چارلى ۋە شاكىلات زاۋۇتى (6)

ئاپتورى: روئالد داھل

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەبىبە ئۇيغۇر

6-باب: تۇنجى ئىككى تەلەيلىك بالا


ئەتىسى كۈنى تۇنجى ئالتۇن بىلەت تېپىلدى. بىلەتنى تاپقان كىشى ئاگاستۇس گلۇپ ئىسىملىك بىر بالا ئىدى. بۇكېت ئەپەندىمنىڭ قولىدىكى كېچىلىك گېزىت، بۇ تۇنجى تەلەيلىك بالىنىڭ رەسىمىنى چوڭ قىلىپ بىرىنچى بەتتە چىقارغانتى. رەسىمدىكى توققۇز ياشلىق ئوغۇل بالا يارمىغان كۆتەكتەك سېمىز بالا ئىدى، ھېلىقى، گۆش توخوسى تۈرىدىكى بالىلار بولىدۇغۇ، دەل شۇنداق! ئۇنىڭ ماي باغلاپ كەتكەن قورساقلىرى لىغىرلاپلا تۇراتتى. يۇپيۇمىلاق، بودەك يۈزىگە ئىككى تال قۇش ئۈزۈمى پاتۇرۇپ قويۇلغاندەك كۆرۈنىدىغان، تويماس كۆزلىرى بار ئىدى. گېزىتتا يېزىلغىنىغا قارىغاندا، ئاگاستۇس گلۇپ ياشايدىغان كەنتنىڭ خەلقى، ئالتۇن بىلەت ئۆزلىرىنىڭ كەنتىدىن بىر بالىغا چىققانلىقى ئۈچۈن خوشاللىقتىن ساراڭ بولۇپتۇ. پۈتۈن دېرىزىلەردە بايراقلار دولقۇنلىنىپ تۇرىدىكەن، مەكتەپلەر تەتىلگە قويۇپ بېرىلىپتۇ، ھەم بۇ قەھرىمان بالا ئۈچۈن تەبرىكەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولۇشىۋېتىپتۇ.

ئاگۇستۇس گلۇپ
ئاگۇستۇس گلۇپ

ئاپىسى، گېزىت مۇخبىرىغا «ئاگاستۇسنىڭ ئالتۇن بىلەتنى تاپىدىغانلىقىغا شەك شۈبھىسىز ئىشىنەتتىم،» دىگەنتى. «ھەر كۈنى شۇنچىلىك جىق شاكىلات يەيدۇكى ئالتۇن بىلەتنى تاپالمىسا ھەيران قالغان بولاتتىم. قانداق دىسەم بىلمىدىم، تاماق يىيىش ئاگاستۇسنىڭ بىردىنبىر قىزىقىشى. لېكىن مېنىڭچە بولغاندا، يەنىلا بىكار ۋاقىتلىرىدا كەپسىزلىك قىلىشىدىن، مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن سوقۇشىشىدىن ياخشىراق. زادى مەن ھەر ۋاقىتتا دەيمەن ئوزۇقلىنىشقا ئىھتىياجى بولغاچقا بۇنچىۋالا جىق يەيدۇ، بولمىسا نىمىشقىمۇ كۈن بويى ئاچارچىلىقتىن چىققاندەك يىسۇن؟ بالا ۋىتامىن تولۇقلاۋاتىدۇ، ئەپەندىم! ۋونكا ئەپەندىنىڭ تەڭداشسىز زاۋۇتىنى ئايلىنىۋاتقاندا قانچىلىك خۇشال بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايۋاتىمىز! ئاگاستۇسىمىزدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمىز!»

جوسەفىن موما «ۋىييەەي، نىمە دىگەن ئادەمنى جىلە قىلىدىغان ئايال،» دىدى.

جورجىنا موما « ۋە نىمە دىگەن ئادەمنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغان بالا،» دەپ قوشۇپ قويدى.

جورج بوۋا « تۆت ئالتۇن بىلەت قالدى.» دىدى.«قاراپ باقايلى قېنى، ئۇلار كىمگە چىقار؟»

پەقەت پۈتۈن دۆلەت ئەمەس، خۇددى تۇيۇقسىز پۈتۈن دۇيا تەلۋىلەرچە شاكىلات ئېلىشقا باشلىغان ئىدى. ھەممە ئادەم ساراڭدەك ئۇ قىممەتلىك تۆت ئالتۇن بىلەتنىڭ كويىغا چۈشكەن ئىدى. چوپچوڭ ئاياللار كەمپۈت دۇكانلىرىغا كىرىپ ۋونكا شاكىلاتلىرىنى ئوندىن ئوندىن ئېلىپ، قەغەزلىرىنى شۇ يەردىلا ئېچىپ ئالتۇن يالىتىلغان بىلەت بارمۇ دەپ قاراپ بېقىۋاتاتتى. بالىلار ئۆيلىرىدىكى بولقىلارنى ئالغان پېتى پۇل ساندۇقلىرىنى چېقىپ، پۇللارنى يانچۇقلىرىغا توشقۇزۇپ ئەڭ يېقىندىكى شاكىلات دۇكانلىرىغا بېرىش ئۈچۈن يولغا چىقىۋاتاتتى.

