرىدە ئېچىشىپ كەتكەنىدى، ئەمما يەنىلا كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ قاراپ تۇراتتى. بىر قېتىم ئۆتۈش ئېغىزىنىڭ ئاخىرىدا ئوت يالقۇنلىرىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆردى، بۇنىڭ بىر ئەجدىھا ياكى ئەمەسلىكىگە قاراپ بېقىش ئۈچۈن تېزلا ئارقىسىغا بۇرۇلدى، ئەمما كېچىكىپ قالغانىدى، ھارۋا، يەردە ۋە تورۇستا يوغان ستالاكتىت ۋە ستالاگمىتلەر بار بىر يەرئاستى كۆلىدىن ئۆتۈپ يەرنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر قېتىغا كىرىپ كەتتى.
ماشىنىنىڭ تاراق تۇرۇقلىرىدا ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىپ، «ھېچ بىلمىدىم،» دەپ ۋارقىرىدى خارى. «ستالاكتىت بىلەن ستالاگمىتنىڭ پەرقى نىمە؟»
«ستالاگمىتتا <م> ھەرپى بارغۇ،» دېدى خاگرېد. «ھازىر مەندىن سوئال سورىما، قۇسۇۋېتىدىغاندەكلا قىلىمەن. »
خاگرىدنىڭ چىرايى راستىنلا ياپيېشىل بولۇپ كەتكەنىدى. ماشىنا ئاخىرى تامدىكى كىچىك بىر ئىشىكنىڭ يېنىدا توختىغاندا، خاگرېد دەرھال قوپۇپ كەتتى. تىزلىرىنىڭ تىترىشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن تامغا يۆلەندى.
گرىپھۇك ئىشىكنىڭ قۇلۇپىنى ئاچتى. ئاۋۋال ساندۇقتىن ياپيېشىل، قويۇق تۇمان چىقتى، تۇمان تارقاپ كەتكەندىن كىيىن خارى ھاڭ تاڭ بولۇپ قالدى. بىخەتەر ئۆينىڭ ئىچىدە دۆۋە دۆۋە ئالتۇن تەڭگە تۇراتتى. رەت رەت كۈمۈش. بىر توپ كىچىك مىس كنۇت.
«ھەممىسى سېنىڭ،» دەپ كۈلۈمسىرىدى خاگرىد.
ھەممىسى خارىنىڭ، ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ شۇنداقمۇ! قارىغاندا، دۆرسلېيلەر بۇنى بىلمەيدىغان ئوخشايدۇ، بولمىسا ئۇلار بۇلارنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئىگەللىۋالغان بولاتتى. ئۇلار زادى، داۋاملىق خارىنىڭ ئۇلارغا قانداق ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەرگەنلىكىدىن، ئۇنىڭغا كەتكەن چىقىمدىن ئاغرىنمامدۇ؟ مانا شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى خارى، لوندوننىڭ چوڭقۇر قېتىغا كۆمۈۋېتىلگەن بايلىقنىڭ ئىگىسىكەن ئەمەسمۇ؟
خاگرىد خارىغا كىچىك بىر دۆۋە پۇلنى پۇل قاپچۇقىغا سېلىشىپ بەردى.
«ئالتۇن بولغىنى گاللېئون» دەپ چۈشەندۈردى ئۇ. «ئون يەتتە كۈمۈش سېكىل بىر گاللېئونغا تەڭ ۋە يىگىرمە يەتتە كنۇت بىر سېكىلغا. شۇنچىلىك ئاددى. بولدى، مۇشۇ ساڭا بىر يىل يېتىدۇ، باشقىلىرىنى سېنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ يەردە بىخەتەر ساقلاپ قويىمىز.» گرىپھۇكقا قاراپ «ئەمدى يەتتە يۈز ئون ئۈچىنچى بىخەتەرلىك ئىشكاپقا. يەنە بىر گەپ، ئەمدى ئاستىراق ماڭساق بولامدۇ؟»
«پەقەت بىر خىللا سۈرئەت بار» دېدى گرىپھۇك.
ئۇلار ھازىر تېخىمۇ ئىچكىرلەپ، بارغانسېرى تېخىمۇ تېزلىشىپ مېڭىۋاتاتتى. زىچ تونېللاردىن ئۆتكەنسېرى ھاۋا سوۋۇپ كەتكەندەك قىلاتتى. ئۇلار تاراق-تۇرۇق قىلىپ بىر يەر ئاستى ئازگىلىنىڭ ئۈستىدىن ئۆتتى، خارى ئازگالنىڭ تېگىدە نېمە باركىن دەپ ئېگىلىپ قاراپ باقماقچى بولدى، بىراق خاگرىد بىر نېمىلەرنى دەپ غودۇڭشىپ، ئۇنى گەجگىسىدىن تۇتۇپ تارتىپ جايىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى.
يەتتە يۈز ئون ئۈچىنچى بىخەتەرلىك ئىشكابىنىڭ ئاچقۇچ سالىدىغان تۆشۈكى يوق ئىدى. «ئارقىدىراق تۇرۇڭلار» دېدى گرىپھۇك. ئۇ ئىشىكنى ئۇزۇن بارماقلىرى بىلەن سىلاپ قويۇۋېدى ئىشىك ئېرىپ كەتتى.
«ئەگەر گرىنگوتتس جىنپاپىلىرىدىن باشقا بىرى بۇنداق قىلىمىز دەيدىكەن ئىشىك ئۇنى سۈمۈرۈپ ئەكىرىپ كېتىدۇ ۋە ئۇ شۇ يەردە قاپسىلىپ قالىدۇ» دېدى گرىپھۇك.
«ئۇنداقتا بۇ يەردە ئادەم بار يوقلۇقىنى پات پات تەكشۈرۈپ تۇرامسىلەر؟»
«تەخمىنەن ئون يىلدا بىر» دېدى گرىپھۇك سەت ھىجىيىپ.
