ئاپتورى: ج. ك. روۋلىڭ
تەرجىمە قىلغۇچىلار: ماھىنۇر، ھەبىبە، نەسلىخان ئۇيغۇر
6- باب: توققۇز ئۈچ چارەك بېكىتىدىن ساياھەت
خارى، دۆرسلېيلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخىرقى بىر ئاينى بەكمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتتى، دەپ كەتكىلى بولمايتتى. توغرا، دادلېي خارىدىن شۇنداق قورقاتتىكى، ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش ئۆيدە تۇرۇشقىمۇ پېتىنالمايتتى. پەتۇنيا ھامما بىلەن ۋېرنون تاغا ئۇنى ئىشكاپقا سولاپ قويمايتتى، ئۇنىڭغا ۋارقىرىمايتتى… ئەمىلىيەتتە ئۇلار ئۇنىڭغا بىر ئېغىز گەپ قىلايمۇ دېمەيتتى. ھەم قورقىدىغانلىقى ھەم غەزەپلەنگەنلىكى ئۈچۈن ھەتتا خارى ئولتۇرغان سافاغىمۇ خۇددى ئادەم يوقتەكلا مۇئامىلە قىلاتتى. بىر جەھەتتىن، بۇ بىر زور ئىلگىرلەش ئىدى، ئەمما ۋاقىت ئۆتكەنسېرى زېرىكىشلىك بولۇپ قالدى.
ئۇ ھۇجرىسىدىن ئانچە چىقىپ كەتمەيتتى، شۇ ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ بىردىنبىر دوستى مۈشۈكياپىلىقى ئىدى. خارى ئۇنى ھەدۋىگ دەپ ئاتايتتى. ئۇ، بۇ ئىسىمنى «بىر سېھىر تارىخى» دىگەن كىتاپتىن تاپقان ئىدى. ئۇنىڭ دەرسلىك كىتاپلىرى ئىنتايىن قىزىقارلىق ئىدى. كارۋىتىدا دۈم يېتىۋېلىپ يېرىم كېچىگىچە شۇكىتاپلانى ئوقۇيتتى. ھەدۋىگ بولسا ئوچۇق دېرىزىدىن خالىغانچە كىرىپ چىقاتتى. پەتۇنيا ھاممىنىڭ ھۇجرىسىنى تازىلىماي تاشلاپ قويۇشى، راستىنى ئېيتقاندا ئۇنىڭ تەلىيى ئىدى. چۈنكى ھەدۋىگ، ئۆيگە داۋاملىق ئۆلۈك چاشقانلارنى كۆتۈرۈپ كېلەتتى. خارى كېچىسى ئۇخلاشتىن بۇرۇن، تامغا ئېسىپ قويغان بىر پارچە قەغەزگە بىر تال سىزىق سىزىپ قوياتتى، مۇشۇنداق قىلىپ ئۇ توققۇزىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىگە قانچە كۈن قالغانلىقىنى ھېساپلايتتى.
سەككىزىنچى ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنى، ئەتىسى كىڭس كروس ئىستاننىسىغا بېرىش ئىشىنى ھاممىسى ۋە تاغىسى بىلەن دىيىشمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ، مېھمانخانا ئۆيگە كىردى. دۆرسلېيلەر تېلىۋىزوردا بىر ماھارەت پروگراممىسى كۆرۈۋاتاتتى. ئۇ يەردە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن گېلىنى يىنىك قىرىپ قويۇۋېدى، دادلېي چىرقىرىغان پېتى باشقا ئۆيگە قېچىپ چىقىپ كەتتى.
«ھىم- ۋېرنون تاغا!»
ۋېرنون تاغا دىققىتىنى ئۆزى كۆرۈۋاتقان پروگراممىدىن ئۈزمەستىن غودۇڭشىپ قويدى.
«ھىم- مەن ئەتە كىڭس كروسقا بارمىسام بولمايتتى. ھېلىقى… خوگۋارتسقا بېرىش ئۈچۈن.»
ۋېرنون تاغا يەنە بىر قېتىم غودۇڭشىپ قويدى.
«سىز مېنى ئاپىرىپ قويالارسىزمۇ؟»
غودۇڭشىش… خارى بۇنى ماقۇل دېگەن مەنىدە دەپ ئويلىدى.
«رەھمەت.»
ۋېرنون تاغا ئاخىرى گەپ باشلىغاندا ئۇ چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ تۇراتتى.
«بىر سېھىرگەرلىك مەكتىپىگە بېرىش ئۈچۈن قىززىق ئۇسۇل – دە بۇ! ئۇچار گىلەملەرنى بۈرگىلەر يەپ كېتىپتىمۇ يە؟»
خارى گەپ قىلمىدى.
«ئىشقىلىپ… بۇ مەكتەپ قەيەردىكەن؟»
«بىلمەيمەن» دېدى خارى، بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ ئىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمىغانلىقىنى ئەسلەپ. يانچۇقىدىن خاگرېد بەرگەن بىلەتنى ئالدى.
«سائەت ئون بىردە، توققۇز ئۈچ چارەك بېكىتىدىن قوزغىلىدىغان پويىزغا چىقىدىكەنمەن» دىدى.
ھاممىسى ۋە تاغىسى ئۇنىڭغا قاراپ قالدى.
«قايسى بېكەت دېدىڭ؟»
«توققۇز ئۈچ چارەك.»
«بىمەنە گەپ قىلما،» دېدى ۋېرنون تاغا. «توققۇز ئۈچ چارەك بېكىتى دەپ بىر نەرسە يوق.»
«بىلەتتە شۇنداق يېزىپتۇ.»
«بۇلار ساراڭ بولۇشۇپتۇ.» دېدى ۋېرنون تاغا. «ھەممىسى ئەقلىدىن ئېزىپتۇ. قاراپ تۇر! ماقۇل، سېنى كىڭس كروسقا ئاپىرىپ قويايلى. ئەتە زادى لوندونغا بارماقچىدۇق. بولمىسا كارىممۇ بولمىغان بولاتتى.»
«نېمىشقا لوندونغا بارماقچىدىڭلار؟» دەپ سوراپ باقتى خارى دوستانە بىر تەسىر قالدۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ.
ۋېرنون تاغا بولسا، «دادلېينى دوختۇرخانىغا ئاپىرىمىز، سمەلتىڭسكە بېرىشتىن بۇرۇن قۇيرۇقىنى ئالغۇزىۋېتىشىمىز كېرەك» دېدى.
خارى ئەتىسى ئەتىگەن سائەت بەشتە ئويغىنىپ كەتتى. ھاياجانغانلىقىدىن ۋە جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىدىن قايتا ئۇخلاي دېسىمۇ ئۇخلىيالمىدى. ئورنىدىن تۇرۇپ كۆك رەڭلىك پادىچىلار ئىشتىنىنى كىيدى. ئىستانسىىغا بارغىچە سېھىرگەر تونى بىلەن ماڭغۇسى يوق ئىدى. كىيمىنى پويىزدا ئالماشتۇرسىمۇ بولاتتى. ھەممە نەرسە تەلمىدۇ، دەپ خوگۋارتس تىزىملىكىنى يەنە بىر قۇر ئوقۇپ چىقتى. ھەدۋىگنىڭ ساق سالامەت، قەپىزىدە بار يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ باققاندىن كېيىن ھۇجرىسىدا ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ دۆرسلېيلەرنى ساقلىغىلى تۇردى. ئىككى سائەتتىن كېيىن، يەنى خارىنىڭ يوغان ھەم ئېغىر ساندۇقى دۆرسلېيلەرنىڭ ماشىنىسىغا بېسىلىپ، پەتۇنيا ھامما دادلېينى خارىنىڭ يېنىغا ئولتۇرۇشقا تەسلىكتە ماقۇل قىلغاندىن كېيىن دۆرسلېيلەر ۋە خارى يولغا چىقتى.
ئون يېرىمدا ئۇلار كىڭس كروسقا يېتىپ كەلدى. ۋېرنون تاغا ساندۇقنى بىر ھارۋىغا باستى، يەنە تېخى خارى بىلەن بىللە پويىز ئىستانسىغا ئاپىرىشىپ بەردى. خارى، تاكى ۋېرنون تاغا سەت ھىجىيىپ، بېكەتلەرنىڭ ئالدىدا توختايدىغان چاغىقىچە ئۇنىڭ قانداقسىگە بۇنچىۋالا كۆيۈمچان بولۇپ كەتكەنلىكىگە ھەيران قالغان ئىدى.
«ھە، مانا كەلدۇق، شۇمتەك. توققۇزىنچى بېكەت، ئونىنچى بېكەت. سېنىڭ بېكىتىڭ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا بولسا بولاتتى. ئەمما تېخى ياساپ بولالمىغان ئوخشىمامدۇ؟»
ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ گېپى توغرا ئىدى. بېكەتلەرنىڭ بىرىنىڭ بېشىدا سۇلياۋدىن ياسالغان يوغان بىر 9، يېنىدىكىسىدە بولسا يوغان بىر 10 تۇراتتى. لېكىن ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ھېچ نەرسە يوق ئىدى.
ۋېرنون تاغا تېخىمۇ سەت ھىجىيىپ «دەرسلىرىڭ ئوڭۇشلۇق بولسۇن» دېدى ۋە باشقا ھېچ نەرسە دېمەستىن كېتىپ قالدى. خارى ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ قارىغاندا دۆرسلېيلەرنىڭ ماشىنىسىنىڭ قوزغالغانلىقىنى كۆردى. ئۈچىلىسى كۈلۈشۈۋاتاتتى. خارى تۇيۇقسىز ئەنسىرەپ قالدى. ئەمدى زادى قانداقمۇ قىلار؟ ھەدۋىگنىڭ سەۋەبىدىن ئۆتكەن كەچكەنلەر ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈشكىلى تۇرغان ئىدى. بىرەرسىدىن سوراپ باقمىسا بولمايدىغاندەك قىلاتتى.
ئۇ شۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر خادىمنى توختاتتى. ئەمما توققۇز ئۈچ چارەك بېكىتىنى سوراشقا جۈرئەت قىلالمىدى. ئادەم خوگۋارتسنىڭ ئىسمىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغانىدى. خارى دۆلەتنىڭ زادى قايسى تەرىپىدە ئىكەنلىكىنىمۇ دەپ بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن خادىم ئۇنى ئۆزىنى ئەخمەق قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ ئاچچىقى كېلىپ قالدى. بارغانسېرى ئۈمىتسىزلەنگەن خارى، سائەت ئون بىردە ماڭىدىغان پويىزنى سوراپ باقتى. ئەمما خىزمەتچى ئۇنداق بىر پويىزنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى. ئارقىدىنلا خەقنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىدىغان شۇمتەكلەر ھەققىدە غودۇڭشىغىنىچە كېتىپ قالدى. خارى تەمكىنلىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قاتتىق كۈچەۋاتاتتى. كېلىپ كېتىۋاتقان پويىزلارنىڭ قوزغىلىش سائەتلىرى يېزىلغان كونترول تاختىسىنىڭ ئۈستىدىكى چوڭ سائەتكە قارىغاندا، خوگۋارتس پويىزىنىڭ قوزغىلىشىغا ئون مىنۇتلا قالغان ئىدى، ئۇ بولسا ئىستانسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆزى ئارانلا كۆتۈرەلەيدىغان ئېغىر بىر ساندۇق، بىر يانچۇق سېھىرگەر پۇلى ۋە يوغان بىر مۈشۈكياپىلاق بىلەن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالغان ئىدى.
خاگرېد، ئېنىقلا، ئۇ قىلىشقا تېگىشلىك بىر ئىشنى ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قالغان گەپ. دايىگېن يولىغا كىرىش ئۈچۈن سول تەرەپتىن سانىغاندا ئۈچىنچى كېسەككە چېكىشتەك بىر نەرسىنى… ئەجىبا ئۇ تايىقىنى ئېلىپ توققۇزىنچى ۋە ئونىنچى نومۇرنىڭ ئارىسىدىكى بېلەت ساتىدىغان بوتكىغا چەككىلى تۇرسام قانداق بولار، دىگەننى خىيال قىلىپ قالدى.
دەل شۇ چاغدا، ئارقىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر نەچچە ئادەمنىڭ ئاغزىدىن چىققان بىر سۆز خارىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
«…ئەلۋەتتە ماگىللار بىلەن تولغان…»
خارى دەرھال كەينىگە بۇرۇلدى. گەپ قىلغىنى، ھەممىسى ئوچۇق قىزىل چاچلىق تۆت ئوغلى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان، ئۆزىمۇ قىزىل چاچلىق، تولغان بىر ئايال ئىدى. بالىلارنىڭ تۆتىلىسىنىڭ خارىنىڭكىگە ئوخشايدىغان بىر ساندۇقى بار بولۇپ، يەنە تېخى ئۇلارنىڭ بىر مۈشۈكياپىلىقىمۇ بار ئىدى!
يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتكەن خارى ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى. ئۇلار توختىغاندا ئۇمۇ، ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىيالىغۇدەك ئارىلىق ساقلاپ توختىدى.
بالىلارنىڭ ئاپىسى «ئەمدى، قايسى بېكەتكە باراتتۇق؟» دەپ سورىدى.
«توققۇز ئۈچ چارەك» دەپ چۇرقىراشتى بالىلار… قىزىل چاچلىق، ئاپىسىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇۋالغان بىر كىچىك قىزچاق «ئاپا مەنمۇ بارسام بولمامدۇ…» دەپ يېلىندى.
«سەن تېخى كىچىك جېننىي، ئەمدى بولدى قىل. مانا، پېرسىي ئاۋۋال سەن ماڭغىن.»
قارىماققا بالىلارنىڭ ئەڭ چوڭىدەك كۆرۈنىدىغان بىر بالا توققۇزىنچى ۋە ئونىنچى بېكەتلەرگە قاراپ ماڭدى. خارى كۆزدىن قاچۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ھەتتا كۆزىنىمۇ چىمچىقلاتماي ئۇنىڭغا قاراپ تۇردى، لېكىن، بالا دەل توققۇز ۋە ئونىنچى بېكەتنىڭ ئارىسىدىكى تامغا كەلگەندە خارى بىلەن بالىنىڭ ئارىسىغا بىر ساياھەتچى توپى كىرىۋالدى. ئەڭ ئاخىرقى چامادانمۇ ئۆتۈپ كېتىپ ئوتتۇرىدىكى يەر ئېچىلغاندا بولسا بالا ئاللىقاچان كۆزدىن غايىپ بولغانىدى.
«ئەمدىكى نۆۋەت سەندە فرەد » دېدى ئايال.
«مەن فرەد ئەمەس، جورج» دېدى بالا. «ھەقىقەتەن، تېخى ئۆزۈڭنى مەن سىلەرنىڭ ئاپاڭلار دەپ يۈرىسەن -ھە؟ مېنىڭ جورج ئىكەنلىكىمنىمۇ بىلمەمسەن؟»
« كەچۈرگىن جورج، قەدىرلىكىم.»
«چاقچاق قىلىپ قويدۇم، مەن فرەد.» دېدى بالا ۋە ئۇمۇ ماڭدى. قوشكېزىكى ئارقىسىدىن چاققانراق بولۇشىنى ئەسكەرتتى، قارىغاندا ئۇمۇ گەپنى چۈشەنگەندەك قىلاتتى، چۈنكى بىر سېكونتتىن كېيىن ئۇمۇ كۆزدىن غايىپ بولدى، ئەمما زادى قانداق؟
ئەمدى ئۈچىنچى بالا تامغا قاراپ تېز تېز ماڭغىلى تۇرغان ئىدى، بىر قەدەم قالدى، ئارقىدىن… ئۇمۇ تۇيۇقسىزلا كۆزدىن غايىپ بولدى.
خارىنىڭ باشقا ئامالى قالمىغان ئىدى.
«كەچۈرۈڭ،» دېدى ئۇ بودەك ئايالنىڭ يېنىغا بېرىپ.
«ياخشىمۇ سەن بالام.» دېدى ئايال. «خوگۋارتسقا تۇنجى بېرىشىڭ شۇنداقمۇ؟ رونمۇ شۇنداق.»
ئەڭ ئاخىرىدا قالغان ھەم ئەڭ كىچىك ئوغلىنى كۆرسەتتى. ئۇ، بويى ئىنتايىن ئېگىز ھەم ئورۇق، سەپكۈنلۈك، پۇت قولى چوڭ ۋە بۇرنى ئۇزۇن كەلگەن بىر بالا ئىدى.
«شۇنداق،» دېدى خارى. «بىر نەرسە سورىماقچى ئىدىم، مەن بىلەلمەي قالدىم… مەن- مەن قانداق…»
«بېكەتكە قانداق بېرىشنىمۇ؟» دېدى ئۇ ئايال كۈلۈمسىرەپ. خارى بېشىنى لىڭشىتتى.
«ئەنسىرەپ كېتىشىڭ ھاجەتسىز،» دېدى ئايال. «پەقەت ئاشۇ توققۇزىنچى ۋە ئونىنچى بېكەتلەرنى ئايرىپ تۇرىدىغان تامغا قاراپ ماڭساڭلا بولىدۇ. توختاپ قالما، تامغا ئۈسسۈپ سالارمەنمىكىن دەپ قورقما، بۇ ئىنتايىن مۇھىم، ھاياجىنىڭنى بېسىۋالالمىساڭ ئەڭ ياخشىسى يۈگۈرسەڭمۇ بولىدۇ. بولە، روندىن ئاۋۋال سېنى يولغا سالايلى.»
«ھىم… ماقۇل» دېدى خارى.
قول ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ كەينىگە بۇرۇلدى ۋە تامغا قارىدى. قارىماققا خېلىلا قاتتىق ھەم مەزمۇتتەك قىلاتتى.
تامغا قاراپ ماڭغىلى تۇردى. توققۇزىنچى ۋە ئونىنچى پېرونلارغا قاراپ يۈگۈرىشىۋاتقانلار، ئۇنى ئىتتىرىشىپ ئۆزىگە يول ئاچاتتى. خارى تېخىمۇ تېز ماڭدى. ئۇ، چوقۇم بىلەت بوتكىسىغا ئۈسسۈپ ئىش تېرىپ قويىدىغان بولدۇم دەپ ئويلىدى. ھارۋىسىغا ئېسىلىپ يۈگۈرگىلى تۇردى. تام بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتاتتى. ئەمدى توختاي دىسىمۇ توختىيالمايتتى، ھەتتا قول ھارۋىسىنىمۇ باشقۇرالماي قالدى، تامغا بىر قەدەملا قالدى، ئۇ كۆزىنى يۇمۇپ ئۈسسۈشكە تەييار بولدى…
ئۇ ئۈسسۈمىدى… يۈگۈرۈشنى داۋاملاشتۇردى… شۇنىڭ بىلەن ئۇ، كۆزىنى ئاچتى.
ئادەملەر بىلەن توشۇپ كەتكەن بىر بېكەتتە، قىزىل بىر پويىز ساقلاپ تۇراتتى. بېشىنىڭ ئۈستىدىكى تاختىدا، «خوگۋارتس پويىزى، سائەت ئون بىردە ماڭىدۇ.» دەپ يېزىقلىق ئىدى. خارى ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قارىدى، تامنىڭ ئورنىدا، «توققۇز ئۈچ چارەك بېكىتى» يېزىقلىق بىر تۆمۈر لەۋھە تۇراتتى. ئۇ ئاخىرى توققۇز ئۈچ چارەك بېكىتىگە ئوڭۇشلۇق كىرگەن ئىدى.
پاراۋوزدىن چىققان ئاپئاق تۇمان پاراڭلىشىۋاتقان ئادەملەر توپىنى قورشىۋالغان ئىدى، خىلمۇخىل رەڭلىك مۈشۈكلەر ئادەملەرنىڭ پۇتلىرى ئارىسىدا سۈركىلىشىپ ئۇياقتىن-بۇياققا يۈگۈرشۈپ يۈرەتتى. ئېغىر ساندۇقلارنىڭ تاراق-تۇرۇقلىرىدىن باشقا مۈشۈكياپىلاقلارنىڭ ھۇۋلىشىپ سالاملىشىشلىرىمۇ ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
تۇنجى بىر نەچچە ۋاگوننى دېرىزىدىن سىرتقا ئېڭىشىپ ئائىلىلىرى بىلەن خوشلىشىۋاتقان ياكى بوش ئورۇن تالىشىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار توشقۇزۇپ بولغان ئىدى. خارى بوش ئورۇن ئىزدەپ ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ بېكەتنى بويلاپ ماڭدى. ئۇ يۇپيۇمىلاق يۈزلۈك، «پاقامنى يەنە يۈتتۈرۈپ قويدۇم موما» دەۋاتقان بىر بالىنىڭ يېنىدىن ئۆتتى.
خارى، ئۇ ياشانغان ئايالنىڭ « ئاھ نەۋىل…» دەپ ئۇلۇغ كىچىك تىنغىنىنى ئاڭلاپ قالدى.
چېچىنى نېگىرلارغا خاس بىر ئۇسلۇبتا ئۆرۈۋالغان بىر بالىنىڭ ئەتراپىدا بىر توپ بالا توپلىشىۋالغان ئىدى.
«بىر قېتىم قاراپ باقايلىچۇ لىي، ئۆتۈنەيلى.»
بالا قولىدىكى قۇتىنىڭ ئاغزىنى ئېچىۋېدى، ئەتراپىنى قورشىۋالغان ئادەملەر چىرقىرىشىپ قېچىشىپ كەتتى، قۇتىنىڭ ئىچىدىكى نەرسە ئۇزۇن، تۈكلۈك پاچىقىنى تېشىغا چىقارغان ئىدى.