كەنتلەرنىڭ بىرسىدە داڭلىق بىر قاراقچى بىر بانكىنى بۇلاپ، ئوغىرلىغان پۇللىرىنىڭ ھەممىسى بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزمەستىن ۋونكا شاكىلاتلىرى سېتىۋالغان ئىدى. ساقچىلار قولغا ئېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە بېسىپ كىرگەن ۋاقىتتا ھەيرانلىقىدىن كىچىك تىللىرىنى يۇتۇۋەتكىلى تاس قالغانتى: داڭلىق قاراقچى تاغدەك بىر شاكىلات دۆۋىسىنىڭ بېشىدا ئولتۇرۇپ، پىچىقى بىلەن شاكىلاتلارنىڭ خالتىسىنى ئېچىۋاتاتتى.

روسيەدە شارلوت رۇز ئىسىملىك بىر ئايال ئىككىنچى بىلەتنى تاپقانلىقىنى ئىيتقان، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇنىڭ ئۇستىلىق بىلەن ياسالغان، يالغان بىلەت ئىكەنلىكى چېنىپ قالغانتى.

داڭلىق ئىنگىلىز ئالىم پروفىسسور فوۇلبودى، شاكىلاتنىڭ قەغىزىنى ئاچماي تۇرۇپ ئىچىدە ئالتۇن بىلەت بار يوقلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئالاھىدە بىر ماشىنا ياساپ چىققان ئىدى. ماشىنىنىڭ ئۆزلىگىدىن ئىشلەيدىغان بىر قولى بار ئىدى؛ئاجايىپ بىر خىل بىر كۈچ بىلەن ئېتىلىپ بېرىپ ئىچىدە ئازراقلا ئالتۇن بار ھەممە نەرسىگە چىڭ چاپلىشىۋالاتتى. ئەڭ بېشىدا ھەممە ئادەم پروفىسسور فوۇلبودى ئالتۇن بىلەتلەرگە ئېرىشىشنىڭ ئامالىنى تاپتى دەپ ئويلىسىمۇ ئىشلار كۈتۈلگەندەك بولمىدى. پروفىسسور بىر كۈنى چوڭ بىر سودا سارىيىنىڭ شاكىلات سېتىلىدىغان بۆلۈمىدە ماشىنىسىنى خەلىققە كۆرسىتىۋاتقاندا مىخانىك قول ئۇددۇل بېرىپ ئۇ يەردىكى خانىملارنىڭ بىرىنىڭ ئالتۇن قاپلىغان چىشىنى سۇغۇرىۋالدى! ئەلۋەتتە ھەممە نەرسە ۋەيران بولدى. پروفىسسورنىڭ بېشىغا توپلىشىۋالغان ئادەملەر ماشىنىنى شۇ يەردىلا پارچە پارچە قىلىۋەتتى.

ئاندىن تۇيۇقسىز، چارلى بۇكېتنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدىن بىر كۈن بۇرۇن گېزىتلار ئىككىنچى ئالتۇن بىلەتنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئىلان قىلدى. ئىككىنجى تەلەيلىك بالا ئىنتايىن ئۇزاق بىر كەنتتە باي ئائىلىسى بىلەن ياشايدىغان ۋېرۇكا سالت ئىسىملىك كىچىك بىر قىز ئىدى. بۇكېت ئەپەندىنىڭ ئاقشاملىق گېزىتىدا بۇ يېڭى تەلەيلىك بالىنىڭمۇ چوڭ بىر رەسسىمى چىقتى. قىزچاق ، ئۆيلىرىنىڭ مىھمانخانىسىدا خوشاللىق بىلەن كۈلۈمسىرەۋاتقان ئاتا ئانىسىنىڭ ئوتتۇرسىغا ئولتۇرۇپ ئوتتۇز ئىككى چىشىنى بىراق كۆرسىتىپ ھىجىيىپ ئولتۇراتتى.