بۇ يەردە ھەقىقەتەنمۇ ئاجايىپ بىر نەرسە بار ئوخشىمامدۇ، دەپ ئويلىدى خارى ۋە ئىچىدىكى تەڭداشسىز قىممەت باھالىق جاۋاھىراتلارنى كۆرۈش ئۈچۈن ھەۋەس بىلەن، ئالدىغا بىر نەچچە قەدەم ماڭدى – ئەمما بىخەتەر ئىشكاپ قارىماققا قۇپقۇرۇقتەك قىلاتتى. ئەمما ئۇ كېيىن، يەردە تۇرغان كىچىك كىرلىشىپ كەتكەن بىر تال بولاقنى كۆردى. خاگرىد ئۇنى يەردىن ئالدى ۋە جۇۋىسىنىڭ چوڭقۇر تېگىگە تىقىۋەتتى. خارى ئۇنىڭ نىمى ئىكەنلىكىنى بىلىشكە ئىنتايىن قىززىققان بولسىمۇ خاگرىددىن سوراشقا پېتىنالمىدى. «ماڭايلى.» دىدى خاگرېد. «مۇشۇ جەھەننەم ماشىنىسىغا قايتىمىز – يولدا مەندىن گەپ سورىما، ئاغزىمنى ئاچمىسام ياخشى بولارمىكىن»
ۋەھشىيلەرچە بىر ھارۋا ساياھىتىنىڭ ئارقىدىن ئۇلار قايتىدىن گرىنگوتسنىڭ ئالدىغا چىققان ئىدى، سىرتتا كۈن نۇرى كۆزلىرىنى قاماشتۇرۇپ تۇراتتى. خارىنىڭ ئەمدى لىق بىر خالتا پۇلى بار ئىدى، شۇڭا ئۇ خۇشاللىقىدىن ئەڭ باشتا قايسى دۇكانغا يۈگۈرۈپ كىرىشنى بىلەلمەيلا قالغانتى. قانچە گاللېئون بارلىقىنى بىلمەيتتى، ئەمما، ئىشقىلىپ قولىدىكى پۇل ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر تۇتۇپ باققان پۇلىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ – ھەتتا دادلېينىڭ بىر ئۆمۈر كۆرگەن پۇلىدىنمۇ كۆپ.
«ئەمدى ساڭا بىر فورما ئالايلى.» دېدى خاگرىد بېشى بىلەن مالكىن خانىمنىڭ خىلمۇخىل تونلىرى دىگەن دۇكاننى كۆرسىتىپ. «قارا، خارى، مەن يېرىق قازاندا بىر بوتۇلكا ئىچىپ قويسام ماڭا خاپا بولماسسەن-ھە؟ بۇ گرىنگوتسنىڭ ماشىنىلىرى مېنى پەرىشان قىلىۋېتىدۇ…» ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەنىدى، شۇڭا خارى مالكىن خانىمنىڭ دۇكىنىغا يالغۇز كىردى. بىرئاز جىددىيلىشىپ قالغان ئىدى.
مالكىن خانىم جۇغى كىچىك، كۈلۈمسىرەپلا تۇرىدىغان، باشتىن ئاياغ بىنەپشە رەڭلىك كىيىنگەن بىر جادۇگەر ئىدى.
خارى تېخى ئاغزىنىمۇ ئاچماستىن، «خوگۋارتسمۇ قەدىرلىكىم؟» دېدى. «بۇ يەردە ھەر خىل چوڭلۇقتىكىسى بار- ئەمىلىيەتتە، ھازىرلا يەنە بىر يىگىتنىڭ بويىنى ئۆلچەۋاتاتتۇق»
دۇكاننىڭ ئارقىسىدا، پاكار بىر ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىدە چىرايى تاتىراڭغۇ، ئېڭىكى ئۇچلۇق بىر بالا تۇراتتى. باشقا بىر جادۇگەر ئۇنىڭ قارا رەڭ تونىنىڭ ئۇ يەر بۇ يېرىگە يىڭنە سانچىپ ئوڭشاۋاتاتتى. مادام مالكىن ئۇنىڭ يېنىدىكى باشقا بىر ئورۇندۇققا خارىنى چىقاردى. ئۇنىڭغىمۇ بىر تون كەيدۈرۈپ بويىنى ماس كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆلچەشكە باشلىدى.
«سالام،» دېدى بالا. «سەنمۇ خوگۋارتسقىمۇ؟»
«شۇنداق،» دېدى خارى.
«دادام يان تەرەپتە ماڭا كىتاپ ئېلىۋاتىدۇ، ئاپام بولسا كوچىنىڭ بېشىدىكى سېھىرلىك تاياقلارغا قاراپ بېقىۋاتىدۇ» دېدى ئۇ بالا. مىسىلداپ، خۇددى خۇشياقمىغاندەك ئاستا- ئاستا سۆزلەيتتى. «كېيىن ئۇلارنى مۇسابىقە سۈپۈرگىسى ئېلىشقا ئاپىرىمەن، بىرىنچى سىنىپلارنىڭ نىمىشقا ئۆزىنىڭ سۈپۈرگىسىنى ئىشلىتىشى چەكلىنىدۇ، قەتئىي چۈشىنەلمىدىم. مېنىڭچە، دادامنى بىر تال ئېلىپ بەرسۇن دەپ تۇرۇۋالسام، ئاندىن بىر ئامال قىلىپ ئوغرىلىقچە مەكتەپكە كىرگۈزىۋالسام بولىدۇ. »
خارىنىڭ ئېسىگە دەرھال دادلېي كەلدى.
بالا، «سېنىڭ ئۆزۈڭنىڭ سۈپۈرگىسى بارمۇ؟» دەپ داۋاملاشتۇردى.
«ياق،» دېدى خارى.
«ھېچ كۇئىددىچ ئويناپ باقتىڭمۇ؟»
«ياق» دېدى خارى يەنە، بۇ كۇئىددىچ زادى قانداق نەرسىدۇ، دەپ ئويلاپ.
«مەن ئويناپ باققان. دادامنىڭ دېيىشىچە بىنامنىڭ كوماندىسىدا ئويناشقا تاللىنالمىسام، جىنايەتتەكلا بىر ئىش بولىدۇ، مەنچىمۇ ھەم شۇنداق. تېخىچە قايسى بىناغا تاللىنىدىغانلىقىڭنى بىلمەمسەن؟»
«ياق،» دېدى خارى ھەر بىر مىنۇت ئۆتكەنسېرى ئۆزىنى بەكرەك دۆت ھېس قىلىپ.
«زادى، بۇنى، ئۇ يەرگە بارغۇچە ھېچكىم بىلەلمەيدۇ شۇنداقمۇ؟ ئەمما مەن سلىيتېرىندا تۇرىدىغانلىقىمنى بىلىمەن. پۈتۈن جەمەتىمىز شۇ يەردە تۇرۇپتىكەن. يەنە ھافىلپافقا تاللىنىپ قالغانلىقىڭنى بىر ئويلاپ باقە، مېنىڭچە مەن بىر مىنۇتمۇ تۇرماي، مەكتەپتىن چىقىپ كېتەتتىم، سەنمۇ شۇنداق قىلماسمىدىڭ؟»
«ھىم…» دېدى ، يېڭىراق بىر نەرسە دىيەلىسىدىم، دەپ ئۈمىد قىلىۋاتقان خارى.
بالا، ۋىترىننى ئىشارەت قىلىپ، «ھەي، ئاۋۇ ئادەمگە قارا!» دېدى تۇيۇقسىز. ئۇ يەردە خاگرېد تۇراتتى. خارىگە ھىجىيىپ قاراپ، ئىچىگە نېمە ئۈچۈن كىرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن قولىدىكى ئىككى يوغان ماروژنىنى كۆرسىتىۋاتاتتى.
«ئۇ، خاگرېد.» دېدى خارى، بۇ بالا بىلمەيدىغان بىر نەرسىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن خۇشال بولۇپ «خوگۋارتستا ئىشلەيدۇ»
«ھە،» دېدى بالا. «ئىسمىنى ئاڭلاپ باققانىدىم. بىرخىل… خىزمەتچى شۇنداقمۇ.»
«قاراۋۇل» دېدى خارى. ئۆتكەن ھەر بىر سىكونتتا بۇ بالىنى بارغانسېرى ئاز ياختۇرۇپ قېلىۋاتاتتى.
«ھە، شۇنداق. ئاڭلىشىمچە ئۇ، ياۋايى بىرسىكەن – مەكتەپ باغچىسىدا بىر كەپىدە ياشايدىكەن. بەزىدە مەس بولۇپ قېلىپ سېھىرگەرلىك قىلىشقا تىرىشىپ كارۋىتىنى كۆيدۈرۋېتىدىكەن.»
«مېنىڭچە ئۇ شۇنداق قالتىس.» دېدى خارى سوغۇق ئاھاڭدا.
«شۇنداقمۇ» دېدى بالا چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ. «نىمىشقا ئۇ سەن بىلەن بىللە؟ ئاپاڭ بىلەن داداڭ قەيەردە؟»
خارى «ئۆلۈپ كەتتى» دېدى قىسقىچە. بۇ مەسىلىلەرنى بۇ بالا بىلەن پاراڭلاشقۇسى يوق ئىدى.
«ۋاي، كەچۈرگىن» دېدى بالا. گەرچە ئاۋازى ئانچە ئوڭايسىزلانغاندەك چىقمايتتى. «ئەمما ئۇلارمۇ بىزدىن ئىدى شۇنداقمۇ؟»
«ئۇلارمۇ سېھىرگەر ئىدى، ئەگەر بۇنى سوراۋاتقان بولساڭ.»
«باشقىلارنى ئارىمىزغا ئالماسلىقى كېرەك شۇنداقمۇ؟ بىز ئوخشىمايمىز، ئۇلار بىزنىڭ ئادەتلىرىمىزنى ئازراقمۇ بىلمەيدۇ، باشقىچە بىر مۇھىتتا چوڭ بولىدۇ. ئويلاپ باققىنە، بەزىلەر خەتنى تاپشۇرۋالغىچە، خوگۋارتسنىڭ ئىسمىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان. مېنىڭچە ئۇلارنىڭ پەقەت پۈتۈن جەمەتى سېھىرگەر ئائىلىدىن كەلگەنلەرنىلا مەكتەپكە قوبۇل قىلىشى كېرەك ئىدى. ھە راست، سېنىڭ فامىلەڭ نېمىتى؟»
ئەمما خارى جاۋاپ بېرىشقا ئۈلگۈرمەستىن مالكىن خانىم «مانا پۈتتى قەدىرلىكىم» دېدى ۋە خارى سوئالغا جاۋاپ بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن قىلچە بىئارام بولماستىن ئورۇندۇقتىن سەكرەپ چۈشتى.
«بوپتۇ، ئۇنداقتا سېنى خوگۋارتستا يەنە كۆرىمەنغۇ ھەقىچان» دېدى ھېلىقى بالا خۇشياقمىغان ئاھاڭدا.
خارى خاگرىد ئېلىپ بەرگەن ماروژنىنى (شاكىلات ۋە بۆلجۈرگەن تەملىك ئۈستىگە مېغىز سېپىلگەن) يەۋاتقاندا خېلىلا جىمىپ قالغانتى.
«نېمە بولدۇڭ؟» دېدى خاگرىد.
«ھېچنىمە» دەپ يالغان سۆزلىدى خارى. ئۇلار تېرە قەغەز ۋە پەي قەلەم سېتىۋېلىش ئۈچۈن توختىدى. خارى خەت يازسا رەڭگى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بىر قۇتا سىياھنى كۆرگەندە كەيپىياتى كۆتۈرۈلگەندەك بولدى. ئۇلار دۇكاندىن چىققاندىن كىيىن ئۇ «خاگرىد، كۇئىددىچ دىگەن نېمە؟» دەپ سورىدى.
«ۋاي توۋا! خارى! بىزگە مۇناسىۋەتلىك قانچىلىك ئاز نەرسە بىلىدىغانلىقىڭنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن دىسە! – ھەتتا كۇئىددىچنىمۇ بىلمىگەن!»
«كەيپىمنى تېخىمۇ ئۇچۇرمىغىنا خاگرىد» دېدى خارى. ئۇ خاگرىدقا مالكىن خانىمنىڭ دۇكىنىدىكى تاتىراڭغۇ چىراي بالىنى سۆزلەپ بەردى.
« ئۇنىڭ دېيىشىچە ماگېل ئائىلىلىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ھېچقانداق كىشىنى مەكتەپكە كىرگۈزمەسلىك…»
«سەن بىر ماگېل ئائىلىدىن كەلمىدىڭ. ئەگەر ئۇ سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلگەن بولسىدى – ئۇ ئەگەر ئاتا ئانىسى سېھىرگەر بولسىلا چوقۇم سېنىڭ ئىسمىڭنى ئاڭلاپ چوڭ بولدى – سەنمۇ يېرىق قازاندىكىلەرنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆردۈڭغۇ. ئىشقىلىپ، ئۇنىڭ ئەقلى يېتەتتىمۇ؟ مەن تونۇيدىغان ھەتتا ئەڭ كۈچلۈك سېھىرگەرلەرنىڭ بەزىلىرى ماگېل ئائىلىسىدە تۇغۇلغان – ئاپاڭنى بىر ئويلاپ باقە! يەنە تېخى ئۇنىڭ قانداق بىر سىڭلىسى بارلىقىغا قارا!»
«ئۇنداقتا كۇئىددىچ نېمە؟»
«تەنھەركەت. سېھىرگەرلەر تەنھەركىتى. خۇددى – ماگېل دۇنياسىدىكى پۇتبولغا ئوخشايدۇ – كۇئىددىچكە ھەممە ئامراق – ھاۋادا ئۇچىدىغان سۈپۈرگىگە مىنىپ ئوينايدۇ ۋە تۆت تال توپ بار – ھازىر ساڭا قائىدىلەرنى چۈشەندۈرۈش بىرئاز قېيىن»
«يەنە تېخى سلىيتېرىن بىلەن ھاففىلپاف نېمە؟»
«مەكتەپ بىنالىرى. تۆت تال بار. ھەممىسى ھاففېلپافنى ھاڭۋاقتى دېيىشىدۇ ئەمما… »
«ئۇنداقتا مەن چوقۇم ھاففېلپافقا تاللىنىمەن» دېدى خارى مەيۈسلىنىپ.
«سلىيتېرىن بولغاندىن ھاففېلپاف بولسا ياخشىراق» دېدى خاگرىد بىر مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاۋاتقاندەك ئاھاڭدا «سليتېرىندە يامان يولغا ماڭمىغان بىرمۇ سېھىرگەر يوق خارى. كىملىكىنى-بىلىسەن-سەنمۇ ھەم شۇنداق.»
«ۋول- كەچۈرگىن – كىملىكىنى-بىلىسەن-سەن خوگۋارتسقا بارغانمۇ؟»
«ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى» دېدى خاگرىد.
ئۇلار، فلورىش ۋە بلوتتس ئىسىملىك كىتاپخانىدىن خارىنىڭ دەرىسلىك كىتاپلىرىنى سېتىۋالدى. ئۇ يەردىكى تورۇسقا تاقىشىدىغان كىتاپ ئىشكاپلىرى كىتاپ بىلەن لىققىدە تولغان: خۇرۇم بىلەن قاپلانغان كېسەك چوڭلۇقىدىكى كىتاپلار، يىپەك قاپلىق، بىر پوچتا پۇلى كىچىكلىكىدىكى كىتاپلار، غەلىتە ئىمالار بىلەن توشقان كىتاپلار، ھەتتا بەزى بىر ئىچىدە بىرمۇ خەت كۆرۈنمەيدىغان كىتاپلار. ھېچنەرسە ئوقۇمايدىغان دادلېيمۇ بۇلاردىن بىرەرسىگە ئېرىشىش ئارزۇسىدا ساراڭ بولغان بولاتتى.
خاگرېد خارىنى سۆرەپ يۈرۈپ، پروففېسور ۋېندىكتۇستىن لەنەت ۋە قارشى-لەنەتلەر (دوستلىرىڭلارنى مەپتۇن قىلىپ، دۈشمەنلىرىڭلارنى ئەڭ يېڭى قارغىشلار بىلەن ئوتتۇردىن ئىككىگە يېرىۋېتىڭلار: چاچ چۈشۈش، يېپىشقاق-پاچاق، تىل-باغلاش، ۋە يەنە ئىنتايىن كۆپ يېڭىلىقلار) دىگەن كىتاپتىن يىراققا ئەكەتتى.
«دادلېينى قارغاشنىڭ ئۇسۇللىرىنى بىلىۋالماقچىدىم»
«يامان ئەمەس ئويلاپسەن، لېكىن ئىنتايىن جىددى ئەھۋاللاردىن سىرت ماگېل دۇنياسىدا سېھىر ئىشلەتسە بولمايدۇ» دېدى خاگرېد. «ھەم زادى تېخى ئۇ ئەپسۇنلارنى قىلالمايسەن، ئۇ سەۋىيىگە كېلىش ئۈچۈن تېخى جىق تىرىشىش ۋە جىق نەرسە ئۆگىنىش كېرەك.»
خاگرېد خارىنىڭ ئالتۇن بىر قازان ئېلىشىغىمۇ يول قويمىدى. («تىزىملىكتە مىس قازان ئېلىڭلار دەپتىكەن»)، ئەمما ناھايتى چىرايلىق بىر يۈرۈش دورا تەڭشىگۈچ بىلەن قاتلىغىلى بولىدىغان بىر مىس بىر تېلىسكوپ ئالدى. كېيىن ئۇلار سەكسەنخالتىغا كىردى. دۇكان شۇنداق جەلىپ قىلارلىق ئىدىكى، ئادەم، ئاشۇ سېسىق تۇخۇم ۋە كاپۇسكا پۇرىقىغىمۇ پەرۋا قىلمايتتى. يەرگە قويۇپ قويۇلغان يېپىشقاق تۇڭلار، غەلىتە ئۆسۈملۈكلەر بىلەن تولدۇرۇلغان بوتۇلكىلار، قۇرۇتۇلغان يىلتىز ۋە تامغا قاتار تىزىلغان ئوچۇق رەڭلىك پاراشوكلار، تۇتام تۇتام باغلاپ قويۇلغان قۇش پەيلىرى… يەنە تېخى تورۇستىن، يىپ بىلەن باغلاپ ئېسىپ قويۇلغان ئۇچلۇق ھايۋان چىشلىرى، قۇرۇپ قورۇلۇپ كەتكەن پەنجىلەر ساڭگىلاپ تۇراتتى. خاگرىد پۇكەينىڭ كەينىدە تۇرغان ئادەمدىن خارىغا لازىملىق ئاددى دورا ياساش ماتىرياللىرىنى سوراۋاتقاندا، خارى ھەر بىرسى يىگىرمە بىر گاللېوندىن سېتىلىدىغان تاق مۈڭگۈزلۈك ئاتنىڭ كۈمۈش رەڭ چېچى ۋە كىچىك، پارقىراق قوڭغۇز كۆزىگە قاراپ (بىر چۆمۈچى بەش كنۇت) قالغان ئىدى.
سەكسەنخالتىدىن چىققاندىن كىيىن خاگرىد خارىنىڭ قولىدىكى تىزىملىككە يەنە بىر قۇر قاراپ چىقتى.
«ئەمدى سېھىرلىك تاياقنى ئالساقلا بولدى – ھە راست، ئۇنتۇپ قالغىلى تاسلا قاپتىمەن دېسە، تېخىچە ساڭا سوۋغات ئالماپتىمەن – تۇغۇلغان كۈنۈڭ ئۈچۈن – »
خارى قېپقىزىل بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
«بىر نەرسە ئېلىشقا مەجبۇر ئەمەس … »
«مەنمۇ بىلىمەن، مەجبۇر ئەمەس. قارىغىنە، ساڭا بىرەر ھايۋان ئېلىپ بېرەيمىكىن دەيمەن. چار پاقا بولمايدۇ، چارپاقا ئاللىقاچان مودىدىن قالغان، باشقىلار سېنى مازاق قىلىپ قالمىسۇن يەنە – يەنە تېخى مەن مۈشۈككە ئۆچ، ئۇلار مېنى چۈشكۈرتىۋېتىدۇ. مەن ئەڭ ياخشىسى ساڭا بىر مۈشۈكياپىلاق ئېلىپ بېرەي. پۈتۈن بالىلار بىر مۈشۈكياپىلىقى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ قولىدىن خېلى ئىش كېلىدۇ، پوچتىكەشلىكتىن باشلاپ ھەرقانداق ئىشنى قىلالايدۇ»
يىگىرمە مىنۇتتىن كىيىن ئۇلار ئېيلوپس مۈشۈكياپىلاق دۇكىنىدىن چىقتى، ئۇ غۇۋا يورۇق دۇكان، شاراق شۇرۇق ئاۋاز ۋە پىلدىرلاپ تۇرىدىغان ياقۇتتەك كۆزلەر بىلەن تولغان ئىدى. خارى ھازىر قولىدا چوڭ بىر قەپەس كۆتۈرۈۋالغان ئىدى، قەپەسنىڭ ئىچىدە بولسا بېشىنى قاناتلىرىنىڭ ئارىسىغا تىقىپ ئۇخلاۋاتقان شۇنداق چىرايلىق، قاردەك ئاپئاق بىر مۈشۈكياپىلاق تۇراتتى. خارى توختىماستىن، پروففىسور كۇئىررىلدەك دۇدۇقلىغان ھالدا قايتا قايتا رەھمەت ئېيتاتتى.
خاگرىد «ئەرزىمەيدۇ، تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق» دېدى بوغۇق ئاۋازدا «زادى مېنىڭچە، دۆرسلېيلەر سېنى سوۋغاتقا بوغۇۋەتمىدىغۇ دەيمەن. ئەمدى پەقەتلا ئوللىۋاندېرس قالدى – سېھىرلىك تاياق ساتىدىغان بىردىنبىر دۇكان، ئوللىۋاندېرس، ۋە ساڭا ئەڭ ياخشى، ئەڭ سۈپەتلىك تاياقتىن بىرنى ئالمىساق بولمايدۇدە!»
سېھىرلىك تاياق… مانا مۇشۇ خارى ھەممىدىن بەك ئارزۇ قىلىدىغان نەرسە.
ئاخىرقى دۇكان تار ۋە كونا ئىدى. ئىشىكنىڭ ئۈستىدە ئۇ يەر بۇ يېرى سويۇلۇپ كەتكىلى تۇرغان تاختىغا ئالتۇن يالىتىلغان ھەرىپلەر بىلەن، «ئولىۋاندېرلار: مىلاتتىن بۇرۇن 382 دىن بۇيان ئەڭ سۈپەتلىك سېھىرلىك تاياق ھۈنەرۋەنلىرى» دەپ يېزىلغان ئىدى. كىرلىشىپ كەتكەن پەنجىرىنىڭ ئارقىسىغا، رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن سۆسۈن بىر ياستۇقنىڭ ئۈستىگە بىر تاللا تاياق تىزىلغان ئىدى.
ئۇلار دۇكانغا كىرگەندە دۇكاننىڭ ئىچكىرسىدىن بىر يەرلەردىن بىر قوڭغۇراقنىڭ جىرىڭلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. بۇ يەر كىچىككىنە بىر يەر ئىدى، خاگرىد ساقلىغاچ ئولتۇرماقچى بولغان ئىنچىكە پۇتلۇق ئورۇندۇقتىن باشقا ھېچنەرسە يوق ئىدى. خارى ئۆزىنى، قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان بىر كۈتۈپخانىغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالدى؛ كاللىسىغا كەلگەن بىر توپ سوئالنى سورىمايلا يۇتۇۋەتتى ۋە تورۇسقىچە تىزىلغان ئۇزۇنچاق كىچىك ساندۇقلارغا قارىدى. نامەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى، گەجگىسىگە مۇزدەك بىر نەرسە تەگكەندەك ئەندىكىپ كەتتى. بۇ يەردىكى ھەربىر توپا-چاڭ ۋە تىمتاسلىق مەخپىي بىر خىل سېھىرنى ساقلاپ ياتقاندەك تۇيۇلاتتى.
«قارشى ئالىمەن!» دېدى مۇلايىم بىر ئاۋاز، خارى چۆچۈپ سەكرەپ كەتتى. قارىغاندا خاگرىدمۇ سەكرىگەندەك قىلاتتى، چۈنكى قاتتىق كاراسلىغان بىر ئاۋاز ئاڭلاندى ۋە خاگرىد ئورنىدىن دەس تۇردى.
دۇكاننىڭ غۇۋا يورۇقىدا ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئايدەك پارقىراپ تۇرىدىغان يوغان، سۇس رەڭلىك كۆزلىرى بىلەن ئۇلارغا تىكىلىپ تۇرغان قېرى بىر ئادەم پەيدا بولغانىدى.
«ياخشىمۇ سىز؟» دېدى خارى تارتىنىپ تۇرۇپ.
«ئاھ، شۇنداق» دېدى ئۇ ئادەم. «شۇنداق، شۇنداق. مەن سىزنى يېقىندا كۆرىدىغانلىقىمنى بىلەتتىم، خارى پوتېر» بۇ بىر سوئال ئەمەس ئىدى. «كۆزىڭىز ئاپىڭىزنىڭكىگە تارتىپتۇ. تېخى تۈنۈگۈنكىدەكلا ئېسىمدە، ئۇ ئۆزى مۇشۇ يەردە، تۇنجى سېھىرلىك تايىقىنى سېتىۋېلىۋاتقاندا… ئون ۋە چارەك ئىنگىلىز چىسى ئۇزۇنلۇقىدا، ئىنچىكە، سۆگەت ياغىچىدىن ياسالغان، تىلسىم قىلىشقا تازا باپ كېلىدىغان…»
ئولىۋاندېر خارىغا يېقىنراق كەلدى. خارى ئۇ ئادەمنىڭ كۆزىنى ئانچە-مۇنچە بولسىمۇ چىمچىقلىتىشىنى ئارزۇ قىلىپ قالدى. بۇ كۈمۈشتەك كۆزلەر ئادەمنى ئازراق… ۋەھىمىگە سالاتتى.
«ئەمما دادىڭىز بولسا، شەمشاد دەرىخىدىن ياسالغان بىر تاياقنى ياقتۇرۇپ قالغان. ئون بىر ئىنگىلىز چىسى ئۇزۇنلۇقتا، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، باشقىلىرىغا قارىغاندا سەل كۈچلۈكرەك، شەكىل ئۆزگەرتىشكە ئوبدان. گەرچە دادىڭىز ياقتۇرغانتى دېگەن بولساممۇ – ئەلۋەتتە سېھىرگەرنى تاياق تاللايدۇ»
ئولىۋاندېر تېخىمۇ يېقىنراق كەلدى، ھەتتا بۇرنى ئۇنىڭ بۇرنىغا تېگىپ قالايلا دېگەنىدى. خارى شۇ تۇمانلىق كۆزلەردە ئۆز ئەكسىنى كۆردى.
«مانا مۇشۇ يەر ئىكەندە…»
ئولىۋاندېر خارىنىڭ پېشانىسىدىكى چاقماق شەكىللىك يارا ئىزىنى ئۇزۇن، ئاپئاق بارمىقى بىلەن تۇتۇپ باقتى.
«بۇنى قىلغان تاياقنىمۇ مەن ساتقان، ئەپسۇسلىنارلىق ئىشتە بۇ» دېدى يېنىك ئاۋازدا «ئوتتۇز يېرىم ئىنگىلىز چىسى ئۇزۇنلۇقىدا، زەرنەپ دەرىخى، قۇدرەتلىك، ئىنتايىن قۇدرەتلىك ۋە يامان نىيەتلىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا… ھەي…ي، ئەگەر ئۇ تاياقنىڭ دۇنيادا قانداق ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلەلىگەن بولسىدىم…»
بېشىنى چايقىدى ۋە خاگرىدقا بۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن خارى ئۆزىنى يىنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدى.
«رۇبېۇس! رۇبېۇس خاگرىد! سېنى قايتا كۆرگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن… دۇپ دەرىخى، ئون ئالتە ئىنگىلىز چىسى ئۇزۇنلۇقىدا، ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك ئىدى، شۇنداقمۇ؟»
«ھەئە، شۇنداق ئىدى» دېدى خاگرىد.
«سۈپەتلىك بىر تاياق ئىدى. ئەمما سېنى قوغلىۋەتكەندە ئوتتۇرسىدىن ئىككى پارچە قىلىۋەتكەن شۇنداقمۇ؟» دەپ قوشۇپ قويدى ئولىۋاندېر قوپاللىق بىلەن.
«ھە – شۇ، شۇنداق، سۇندۇرۇۋەتتى» دېدى خاگرىد پۇتىنى ئۇيان بۇيان يۆتكەپ، «ئەمما پارچىلىرىنى تېخىچە ساقلاۋاتىمەن» دېدى ھاياجانلانغان ھالدا.
«ئەمما ئىشلەتمەيۋاتىسەن ھە؟» دېدى ئولىۋاندېر خاپا بولغاندەك ئاھاڭدا.
«ياق ئەپەندىم» دېدى خاگرىد دەرھاللا. خارى ئۇ گەپ قىلىۋاتقاندا ھالرەڭ كۈنلۈكىنى چىڭ قاماللىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.
«ھىم» دېدى ئولىۋاندېر ئۇنىڭغا چەكچىيىپ قاراپ قويۇپ. «ئەمدى سىزگە كەلسەك پوتېر ئەپەندى، قېنى قاراپ باقايلى.» ئۇ يانچۇقىدىن، ئۇزۇن كۈمۈش يۆگىمە مېتىردىن بىرنى ئالدى. «تاياقنى قايسى قولىڭىزدا تۇتىسىز؟»
«ھىم – شۇ مەن، ئادەتتە ئوڭ قولۇمنى ئىشلىتىمەن» دېدى خارى.
«قولىڭىزنى سۇنۇڭ، مانا بولدى» خارىنىڭ مۈرىسىدىن بارمىقىغىچە، جەينىكىدىن بېغىشىغىچە، مۆرىسىدىن يەرگىچە، تىزىدىن قولتۇقىغىچە ۋە بېشىنىڭ ئايلانمىسىنى ئۆلچىدى. ئۇ ئۆلچەۋاتقاچ «ھەممە ئولىۋاندېر تاياقلىرىنىڭ كۈچلۈك بىر سېھىرلىك ماتىريالدىن ياسالغان يادروسى بولىدۇ پوتېر ئەپەندى، مەن ئادەتتە تاق مۈڭگۈزلۈك ئات چېچى، سۇمرۇغ قۇيرۇق پېيى ۋە ئەجدىھا يۈرىكى تارىسى ئىشلىتىمەن. ئولىۋاندېر تاياقلىرىنىڭ ھېچقايسى بىرسى باشقىسىغا ئوخشىمايدۇ، خۇددى ئىككى تاق مۈڭگۈزلۈك ئات، ئىككى سۇمرۇغ، ئىككى ئەجدىھا بىر- بىرىگە ئوخشىمىغاندەك… ئەلۋەتتە، سىز باشقا سېھىرگەرنىڭ تايىقىنى ئىشلەتكەندە ئانچە ئەپلىشەلمەيسىز»
خارى تۇيۇقسىز مېتىرنىڭ ئىشىنى ئۆزلىگىدىن داۋاملاشتۇرغىلى تۇرغانلىقىنى بايقاپ قالدى، ئۇ ھازىر خارىنىڭ بۇرۇن تۆشۈكىنىڭ چوڭلۇقىنى ئۆلچىگىلى تۇرغانتى. ئولىۋاندېر بولسا ئىشكاپلارنىڭ ئارىسىدا ئۇچقاندەك تېز مېڭىپ قۇتىلارنى ئۇياقتىن بۇياققا يۆتكەپ بىر نېمىلەرنى ئىزدەۋاتاتتى.
«مۇشۇنچىلىك بولسا يېتىدۇ» دېدى ئۇ ۋە مېتىر بوشىشىپ، يەرگە ئۆزىنى پوككىدە تاشلىدى. «ئەمىسە، پوتېر ئەپەندى، بۇنى سىناپ بېقىڭ. قېيىن دەرىخى ۋە ئەجدىھا يۈرەك تارىسى، توققۇز ئىنگىلىز چىسى، سۈپەتلىك ۋە ئەۋرىشىم. پەقەتلا قولىڭىزغا ئېلىپ بىر پۇلاڭلىتىپ بېقىڭ.»
خارى تاياقنى قولىغا ئالدى (ۋە ئەخمەق بولغاندەك بىر خىل تۇيغۇدا) ئۇنى ئازراق پۇلاڭلىتىپ باقتى، ئەمما ئولىۋاندېر ئەپەندى ئۇنى دەرھال قولىدىن تارتىۋالدى.
«ئېرەن دەرىخى ۋە سۇمرۇغ پېيى، يەتتە ئىنگىلىز چىسى، ئېلاستىكىلىقى كۈچلۈك. سىناپ بېقىڭ»
خارى سىناپ باقتى – ئەمما ئۇ، ئولىۋاندېر تاياقنى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىۋالماستا تېخى ھاۋاغا كۆتۈرۈشكىمۇ تەس ئۈلگۈرگەنىدى.
«ياق ياق ياق – مانا، ئەبنوس ياغىچى ۋە تاق مۈڭگۈزلۈك ئات چېچى، سەككىز يېرىم ئىنگىلىز چىسى، ئەۋرىشىم. قېنى قېنى، سىناپ كۆرۈڭ!»
خارى سىناپ باقتى. ئۇ ئولىۋاندېر ئەپەندىنىڭ نېمىشقا شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى زادىلا چۈشەنمەيتتى. ئۇ سىناپ كۆرگەن تاياقلار ئىنچىكە پۇتلۇق ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىدە يىغىلىپ، كىچىك بىر دۆۋە ھاسىل قىلدى، بۇ دۆۋە بارغانسېرى ئېگىزلەپ ماڭاتتى، ئەمما ئولېۋاندېر ئەپەندى ئىشكاپلاردىن يېڭى تاياقلارنى ئالغانسېرى چىرايى ئېچىلىپ، كەيپى كۆتۈرۈلۈپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى.
«مۇرەككەپ خېرىدار شۇنداقمۇ؟ ئەندىشە قىلىشقا كېرەك يوق، بىز مۇكەممەل ئۇچرىشىشنى چوقۇم تېپىپ چىقىمىز – مېنىڭ بىلگۈم كېلىپ قالدى – ھازىر، شۇنداق، – نېمىشقا بولمىغۇدەك – نادىر كۆرۈلىدىغان بىر خىل تاياق – ھوللىي دەرىخى ۋە سۇمرۇغ پېيى، ئون بىر ئىنگىلىس چىسى ئۇزۇنلۇقتا، سۈپەتلىك ۋە ئەۋرىشىم»
خارى تاياقنى قولىغا ئالدى. ئۇ تۇيۇقسىز بارماقلىرىنىڭ ئۇچىدا بىر خىل ئىللىقلىقنى ھېس قىلدى. ئۇ تايىقىنى بېشىنىڭ ئۈستىگە كۆتۈردى، ۋە ھاۋادا غوڭۇلدىتىپ تۇرۇپ پەسكە چۈشۈردى؛ تايىقىنىڭ ئۇچىدىن ساليوتقا ئوخشاش قىزىل ۋە ئالتۇن رەڭ ئۇچقۇنلار ئېتىلىپ چىقىپ، تامدا ئۇسسۇلغا چۈشكەن نۇرلارنى پەيدا قىلدى. خاگرىد تەنتەنە قىلىپ چاۋاك چالدى ۋە ئولىۋاندېر ھاياجاندىن ۋارقىراپ كەتتى «ئاھ! ئىنتاين ياخشى! شۇنداق، ناھايىتى ياخشى! ھەييي… نېمە دېگەن غەلىتە… نېمە دېگەن، نېمە دېگەن غەلىتە…»
ئۇ خارىنىڭ ھاسىسىنى قايتىدىن قۇتىسىغا سېلىۋاتقان ۋە قوڭۇر رەڭ بىر پارچە قەغەزگە ئوراۋاتقاندىمۇ تېخىچە شۇنداق غودۇڭشىۋاتاتتى «غەلىتە… غەلىتە ئىش…»
«كەچۈرۈڭ» دېدى خارى «ئەمما، بۇنچىۋالا غەلىتە تۇيۇلغان ئىش زادى نېمە؟»
ئولىۋاندېر ئەپەندى خارىغا سۇس رەڭلىك كۆزلىرىنى مىختەك قاداپ تۇرۇپ قالدى.
«مەن ئۆزۈم ساتقان ھەربىر تاياقنى ئېسىمگە ئالالايمەن پوتېر ئەپەندى. ھەر بىر تاياقنى. تايىقىڭىزنىڭ يادروسىنى ياسىغان پەينى بەرگەن سۇمرۇغ يەنە بىر تال پەي بەرگەن – پەقەت يەنە بىر تاللا. تەقدىرىڭىزنىڭ بۇ تاياق بولۇپ قېلىشى شۇنداق غەلىتە، چۈنكى سىزدە بۇ ئىزنى قالدۇرغان تاياق، بۇنىڭ قېرىندىشى ئىدى.»
خارى سەل جىددىيلىشىپ قالدى.
«شۇنداق، ئون ئۈچ يېرىم ئىنگىلىس چىسى ئۇزۇنلۇقىدا، زەرنەپ دەرىخى، بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى نېمە دېگەن غەلىتە. ئېسىڭىزدە بولسۇن، تاياق سېھىرگەرنى ئۆزى تاللايدۇ… مېنىڭچە بىز سىزدىن ئاجايىپ ئىشلارنى كۈتسەك بولىدۇ پوتېر ئەپەندى… ئىشقىلىپ كىملىكىنى-بىلىسىز-سىزمۇ ئاجايىپ ئىشلارنى قىلىۋەتكەن – توغرا، قورقۇنۇچلۇق ئەمما ئاجايىپ ئىشلار…»
خارىنىڭ بەدىنىگە تىترەك ئولاشقاندەك بولدى. ئۇ ئولىۋاندېر ئەپەندىنى ياقتۇرۇپ ياتۇرمىغانلىقىنى بىلەلمەي قالدى. ئۇ تاياق ئۈچۈن يەتتە گالېئون بەردى ۋە ئولىۋاندېر ئۇنى تازىم بەجا كەلتۈرۈپ يولغا سېلىپ قويدى.
كەچ كىرەي دېگەن، خارى بىلەن خاگرىد دايىگىن كوچىسىدىن چىقىپ، تامدىن ئۆتۈپ ئەمدى خېلىلا تەنھالىشىپ قالغان يېرىق قازاندىن چىقىۋاتقاندا كۈن پاتاي دەپ قالغانىدى. خارى يولدا ھېچ گەپ قىلمىدى؛ مېترودا ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە قانداق ھەيرانلىق بىلەن قارىغانلىقىنىمۇ ھېس قىلمىدى؛ قوللىرى غەلىتە خالتا ۋە قۇتىلار بىلەن توشۇپ كەتكەن ئىدى، يەنە تېخى خارىنىڭ قۇچىقىدا ئۇخلاۋاتقان قاردەك ئاق مۈشۈكياپىلاقتىن بىرسى بار ئىدى. ئۇلار لىفىت بىلەن پادىڭتون بېكىتىگە چىقتى؛ خارى نەگە كەلگەنلىكىنى پەقەت خاگرىد ئۇنى مۈرىسىدىن نوقۇپ قويغاندا كۆردى.
«پويىز ماڭماستا ئانچە مۇنچە بىر نەرسە يېۋالغۇدەك ۋاقتىمىز باركەن» دېدى خاگرىد.
خارىغا ھامبۇرگ بولكىسىدىن بىرنى ئېلىپ بەردى، ئۇلار يېيىش ئۈچۈن سۇلياۋ ئورۇندۇقلارغا ئولتۇردى. خارى توختىماي ئەتراپىغا قارايتتى. ھەممە نەرسە، نېمىشقىكىن، تۇيۇقسىز كۆزىگە غەلىتە كۆرۈنۈپ قالغانىدى.
«قانداق ئەھۋالىڭ خارى؟ جىمىپلا كەتتىڭ» دېدى خاگرىد.
خارى قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلەلمەي قالغاندەك قىلاتتى. بۇ، ئۇ ئۆمرىدە ئۆتكۈزگەن ئەڭ كۆڭۈللۈك تۇغۇلغان كۈنى بولغانىدى – ئەمما يەنىلا – ھامبۇرگ بولكىسىنى چىشلەۋاتقاندا ئەھۋالنى چۈشەندۈرىدىغان توغرا سۆزنى تېپىپ چىقىشقا تىرىشتى.
«ھەممىسى مېنى ئالاھىدە دېيىشىۋاتىدۇ» دېدى ئاخىرى. «يېرىق قازاندىكىلەر، پروففىسور كۇئىرىل، ئولىۋاندېر ئەپەندى… ھەممىسى شۇنداق دەيدۇ. ئەمما سېھىرگە مۇناسىۋەتلىك ھېچنىمە بىلمەيمەن. ئۇلار قانداقسىگە مەندىن ئالاھىدە ئىشلارنى كۈتىدۇ؟ مەن داڭلىق ۋە داڭلىق بولۇش سەۋەبىممۇ ئېسىمدە ئەمەس. مەن دېمەكچى… ھېلىقى ۋول – كەچۈرگىن – ھېلىقى ئاتا-ئانام ئۆلگەن كېچە نېمە بولغانلىقىنى ئەسلىيەلمەيمەن»
خاگرىد ئۈستەلگە ئازراق ئېڭىشتى. ئۇ ئۆسكىلەڭ چاچلىرىنىڭ، قاشلىرىنىڭ تېگىدىن ئىللىق كۈلۈمسىرەۋاتاتتى.
«ئەنسىرىمە خارى. سەن چوقۇم، تېزلا ئۆگىنىپ كېتىسەن. ھەممىسى ئۆگىنىشنى خوگۋارتستىن باشلايدۇ، ئۇنچە جىددىيلىشىپ كەتمە. پەقەتلا ئۆزۈڭدەك بول. بىلىمەن، بۇ قىيىن بىر ئىش. ھەممىنىڭ ئالدىدا، كۆزگە چېلىقىپ تۇرىسەن ۋە بۇ ھەرقانداق ئادەم ئۈچۈن قىيىن. ئەمما سەن خوگۋارتستا چوقۇم كۆڭۈللۈك ۋاقىت ئۆتكۈزىسەن. مەن شۇنداق قىلغان، ئەمىلىيەتتە يەنىلا شۇنداق قىلىمەن.»
خاگرىد خارىنى پويىزغا چىقىرىپ قويدى. پويىز ئۇنى دۆرسلېيلەرنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قوياتتى. ئۇ خارىنىڭ قولىغا بىر لىپاپ تۇتقۇزۇپ قويدى.
«خوگۋارتسقا بارىدىغاندا ئىشلىتىدىغان بىلەت» دېدى. «توققۇزىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى – كىڭس كروسس – ھەممىسى بىلەتتە يېزىلغان. دۆرسلېيلەر بىرەر ئىش تېرىسا مۈشۈكياپىلاق بىلەن دەرھال خەت ئەۋەتسەڭلا بولىدۇ، ئۇ مېنى قانداق تېپىشنى بىلىدۇ… يېقىندا قايتا كۆرۈشىمىز خارى، خوش!»
پويىز بېكەتتىن ئايرىلدى. خارىنىڭ خاگرىد كۆزدىن غايىپ بولغۇچە ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغۇسى كەلدى؛ ئورنىدىن تۇرۇپ بۇرنىنى ئەينەككە يېقىپ تېشىغا قارىدى، ئەمما ئۇ كۆزىنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە خاگرىد كېتىپ قالغان ئىدى.