تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا يۇرتمۇ-يۇرت ئايلىنىپ يۈرىدىغان بىر شائىر بار ئىكەن. بارغانلا يەرلىرىدە شېئىرلىرىنى ئوقۇپ بېرىدىكەن. ھەركىم شائىرغا ئىنتايىن ھەۋەس قىلىدىكەن.
بىر كۈنى ئۇنىڭ ئۆتەر يولى ئوغرىلارنىڭ كەپىسىگە توغرا كېلىپ قاپتۇ. بىچارە شائىر، ئوغرىلارنىڭ بۇ يەردە ئولتۇرىدىغانلىقىنى نەدىن بىلسۇن!
ئۆينىڭ ئىشىكىنى چېكىپ:
– سىلەرگە شېئىر ئوقۇپ بېرەيمۇ؟ – دەپ سوراپتۇ.
ئوغرىلار شائىرنى دەرھال كىرگۈزۈپتۇ. شېئىرلىرىنى تىڭشاپ بولۇپ، بىچارىنىڭ بار يوق ھەممە نەرسىسىنى بۇلىۋاپتۇ ۋە ئۇنى تالاغا چىقىرىۋېتىپتۇ.
بىچارە ئادەم بۇلارنى تىللىغان پېتى قاپتۇ. ھاۋا ناھايىتى سوغۇق ئىكەن. ئوغرىلار چاپىنىنىمۇ ئېلىۋالغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى توڭلاپ كېتىپتۇ.
شۇ ئارىلىقتا بىر نەچچە ئىت شائىرنىڭ ئەتراپىنى قورشاپتۇ. شائىر ئىتلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇلارغا تاش ئېتىپ باقماقچى بولۇپ يەرگە ئېڭىشىپتۇ، لېكىن تاش مۇزلاپ قالغانلىقى ئۈچۈن يەردىن ئاجرىماپتۇ.
شائىر ئاخىرى چىدىيالماي:
– بۇلار قانداق ئادەملەر، ئىتلارنى قويىۋىتىپ، تاشلارنى باغلاپ قويۇپتۇ.
ئوغرىلارنىڭ بېشى، بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ قاپتۇ ۋە ناھايىتى ياقتۇرۇپتۇ. شائىرنى قايتا چاقىرىپ:
– سەن ناھايىتى ياخشى ئېيتتىڭ، مەندىن خالىغىنىڭنى سورا،– دەپتۇ.
شائىر بولسا:
– پەقەتلا مەندىن ئېلىۋالغىنىڭلارنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار. – دەپتۇ. ئوغرىلار شائىرغا نەرسىلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىپتۇ. شائىر خۇشال ھالدا ئۇ يەردىن ئايرىلىپتۇ.