ۋېرۇكا سالت
ۋېرۇكا سالت

ۋېرۇكانىڭ دادىسى سالت ئەپەندى بىلەتنى قانداق تاپقانلىقىنى گېزىتچىلەرگە جوشقۇنلۇق بىلەن سۆزلەپ بەرگەن ئىدى: «ئىشىنەمسىلەر بالىلار، ئوماق قىزىم بۇ ئالتۇن بىلەتلەردىن بىرىگە چوقۇم ئېرىشىشىنىڭ قانچىلىك زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ھامان بېرىپ پۈتۈن كەمپۈتچىلەرنى ئايلاندىم، ئالدىمغا ئۇچرىغان پۈتۈن ۋونكا شاكىلاتىرىنى سېتىۋالدىم. مىڭلىغان شاكىلات! ياق ياق، يۈزلگەن شاكىلات دىيىش بەكراق توغرا! ئاندىن ھەممىسىنى يۈك ماشىنىسىغا قاچىلىتىپ، ئۇددۇل زاۋۇتۇمغا ئەۋەتكۈزدۈم. بۇرادەرلەر، مېنىڭ پىستە زاۋۇتۇم بار. زاۋۇتۇمدە يۈزدەك ئايال ئىشلەيدۇ، كۈن بويى قورۇلۇپ تۇزلىنىدىغان پىستىلەرنىڭ پوستىنى چىقىرىدۇ. شۇنداق، ئەتتىگەندىن كەچكىچە ئورۇنلىرىدىن تۇرماي پىستىلەرنىڭ پوستىنى ئايرىيدۇ. يۈگۈرۈپ باردىم ۋە مۇنداق دىدىم: قاراڭلار قىزلار! بۇنىڭدىن كىيىن پىستىلەرنى ئادالىمايسىلەر، بۇ شاكىلاتلارنىڭ قېپىنى ئاچىسىلەر! ئۇلار دەرھال ئىش باشلىدى. زاۋۇتۇمدا ئىشلەيدىغان پۈتۈن ئىشچىلارغا كىچە كۈندۈز ھىچ توختىماي شاكىلات قەغەزلىرىنى ئاچقۇزدۇم.

ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتتى لېكىن ئالتۇن بىلەت چىقمايۋاتاتتى. ئاھ قانچىلىك دەرت تارتقىنىمنى سورىمايلا قويۇڭلار! سۆيۈملۈك ۋېرۇكام غەمگە پاتقان ئىدى، بىرەر ئېغىزمۇ گەپ قىلالماي قالغان، كۈنلەر ئۆتكەنسىرى شامدەك ئىرىپ كىتىۋاتقان ئىدى. كەچتە ئۆيگە قايتقاندا «ئالتۇن بىلىتىم قەيەردە! ئالتۇن بىلىتىمنى خالايمەن!» دەپ چېرقىراپ نەچچە سائەت سەكرەپ ۋارقىرايتتى. كىچىك قىزىمنىڭ قايغۇسى مېنى شۇنداق بىئارام قىلدىكى قىزىم خالايدىغان ئالتۇن بىلەتنى  تاپقۇچە ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۆزۈمگە ۋەدە بەردىم. ئاندىن تۇيۇقسىزلا، تۆتىنجى كۈنى ئاخشىمى مىنىڭ ئايال ئىشچىلىرىمدىن بىرى، «تاپتىم! ئالتۇن بىلەتنى تاپتىم!» دەپ چىرقىراپ كەتتى. مەنمۇ «ئىتتىك، ماڭا بەر!» دىدىم، بىلەتنى ئالغام پېتى ئۆيگە كەلدىم. ۋېرۇكاچىقىم بىلەتنى كۆرگەندە خوشاللىقتىن ئۇسۇل ئوينىۋېتەي دىدى. ھازىر بولسا خۇشاللىقىدىن ئۇچۇۋاتىدۇ دىگىلى بولىدۇ. ئائىلىمىزنىڭ كەيپى جايىدا، ئۆي بەزمە يېرىگە ئايلاندى.»

جوسەفىن موما« بۇ ۋېرۇكا دىگەن قىز، بودەك بالىدىنمۇ بەكراق چاتاقكەن» دىدى.

جورجىنا موما « تازا تاياققېپى قىزكەن» دەپ جوسەفىن مومىغا قوشۇلدى.

چارلى«لېكىن بوۋا،» دىدى يىنىك ئاۋازدا«بۇ ئادەم قىلغان ئىشنى بىز ئادالەتسىزلىك دەپ ئاتايمىز.»

جو بوۋا «بالىسىنى بەك ئەركە چوڭ قىلىپتۇ» دىدى. «ماڭا ئىشەن چارلى، بالىلارنى ئەركە ئۆگىتىپ قويۇش ھىچ ياخشى ئىش ئەمەس.»

چارلىنىڭ ئاپىسى«ماڭ بالام، ئەمدى ئۇخلا.» دىدى «ئەتە تۇغۇلغان كۈنۈڭ، سەھەر تۇرغاندا سوۋغىتىڭنى ئاچىسەن، ئۇنتۇپ قالمىغانسەن؟»

« ۋونكا شاكىلىتى!» دەپ خۇشاللىقىدىن ۋارقىرىۋەتتى چارلى. «ۋونكا شاكىلىتى شۇنداقمۇ ئاپا!»

«شۇنداق بالام» دىدى ئاپىسى. « ئەلۋەتتە ۋونكا شاكىلىتى.»

چارلى «ئاھ ئۈچىنجى ئالتۇن بىلەت ماڭا چىقسا نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى ھە!»

جو بوۋا «شاكىلىتىڭنى ئالغان ھامان بۇيەرگە كەل» دىدى « شاكىلات قەغىزىنى ئېچىۋاتقانلىقىڭنى ھەممىمىز كۆرەيلى»

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *