ئاپتورى: ج. ك. روۋلىڭ
تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر
ئىككىنچى: ئىكابوگ
ئىكابوگ رىۋايىتى پاتقاق ئاھالىسى تەرىپىدىن نەسىللەر بويى ئېيتىلىپ كەلگەن ۋە ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ خېمىرقورغانغىچە يېتىپ كەلگەن ئىدى. ھېكايىنى بىلمەيدىغان ئادەم يوق ئىدى. ئەلۋەتتە، ھەر چاغدىكىدەك ئىكابوگ رىۋايىتىمۇ ئېيتىۋاتقان ئادەمگە قاراپ ئۆزگىرىپ تۇراتتى. يەنىلا ھەممىسىدە بۇ ئالۋاستىنىڭ يۇرتنىڭ ئەڭ شىمال تەرىپىدە، كەڭرى بىر مەيدانغا قاراپ سوزۇلغان قاراڭغۇ ۋە ھەر دائىم تۇمان قاپلاپ تۇرىدىغان بىر پاتقاقلىقتا ياشايدىغانلىقى تىلغا ئېلىناتتى. بۇ يەر ئادەملەر ئۈچۈن ناھايىتى خەتەرلىك ئىدى. بۇ ئالۋاستىنىڭ بالىلارنى ۋە قويلارنى يەپ كېتىدىغانلىقى، ھەتتا بەزى چاغلاردا پاتقاقلىققا يېقىنلاشقان چوڭ ئەر ۋە ئاياللارنىمۇ ئېلىپ قاچىدىغانلىقى تىلغا ئېلىناتتى.
ئىكابوگنىڭ ئادەتلىرى ۋە سىرتقى كۆرۈنۈشى ئۇنى تەسۋىرلەۋاتقان ئادەمگە قاراپ ئۆزگىرىپ تۇراتتى. بەزىلەر ئۇنى بىر يىلانغا، بەزىلىرى ئەجدىھاغا ياكى بۆرىگە ئوخشىتاتتى. بەزىلەر ئۇنى ھۆركىرەيدۇ، بەزىلەر خىرقىرايدۇ، بەزىلەر بولسا ئۇنى پاتقاقلىققا چۆككەن تۇماندەك جىمجىت ۋە دېققەت تارتماستىن ھەركەت قىلىدۇ دەيتتى.
ئىكابوگنىڭ سىرلىق كۈچلىرى بارلىقىمۇ تىلغا ئېلىناتتى. يولۇچىلارنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئىنسان ئاۋازىنى دورىيالايتتى. ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغىنىڭىزدا يارىسى سىرلىق ھالدا ساقىيىپ قالاتتى يا بولمىسا ئىككى ئىكابوگقا بۆلۈنەتتى، ئۇچاتتى، ئوت پۈۋلەيتتى، زەھەر چاچاتتى. ئىكابوگنىڭ كۈچلىرى ئۇنى تەسۋىرلەۋاتقان كىشىنىڭ تەسەۋۋۇرى كۈچى قانچىلىك كۈچلۈك بولسا شۇنچىلىك قىزىقارلىق بولاتتى.
«مەن ئىشتا ۋاقتىمدا ھەرگىز باغچىدىن چىقما،» دەيتتى بالىلىرىغا يۇرتنىڭ ھەرقايسى تەرىپىدىكى ئاتا ئانىلار «بولمىسا ئىكابوگ سېنى تۇتۇۋېلىپ يالماپ يۇتىدۇ!» خانلىقتىكى پۈتۈن قىز- ئوغۇللار ئىكابوگ بىلەن ئۇرۇش ئويۇنى ئوينايتتى، بىر-بىرىنى ئىكابوگ ئەپسانىسى بىلەن قورقۇتۇشقا تىرىشاتتى، ھەتتا توقۇغان ھېكايىلىرىگە ئۆزلىرى ئىشىنىپ قېلىپ كېچىسى ئىكابوگقا مۇناسىۋەتلىك قورقۇنچلۇق چۈشلەرنى كۆرۈپ چىقاتتى.
بەرت خۇشخۇي، كىچىككىنە بىر بالا ئىدى. لاچىنقۇيرۇق ئائىلىسى بىر كۈنى ئاخشىمى مېھمان بولۇپ كەلگەندە، لاچىنقۇيرۇق ئەپەندىم ئىكابوگقا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. شۇ كۈنى كەچ بەش ياشلىق بەرت ئۇيقۇسىدىن قورقۇپ يىغلاپ ئويغىنىپ كەتتى، چۈشىدە ئاستا ئاستا پاتقاققا پېتىپ كېتىۋاتاتتى ۋە ئالۋاستىنىڭ يوغان ئاپئاق كۆزلىرى تۇمانلار ئارىسىدىن ئۇنىڭغا ئۇچقۇن چاچاتتى.
«بولدى، ئۆتۈپ كەتتى.» دەپ پىچىرلىدى ئانىسى، بىر شامنى كۆتۈرۈپ پۇتىنىڭ ئۇچىدا بەرتنىڭ ئۆيىگە كىرگەن ۋە بەرتنى قوينىدا پەپىلەۋاتقانىدى. «ئىكابوگ دىگەن نەرسە راست ئەمەس بەرت قوزام. ئەخمىقانە بىر چۆچەك خالاس.»
«لې- لېكىن لاچىنقۇيرۇق ئەپەندىم قويلارنىڭ يو- يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى!» دىدى بەرت، ئېسەدەپ تۇرۇپ.
«توغرا بولۇشى مۇمكىن،» دېدى خۇشخۇي خانىم. «لېكىن بۇ، ئۇلارنى ئالۋاستى ئېلىپ كەتتى دىگەن گەپ ئەمەستە. قوي دىگەن دۆت ھايۋان. ئۆزى يالغۇز ئايلىنىپ يۈرۈپ پاتقاقلىقتاتا يوقاپ كېتىدۇ.»
«بى- بىراق لاچىنقۇيرۇق ئەپەندىم، ئىنسانلارنىڭمۇ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتىغۇ!»
«پەقەتلا قاراڭغۇدا پاتقاقتا ئايلىنىپ يۈرگىچىلىك دۆت ئىنسانلارنىڭ» دىدى خۇشخۇي خانىم. «بولدى بەرتى، ئالۋاستى دىگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس.»
«ئەمما لا- لاچىنقۇيرۇق ئەپەندىم، ئادەملەرنىڭ دېرىزىسىنىڭ تېشىدىن ئاۋازلار ئاڭلانغانلىقىنى ۋە ئەتىسى قارىسا توخولارنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتمىدىمۇ!»
خۇشخۇي خانىم كۈلۈۋەتتى.
«ئۇلارنىڭ ئاڭلىغىنى ئوغرىلارنىڭ ئاۋازى، بەرتى قوزام. پاتقاق دىيارىدا ھەممە ئادەم بىربىرسىدىن ئوغرىلاپ يۈرىدۇ. خاتالىقنى ئىكابوگقا ئارتىپ قويۇش، خوشنىلىرىنىڭ ئوغرىلىق قىلغانلىقىنى قوبۇل قىلىشتىن ئەلۋەتتە ئاسانراق كېلىدۇ!»
بەرت ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا بىردىنلا تىكلىشىپ، نەپسى توختاپ قالغاندەك، «ئوغرىلىق؟» دەپ سورىدى، ئاپىسىغا جىددىيلىك بىلەن قاراۋاتاتتى. «ئوغرىلىق يامان ئىش، ھە ئاپا؟»
«بەكلا يامان ئىش.» دېدى خۇشخۇي خانىم. بەرتنى كۆتۈرۈپ ئۇنى ئىسسىق كارۋىتىغا سىلىق ياتقۇزۇپ قويدى ۋە يوتقىنىنى ئۈستىگە ئارتتى. «خۇشاللىنارلىقى شۇكى، بىز قانۇنسىز پاتقاق ئاھالىسىغا يېقىن ياشىمايمىز.»
شامنى ئالدى ۋە ئاۋاز چىقارماستىن ئىشىككە قاراپ ماڭدى.
«خەيىرلىك كەچ» دەپ پىچىرلىدى. ئەسلىدە باشقا بىر كېچىسى بولغان بولسا، «دېققەت قىلغىن، بولمىسا ئىكابوگ كەچتە سېنى يەۋېتىدۇ» دىگەن بولاتتى، كورنۇكوپيادىكى ئائىلىلەر ئۇخلايدىغان ۋاقىت بولغاندا بالىلىرىغا دائىم شۇنداق دەيتى. لېكىن ئۇنىڭ ئورنىغا، «چۈشلىرىڭدە ياخشى ئوينا» دىدى.
بەرت قايتىدىن ئۇخلاپ قالدى، لېكىن بۇ قېتىم چۈشىدە باشقا ئالۋاستىنى كۆرمىدى.
لاچىنقۇيرۇق ئەپەندى ۋە شىركەيپ خانىم ياخشى دوستلاردىن ئىدى. بىر-بىرىنى بالىلىق چېغىدىن بېرى تونۇيتتى، مەكتەپتىمۇ بىر سىنىپتا ئوقۇيتتى. لاچىنقۇيرۇق ئەپەندى ئۆزىنىڭ سەۋەبىدىن بەرتنىڭ يامان چۈش كۆرگەنلىكىنى ئاڭلاپ كۆڭلى يېرىم بولدى. خېمىرقورغاننىڭ ئەڭ ئۇستا ياغاچچىسى بولغاچقا، بالىغا ياغاچتىن بىر ئىكابوگ شەكلى ياساپ بەردى. ياغاچ ئىكابوگنىڭ چىشلىرى بىلەن تولغان يوغان ئاغزى كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. پەنجىلىك يوغان پۇتلىرىمۇ بار ئىدى. بەرت ئۇنى بىر كۆرۈپلا ناھايىتى ياقتۇرۇپ قالدى ۋە ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئويۇنچۇقى بولۇپ قالدى.
بەرت، ئاتا ئانىسى ياكى خوشنا ئۆيدە ئولتۇرىدىغان لاچىنقۇيرۇق ئائىلىسى ياكى پۈتۈن كورنۇكوپيادىن ھەرقايسى بىرى، دۆلەتنى ئىكابوگ ئەپسانىسىگە ئوخشاش قورقۇنچلۇق رىۋايەتلەرنىڭ ئاۋارە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتسا، ھەممىسى بۇنىڭغا كۈلۈپلا قوياتتى.
دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك دۆلەتتە ياشاۋاتقان تۇرسا، ئىكابوگ ئەپسانىسىنىڭ نىمە زىيىنى بولاتتى؟