خارى پويىزنىڭ ئارقىسىدا بوش بىر بۆلمە ئۇچرايدىغان چاغقىچە ئادەملەر توپىنى يېرىپ مېڭىشنى داۋاملاشتۇردى. ئاۋۋال ھەدۋىگنى ئىچىگە سالدى، ئارقىدىن ساندۇقىنى پويىزنىڭ ئىشىكىدىن كىرگۈزۈش ئۈچۈن كۈچەپ ئىتتەرگىلى تۇردى. بىر ئۇچىدىن تۇتۇپ پەشتاقنىڭ ئۈستىگە چىقارماقچى بولدى يۇ بۇ ئىش قولىدىن كەلمەي، ساندۇقى ئىككى قېتىم پۇتىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ كېتىپ پۇتى قاتتىق ئاغرىپ كەتتى.
«ياردەم قىلايلىمۇ؟» گەپ قىلغىنى، ئۇ بىلەت بوتكىسىنىڭ يېنىدا كۆرگەن قىزىل چاچلىق قوشكېزەكلەردىن بىرسى ئىدى.
«ھەئە، رەھمەت » دېدى خارى.
«ھوي فرەد! كېلىپ ياردەملەش!»
قوشكېزەكلەرنىڭ ياردىمى بىلەن خارىنىڭ ساندۇقى ئاخىرى پويىزغا كىردى ۋە بۆلمىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا ئورۇنلاشتى.
«رەھمەت» دېدى خارى، تەردىن نەملەنگەن چېچىنى كۆزىگە كىرىۋالمىسۇن دەپ كەينىگە تارتىپ.
قوشكېزەكلەردىن بىرى تۇيۇقسىز «بۇ نېمە؟» دېدى، خارىنىڭ چاقماق شەكىللىك تارتۇقىنى كۆرسىتىپ.
«پاھ!» دېدى يەنە بىر قوشكېزەك. «سەن شۇمۇ يا؟»
«شۇنداق شۇ ئىكەن.» دېدى بىرىنچى قوشكېزەك. خارىغا قارىدى. «شۇنداقمۇ؟»
«نىمە؟» دەپ سورىدى خارى.
قوشكېزەكلەر تەڭلا،«خارى پوتېر!» دېيىشتى.
«ھە، شۇمۇ…» دېدى خارى. «يەنى-شۇنداق-مەن شۇ.»
ئىككى بالا ئۇنىڭغا ھاڭۋېقىپ قاراپلا قالدى. خارى بولسا بارغانسېرى قىزىرىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالدى. ھەر نېمە بولسا، پويىزنىڭ ئوچۇق قالغان ئىشىكىدىن ئاڭلانغان بىر ئاۋاز، ئۇنى بۇ ئوڭايسىز ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇۋالدى.
«فرەد؟ جورج؟ سىلەر بارمۇ؟»
«مانا كەلدۇق ئاپا»
قوشكېزەكلەر خارىغا ئاخىرقى قېتىم قاراپ قويۇپ پويىزدىن سەكرەپ چۈشتى.
خارى، دېرىزىنىڭ يېنىدا ئۆزى يېرىم يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ قىزىل-چاچلىق بۇ ئائىلىنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سالالايدىغان بىر يەردە ئولتۇردى. ئۇلارنىڭ ئاپىسىنىڭ قولىدا بىر قولياغلىق تۇراتتى.
«رون، بۇرنۇڭدا بىر نەرسە تۇرىدۇ.»
بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى كەينىگە داجىپ قاچماقچى بولدى، ئەمما ئاپىسى ئۇنى چىڭ تۇتۇۋالدى ۋە بۇرنىنىڭ ئۇچىنى ئۇۋۇلاپ سۈرتكىلى تۇردى.
«ئاپا… ئۇنداق قىلمىساڭچۇ…» ئۇ قاتتىق تولغىنىپ ئاپىسىنىڭ قولىدىن ئۆزىنى بوشاتتى.
قوشكېزەكلەردىن بىرسى، «ۋۇي، بۇ زىيادە تاتلىق روننىچاقنىڭ بۇرۇنچىقىغا بىر نېمىلەر چاپلىشىپ قاپتىمۇ تېخى؟» دېدى.
«ئاغزىڭنى يۇم،» دىدى رون.
«پېرسىي قېنى؟» دەپ سورىدى ئاپىسى.
«كېلىۋاتىدۇ.»
بالىلارنىڭ ئەڭ چوڭى چوڭ-چوڭ قەدەم تاشلاپ پەيدا بولدى. ئۇ ھېلىتىنلا يېڭى، قاپقارا خوگۋارتس تونىنى كىيىۋالغان ئىدى. خارى ئۇنىڭ كۆكسىدە، «س.ب.» يېزىقلىق ۋال-ۋۇل قىلىپ چاقناپ تۇرىدىغان كۈمۈش بىر ئىزنەكنى بايقاپ قالدى.
«ئۇزۇن تۇرالمايمەن ئاپا» دىدى پېرسىي، «ئالدىدا ئولتۇرىمەن، سىنىپ باشلىقلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلاپ قويۇلغان ئىككى بۆلمە بار…»
قوشكېزەكلەردىن بىرسى، ئاجايىپ ھەيران قالغاندەك بىر خىل ئاھاڭدا، «ۋاي ئانىمەي، سەن سىنىپ باشلىقىمىدىڭ پېرسىي؟» دېدى.
«ۋاي توۋا، بىلمەي قاپتۇق-دە مانا، نېمىشقا دەپ قويمايدىغانسەن؟» دېدى يەنە بىر قوشكېزەك.
«يا بولمىسا…بىر نېمىلەر دېگەندەك قىلامتى نېمە» دېدى بىرىنچى قوشكېزەك «بىر قېتىم…»
«ياكى ئىككى قېتىم…»
«توختاپ تۇر…»
«يازلىق تەتىلنىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە ھەر سائەت…»
«ۋاي-ۋۇي، بولدى قىلىڭلار!» دېدى سىنىپ باشلىقى پېرسىي.
«ئىشقىلىپ، قانداقسىگە ئۇنىڭ يېپيېڭى بىر تونى بولىدۇ؟» دىدى قوشكېزەكلەردىن بىرسى.
«چۈنكى ئۇ سىنىپ باشلىقى،» دېدى ئاپىسى پەخىرلەنگەن ھالدا.
«بوپتۇ قەدىرلىكىم، دەرسلىرىڭ ئوڭۇشلۇق بولسۇن، بېرىپ بولغان ۋاقىتىڭدا ماڭا مۈشۈكياپىلاق يوللىۋەت.»
ئاپىسى مەڭزىگە سۆيۈپ قويغاندىن كېيىن پېرسىي پويىزغا قاراپ ماڭدى. ئارقىدىن ئاپىسى قوشكېزەكلەرگە بۇرۇلۇپ قارىدى.
«ئەمدى، ئىككىڭلار ئوبدان قۇلاق سېلىڭلار، بۇ يىل ئۆزۈڭلارنى ئوبدان باشقۇرۇپ يۈرۈڭلار، ئەگەر بىمەنە چاقچاقلىرىڭلارغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر مۈشۈكياپىلاق كېلىپ قالىدىغان بولسا… تازىلىق ئۆيىنى پارتلىتىۋېتىش دېگەندەك…»
«تازلىق ئۆيىنى پارتلىتىش؟ بىز ھەرگىزمۇ بۇ ئىشنى قىلىپ باقمىدۇق!»
«يەنىلا بولۇپ قالىدىكەن جۇمۇ، رەھمەت ئاپا.»
«قىلچىمۇ كۈلكىلىك ئەمەس! يەنە تېخى روننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قويۇڭلار.»
«ئەنسىرىمە ئاپا، زىيادە تاتلىق روننىچاق بىزنىڭ يېنىمىزدىلا بولىدىكەن خەۋپ خەتەر ئۇنىڭغا يېقىن يولىيالمايدۇ!»
رون يەنە، «ئاغزىڭنى يۇم!» دېدى.
ئۇنىڭ بويى قوشكېزەكلەرنىڭ بويىغا تەڭلىشىپ قالايلا دىگەن ئىدى، بۇرنىنىڭ ئاپىسى سۈرتۈپ قويغان يېرى بولسا تېخىچە ھالرەڭ تۇراتتى.
«ھەي ئاپا، دەپ باقە، پويىزدا كىمنى كۆردۇق؟»
خارى ماراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالمىسۇن، دەپ دەرھال كەينىگە يۆلىنىۋالدى.
«ھېلىقى ئىستانسىدا، بىزنىڭ يېنىمىزدا تۇرغان قارا چاچلىق بالا بارغۇ؟ ئۇ كىمكەن بىلەمسەن؟»
«كىمكەن؟»
«خارى پوتىر!»
خارى كىچىك قىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى.
«پاھ! ئاپا پويىزغا چىقىپ كۆرۈپ باقسام بولامدۇ، ئاپا، ئۆتۈنەي…»
«ھېلىلا كۆردۈڭغۇ جېننىي، ھەم بىچارە بالا ھايۋانات باغچىسىدىكى مايمۇن ئەمەس، چەكچىيىپ تاماشا قىلغىلى! راست شۇمىكەن فرەد؟ قانداق بىلدىڭ؟»
«ئۆزىدىن سوراپ باقتىم، تارتۇقىنى كۆردۈم، راستتىنلا دەل پېشانىسىدىكەن، چاقماققا ئوخشايدىكەن.»
«بىچارە بالا، يالغۇز تۇرغانلىقىغا ئەجەبلىنىش ئورۇنسىزكەنتۇق، ھەيران قالغانتىم. بېكەتكە قانداق بارىدىغانلىقىنى سوراۋاتقاندا شۇنداق ئەدەپلىك ئىدى ھە…»
«ۋاي ئۇنى قويۇپ تۇرە، سېنىڭچە كىملىكىنى-بىلىسەن-سەن نىڭ قانداق ئىكەنلىكى ئېسىڭدە بارمىدۇ؟»
ئۇلارنىڭ ئاپىسىنىڭ تۇيۇقسىز قاتتىق ئاچچىقى كەلدى.
«ئۇنىڭدىن بۇنى سورىشىڭنى چەكلەيمەن فرەد! ھەرگىز، ھەرگىز ئۇنىڭدىن بۇنى سورىغۇچى بولما. سېنىڭچە مەكتەپتىكى تۇنجى كۈنىدە بۇنى ئەسلىتىپ قويۇشۇڭنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟»
«ماقۇل، ماقۇل، ئۆزۈڭنى بېسىۋالە ئاپا.»
پويىزنىڭ سىگنالى ئاڭلاندى.
«مېڭىڭلار، چاپسان بولۇڭلار!» دېدى ئۇلارنىڭ ئاپىسى. شۇنىڭ بىلەن ئۈچ بالا ئالدىراپ پويىزغا چىقتى. ئاپىسىنىڭ يۈزىگە سۆيۈپ قويۇشى ئۈچۈن بېشىنى دېرىزىدىن چىقىرىپ تۇردى، ئارقىدىنلا ئۇلارنىڭ سىڭلىسى يىغلاپ تاشلىدى.
«يىغلىما جىننىي، ساڭا بىر مۇنچە مۈشۈكياپىلاق ئەۋەتىمىز،»
«ساڭا يەنە خوگۋارتستىن بىر تەرەت تۇڭى ئەۋەتىمىز،»
«جورج!»
«چاقچاق قىلىپ قويدۇم ئاپا.»
پويىز ئاستا قوزغالدى. خارى بالىلارنىڭ ئاپىسىنىڭ قول پۇلاڭشىتقانلىقىنى، سىڭلىسىنىڭ بولسا يېرىم كۈلۈپ يېرىم يىغلاپ، سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرىدىغان چاغقىچە پويىزغا ئەگىشىپ يۈگۈرگەنلىكىنى، كەينىدە قالغان ۋاقىتتا توختاپ، قولىنى پۇلاڭلاتقىنىچە شۇ يەردە قالغانلىقىنى كۆردى.
خارى، پويىز ئايلانمىغا كېلىپ قىز ۋە ئانىسى كۆزدىن غايىپ بولغۇچە ئۇلارغا قاراپ تۇردى. سىرتتىكى ئۆيلەر، دېرىزىدىن قارىغاندا بارغانسېرى تۇتۇق كۆرۈنگىلى تۇردى. خارى تۇيۇقسىز قاتتىق ھاياجانلىنىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇ قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى، ئەمما قەيەر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ ياشاپ كەلگەن يەردىن ياخشىراق ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى.
بۆلمىنىڭ ئىشىكى سېرىلىپ ئېچىلدى، قىزىل چاچلىق بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى كىردى.
خارىنىڭ ئالدىدىكى بوش ئورۇننى كۆرسىتىپ، «بۇ يەردە بىرەرسى ئولتۇرامدۇ؟» دەپ سورىدى. «باشقا ھەممە يەر توشۇپ كېتىپتۇ.»
خارى بېشىنى چايقىدى، بالا شۇ يەردە ئولتۇردى. ئۇ خارىغا لەپپىدە قاراپ قويدى ۋە ئارقىدىنلا خۇددى ئۇنداق قىلمىغاندەك، دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ تۇرۇۋالدى. خارى ئۇنىڭ بۇرنىدا تېخىچە شۇ قارا داغنىڭ بارلىقىنى كۆردى.
«ھەي، رون.»
قوشكېزەكلەر قايتىپ كەلگەن ئىدى.
«ئاڭلاپ تۇر، بىز پويىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا بارماقچى- لىي جوردېندا چوڭ بىر دۆ باركەن»
«ماقۇل» دېدى رون تۆۋەن ئاۋازدا.
«خارى» دېدى قوشكېزەكلەرنىڭ يەنە بىرسى «ئۆزىمىزنى تونۇشتۇرمىدۇققۇ دەيمەن؟ فرەد ۋە جورج ۋېزلىي. يەنە، بۇ رون، بىزنىڭ ئىنىمىز. كېيىن كۆرۈشەيلى ئەمىسە!»
«خوش» دېدى خارى بىلەن رون، قوشكېزەكلەر ئىشىكنى ئېتىپ چىقىپ كەتتى.
«سەن راستتىنلا خارى پوتېرمۇ؟» دەپ سالدى رون.
خارى بېشىنى لىڭشىتتى.
«ئاھ، ياخشى بوپتۇ ئەمىسە، مەن تېخى بۇنى فرەد ۋە جورجنىڭ چاقچاقلىرىدىن بىرى ئوخشايدۇ دەپتىمەن» دېدى رون. «يەنە، سەندە ھېلىقى… بىلىسەنغۇ شۇ، راستتىنلا ھېلىقى…»
ئۇ خارىنىڭ پېشانىسىنى كۆرسەتتى.
خارى چېچىنى كەينىگە تارتىپ، چاقماق شەكىللىك تارتۇقىنى كۆرسىتىپ قويدى. رون بىر ھازا قاراپ قالدى.
«ئۇنداقتا، كىملىكىنى بىلىسەن سەن شۇ يەرگە…»
«شۇنداق» دېدى خارى. «ئەمما ئۇ ئىشلارنى ئەسلىيەلمەيمەن.»
«ھېچ نەرسىنىمۇ؟»
«شۇ – پەقەتلا ئىنتايىن كۆپ يېشىل نۇرنى ئەسلىيەلەيمەن، ئەمما باشقا ھېچنەرسە ئېسىمدا يوق.»
«پاھ!» دېدى رون، ئۇ ئولتۇرغان يېرىدە بىر دەم خارىغا تىكىلىپ قاراپ قالدى، كېيىن، تۇيۇقسىزلا نېمە قىلىۋاتقانلىقى ئېسىگە كېلىپ قالدى ۋە قايتىدىن، بېشىنى تېزلا بۇراپ دېرىزىدىن سىرتقا قارىۋالدى.
«ئائىلەڭدىكىلەرنىڭ ھەممىسى سېھىرگەرمۇ؟» دەپ سورىدى، رون ئۆزىگە قانچىلىك قىزىققان بولسا، ئۇمۇ رونغا شۇنچىلىك قىزىققانىدى.
«ھىم… شۇنداققۇ دەيمەن» دېدى رون. «ئېسىمدە قېلىشىچە ئاپامنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى بار، بوغالتىر، ئەمما ئۇنىڭ گېپىىنى ئانچە قىلىپ كەتمەيمىز.»
«ئۇنداقتا سەن، ھېلىتىنلا ئىنتايىن كۆپ ئەپسۇن بىلىدىكەنسەندە.»
ۋېزلىلەر ئېنىقلا، ھېلىقى دىئاگون يولىدىكى تاتىراڭغۇ چىراي بالا گېپىنى قىلغان قەدىمكى سېھىرگەر جەمەتىدىن ئىدى.
«ئاڭلىشىمچە سەن ماگېللار بىلەن ياشايدىكەنسەن» دېدى رون. «ئۇلار قانداق ئادەملەر؟»
«قورقۇنۇچلۇق – مەن دىمەكچى ھەممىسى ئەمەس. ھاممام، تاغام ۋە نەۋرە ئاكام شۇنداق. مېنىڭمۇ ئۈچ تال سېھىرگەر ئاكام بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتىم.»
«بەش» دېدى رون. نېمىشقىكىن تاڭ، ئۇ غەمكىن كۆرۈنەتتى. «مەن بىزنىڭ ئائىلىمىزدىن خوگۋارتسقا بارغان ئالتىنچى بالا. بىل ۋە چارلى ئاللىقاچان مەكتەپ پۈتتۈردى، بىل ئوقۇغۇچىلار باشلىقى ئىدى، چارلى بولسا كۇئىددىچ كوماندا باشلىقى ئىدى. ئەمدى پېرسى سىنىپ باشلىقى. فرەد ۋە جورج كۆپرەك ئويۇن-تاماشا بىلەن، ئەمما يەنىلا نەتىجىسى ياخشى ۋە ھەممە ئادەم ئۇلارنى ئىنتايىن ھەييار دەپ قارايدۇ. ھەممىسى مېنىڭمۇ شۇلاردەك بولۇشۇمنى كۈتىدۇ، ئەمما ئۇنداق بولالىدىم دېگەن تەقدىردىمۇ بۇنىڭ بىر مەنىسى يوق، چۈنكى ئۇلار ھەممىنى بىرىنچى بولۇپ قىلىپ بولغان تۇرسا… ئۇنىڭ ئۈستىگە بەش ئاكاڭ بولسا، ھېچنەرسەڭ يېڭى بولمايدۇ. ماڭا بىلنىڭ كونا تونىنى، چارلىنىڭ كونا تايىقىنى ۋە پېرسىينىڭ قېرى چاشقىنىنى بەردى.»
رون چاپىنىنىڭ يانچۇقىدىن، سېمىز، چوڭ، كۈلرەڭ ھەم ئۇخلاپ قالغان بىر چاشقاننى ئالدى.
«ئۇنىڭ ئىسمى سكابېرس، ۋە شۇنداق كېرەكسىز، ئۇ ھەتتا ئانچە ئويغىنىپمۇ كەتمەيدۇ. پېرسىي سىنىپ باشلىقى بولغاچقا دادام ئۇنىڭغا بىر مۈشۈكياپىلاق ئېلىپ بەردى، ئەمما پۇل يەتمەي… مەن دىمەكچى، ماڭا، شۇ، سكابېرسنى بەردى.»
روننىڭ قۇلىقى قىزىرىپ كەتتى. ئۇ قارىغاندا، يەنە ئارتۇقچە سۆزلەپ سالغاندەك ھېس قىلغان بولسا كېرەك، يەنە دېرىزىدىن سىرتقا قارىۋالدى.
خارى مۈشۈكياپىلاق ئالىدىغان پۇل قالماسلىقىنى، يۈزىنى چۈشۈرىدىغان بىر ئىش دەپ قارىمايتتى. بىر ئاي بۇرۇنغىچە، ئۇنىڭمۇ ئەزەلدىن بىر تىيىنمۇ پۇلى بولۇپ باقمىغان ئىدى، شۇڭا ئۇ، رونغا ھەممىنى سۆزلەپ بەردى، دادلېينىڭ كونا كىيىملىرىنى كىيگەنلىكىنى، تۇغۇلغان كۈنىدە بىرەر قېتىممۇ ئوبدانراق بىر سوۋغات ئېلىپ باقمىغانلىقىنى… روننىڭ كۆڭلى خېلى ئارامىغا چۈشكەندەك قىلاتتى.
«… خاگرېد ماڭا ئېيتىپ بېرىشتىن بۇرۇن، سېھىرگەر ئىكەنلىكىمدىنمۇ خەۋىرىم يوق ئىدى. ھەتتا ئاتا-ئانامدىنمۇ ياكى ۋولدېمورتتىنمۇ…»
رون ھاڭ-تاڭ بولۇپ قالدى.
«نېمە بولدى؟» دېدى خارى.
«كىملىكىنى-بىلىسەن-سەن نىڭ ئىسمىنى دېدىڭ!» دېدى رون، ئۇ، ھەم ھەيران قالغاندەك ھەم قورققاندەك قىلاتتى «پۈتۈن ئادەملەرنىڭ ئىچىدە، سېنىڭ ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاتايدىغانلىقىڭنى ئويلاپمۇ..»
«بۇ ئىسىمنى ئاتاپ باتۇرلىقىمنى ئىسپاتلاشتەك بىر ئىشقا ئۇرۇنمايۋاتىمەن…» دېدى خارى. «دىسە بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم. ئەمدى چۈشەنگەنسەن؟ مەن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك تېخى بىر مۇنچە نەرسە بار… يەنە تېخى» دەپ قوشۇپ قويدى، يېقىندىن بۇيان كاللىسىنى قاتۇرۇۋاتقان بىر مەسىلىنى تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىپ «قارىغاندا سىنىپتىكى ئەڭ ناچار ئوقۇغۇچى مەن بولۇپ قالىدىغاندەك قىلىمەن.»
«ئۇنداق بولمايدۇ. ئۇ يەردە ماگېل ئاتا-ئانىدىن تۇغۇلغان بىر مۇنچە ئوقۇغۇچىمۇ بار، ئۇلارمۇ تېزلا ماسلىشىپ كېتەلەيدۇ.»
ئۇلار پاراڭلىشىۋاتقاندا، پويىز لوندوننىڭ سىرتىغا چىقىپ بولغان ئىدى. ھازىر ئۇلار قوي كالىلار ئوتلاۋاتقان يايلاقلارنىڭ ۋە ئېتىزلارنىڭ ئارىسىدىن ئۇچقاندەك تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇلار بىر ھازا گەپ قىلماي، چاقماق تېزلىكىدە ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئېتىزلارنى ۋە يوللارنى تاماشا قىلىپ ئولتۇرۇپ قالدى.
سائەت ئون ئىككى يېرىم بولغاندا كارىدوردا بىر نەرسىلەرنىڭ تاراقشىپ كېتىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلاندى ۋە كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان، زىنىقى بار بىر ئايال ئۇلارنىڭ ئىشىكىنى سېيرىپ ئېچىپ، «يېمەك-ئىچمەك ھارۋىسىدىن بىرەر نەرسە لازىممۇ بالىلار؟» دەپ سورىدى.
خارى ناشتا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، دەرھال ئورنىدىن سەكرەپ تۇردى، ئەمما روننىڭ قۇلىقى قايتا قىزىرىپ كەتتى ۋە ئۆيدىن بولكا ئېلىۋالغان دەپ غودۇڭشىدى. خارى كارىدورغا چىقتى.
ئۇ دۆرسلېيلەر بىلەن ياشاۋاتقاندا ھېچقانداق ۋاقىتتا كەمپۈتكە خەجلەيدىغان پۇلى بولۇپ باقمىغان ئىدى، مانا ئەمدىلىكتە بولسا يانچۇقىدا شاراقلاۋاتقان بىر توپ ئالتۇن ۋە كۈمۈش تەڭگىلەر بىلەن، ئۇ ھەتتا كۆتۈرەلىگىنچە مارس پىرەنىكى ئالىمەن دېسىمۇ ئالالايتتى، ئەمما ئۇ ئايالدا مارس پىرەنىكى يوق ئىدى. ئۇنىڭدا، بەرتى بوتسنىڭ ھەرخىل تەملىك پۇرچاق كەمپۈتلىرى، گومۇشنىڭ ئەلا دەرىجىلىك ئېتىلىدىغان سېغىزلىرى، شاكىلات پاقا، كاۋا قاتلىمىسى، قازان تورتى، شېكەر قومۇشى تايىقى ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان… خارى ئۆمرىدە كۆرۈپ باقمىغان ئاجايىپ-غارايىپ نەرسىلەر بار ئىدى. بىرەر نەرسىنى كەم قالدۇرغۇسى كەلمىگەن خارى، ھەممە نەرسىدىن ئاز ئازدىن ئالدى ۋە ئايالغا ئون بىر كۈمۈش سېكىل ۋە يەتتە مىس كنۇت تۆلىدى.
رون، خارى ئالغان ھەممە نەرسىنى يۈدۈپ بۆلمىگە كىرىۋاتقاندا ۋە بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بوش ئورۇنغا دۆۋىلەپ قويۇۋاتقاندا ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قالدى.
«قورسىقىڭ ئېچىپ كېتىپتۇ-ھە؟»
«ئېچىرقاپ كەتتىم» دېدى خارى كاۋا قاتلىمىسىنى چىشلىگەچ.
رون يانچۇقىدىن چوڭ بىر بولاق ئالدى ۋە ئاچتى. ئىچىدە تۆت تال ساندىۋىچ تۇراتتى. بىرسىنى قولىغا ئالدى ۋە «داۋاملىق كونسېرۋا كالا گۆشىگە ئۆچ ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ قالىدۇ دىسە» دېدى.
«بىرسى بىلەن تېگىشەيلىمۇ» دېدى خارى قاتلىمىدىن بىرنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ «ئالە »
«بۇنى سەنمۇ ياقتۇرمايسەن، شۇنداق قۇرۇق…» دېدى رون ئەمما ئارقىدىنلا «ئۇنىڭ كۆپ ۋاقتى يوق» دەپ قوشۇپ قويدى، «شۇ – بەشىمىزگە بىراق يېتىشىپ بولالماي…»
«بولدى قىلساڭچۇ، قاتلىمىدىن بىرنى يەپ باقە» دېدى بۇنىڭدىن بۇرۇن بىرەرسى بىلەن تەڭ بۆلۈشۈپ يېگۈدەك بىر نەرسىسى بولۇپ باقمىغان خارى، شۇنداقلا باشقىلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرەر نەرسىسىنى بۆلۈشۈپ يۈرمەيتتى. شۇڭا ئۇ چاغدا، شۇ يەردە ئولتۇرۇپ رون بىلەن قاتلىما، تورت ۋە ھەممە نەرسىنى تەڭ يىيىش ئىنتايىن كۆڭۈللۈك تۇيۇلغان ئىدى. (ساندىۋىچلار ئاللىقاچان بىر بۇلۇڭدا ئۇنتۇلۇپ كەتكەنىدى)
«بۇلار نېمە؟» دەپ سورىدى خارى، بىر قۇتا شاكىلات پاقىنى كۆرسىتىپ «ئۇلار راست پاقا ئەمەس شۇنداقمۇ؟» ئۇ خۇددى بۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق ئىش ئۇنى ھەيران قالدۇرالمايدىغاندەك ھېس قىلىۋاتاتتى.
«ياق» دېدى رون «ئەمما ئىچىدىكى كارتىغا قاراپ باقە، مەندە ئاگرىپپا كەم»
«نېمە؟»
«ئاھ، راست، ئەلۋەتتە سەن بىلمەيسەندە – شاكىلات پاقىلارنىڭ ئىچىدە كارتىلار بولىدۇ، شۇ، يىغىپ قويۇش ئۈچۈن… داڭلىق سېھىرگەر ۋە جادۇگەرلەر. مەندە بەشيۈز تالدەك بار، ئەمما مەندە ئاگرىپپا ياكى پتولېمىي يوق»
خارى شاكىلات پاقىنىڭ قەغىزىنى ئاچتى ۋە كارتىنى ئالدى. بۇ يەردە بىر ئادەمنىڭ يۈزى تۇراتتى. ئۇنىڭ يېرىم ئاي شەكىللىك كۆزئەينىكى، ئۇزۇن ھەم قاڭشارلىق بۇرنى، كۈمۈش رەڭ چېچى ساقىلى ھەم بۇرۇتى بار ئىدى. رەسىمنىڭ ئاستىدا ئىسمى يېزىلغان ئىدى، ئالبۇس دامبېلدور.
«ئۇنداقتا، دامبېلدور مۇشۇكەندە!» دېدى خارى.
«دامبېلدورنى ئاڭلاپ باقمىدىم دېمەيدىغانسەن!» دېدى رون. «بىر تال پاقا ئالسام بولامدۇ؟ بەلكىم ئاگرىپپانى تاپالىشىم مۇمكىن، رەھمەت»
خارى كارتىنى تەتۈر ئۆرۈپ كەينىدىكى خەتلەرنى ئوقۇغۇلى تۇردى:
ئالبۇس دامبېلدور
خوگۋارتسنىڭ ھازىرقى مۇدىرى. كۆپچىلىك، ھازىرقى زاماننىڭ ئەڭ ئۇلۇغ سېھىرگەرى دەپ قارايدىغان پروففېسور دامبېلدور، 1945 – يىلى قارا نىيەت سېھىرگەر گرىندەۋالدنى يەڭگەنلىكى، ئەجدىھا قېنىنىڭ ئون ئىككى خىل ئىشلىتىش يولىنى كەشىپ قىلغانلىقى ۋە دوستى نىكولاس فلامەل بىلەن بىللە شۇغۇللانغان قەدىمىي خېمىيە تۈرىدىكى ئەسەرلىرى سەۋەپلىك داڭق چىقارغان. دامبېلدور، ئوركېستىر مۇزىكىسى ۋە بوۋلىڭ توپ ئويناشقا ئالاھىدە قىززىقىدۇ.
خارى قايتا كارتىنىڭ كەينىنى ئۆرۈدى ۋە ھەيرانلىق بىلەن دامبېلدورنىڭ يۈزىنىڭ غايىپ بولغانلىقىنى كۆردى.
«ئۇ كېتىپتۇ!»
«ئەلۋەتتە. ئەتىگەندىن كەچكىچە شۇ يەردە تۇرماس ھەقىچان» دېدى رون. «ئۇ قايتىپ كېلىدۇ. ئاھ، ياق! يەنە مورگانا، مەندە ئۇنىڭدىن ئالتىسى بار… بۇنى ئالامسەن؟ سەنمۇ يىغىشنى باشلىساڭ بولىدۇ.»
روننىڭ كۆزى تېخى ئېچىلمىغان شاكىلات پاقا قاپلىرىدا قالغانىدى.
«خالىغانچە ئېچىپ باقساڭ بولىدۇ» دېدى خارى. «ئەمما، بىلەمسەن، ماگېل دۇنياسىدا، ئىنسانلار رەسىمنىڭ ئىچىدە جىم تۇرىدۇ»
«شۇنداق قىلامدۇ؟ ئازراقمۇ مىدىرلاپ قويمامدۇ؟» رون ئىنتايىن ھەيران بولغاندەك قىلاتتى «نېمە دېگەن غەلىتە!»
خارى دامبېلدورنىڭ رەسىمىگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويغانلىقىنى كۆردى. قارىغاندا روننى، شاكىلات پاقا كارتىلىرىغا قاراشتىن بەكرەك ئۇلارنى يېيىش قىزىقتۇرىدىغاندەك قىلاتتى، ئەمما خارى كۆزىنى كارتىلاردىن ئۈزەلمەي قالدى. ئاخىرىدا پەقەت دامبېلدور ۋە مورگانا ئەمەس، يەنە تېخى ۋۇدكروفتلۇق خەنجىست، ئالبەرىك گرۇننىئون، سېركى، پاراسەلۇس ۋە مەرلىننىمۇ بىلىۋالغانىدى. ئۇ ئاخىرى ، توختىماي بۇرنىنى قاشلاۋاتقان راھىبە كلىئودنانى بىر تەرەپكە تاشلاپ قويۇپ، بېرتى بوتتسنىڭ خىلمۇ-خىل تەملىك پۇرچاقلىرىدىن بىر قۇتا ئاچتى.
«بۇلارنى يەۋاتقاندا دىققەت قىلساڭ ياخشىراق» دەپ خارىنى ئاگاھلاندۇردى رون، «خىلمۇخىل تەم دېگىنى، ھەقىقەتەنمۇ خىلمۇخىل تەمنى كۆرسىتىدۇ. شاكىلات، يالپۇز ۋە ئاپلىسىن قىيامىدەك ئادەتتىكى تەملىكلىرىنى يەپ قېلىشىڭ مۇمكىن، ئەمما يەنە تېخى پالەك، جىگەر ۋە قېرىن دېگەندەك غەلىتە تەملىكلىرىدىنمۇ يەپ سېلىشىڭ مۇمكىن. جورج بىر قېتىم ماڭقا تەملىكتىن بىرنى يەپ سالغانلىقىغا قەسەم قىلغانتى»
رون يېشىل پۇرچاقتىن بىرنى ئالدى، ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قارىدى ۋە ئۇچىدىن چىشلەپ باقتى.
«ھۆ… مانا قارا، كاپۇستا!»
ئۇلار خىلمۇ خىل پۇرچاقلارنى تېتىپ بېقىپ كۆڭۈللۈك ۋاقىت ئۆتكۈزدى. خارى ئوتقا قاقلانغان بولكا، كوكۇس، پىشۇرۇلغان پۇرچاق، بۆلجۈرگەن، كارى تامىقى، چىمەن، قەھۋە، ساردىن بېلىقى ۋە ھەتتا يۈرەكلىك ھالدا رون تېتىپ بېقىشقا پېتىنالمىغان غەلىتە بىر خىل كۈلرەڭ پۇرچاقنىمۇ تېتىپ باقتى، نەتىجىدە ئۇ پۇرچاق، لازا تەملىك چىقتى.
دېرىزىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان سەھرا مەنزىرىسى بارغانسېرى ياۋايىلاشقىلى تۇردى. رەتلىك ئېتىزلار يوقاپ كەتكەنىدى. ھازىر ئۇلار ئورمانلارنىڭ، دەريالارنىڭ ۋە قېنىق يېشىل جىلغىلارنىڭ ئىچىدىن مېڭىۋاتاتتى.
ئۇلار ئولتۇرغان بۆلمىنىڭ ئىشىكىنى بىرسى چەكتى ۋە خارى توققۇز ئۈچ چارەك بېكىتىدە كۆرگەن بودەك يۈزلۈك بالا كىردى. يىغلامسىراپ تۇراتتى.
«كەچۈرۈڭلار» دېدى ئۇ، «ئەمما… بىرەرسىڭلار چار پاقامنى كۆردۈڭلارمۇ؟»
ئۇلار بېشىنى چايقىۋېدى، بالا ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى «ئۇنى يوقىتىپ قويدۇم! ئۇ توختىماي مەندىن قېچىۋاتىدۇ!»
«ئۇ قايتىپ كېلىشى مۇمكىن» دېدى خارى.
«شۇنداق» دېدى بالا بىچارىلەرچە «بوپتۇ، ئەگەر ئۇنى كۆرۈپ قالساڭلار…»
ئۇ چىقىپ كەتتى.
«نېمىشقا بۇنچىۋالا قايغۇرۇپ كەتكەنلىكىنى چۈشەنمىدىم» دېدى رون. «ئەگەر مەن بىر پاقا ئەكەلگەن بولسام، قولۇمدىن كېلىشىچە تېز يۈتتۈرۈپ قويۇشنى ئۈمىد قىلاتتىم. ئەمىلىيەتتە، مەنمۇ سكابېرسنى ئەكەلدىم. شۇڭا بىر نەرسە دېسەم قاملاشمايدۇ-دە»
سكابېرس تېخىچە روننىڭ تىزىدا مۈگدەپ ياتاتتى.
«ئۇ ئۆلۈپ قالغان تەقدىردىمۇ، بىلمەيلا قالغان بولاتتىڭ» دېدى رون سەسكىنىپ تۇرۇپ. «مەن تۈنۈگۈن ئۇنى سېرىققا ئايلاندۇرماقچى بولدۇم، بەلكىم بەكراق قىزىقارلىق بولار دەپ… ئەمما ئەپسۇن كارغا كەلمىدى. ساڭا كۆرسىتىپ قوياي، قاراپ تۇر…»
ساندۇقىنى ئاختۇرۇپ يۈرۈپ، بەكمۇ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن بىر تاياق ئالدى. ئۇ يەر بۇ يېرىگە دەز كەتكەن ۋە ئۇچىدىن ئاق بىر نەرسە ئازراق ساڭگىلاپ قالغانتى.
«تاق مۈڭگۈزلۈك ئات چېچى، چىقىپ كېتەيلا دەپتۇ. ئىشقىلىپ – »
ئۇ بۆلۈمچىنىڭ ئىشىكى يەنە بىر قېتىم ئېچىلغاندا تايىقىنى تېخى ئەمدىلا كۆتۈرگەنىدى، پاقىسى يۈتۈپ كەتكەن بالا قايتىپ كەلدى، ئەمما بۇ قېتىم يېنىدا بىر قىز بالىمۇ تۇراتتى. ئۇ يېڭى خوگۋارتس تونىنى ئاللىقاچان كىيىپ بولغان ئىدى.
«بىرەرسىڭلار بىر چارپاقا كۆردۈڭلارمۇ؟ نەۋىل ئۆزىنىڭكىنى يۈتتۈرۈپ قويۇپتۇ» دېدى ئۇ. ئۇ بىر خىل بۇيرۇق ئاھاڭىدا سۆزلەيتتى، پاخپىيىپ تۇرىدىغان قوڭۇر رەڭ چاچلىرى مۈرىسىدە يېيىلىپ تۇراتتى، يەنە تېخى ئالدى ئىككى چىشى توشقاننىڭكىدەك سەل يوغان ئىدى.
«بىز ئۇنىڭغا ئاللىقاچان دەپ بولغان، بىز كۆرمىدۇق» دېدى رون، ئەمما ئۇ قىز گېپىگە دىققەت قىلمايۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ قولىدىكى تاياققا قاراۋاتاتتى.
«پاھ، ئەپسۇن ئوقۇۋاتامسەن؟ قېنى كۆرۈپ باقايلى ئەمىسە»
كىرىپ ئولتۇردى. رون نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغاندەكلا قىلاتتى.
«ھىم… بوپتۇ»
ئۇ گېلىنى قىرىپ قويدى.
«كۈن نۇرى، مايسا گۈل، ئىللىق سېرىق ماي،
بۇ دۆت بودەك چاشقان سېرىققا ئايلانغاي!»
ئۇ تايىقىنى لىڭشىتتى. بىراق ھېچنەرسە بولمىدى. سكابېرس كۈلرەڭ پېتى تۇرىۋەردى ۋە ئۇيقۇسىنى بۇزۇپمۇ قويمىدى.
«سېنىڭچە بۇ بىر ھەقىقى ئەپسۇنمىدۇ؟» دېدى ئۇ قىز «شۇ، بۇ ئۇنچىۋالا كارغا كەلمەيدىكەن شۇنداقمۇ؟ مەن مەشىق قىلىپ بېقىش ئۈچۈن بىرنەچچە ئاددى ئەپسۇننى قوللىنىپ باقتىم، ۋە خېلىلا پايدىسى بولدى. ئائىلەمدە ھېچكىم سېھىرگەر ئەمەس، شۇڭا خەتنى تاپشۇرۇۋالغاندا ئىنتايىن ھەيران قالدىم، ئەمما، ئەلۋەتتە شۇنداق خۇشال بولدۇم، مەن دېمەكچى، ئاڭلىشىمچە بۇ ئەڭ ياخشى جادۇگەرلىك مەكتىپى ئىكەن – مەن يەنە ئەلۋەتتە مەكتەپتە ئىشلىتىدىغان پۈتۈن كىتاپلارنى باشتىن ئاخىر يادلاپ بولدۇم، يېتەرلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن – ھە راست، مېنىڭ ئىسمىم ھېرماينى گرېنجىر، سىلەرچۇ؟»
ئۇ شۇنداق تېز سۆزلىدى.
خارى رونغا قاراپ، ئۇنىڭ چۆچۈپ كەتكەن چىرايىدىن ئۇنىڭمۇ پۈتۈن كىتاپلارنى يادلاپ چىقمىغانلىقىنى بىلىپ يىنىكلەپ قالدى.
«مەن رون ۋېزلى» دەپ غودۇڭشىدى رون.
«خارى پوتېر» دېدى خارى.
«سەن راستلا شۇمۇ؟» دېدى ھېرماينى. «سەن توغرىلىق ھەممىنى بىلىمەن، ئەلۋەتتە، مەن دەرىسلىك كىتاپتىن سىرت ئوقۇيدىغان يەنە بىرنەچچە كىتاپ ئالدىم، ۋە سېنىڭ ئىسمىڭ زامانىۋى سېھىرگەرلىك تارىخى ۋە قاراڭغۇ سەنئەتلەرنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە مەغلۇبىيىتى ۋە يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ ئەڭ چوڭ سېھرىي ۋەقەلىكلىرى دېگەن كىتاپلاردا چىقىدىكەن.»
«شۇنداقمىكەنمەن؟»
«ۋاي تەڭرىم، بىلمەمتىڭ؟ مېنىڭچە بۇ مەن بولۇپ قالغان بولسام ئۆزۈم ھەققىدىكى ھەممە نەرسىنى بىلگۈم كەلگەن بولاتتى» دېدى ھېرماينى «بىرەرسىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ قايسى بىنادا بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر يوق؟ مەن خېلى سۈرۈشتە قىلدىم، مەن گرىففىندورغا تاللىنىشنى ئارزۇ قىلاتتىم، ئەڭ ياخشىسى شۇدەك قىلىدۇ، ئاڭلىشىمچە دامبېلدورمۇ شۇ يەرگە تاللانغانمىش، ئەمما يەنىلا رەيۋېنكىلوۋمۇ يامان ئەمەستەك قىلىدۇ… ئىشقىلىپ، بىز بېرىپ نەۋىلنىڭ چار پاقىسىنى ئىزدەپ باقايلى. سىلەر ئىككىڭلار كىيمىڭلارنى ئالماشتۇرساڭلار ياخشى بولارمىكىن، مېنىڭچە بىز كېلەيلا دەپ قالدۇق.»
ئارقىدىن ئۇ پاقىسى يۈتۈپ كەتكەن بالىنى ئەگەشتۈرۈپ چىقىپ كەتتى.
«قايسى بىناغا تاللانسام مەيلى، ئۇ يوق بىرسىگىلا كىرسەم بولاتتىغۇ» دېدى رون. ئۇ تايىقىنى قايتىدىن ساندۇقىنىڭ ئىچىگە چۆرۈۋەتتى. «كالۋا ئەپسۇن – بۇنى ماڭا جورج دەپ بەرگەن كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى چوقۇم بىلەتتى»
«ئاكىلىرىڭ قايسى بىنادا؟» دەپ سورىدى خارى.
«گرىففىندور» دېدى رون. ئۇنىڭ چىرايى يەنە تۇتۇلۇپ كەتكەن ئىدى. «ئاپام بىلەن داداممۇ شۇ يەردە ئىكەنتۇق. مەن شۇ يەرگە كىرەلمىسەم ئۇلار نېمە دەپ قالار، ھېچ بىلمىدىم. رەيۋېنكلوۋمۇ ئانچە يامان بولماس، ئەمما مېنى سلىيتېرىنگە تاللاپ قويغىنىنى بىر ئويلاپ باقە»
«بۇ ئاشۇ ۋول – مەن دىمەكچى كىملىكىنى-بىلىسەن-سەن تاللانغان بىنا شۇنداقمۇ؟»
«شۇنداق» دېدى رون. ئۇ ئولتۇرغان يېرىدە لاسسىدە بوشىشىپ كەتتى، چىرايى پەرىشان كۆرۈنەتتى.
«بىلەمسەن، سكابېرسنىڭ بۇرۇتىنىڭ ئۇچى باشقىلارغا قارىغاندا سۇسراق رەڭلىككەن» دىدى خارى روننىڭ دىققىىنى بىنالاردىن باشقا يەرلەرگە بۇرىماقچى بولۇپ. «ئۇنداقتا ئەڭ چوڭ ئاكىلىرىڭ، مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولغان بولسا، ھازىر نېمە ئىش قىلىدۇ؟»
خارى بىر سېھىرگەرنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن قانداق خىزمەت قىلىدىغانلىقىغا قىزىقىپ قالغانىدى.
«چارلى رىمدا ئەجدىھا تەتقىقاتچىسى، بىل بولسا ئافرىقىدا، گرىنگوتس ئۈچۈن بىر ئىشلارنى قىلىدۇ» دېدى رون. «گرىنگوتس ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىدىڭمۇ؟ كۈندىلىك رەمچىدە يېزىلىپتىكەن، ئەمما سەن ماگېللار بىلەن ياشىغانلىقىڭ ئۈچۈن ئۇ گېزىتنى ئالمايسەنغۇ دەيمەن، بىركىملەر ئالى دەرىجىلىك بىر بىخەتەرلىك ساندۇقىنى بۇلىماقچى بولۇشۇپتۇ»
خارى قاراپلا قالدى.
«راستما؟ كېيىن ئۇلارغا نېمە بوپتۇ؟»
«ھېچنەرسە، زادى شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مۇھىم بىر خەۋەر-دە! ئۇلارنى تۇتۇۋالالماپتۇ. دادام، ئۇلار گرىنگوتسقا كىرەلىگىنىگە قارىغاندا چوقۇم ئىنتايىن كۈچلۈك بىر قارا نىيەت سېھىرگەر دەيدۇ، ئەمما ئۇلار ھېچنەرسىگە چېقىلماپتۇ، ئەڭ غەلىتە بولغىنى دەل مۇشۇ. ئەلۋەتتە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار يۈز بەرگەندە، ھەممە ئادەم، ئىشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى كىملىكىنى-بىلىسەن-سەن گە مۇناسىۋەتلىكمىدۇ دەپ ۋەھىمىگە چۈشىدۇ.»
خارى بۇ يېڭى خەۋەرنى كاللىسىدا ئۆرۈپ-چۆرۈپ باقتى. قاچان كىملىكىنى-بىلىسەن-سەن نىڭ گېپى چىقسا بىرئاز قورقۇپ قالاتتى. ھەرقاچان سېھىر دۇنياسىغا قەدەم تاشلىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق بولغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلايتتى ئۇ. «ۋولدېمورت» دېيىشنىڭ ئورنىغا «كىملىكىنى-بىلىسەن-سەن» دېيىش ئادەمنىڭ يۈرىكىگە سۇ سېپەتتى.
«سەن قايسى كۇئىددچ كوماندىسىنى قوللايسەن؟» دەپ سورىدى رون.
«ھىم… مەن ھېچقايسىسىنى بىلمەيمەن» دېدى خارى.
«نېمە!» دېدى رون ھاڭ-تاڭ بولغان ھالدا، «ۋاي توۋا! قاراپ تۇر، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئويۇن…» ئارقىدىن ئۇ تۆت توپ ۋە يەتتە كوماندا ئەزالىرىنى، ئاكىلىرى بىلەن بارغان داڭلىق مۇسابىقىلەرنى، يەنە تېخى پۇلى بولسا ئېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان سۈپۈرگىنى سۆزلەپ چۈشۈپ كەتتى. ئۇ خارىغا ئويۇننىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى سۆزلەشنى ئەمدى باشلىۋېدى، بۆلۈمچىنىڭ ئىشىكى يەنە بىر قېتىم سېيرىلىپ ئېچىلدى. ئەمما بۇ قېتىم كەلگىنى پاقىسى يۈتكەن بالا نەۋىل، ياكى ھېرماينى گرېنجىر ئەمەس ئىدى.
ئىشىكتىن ئۈچ بالا كىردى ۋە خارى ئوتتۇرىدا تۇرغان بالىنى دەرھال تونۇدى: بۇ بالا مالكىن خانىمنىڭ دۇكىنىدىكى تاتىراڭغۇ چىراي بالا ئىدى. ئۇ ھازىر خارىغا دايىگىن كوچىسىدىكى ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا بەكرەك قىزىقىپ قالغاندەك قىلاتتى.
«بۇ توغرىمۇ؟» دېدى ئۇ «پويىزدىكى ھەممە ئادەم خارى پوتېر مۇشۇ بۆلۈمچىدە دېيىشىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا ئۇ سەن ئىكەنسەندە؟»
«ھەئە» دېدى خارى. ئۇ باشقا بالىلارغا قاراۋاتاتتى. ئىككىلىسى بوي بەستى چوڭ بالىلار ئىدى، تۇرقىدىنلا زومىگەرلىكى چىقىپ تۇراتتى. تاتىراڭغۇ چىراي بالىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرىدەك ئۇنىڭ ئىككى يېنىدا تۇراتتى.
«ھە، بۇ كرەب، بۇ بولسا گويل» دېدى تاتىراڭغۇ چىراي بالا خارىنىڭ كىملەرگە قارىغانلىقىنى كۆرۈپ، مەنسىتمىگەن تەلەپپۇزدا «مېنىڭ ئىسمىم بولسا مالفوي، دراكو مالفوي»
رون بوش يۆتىلىپ قويدى، بۇ يۆتەلنىڭ ئارقىسىغا كۈلكە يوشۇرۇنغاندەك قىلاتتى. دراكو ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدى.
«نېمە، ئىسمىم ساڭا قىززىقارلىق تۇيۇلۇۋاتامدۇ؟ سېنىڭ كىملىكىڭنى سورىشىمغىمۇ ھاجەت يوق. دادام ماڭا پۈتۈن ۋېزلىلەرنىڭ قىزىل چاچ ئىكەنلىكىنى، يۈزىدە سەپكۈن بارلىقىنى ۋە بېقىشقا قۇربى يەتمىگۈچىلىك كۆپ بالىسى بارلىقىنى ئېيتقان.»
ئۇ قايتا خارىغا بۇرۇلۇپ قارىدى.
«يېقىندا بەزى سېھىرگەر ئائىلىلىرىنىڭ باشقىلاردىن سۈپەتلىكرەك ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىسەن پوتېر. خاتا تۈردىكىلەر بىلەن ئاپاق-چاپاق بولۇپ كېتىشنى چوقۇم خالىمايسەنغۇ دەيمەن. مەن ساڭا بۇ جەھەتتە ياردەم قىلسام بولىدۇ.»
ئۇ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش ئۈچۈن قولىنى خارىغا سۇندى، ئەمما خارى پىسەنت قىلمىدى.
«مېنىڭچە توغرا-خاتانى ئۆزۈممۇ ئايرىيالايمەن، رەھمەت» دېدى سالقىن تەلەپپۇزدا.
دراكو مالفوي قىپقىزىل بولۇپ كەتمىدى، ئەمما تاتىراڭغۇ مەڭزى سۇس ھالرەڭگە ئۆزگەرگەندەك قىلدى.
«سېنىڭ ئورنۇڭدا بولسام، ماڭغان-تۇرغان يېرىمگە دىققەت قىلغان بولاتتىم، پوتېر» دېدى ئاستا سۆزلەپ. «ئەدەپسىزلىك قىلىدىغان بولساڭ، ئاقىۋىتىڭ ئاپاڭ داداڭنىڭكىسىگە ئوخشاش بولىدۇ. ئۇلارمۇ ئۆزلىرى ئۈچۈن نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتالىقىنى پەرق ئېتەلمىگەن. ۋېزلىيلەردەك لۈكچەكلەر ياكى خاگرېد دېگەندەكلەر بىلەن دوستلۇق قىلىشنى تاللىساڭ، ئاخىرىدا ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيسەن.»
خارى ۋە رون ئورنىدىن تۇردى. روننىڭ چىرايىمۇ خۇددى چېچىدەك قىپقىزىل بولۇپ كەتكەن ئىدى.
«نوچى بولساڭ يەنە بىر قېتىم دەپ باقە!» دېدى.
«نېمە، بىز بىلەن مۇشتلاشماقچىمۇ؟» دېدى مالفوي سوغۇق كۈلۈپ، مەنسىتمىگەن ئاھاڭدا.
«ئەگەر دەرھال يوقىلىشمايدىغان بولساڭ…» دېدى خارى ئۆزى ھېس قىلىۋاتقاندىن بەكرەك مەردانە بىر ئاھاڭدا… چۈنكى ھەم كرەب ھەم گويلنىڭ بوي-بەستى ئۆزىنىڭ ياكى روننىڭكىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ چىقاتتى.
«ئەمما بىزنىڭ زادى كەتكۈمىز يوق، شۇنداققۇ بالىلار؟ يەيدىغىنىمىزنى يەپ تۈگەتتۇق، بۇ يەردە بولسا تېخى بىر مۇنچە يىمەكلىك باركەن.»
گويل روننىڭ يېنىدىكى شاكىلات پاقىلارغا قولىنى سۇندى، رون ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلدى، لېكىن تېخى ئۇنىڭغا قولىمۇ تەگمەستە گويل قاتتىق چىرقىرىۋەتتى.
سكابېرس ئۇنىڭ بارمىقىنىڭ ئۇچىدا ساڭگىلاپ تۇراتتى، چاشقان، ئۇچلۇق چىشلىرى بىلەن گويلنىڭ قولىنى شۇنداق قاتتىق چىشلىگەن ئىدىكى، سۆڭىكىگىچە تاقىشىپ قالغان ئىدى. گويل ھۇۋلىغىنىچە سكاببېرسنى ئۇ ياقتىن بۇ ياققا سىلكىپ قولىدىن ئاجراتماقچى بولۇۋاتقاندا، كرەب ۋە مالفويمۇ كەينىگە داجىپ قاراپلا قالدى، ئاخىرى سكابېرس بارماقتىن ئاجراپ، ئۇچۇپ بېرىپ دېرىزىگە ئۈسۈۋالغاندا، ئۇ ئۈچ بالا ئارقىسىغا قاراپمۇ قويماي تىكىۋەتتى. بەلكىم كەمپۈتلەرنىڭ ئارىسىدا ئايلىنىپ يۈرگەن تېخىمۇ كۆپ چاشقانلارنىڭ بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئۇلارنى قورقۇتىۋەتكەندۇ، ياكى بولمىسا ئاياغ تىۋىشلىرىنى ئاڭلىغاندۇ، چۈنكى بىر سېكۇنتتىن كېيىنلا ھېرماينى گرېنجىر يەنە كەلدى.
«بۇ يەردە زادى نېمە ئىش يۈز بەردى؟» دېدى ئۇ، ھەممە يەرگە چېچىلىپ كەتكەن كەمپۈتلەرگە ۋە سكابېرسنى قۇيرۇقىدىن تۇتۇپ كۆتۈرۈۋاتقان رونغا قاراپ.
«ھوشىدىن كەتكەن ئوخشىمامدۇ؟» دېدى رون خارىغا. ئارقىدىن سەل سىنچىلاپ قاراپ بېقىپ «ياق- توۋا خۇدايىم، ماۋۇنى قارا – ئۇخلاپ قاپتۇ!»
ئۇ چاشقان، راستلا قايتا ئۇخلاپ قالغان ئىدى.
«مالفوينى بۇرۇن تونۇمتىڭ؟»
خارى، ئۇنىڭ بىلەن دايىگېن يولىدا ئۇچرىشىپ قالغانلىقىنى دەپ بەردى.
رون چوڭ بىر مەخپىيەتلىكنى سۆزلەپ بېرىۋاتقاندەك، «ئائىلىسىنىڭ نامىنى ئاڭلاپ باققانىدىم» دېدى. «كىملىكىنى-بىلىسەن-سەن غايىپ بولغاندىن كېيىن بىزنىڭ قاتارىمىزغا قوشۇلغان تۇنجى ئائىلىلەردىن بىرى ئىكەنتۇق. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئۇلارنى ئەپسۇن ئارقىلىق زورلاپتىكەنتۇق. دادام بۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ. ئۇنىڭ دىيىشىچە، مالفوينىڭ دادىسىنىڭ زۇلمەتلىك ياقىنى تاللىشى ئۈچۈن ئۇنى مەجبۇرلاشنىڭ ھاجىتى يوقكەن.» ئۇ ھېرماينىغا بۇرۇلدى «ساڭا بىرەر نەرسە لازىممىتى؟»
«سىلەر دەرھال فورمىلىرىڭلارنى كىيىڭلار، ھېلىلا پويىز شوپۇرى بىلەن كۆرۈشتۈم، ئازلا يولىمىز قاپتۇ. سىلەر مۇشتلاشقان ئوخشىمامسىلەر؟ تېخى مەكتەپكىمۇ كىرمەستىن قالايمىقانچىلىق چىقىرىپسىلەر-دە!»
«بىز ئۇرۇشمىدۇق، سكابېرس ئۇرۇشتى.» دېدى رون، قاپاقلىرىنى تۈرۈپ. «بىز كىيمىمىزنى ئالماشتۇرىدىغان چاغدا چىقىپ كەتسەڭغۇ بولار؟»
«بوپتۇ، بۇ يەرگە پەقەتلا سىرتتىكىلەرنىڭ كىچىك بالىدەك قىلىقلىرىدىن بىزار بولۇپ كىرىۋالغانتىم، كارىدوردا ئۇ ياقتىن بۇ ياققا يۈگۈرۈشۈشتە بەسلىشىپ ئىچىمنى پۇشۇرۇۋەتتى» دېدى ھېرماينى كەمسىتىش تەلەپپۇزىدا. « يەنە تېخى، سېنىڭ بۇرنۇڭدا داغ باركەن، بىلەمتىڭ؟»
رون ئۇنىڭ كەينىدىن غەزەپ بىلەن قاراپ قالدى. خارى دېرىزىدىن سىرتقا قارىدى. قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىغان ئىدى. ئۇ سۆسۈن ئاسماننىڭ ئاستىدا كەڭرى كەتكەن ئورمانلىق ۋە تاغلارنى كۆردى. پويىز ئاستىلايدىغاندەك قىلمايتتى.
خارى ۋە رون چاپانلىرىنى سېلىپ ئۇزۇن قارا تونلىرىنى كىيدى. روننىڭكىسى سەل قىسقا ئىدى، ئاستىدىن ئىشتىنىنىڭ پۇچقىقى كۆرۈنۈپ قالاتتى.
پويىزدا بىر ئاۋاز ياڭرىدى «بەش مىنۇتقىچە خوگۋارتسقا يېتىپ بارىمىز. يۈك-تاقلىرىڭلارنى پويىزدا قويۇپ قويۇڭلار. ئۇلارنى بىناغا ئايرىم ئېلىپ كىرىمىز.»
خارى ھاياجانلانغانلىقىدىن قىن-قىنىغا پاتماي قالدى، روننىڭ بولسا يۈزى سەپكۈنلىرىنىڭ ئاستىدا تاتىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار ئېشىپ قالغان كەمپۈتلەرنى يانچۇقىغا تولدۇرۇپ كارىدوردىكى ئادەملەر توپىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ كەتتى.
پويىز بارا-بارا سۈرئىتىنى ئاستىلاتتى ۋە ئاخىرى توختىدى. ھەممىسى قىستىلىشىپ، بىربىرىنى ئىتتىرىشىپ ئىشىككە قاراپ مېڭىپ، قاراڭغۇ ھەم كىچىك بىر بېكەتتە چۈشتى. خارى كېچىنىڭ سالقىن ھاۋاسىدا ئەندىكىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ بېشىنىڭ ئۈستىدە تۇيۇقسىز بىر چىراغ پەيدا بولدى ۋە خارىغا تونۇش بولغان بىر ئاۋاز ئاڭلاندى «بىرىنچى سىنىپلار! بىرىنچى سىنىپلار بۇ يەرگە كېلىڭلار! ياخشى تۇرغانسەن خارى؟»
خاگرىدنىڭ چوڭ، تۈكلۈك يۈزى ئادەم دېڭىزىنىڭ ئۈستىدە پەيدا بولدى.
«بۇياققا، كەينىمدىن مېڭىڭلار… باشقا بىرىنچى سىنىپ قالدىمۇ؟ دەسسىگەن يېرىڭلارغا قاراپ مېڭىڭلار جۇمۇ! بىرىنچى سىنىپلار، كەينىمدىن مېڭىڭلار!»
ھېلى تېيىلىپ، ھېلى سەنتۈرۈلۈپ يۈرۈپ ئۇلار خاگرىدنىڭ كەينىدىن، تىك ھەم تار بىر چىغىر يولدىن تۆۋەنگە قاراپ مېڭىشتى. ئۇلارنىڭ ئىككىلى تەرىپى شۇنداق قاراڭغۇ ئىدىكى، خارى ئۇ يەرلەردە چوقۇم چوڭ ھەم قويۇق ئۆسكەن دەرەخلەر بار دەپ ئويلىدى. ھېچكىم ئارتۇقچە گەپ قىلمىدى. تولا پاقىسىنى يۈتتۈرۈپ قويىدىغان بالا، نەۋىل، ئىككى قېتىم بۇرنىنى تارتىپ قويدى.
«بىر سىكونت ئىچىدە خوگۋارتسنى تۇنجى قېتىم كۆرىسىلەر» دەپ ئۇقتۇردى خاگرىد بېشىنى ئازراق كەينىگە بۇراپ «مۇشۇ يەردىن قايرىلساقلا»
«پاھ!» دېۋەتتى پۈتۈن بالىلار.
تار چىغىر يول، چوڭ ھەم قاراڭغۇ بىر كۆلنىڭ بويىغا كەلگەندە تۇيۇقسىزلا ئاخىرلاشقان ئىدى. كۆلنىڭ يەنە بىر قىرغىقىدىكى ئېگىز تاغنىڭ ئۈستىدە، يۇلتۇزلۇق ئاسماننىڭ ئاستىدا، چىراقلىرى ئىللىق پارقىراپ تۇرغان دېرىزىلىرى ۋە بىر توپ مۇنارى بىلەن غايەت زور بىر قەلئە تۇراتتى.
«بىر قېيىققا تۆتتىن جىق ئادەم چىقىۋالمىسۇن» دېدى خاگرىد، قىرغاقنىڭ يېنىدا تۇرغان كىچىك قېيىقلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ. خارى بىلەن رون، ھېرماينى ۋە نەۋىل بىر قېيىقتا ئولتۇردى.
«ھەممىڭلار چىقىپ بولدۇڭلارمۇ؟» دەپ ۋارقىرىدى ئۆزى يالغۇزلا بىر قېيىققا چىققان خاگرىد، «ياخشى ئەمىسە، ئالغا!»
ۋە بۇ كىچىك قېيىق توپى بىرلا ۋاقىتتا ھەرىكەتنى باشلىدى، كۆلنىڭ ئۈستىدە، ئەينەكنىڭ ئۈستىدە ماڭغاندەك سىلىق سېيرىلىپ ماڭدى. ھەممىسى ئۈنىنى چىقارماي، جىمجىت ئولتۇرۇپ ئالدىدىكى چوڭ قەلئەنى تاماشا قىلىۋاتاتتى. ئۇلار، قەلئە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تاغقا يېقىنلاشقانسېرى قەلئە ئۇلارنىڭ كۆزىگە تېخىمۇ چوڭ كۆرۈنگىلى تۇرغانىدى.
«بېشىڭلارنى ئېگىڭلار» دەپ ۋارقىرىدى خاگرىد ئەڭ ئالدىدا ماڭغان قېيىقلار تاغقا يېقىنلاشقاندا؛ ئۇلار ھەممىسى بېشىنى ئەگدى ۋە قېيىقلار قىيالىقنىڭ ئارىسىدىكى كىرىش ئېغىزىنى توسۇپ تۇرىدىغان ھەشقىپىچەكلەرنىڭ ئارىسىدىن ئۆتتى. ئۇلار قارىماققا ئۆزلىرىنى قەلئەنىڭ ئاستىغا باشلاپ ئەكىرىدىغاندەك قىلىدىغان قاراڭغۇ ۋە ئۇزۇن بىر تونېلدا، تاكى بىر خىل يەر ئاستى پورتىغا كىرىپ ئۇششاق تاشلار بىلەن تولغان قىرغاققا چىقىدىغان ۋاقىتقىچە ماڭدى.
«ھوي بالا! سېنى دەيمەن! بۇ چار پاقا سېنىڭمۇ؟» دېدى خاگرىد، ھەممىسى تېشىغا چىقىپ بولدىمۇ يوق، قاراپ بېقىش ئۈچۈن قېيىقلارنى ئارىلاۋاتقاچ…
«ترەۋور!» دەپ خۇشاللىق بىلەن ۋارقىرىدى نەۋىل قولىنى سۇنۇپ. كېيىن ئۇلار خاگرىدنىڭ چىرىغىنىڭ يورۇقىدا بىر تاش كارىدورغا يامىشىپ چىقتى ۋە ئاخىرىدا قەلئەنىڭ سايىسى چۈشۈپ تۇرىدىغان، كەڭرى، تۈز ھەم بىرئاز نەمخۇش بىر چىملىققا كەلدى.
ئۇلار تاش پەلەمپەيلەردىن چىقىپ، چوڭ، دۇپ دەرىخىدىن ياسالغان بىر ئىشىكنىڭ ئالدىدا قىستىلىشىپ تۇردى.
«ھەممىڭلار تولۇقمۇ؟ ھوي، بالا، چار پاقاڭ تېخىچە سەندىمۇ؟»
خاگرىد چوڭ مۇشتۇمىنى كۆتۈردى ۋە قەلئە ئىشىكىنى ئۈچ قېتىم چەكتى.