تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا يىراق بىر دۆلەتتە ئىككى ئاكا- ئۇكا ياشايدىكەن. ئۇلار بىرلىكتە ئاتىلىرىدىن مىراس قالغان ئېتىزلىقتا ئىشلەيدىكەن.
ئۇلارنىڭ چوڭى توي قىلغانىكەن. بالىلىرىمۇ باركەن، ئۇلارنىڭ كىچىكى بولسا بويتاق ئىكەن. ھەر ئاخشىمى ئىككى ئاكا- ئۇكا تېرىغان بۇغدايلىرىنى بۆلۈشۈۋېلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىگە توشۇيدىكەن.
بىر كۈنى كىچىك قېرىنداش ئۆز ئۆزىگە :
– بۇغداينى تەڭ بۆلۈشۈش توغرا ئەمەس، چۈنكى مېنىڭ ئايالىم ۋە بالىلىرىم يوق، جىقراق بۇغدايغىمۇ ئېھتىياجىم يوق. – دەپ ئويلاپتۇ.
كەچتە ئوغرىلىقچە ئۆز بۇغدىيىدىن بىر تاغار ئېلىپ ئاكىسىنىڭ بۇغداي ئامبىرىغا ئاپىرىپ قويۇپتۇ.
ئاشۇ كۈنلەردە ئاكىسىمۇ ئۇكىسىنى ئويلاۋاتقان ئىكەن:
– مېنىڭ ئۇكام يالغۇز ياشايدۇ،قېرىغاندا ئۇنى باقىدىغان بالىلىرىمۇ يوق، مېنىڭ بالىلىرىم قېرىغاندا مېنى باقىدۇ، ياخشىسى مەن ئۆز بۇغدىيىمدىن ئۇكامغا ئاپىرىپ قوياي – دەپ ئويلاپتۇ. ئۇمۇ كەچتە قوپۇپ ئوغرىلىقچە ئۇكىسىنىڭ ئامبىرىغا بېرىپتۇ، ئۆزىنىڭ بۇغدىيىدىن بىر تاغارنى ئۇكىسىنىڭ ئامبىرىغا قويۇپ قويۇپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىربىرىدىن خەۋەرسىز ھەر كېچە ئوخشاش ئىشنى قىلىشىپتۇ. شۇڭلاشقا ئىككىلىسىنىڭ بۇغدىيى ھىچ كېمەيمەپتۇ. ئىككىلىسى:
– ۋاي ئاللا، مېنىڭ بۇغدىيىم نېمە ئۈچۈن ھېچ كېمەيمىگەندۇ. – دەپ ئويلىنىپ يۈرۈپتۇ.
بىر كېچىسى ئاكىسى دۈمبىسىگە بىر تاغار بۇغداي ئارتىپ ئۇكىسىنىڭ ئامبىرىغا ئاپارماقچى بوپتۇ. بىردەمدىن كېيىن ئۇنىڭغا بۇغداي توشۇۋاتقان ئۇكىسى ئۇچراپ كۆزلىرىگە ئىشىنەلمەي قاپتۇ. دەل شۇ ۋاقىتتا ئىككى ئاكا- ئۇكا نىمىلەرنىڭ بولغىنىنى چۈشىنىپتۇ- دە، تاغارلارنى يەرگە قويۇپ بىر- بىرلىرىنى قۇچاقلىشىپتۇ.